ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ھىكايىلەر

ئۇيغۇر يېڭى دېموكراتىك ئەدىبىياتنىڭ بايراقدارى، ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى شائىر ئابدىخالىق ئۇيغۇر1901-يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلۇپ. 1933-يىلى جاللات شىڭشىسەي تەرىپىدىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئابدىخالىق ئۇيغۇر، بالىلىق چاغلېرىدا مەكتەپتە ئوقۇپ ئەرەپ، پارس تىللېرىنى ئۈگەنگەن، كىيىنچە ئاتىسىنىڭ سودىگەرلىك ئىشلېرى بىلەن يۇرت ئارىلاپ ، خەنزۇ ، مۇڭغۇل ۋە روس تىللېرىنى ئىگەللەش ئارقىلىق، ياشلىق قىرانىغا يەتكۈچە ئەتراپلىق بىلىم ، جۇشقۇن ئىنتىلىشلەرگە ئىگە بىر مەرىپەت ئىگىسىگە ئايلانغان . ئۇ 1920-يىللاردىن باشلاپ قولىغا قەلەم ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئىلغار دىموكراتىك خاھىش بىلەن سۇغۇرۇلغان نۇرغۇن جەڭگىۋار شىئېرلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

ئوغۇل بالا ئەلنى تاشلاپ قاچمايدۇ

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ئەكسىيەتچى ھۈكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى بىر نەچچە قىتىم يامۇلغا چاقىرىپ كىرىپ سوراق قىلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ تەغدىرىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنى چاتقال دىگەن جايغا كىتىپ ۋاقتىنچە شۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ لەۋزىنى يىرالماي ، ئىگەرلىنىپ ئالدىغا ئەكىلىنگەن ئاتقا مىنگەن بولسىمۇ ھويلا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ يىغا-زار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
– مەن قېچىپ كەتمەي! ئەل-يۇرت جامائەتلەر بۇ يەردە يىغا-زار قىلىشىۋاتسا مەن كەتسەم بولمايدۇ، مەن ئۈچۈن ئەل-يۇرت ئازاپ تارتمامدۇ؟ ئوغۇل بالا ئەلنى تاشلاپ قاچمايدۇ، مەن ئۆلسەممۇ ئەل-يۇرتۇم بىلەن بىللە ئۆلىمەن، دەپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۆزى ئۈچۈن يىغا-زار قىلىشىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىرىپ كىتىدۇ.

ھەر بىر ۋارىقىدىن گۆھەر چىقىدىغان كىتاپ

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كىتاپخانىسىدا مىڭ پارچىدىن ئارتۇقراق كىتاپ- ژورنال ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەر تىل-يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن باشقا ،روس،خەنزۇ ۋە مۇڭغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلارمۇ بولۇپ، بۇلار شائىرنىڭ قىممەتلىك روھىي ئوزۇقى، بىلىم مەنبەسى ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ << سۆز دېڭىزى>> ناملىق خەنزۇچە بىر چوڭ كىتابنى ئۈچ يۈز سەر تەڭگىگە سېتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇدۇ. بىرقانچە ياراملىق ئاتنىڭ پۇلىغا بىر كىتاپ سېتىۋالدى دىگەن زادى قانداق گەپ؟!
بەزىلەر:<< كىتاپنىمۇ شۇنداق قىممەت باھادا سېتىۋالغان بارمۇ؟>> دەپ سوراشقىنىدا ، شائىر ئىپتىخارلىق بىلەن، ھىلىقى كىتاپنى سىلاپ تۇرۇپ :
– بۇنىڭ ھەر بىر ۋارىقىدىن گۆھەر چىقىدۇ!-
دىگەن جاۋاپنى بېرىدۇ.

ئۈلۈم ئالدىدىكى سۆز

1933- يىلى ئەتىياز كۈنلېرىنىڭ بىرىدە،خەلق قوغزىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن چىققان شىڭشىسەينىڭ باندىت قوشۇنلېرى ئون يەتتە نەپەر كىشىنى تۇرپان يىڭى شەھەر بۇتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارقان بىلەن جازا تۈۋرۈكلەرگە باغلايدۇ. بۇلار تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئالىي تەشكىل ئورگىنى-<< ئىنقىلاب ھەيئەت>> نىڭ ئەزالېرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى.
كۈن پېتىش مەزگىلىدە جاللاتلار قىلىچلېرىنى يالىڭاچلاپ، ئىنقىلاپچىلارنىڭ كاللىسىنى كېسىشكە تەييارلىنىدۇ، شائىر ئالدىغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن جاللاتلارغا قاراپ، مەردانا ئاۋاز بىلەن خىتاپ قىلىدۇ:
– كۈن ھازىر ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. جاھاننى قاراڭغۇچىلىق باسىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەتە يەنە تاڭ ئېتىپ كۈن پارلايدۇ!…..
شائىرنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىمۇ تېز پۈكمەيدىغان ئىنقىلابىي جاسارىتىدىن قورقۇپ تىترىگەن جاللاتلار غالجىرلاشقان ھالدا شائىرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇبارەك كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.
مەنبە:«ئالىم ۋە ئەدىپلىرىمىز ھەققىدە ھىكايىلەر»دىگەن كىتاپتىن يوللىدىم