ئامېرىكىدا نېمىشقا قەھرىمان شائىرلار يوق؟

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار

روخاننا بلۇمى(ئامېرىكىلىق)

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ئەڭ داڭلىق ئارتىسلار، ئەڭ قەدىرلىنىدىغان ناخشىچىلار، ئەڭ تونۇلغان تەنھەرىكەتچىلەر، ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان يازغۇچىلار كىم دەپ تەكشۈرۈپ باقسا، جاۋاب تېپىش تەس ئەمەس. پىكىرلەر ھەر خىل ، بىرلىككە كەلگەن پىكىر يوق بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر ئامېرىكىلىق بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ھەر قايسى ئادام ئازدېگەندە بىر نەچچە ئارتىسنىڭ ئىسمىنى، بىر- ئىككى ناخشىچىنىڭ سالاھىيىتىنى، ھەتتاتەنتەربىيە ئويۇنلىرى كۆرۈشنى ياخشى كۆرمىگەن بولسىمۇ بىر-ئىككى تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق ھازىرقى زامانىۋى رەسسامى كىم دەپ سورالسا، بەلكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپى بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ھەتتا بىرەررەسسامنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. بەلكى ، جاۋاب بېرەلىسە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپى، توماس كىنكەيد( <<تھوماس كىنكادە>>) دېگەن، سۈرىتى ناچارلېكىن، بازاردا كۆپ رەسىملەرنى ساتالىغان ئاتالمىش رەسسامنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشى مۇمكىن . قىزىق يېرى، بىزنىڭ ئەڭ داڭلىق، ياكى ئەڭ مۇھىم شائىرىمىز كىم دەپ سورالسا، بەلكى جاۋاب بېرەلەيدىغانلار تېخىمۇ كەم. بۇ سوئالنىڭ جاۋاب بېرىشكە تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ شېئىرىيەت دېگەن ئەدەبىي شەكلىنى قەدىرلىمەيدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، بەزىلەر بالىلار ئۈچۈن شېئىر يېزىۋاتقان بىر نەچچە شائىرنىڭ ئىسمىنى بىلىشى مۇمكىن. بەلكى، ئوبامانىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇراسىمىدا شېئىر ئوقۇغان ئېلىزىبېت ئالېكساندېر(<<ئەلىزابەتھ ئالەخاندەر>>)نىڭ ئىسمى ھازىرمۇبەزىلەرنىڭ ئېسىدە بار بولۇشى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلمىگەن بىلەنمۇ، “بۇ كىشى بىزنىڭ ئەڭ داڭلىق، ياكى ئەڭ مۇھىم شائىرىمىز” دېيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىر دۆلەتنىڭ ئە ڭداڭلىق ئارتىسلار ياكى ئەڭ مۇھىم يازغۇچىلارنى بەلگىلىشى ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى ياكى بىردەك پىكرى يوق دېسەك خاتالاشمايمىز. بۇ ئىش ھەققىدە سۇبيېكتىپ ئۆلچەم بار. بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم مەۋجۇت ئەمەسلىكى نورمال. لېكىن ، بۇ ئىش توغرىسىدا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاممىۋى مۇھاكىمە مەۋجۇت. “بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم شائىرلىرىمىز” دېگەن مەسىلە بولسا، پەقەت ئاكادېمىيىلىك ساھەگە مەنسۇپ بولۇپ، تار رامكىدىن سىرت بۇنداق مۇھاكىمە مەۋجۇت ئەمەس.
قىسقىسى، ئامېرىكىدا شېئىرىيەتكە قارىتىلغان ئاڭ ئاتالمىش “ئامېرىكىلىق بولۇش” ئېڭى بىلەن باغلانمىغان. پارسلار، ئۇيغۇرلار ، خەنزۇلار ، ياپونلار ، شېئىرىي مىللەتلىك خاراكتېرىغا ئىگە بولۇپ، شېئىرىيەت دۆلەت ئېڭىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر. دېمەك،بۇ خەلقلەر شېئىرىي شەكلىنى قەدىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەتنىڭ رولى كۈچلۈك، شېئىرىيەتنى بىلمىسە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا زىيالىي ھېسابلانماق تەس . مەيلى ئوقۇغان ئادەم، مەيلى ئوقۇمىغان ئادەم بولسۇن بۇ خەلقلەرنىڭ ھەر قايسى جەمئىيەت قاتلىمىدا شېئىرىيەتنىڭ بىر ئىدىيىنى ئىپادىلىشىنىڭ يوللۇق بولۇشى ئېتىراپ قىلىنماقتا.
ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى سۆزلەر ئامېرىكىقلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا شېئىرىيەتنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارمۇ بار بولغانغا ئوخشاش ، ئىلىم ساھەسىدىن سىرت شېئىرىيەتنى قەدىرلەيدىغان “ئاددىي” ئامېرىكىلىقلارمۇ بار. لېكىن، ئومۇمەن ئېيتقاندا، شېئىرىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى رولى ئۇيغۇر ئېلىدىكى رولى بىلەن چوڭ پەرقلىقتۇر.
مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن ئازراق بولسىمۇ تونۇشتۇم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتفۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرۋە ھازىرقى كۈنلەردىكى شائىرلاردىن بوغدا ئابدۇللا ھەم باشقىلارنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئوقۇدۇم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ھايات-قىسمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋر شارائىت ھەم مۇھىتنى چۈشەندىم. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقاردىمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخىنى شېئىرىيەتنى تىلغائالماي يازغىلى بولمايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» دېگەن شېئىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا زامانىۋى مىللىي ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋولىنىڭ بىر مىسالى. «شېئىرىيەت» ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مىللىي ئېڭى بىلەن ئايرىلماستۇر. «ئويغان»نىڭ يېزىلغان ۋاقتى كۆپ دۆلەتلەردە، كۆپ مىللەتلەر ئارىسىدا مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى شەكىللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىمۇ بۇ ئاڭ شەكىللەنگەن مەزگىل ئىدى. زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغىتىدىغان گەپ كېرەك ئىدى، ئۇيغۇرلار شېئىرىي مىللەتلىك خاراكتېرىغا ئىگە بولغان بىر خەلق بولغاچقا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاللىغان ئەدەبىي شەكلى، يەنى شېئىر شەكلى، بۇ ئاڭنى تارقىتىشقا ئىنتايىن لايىق بولۇپ، شۇڭا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ “ئويغان ئۇيغۇر !” دېگەن چاقىرىقىنى ئۇزۇن ماقالە شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى قىسقاشېئىر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، شېئىرىيەت بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە تارىخىمىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك گەۋدىلىك رول ئوينىمىغان. ئەلۋەتتە، شېئىرىيەت ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەم ئەدەبىيات تارىخىدا شۇنىڭدەك «ئامېرىكىلىق بولۇش ئېڭىنىڭ» شەكىللىنىش تارىخىدا ۋە ھازىرقى مەدەنىيەت ھاياتىمىزدا ھېچ بىر رول ئوينىمىغان دېيىش خاتالاشقانلىقتۇر. ھەقىقەتەن، تارىخىمىزدا داڭلىق شائىرلار ئۆتكەن. بۇ شائىرلار بەلكىم ” ئامېرىكىلىق” بولۇش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا تۆھپە قوشقان . ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدا، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ۋەجەنۇبىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بەلكىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ “ئامېرىكىلىق بولۇش ئېڭى”نى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىكىگە ئوخشاش مەخسۇس تەرغىباتلار كېرەك ئىدى. ئەمما، شۇ دەۋرلەردە شېئىرىيەت بۈگۈنكى كۈنلەرگە قارىغاندا، ئەتىۋارلىقراق ھەمئۇنىڭ رولى كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ئاڭنى تارقىتىش ئۈچۈن، شېئىرىيەت ئەڭ تەبىئىي ۋاسىتە بولالمىغان ئىدى.
بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا،شېئىرىيەتنىڭ رولى تېخىمۇ تۆۋەن، ئەمما بۇ، شېئىرىيەت جەمىيىتىمىزدە پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ دۆلەتلىك كۇتۇپخانا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇكاپات ساھىبى شائىرلار(<<پوئەت لائۇرەئاتە>>) بار. مەزكۇر<<پوئەت لائۇرەئاتەلار>> نىڭ ھەر بىرى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 8 ئاي ۋاقىت شېئىرىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشقا، بەلكى، ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاددىي شېئىرلارنى ئۆگىنىپ، ئاددىي شېئىر يازىدۇ. بەلكى ھەر بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شېكسپىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيدۇ. لېكىن، مەيلى ئاتالمىش مۇكاپات ساھىبى شائىرلار(<<پوئەت لائۇرەئاتەنىڭ>)نىڭ مەۋجۇتلۇقى، مەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە شېئىرنى ئوقۇشى، شېئىرىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگەئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەلمەيدۇ. بۇلار پەقەت شېئىرىيەتنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يوق ئەمەسلىكىدىنلا دېرەك بېرىدۇ خالاس! ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنەبىزنىڭ مەزكۇر مۇكاپات ساھىبى شائىرلىرىمىز كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇلمىغان. بالىلار مەكتەپتە شېئىر ئوقۇش، شېئىر يېزىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇلانغان تەقدىردىمۇ، بىراق مائارىپ مۇھىتىدىن سىرت، بەلكى شېئىر ئوقۇمايدۇ ۋە يازمايدۇ.
شېئىرىيەت ئامېرىكىدا دۆلەت ئېڭى (ئامېرىكىدا بولسا بەلكى<<مىللىي>> ئاڭ يوق)، ئومۇملاشقان مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئاممىۋى مۇھاكىمە سەۋىيىسى ۋە زىيالىي سەۋىيىسىدىن ئىبارەت يۇقىرى قاتارلاردا تۇرمايدۇ. شېئىرىيەت مۇتلەق كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس دېسەك خاتالاشمايمىز.
شېئىرىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىدىكى سەۋەب ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. بىز تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن دۆلەت بولغاچقا، پەقەت بىر مىللەتنىڭ تولۇق شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلمىغان . ئەنگلىيىنىڭ مەدەنىيىتى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىز يېڭى تەجرىبىلىرىمىز بويىچە، بولۇپمۇ، يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئامېرىكا روھى بويىچە يېڭى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى ياراتقان. ئامېرىكا روھىنى تەرىپلىگەندە، بۇنىڭدا كاپىتالىستىك سىستېمىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىش تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دېيىشىمىز كېرەك. بۇنداق تېز سۈرەتتىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا شېئىرىيەتنىڭ قىممىتى ئېتىراپ قىلىنمىغان. ئۇچۇر تارقىتىش ئۈچۈن شېئىرىيەتنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىلىشى مۇمكىن. (گەرچە بۇ قارىشى خاتا بولسىمۇ…) دېمەك، شېئىرىيەتنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارالغان بولسا، پەقەت بىرلا جەمئىيەتتە،بولۇپمۇ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە قەدىرلەنمەيدۇ. بۇ بەلكى شېئىرىيەتنىڭ تۆۋەن ئورۇندا قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىكى بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىلىملىك بولۇشقا قارشى تۇرۇش خاھىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بەزى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، بەك بىلىملىك بولمىسىمۇ بولىدۇ. بىلىملىك بولۇشنىڭ قەدىرلەنمەيدىغانلىقى، بىلىملىك بولۇشنىڭ پايدىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەكسىچە “ئاددىي” بولۇشنىڭ ياخشى باھانلىنىدىغانلىقى قاتارلىق يۈزلىنىشلەر ئامېرىكىدىكى “بىلىملىك بولۇشقا قارشى تۇرۇشى” (“ئانتى- ئىنتەللەكتۇئالىسم”) خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېمەك، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە شېئىر ئوقۇش ۋە چۈشىنىش بىر خىل ئىلمىي پائالىيەتتىن ئىبارەت. لېكىن، قىزىق يېرى، بەزى جەمئىيەتتە شېئىرىيەت پەقەت ئىلمىي ساھەگىلا مەنسۇپ دەپ قارالمىغان. بەزى دۆلەتلەردە شېئىرىيەت جەمئىيەتتە بەك ئومۇملاشقان. بەلكى، ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا شېئىرىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىش ئاسان ئەمەس. بەلكى، بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە مەن پەقەت ئۆز كۆز قارىشىمنىلا ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمەن.
قىزىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلار شېئىرىيەتنى شۇنچىلىك سۆيگەن خەلق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدە شائىرلار، شېئىرلار شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ شېئىرىيىتى دۇنيا تەرىپىدىن تونۇلمىغان. ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتلارغا ئېرىشمىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرلىرىنىڭ ئىسىملىرى تونۇلمىغان. “ناۋايى” ياكى”ئابدۇخالق ئۇيغۇر”نىڭ ئىسمىنى تونۇيدىغان كىشىلەر پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەتنى كەسپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دېيىشى مۇمكىن. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت مەدەنىيىتى (شۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرى، گۈزەل سەنئەتلىرى، ناخشىلىرى قاتارلىقلار) دۇنيا سەھنىسىگە تېخى چىقمىغان. لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرشائىرلىرىنىڭ مۇكاپاتكا ئېرىشىشكە ئەرزىمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىقلار پەقەت ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نۇرغۇن ئامىلنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر. مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇرغۇن كىشىلەر، يەنى ياۋروپالىق ۋە ياكى ئامېرىكىلىق ئۈچۈن بىر تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى رومانلىرى، ھازىرقى شېئىرىي توپلاملىرى ھازىرغىچە ئىنگلىزچىغا ياكى باشقا غەرب تىللىرىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنمىغان تۇرسا، “دۇنيا جەمئىيىتى” ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئەنئەنىسىنى قانداق ئېتىراپ قىلىدۇ؟ قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟ دېمەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشمەسلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ ناچارلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى پەقەت بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي رېئاللىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ بىر رېئاللىق، ئەمما ئۇيغۇرچە قاتارلىق تىللارنىڭ قەدىرلەنمىگەنلىكى، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەرگىز رەت قىلالمايمىز. راستىنى دېسەم غەربتىكى كىشىلەر (بەلكى ئاسىيادىكى كۆپ كىشىلەرمۇ) ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىلمەيدۇ. ئەگەر، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىنى قانداق بىلىدۇ؟ يەنە كېلىپ، كىشىلەر “ئۇيغۇر” دېگەن سۆزنى بىلسە، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپى پەقەت بەزىبىر خاتا ئۇچۇرلارنىلا بىلىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ قانداق خەلق، ئۇلارنىڭ قانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەم بۈگۈنكى رېئاللىقىنى پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بىلىدۇ. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، مېنى كەچۈرۈڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ياخشى تونۇلمىغانلىقى يالغان گەپ ئەمەس، ئەمما، بوشىشىپ قالماڭلار،”ئويغان” دېگەن شېئىردىكى سۆزلەر ھازىرمۇ ياڭراۋاتىدۇ ؟ بىر خەلقنىڭ كەلگۈسى ئاسماندىن چۈشمەيدۇ خالاس! قانداق كەلگۈسى يارىتىش ئۆزۈڭلەرگە باغلىق! بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سۆيگەن ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
مەن شېئىرىيەتنى ياخشى كۆرىمەن، كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى شېئىرىي كىتابلىرىنى تېپىپ، شېئىرلارنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم. شۇ جەرياندا شېئىرىيەتنىڭ بىر ئىدىيىنى، بىر ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتىكى مەخسۇس كۈچىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئاز سۆز بىلەن كۆپ تەسىر كۆرسىتىش، مۇرەككەپ ھېسسىياتنى تەسۋىرلەش بىرخىل مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ مەن كىچىك ۋاقتىمدا كارل ساندبۇرگ (كارل ساندبۇرگ) (1878- 1967) دېگەن شائىرنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ، بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم.
ئىللىنوي دېھقىنى
ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىڭ،
ئىلىنويلۇق بىر قېرى دېھقاننى
ئۆتكۈزگەن ئۇ ئىللىنوي قوناقلىقلىرىدا
قانچىلىغان كۈن ۋە تۈنلەرنى.
ھازىر ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇيقىدا
ھەمراھدۇر ئۇنىڭغا
قوناق پۆپۈكلىرى ئارا چىققان بوران
پۆپۈكلەر ئۈستىدە قالغان ئاق قار
سوغۇق ئەتىگەنلەردىكى بۇ شىۋىرغان
ئۇنىڭ قىزغۇچ ساقاللىرىنى تارىغان.
ئوخشايتتى ئۇنىڭ قوللىرىغا،
بۇ تۇپراق ئۈزرە چىققان بوران.
ئەشۇ ئىللىنوي قوناقلىرىنى،
چۈشەيدۇ بۇ قوللار ھەر زامان.
دېمەك، ئوقۇرمەن بۇ ئاز سۆزلەر ئارقىلىقدېھقان بولۇشنى چۈشىنەلەيدۇ . مەزكۇر ئەمگەكنىڭ قانچىلىك قىيىن، كەڭ ئېتىزلارنىڭ قانچىلىك سوغۇق ئىكەنلىكىنى، بىر ئۆمۈر قىلىنغان بۇئەمگەككە قانچىلىك روھ سىڭگەنلىكىنى ۋە بۇ روھقا قانچىلىك ئەمگەك سىڭگەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك مەزمۇن شۇكى، ئۇنىڭ قوللىرى چۈشكۈرىدۇ. قوللىرى قوناقنى چۈشەيدۇ. قوناقنى تۇتۇش بۇ قوللىرىنىڭ ئۆلمەس تەشنالىقىمۇياكى توختىماس ئادىتىمۇ؟ بۇ سۆزلەر ئىنتايىن كۈچلۈك سۈرەتلەش خاراكتېرىغا ئىگە. خۇددى، “ئىللىنوي دېھقىنى “غا ئوخشاش ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن تەسىرلىك گۈزەل شېئىرلارنى يازغانلىقى روشەن، دېمەك دېھقان بولماق ھەممىللا يەردە جاپالىق ۋە تەس ئەمگەك، ئۇيغۇر دېھقىنى بولماق تېخىمۇ تەس بولسا كېرەك!
شېئىرىيەتنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە بىر مىسالنى ئالاي،مېنىڭچە، يەنىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى مىسال قىلايلى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل. بىر خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك، ئىخچامسۆزلەر كېرەك، بىر ئۇقۇمنى ئۆزىنىڭ ماھىيىتى بويىچە قىسقارتىپ ئىپادىلەش كېرەك،ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ . ئەگەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر “ھەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان !” دېمەي، ئۇنىڭ ئەكسىچە، مىللىي ئاڭ توغرىسىدا ئۇزۇن ماقالە يازغان بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى شۇنچىلىك كەڭ ۋە شۇنچىلىك مەڭگۈلۈك بولمىغان بولسا كېرەك ؟ ئۇنىڭ چاقىرىقىنىڭ جىددىيلىكى ئۇنچىلىك گەۋدىلىك بولمىغان بولار ئىدى ؟ ئەلۋەتتە، بىر ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن 5000 سۆزيېزىشتىن 1000 سۆز يېزىش تەس، 1000 سۆز يېزىشتىن 100 سۆز يېزىش تەس، 50 ياكى 10سۆز بىلەن ئىپادىلەش تېخىمۇ تەس. دېمەك، شېئىر يېزىش ئاسان ئەمەس. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» دېگەن ئىدىيىسىنى شېئىر شەكلىدە يازغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلتاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ياخشى شېئىرنى قانداقيېزىشنى بىلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈستىگە، «ئويغان»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغىنى ، شېئىرىيەتنىڭ”پايدىسى”نى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ھەممە نەرسىنى باھالايدىغان بۈگۈنكى كۈنلەردە،بەزىلەر شېئىرىيەتنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن “ئويغان” دەك بىرشېئىر بىر مىللەتنىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچىنىڭ بارلىقىنى شېئىرىيەت ئارقىلىق ئىپادە قىلغىلى ۋە مەزكۇر ئىدىيىنى شەكىللەندۈرۈشتە پايدىلانغىلىبولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يۇقىرىقى سۆزلەر ئۆزۈمنىڭ شېئىرىيەتنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلەشكە يېتەر دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، شېئىرنى ياخشى كۆرىدىغىنىم بەلكى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرماسلىقى مۇمكىن، مەن ئاتالمىش “ئوقۇغان” ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئەگەردە شېئىرىيەتنى قەدىرلەش، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنكىشىلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشمىغان تەقدىردىمۇ، بەلكى ئىنتايىن ئوقۇغان ئادەملەر ئارىسىدا كۆپرەك ئومۇملاشقان دەپ قاراش مۇمكىن. لېكىن، قىزىق يېرى،ئامېرىكىدا نۇرغۇن “ئىنتايىن ئوقۇغان ئادەملەر”مۇ شېئىرىيەتنى قەدىرلىمەيدۇ. ئۆزۈمنىڭ دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆپ ئوقۇغان، بەك ياخشى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق، پەرەز قىلىشىمچە پەقەت ئۇلارنىڭ يېرىمىلا شېئىرىيەتنى قەدىرلەيدۇ. مەسىلەن ئىنتايىن، ئىنتايىن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى دوستۇم شېئىر ئوقۇشنى”ياخشى كۆرمەيمەن” دەيدۇ. سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ، “سەۋەبىنى بىلمەيمەن. مەكتەپتە نۇرغۇن شېئىرنى ئوقۇغان ، شېئىرىيەت دېگەن ئەدەبىي شەكلىنىڭ قىممىتىنى بىلگەن بولساممۇ ، لېكىن شېئىر ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن” دەيدۇ. شۇڭا ئۇ تىل ئۆگىنىش ۋەياكى تېتقىقات قىلىش ئۈچۈن شېئىرلارنى ئوقۇغاندىن باشقا، ئادەتتە شېئىر ئوقۇمايدۇ.
ئاتالمىش “ئوقۇمىغان” ياكى “ئاددىي” ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدىمۇ ،شېئىرىيەتنى قەدىرلەش تېخىمۇ ئومۇملاشمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شېئىر ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شېئىر دېسە، كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن چۈشىنىكسىز دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن، كىتابلارغا ئوخشاش ھەر خىل شېئىر بار،ھەر بىر ئادەمنىڭ چۈشىنىش سەۋىيىسى، قىزىقىشىغا لايىق شېئىرلار ھەم بالىلارئۈچۈن چۈشىنىشلىك شېئىرلار بار . ئۇنىڭ ئۈستىدە، بۇ شېئىرلارنىڭ سۈپىتى ھەر خىلبولۇپ، سۈپىتى ياخشى ۋە سۈپىتى ناچار شېئىرلارمۇ بار. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە مەن”ئوقۇمىغان” كىشىلەر پەقەت سۈپىتى ناچار شېئىرنى ياخشى كۆرىدۇ دېگىنىم يوق.
بۈگۈنكى كۈندە شېئىرنى ياخشى كۆرىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ قانداق شېئىرلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارىشىم مۇنداق؛ بالىلار بولسا، ئۇلار بەلكى ئۆزىنى كۈلدۈرىدىغان يۇمۇرلۇق شېئىرلارنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭلاردىن بولسا بەزىلەر قاپىيىداش كۇبلېتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر يېڭى شەكىللەر بىلەن يېزىلغان ، يەنى پۈتۈنلەي كېيىنكى مودېرنىزم شەكلىدە يېزىلغان شېئىرلارنى ياخشىكۆرىدۇ. تېما دائىرىسى مۇھەببەت ياكى ئائىلە، ئەمگەك ياكى جەمئىيەت، ئادالەت ياكىمىللىي كىملىك، ۋە ياكى بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھەر خىل ئەنئەنىلەردىن كەلگەن شېئىرلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ياپونىيە ئۇسلۇبىدىكى “ھائىكۇ” (3 قاتار: 1 قاتار 5 بوغۇم، 1قاتار 7 بوغۇم، 1 قاتار بوغۇم دېگەن شەكلى) غا ئامراق. يېقىندا ھەتتا پارس شائىر رۇمىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش بىر مودا بولۇپ قالغان. ئامېرىكا كىملىكى، ئامېرىكا روھى، كۆپ دۆلەتلەر ۋە كۆپ مىللەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئالغانلىقىغا ئوخشاش ، بىزنىڭ ھازىرقى شېئىر ئوقۇش ئادەتلىرىمىزمۇ ھەر خىل تەسىرلەرنى قوبۇل قىلغان. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئويغان» غا ئوخشاش ھەممەئادەم بىلىدىغان بىر مەڭگۈلۈق شېئىرى بولغاندەك ئامېرىكىنىڭ مۇنداق شېئىرى يوق. ھەممە ئېيتالايدىغان ناخشا بار بولسىمۇ (بىزنىڭ دۆلەت ناخشىمىز پەقەت بىر مىسال)،لېكىن ھەممە ئوقۇيالايدىغان شېئىر يوق.
ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكىداشېئىرىيەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە، مەندەك شېئىرىيەتنى قەدىرلەيدىغان ئامېرىكىلىقلار ئاز بولسىمۇ شېئىرىيەت يەنىلا ئامېرىكىدا يوقالمايدۇ. بىز باربولساق، شېئىرىيەتمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. شېئىر ئارقىلىق، يەنى مەزكۇر كۈچلۈك،ئۈنۈملۈك ۋە مەڭگۈلۈك ئۇسۇل ئارقىلىق بىر مۇھىم ئۇقۇمنى ئىپادىلەش، كىشىلەرنىڭ قەلب تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ كۆپى شېئىرىيەتنى قەدىرلىمىگەن تەقدىرىدىمۇ، ئەمما شېئىرىيەت ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.