مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان

«تارىخىي رەشىدىي» ھەققىدە

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە…