مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار
ئۇيغۇر قىز بالىلار ئويۇنلىرى: «ئىلەڭگۈچ» ئويۇنى
ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كەشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ–گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە…