خارەزمى
ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك
يۈسۈپجان ياسىن (مەنبەسى : <<شىنجاڭ ياشلىرى>> 2010 يىل 5-سان) 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا…