قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى

نۇرمەمەت توختى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇرۇقداش خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئولتۇراق تېرىم مەدەنىيىتىگە بۇرۇن قەدەم قويغان بۇلۇپ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى، شەھەر-قەلئە ھاياتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى. شامانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقاد ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئاساسىي ئالاقىنى ئۈزۈپ، زوروئاستېردىنى، مانى دىنى ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ دىنلارغا ئېتقاد قىلغان دەۋردىكى شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار، مۇتەپەككۇر ئالىم شائىرلار، تەرجىمەشۇناسلار ۋە سودا ئىقتىساد خۇجىدارلىرى («Sarthavaha» سارتاۋاخ) نىڭ يېتىشىپ چىققانلقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك باي مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىپەۋەر خاسىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئەينى دەۋردە ئىقتىساد، مەدەنىيىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، بىر قانچە دۇنياۋى ئىمپېرىيىلەرنىڭ سەلتەنىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ماۋرا ئۇننەھرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا بولغان تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقى تارىخىي خاتىرىلەر، كىلاسسىك دەستۇرلار ۋە تارىخنىڭ چۆكمىسى بولمىش – ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەتتۇر. شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا ئاساسىمىز باركى، ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان ۋە ئۇ يەردە بارلىققا كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەدىمكى شىنجاڭغىمۇ تارقالغان. ھەتتا مەزكۇر رايوندا تارقالغان بەزى دىنىي مەزھەبلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى بىر قىسىم قوۋملار ئوتتۇرا-مەركىزى ئاسىيادا (كەڭ مەنىدىكى) پائالىيەت قىلىپ سەلتەنەت سۈرگەن. ئەڭ مۇھىمى ئېتنىك بىرلىك مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭدا تارىختىن ھازىرغىچە كۆپ خىل دىنىي ئېتقادنىڭ بىرگە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئوبېيكتىپ مۇھىتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بولغان. بىز دېمەكچى بولغان ئوبېيكتىپ مۇھىت، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرنىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. تارىختا بۇ زېمىن كۆپلىگەن ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىپ كۆپەيگەن ۋە بېرىش-كېلىش جەريانىدا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن چوڭ تارىخ سەھنىسىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. قەدىمكى غەربىي يۇرت ئېچىۋېتىش روھىغا ئىگە ئەجدادلىلرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە «يىپەك يولى» ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئەرەب-پېرسىيە مەدەنىيىتى، يۇنان-گېرىك مەدەنىيىتى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ئالمىشىدىغان بۆشۈكىگە ئايلانغان. يەنى «دېڭىز يولى» ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بۇ زېمىن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ۋە سودا يولىنىڭ چوقۇم ئۆتۈشىدىغان تۈگۈنى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەت تىپلىرى مۇشۇ زېمىندا ئەسلى بار مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تېخىمۇ باراخسانلاپ ئالتۇن شاخچىلار بىخ سۈرگەن.

دىن – قەدىمكى دەۋر پەلسەپىۋى ئىدىيىسى، ھەم ئىنسانىيەت ئىدىيىۋى ئالاقىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شۇڭا ئۇ، مۇقەررەر ھالدا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى، جۈملىدىن كەڭ ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيادىكى ئېتنىك بىرلىككە ئىگە بولغان خەلقلەر ئارىسىدىكى مالىيە – سودا ئالاقىلىرىغا ئەگىشىپ بۇ زېمىنغا تارقالغان. دۇنياۋى دىنلار ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىنلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قەدىمكى شىنجاڭغا تەسىر قىلغان ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئوبېيكتىپ نامايەندىسى.

ئىسلام دىنى بۇددىزم ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر دۇنياۋى دىن. بۇددىزم ۋە خىرىستىئان دىنلىرى قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ خاس شەكىللىرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى دەۋر تەلىۋىگە ماسلاشقان، باشقىچە ئېتقاندا بۇددىزم خىرىستىئان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا ھۇجۇدقا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزم ۋە خىرىستىئانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا، ئىسلام دىنىمۇ قەدىمكى پەلەستىننىڭ يەھۇدىي ۋە خرىستىئان ئېتقادىلىرى، پىلاتون (ئەپلاتون)، ۋە يېڭى پىلاتونىزمنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.

ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ غايەت زور ئەرەب يېزىقى مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە ئىسلامىيەتتىن ئىبارەت غايەت زور دىنىي ئىدىئولوگىيىلىك ئۈسقۇرۇلمىنى ۋە ھازىرغىچە مىلياردلىغان خەلقنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى رۇياپقا چىقاردى. جاھان مەدەنىيەت تارىخىدا رىم مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان، ياۋروپا مەرىپەتچىلىكى تېخى باشلانمىغان مەزگىلدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلغان ئەرەب «ئىسلام مەدەنىيىتى» («ئەرەب يېزىقى مەدەنىىتى») بارلىققا كەلدى. ئەرەب «ئىسلام مەدەنىيىتى» ماھىىتى بىلەن ئېتقاندا، ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسى تېررىتورىيىسىگە كىرگەن ناھايىتى كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ۋە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام يېپىنچىسىنى يېپىنغان چۇغلانمىسى ئىدى. چۈنكى خۇددى رىم ئىمپېرىيىسىنى ۋەيران قىلغان گېرمان، سىلاۋىيان خەلقلىرى، رىم ۋىزانتىيە خەلقلىرى ياراتقان باي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئوزۇقلانغىنى ئۈچۈن، قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرمىگىنىدەك، ئەرەب خەلقىمۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بېشىدىن كەچۈرمىگەنىدى. چۈنكى ئەرەبلەرمۇ ئىسلام دىنى بايرىقى ئاستىدا «غازات» شۇۋارىنى توۋلاپ يۈرۈپ، ئۆزلىرى ئىستېلا قىلغان مەدەنىيەتلىك پېرسىيە، مىسىر، سۈرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلانغانىدى. ئابباسىيلار خەلىپلىكى دەۋرى (750 – 1258- يىللار) دە يۈز بەرگەن «شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى» نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر خىل دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى بەلبېغى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەدەنىيەت سۈپىتىدە ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ مەزگىلدە ئەرەبلەر ياۋروپانىڭ ئۇستازىغا ئايلاندى. بۇنداق بولۇشى ئەرەب ئىمپېرىيىسى شەكىللىنىپ ئەرەبلەرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى، مۇسۇلمان سودا كارۋانلىرىنىڭ يىراق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىدا سەپەر قىلىشى بىلەن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇمەييە سۇلالىسىدىن باشلانغان گرېك، پارىس، ھىندى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلىم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئابباسىيلار خەلىپلىكىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. شۇ زاماندا ياۋروپا ئۇزۇن داۋام قىلغان مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئىزى قالمىغانىدى. كېيىن ياۋروپالىقلار ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىغا تايىنىش ئارقىلىق گرېك (يونان) مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قايتىدىن تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

ئىسلام مەدەنىيىتى – ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى؛ «شەرىئەت» مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، سىياسىي ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن-قائىدە، نىزاملىرى؛ ئىلام ئېتىكىسى (ئەدەپ-ئەخلاق)؛ ئەدەبىيات-سەنئەت؛ ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى؛ ئىسلام بىناكارلىقى، يەنە ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تىبابەتچىلىكى ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى، ئىسلام كالىندارچىلىقى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سىسىتېمىسىدىن ئىبارەت، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنىي ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتقان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مۇنچىلىك تەسىرگە ئىگە بولالمىغان بولاتتى.

ئويغۇرلار قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ئىسلامىيەت شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلىگە ئايلاندى. بۇ ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشقا ۋە دەۋرگە ئەگىشىپ دۇنياغا يۈزلىنىشكە ئېلىپ كەلدى.

دىن – ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن ئىبارەت. كائىنات ۋە ئۇنىڭ مەنبىئىي، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسدىكى شامانىزملىق، ئاتەشپەرەسلىك، مانىزملىق، ۋە بۇددىزملىق تەسەۋۋۇرلار ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا ئىسلامىيەتتىن كېيىن «ئاللانىڭ بىرلىكى» ۋە پۈتۈن كائىنات ۋە ئىنسانلارنى خۇدا ياراتقانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان بەش پەرھىز ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىتىلىپ، دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.

ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئورتودوكسال سۈنئىي مەزھىبى تۈزۈپ چىققان ئىسلام قانۇنى – «شەرىئەت» نى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن Ⅶ ئەسردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بولغان ئۈچ ئەسىر داۋامىدا ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ قېلىپلاشقانىدى. «شەرىئەت» ئۇ «قۇرئان كەرىم» نى تۈپ ئاساس «ھەدىس شەرىپ» نى قوشۇمچە قىلغان «مۇقەددەس قانۇن» ئىدى. «شەرىئەت» ئەرەبچە سۆز مەنىسى «ئاخىرەتلىك يول»، كەڭ مەنىدە «ھەرىكەت، يول»، خاس مەنىدە «ئاللا بۇيرۇغان يول» دېگەن بولىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى بارلىق ھەرىكەتنىڭ تۈپ مىزانى. ئىسلام شەرىئىتى ئاساسەن ئىككى خىل مەزمۇنغا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى مەزمۇنى دىنىي قائىدە-يوسۇن ۋە مەجبۇرىيەت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر؛ ئىككىنچى مەزمۇنى قانۇن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەدرىجىي ھالدا مەخسۇس ئىسلام دىنى يۇقىرى تەبىقىلىرى – شەيخۇل ئىسلام، قازى كالان، ئەلەم، مۇپتىلار ۋە ھەردەرىجىلىك جامە-مەسچىتلەرنىڭ خاتىپ، ئىمام، مۇئەززىنلىرى، مەدرىسلەرنىڭ مۇدررەسلىرى، ئۆلىمالىرى، شۇنىڭدەك دىنىي ئىلىم بويىچە ھەردەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى، ھەتتا مازار شەيخلىرى مەيدانغا كەلگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بىر ھۆكۈمدار بولۇپمۇ ئۈچ ئىشقا تاللانغان ئادەملەرنى قويۇشى لازىم، بۇلار قازىلىق، خەلپەتلىك، ۋە ۋەزىرلىكتىن ئىبارەت. «بۇلاردىن بىرى قازى، خەلىققە پايدىسى تېگىش ئۈچۈن قازى ئىنتايىن پاك ۋە تەقۋادار بولۇشى لازىم.» دېيىش ئارقىلىق قازىلارنى دىققەت قىلىپ تاللاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا قاراخانىيلار دەۋرىدە مەھكىمە شەرىئىي يولغا قويۇلغان. ھەردەرىجىلىك مەھكىمە شەرىئىتىنىڭ خادىملىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. مەھكىمە شەرىئى ھۆكۈمنىڭ ئىجراسى شۇلار ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان.

رىشات گەنج بارتولد ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «… تابغاچ خان ئىبىراھىم زامانىسىدا بۇخاراغا قازى بولغان ئىمام فەخرۇددىن ھاسان ئەل مەرغىلاننىڭ «قازى-خان» دەپ داڭق چىقارغانلىقى بىزگە مەلۇم»، «يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە قۇتادغۇبىلىك» تەقدىم قىلىنغان شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن تابغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن زامانىسىدا، شەيخ ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد بىننى ئابدۇسەمەت بىننى ئىسمايىل ئەل بۇخارى ئىسىملىك بىرىنىڭ يەكەن قازىسى بولغانلىقى ۋە ئەسلى نۇسخىسى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان بىر شەرىئەت داۋاسىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقى مەلۇم» بۇ دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۈزۈلگەن ھۆججەتتە ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد ھەم يەركەن ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ قازىسى ۋە ھاكىمى دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى جازا بېرىش قازىلىرى، مەيلى ئومۇمىي مەھكىمە قازىلىرى بولسۇن مەلۇم شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ دەۋالىرىنى سوراش ئۈچۈن تەيىنلىنەتتى. شۇڭلاشقا قازىلار، مەركەزنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە يەرلىك تەشكىلاتلاردىمۇ ئورۇن ئالغانىدى.②

شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار ئەرەب تىلىدا «قازى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەر1) قازى كالان (قازى قۇزات دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار مەھكىمە شەرئىتىدە ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرىنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم، پەتىۋالىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 2) ئەلەم (ئەلەم ئاخۇنۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇلار قازى كالاننىڭ ئورۇنباسارلىرى. 3) مۇپتى، ئۇلار مەھكىمە شەرىىڭ باشلىقى، ھۆكۈم چىقارغۇچى. 4) قازى سوراقچى 5) قازى رەئىس، ئۇلار مەھكىمە شەريئنىڭ ئىجرئىيە تەپتىشى. «قازى» مەھكىمە شەرىئىنىڭ سوتچىسى بولۇپ، ئادەتتە قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورنى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئۇ، سوت ئىشلىرىنى بېجىرگەندىن باشقا، يەنە ۋەخپە يەر-مۈلۈك، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغا، ئىگە-چاقسىز ئاياللارنىڭ نىكاھ توختامىنى تۈزگەن. شىنجاڭنىڭ تارىخىدىن ئالغاندا شەرىئەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىغاندا دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياخشى بولغان. مەسىلەن قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق خەلقى شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىر «يۈز» (ئۇلى يۈز، ئوتتۇرا يۈز، كىچىك يۈز) لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي قانۇنىرى بولغان مەسىلەن «قاسىمخاننىڭ قاشقا زاڭى»، «ئېسىمخاننىڭ ئەسكى زاڭى» دېگەندەك. بۇنىڭدىن مەلۇمكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە چارۋىچى مۇسۇلمانلار ئەينى دەۋردە يەنىلا ئەنئەنىۋى قەبىلە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن.

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشقىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. بار تولىد: «قاراخانىيلار دۆلىتىدە، بارلىق كۆچمەن چارۋىچى ئىمپېرىيىدىكىگە ئوخشاش، ئۇرۇقداشلىق مۈلۈكچىلىك قارشى خۇسۇسىي قانۇن مۇناسىۋىتىدىن دۆلەت قانۇنى ساھەسىگە بۇرالغان.»②دەپ كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغاندىن كېيىن شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ بۇرۇلۇش جەريانىنىڭ ئورۇندۇلىشىنى تېزلەتكەن.

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇخانلىقنىڭ پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ، يەتتە سۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ بىر تېررىتورىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلەردىكى يەرلىك سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ گۈللىنىشى، شەھەرلەر ئارا بولغان ئىقتىسادىي-سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر راۋاجلاندى ۋە بۇنداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ماس ھالدا، قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەندكە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان شەھەر مەدەنىيىتى يۈكسىلىشكە باشلىغان. بۇنداق بىر ئىجتىمائىي يۈكسىلىش ئەينى تېررىتورىيىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرىشىگە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. چۈنكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ خانلىقنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى پۈتۈن ئىجتىمائىي ھايات، جۈملىدىن مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەتنىمۇ ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام پەلسەپىسى تەسىرى ئاستىغا ئالدى. نەتىجىدە بۇخانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام پەلسەپىنىڭ رامكىسى ھەمدە ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم ئىجابىي تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى.

بۇ دەۋىردىكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەلىكىدىكى تىل- يېزىقنىڭ كۆپ خىللىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇ مەييە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇمالىك (مىلادى 685 – 705- يىللار) بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەرەب تىلىنى «مۇقەددەس تىل» دەپ جاكارلىغان، ئۇنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇندىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئىمپېرىيە تەۋەسىدە كەڭ ئومۇملاشقان. دىن، سىياسەت، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر ئەرەب تىلىدا يېزىلىشى كېرەك ئىدى. خەلپىلىكنىڭ مەركەزلىرىدە ئەرەب تىلى ئالىي ھاكىمىيەت تىلى بولغان. ھەم ئىلىم پەن تىلىمۇ قىلىنغان.

ئەرەب تىلىنىڭ ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىغا تەسىر قىلىشىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشىمىزغا بولىدۇ:

1) ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىنىڭ «مۇقەددەس تىلى» قىلىنغان، شۇڭا مەيلى دىن تارقىتىش، «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇش، ناماز-ئىبادەت، ئىمامەتچىلىك قىلىشتىن تارتىپ، ھەرخىل دىنىي ۋە دىن تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەردە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەرەب تىلى قوللىنىلىدۇ.

2) ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى دىن بىلەن مەمۇرىيەت بىرلەشكە تۈزۈمني يولغا قويغاچقا، دۆلەت ھاكىمىيىتى نامىدىن ھۆججەت تارقىتىش، باج يىغىش، ئىلىم-مەرىپەت پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىشتا ئەرەب تىلىنى قوللانغان. شۇڭا ئەرەب تىلىنى بىلمىگەنلەر ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالمايتتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايتتى.

3) ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلار ئەرەب تىلىنى بىلمىسە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالاتتى.

4) ئەرەب تىلى ئەينى دەۋر مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلىگە ئايلانغاچقا شۇ دەۋردىكى ئالىم ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەگەر ئۇلار ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارمىسا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كەڭ تارقىلالمايتتى، كەڭ كىتابخانىلار قوشۇنىغا ئېرىشەلمەيتتى، شۇنىڭدەك ئۆز ئاتىقىنى چىقىرالمايتتى، ئابروي قازىنىش شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا ئىران ۋە ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيانىڭ دەسلەپكى چاغدىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم ساھەسىدە ئەرەب تىلى قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ، ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرى كېڭەيگەن. ئىلىم ساھەسدىكى ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بۇ تىلنى ئۆگىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. «ئەرەب تىلى ئىستېلا قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش جەريانىدا، ئىستېلا قىلىنغان مىللەتلەر ناھايىتى زور قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئۇلار ھەتتا سىياسىي ساداقىتىدىن، دىنىي ساداقىتىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولغانكى، ئۆزى مىللىتىنىڭ تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن. دېگەنىدى. بۇ ئەھۋالنى دۇنيا تارىخىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى يەنى ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيادىكى پارىس ۋە تۈركىي مىللەتلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا ستېلا قىلىنغان رايونلاردا بولسۇن ياكى ئەرەبلەرنىڭ ئات تۇيىقى تەگمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان رايونلاردا بولسۇن ئەرەب تىلى پەقەت شەھەرلەردە، ئىلىم ساھەسىدە ۋە ھەرقايسى مىللەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرى ئارىسىلا بىرقەدەر ئومۇملاشقان، يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بولسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئەرەب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا پارىس تىلى ئەدەبىي تىل بولۇشقا باشلىغان، پارىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ پارىس تىلى بارا-بارا ئەرەب تىىنى چەتكە قېقىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت، تىلى ۋە ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغان. ھەتتا مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىمۇ پارىس تىلى مەلۇم ئورۇنغا ئىگە بولغان. دەسلەپتە ئىسلام دىنى «قۇرئان» تىل-يېزىقىنى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز دەپ، دىن ئىېتقادچىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشىغا يول قويماي، تامامەن ئەرەب تىل – يېزىقىدا ئوقۇشنى شەرت قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاز-تولا ئەرە تىلى بىلىمىگە ئىگە بولۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرى ئۇزۇن ساقلانغان Ⅻ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندىمۇ قەشقەر رايونىدا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، قانۇن ھۆكۈملىرىدە يەنىلا ئەرەبچە سۆز ئىبارىلەر قوللىنىلغان.

بۇ مەزگىلدە يەنە كونا ئۇيغۇر يېزىقى ئىسلاھ قىلىنىپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى بىر خىل يېڭى يېزىق «خاقانىيە يېزىقى» بارلىققا كېلىپ، بۇ يېزىقتا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ يېزىق خېلى ئومۇمىيلىشىپ قاراخانىيلار سۇلالىسى تېررىتورىيىسىنىڭ سىرتىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ «خاقانىيە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى» دا يېزىش ئەنئەنىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ قالدى ۋە كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە، بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلۈكلەر ۋە مەلۇم سالماقتىكى پارىس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقى سەنئىتىمۇ يېڭىچە شەكىل نۇسخىلار بويىچە نامايەن بولدى. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەبتىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىشىپ كېلىۋاتاتتى» بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق جەھەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. ئالدىنقى بابلاردا مەلۇم بولغىنىدەك «يىپەك يولى» مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سەييارە سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغان. كىلاسسىك ئەدەبىيات ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان. ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن زور مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇتۇقلىرىنىڭ ئاساسىي قورغىنى ۋە ئىسلام دەۋرىگە ئۆتۈشنىڭ مەزمۇندار جاراڭلىق پرولوگى (مۇقەددىمىسى) دېيىش مۇمكىن.

ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مائارىپ جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىپ راۋاجلىنىشى سەۋەبىدىن، ئىسلامدىنى پەن-مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام دىنى مائارىپى ھەرقايسى جايلاردا گۈللىنىشكە باشلىغان دەسلەپتە مەخسۇس دىنىي تەبىقە-شەيخۇل ئىسلام، ھەردەرىجىلىك قازى مۇپتىلار، ھەر دەرىجىلىك جامە-مەسچىتلەرنىڭ ئىمام مەزئۇزىنلىرى، قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بۇ مائارىپ راۋاجلىىپ كېيىن ھەر دەرىجىلىك مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ مۇدەرسلىرى، ئۆلىمالىرى، شۇنىڭدەك دىنىي بىلىم ۋە پەننىي بىلىم بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلگەن.

ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە، يۇرت-مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. ئوردا، قەسىر، جاما، مەسچىت مازارلارنىڭ مەقبەرە گۈمبەزلىرى قاتارلىقلارنىڭ ياسىلىشىدا ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكىل ۋە نۇسخىلىرى قوبۇل قىلىنغان. بۇ خىل بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىل، نۇسخىلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىقى، مەسچىت، دىنىي مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى، مازار مەقبەرە-گۈمبەزلىرىدە ھازىرمۇ ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

قاراخانىيلار سۇلالىسى قەشقەرنى خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى بىلەن ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت-مائارىپ تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەدرىسلەر بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن ساچىيە مەدرىسى (مەدرەسەئى ساچىئە)، تارىخىي مەنبەلەردە بۇ مەدرىسنى Ⅹ ئەسىردە سۇتۇق بۇغراخان سالدۇرغان دېيىلگەن. ئەينى دەۋردە بۇ مەدرېس خانلىق مەدرىس بولۇپ، مەخسۇس ئوردا ئاقسۆڭەك-مۆتىۋەرلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ئورنى بولغان. جامال قارشى ئۆزىنىڭ «مۇلھىقاتۇس سۇراھ» (سۇراھ لۇغىتىگە يازغان ئىلاۋىسى) دە بۇ مەدرىسنى تىلغا ئالغان. ئۇ، جەۋھىرىنىڭ «سىھاھ» لۇغىتىنى ئىزدەپ، ئاخىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن سېلىنغان ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن تاپقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن① ساچىيە مەدرىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك (1211-1218- يىللار) غەربىي لياۋ (قىتان) سۇلالىسىنىڭ خانى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە قەشقەرگە قوشۇن تارتىپ بۇ مەدرىسكە ئوت قويۇپ ۋەيران قىلغان بولسىمۇ چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋالى بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ئەمەلدارى مەسۇدبەگ 1255-1260- يىللىرى بۇ مەدرىسنىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەسئۇدىيە» مەدرىسىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا «سائادەت» كۈتۈپخانىسىنى سالدۇرغان. جامال قارشىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ مەدرىسكە «ھەممە ئىقلىملاردىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالغان. «سائادەت» كۈتۈپخانىسى ئەينى دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق كۈتۈپخانا بولغان. ساقلانغان كىتابلار نەچچە ئون مىڭ پارچىغا يەتكەن. ئۇلاردىن دىن، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ئاسترونومىيە ۋە يەنە ھەرخىل تەبىئىي پەن ئىلمىگە ئائىت كىتابلار بولغانىكەن.

ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، مىلادىيە ⅩⅧ ئەسىردە جاھالەت پىرلىرى بولغان خوجىلار قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە بۇ يەردىكى «سائادەت» كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلار ئۈچ كېچە-كۈندۈز كۆيدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كۈتۈپخانا جاھالەت پەرەس خوجىلارنىڭ قولىدا كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان.

ساچىيە مەدرىسىدە تەسسىس قىلىنغان ئاساسلىق دەرسلەردىن، ئىلمىي تەفسىر، ئىلمىي ھەدىس، دىنىي ئەقىدە، ئەرەب تىلى، ئوقۇتۇش مېتودى، پەلسەپە، ئېتىكا (ئەدەب-ئەخلاق)، ئەدەبىيات، تارىخ، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەت ئىلمىي، جۇغراپىيە قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ مەدرىستە يەنە ئارستوتىل، سوقرات، فارابى، ئىبىنسىنا، ۋە خارەزمى پەلسەپىلىرىمۇ ئوقۇتۇلغان.

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى داڭلىق مەدرىسلەردىن قەشقەر دۆلەتباغ رايونىدا تەسسىس قىلىنغان ھەمىدىيە (مەدرىسەئى ھەمىدىيە) مەدرىسىمۇ بولغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇستازىم» دەپ تىلغا ئالغان. ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف قەشقەرى مۇشۇ ھەمىدىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. بۇ مەدرىستە قاراخانىيلارنىڭ خان مەمەتى ۋە باشقا ساھەدىكى كىشىلەردىن نۇرغۇن ئالىملار يېتىشىپ چىققان.

يەنە بىرى قاراخانىيلارنىڭ يازلىق سەيلىگاھى بولغان ئوپالدا، يەنى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئورۇنلاشقان جايدا بولۇپ، بۇمەھمۇدىيە مەدرىسى (مەدرسەئى مەھمۇدىيە) دەپ ئاتالغان. خان جەمەتى نەسەبىدىن بولغان ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باغدادتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ مەدرىسىنە سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ نۇرغۇن ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دېگەن شەرەپلىك نام ئالغان ئالىم ھايات ۋاقتىدا بۇ مەدرىسنىڭ بارلىق ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەدرىس ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، مېيىتىمۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ مازىرى ياسالغان. قەشقەردىكى پېشقەدەملەرنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە ئەينى دەۋردە مەھمۇد قەشقەرى مازىرى يېنىدىكى «ھاھاي تېرەك» تۈۋىدىكى «نورۇز بۇلاق» بويىدا ھەريىلى نورۇز كېلىشى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىرلار «نورۇزنامە» ئوقۇشىدىكەن، مەدرىسلەرنىڭ تالىپلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇلارغا مەكتەپ پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسى تارقىتىلغان. بۇ يەردە ئىلمىي مۇنازىرىلەرمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنداقلا شۇ ئەتراپتا يەنە ھەرخىل مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرى مەسىلەن، دارۋازلىق ئويۇنى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە يەنە مەدداھلارنىڭ «جەڭنامە» سۆزلەشلىرى بولۇپ، بۇ بايرام سەيلىسى بىرنەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدىكەن.

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ مەدرىسلەردە ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، نۇرغۇنلىغان ئالىملار يازغۇچى، شائىرلار ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دېمەك يۇقارقى مەدرىسلەر ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىم يۇرتى ھەم ئىلمىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىدى. شۇڭا جامال قارشى «مۇلھاقاتۇس سۇراھ» ناملىق ئەسىرىدە ئۆز زامانىسىدىكى قەشقەرنى «ئىسلام دىيارى، ئەزىزلەر يۇرتى، مەشھۇر زاتلارنىڭ پائالىيەت سەھنىسى، ئېسىلزادىلەرنىڭ ماكانى، ئۇلۇغ ئالىملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر – كاشغەر ئۆز دەرىدە ئاۋات شەھەر بولغان» دەپ يازغان.

كاشغەر شەھىرىنىڭ پەخىرلىك شەھەر بولۇشى ئۇنىڭ ئىسلام مەركىزى ۋە ئالىم-ئۆلىمالار جايلاشقان ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقى، ئېسىل پادىشاھ خاقانلارنىڭ ۋەتىنى، كاتتا ئالىملارنىڭ يۇرتى بولۇشىدا» دەپ يازغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتقادى ۋە كالامىزم چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەنلا چەكلەنمىگەن بەلكى ئەينى دەۋر جاھان مەدەنىيىتىنىڭ غايەت مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام يىپىنچىسىنى ئارتقان كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيىتىنىڭ جۇغلانمىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن باشلامچىلىق ۋە نەمۇنىلىك رول ئوينىغان.

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ زور دەرىجىدە گۈللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بۇ دەۋىردە ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى ساھەرىدىن يېتىشىپ چىققان نۇرغۇنلىغان ئالىملار بارلىققا كېلىپ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىك نامايەندىلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا چوڭ رول ئوينىغان پەيلاسوپ ئەبۇناسىر فارابى (870 – 850- يىللار) نى، تارىخچىلاردىن ئابدۇجاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشغارى ( – 1082)، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەھمەد يەسەۋى، ئەھمەت يۈكنەكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئەبۇ ناسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلىم-پەن جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرغان ئۇلۇغ ئالىم سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان، تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ «دىۋانۇلئەدەب فى بايان لۇغەتۇلئەرەب» ناملىق بىر ئەرەبچە لوغەت تۈزگەن. بۇ لۇغەتتىن مەھمۇد قەشقەرى پايدىلانغان. «دىۋانۇلۇغەتىن تۈرك» تە تۈركىي سۆزلەرنى رەتكە تىزىشتا قوللىنىلغان سىستېما ئەرەب لۇغەتچىلىكىدە ئەنە شۇ ئالىم دەسلەپ قوللانغان سىستېما بولۇپ، شۇ دەۋردىكى باشقا ئەرەبچە لۇغەتلەردە بۇ سىستېما ئۇچرىمايدۇ . فارابىي تۈركىي خەلقلەر ۋە ئەرەب خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن. فارابى ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەرقايسى ساھەسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا بىر فارابىي مەكتىپى – يېڭى بىر پەلسەپە ئېقىمى ياراتقان ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئاشۇ دەۋر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

مەھمۇد قەشقەرى

مەھمۇد ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قەشقەرى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم، بۈيۈك تىلشۇناس، تارىخچى ۋە ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسىسى ۋە پىشقان ئەدىب. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرى قەشقەرگە تەۋە ئوپالنىڭ (ھازىر كونا شەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئوپال يېزىسى) ئازىق (بۇ كەنت كېيىنچە «قۇمباغ» دەپ ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان ئائىلىدە تۇغۇلغان. مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرخانلىرىدىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ قەشقەردە چوڭ خان بولغان، ئاتىسى ھۈسسەيىن دەسلەپ بارسىخان شەھىرىگە ھاكىم بولغان كېيىن 1058- يىلى ئۆز دادىسىنىڭ ئورنىغا خانلىققا چىققان. لېكىن مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئىبىراھىم ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، بۇغراخان بىلەن خان جەمەتى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ ھۈسەيىن ئېھتىمال «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل قەشقەرى. ئۇ مۇشۇ ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە بەختكە يارىشا ھايات قالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋەقە گەرچە ئوردا تارىخىغا ئائىت ۋەقە بولسىمۇ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن يەرلەرنى كەزگەنلىكى، زور ماتېرىيال بايلىقى توپلىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا باغداتقا بېرىپ، 1072-1074- يىللاردا ئەسەر يازغانلىقىنى ئىزاھلاشقا بىرقاتار مۇھىم پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر.

مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋردىكى قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم يېقىن شەرق بويىچە ئالىي دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغانىدى. شۇڭا مەھمۇد قەشقەرى دەسلەپكى بىلىمى ۋە ئوتتۇرا ھەم ئالىي مەلۇماتىنى قەشقەردە ئالغان. بۇ دەۋردە قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ رايون خاقانىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئاساس قىلىپ ئالغان ئەدەبىي تىلىنى خاقانىيە تىلى دەپ ئاتىغان.

مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى مول تىل ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ۋە ئۇلارنى ئىزاھلىغان، شۇنىڭدەك ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، جۇغراپىيىۋى ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا ئىنتايىن كەڭ ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار بەرگەن. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە « تۈركىي تىللار دىۋانى» كە تەخمىنەن 7500 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن، 242 پارچە شېئىر-قوشاق توپلانغان، 200 پارچىغا يېقىن ماقال-تەمسىل يىغىلغان، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ئەپسانە، رىۋايەت، قىسسەلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن، ئاپتور سۆزلەم شېئىر- قوشاق، ماقال-تەمسىللەرنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، بۇلارنى ئەرەبچىگە ئىزاھلىغان، يەنى ئەسەرنى ئەرەبچە يېزىپ «تۈركىي تىلى ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتاتتى» دېگەن رېئاللىقنى ئىسپاتلىغان. ئۆز ئەسىرىگە «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى») دەپ ئات قويغان.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» غا يەنە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىگە ئېتقاد قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئېتقادىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقادى، مانى دىنى، بۇددا دىنىغا ئائىت ئاتالغۇلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قوشاقلار، ماقال-تەمسىللەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەنبەلەر بىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتقاد دۇنيا قاراشلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. قىسقىسى Ⅹ-Ⅺ ئەسىرلەردە ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى ئەرەب مەدەنىيىتى (ئەرەب يېزىقى مەەدنىيىتى) بارغانسېرى ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە تەسىر قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىي تىللار مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر قامۇسىي ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى شۇبھىسىزكى بۇ خىل مەدەنىيەتكە قوشۇلغان زور تۆھپە ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بىز ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئۇ دەۋردىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى سەزدۇق.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قارا خانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى، بۈيۈك ئالىم ۋە پەيلاسوپ، دۆلەت ئەربابى. ئۇ ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا «قۇتاغۇبىلىك» دىن ئىبارەت ئىنسىكلوپېدىيىلىك داستانىنى ئەكىرىپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا يۈكسەك بىر مۇنار تىكلىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019- ياكى 1020- يىللىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى ۋە ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بولغان بالاساغۇندا تۇغۇلغان. كېيىن ئۆز ئەسىرىنى تاماملاش مەقسىتىدە كاشغەرگە كەلگەن. مەشھۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتىدا قاراخانىيلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن دەۋرىنى ۋە كېيىن بىر مەزگىل زەيىپلەشكەن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى يېتىلىش جەريانى ۋە قانداق بىلىم ئالغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە بولىدۇكى، ئۇ ياش ۋاقتىدا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، ئالىي پەزىلەتلىك، ئىمان-ئېتقادلىق كىشى، مول بىلىملىك چوڭقۇر پىكىرلىك، ئەقىل-پاراسەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان يۈكسەك كامالەت تاپقان ئالىم ئىدى. ئۇ ئەينى دەۋر تۈركىي تىللىرىنىڭ بارلىق شىبۋىلىرىنى پىششىق بىلىپلا قالماي يەنە ئەرەب، پارىس تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلەتتى، يەنە ئەينى دەۋردە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا قوللىنىلغان سوغدى تىلىنىمۇ بىلەتتى. ئاپتور «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بىرقانچە جايلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ھەم ساياھەتكە بارغان، بۇ جەرياندا نۇرغۇن خام ماتېرىيال توپلاپ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلىگەن. ئۇ ئۆز ئەسىرىنى بالا ساغۇندىكى ۋاقتىدىلا يېزىشقا باشلىغان. تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 462- يىلى (مىلادىيە 1069 – 1070- يىللىرى) جەمئىي 18 ئايدا قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان. كېيىن بۇ كاتتا ئەسىرىنى قاراخانىيلارنىڭ خاقانى تاۋغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان بۇ كىتابنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يېتىپ، مۇئەللىپنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ» دېگەن ئۇنىۋاننى بەرگەن. ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە ياردەمچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ كېيىنكى ھاياتى قەشقەر ئوردىسىدا ئۆتكەن پاك دانىشمەن سەردار ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى تاماملىغان ۋە ئوردىدا «خاس ھاجىپ» بولغان يىللاردىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «چېچەكلىرى خازان بولغان، قېيىندەك (قاتتىق)، ئوقتەك تۈز قەددى يادەك ئىگىلگەن، قۇزغۇندەك قارا چاچلىرى ئاققۇدەك ئاقاغارن» مەزگىل ئىدى. يەنى «ئارىپ» لىق دەرىجىسىگە يەتكەن مەزگىلى ئىدى. شۇڭا ئۆزىنىڭ ۋەتەن خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ياراتقان «قۇتادغۇبىلىك» داستانى مەيلى ھەجىمنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئوتتۇرىغا قويوغان ئىدىيىۋى پىكىرىنىڭ سالمىقى ۋە ئەھمىيىتى جەھەتتىن بولسۇن ياكى بەدىئىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئىشلەتكەن تىلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئوبرازلىقى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى يۈكسەك پەللىسىنى نامايىش قىلدى.

شائىر ياشىغان دەۋردىن ئالغاندا بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىدا مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇنىڭ پارچىلىنىشى خەۋىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى ئىپادىلىگۈچى تارىخىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان ئەھمەد تۇغانخاننى قەشقەردىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەلى نەسەيىدىكلەر بىلەن ھەسەن جەمەتىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يىل سايىن كەسكىنلىشىپ ھىجىرىيىنىڭ 433- يىلى (مىلادىيە 1041-1042- يىللار) ھەسەن نەسەبىدىكىلەردىن ناسىر ئىلىكىغاننىڭ ئوغلى ئېلى تېكىننىڭ تابغاچ بۇغراخان دەپ ئاتىشى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىبىراھىم (ئېلى تېكىن) دەۋرىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە خېلى يۈكسۈلۈشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما دەھرىي ھۆكۈمرانلار بىلەن دىنىي يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇق جەھەتتىكى زىدىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ، توقۇنۇش ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئىلى تېكىن ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇ يارلىق چۈشۈرۈپ داڭلىق شەيخ – ئىمام ئوبۇل ھاشىم سەمەر قەنتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. مىلادىيە 1068- يىلى ئېلى تېكىن قازا قىلىپ چوڭ ئوغلى ناسىر تەختكە چىققان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاكىسىغا قارشى چىقىپ ئۇرۇش پارتىلىغان، ئۇرۇشتا ناسىر غەلبە قىلغا بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا كەشكىنلەشكەن. ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزى يۇقىرى تەبىقە كۈچلىرى دىنىي قائىدىلەر بىلەن ئۇنى چەكلىمەكچى بولغان. مىلادىيە 1069- يىلى ناسىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇخارالىق ئىمام ئەبۇ ئىبىراھىم ئىسمائىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بۇ مەزگىلدە سالجۇقىيلار سۇلالىسى غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى دىنىي يۇقىرى تەبىقىلەرنى ھىمايە قىلىپ ماۋرا ئۇننەھىر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ جەرياندا سەمەرقەندىدىكى دىنى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر سالۇق سۇلتانى مالىكشاھنى قوللاپ غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىغا خايىنلىق قىلدى. 1089- يىلى مالىكشاھ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇخارا بىلەن سەمەر قەنتنى بېسىۋالدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى كۈندىن-كۈنگە زەيىپلىشىپ سالجۇقىيلار سۇلتانلىقىنىڭ قورچىقىغا ئايلاندى.

شەرقىي قاراخانىيلار تەۋەسىدە بولسا يۈسۈپ قادىرخان (1024 – 1032- يىللار) دىن كېيىن كۆپ قېتىم خاقان ئالماشقان بولۇپ، جەمئىيەت خېلىلا داۋالغۇش ئىچىدە ئىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى بۇغرا تېكىن سۇلايمان ئارسلانخان (1032 – 1057- يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. ئىبنى ئاتھېرى «تارىخىي ئومۇمىيە» سىدە خاتىرىلىشىچە: مىلادىيە 1043- يىلى 9 – 10- ئايلاردا 10 مىڭ چېدىر (كېگىز ئۆي) لىق تۈرك كۆچمەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئىلگىرى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنىڭ چېتىدىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە كېچىلىرى بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، كىشىلەرگە ئارام بەرمىگەنىكەن. ئۇلار قۇربان ھېيت كۈنى 20 مىڭ قوي ئەكىلىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈگىگەن. ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىلگەن. تۈركلەردىن ئىسلام دىنىگە كىرمىەنلىرى پەقەت تارلار بىلەن قىتانلار بولۇپ، ئۇلار چىن تەۋەسىدە ئىدى. يەنە شۇ «تارىخىي ئومۇمىيە» دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 1046 – 1047- يىلى ئارىلىقىدا «سانسىزلىغان تۈركلەر تىبەتتىن ئايرىلىپ، بالاساغۇن ھۆكۈمرانى ئارسلانخان تەرەپكە كەلگەن. ئۇ پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولغاچقا، بۇ ئادەملەر ئۇنىڭ دۆلىتىگە قارشى ھەرىكەتتە بولۇپ باقمىغان، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئارسلانخان ئۇلار تۇرغان يەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسلام دىنىگە كىرىشكە دەۋەت قىلغان، ئۇلار ئۇنىمىغان، لېكىن قېچىپ كەتمىگەن. غەربىي لياۋ رايونىدىن كەلگەن تۈركلەردىن 16 مىڭ چېدىرلىق ئاھالە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شەرقىي چېگرىسىغا ئەۋەتىلىپ، چارۋا بېقىش ۋە تاغ ئىچىدىكى ئېغىزنى ساقلاشقا قويۇلغان ھەم ئۇلارنى قاتتىق چەكلەش چارىسىنى قوللانغان. ئۇلار كارۋانلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن بالاساغۇنغا كۆچۈپ بارغان ۋە خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بىلەن قارشلاشقان، كېيىنكى چاغلاردا يوللۇغ تاشىن غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇلار غەربىي لياۋ ئىستېلاچىلىرىغا ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشقۇچى كۈچ بولۇپ قالغان②.

دېمەك شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىدىمۇ دىنىي ئېتقاد جەھەتتىكى زىددىيەتلەر ھەمدە ھاكىمىيەت ساھەسىدىكى خاقانلارنىڭ كۆپ قېتىم ئالمىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن خانلىق نورمال تەرتىپ ۋە قانۇن ئىزىدىن چەتنىگەن، ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئىدىراكنىڭ ئورنىنى ئەسەبىيلىك، قانۇننىڭ ئورنىنى قاراملىق باسقانىدى. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرنىڭ مەركىزىدە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىدىيىسى ئالغا سۈرۈلگەن. ۋەتەن ھەم خەلقىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايدىغان شائىر جەمئىيەتنى تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش، باياشات، گۈزەل، ئىناق بىر جەمئىيەت قۇرۇشقا رىقابەتكار بولۇش ئىستېگىدە كۆپ ئويلىنىپ، يۇقىرىدا خاقانلاردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە ماس كېلىدىغان ھەم رېئاللىققا ئۇيغۇن ھەم يۈكسەك غايىۋى پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نادىر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ بۇغراخان ئىبنى ھەسەنگە تەقدىم قىلىپ ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنلىغان.

شائىر ئۆزى ياشىغان دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلغار بىر ئىدىيىۋى مەۋقەدە تۇرغان بولۇپ، ئەنە شۇ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن غايىۋى ئوبرازلارنى ياراتقان، ئۇلار ئادەلەت ۋە قانۇننىڭ سىمۋۇلى – پادىشاھ كۈنتۇغى، بەخت-سائادەت ۋە دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋەزىرى ئايتولدى، بىلىم ۋە ئەقىل-ئىدراكنىڭ سىمۋۇلى ئۆگدۈلمىش، قانائەتنىڭ سىمۋۇلى – ئۇدغۇرمىشلاردىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىدە مۇشۇ پېرسۇناژلارنىڭ مۇنازىرە – سۆھبەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، دۆلەت باشقۇرۇش يوللىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى، پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» تە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىنىڭ مەركىزىدە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش مەسىلىسى تۇرىدۇ. ئەسەردىكى باشقا مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مەركىزىي ئىدىيە ئەتراپىغا ئويۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان. شائىرنىڭ بۇ مەركىزىي ئىدىيىسى ئەسەردە تۆت ئاساسىي پېرسۇناژ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، سۆھبەتلەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىدا جەمئىيەتنى (دۆلەتنى) قانۇن ئارقىلىق، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار ئىلغار قاراشلىرى نامايان قىلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جەمئىيەتتىكى رېئاللىقنى پەدازلاپ كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇد ئىللەتلەرنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىدۇ. ئادالەت، پەزىلەتلىك، بىلىملىكلەر كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يالقۇنجاپ يانغان بىر «مەرىپەت مەشئىلى» بولۇپ كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزدا يۇقىرى ئىدىيىۋى پەللە ياراتقان.

ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيادا ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، ئەرەب-پارىس ئەدەبىياتى قىزغىنلىقى كۈچۈيۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر پەيىتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىلاسسىك ئۇيغۇر تىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى قوغدىغان ۋە تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ساپ نەپىس ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەزكۇر داستاننى يېزىپ چىققان ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى، غايەت زور بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ بىلەن Ⅺ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ مەۋقەسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس تىكلەپ بەردى.

ئەھمەد يۈكنەكى

ئەھمەد يۈكنەكى قاراخانىيلار دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەن Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅻ سىرىنىڭ باشلىرىدا ياشىغان. ئۇنىڭ بىزگىچە «ئەتەبەتۇل ئەققايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق دىدكتىك داستانى يېتىپ كەلگەن.

ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يازغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئالىملار داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ئەسەرنى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىنەن قىلغان.

ئەسەر 14 باب 484 مىسرادىن تەركىپ تاپقان. ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ھەممىسى 215 مىسرا بولىدۇ، ئالدىنقى بەش باب 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنەۋى (ھەربىر كۇپلېتى ئىككى مىسرالىق شېئىر) كېيىنكى توققۇز بابنىڭ ھەربىر مىسراسى 11 بوغۇمۇمدىن تۈزۈلگەن 1-، 2-، 3- مىسرالىرى قاپىيەلىشىپ كېلىدىغان رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملاردىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا بۇ ئەسەر جەمئىي 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان بىر شېئىردا ئەسەر «قەشقەر تىلى» بىلەن يېزىلغان دەپ مۇنداق ئەسكەرتىلگەن:

تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى،
ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلەن.
ئەگەر بىلسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى،
بىلور ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايمىش.

دېمەك داستاننىڭ تىلى مۇشۇ ئىلاۋىدە كۆرسىتىلىنىدەك «قەشقەر تىلى» دۇر. بۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي تىلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تىلىغا قارىغاندا، ئەرەب پارىسچە سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپەيگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئەسەر تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى تىلىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇ ئەسەر ئىدىيىۋى خاھىش، بەدىئىي ئۇسلۇب، تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

داستاندا قاراخانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەنئەنىسى داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ۋە پەلسەپەۋى كۆز قاراشلىرىنى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، تىلغا پىششىق بولۇشنىڭ پايدىسىنى ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. ئادىللىق، مەردلىك، كەمتەرلىك ئاداۋەت ساقلىماسلىققا ئوخشاش ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ. بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، خەسسىلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى سۆكىدىغان پىكىرلىرىنى شېئىرىي يول بىلەن ئوبرازلىق مىسرالار ئارقىلىق بايان قىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئەينى زامان ئۈچۈن خېلى ئىلغارلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەزى پىكىرلەر ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» نىڭ ھازىرغىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى مەلۇم بولغان بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (A نۇسخا) بولۇپ 1444- يىلى زەيتۇل ئابىدىن، سۇلتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەر قەندتە كۆچۈرۈلگەن. ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيا مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇقۇر پاراللېل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى(B نۇسخا) بولۇپ، 1480- يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخىمۇ ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (C نۇسخا) بولۇپ، بۇمۇ ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس. بۇ نۇسخا ھازىر ئىستانبۇلدىكى توپكاپى ساراي (Topkapi-Sarayi) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بۇ كىتابنى 1- جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىلىك ئالىم نەجىب ئاسىم ئىستانبۇلدىكى ئايا سوفىيا (Ayasofya) مەدرىسىنىڭ كىتابخانىسىدا «موڭغۇل تىلىدىكى رىسالىلەر توپلىمى» دېگەن نام ئاستىدىكى مەجمۇئەلەر ئىچىدىن تاپقان. ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانىكەن. نەجىپ ئالىسىم 1915- يىلى بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر پادىكارلىقىنى نەشر قىلدۇرۇپ، يورۇق دۇنياغا چىقارغان. 1951- يىلى پروفېسسور رەشىت رەھمەتى ئارات قايتا ئىلمىي نەشرىگە تەييارلاپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. 1981- يىلى پروفېسسور خەمىت تۆمۈر، پروفېسسور تۇرسۇن ئايۇپلار، تۈركىيىلىك پروفېسسور رەشىت رەھمەتى ئاراتنىڭ تەييارلىشى بىلەن تۈركىيە ئاتەش نەشرىياتى تەرىپىدىن 1951- يىلى ئىستانبولدىكى نەشر قىلىنغان نەشرىدىكى قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش ئاساسىدا بېكىتكەن تېكىستى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ، كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسكرىپيىلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ) تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇپ، كەڭ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن ئۆتكەن قىممەتلىك يادىكارلىقى بىلەن كۆرۈشتۈردى.