يەكەندىكى مازارلار

جاللات خىنىم مازىرى

بۇ مازار يەكەن كونا شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 79كىۋادىرات مىتىر،مازارلىق ئانچە چوڭ بولمىغان قەبرىستانلىق ئىچىدە بولۇپ،قۇرۇلۇشمۇ باشقا ئادەەتتىكى قەبرىلەردىن پەرقسىز.
مازارنىڭ ئىگىسى سەئىدىيە سۇلتانلىقى خان جەمەتىدىكى مەلىكىلەردىن بىرى بولۇپ،ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ12-ئوغلى،تۇرپان،قۇمۇل تەرەپلەرگە ئومومى ۋالى بولغان ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئەۋلادى.تارىختا مەشھۇر نامى بار غوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ كىچىك خوتۇنى،ئۇ ئاپپاق غوجا ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز ئوغلىنى ئاپپاق غوجىنىڭ ۋارىسى قىلىش ئۈچۈن ئاپپاق غوجىنىڭ مەركىتلىك چوڭ خوتۇنىدىن بولغان چوڭ ئوغلى غوجا يەھيانى ھەم غوجا يەھيانىڭ ئىككى ئوغلىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ،ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ بىر تۇققان سىڭلىسىنىمۇ قاينىغان ياغقا بىسىپ ئۆلتۈرىدۇ،تولا ئادەم ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن <<جاللات خىنىم >>دەپ ئاتالغان،ئاخىرى ئۆزىمۇ ئاپپاق غوجىنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ سادىق گۇماشتا دىۋانە سوپىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ،جەسىتى مەزكۇر مازارغا قويىلىدۇ.
بۇ مازار 1988-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىقى قىلىپ بىكىتىلگەن.
جاللات خىنىم قان تۆكسۈن ،ئادەم ئۆلتۈرسۈن ئىشقىلىپ ئۆز زامانىسىدە زاماننىڭ تەقەززاسىنى بىلىپ يەتكەن ،كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ سەئىدىيە سۇلتانلىقىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى ئارزۇلىغان قەيسەر بىر ئايال سىياسىئون دىسەك ئارتۇق بولماس،ئۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ ،ئەسلىدىكى زىمىنلارنى قايتۇرۇپ كىلىشنى ،ئەجداتلىرى ئالدىدا يورۇق يۈز بىلەن ئۇ دۇنيادا كۆرۈشۈشنى قەلبىگە پۈككەن بولسىمۇ بۇ ئارمانلار روياپسىزلا بۇ قىزنىڭ قەلبى بىلەن يەكەن تۇپرىقىغا كۆمۈلۈلدى.
بۇ مەردانە قىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى ،مەملىكەت ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ھۆرمەت -ئىھتىرامغا لايىق شەخىستۇر!ئۇ قەلبىمىزدە ھاياتتۇر.

يۇنۇس ۋاڭ مازىرى
بۇ مازارلىق يەكەن شەھرىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەزرىتىپىر كەنتى خوجا مەھەممەت شىرىپ مازىرى يىنىغا جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى 70كىۋادىرات مىتىر كىلىدۇ،بۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەكەن شەھرىگە قويغان يەرلىك ئەمەلدارى يۇنۇس ۋاڭنىڭ قەبرىسى بولۇپ يۇنۇس ۋاڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان ،جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 10 مىتىر،غەربتىن شەرىققە كەڭلىكى 9مىتىر كىلىدىغان تۆپىلىككە قاتار قىلىپ ئۈچ قەبرە ياسالغان ،قەبرىلەرنىڭ سىرتى رەڭلىك كاھىش بىلەن قاپلانغان،قەبرىنىڭ جەنۇپ تەرەپ يۇزىدىكى كاھىشقا قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى يىزىلغان،بۇ ئورۇن 1990-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىقى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئىمىن غوجا مازىرى
ئىمىن غوجا مازىرى يەكەن شەھرنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەزرىتىپىر كەنتى خوجا مۇھەممەت شىرىپ مازىرى يىنىغا جايلاشقان بولۇپ تەكشى يۈزى تۆت چاسا ،خىش قۇرۇلمىلىق ،گۆمبەز تورۇسلۇق قىلىپ ياسالغان،مازارنىڭ تۆت بۇرجىكى ۋە ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىگە كىچىك مۇنار چىقىرىلغان،سىرتقى يۈزى كەڭ كۆپۈنگۈ نەقىشلىق كاھىش بىلەن بىزەلگەن،مازار ئىچىگە دوسكا چىقىرىلىپ مازارنىڭ تارىخى يىزىلغان بولسىمۇ خىلى يىللار ئىلگىرى بۇزىۋىتىلگەن.بۇ مازارنىڭ ئىگىسى ھەققىدە خوجا مۇھەممەت شىرىپ مازىرى ئىچىدىكى تاختىغا :كەمىنە يۇنۇس ھاكىمبەگ بۇ مازارنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزەمنىڭ مازىرىنى بوۋام ئىمىن غوجا مازىرى يىنىدىكى مەدرىسە يىنىغا ياساتتىم دەپ يىزىلغان.
مەزكۇر ئىمىن غوجا بولسا ئەسكى تۇرپان ئاستانىلىك كىشى بولۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرىشى ۋە چوڭ كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن جۈنۋاڭلىق مەرتىۋىسى بىرىلىپ 1759-يىلى يەكەن،قەشقەرلەرگە ھاكىمبەگ بولغان.1777-يىلى 83يىشىدا كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن،ھەمدە مەزكۇر مازارلىققا قويۇلغان.مەزكۇر مازارلىقمۇ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ بىر ئۈلگىسى بولۇپ ،تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولسىمۇ ،يەنىلا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئاساسىې ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغان ،1987-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

بۇ بۇ مازارلار گەرچە كىچىك كىچىك يەردىلا بولسىمۇ لىكىن ئۇيغۇرنىڭ نەققاشلىق ،بىناكارلىق سەنئىتىنى ناھايتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.پۇرسىتى بار قىرىداشلارنىڭ يەكەنگە كەلسە بۇ جايلارنى كۆرۇپ مەدەنيىتىمىزگە تىخىمۇ يىقىندىن كۆز قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مازارلار بەزىلىرى 300يىللىق ،بەزىلىرى ھەتتا 500يىلدىن ئاشقان ، تارىخىمىزنىڭ ئەڭ جانلىق شاھىدى. نەچچە يۈز يىللىق شۇ قەبرىلەر ئالدىغا كەلسىڭىز نىمنى ئويلايسىزكىن ،قىنى يەركەنگە كەلسىڭىز كۆزدىن كۆچۈرەرسىلەر.
بۇلاردىن باشقا خانلار مازارلىرى تىخىمۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ .سىز يەتتە قەبرە ئالدىغا كەلسىڭىز نىمنى ئويلايسىكىزكىن.گۈمبەزلەرگە تولدۇرۇپ ئويۇلغان گۈللەر ،ئايەتلەرنى كۆرسىڭىز نىمنى ئەسلەرسىز .شۇ زاماندىكى خەلقىمىنى بىر ،ھازىرنى بىر كۆرۈپ <<ھاياجان>>دىن يىغلىمىسىڭىز سىز ھەقىقەتەن خائىنسىز.
2013-4-18

مەنبەسى ۋە ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس