رۇسلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ چېگرا سودىسى

ئالېكسېي ئافتوكراتوف (روسىيە)
يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق تەرجىمىسى

ستالىن
شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ «154 TY» تىپلىق ئايروپىلانى ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا ئاستاغىنە قوندى. سودىگەرلەر ئادەتتىكىدەك چاۋاك چېلىپ ئۆزلىرىنى تۇتالماستىن «ئۇررا» دېيىشتى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلگەنلىكىدىن چەكسىز شادلانغانلىقلىرىنى شۇ يوسۇندا ئىپادىلىشەتتى. چۈنكى ئۈرۈمچى كۆپلىگەن كىشىلەرنى باي قىلغان، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئامەت كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلغانىدى. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن كىشىلەرنى بار – يوقىدىن ئايرىپ ئىسسىق ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.
ئۈرۈمچى روسىيە سودىگەرلىرى بايقىغان جاي. ھەي ئۈرۈمچى، ھەر بىر سودىگەر ئايروپىلان پەلەمپىيىدە تۇرۇپ ساڭا نەزەر سالغىنىدا، ئۆز – ئۆزىگە: «قېنى كۆرۈپ باقايلى، بۇ قېتىم كىم ئۇتاركىن، مەنمۇ يا سەن؟» دەپ قويىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارمۇ ئۆز يولىدا داۋاملىشىدۇ، بۇ يەردە ئېھتىياتچان جۇڭگو تامۇزنا خادىملىرى ئاددىي كىيىنگەن كىشىلەرنى تاللاپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى «ساياھەتچىمۇ سىز؟» دەپ سوراپ قويىدۇ. «ھە، ساياھەتچىمەن» دېگەن جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنى «ساياھەتچىلەر» ئەمەس، كۆپىنچە «خىزمەتچى خادىملار» قىزىقتۇرىدۇ. بۇنداقلارغا جۇڭگودا ئېتىبار بېرىشىدۇ، ئۇلار ھەممە يەردە نۆۋەتسىز ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. باجخانىدىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە چېقىلمايدۇ.
«ساياھەتچى» بولسا كۆپلىگەن چىغىرىقلاردىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، پاسپورت ياخشىلاپ تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر، ئېنىقراقى سودىگەرلەر (ئۈرۈمچىدە ھەقىقىي ساياھەتچىلەر يوق دېيەرلىك) تەكشۈرۈشتىن ئۆمەك – ئۆمەك بولۇپ كەلگەن بولسا ئاسان ئۆتۈپ كېتىدۇ، بولمىسا قېيىن. گەپ شۇنىڭدىكى، جۇڭگوغا بېرىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ۋىيزا ئىككى خىل: بىرى، ئۆمەك ھالدا (ساياھەتچىلىك شىركەتلىرى تەرىپىدىن)؛ يەنە بىرى، يالغۇز تەرتىپتە (خۇسۇسىي) رەسمىيەتلەشتۈرۈلىدۇ. ئادەتتە ۋىيزىنى ئۆمەك شەكلىدە رەسمىيلەشتۈرۈش يەككە ھالدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئون ھەسسە ئەرزان توختايدۇ. شۇ سەۋەبلىك سودىگەرلەر جۇڭگوغا ئۆمەك بولۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرۈشىدۇ. بولۇپمۇ تامۇزنىدىن ئۆمەك بولۇپ ئۆتۈشىدۇ.
«ستالىن»مۇ باشقىلار قاتارىدا تامۇزنا خادىمىغا ئۆز پاسپورتىنى سۇندى، رويخەتتىن ئۆز فامىلىسىنى تېپىپ، تىرنىقى بىلەن سىزىپ كۆرسەتتى. تامۇزنا خادىمى ئۇنىڭغا قاراپ باش ئىرغىتتى – دە، «ستالىن»نىڭ يۈزىگە، كېيىن پاسپورتىدىكى فوتو سۈرىتىگە تىكىلدى. ئۇلاردىكى ئوخشاشلىققا شۈبھى قالمىغاندىن كېيىن، پاسپورتقا تامغا بېسىپ، ساياھەتچىنى ئۆتكۈزۈۋەتتى.
«ساياھەتچىلەر» تامۇزنىدىن ئۆتۈپ، باجخانا تەكشۈرۈشىگە بارىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان زىيانلىرىنىڭ بىرىنچىسىمۇ شۇ يەردە باشلىنىدۇ. شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، جۇڭگو باجخانىسىدىكى چىقىم قازاقىستان ياكى روسىيە باجخانىسىدىكى چىقىملارغا قارىغاندا ھېچ گەپ ئەمەس. بۇ يەردە ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردا تالىشىدۇ. ئېيتايلۇق، ئىۋانوف ۋە سىدوروفلار يېمەكلىكلەر، سۈرلەنگەن كولباسا، مۇزلاتقان گۆش، بېلىق كونسېرۋاسى ئېلىپ كېلىشتى. تەكشۈرگۈچى: «كولباسانى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ» دەيدۇ ئىۋانوفقا ۋە ئۇنى ئېلىپ قالىدۇ، باشقا نەرسىلىرىگە چېقىلمايدۇ. سىدۇ روفتىن مۇزلاتقان گۆشنى ئېلىپ قالىدۇ – دە، باشقا نەرسىلىرىگە تەگمەيدۇ. پېتروفتىن بولسا بېلىق كونسېرۋاسىنى ئېلىپ قالىدۇ.
بۇ ئىشلارنى قايغۇلۇق دېگەندىن كۆرە كۈلكىلىك، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ يەردە ھېچكىم تالىشىپ ئولتۇرمايدۇ. كۆپنى كۆرگەن تەجرىبىلىك سودىگەرلەر يېمەكلىك ئېلىپ يۈرۈشمەيدۇ. خۇداغا شۈكرى، ئۇلار ئاچارچىلىق بولۇۋاتقان ئۆلكىگە بېرىشىۋاتقىنى يوق، ئۇ يەردە ھەرقانداق دۇكاندا خالىغان نەرسە تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باجخانىدا كىشى بېشىغا بىر لىتىر ھاراق ۋە ئون قاپ سىگارت ئېلىپ ئۆتۈشكە قانۇنىي ئاساستا رۇخسەت قىلىنىدۇ. جۇڭگو باجخانىسىدا ھېچقاچان سېنىڭ يانچۇقۇڭغا كۆز تىكىشمەيدۇ، ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشمايدۇ، پۇلۇڭغا كۆز ئالايتىشمايدۇ.
رەسمىي ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قۇتۇلغان سودىگەرلەر شىنجاڭنىڭ پارقىراپ تۇرغان قۇياشى ۋە كۆپكۆك ئاسمىنى ئاستىدىكى ئايرودروم بېكىتىگە يول ئېلىشىدۇ. رەسمىي قائىدە – تەرتىپلەر تۈگىگەنلىكتىن ئەمدى ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىنى قىلىدۇ.
ئۆمەك باشلىقى تاكسىغا ئولتۇرۇپ، مېھمانخانىغا يول ئالىدۇ، ئۇ يەنە ئامبار – ئىسكىلاتلار بىلەن سۆزلىشىپ قويۇشى كېرەك. ئۆمەك ئەزالىرى بولسا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ مېڭىشىنى كۈتىدۇ. ئەمما ئاپتوبۇس سېنىڭ قانچىلىك تىت – تىت بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، قوزغىلاي دېمەيدۇ. كۈتۈۋالغۇچى ساياھەتچىلىك شىركىتى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئۆمەكلەر بىلەن كېلىشىپ، بىر ئۆمەكنىڭ ئورنىغا ئۈچنى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ.
ئاپتوبۇسنى ئاللىقاچان ئۇيغۇر بالىلىرى ئورىۋېلىشقانىدى. كىچىك يانچۇقچىلار، «تەرجىمانلار» ۋارقىرىشىدۇ، نېمىلەرنىدۇر دەپ چۇرقىرىشىدۇ. ئۇلار كونا سودىگەرلەرنى تونۇۋېلىشقان بولۇپ، ئاپتوبۇس ئەينىكىنى چېكىپ، سالاملىشىدۇ. ئۇلار «ستالىن»نى تونۇپ قېلىپ ۋارقىراشتى:
ستالىن، سالام ستالىن!
ستالىن، مەن ساڭا ياردەم قىلايمۇ؟
ئۇلار ئەنە شۇنداق ساڭا چاپلىشىۋېلىپ، ئەتىدىن – كەچكىچە يېنىڭدىن ئايرىلماي، سوداڭغا كاشىلا قىلىدۇ.
«ستالىن» دېگىنى مەن بولىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىگە قارىغاندا ساقال قويۇپ، كۆزەينەك تاقاپ يۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ستالىنغا بەكمۇ ئوخشارمىشمەن، ھالبۇكى ھەقىقىي ستالىن بولسا ساقال قويمىغان، كۆزەينەك تاقىمىغان، دەپ شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ، ئۇنىڭ ھېچبىر پايدىسى بولمىدى. ستالىن بولسا ستالىن بولمامدۇ، كۆرىدىغان پايدامغا تەسىر يەتكۈزمىسىلا بولدىغۇ، دەپ بولدى قىلىمەن.
«ستالىن» كونا سودىگەرلەردىن بولمىسىمۇ ئۈرۈمچىگە قاتنىغان بولۇپ، كۆزى خېلى پىشىپ قالغان. ئۇنىڭدىن پۇل ئۈندۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنى بىلىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ، خالاس.
بۇ يەرگە يېڭى كەلگەنلەر قىيىن، ئۇلار مال ئالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە يېڭى كەلگەنلەردىن بىرەرىنى كۆرۈپ قېلىشتىمۇ، ئىش تامام، ئۇلارنىڭ كەينىگە توپ – توپ بولۇپ ئەگىشىۋالىدۇ. سودىگەر قەيەرگە بارسا، ئۇيغۇرلارمۇ شۇ يەرگە بېرىشىدۇ، گەپكە تۇتىدۇ (ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى رۇسچە سۆزلەيدۇ).
ھەي، بۇرادەر، قاچان كەلدىڭ؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قانداق مال ئالىسەن؟ باھاسى قانچە بولسا بولىدۇ؟ ئۇلار پاراڭ داۋامىدا سودىگەرنىڭ مىجەزى، ئىش – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشىدۇ، قىلىقلىرىنى كۆزىتىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قورقاق، يا قورقاق ئەمەسلىكىنى، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنى ئالدىغىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا پۇل ئۈندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. يەنە تېخى ئۇنى ھوشيارمۇ قانداق دەپ، يانچۇقىغا قاراپ قويىدۇ.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ «ياردەم كېرەكمۇ؟» دېگىنى «تەرجىمان كېرەكمۇ؟» دېگىنى. ھالبۇكى، بۇ يەردە تەرجىمانغا ئېھتىياج لازىم ئەمەس. خەنزۇچە بەش – ئون سۆزنى بىلىۋالساڭ كۇپايە (ئۈرامچىدە كىيىم – كېچەك سودىسىنى پەقەت خەنزۇلار قىلىدۇ). مال ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ھېسابلاش تاختىسى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ياردىمىدە ھەتتا تىللىشالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مال ساتقۇچى خەنزۇلارنىڭ كۆپچىلىكى رۇسچە سۆزلىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن نان تېپىپ يەيدۇ – دە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر بالىلىرى سۆھبەتكە ئارىلىشىپ، رۇسچە، خەنزۇچە ئېيتقان بىرنەچچە ئېغىز سۆزى ئۈچۈن ساتقۇچىدىن كۆپ پۇل تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى مال ساتقۇچى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خېرىدار باشلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ «تارتۇق» بېرىشى كېرەك. ئەسلىدە بولسا خېرىدار ئۆزى كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىشىدۇ. نەتىجىدە مالنى ئەسلى نەرقىدە سېتىش، ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولماي قالىدۇ. خەنزۇ سودىگەر سېتىشتىن زىيان تارتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارغا چوتار بېرىشى كېرەك تېخى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان چوتارنى ھېسابقا ئېلىپ مال باھاسىنى ئاشۇرىدىغان بولسا، مال سېتىۋالغۇچى رۇس پايدا ئالالمايدۇ.
باشقا خىل ئۇيغۇر «تەرجىمان»لىرى ھەم بار. ئۇلار ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس، لېكىن ئۇلاردىن نەپ تېگىدۇ. ئادەتتە ئۇلار يانچۇقۇڭغا كۆز سالمايدۇ. ئۇلار سېنى قىزىقتۇرىدىغان مالنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئۇلار قايسى خەنزۇنىڭ باشقىلارنىڭ مېلىنى ساتىدىغانلىقىدىن، قايسىسىنىڭ ئۆز مېلىنى ساتىدىغانلىقىدىن ياخشى خەۋەردار. بۇنىڭدىن تاشقىرى بەزى «تەرجىمان»لار سېنىڭ خەنزۇ ساتارمەن بىلەن بولغان جېدەل – ماجىرالىرىڭنى بىر ياقىلىق قىلىشىڭغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، خەنزۇ سودىگەر سەن ئالغان مالنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى بەردى ياكى ناچار، ساختا مالنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، دەيلۇق. سەن بۇنى بىلمەي پۇلىنى تۆلەپ، مالنى ئېلىپ كەتتىڭ. ئىسكىلاتىڭغا بېرىپ قارىساڭ، يا پەرۋەردىگارا، بېشىڭدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىدۇ. ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۇ ساتارمەن خەنزۇنى تاپالمايسەن. چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى تاقاق بولىدۇ، كىشىلەردىن سورىساڭ ھېچكىم ھېچنەرسە بىلمەيدۇ. بۇ چاغدا «تەرجىمان»غا ئىلتىماس قىلىسەن. ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ: «ھېلىقى ساتارمەندىن پۇلۇمنى ئۈندۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇنىڭ يېرىمىنى (ياكى ئېيتايلۇق، چارىكىنى) ساڭا بېرىمەن» دەيسەن. ئۇيغۇر «تەرجىمان» ھېلىقى خەنزۇنى تاپىدۇ، ھەتتا يەرنىڭ تېگىدىن بولسىمۇ ئىزدەپ تاپىدۇ. پۇلۇڭنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى ھالال قىلىپ ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ، تېخى ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ قالدۇرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە كېيىنكى قېتىم كەلگىنىڭدە ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىشىڭ ۋە ئۇنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.
ئىككىنچى ئۆمەك يېتىپ كېلىدۇ، «سەل سۈرۈلۈڭلار» دېيىشىدۇ. بۇلار قازاقىستان پۇقرالىرى، يېرىمى قازاق، يېرىمى رۇسلار. مەيلى، قىسىلساق قىسىلدۇق دەيمىز. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى ئۆمەك ئەزەربەيجانلىقلار كېلىدۇ، ئۇلار ھېچنەرسىگە قارىمايدۇ، ئۆز تىللىرىدا ۋىچىرلىشىدۇ، قويۇپ بەرسىڭىز ئۇلار بېشىڭىزغا چىقىۋېلىشتىن يانمايدۇ، ئۇرۇپ – سوقۇپ ئاپتوبۇسقا تىقىلىشىدۇ.
ئاخىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ. ۋۇي، مانا قاراڭ، ئاپتوبۇسقا ئويۇنچۇق ساتقۇچى خەنزۇ «ۋالوديە»مۇ چىقىۋاپتۇ. ئۇنىڭ شىركىتى «خوچېزەن پىفا» (پويىز ئىستانسىسى توپ سېتىش بازىرى)دا، بازارنىڭ نامى شۇنداق ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى يەنە بىر ئويۇنچۇق ساتقۇچى «مىتيە» بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. قاچانلا قارىماڭ، ئۆز مېلىنى ماختىغىنى ماختىغان.
مەن، مال كۆپ، مىتيە مال ئاز! مەن مال ئەرزان! مىتيەنىڭكى مال بىر يۈەن تورىدۇ، مېنىڭكى مال ئۇنىڭدىن بىر پۇڭ ئەرزان! مىتيە بىر پۇڭ ئەرزان ساتىدۇ، مەن ئىككى پۇڭ ئەرزان ساتىدۇ.
قىزىق، ئۇنىڭ ۋالاقلىشىدىن پايدا چىقامدىكىنە؟
ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەر، تاملار لىپ – لىپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا شوئارلار يېزىلغان لاتا لوزۇنكىلار ئېسىلغان. ئاخىر شەھەرگە يېتىپ كەلدۇق. ئەمدى تاملار ۋە ئۇلارغا ئېسىلغان لوزۇنكىلار ئۆزگىرىدۇ. شەھەردە قۇرۇلۇشلارنىڭ تېز كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھەر بىر قۇرۇلۇش ئالاھىدە تاختا تاملار بىلەن ئورىۋېلىنغان. ئۇلاردىكى لەۋھە – شوئارلارمۇ يېڭى. ئۇلاردا نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى ئېنىقلاش قىيىن. ئامال قانچە، خەنزۇشۇناس ئەمەسمەن، خەنزۇچىنى بىلمەيمەن.
مەن ئۈچ يىلدىن بېرى مۇشۇ شەھەرگە قاتناۋاتىمەن. ئون بەش قېتىمچە كەلگەندۈرمەن. يەرلىك ئادەتلەرنى، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن. ھەر قېتىم كەلگىنىمدە بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران بولىمەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى شەھىرى كۆز ئوڭۇمدا ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. قىڭغىر – قىيسىق ۋە كۆرۈمسىز ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى كۆپ قەۋەتلىك ئېسىل ئىمارەتلەر ئىگىلىدى، كەڭ كوچىلار ۋە خىيابانلار پەيدا بولدى. مىليوندىن ئوشۇق ئاھالىسى بار بولغان بۇ شەھەردە 90 – يىللاردا چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدىن 3 – 4 سىلا بار ئىدى. ئۇلاردىن ئەڭ ياخشىسى «دوستلۇق» سودا سارىيى بولۇپ، روسىيە پايتەختىدىكى «موسكۋا» تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا تەڭ كېلىدۇ. ھازىرقى كۈندە بۇ شەھەردە يىلىغا ئۈچ – تۆتلەپ يېڭى سودا سارىيى ئېچىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى «دوستلۇق» ۋە «موسكۋا»دىن چوڭراق كېلىدۇ. يەنە رېستورانلار، مېھمانخانىلار، يول – كۆۋرۈكلەر قۇرۇلدى. ئۆي – جايلار قەد كۆتۈردى. ئىشقىلىپ قۇرۇشقا مۇمكىن بولغان ھەممە نەرسە قۇرۇلدى. بۇ يەردە كېچە – كۈندۈز ئىش قايناپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئىش كۈچى ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ. شىنجاڭغا جۇڭگونىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ئىشلەمچى خەنزۇلار ئېقىپ كېلىدۇ. جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ كاللىسىنىڭ ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
لېكىن مەن جۇڭگودىكى سىرلىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە كۆپ ئۇرۇندۇم. خەنزۇ جاپاكەشلىرىنىڭ تىنىمسىز ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ناھايىتى كۆپ كۆردۈم.
بۇلتۇر يازدا سەپەرداش ئىگور ئىۋانوۋىچ بىلەن بىز چۈشكەن مېھمانخانا يېنىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش جەريانىنى خېلىغىچە كۆزەتتۇق. ئۇ يەردە بىر خەنزۇ قىز ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن باشلاپ ئۆتكەرمىگە گۈرجەك بىلەن قۇم تاشلاپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ پىژغىرىم قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئوتتۇز گرادۇسلۇق ئىسسىقتا توختىماي ئىشلىمەكتە ئىدى.
قارىغىنا، ئاۋۇ قىز دەم ئالمايدىغۇ، دېدىم ئىگور ئىۋانوۋىچقا، يىقىلىپ قالمىسۇن يەنە؟!
ياق، دەم ئالمايدۇ، كېلە، ئون يۈەندىن ئۆتۈشەيلى، دەم ئالماستىن ئىشلەيدۇ. پەقەت چۈش ۋاقتىدا ئوتتۇز مىنۇتلۇق تاماق ۋاقتىدىلا توختايدۇ.
ماقۇل، ئۆتۈشسەك ئۆتۈشتۇق.
مەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم. ئۇ قىز دەم ئالمىدى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە قىزنىڭ ئورنىغا باشقىسى كەلدى، ئىش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلدى. ئەتىسى ئەتىگەندە قوپسام قۇم دۆۋىسى خېلىلا ئازىيىپتۇ. دېمەك، ئۈچىنچى ئىسمىنىمۇ ئىشلىدى، دېگەن گەپ.
روسىيىدە بولسا بۇنداق ئىشلەشتىن ئەڭ كۈچلۈك ئەركەكمۇ باش تارتىشى مۇمكىن ئىدى. جۇڭگودا ئەركەكلەر نىمجانراق كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالتىسى بىر بولۇپ تۆمۈر يول رېلىسىدەك كېلىدىغان پولات لىملارنى، خىش، بېتون لاي ۋە باشقا نەرسىلەرنى قۇرۇلۇۋاتقان ئىمارەتنىڭ ئونىنچى قەۋىتىگىچە ئاچىقىدۇ. يەنە كېلىپ يەلكىلىرىدە كۆتۈرۈپ دەڭە! بولمىسا ئېلېكترك يۈك كۆتۈرگۈچ ئىشلەپ تۇرىدۇ. ئەمما ئېلېكتر قۇۋۋىتىنى تېجەش كېرەك – تە. چۈنكى ئېلېكتر قۇۋۋىتى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. مەسىلەن، مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئېلېكترك كەپشەرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بەزى كېچىلىرى ياتاقتا دىمىقىپ تاشقىرىغا چىقساڭ، پۈتۈن شەھەردىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئېلېكتر كەپشەرلەشتىن چىقىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرىسەن. ئەنە شۇ قۇرۇلۇشلار ئەتراپىدا ئادەملەر كېچە – كۈندۈز مىغىلدايدۇ.
مانا ھازىر شەھەر جۇشقۇن ئەمەلىي پائالىيەت قۇچىقىدا. ھەممە كىشى تىنىمسىز قىمىرلايدۇ. كىملەردۇر بىرنەرسىلەرنى توشۇيدۇ، ئاپتوموبىل – پويىزلارغا قاچىلايدۇ، چۈشۈرىدۇ، يەنە كىملەردۇر بىرنەرسىلەرنى ساتىدۇ، يەنە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشىدۇ. بۇ يەردە تۇرار جاي بىنالىرىنىڭ بىرىنچى قەۋەتلىرىنى ئۇستاخانىلار، ئاشخانىلار ئىگىلىگەن. ئۇلاردا توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدۇ. ھەر قەدەمدە تېلېفونخانىلار بار بولۇپ، ئۇلارنى مومايلار ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. كوچا – كويلاردا، يەردە تاشلىنىپ ياتقان بىرەر پارچە ئاياغ كىيىمىنى، ھەتتا داتلاشقان بىرەر تال مىخنىمۇ كۆرمەيسىز. ھەممىسىنى يىغىۋېلىشىدۇ.
كېيىنكى يىللاردا ھەربىي كىيىم فورمىسىدىكى تىتىلىپ كەتكەن كۆك كىيىم – ئىشتانلار كوچىلاردا ئومۇمەن كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. كىشىلەر خېلىلا تۈزۈك كىيىنىدىغان بولۇپ قالدى. دۇكانلاردا خالىغىنىڭىز تېپىلىدۇ، خۇددى بىزدىكىدەك. پۇل تۆلىسەڭلا بولغىنى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك خىزمەتچىنىڭ، قولىدىن ئانچە – مۇنچە ئىش كېلىدىغان ئىشچىنىڭ، مەسىلەن، كەپشەرچىنىڭ ئايلىق مائاشى 4 – 5 يۈز يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. بۇ تەخمىنەن 50 – 60 دوللار دېمەكتۇر. بۇ يەردە مال باھاسى روسىيىدىكىدىن، بولۇپمۇ موسكۋادىكىدىن خېلىلا ئەرزان.
نېمە ئۈچۈن ئۇلاردا يۈكسىلىش بۇ قەدەر ياخشى، ئۆسۈش ۋە راۋاجلىنىش ئەۋجىدەيۇ، بىزدە بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەممە نەرسە قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ دەپ جۇڭگوغا قاتنايدىغان سودىگەرلەردىن سوراپ كۆرۈڭچۇ… «ھە، شۇنداق بولمامتى ئەمىسە، دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار، بىزنىڭ دوللىرىمىزنىڭ قەيەردە قېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ مۇشۇ يەردە قېلىۋاتىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈكسىلىۋاتىدۇ – دە!»
ئېھتىمال، بۇ سۆزدە بەلگىلىك ھەقىقەت باردۇر. لېكىن شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جۇڭگو ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەنلىكىدە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگونىڭ سانائىتى خېلىلا قالاق بولغان ئۆلكىسى ش ئۇ ئا ر غا كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقانلىقىدىدۇر. ئېھتىمال، شىنجاڭنىڭ تۈپ ئاھالىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىشىمۇ چوڭ رول ئويناۋاتقان بولسا كېرەك.

ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلار كۆپەيگەندىن كېيىن، تۈرلۈك – تۈمەن ئاشخانىلاردا رۇس تىلىدا: «بىزنىڭ مۇسۇلمان رېستورانىمىزغا مەرھەمەت، تاماقلىرىمىز ھەم مەززىلىك، ھەم ئەرزان» دېگەن يېزىقلار پەيدا بولدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار تاماقلارنى ناھايىتىمۇ مەززىلىك تەييارلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئۇستا ئاشپەز سانىلىشى بىكار ئەمەس. بۇ يەردىكى ئاشخانىلار ھەقىقىي لەغمەن ۋە پولۇ بىلەن سىزنى كۈتۈۋېلىشىدۇ. روسىيىدىكىگە ئوخشاش پولۇ ياكى لەغمەن دەپ قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى ئالدىڭىزغا ئەكېلىپ قويمايدۇ. بولۇپمۇ كوچىلاردا كاۋاپ بىلەن سودا قىلىش راۋاجلانغان.
جۇڭگونىڭ يېنىك سانائەت كارخانىلىرى ناھايىتى كۆپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ بۇيۇملار بازاردا غەرب مەھسۇلاتلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا ماللىرى بىلەنمۇ بىمالال رىقابەتلىشەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرب بازارلىرىمۇ جۇڭگو ماللىرى بىلەن توشقۇزۇۋېتىلگەن بولۇپ، ھەم سۈپەتلىك، ھەم ئەرزان (چۈنكى جۇڭگودا ئەمگەك كۈچى ناھايىتى ئەرزان). بۇنداق سۈپەتلىك ماللار ئىچكى بازارغا چەكلەنگەن مىقداردا چىقىرىلىدۇ ۋە بۇنداق ماللار ئايرىم دۇكانلاردىلا سېتىلىدۇ. بۇنداق ماللارنى كىشىلەر بىردەمدىلا تالاپ تۈگىتىدۇ. ئېيتايلۇق، جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئەرلەر شىبلىتى 500 1500 يۈەن (60 – 180 دوللارغىچە) باھادا سېتىلىدۇ. بۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك خىزمەتچىنىڭ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان مائاشىغا تەڭ. بۇ تېخى چەك ئەمەس. بۇنداق قىممەت ماللارنى كىم سېتىۋالىدۇ؟ ھازىر جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولغا قويۇلماقتا. دېمەك، ئۇ يەردە باي ئادەملەرمۇ بار. گەرچە ئۇلار جۇڭگو ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ئاران ئىككى پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، دېمەك، جۇڭگودا ئىككى يېرىم مىليون باي بار دېگەن گەپ. ئاخىر، ئۇلارنىڭمۇ ياخشى كىيىنگىسى كېلىدۇ – دە. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ماللىرى بولغىنى ياخشى، غەربنىڭ ياكى ياپونىيىنىڭ ماللىرى كېرەك ئەمەس. دۇكانلاردا چەتنىڭ ماللىرى بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەرقى ناھايىتى يۇقىرى. ئەمما بۇنداق ماللارنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا ئۇچرىتالمايسىز. بۇنداق ماللار يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش سانائىتى راۋاجلانغان جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئونلاپ زاۋۇت – فابرىكىلاردا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق ماللارغا «جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلغان» دېگەن خەت يېزىلىدۇ ۋە ئىشلەپ چىقارغان فابرىكىنىڭ نامى كۆرسىتىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگودا يۈزلەپ – مىڭلاپ ئۇششاق كارخانىلارمۇ بار. ئۇلار ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان فابرىكىلارنىڭ مېلىغا ئوخشىتىپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدۇ – دە، بازارلارنى تۆكمە – تۆكمە قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق فابرىكىلارنىڭ مەھسۇلاتى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا ئۇچرىسىمۇ، سودىگەرلەر ئۇلارنى ئانچە ئېلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ماللار كۆپىنچە ھاللاردا روسىيە سودا شىركەتلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە فابرىكىلاردىن سېتىپ ئېلىنىدۇ ۋە كېيىن روسىيىنىڭ دۇكانلىرىدا پەيدا بولىدۇ.
جۇڭگودا يەنە مىڭ – مىڭلاپ فابرىكىلار باركى، ئۇلار تۆۋەن سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. لېكىن روسىيىدە بۇ ماللار سۈپىتى ياخشى بۇيۇملار قاتارىغا كىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ماللار سودىگەرلەرنىڭ جېنى سانىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ياخشى، چىرايلىق قاپلارغا قاچىلانغان، خېلى تۈزۈك خام ئەشيالاردىن تېخنىك جەھەتتىن مۇۋاپىق ئىشلەنگەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ روسىيىدە بازىرى ئىتتىك. چۈنكى بۇ ماللارنىڭ «باھا – سۈپەت» نىسبىتى خېلىلا ئۇيغۇن بولىدۇ.
ماللارغا چاپلانغان تامغىلارغا كەلسەك، ئۇلار تۈرلۈكچە بولۇشى مۇمكىن. بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ بەزىلىرىدە «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» ۋە بەزىلىرىدە «ئىتالىيىدە ئىشلەنگەن» دېگەن تامغىلارنىڭ چاپلىنىشى ئادەتتىكى بىر ئىش. شەخسەن ئۆزۈم ئوتتۇز جۈپتىن ئاياغ كىيىم قاچىلانغان كارتون ساندۇقلارنى كۆرگەنىدىم. شۇنداق ساندۇقلاردىكى ئاياغ كىيىملەرنىڭ بىر جۈپىگىلا «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» دېگەن تامغا چاپلانغانىدى ( بۇ باجخانىنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تەييارلانغان). قالغان 29 جۈپىگە بولسا «كورىيىدە ئىشلەنگەن» دېگەن تامغا بېسىلغان (بۇ روسىيە خېرىدارلىرى ئۈچۈن، چۈنكى كورىيە ماللىرىنىڭ ئىناۋىتى جۇڭگو ماللىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ).

مېھمانخانىلار ۋە ئامبارلار
ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېھمانخانىلارنىڭ ھەرقاندىقى بار بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق ئىستىراھەت مېھمانخانىسىدىن تارتىپ، ئەڭ ئاددىيلىرىغىچە تېپىلىدۇ. ئادەتتە سودىگەرلەر يەنى مال سېتىۋالغىلى كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ ئەرزانراقىنى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋالغان ماللىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ تەكشۈرۈش ۋە ساقلاش ئۈچۈن، مېھمانخانىلارنىڭ ئامبىرى بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشىدۇ. مېھمانخانىلاردىكى ئامبارلار ئۈچۈن كۈرەش ئايرودرومدىلا باشلىنىدۇ. موسكۋالىقلار، ئوكرائىنلىقلار، ئەزەربەيجانلىقلار، گروزۇنلار، قازاقلار، خۇدا بىلىدۇ، يەنە كىملەر. مېھمانخانىغا كىم بىرىنچى بولۇپ يېتىپ كەلسە، ئامبارنى شۇ ئىگىلىۋالىدۇ. كېيىن قالغانغا يەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايروپىلاندىن چېگرا تەكشۈرۈشىگە بىرىنچى بولۇپ يۈگۈرۈپ بېرىشى كېرەك، كېيىن باجخانا تەكشۈرۈشىگە چېپىش لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمىتىڭنى قىلىمەن دەپ تۇرغان ھەر خىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇپ، تېزدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ مېھمانخانىغا بېرىش كېرەك. ئامبارخانا ئاچقۇچىنى قولۇڭغا ئېلىپ، دىمىڭنى رۇسلاپ، بىر شىشە پىۋىنى ئېلىپ ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ كېلىۋاتقانلارنى غالىبانە كۆزەتكىنىڭچە ئىچىپ ئولتۇرۇش نېمىدېگەن راھەت – ھە! ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەر باشقا مېھمانخانىلارنى ئىزدەيدۇ، بەلكى ئۇ يەرلەردە ئامبار بولۇشى مۇمكىن.
بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن موسكۋالىق سودىگەرلەر خېلىلا بېيىپ بۇ مېھمانخانىلارنى ياراتمايدىغان بولۇپ قېلىشتى. ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۈچ يۇلتۇزلۇق «يىپەك يولى»، تۆت يۇلتۇزلۇق «ئۈرۈمچى» مېھمانخانىلىرىدا، كاتتا بايلىرى بولسا ئىستىراھەت مېھمانخانىسىدا ياشىماقتا. بىزلەر بولساق «سىتى»گە چۈشتۇق. لېكىن ئامبارنى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىن تاپتۇق. ئارىلىقى ئانچە ئۇزاق ئەمەس بولۇپ، ئون مىنۇتلۇق يول.

پىفا (توپ سېتىش بازىرى)

مەن خەنزۇچە «پىفا» دېگەن سۆزنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئۇنىڭ مەنىسى بىرنەچچە خىل بولسا كېرەك، يەنى توپ تارقىتىش، ئۈلگۈرچە سېتىش، كۆتۈرمىسىگە سېتىش، يەنە توپ سېتىلىدىغان ۋە ئېلىنىدىغان بازار، دېگەندەك. سىز ساتارمەندىن مال باھاسىنى سورىغاندا: «توپ باھاسى قانچە» دەيسىز. شۇنىڭدەك تاكسىغا ئولتۇرغاندا (ئۈرۈمچىدە سودىگەرلەر باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشمايدۇ) ھەيدىگۈچىگە: «خوچېزەن پىفا» (پويىز ئىستانسىسى توپ سېتىش بازىرى) دەيسىز.
بۇنىڭغا ئوخشاش توپ سېتىش بازارلىرىدىن ئۈرۈمچىدە بىرنەچچىسى بار، ئۈرۈمچىدىكى توپ سېتىش بازارلىرى ئۈچ – تۆت قەۋەتلىك بولۇپ، ھەر بىر قەۋىتىدە ئۇزۇن دەھلىز – كارىدور بار. ئۇزۇن كارىدورنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە كىچىك – كىچىك خانە – دۇكانلار جايلاشقان بولۇپ، مال جاۋەنلىرىگە ھەر خىل ماللار تىزىلغان. ئۇ يەرلەردىن ئىستىگىنىڭىزنى تاپالايسىز.
كېيىنكى چاغلاردا پىفالارنىڭ رولى خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۆز ۋاقتىدىكى بازىرى ئىتتىك ئاۋات پىفالار كاساتلىشىپ قالدى. بۇ پويىز ئىستانسىسى توپ بازىرى بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ ئاقىۋىتى. بۇنداق چوڭ بازارلار، ئېھتىمال ھېچيەردە، ھەتتا بېيجىڭ، باڭكۆكتىمۇ يوق بولسا كېرەك. بۇ يەردە ئۈچ – بەش قەۋەتلىك يەتتە سودا بىناسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە بىرنەچچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.
مەشھۇر مۇنارلار تىكلەنگەن چاغلاردا مەن بابىل شەھىرىدە بولمىغانمەن. لېكىن ھازىرقى خوچېزەن پىفانى شۇلارنىڭ رەمزى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە كىشىلەر مىغ – مىغ بولۇپ، ۋاراڭ – چۇرۇڭ، تاراق – تۇرۇق ئاۋازلار جاھاننى بىر ئالغان، تەبىئىيكى، كىشىلەر بۇ يەردە بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىدۇ – دە، بىر – بىرىگە ھومىيىشىدۇ، ۋارقىرىشىدۇ، جاڭجاللىشىپ مۇشتلىشىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئىشلار ئۆز – ئۆزىدىن بېسىلىپ، قۇمغا سۇ سىڭگەندەك جىمىقىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا جاڭجالغا مەمۇرلار، ھەتتا ساقچى دائىرىلىرى ئارىلىشىدۇ.

پۇل ئالماشتۇرغۇچىلار

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر كەسىپ بار بولۇپ، بۇ پۇل ئالماشتۇرۇش ئىشىدۇر. پۇل ئالماشتۇرغۇچىلار ھەممە مېھمانخانىلار ئالدىدا دېگۈدەك ئايلىنىپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار ۋېلىسىپىتلىرىگە لىق پۇل قاچىلانغان سومكىلىرىنى ئارتىپ سودىگەرلەرنى پايلىشىدۇ. تەبىئىيكى، پۇل ئالماشتۇرغۇچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، چۈنكى پۇل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس. ھالبۇكى، ئۇلار چەت ئەل پۇلى ئالماشتۇرۇش قانۇنىنى ئاشكارىدىن ئاشكارا بۇزىدۇ.
سومكىدىكى پۇل قانچە دەيسىز يۈز مىڭ يۈەن، ئىككى يۈز مىڭ يۈەن؟ ئېھتىمال شۇنىڭچىلىك بولسا كېرەك. روسىيىدە بۇنداق پۇل ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ كۈنى ئۇزاققا بارمايدۇ. 15 – 70 مىڭ دوللار دېگەن چاقچاق گەپ ئەمەس – دە، ئەتراپىڭدا خىلمۇخىل كىشىلەر، قاقتى – سوقتا قىلغۇچىلار، يەنە كىملەردۇر پايلاپ يۈرۈشكەن بولسىچۇ… ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدە بولسا مېھمانخانىلار ئالدىدا ھەر كۈنى ئونلاپ پۇل ئالماشتۇرغۇچىلار يۈرۈشىدۇ، ئەمما ھېچ ئىش بولمايدۇ.
دوللارنى ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش پايدىلىق. ئەگەر بانكا، ئېيتايلۇق، بىر دوللارغا 16.8 يۈەن تېگىشىپ بەرسە، ئۇلار ساڭا 18.8 يۈەن ھېسابىدا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇ تەرىقە مىڭ دوللارنى تېگىشكەن سودىگەر ئىككى يۈز يۈەن پايدا كۆرىدۇ. بۇ دېگەنلىك 400 زىخ كاۋاپ ياكى تاكسىغا ئوتتۇرىچە ھېسابتا يىگىرمە قېتىم چۈشۈش دېمەكتۇر. پۇل ئالماشتۇرۇشتا قەتئىي تەرتىپىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.
سالام، كېرىم! سېنىڭ باھايىڭ نەچچە؟
78.8! ئەتىگەندە 77 ئىدى.
قويساڭچۇ كېرىم! 8.8 دىن ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭچۇ.
قانداقچىسىگە 8.8 بولسۇن؟ بانكىدا 58.8 بۈگۈن.
78.8، بولدى! دەپ تەستىقلىشىدۇ شۇ زامان قەيەردىندۇر پەيدا بولغان ئۇيغۇرلار، باشقىچە باھا ھېچيەردە يوق!
شۇنداق قىلىپ سودا پۈتۈشۈلىدۇ. كېرىم سومكىسىدىن 8780 يۈەن چىقىرىپ بېرىدۇ. سودىگەر ساناپ ئالىدۇ ۋە پۇلنى يانچۇققا سالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كېرىمگە دەۋا قىلالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يانچۇقىدىن مىڭ دوللارنى چىقىرىپ كېرىمگە بېرىدۇ. ھەمدە ئۇ «ياخشى» دەپ، دوللارنى سومكىسىغا سالمىغىچە ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سودىگەرگە ھېچقانداق دەۋا بولمايدۇ. مانا بۇ سودا پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
خوش، بۇنداق پۇل ئالماشتۇرغۇىلارنىڭ ئۆزى نېمە پايدا كۆرىدۇ؟ ئۇلار «مىڭ دوللاردىن سەككىز – ئون يۈەن پايدا كۆرىمىز» دېيىشىدۇ. مېنىڭچە، ئۇنچىلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ كىرىمى يىلدىن – يىلغا ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر خەنزۇ سودىگەرلەر سودىگەرلەردىن دوللارنى قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى بويىچە ئېلىشقا رازى بولىدىغان بولدى. بۇرۇنلاردا دوللار ئېلىشتىن قورقۇشاتتى.

سودىگەرلەر

سودىگەرلەر تۈرلۈك – تۈمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنژېنېرلارمۇ، دوختۇرلارمۇ بار. سابىق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، ئىشچى – شوپۇر، ئاسپىرانت، مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ئۆسمۈر بالا، موسكۋادىكى چوڭ كارخانىلاردىن بىرىنىڭ باش دىرېكتور ئورۇنباسارى ھەم ئۇچرايدۇ. يەنە تېخى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتتەھەممۇ، 65 ياشلىق مومايمۇ، بىكارچى لۈكچەكمۇ تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى كەسىپلىرىنىڭ ئومۇمەن ئەھمىيىتى قالمىغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئاسان پۇل تېپىشقا ئۆگەنگەن ھەر خىل مۇتتەھەم كىشىلەر ۋە ئاشخانا مۇدىرلىرى ھازىرقى سودىدا تېزلا خانىۋەيران بولدى. زىيالىيلار بولسا غەلىتە يوسۇندا خېلىلا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
سودىگەرلىكنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. بۇ دەۋر گورباچېفنىڭ «قايتا قۇرۇش» ۋە گايدارنىڭ ئىسلاھاتلىرى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدا سودىگەرچىلىكنىڭ كەشپىياتچىلىرى ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىشتى. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن باش دىرېكتور ئورۇنباسارى ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، كىمدىندۇر ئالغان 600 – 700 دوللار قەرزى ھېسابىغا بىر مىليون رۇبلى ساپ پايدا كۆرگەنىدى. ئورنى كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ كارخانىدىكى ئايلىق مائاشى 650 رۇبلى ئىدى. ئۇ مۇنداق ھېسابلاپ كۆردى – دە، ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق ئەمىلىدىن، شەخسەن ئۆزىگە تەيىنلەنگەن ماشىنىدىن، ھەر خىل ياردەمچىلەر ۋە كاتىپلاردىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇ سودىدا جەۋلان قىلىۋاتىدۇ.
شۇ چاغلاردا يىلىغا سەككىز – ئون قېتىم بېرىپ كېلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇنداق سودا بىلەن بۇرۇن بارماق ساناپ ئاينىڭ توشۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان كىشىلەر يېرىم يىل ئىچىدىلا ھاللىنىپ قالدى ۋە ئۆي – جاي، ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشتى. بۇنىڭدىن ئايرىم كىشىلەر گاڭگىراپ قېلىشتى. ئۇلار بىر ئاماللاپ مىڭ دوللار تېپىپ، ئۆزلىرىنى سودىغا ئاتتى. ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئايلىق مائاش ئورنىغا 150 – 200 مىليون تېپىش ئىمكانىيىتى ئۆزىگە تارتتى.
تەبىئىيكى، بۇ ھال ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى. دوللارنىڭ باھاسى كەسكىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، رىقابەت كۈچەيدى. ئاسانلا پۇل تېپىش يولىدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. 1994 – يىلىغا كەلگەندە سودىگەرلەر يىلىغا ئاران ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەلەيدىغان بولدى. ئەمدى سودىگەرلەرنىڭ چىقىملىرىنى قاپلاپ، 30 – 40 پىرسەنت ساپ پايدا ئېلىشى ناھايىتى ياخشى پايدا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى. كېيىنكى بىر – ئىككى يىل ئىچىدە ئېلىنىدىغان پايدا لەسسىدە چۈشۈپ، زىيان تارتماستىن 10 – 15 پىرسەنت پايدا كۆرۈشمۇ ناھايىتى چوڭ گەپ بولۇپ قالدى.
توغرا، مەسىلىنىڭ ئىككىنچى بىر تەرىپىمۇ بار. بۇ سودىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا سەپەر ئۈچۈن 700 – 1000 دوللار سەرپ بولاتتى. بىرەرسىدە 1500 – 2000 دوللار بولسا كۆپ ھېسابلىناتتى. ھازىرقى كۈندە ئون مىڭ دوللاردىن ئاز پۇل بىلەن بارساڭ پايدا كۆرمەيسەن. يول ھەققى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى…

جەريان

سودىگەرلەر ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكىدۇر. ئالمۇتادىن ئۇچقان ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن يېتىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، قورغاس تامۇژنىسى شەنبە كۈنى چۈشكىچە ئىشلەيدۇ، يەكشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ. دېمەك، سودىگەرلەر ئۈچۈن مال سېتىۋېلىش، «كومىسسىيە»دىن ئۆتۈش، مالنى قاچىلاش ۋە 800 كىلومېتىر كېلىدىغان قورغاسقا يېتىپ بېرىشقا پەقەت بىر ھەپتىلا ۋاقىت قالىدۇ.
شۇڭلاشقا سودىگەرلەر مېھمانخانىغا جايلىشىپ، ئامبارنىڭ ئاچقۇچىنى ئالىدۇ – دە، مال ئىزدەشكە ئالدىرايدۇ. مالنى تېپىپ، ئۇنى ياراتقاندىن كېيىن باھاسىدا كېلىشىپ سېتىۋېلىپ، ساتقۇچىنى بۇ مالنى ئامبارغا ئاپىرىپ بېرىشكە كۆندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنئالا 100 يۈەن كاپالەت پۇلى بېرىش لازىم. شۇ چاغدىلا ساتقۇچى مالنى ئامبارغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. لېكىن سېتىۋالغان مالنى ئامبارغا ئاپىرىپ بېرىشكە خەنزۇلار ھەمىشە ماقۇل بولىۋەرمەيدۇ.
… ئۈچ قەۋەتلىك ئۇزۇن ئاق بىنادا قونچاق ساتقۇچى مىتيەنىڭ دۇكىنىغا يانمۇيان بىر يېڭى شىركەت قۇرۇلۇپتۇ. كىرسەم مەن ئىزدىگەن مالنىڭ دەل ئۆزى ئاياغ كىيىملەر ئىكەن. 35 -، 39 – ئۆلچەمدىكى ئاياغ كىيىملىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەم ئىكەن. «چەم» دېگىنىمىز چەم پۇرۇشلىرى مەخسۇس ئۈسكۈنىدە ئۇششاقدىلىپ، كېيىن ئۇنىڭغا يېپىشقاق ماددا ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا بىرىكتۈرۈلۈپ تەييارلانغان سۈنئىي چەمدۇر. ئۇ گەرچە سۈنئىي بولسىمۇ، ھەقىقىي چەمنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ماتېرىيالدىن خېلىلا پىششىق كېلىدۇ.
قانچە پۇل؟
سىز قايسى مېھمانخانىغا چۈشتىڭىز؟ دەپ سورايدۇ تەرجىمان قىز.
«سىتى»گە، ھە نېمە بولدى؟
نەچچىنچى خانا؟
307 گە، ئاياغ قانچە دەپ سوراۋاتىمەن؟
يالغان! بۇنداق خانا يوق! دەيدۇ كۆزىنى پارقىرىتىپ.
«ساراڭمۇ نېمە ئۇ، ھېچ بۇندىقى يوقتىغۇ. تېزلا كېتەي» دېدىمۇ، لېكىن ئاياغ ئاجايىپ چىرايلىق ئىكەن. مەن يانچۇقۇمدىن ئۆزۈم چۈشكەن مېھمانخانا ياتىقىنىڭ ئاچقۇچىنى چىقاردىم. ئۇنىڭغا «سىتى» 307 دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى ئۇلارغا كۆرسەتتىم. تەرجىمان قىز ۋە باشقا خەنزۇلار خۇددى ساختا دوللارغا قارىغاندەك قادىلىپ قېلىشتى. ئۇلار خەنزۇ تىلىدا بىرنېمىلەرنى دەپ مۇھاكىمە قىلىشتى.
بولدىمۇ ئەمدى، دېدىم ئۇلارغا، ئاياغ نەچچە پۇل؟
36 يۈەن.
ئەگەر مىڭ جۈپ ئالسام قانچىدىن بېرىسەن؟
مىڭ جۈپ يوق، 600 جۈپ بار.
نەچچىدىن بېرىسەن؟
35 يۈەندىن، نەخ يېرى شۇ.
ئۇنداق دېسەم بۇنداق دەيدۇ، بۇنداق دېسەم ۇنداق دەيدۇ، زادىلا باھاسىنى چۈشۈرۈپ بەرمىدى. ئەگەر مېلىنى ئالساممۇ ئامبىرىمغا ئاپىرىپ بەرگۈسى يوق. نېمىدېگەن جاھىل بىرنېمىلەر، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەنلەر ئوخشايدۇ. بوپتۇ، پۇلنى ئۇلارنىڭ ئامبىرىدا تۆلەي دېدىم. بۇنداق ياخشى ئاياغلارنى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئامبار بولسا مۇشۇ بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ئىدى.
ھامماللار سېنىڭدىن، ماشىنىمۇ سېنىڭدىن بولىدۇ، دېدىم ئۇلارغا.
ئۇلار ئۆزئارا پىچىرلىشىپ، ئاخىر ماقۇل بولۇشتى. ئامبارغا چۈشتۇق. ھامماللارمۇ ئۆزلىرىدىن ئىدى. ئۇلار 20 ساندۇق مالنى ئەكېلىپ، ماشىنىغا قاچىلىماقچى بولدى.
توختا، ئالدى بىلەن بىر كۆرۈپ باقاي، قائىدە شۇنداق، دېدىم ئۇلارغا. شۇنداق قىلىپ ئالتە ساندۇقنى تەكشۈرۈپ چىقتىم. ھەممىسى ياخشى ماللاردىن ئىكەن. خەنزۇلار ماللارنى ماشىنىغا قاچىلاپ، ئارقان بىلەن باغلىدى. مەن پۇلنى تۆلىدىم.
مەن ئۆز ئامبىرىمغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قالغان 14 ساندۇقنىمۇ تەكشۈردۈم. قارىسام ئاخىرقى 14 – ساندۇقتىكى مال ساختا چىقتى. ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي باشقا خىلدىكى ئاياغلار قاچىلانغانىكەن. چەم ئورنىغا باشقا ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەنىكەن. كۆرۈنۈشى يامان ئەمەس، لېكىن باھاسى ئوتتۇز بەش يۈەنلىكتىن بولماستىن، ئون توققۇز يۈەنلىكتىن ئىدى. بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بولسۇن، ياندۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بىر ساندۇق ساختا مالنى ئېلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ھېلىقى دۇكانغا باردىم. مەن «شىركەت بىر ساندۇق مالنى دەپ مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەس» دەپ ئويلىغانىدىم. ئەسلىدە ھامماللار مالنى خاتا ئېلىپ چىقىشقانىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا ماللىرىمنى ئوبدان ئوراپ باغلاپ تەييار قىلدىم. ئۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ. چۈنكى يول ھەققى مالنىڭ ھەجمىگە قاراپ ئېلىنىدۇ. ماللىرىمنىڭ ئالمىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاپلىرىمنىڭ ئۈستىگە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.
ئەمدى نۆۋەت كومىسسىيىدە.

كومىسسىيە

سودىگەرچىلىك باشلانغان دەسلەپكى چاغلاردا ھېچقانداق كومىسسىيە دېگەن نەرسە يوق ئىدى. بىر قېتىم جۇڭگونىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى روسىيىگە بېرىپ، بىر تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدا «جۇڭگو مېلى بولمىغان ماگىزىن» دېگەن يېزىقنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ بۇنىڭ نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى سوراپتۇ ۋە روسىيىدە جۇڭگو ماللىرىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. بۇ ئەمەلدار جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپتۇ. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە جۇڭگودىن چىقىدىغان ماللارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان «كومىسسىسىيە»لەر پەيدا بولدى. بۇ كومىسسىيىنىڭ ۋەزىپىسى ساختا ماللارنى ئۆتكۈزمەسلىك ۋە فابرىكا ماللىرىغا غەربنىڭ «ئادىداس»، «پۇما» دېگەن تامغىلىرىنىڭ چاپلانماسلىقىنى نازارەت قىلىش بولۇپ، ھەرقانداق مالدا «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» دېگەن يېزىق بولۇشى كېرەك، «ئىتالىيىدە ئىشلەنگەن» ياكى «گېرمانىيىدە ياسالغان» دېگەن يېزىقلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇشۇ تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ماللارنىڭ جۇڭگودىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، سودىگەرلەر بۇ تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداشقا قادىر ئەمەس. بىراق ئۇلار بىرقىسىم سۈپەتلىك ماللارنىمۇ سېتىۋالىدۇ. كومىسسىيىگە ئەنە شۇ سۈپەتلىك ماللار كۆرسىتىلىدۇ. سۈپەتسىز ماللار ساندۇق – قاپلارنىڭ تېگىگە يوشۇرۇلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئامبارغا بىر ئەر ياكى ئايال كىرىپ كېلىدۇ – دە، ماللارنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆزدىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە مالنى ئامباردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ھۆججەتكە قول قويىدۇ. كومىسسىيىلەرنىڭ رەسمىي خىزمەتلىرىمۇ پۇللۇق بولۇپ، كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئون باراۋەر ئاشتى ۋە بۈگۈنكى كۈندە 200 دوللارغا چىقتى.
لېكىن، يېقىندا بۇ كومىسسىيىنىڭ ئىشىمۇ سۇغا چىلاشتى. ھېلىقى ئەمەلدار ياكى باشقا بىر چوڭ ئەمەلدار كومىسسىيىنىڭ ئىشىدىن پايدا يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى توختاتتى. چۈنكى بۇنداق كومىسسىيىلەرنىڭ ھەر خىل چىرىكلىكلەرنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. جۇڭگودا چىرىكلىك ئىشىغا يۈز – خاتىرە قىلىنمايدۇ. ئەڭ چوڭ ئەمەلدارلارنىمۇ ئېتىپ تاشلايدۇ. كومىسسىيىلەر بىلەنمۇ شۇنداق. قارىساڭ بۈگۈن بارى، ئەتىسى يوق. «كومىسسىيە» ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يۈك (مال) ماشىنىغا قاچىلىنىدۇ. تاكى 1995 – يىلىغىچە بۇنداق ماشىنىلار قازاقىستاننىڭ بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغىچە قاتنايتتى. كېيىن جۇڭگو دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ترانسىپورتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلىپ، قازاقىستان ماشىنىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنى مەنئىي قىلدى! بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغىچە جۇڭگو ماشىنىلىرى ياللىنىدۇ. ئۇ يەردە مال قازاقىستان ماشىنىسىغا يۆتكىلىپ، موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
جۇڭگو ماشىنىلىرىغا مال قاچىلاشنى ھامماللار ماھىرلىق بىلەن بېجىرىشىدۇ. ئۇلار ماللارنى ماشىنىغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىنى قار – يامغۇر ئۆتمەيدىغان بىنت (سۈنئىي تالالىق رەخت) بىلەن چىڭ ئوراپ باغلايدۇ. بۇ ئىش سودىلىشىش يولى بىلەن 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگە توختايدۇ.

يول

سودىگەرلەرنىڭ تەقدىرى تۈرلۈكچە بولىدۇ. بەزى چاغلاردا بىر ئۆمەك ئىككى قەۋەتلىك مەخسۇس ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مال قاچىلانغان چوڭ قارا ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن سوڭغۇشۇپ قورغاسقا قاراپ يولغا چىقىشى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چېگرىدىن ئۆتۈپ، مال چۈشۈرۈلىدىغان جايغىچە بېرىشى مۇمكىن. لېكىن كېيىنكى چاغلاردا ئۆمەك تەركىبىدىكى ئاياللار ھەمدە ئىشقا ئالدىرايدىغان بەزى سودىگەرلەر ياكى يول ئازابىنى تارتىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغا ياكى ئۇدۇللا موسكۋاغا ئۇچىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق ھاللاردا ئۇلاردىن مېلىغا قاراپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 50 – 60 دوللار ھەق ئېلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا قاتناشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب. قارىغاندا، شوپۇرلار ماشىنىنىڭ گاز پىدالىنى ئىشلىتىپ، تورمۇز پىدالىنى ئىشلەتمەيدىغانغا ئوخشايدۇ. ئاپتوبۇس گەۋدىسىنى تاراقشىتقانچە جۇڭغارىيىنىڭ ئۆتتەك ئىسسىق دالاسىدا چېپىۋاتىدۇ. دېرىزىدىن ئىسسىق ھاۋا ئۇرۇلىدۇ. ئاپتوبۇس ھەر قېتىم سىلكىنگىنىدە كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن قاڭقىپ كېتىدۇ. ئون سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن ئاپتوبۇس شىخو شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. شوپۇر «ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى، ئۈچ – تۆت سائەت ئۇخلىۋېلىڭلار» دەيدۇ.
ئاپتوبۇس كەچقۇرۇنلۇقى يەنە يولغا چىقىدۇ. شىخودىن تەڭرىتاغلىرىغا قاراپ يول ئالىدۇ، تاڭ ئاتار چاغدا داۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغىچە يېتىپ كېلىدۇ. مانا ئەمدى كۆز ئالدىڭدا گۈزەل سايرام كۆلى جىلۋىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نېرىسىغا يول پەسكە قاراپ ماڭسىمۇ، بۇرۇلۇشلىرى خەتەرلىك. ئاخىرىدا تاغلار تۈگەيدۇ. يەنە بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاپتوبۇس جۇڭگو – قازاقىستان چېگرىسىدىكى قورغاس شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.
لېكىن بۇ قېتىم ئاپتوبۇس قورغاسقا جۈمە كۈنى قۇياش پاتماستىن بۇرۇن يېتىپ كەلدى. بىز ئاپتوبۇستىن «ۋاي – ۋاي»لىغانچە چۈشۈپ، بېقىنىمىزنى تۇتقانچە پۇتلىرىمىزنى سۆرەپ باجخانا يېنىدىكى مېھمانخانىغا كىردۇق. بۇ مېھمانخانا خېلىلا تۈزۈك بولۇپ، مۇنچىمۇ بار ئىكەن. لېكىن ئىسسىق سۈيى يوق، سوغۇق سۇ بولسىمۇ مەن جان دەپ يۇيۇنۇۋالدىم. راھەت دەڭا! گويا مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ھاردۇقلىرىم چىقىپ، بۇ يورۇق دۇنيادا ياشاش ئىستىكىم يەنىمۇ كۈچەيدى. كىيىنىپ كوچىغا چىقتىم. قارىسىڭىز، كەڭ كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئاشخانىلاردا كاۋاپلار پىژىلدايدۇ. يوغان قازانلارغا پولۇ دۈملەنگەن. يەنە قانداقتۇر تاماقلارنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى ئىشتىھايىڭىزنى غىدىقلايدۇ. كىشىلەر قەيەرلەردىندۇر ئورۇندۇق – ئۈستەللەرنى ئېلىپ چىقىپ غىزا يېيىشكە ئالدىرىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار پولۇ ۋە كاۋاپ يەپ، چاي ئىچىشمەكتە. خەنزۇلارمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ، لېكىن ئۇلار پىۋا ئىچىشمەكتە. بىر ياقتا ئۇيغۇر ناۋاسى، ئىككىنچى ياقتا خەنزۇ مۇزىكىسى، يەنە قەيەردىندۇر ياۋروپاچە ئاھاڭلار قۇلاققا ئاڭلىنىدۇ. ئەمدى كۆڭلىمىزنى تىنجىتىپ، خاتىرجەم ئۇخلىساق بولىدۇ.
بىراق، مېھمانخانىدا تىنچ ئۇخلىيالمىدۇق. كېچىسى ماللىرىمىز يېتىپ كەلدى، ئۇلارنى ساقلاش ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك قىلدۇق. ماشىنىلار چۈشكەن يەرگە چېگرا خادىملىرى بىزنى يېقىن يولاتمايدۇ. تەرتىپ شۇنداق. بىز يىراقتا پوستتا تۇرۇپ، يۈك ماشىنىمىزنى كۆزىتىمىز. ئىشقىلىپ تاڭنى تىنچ ئاتقۇزدۇق.
ئەتىسى سائەت توققۇزدا قۇياش قىزدۇرۇشقا باشلىغاندا باجخانا ئىشقا كىرىشىدۇ. باجخانا قەغەزلىرى رەسمىيلەشتۈرۈلىدۇ. ماشىنىلار باجخانا قاراۋۇلىدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئۆمىكىمىز ئەزالىرى چېگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، پاسپورتىمىزغا جۇڭگو چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدىكى تامغىنى باستۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن بىر كىچىك ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىمىز. بۇ ئاپتوبۇس بىزدىن بەلگىلىك مىقداردا كىرا ھەققى ئېلىپ بىزلەرنى قازاقىستان تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ يەردىمۇ پاسپورتلىرىمىز يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ يەردە ھېچبىر ئىش كۆرۈلمەي چېگرىدىن ئۆتىمىز. دېمەك، كەتتۇق دېگەن گەپ، ئالدىمىزدا كېتىۋاتقان يۈك ماشىنىسىنىڭ كەينىدىن سوڭغۇشۇپ. مانا ئالدىمىزدا قازاقىستان، ئۇنىڭدىن كېيىن روسىيە.

باجخانا

ئاپتوبۇس ئاستاغىنە قازاقىستان چېگرىسىغا يېقىنلاشتى. چېگرىدىكى قورغاس دەرياسى ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەخسۇس جاھازىلانغان بىنا ئالدىدا ئادەتتىكىدەك ھەربىي فورما كىيگەن رۇس يىگىتى ئاپتوبۇسنى توختىتىدۇ. ئۇ ھۆججەتلەرنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ھېچقانداق سوۋغا – سالامنى ئالمايدۇ ۋە قائىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ ئاپتوبۇسنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.
تەخمىنەن 300 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن ئاپتوبۇسنى يەنە توختىتىشىدۇ. بۇ دورەم ھەربىي قازاق يىگىت ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا، ئاپتوبۇس باجخانا بىناسى ئالدىدا توختايدۇ. سودىگەرلەر ئىچكىرىگە كىرىشىدۇ. پاسپورتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، باجخانا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ئىشلىنىدۇ. خادىملار سومكىلارنى ئومۇمەن تەكشۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاساسلىق ماللىرىمىزنىڭ ماشىنىدا ئىكەنلىكىنى، پۇل شۇنىڭغا قاراپ ئېلىنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بەزىدە ئاچكۆز چېگرىچىلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇنداقلار بىر – ئىككى تەڭگە ئۈندۈرۈۋېلىش نىيىتىدە سومكىلارنىڭ ئەستەر – پەستەرلىرىگىچە ئاختۇرىدۇ. بۈگۈن تەڭرىگە شۈكرى، ئۇنداقلار ئۇچرىمىدى.
باجخانا ئالدىدا ئونچە ئاپتوبۇس تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار سودىگەرلەرنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، قورغاستىن ئالمۇتاغىچە ئادەم توشۇيدۇ. بۈگۈن بىز ئۇ ماشىنىلارغا ئولتۇرماي، جۇڭگو تەرەپنىڭ «كاماز»لىرىغا ئولتۇرۇپ ئالمۇتىغا يۈرۈپ كەتتۇق.
باجخانا ئىشىكى ئالدىدا بىر توپ ئادەم كۈلۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يېڭى قائىدە يولغا قويۇلۇپتۇ. بۇ يەردە قائىدە – تەرتىپ ھەر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى چاغلاردا باجخانىچىلارنى بىراقلا قاماققا تاشلىشىدۇ (يۇقىرىغا پۇلنى ئاز تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن)، ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئالمۇتىدىكى باشلىقلارنى ئىشتىن ھەيدەيدۇ ۋە ياكى قاماققا ئالىدۇ (ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ چۆنتىكىگە كەمرەك سۆڭگۈتكەنلىكى ئۈچۈن). شۇنىڭغا بېقىپ قائىدە – تەرتىپمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دېگەن گەپ.
راستىنى ئېيتقاندا، بۇ يەردە ھېچقانداق ھەقىقىي باجخانا يوق. كىم نېمە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، قورال – ياراقمۇ، زەھەرلىك چېكىملىكمۇ ياكى جۇڭگونىڭ ئاياغ كىيىملىرىمۇ، بۇ ھېچكىمنى قىزىقتۇرمايدۇ، پەقەت باجخانا تىزىملىكىگە نېمە يېزىلغانلىقىغا قاراپ قويۇشىدۇ، شۇ. لېكىن ئېلىپ كەلگەن مالنىڭ ھەجمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۆپ ھەق ئالىدۇ.
ئەمدى جۇڭگوغا بارمايۋاتىمەن. جۇڭگوغا بىر نەچچە يىل بېرىش – كېلىش جەريانىدا كۆپلىگەن كەچۈرمىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. سەپەر جەريانىدا چوڭ – كىچىك ئوغرىلارغا، ساختىپەز – ئالدامچىلارغا، يول توسارلارغا يولۇقتۇم. ئىشقىلىپ، يۈك كۆتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىنىڭ ۋە خۇشاللىق قۇۋانچقا چۆمگەن دەملىرىنىڭ ھەممىسىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن ھازىر ئۆزۈم كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان شېئىرىي ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتىمەن. كۆرگەن – تارتقان قىيىنچىلىقلىرىمغىمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. سەرگۈزەشت بولسا خۇددى ئېسىل گۇلاب سۈيى (ئەتىرگۈل شەربىتى) دەك كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرۈپ، يۈرەككە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ.

(ئۆزبېكچە «جاھان ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002 – يىل فىۋرال سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى).