ئۇيغۇرلاردىكى بەرىكەت چۈشەنچىسى

ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئۇيغۇر خەلقى مەنىۋىي دۇنياسى تولىمۇ كەڭ، شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە نىسبەتەنمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە ۋە شەيئىلەرنىڭ مەۋھۇم، ئابستراكىت تەرەپلىرىنىمۇ مۇناسىپ رەۋىشتە ئۇقۇملاشتۇرالايدىغان مەرىپەتلىك خەلقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇنىڭ بىر روشەن دەلىلىدۇر.

« بەرىكەت – جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، ئۆزلۈكسىز كۆپىيىدىغان ئۈنۈم. موللۇق، كەڭ كۇشادىلىق، باياشاتلىق. پايدا، مەھسۇلات، مىۋە، نەپ، نەتىجە »① دېگەن مەنىلەرگە ئىگە سۆز بولۇپ، دىنىي نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، « بىرەر ئىشقا خۇدادىن راۋاج، بەرىكەت تىلەش، پاتىھە بېرىش مەزمۇنىغا ئىگە چۈشەنچە. خەلق تىلىدا ئەمگىكىنىڭ بەرىكەتلىك، دارامىتىنىڭ مول بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىش مەنىسىگە ئىگە. »② بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچە ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا شەكىللەنگەن بولۇپ، « قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما ۋەسىقىلەردە تىلغا ئېلىنغان ” قۇت ” سۆزى < مۇقەددەس، بەخىت، دۆلەت، ئۇلۇغلۇق، بەرىكەت، تەلەي … > مەنىلىرىنى بىلدۈرگەن. » ③ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا : « ئۇما – ئۆيگە كەلگەن مېھمان. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئۇما كەلسە قۇت كالىر – مېھمان كەلسە، قۇت كېلەر. مېھمان بىلەن تەڭلا بەرىكەت كېلىدۇ. مېھمان ياخشلىقنىڭ ئالامىتى، ئۇنى ئېغىر ئالغۇلۇق ئەمەس. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:

كەلسە قالى يارلىغ بولۇپ يۇنچىغ ئۇما
قالدۇر ئاڭئۇق بولمىش ئاشىغ تۇتما ئۇما
( ساڭا ) يوقسۇل بىر مېھمان ھاجىتى چۈشۈپ كېلىپ قالسا،
تەييار بولغان ئاشنى (ئالدىغا) كەلتۈر، ئۇنى كۈتتۈرمە.

ھالى پەرىشان، كۆڭلى يېرىم بىر مۇساپىر كەلگىنىدە، تەييار بولغان تامغىڭنى دەرھال ئالدىغا قوي، كېچىكتۈرمە. »④ دەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا « ئۇما كەلسە قۇت كەلىر. » ( مەنىسى: مېھمان كەلسە بەرىكەت كېلۇر.) دېگەن ماقال كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق « مېھماننى بەرىكەت ئېلىپ كەلگۈچى » دەپ قارىغانلىقى ۋە مىھمانلىرىغا ناھايىتى ساخاۋەتلىك، كەڭ قۇرساق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، « مېھماندوست مىللەت » دېگەن مۇبارەك نامغا مۇشەررەپ بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار مىھماننى ئۆز ئۆيىگە قۇت- بەرىكەت ئېلپ كەلگۈچى سۈپىتىدە قارايدۇ، ھەتتا « ياخشى مېھمان ئاشقا كېلۇر » دەپ ئۆزنىڭ رىزقنىمۇ مىھمانلىرىدىن ئايىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كلاسسىك ئەدىبلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە « قۇت، بەرىكەت » چۈشەنچىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى ئۆزىنىڭ « مەسنىۋىي خاراباتى » ناملىق ئەسىرىدە:

« قايسى ئەلدە گەپ تولادۇر بەركە ئاز،
قايسى ئەلدە ئىش تولادۇر بەركە ساز. »

دەپ يازىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بەزى پەرھىزلىك يامان ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھوسۇلى ۋە نىئمىتىنىڭ بەرىكىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلگەن بولۇپ، ئومۇمەن ۋاقىت، دارامەت، تۇز- تائام … دېگەندەك ئىنسان ئۈچۈن نىئمەت، غەنىيمەت ھېسابلىنىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ بەرىكىتى بولىدىغانلىقىغا ۋە بەزى ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە بەزى ئىش – ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن بۇ نەرسىلەرنىڭ بەرىكىتىنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن .

ئۇيغۇرلاردا ئاتا ـ ئانىلارنىڭ دۇئاسى كىشىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا « خۇدايىم پۇل ـ مېلىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى بەرسۇن! » دەپ دۇئا قىلىپ، ئۆز بالىلىرىنىڭ ئالدى ئوچۇق، تاپقان – تەرگىنىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا سەپەرگە چىقماقچى بولغانلار ياكى يېڭى ئىش – ئوقەت باشلىماقچى بولغانلار ئاۋۋال ئاتا – ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيىدە تاماق پىشقاندا ئاتا- ئانىسى ئاۋۋال تائامغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بەرسە تۇز – تائامنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە تاماق يىيىلىپ بولغاندا ئۇلارنىڭ دۇئا قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. بۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي ئەخلاقى ۋە بەرىكەت چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىدۇ. چۈنكى، ئاتا – ئانىسىنى نارازى قىلغان، قاقشاتقان ۋە قارغىشىغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ ئىشى ئالغا باسمايدۇ، رىزقىدا ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە بەرىكەت بولمايدۇ، ئۆمرى خارۇ زارلىقتا ئۆتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئۇيغۇر سودىگەرلەر سودا – تىجارەت ئىشلىرىدا سودا پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇ سودىسىدىن رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بىر – بىرىگە ياخشى نىيەتلەر بىلەن « خۇدايىم بەرىكىتىنى بەرسۇن ! » دەپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ خوشلىشىدۇ. ھۈنەرۋەن – كاسىپلار ئۆزىنىڭ پايدا – مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ ھۈنەرگە ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ، ساختىپەزلىك قىلسا، بارا – بارا ئىش – ئوقىتىدىن قۇت – بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، سودىسىنىڭ ئاقماي، ماللىرىنىڭ سېتىلماي قالىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەچكە ھۈنەرنى راستچىللىق بىلەن جالىق قىلماي ئىشلەشكە كۆنۈككەن بولۇپ، ئۇلار بەزى يامان قېلىق ۋە ئادەتلەردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە بەزىبىر ئەخلاق نۇرمىلىرىغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەنگەن. « ھۈنەرۋەن – كاسىپلار مۇئەييەن دىنىي قاراش ياكى خۇراپىي قاراش سەۋەەبىدىن، ئۆزلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان قۇرال – سايمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىدە بەلگىلىك پەرھىز- چەكلىمىلەرنى ۋە ئەخلاق تەلەپلىرىنى قويۇپ، بۇنداق پەرھىز ۋە ئەخلاق تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىشنى ھۈنەر – كەسىپنىڭ روناق تېپىشى، ھۇسۇل ياكى مەھسۇلاتىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە تۇنىغان. » ⑤ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن – كاسىپلارنىڭ قۇت ۋە بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قۇرال – سايمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى ئەخلاقى؛ ئۇستاز بىلەن شاگىرت مۇناسىۋىتىدىكى ئەخلاقى؛ ئىش ئورنى ۋە ھۈنەر – كەسىپكە بولغان مۇئامىلىسىدىكى ئەخلاقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان ئەخلاقىي تەلەپلىرىدە روشەن ئەكس ئېتىدۇ.

دېھقانلار مول – ھۇسۇلنى يېغىدىغان پەيتلەردە بىر يىللىق يېغىم – تېرىمىنىڭ تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، « يېغىم ۋاقتىدا، خامان بېشىدا بەرىكەت تىلەپ يەنە بىر قېتىم قان قىلىپ دۇئا – تەكبىر ئوقۇلىدۇ.»⑥ ئۇيغۇرلاردا بەزى ناچار ئىش ـ ھەرىكەت ۋە يامان قېلىقلار نەرسىلەرنىڭ بەرىكىتىنى قاچۇرىدۇ، دېگەن ئىشەنچ بولغاچقا، بەزى ھەرىكەت، گەپ- سۆز ۋە يامان قېلىقلاردىن پەرھىز قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. . مەسىلەن، خەلق ئىشەنچىلىرىدە « دۇكاننىڭ پۇكىيىدە بىرەرسى ئولتۇرسا سودىنىڭ بەركىتىنى قاچۇرۋېتىدۇ»، دەپ پۇكەيدە ئولتۇرۇپ سېلىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. « باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تىرناق ئالسا، قولدىكى بەرىكەت باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ، دەپ جورۇيدۇ.»⑦ شۇڭا، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تىرناق ئېلىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا يەنە ئاياللار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەزى ھالقىلىق پائالىيەتلىرىدە « مەسىلەن، ئۇرۇق چېچىش، خامان ئېلىش ۋە ئاشلىقنى ئۇسۇش قاتارلىقلارغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. ناۋادا ئاياللار ئۇرۇق چاچسا، خامان چەشلەپ ئاشلىق ئۇسسا بەرىكەت بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. » ⑧ يەنە ئاياللار ھەيىزدار مەزگىلدە ئاش – تاماق ئېتىش، تۇز چىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە ياردەملىشىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. چۈنكى، ئەگەر شۇنداق قىلسا، ئۇننىڭ ۋە ئاش – تۇزنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ قاراشلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردا « ناپاك » دەپ قارالغان كىشىلەر بىر ئىش قىلسا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك ئادەتلىرىگىمۇ بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى سىڭگەن بولۇپ، غىزالىنىش ئۇسۇللىرىدا تۇز – تائامنىڭ بەرىكىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى ئىرىملىك قاراش ۋە پەرھىزلىك ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ يىمەك – ئىچمەكنى ئىسراپ قلىشنى قاتتىق يامان كۆرىدۇ. شۇڭا، تاماق يىگەندە نان ياكى باشقا ئۇزۇق – تۈلۈكلەرنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن داستىخان سېلىپ تاماق يەيدۇ. « داستىخان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە قۇت – بەرىكەت سورۇنى بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىدە كەم دېگەندە بىر – ئىككى داستىخان بولىدۇ. … داستىخان سالغاندا مەيلى ئادەم ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنى ھامان كەڭ يېيىپ سالىدۇ، قاتلىمايدۇ. چۈنكى، داستىخاننى كەڭ يېيىپ سالسا بەرىكەتمۇ كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. »⑨ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە داستىخان بەرىكەت ياغىدىغان مۇقەددەس نەرسە بولغاچقا ئۇنى ناھايىتى پاكىزە ساقلايدۇ. « ناۋادا داستىخان كىر بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئېقىن سۇدا يۇمايدۇ، مۇشۇنداق قىلسا بەرىكەت سۇ بىلەن ئېقپ كېتىدۇ، دەپ ئىرىمدايدۇ. » ⑩ ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا مېڭپ يۈرۈپ ياكى بۇسۇغىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن پەرھىز قىلىدىغان ئادەت بار بولۇپ، « تاماق ۋاقتىدا ئەشمىس پاتىمەم بۇسۇغىدا ئولتۇرۇپ، شۇ ئۆيگە قۇت – بەرىكەت تىلەيدىكەن. ناۋادا تاماق يىگۈچى بۇسۇغىدا ئولتۇرۇۋالسا، ئەشمىس پاتىمەم بۇسۇغىدا ئولتۇرالمايدىكەن – دە، شۇ ئۆيگە بەرىكەت تىلىمەيدىكەن. » (11) ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا يەنە تاماق ئىتىپ بولغاندىن كېيىن « ئاشتاختا بىلەن نوغۇچنى ئايرىۋەتسە، بەرىكەت قاچىدۇ » (12)؛ « سۇپرىنى يۇيۇپ سالسا ئۆيدە بەرىكەت قالمايدۇ.» (13) ؛ « قازاننى ساپلىق بىلەن قىرسا، شۇ ئۆيدىن بەرىكەت كېتىدۇ. » (14) ؛ « بېشىغا نەرسە ئارتمىغان ئايال بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، ئۆيدە قۇت – بەرىكەت بولمايدۇ. » (15) … دېگەندەك قۇت – بەرىكەت چۈشەنچىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر خىل پەرھىزلەر بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ پەرھىزلەرگە ئەمەل قىلىشىغا ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ۋە نەرسە – كېرەكلىرىدىن بەرىكەتنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈمىدى تۈرتكە بولغان.

ئىسلام دىنىدىمۇ بەرىكەت چۈشەنچىسى ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ھەدىستە « تاماقنى بىرلىكتە يەڭلار، تاماققا بەرىكەت بېرىلىدۇ. » (16) « بەرىكەت تاماقنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشىدۇ، ئەتراپىدىن يەڭلار ئوتتۇرسىدىن يىمەڭلار. » (17) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە « كىم بىر ئىشنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن باشلىسا، ئۇ ئىش چۇقۇم ياخشى ۋە بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئاللاھقا شۈكۈر قىلماي تۇرۇپ باشلىغان ئىش بەرىكەتسىز ۋە چالا ئىش بولىدۇ. » دېگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئاددىيسى تاماق يېيىش، سۇ ئىچىشتىن تارتىپ چوڭ ئىشلارغىچە ھەممىنى « بىسمىللاھ … » دەپ باشلاشقا ئادەتلەنگەن. « بەرىكەت » چۈشەنچىسى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدا شۇنچىلىك يىلىز تارتقانكى، ھەتتا ماقال ـ تەمسىللەردىمۇ بەرىكەت ھەققىدىكى چۈشەنچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسىلەن، بېرىلىپ ھۈنەر قىلغان كىشى تىگىشلىك ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىدۇ، ئاقنانچىدىن ھەممە ئادەم بىزار بولىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، « ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت » دېگەن ماقال كەڭ ئىشلىتىلدۇ. يەنە مەلۇم ھۈنەر ـ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان كىشى ئاز تولا زىيان تارتسىمۇ، شۇنىڭغا يارىشا پايدا ـ تاپاۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، « ھەرىكىتى كېتىپ، بەرىكىتى قالار. » دېگەن ماقالمۇ بار ۋە يەنە « ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت ، ئالتۇن بىلەن بەرىكەت »، « ھالالدا بەرىكەت ، ھارامدىن نېرى كەت. » دېگەن ماقاللار خەلق ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. قىسقىسى، بەرىكەتكە ئائىت ماقال – تەمسىللەردە كىشىلەرنى بەرىكەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق، لايغەزەللىكنى تاشلاپ تىرىشچانلىق، تىجەشلىك بىلەن ياشاشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئۈندەلگەن.

ئۇيغۇرلاردا يەنە خەيرى – ساخاۋەت، سەدىقە – ئېھسانلار، باشقىلارغا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە ياردەم كىشىنىڭ يولىنى ئۇچۇق قىلىدۇ، رىزقى تېخىمۇ زىيادە بولۇپ بەرىكىتىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ، دەپ ئشەنچ قىلنىدۇ. قانائەتچان بولۇش ئىنساننى بەرىكەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاچكۆزلۈك، بىخىللىق ئادەمگە ھېچ نەرسىنىڭ بەرىكىتىنى ھېس قىلدۇرمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا « قانائەت __ تۈگىمەس خەزىنە » دېگەن ماقال كەڭ تارقالغان. ئەجدادلىرىمىزدىكى ھەم قانائەتچان ھەم تىرىشچان بولۇش ئەنئەنىسى ئۇلارنىڭ رىزقى ۋە ئىشلىرىغا بەرىكەت قوشۇپ كەلگەن. كىشىنىڭ ئىش – ئوقىتى ۋە نىئمىتىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى ئۇنىڭ نىيەت – ئىخلاسىغىمۇ باغلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، خەلق ئارسىدىكى « ھەممىدىن نىيەت ئەلا » دېگەن ئېتىقاد كىشىلەرنى ھەر قانداق ئىشتا ساپ دىل، پاك – دىيانەتلىك، باشقىلارغا يامانلىق ئويلىمايدىغان ۋە ھەر بىر ئىشنى ئەقىدە – ئىخلاس بىلەن قىلىدىغان بولغاندىلا، ئاندىن ئىش – ئوقەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ قۇت – بەرىكىتى بولىدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ كەلگەن.

___________________________

ئىزاھاتلار:

① ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئەسقەر ئابدۇقادىر، ئابدۇزاھىر تاھىرلار تۈزگەن: « ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 ـ يىل 5 ـ ئاي 1 ـ نەشرى، 64 ـ بەت.
② سادىق ھاپىز نەشرىگە تەييارلىغان:« قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994 ـ يىل 3 ـ ئاي 1 ـ نەشرى، 34 ـ بەت.
③، ⑦، ⑧، ⑨، ⑩، (11)، (12)، (13)، (14)، (15) ئەنۋەر سەمەد قورغان: « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007- يىل 12- ئاي 1- نەشرى، 14 -، 79-، 84-، 198-، 199- ، 204- ، 205 -، 212 -، 213 -، 230 – بەتلەر.
④مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىل 8- ئاي 1-نەشرى، 1-توم 124- ، 125- بەتلەر.
⑤ئەنۋەر سەمەد قورغان : « ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىل 3- ئاي 1- نەشرى، 240 – بەت.
⑥ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار: « ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى »، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996- يىل 8- ئاي 1- نەشرى، 4- بەت.
(16)، (17) « مۇسۇلمانلارنىڭ يولى »، 187 ـ بەت . ( ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ھەدىس )