ئالىم ئۇيغۇر سايرانى

ئالىم ئۇيغۇر سايرانى ، قاسىم خوجا

قاسىم خوجا

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى، تارىخشۇناس، ئالىم ئۇيغۇر سايرانى كېسەل سەۋەبىدىن 2007 – يىلى 27 – نويابىر ئۈرۈمچىدە بەختكە قارشى 90 يېشىدا ۋاپات بولغانىدى. بۇ مەشھۇر جامائەت ئەربابى، مۆھتەرەم ئالىمدىن ھەسرەت بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغىنىمىزغا ھازىر بىر يىل بولدى. ئۇيغۇر سايرانى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىگەن چېغىمىزدا، مەرھۇمنىڭ يارقىن ئوبرازىنى، بىزگە ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان شانلىق ئىش ئىزلىرىنى، مۈشكۈل ئىلمىي ئەمگەككە سىڭدۈرگەن سەمەرىلىك ئەجرىنى، مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەتتە روناق تېپىشى ئۈچۈن پۈتكۈل ئۆمرىنى بېغىشلىغان ئالىيجاناپ روھىنى ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز!

ئۇيغۇر سايرانى بىزدىن چىققان تۇنجى ئەۋلاد چەت ئەل تىلى تەرجىمانى، ئاخباراتچى، دىپلومات ۋە تارىخشۇناس ئالىمدۇر.

تۇنجى ئەۋلاد ئاخباراتچى

ئۇيغۇر سايرانى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ دەسلەپكى ئاخباراتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر – قازاق تىللىرىدىكى شىنجاڭ گېزىتىنى بەرپا قىلىشتا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر سايرانى 1941 – يىلىدىن 1950 – يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ئىشلەپ، رۇسچە تەرجىمان، مۇھەررىر بولغان ۋە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدا، شىنجاڭدا شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەينى يىللاردا شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتى ھازىرقىدىن ئاسمان – زېمىندەك پەرق قىلاتتى. سىياسىي جەھەتتە، شىنجاڭ گېزىتىدە ئىلغار قاراشتىكى ۋە ئىنقىلابىي ئىدىيىدىكى ماقالە – ماتېرىياللارنى بېسىش قاتتىق چەكلىنەتتى. ئۇيغۇر سايرانى ئۇيغۇر – قازاقچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم ئىدىيىسىدىكى ماتېرىياللارنى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىپ گېزىتتە باستۇرغان. جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى 8 – ئارمىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشلىرىنى شىنجاڭ گېزىتىدە تونۇشتۇرغان. نەتىجىدە 1943 – يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان.

ئىقتىسادىي جەھەتتە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا ئاجراتقان مالىيە خىراجىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، گېزىتلەرنى تۆۋەن ئۆلچەمدە چىقىرىپ تۇرۇشقا ئاران يېتەتتى. گېزىتنىڭ باسما تېخنىكىسىنى يېڭىلاش، قەغەز سۈپىتىنى ياخشىلاش، بەت ھەجىمىنى چوڭايتىش، دەۋرلىكىنى قىسقارتىش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا خىراجەت يېتىشمەيتتى.

شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسى شۇ دەۋردە ئىنتايىن قالاق بولۇپ، قوغۇشۇن مەتبەئەنىڭ ئىپتىدائىي تېخنىكىسى قوللىنىلاتتى، قول مەشغۇلاتى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى، ئىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولاتتى.
ئۇيغۇر سايرانى شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا بىر نەچچە قېتىم ئىشلەش داۋامىدا بار ئاماللاردىن پايدىلىنىپ ناچار شارائىتنى تەدرىجىي ياخشىلىغان.

ئۇيغۇر سايرانى 1947 – يىلىدىن 1949 – يىلى 12 – ئايغىچە ئىلى گېزىتخانىسىدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر – قازاق تىللىرىدا گېزىت چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلغان. بۇ گېزىتخانىدا ئىشلەش داۋامىدىمۇ ئۇيغۇر سايرانى گېزىتنىڭ مەزمۇن ساپاسىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشىلىغان.

ئېلى گېزىتىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى فاڭجېن – سىياسەتلىرىدىن باشقا، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىمۇ تەشۋىق قىلىناتتى.

يۇقىرىدىكىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر سايرانى شىنجاڭ ئۇيغۇر – قازاق تىللىرىدىكى ئاخباراتچىلىق، مەنبۇئاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن پېشۋالارنىڭ بىرىدۇر.

تۇنجى ئەۋلاد تارىخشۇناس

ئۇيغۇر سايرانى 1950 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتادىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كونسۇلى بولۇپ ئىشلىگەن، 1953 – يىلىدىن 1956 – يىلىغىچە قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1956 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە 1959 – يىلىغىچە مەخسۇس گۇرۇپپىغا باشچىلىق قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تارىخىنى ئۈچ يىل تەكشۈرگەن، ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر نۇرغۇن تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئىگىلەپ بىلىمىنى ئاشۇرغان ھەم بىر قىسىم ماتېرىياللارنى يازغان.

ئۇيغۇر سايرانى 1959 – يىلىدىن 1969 – يىلىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقاتى ئورنىدا ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئۆگىنىش، رەتلەش، توپلاش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرغان، ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بەزى ماقالىلەرنى يازغان. مەسىلەن: ‹‹ⅩⅢ ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى توغرىسىدا››، ‹‹ⅩⅢئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدا›› قاتارلىقلار. يەنە خەنزۇچە ۋە رۇسچىدىن بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر سايرانى سىياسىي جەھەتتىن ئاقلىنىپ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇ 1981 – يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى ۋە ئاكادېمىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇيغۇر سايرانى بۇ ئورۇندا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، تارىخ تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مەنبەلىك ماتېرىياللارنى، ئارخېئولوگىيىلىك دەلىل – ئاساسلارنى ۋە ئىچكى – تاشقى ھەم تارىخىي – ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرچە مەنبەلىك تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بەكمۇ كەمچىللىكىدىن چوڭقۇر ئېچىنغان ئۇيغۇر سايرانى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ۋە چەت ئەل تىللىرىدىكى ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا تايانغان. بولۇپمۇ چەت ئەللىك ئالىملار 18 –، 19 – ئەسىرلەردە چەت ئەل ‹‹ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى›› شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي قوليازمىلار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ئاساسىدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغان كىتابلار ئۇيغۇر سايرانىنىڭ دىققىتىنى بەك قوزغىغاچقا، ھەقىقىي تارىخشۇناس ئالىمغا خاس يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن بۇ كىتابلار ئىچىدىكى رۇسچە كىتابلارنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇيغۇر سايرانىنىڭ رۇسچە سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، 70 ياشلارغا كىرىپ قالغانئۇيغۇر سايرانىنىڭ كۆزىدىن ھەقىقىي ئالىملارغا خاس ئەقىل – پاراسەت، شىجائەت نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، ۋۇجۇدىدا كۈچلۈك غەيرەت – جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئۇيغۇر سايرانى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ مەشھۇر سوۋېت ئالىملىرىدىن ۋ. ۋ. بارتولدنىڭ ‹‹يەتتە سۇ تارىخىي ئۇچېركلىرى››، ‹‹تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدا 12 لېكسىيە›› ناملىق كىتابلىرىنى؛ د. ئى. تىخونوۋنىڭ ‹‹Ⅹ– ⅩⅣئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى›› ناملىق كىتابىنى؛ ۋ. م. ناسلوۋنىڭ ‹‹ئۇرغۇن، يېنسەي ۋىلايەتلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار تىلى›› ناملىق كىتابىنى ۋە باشقىلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يىرىك ئەسەرلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشقا كىرىشكەن. 20 نەچچە يىل ئىچىدە كۆپلىگەن ماتېرىيال ۋە ئالتە – يەتتە پارچە كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، كۆپ قىسمىنى نەشردىن چىقارغان. بۇ ئىشتا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىكىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى، ھەبىبۇللا خوجالەمجىنى، سابىت روزى قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق يىللار ھەمكارلاشقانلىقى ئۇيغۇر سايرانىغا چوڭ ياردەم ۋە مەدەت بولغان. شىنجاڭنىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە بۇنچىلىك كۆپ ۋە مۈشكۈل ئىلمىي ئىشنى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر سايرانى تارىخ كىتابلىرى تەرجىمىسىنى ياشانغان ۋە سالامەتلىكى ئاجىزلاشقان مەزگىلىدە ئىشلىگەن. ئىككىنچىدىن، رۇسچە سەۋىيىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، كەسپىيلىكى ئۈستۈن تارىخ كىتابلىرىنى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر سايرانىغا ئاسان چۈشمىگەن. ئۈچىنچىدىن، كىتاب تەرجىمىسىگە كىرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر سايرانى كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىمۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى يىلدىن – يىلغا ئاجىزلاپ، ناچارلىشىپ كەتكەن. سولچىل لۇشيەن كاساپىتىدىن زايە بولۇپ كەتكەن يىللاردىكى ۋاقىتنى تولدۇرۇۋېلىشقا ئالدىرىغان ئۇيغۇر سايرانى خەتلەرنى لوپا ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈپ تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لوپا ئەينەكنىڭ ياردىمىدە تالاي كىتابلارنى تەرجىمىدىن چىقارغان. ھەتتا لوپا ئەينەك ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ قولىدىن چۈشمىگەن.
ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىگە ۋە ئابرۇي، ئىناۋىتىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر سايرانى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 20 دەك ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ تەركىبىگە قاتناشتۇرۇلغان، بۇ ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە رولىنى جارى قىلدۇرغان.

ئېسىل پەزىلەتلىك زات

ئۇيغۇر سايرانى ئۆزى چوڭ باشلىق، ئالىم كىشى بولسىمۇ، لېكىن كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئاددىي – ساددا ئىدى. ئادەتتە كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، قىزغىن سالاملىشىپ، ئەدەپ – قائىدىنى بەجا كەلتۈرەتتى.

ئۇيغۇر سايرانى ئىدارىمىزدە ئادەتتىكى تەتقىقاتچى خادىملار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشاتتى، ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى سورايتتى، چاقچاقلىشاتتى، كۆرگەن – بىلگەن قىزىقارلىق ئىشلىرىنى سۆزلەپ باشقىلارنى كۈلدۈرەتتى. ئادەتتىكى تەتقىقاتچى خادىملار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم – يېتىم، نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلىرىگە كەلمەي قالمايتتى…

ئۇيغۇر سايرانى سەمىمىي، راستچىل، ئاق كۆڭۈل، شەخسىيەتسىز، ئومۇمىيەتچىل، مەرد كىشى ئىدى، تۇرمۇشتا ھەر قاچان ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ھەرقاچان تاماخورلۇق، ئاچكۆزلۈك ئىللەتلىرىدىن خالىي ياشايتتى، چىرىكلىككە ۋە باشقا بۇزۇقچىلىقلارغا قەتئىي قارشى تۇراتتى، غەيۋەتخورلار، ھەسەتخورلار، ئىچى قوتۇر، نىزاچى، پىتنىخورلار، يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ، تۆۋەننى باسىدىغان ئىككى يۈزلىمىلەر بىلەن ئەسلا سىغىشالمايتتى.

ئۇيغۇر سايرانى ھەر قاچان خۇشال – خۇرام، ئۈمىدۋار كەيپىياتتا ياشايتتى. ئۇنىڭ بۇنداق كەڭ قورساقلىقىنى كۆرگەنلەر ئۇنى ئۆمرىدە كۆپ رىيازەت چەككەن كىشىدەك ھېس قىلمايتتى. ئۇيغۇر سايرانى ھەرقانداق مۈشكۈلاتلارغا بويۇن ئەگمەيدىغان، جاسارەتلىك، قەيسەر كىشى ئىدى.

ئۇيغۇر سايرانى مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، ساغلام روھلۇق كىشى بولغانلىقتىن، تەن سالامەتلىكى ئۆمۈر بويى ناھايىتى ياخشى بولغان. غىزا – تائامدا خۇددىي ياشلاردەكلا ئىشتەيلىك ئىدى. پەن تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغان. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكېرىم مەخسۇتنىڭ:

مەن يىغلاپ تۇغۇلدۇم، كۈلۈپ ياشايمەن،
ھاياتنى قەدىرلەپ، سۆيۈپ ياشايمەن.
بىلىم ئىشتىياقى قەلبىمدە چەكسىز،
ئۆمۈرنى ئۇزاققا سوزۇپ ياشايمەن.

دېگەن رۇبائىسى بىزگە خۇددىي ئۇيغۇر سايرانى ئوبرازىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

بۇ يەردە يەنە بىر ئىشنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكى، ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ئائىلىسىمۇ مەدەنىيەتلىك، مەرىپەتلىك ئىناق ئائىلىدۇر. ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولۇپ، پەن تەتقىقات ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تەن سالامەتلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولغانلىقىنى ئۇنىڭ قەدىناس رەپىقىسى سۆيۈم خانىمنىڭ ئۇنىڭغا دائىم چوڭقۇر مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنۈپ، چەكسىز غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سۆيۈم خانىمنىڭ ئۆزىمۇ يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىي بولۇپ، ئۇيغۇر سايرانىنىڭ كەسپىي ئىشلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك ئائىلە دېسەك، قىلچە ئوشۇق كەتمەيدۇ.

ئۇيغۇر سايرانىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات، جۈملىدىن تارىخشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر شۇناسلىق تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بېغىشلىغانلىقىنى ياد ئەتكىنىمىزدە، بىز يەنە ئۇنىڭ دادىسى ھەيدەر سايرانىنىڭمۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈپ، نادانلىق، نامراتلىقنى تۈگىتىشكە بېغىشلىغان، ھەتتا بۇ ئىش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلغان ئۇلۇغۋار روھىنى ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز. ئاتا – بالا سايرانىلار بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ، ئىلىم – پەن ئىشلىرىغا قوشقان شانلىق تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!