ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى

ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۇزاق ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، تۈر ۋە تەركىبلىرى كۆپ خىل . مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ ، ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە . تەرەققىيات مۇساپىسى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە مىللى خاسلىق نۇقتىسىدىن ئۇنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرت تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن :

1 . ئىپتىدائىي ئېتىقاد بويىچە قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئىسىملار
ئۇيغۇرلار قوللانغان ئەڭ دەسلەپكى ئىسىملار ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ، ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرى ۋە تۆتېم ئادەتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان . “ئوغۇزنامە” ئېپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ ئالدىنقى خوتۇنىدىن بولغان ئۈچ ئوغلىغا ئاسمان ، تاغ ، دېڭىز دەپ ئىسىم قويۇلغانلىغى بايان قىلىنىدۇ . “ئورخون – يېنسەي يادىكارلىقلىرى” دا “كۆلتېگىن “(ئەقلى كۆلدە شاھزادە) ، “بېلگە قاغان” (بىلىملىك خان) ، “قۇتلۇق بىلگە قاغان” (بەختلىك دانىشمەن خان) دەيدىغان كىشى ئىسىملىرى بار . بۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان ساپ ئىسىملار بولۇپ ، قىممەتلىك نەمۇنە قىلىشقا ئەرزىيدۇ .

2 . ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
زامانىۋى ئاۋۋالدىن تارتىپ تا بۇ كەمگىچە تەبىئەت قوينىدا ياشاپ ، تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ ، تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان ، چوقۇنغان ، تۆتېم قىلغان ۋە بەھىر ئالغان ئاشۇ مۆجىزىكار شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئەۋلاتلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۇنى دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزگەن . مەسىلەن ، كۈن (كۈنخان ، كۈنتۇغدى) ، قۇياش ، ئاي ،(ئايگۈزەل ، ئايتولۇن ، ئاينىسا ، ئاينۇر ) ، چاقماق (چاقماقجان) . يۇلتۇز ، چولپان (چولپانجان) ، نۇر (نۇرخان ، نۇرگۇل ، نۇرنىسا) ، ئەختەر( ئەختەرنىسا) ، شەمسى(شەمشىنۇر ، شەمشىقەمەر) ، قەمەر ( قەمەرنىسا ، قەمەرخان) ، ساباھ (ساباھىدىن) ، ئقلىم (ئىقلىمپاشا ، ئىقلىمخان) .

3 . ئەمگەك سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر خەلقى مېھنەتخۇمار ، قاپا – مۇشەققەتكە چىداملىق ، كىشىلىك ھاياتقا ۋە تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە غەيرەت – شىجائىتى بىلەن تۈرلۈك ئاپەتلەر بىلان ئېلىشىپ ، گۈزەل مۇھىت ، ئەۋزەل شارائىت ياراتقان ۋە ئېسىل نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدا ئەمگەك سايمانلىرى نامى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن پالتا (پالتاخۇن) ، سۈپۈرگە (سۈپۈرگەباي) ، ، چورۇق (چورۇقئاخۇن) ، بوسۇغا (بوسۇغا باي) ، چىنە (چىنىخان) ، گۈرجەك، توقا ، سائەر ، خاتىرە ، سۇپۇرا ، قەلەم ، قۇتا ، سۈرەت ….. قاتارلىقلار .

4 . ھايۋانات ۋە قۇشلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىك داۋامىدا ، تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تەبىئەتنىڭ ئەۋزەل نېمەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ، ئۇلاردىن خوۋلۇق كۆرگەن ، ئۇلارنى قولغا ئۈگۈتۈپ ئۇلاردىن پايدىلانغان …. مەسىلەن ، يولۋاس ( يولۋاسخان) ، شىر (شىرخان ، شىرزات) ، ئارسلان ، شۇڭقار ، بۈركۈت ، بۇلبۇل ، قۇندۇز ، بېلىق ، تورغاي ، سەمەندەر ، پەرۋانە ، سۇمرۇغ ، سۆسەر ….. ئۆز تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇ شەيئىلەر بارا – بارا ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن .

5 . دەل – دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپىنچە بىپايان دەشتلەرگە تۇتاش ئۈزۈك – ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئۆتكەن . ئۇلار ئورمان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، تەبىئەتنى سۆيۈش ، ئورمان ئەھيا قىلىش ، دەل – دەرەخلەرنى ئاسراپ ، تەبىئى مۇھىتنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مىراس قالدۇرغان . مەسىلەن ، چىنار ، شەمشاد ، يۇلغۇن ، توغراق ، يانتاق ، زەيتۇن ، ياسىمەن ، سۇۋادان ، ئامۇت .

6 . مەدەن ۋە مېتاللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تاش قوراللار ۋە مېتال قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان . مېتال قوراللار بىلەن ئۆز يۇرتىنى ياۋلاردىن قوغدىغان ، كان ئېچىپ ، مېتال تاۋلاپ مەھسۇلاتلىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئايرىۋاشلىغان . ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قويۇپ قوللانغان . مەسىلەن ، تاش (تاشباي ، تاشگۈل) ، تۆمۈر ، پولات ، تاشپولات ، گۆھەر ، تاشتۆمۈر ، ئوران ، ئالتۇن ، كۈمۈش ……

7 . كۆكتات ۋە گۈل – گىياھ ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللىق ناچار تەبىئى شارائىت ئاستىدىكى جاپالىق شارائىت ئاستىدىكى تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىدە تەبىئەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ئىمكانقەدەر تولۇق پايدىلىنىپ ، ياشاش مۇھىتىنى تىرىشىپ ئۆزەەرتىش ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن ، كۈرەش قىلغان . مۆجىزە خاراكتېرلىق مەئىشەتلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ مۆجىزىلەر ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇلۇپ ،ئابىدىگە ئايلانغان . مەسىلەن ، سامساق ، تۇرۇپ ، پىياز ، مايسا ، رەيھان ، مۇدەن ، مېرزىگۈل ، غۇنچەم ، لەيلى ، نېلۇپەر ، چوغلۇق ، لالە ، چېمەن ، تاجىگۈل ، گۈلسۇرۇخ .

8 . مېۋە ۋە مېۋىلىك دەرەخ نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادا “مېۋە – چېۋە ماكانى ” دەپمۇ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كاتتا تۆھپىسىمۇ كىشى ئىسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . مەسىلەن ،ئانار (ئانارخان ، ئانارگۈل) ، ئالما (ئالمىخان) ، بادام (بادامگۈل) . جىنەستە ، چىلان ، ئامۇت ، نەشپۈت ، ئالبىرات ، يېمىش .

9 . دورا ماتىرىياللاىرى ۋە خۇشبۇي ماتىياللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ ھېلىھەم ئېلىمىزنىڭ تىببىي ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئەجدادلىرىمىز سېخىي تەبىئەتتىكى دورىلىق ماتېرىياللارنى بايقاپ ، تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى ئاغرىقلارنى ئازابتىن ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان تۇتىياغا ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، ئىپار ، ئەنبەر ، گۈلنەپشە ، زىرە (گۈلزىرە) ، سۇمبۇل ، بىدىيان .

10 . رەڭ – بوياقلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ھەر خىل رەڭلەردىن ئۆزگىچە ئستېتېك زوق ئېلىپلا قالماستىن ، رەڭلەردىكى كىشىگە بېرىدىغان ئوخشىمىغان تۇيغۇ – تەسىرلەر بىلەن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش – ئادەتلىرىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، ئاقخان ، ئاپئاق ( ئاپيول ، ئاپپاققىز ، ئاقئاخۇن ، ئاقپاشا ، ئاقنىياز ) ، سېرىق (سېرىقبەگ ، سېرىقئاخۇن ) ، قاراخان ، قارائايىم ، كۆكنۇر باي ، بىنەپشىخان ، فرۇزە .

11 . ۋاقىت ۋە پەسىل ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئەمگەك سۆيەر ، پائالىيەتچان خەلق بولغاچقا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىي ئەقىدە قائىدىلىرى بويىچە قاتتىق تەكىتلىنىدىغان ۋاقىت ، كۈن ۋە پەسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ھېسابلايدىغان مەزمۇنلار قاتارىغا قويۇلغان . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ۋاقىتقا ئالاقىدار ئىسىملارمۇ خېلى كۆپ . مەسىلەن ، باھار ، جۈمە ، نەۋرۇز ، ئازنا (ئازنىخان ، ئازنىباقى ، ئازنەك ) ، تاڭنۇر ، سۈبھى ، سۈبھىنۇر ، زامان ، رامىزان ، ئەسىر ، سۈر ئەت ، ئېرا ، شەنبە .

12 . جاۋاھىراتلار ۋە ئەتىۋارلىق بويۇملار ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
جاۋاھىرات ۋە نەپىس ماللار سودىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇقۇرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە كەسپ دەپ قارىلىدۇ ، شۇڭا ، ئۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن . مەسىلەن ، ئالماس ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەرۋايىت ، ياقۇت ، گۆھەر ، تاۋار ، مەشۈت ، تىللا ، زۇمرەت ، ئۈنچە ، مارقان ، لەئىل .

13 . ئەسكىرىي ئاتالغۇلار ۋە قورال – ياراق ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
تارىختا ئۇيغۇرلار سانسىز جەڭ – يېغىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، قان تۆكۈپ ئۆز ئېلىنى قوغدىغان ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان . شۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ يالدامىلىرى سۈپىتىدە ئەۋلادلىرىغا ئەسكىرىي ئاتالغۇ ۋە قورال – ياراغ ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قالدۇرغان . مەسىلەن ، ئارمىيە ، قىلىچ ، خەنجەر ، غازى ، مۇزەپپەر ، مۇجاھىد ، قۇر بېشى ، ساداق ، ساللات ، پاراد ، شەمشەر ، زۇلپىقار ، تۇغ ، ئەلەم .

14 . دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنلارنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى ، ھۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، ئىسلام ، ئاخۇن ، قۇشناچ ، خىزىر ، ئىمام ، مەزىن ، ھاجى ، ھېيت ، خاتىپ ، ئايەت ، ئايەم ، موللا ، ئىمان ، ئىبادەت ، خۇشبىدىن ، رىزۋان ، مۇتىۋەللى ، مەستۇرە ، شۈكۈر .

15 . يەر – جاي ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا قانچە – قانچە قېتىملاپ كۆچمەنلىك ، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەلەملىرىنى تارتقان . كۈرمىڭ ئەجىر – مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆز ماكانلىرىنى ئاچقان ، گۈللەندۈرگەن . قوغدىغان . ۋەتەنپەرۋەرلىك ، يۇرت ئىشقى قان – قېنىغا سىڭگەن . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە ، زېمىن ، دۆلەت ، دىيار ، پامىر ، تارىم ، مەكىت ، سەيدەم ، بۇغدا ، قەشقەرى ، يەركەندى ، كۈسەن …. دەيدىغان ئىسىملار بار . يەنە ئىسلام دىنىدا ئالاھېدە تىلغا ئېلىنىدىغان مەككە ، مەدىنە ، قۇددۇس ، بەيتۇللا ، سۈرىيە ، قاھىرە …. دەيدىغان ئىسملارمۇ كۆپ .

16 . مىللەت ، قەبىلە ، قەۋم ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ، ئەجدادلىرىغا بولغان ھۆرمەت ، سۆيۈنۈش ، ئۇرۇق – قەۋملىرىگە بولغان ئىپتىخار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارلۇق ، ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرنىسا ، تۇران ، تۈركەش ، مۇغۇل ، ئوغۇز …. دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىققا ، ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشكە ئۈندەپ كەلگەن .

17 . يېمەكلىك ، تاتلىق – تۈرۈملەر نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپلا ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىگە ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم تائام تەييارلاشتىكى نازۇك ھۈنەر – سەنئەتنى نامايەن قىلغان . ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىچىدە ئاساسلىق تائاملاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شېرىن – شەربەتلەرمۇ بار . بۇلارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن . مەسىلەن ، توقاچخان ، ھەمەك ، كۆمەچ ، پەرمۇدە ، پەشمەت ، شېكەر ، ھەسەلخان ، ناۋاتخان ، شەربەت ، تاتلىق ، شېرىن ، بەتتە ، رىشالە .

18 . مەرتىۋە – مەنسەپ ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىغا يۇرت باشچىلىرى ، بىلىملىك ، چارە – تەدبىرلىك ، يۇرتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، پىداكار ئەزىمەتلىرىنىڭ ، سەردارلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ ياد ئېتىدۇ . مەسىلەن ، خان ، خانقىز ، مەلىكە ، شاھزات ، رەئىس ، سەردار ، ئوغلان ، بەگ ، خوجا ، ھاكىم ، ئەمىر ، ئالىم ، رەھبەر ، پاشا ، بانۇم ، ۋەكىل .

19 . مەشھۇر شەخسلەرنى ئۇلۇغلاپ قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئالىم ، ئەدىب ، سىياسىيون ، قوماندان ، چېمپىيون …. غا ئوخشاش تۆھپىكار كىشىلەرنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ نام – ئاتىقىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئېتنونىمىكسى (نامشۇناسلىق ئىلمىي) دىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر . مەسىلەن ، مۇھەممەد مۇستافا ، ھەزېر تىئېلى ، جەمشىد ، نۇشىرۋان ئادىل ، ھاتەمتاي ، بۈۋىپاتىمە ، فىردەۋسى ، لوقمان ، كامال ، تەڭرىقۇت ، ئەلشىر ، ئۆتكۈر ، لۇتپۇللا ، تەۋپىق ، ئاماننىساخان ، نۇزۇگۇم ، ئايبېك ، فۇرفەت .

20 . چىراي ، قامەت ، تۇرق ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەدەبلىك ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق ، قامەتلىك ، كېلىشكەن بولىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى : سۇبات ، ھۆسنى ، ھۆسنىگۈل ، زۇلفىيە ، گۈلچېھرى ، سەلتەنەت ، نازاكەت ، قابىل ، گۈزەل ، گۈلبەدەن ، گۈلمېھرى … قاتارلىق ئىسىملار بىلەنمۇ ئىپادىلەپ كەلدى .

21 . مىجەز – خاراكتېر ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق ئىسىملار گۈزەللىك قارىشى تولۇق ئىپادىلەنگەن . باشقىلارنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق ئىسىملاردىن بولۇپ ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ ئىسىم قويغۇچىلار ۋە ئىسىم قويۇلغۇچى ئائىلىسىنىڭ پىسخىك خۇسسۇسىيىتى ۋە روھى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، خۇشرۇي ، شاتگۈل ، ئايگۈل ، مۇلايىم ، زېرەك ، سادىق ، مۆمىن .

22 . شەيئىلەرنىڭ ئالاھېدە خۇسسۇسىيەتلىرى بويىچە قويۇلغان ئىسىملار .
ئۇيغۇرلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئۈمىد ، جاسارەت بەخش ئېتىشتەك ئالاھىدە خۇسسۇسىيەتلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۆز ئارزۇ – ئىستەك ، ئىرادىلىرىنى ئىپادىلىگەن . مەسىلەن ، قاينام ، تاشقىن ، ئۇچقۇن ، دولقۇن ، ئۆركەش ، گۈلخان ، سۈزۈك ، جۇلا ، زىلىل ، ئاپتاپ .

23. مەدەنىيەت – سەنئەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەدەبىيات – سەنئەت ئاتالغۇلىرىنى ئەۋلادلدرغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، مەشرەپ ، مۇقام ، مەرغۇل ، سەنئەت ، ئىلھام ، شائىر ، سەنەم ، خۇشتار ، ساتار .

24 . ئادەملەرنىڭ ئىجابىي خۇسسۇسىيەتلىرى ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەزىمەت ، باتۇر ، قەھرىمان ، خىسلەت ، مەردان ، جۈرئەت ، ئالىپ ، غالىپ ، جاسارەت ، قەيسەر ، ئىلغار ، غەيرەت ، جۇشقۇن ، جەسسۇر .

25 . قايناق تۇيغۇ ، گۈزەل تىلەكلەر بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
بۇنداق ئىسىملار ھەم ئەنئەنىۋى ھەم يېڭى تۈسكە ئىگە چىرايلىق ۋە لىرىك بولۇپ ، كىشىگە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ . گۈزەللىك تۇيغۇسى ، سۆيۈنۈش ھېسسى بەخش ئېتىدۇ . مەسىلەن ، سالام ، مۇبارەك ، مەرھابا ، ئىقبال ، ئۇلۇغ ، شەۋكەت ، زەپەر ، بەختىيار ، دىلرەبا ، قۇدرەت ، شەرەپ ، مەدەنىيەت ، دىلدار ، قۇتلۇق ، ھۇشيار ، ئۇمۈد ، مۇھەببەت ، ھەدىيە ، شەپقەت ، ئېھسان ، ئەقىدە ، نادىر ، پاكزات ، مۇنەۋۋەر ، گۈلروھ ، دىلناۋا ، مۇيەسسەر ، يولداش .

26 . سىياسىي تۈس ئالغان ئىسىملار
بۇ تۈرگە تالىق ھەرقايسى دەۋر تارىخىي باسقۇچلاردىكى چاقىرىق ، پائالىيەت ۋە سىياسىي مۇددىئانىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئۆز مەزگىلىدە مۇئەييەن ئەھمىيىتى بولغان . مەسىلەن ، ئازات ، كۈرەش ، ھۆرىيەت ، ئەرك ، جەڭگىۋار ، ئادالەت ، كوممۇنا ، جاھانگېر ، پىدائىي ، ئىسيان ، دەۋران ، جۇمھۇرىيەت ، ئىنقىلاب ، ئىسلاھات .

27 . كەمسىتىش ، چۆكۈرۈش مەنىسىدىكى ئىسىملار
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىۋىدىكى بۇنداق ئىسىملارنى ئىككى جەھەتتىن چۈشۈنىشكە بولىدۇ ، بىرىنچىدىن ، ئەينى ۋاقىتتا يۇقۇرى تەبىقىدىكى دۆلەتمەنلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى چاكارلار ۋە ياللانما ئەمگەكچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە كەمسىتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، خورلاپ مەجبۇرى تاڭۈان ئىسىملار ؛ ئىككىنچىدىن ، بەزى ئائىلىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆز تەگمەيدۇ ، بالا – قازاغا ئۇچرىمايدۇ دەپ ، پەرھىز ئىسمىدىكى ئىسىملارنى قويۇشتىن كېلىپ چىققان . ھازىر بۇنداق ئىسىملار يوق دىيەرلىك . مەسىلەن ، ئەخلەت ، چاۋار ، قۇل ، زىيادە ، خەستە ، ئۆكتەم ، ئارتۇق ، خامۇش ، پېقىر ، قوراي ، رەقىپ .

28 . تىلەك ، ئىلتىجا مەقسىتىدە قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاققىچە پەرزەنت كۆرەلمەي ، پەرزەنتلىك بولغاندا ئاللاغا بولغان رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ، ئاللا بەردى ، ئىگەمبەردى ، غوجامبەردى ، خۇدابەردى ، ئاللاقۇلى دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، تۇرغۇن، تۇرسۇن ، تۇردى ، توختاش ، توختىسۇن ، سېتىۋالدى ، تىلىۋالدى دېگەنگە ئوخشاش .

29 . چەتئەللەردىن ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، مارىيا ، ئاپرېل ، زويا ، دىنا ، ۋېنىرا ، ئىلدوس ….
30 . ئەر – ئاياللار ئورتاق قوللىنىدىغان ئىسىملار
مەسىلەن ، نۇر ، نۇرخان ، نۇرگۈل ، نۇرنىسا ، توختى ،قۇربان ، قۇرباننىسا ، ھەمرا ، ھەمراجان ……

31 . دەبدەبىسىنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، مەنىسى بىلەن ھېسابلاشماي قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، قىلورە ، ئەلفىرە ، ئالمىرە ، كلارە ، ئىلدانە .

32 . ئىش – ھەرىكەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
مەسىلەن ، ئۆسەر ، ئۈزەر ، ھايات ، پەرۋاز ، ئۇچقۇر