ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە (بىرىنچى بۆلۈم)

غەيرەتجان ئوسمان

دىنىي چۈشەنچىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسى

غەيرەتجان ئوسمان 1958- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇقىرىقى قازئېرىق كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يېزىسىدا باشلانغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1975-1977 يىللىرى يېزىغا چۈشۈپ دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشقان. 1978- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن بۇيان ئۆز فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 1994- يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.

غەيرەتجان ئوسمان «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (خەنزۇچە) قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ۋە «جۇڭگودىكى دىن ۋە ئەپسانلىرى قامۇسى»، «غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى ماقالىلەر توپلىمى»، «جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەھرىمانلىرى قامۇسى»، «غەربىي يۇرت ئەدەبىيات ماقالىلەر توپلىمى»، «جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەھرىمانلىرى شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابى ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى (خەنزۇچە)، «ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى-تارىخىي شەخسلەر» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

ئۇ مەملىكەتلىك بەش قېتىملىق، خەلقئارالىق ئۈچ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ ماقالە ئوقۇغان. جۈملىدىن 1998- يىلى كۈزدە ياپونىيە فۇكۇئوكا مائارىپ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىگە بېرىپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان ۋە زىيارەتتە بولغان.

غەيرەتجاننىڭ ئىلمى ئىزدىنىشلىرى1980- يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە چەت ئەل تىللىرىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئۇيغۇرلار شەرق-غەرب بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى توغرىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار بەلگىلىك دەرىجىدە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەككە ۋە پارچە ھالەتتە بولغاچقا، كىشىلەرنى بىر پۈتۈن چۈشەنچىگە ئىگە قىلالمىغانىدى.

ئاپتور بۇ كىتابىدا بۇ باش تېمىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە شەكىل ئارقىلىق بىرقەدەر ۋە ئەتراپلىق يورۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق-غەرب بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى يارىتىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىنى خېلىلا سىستېمىلىق ھالدا مۇھاكىمىگە قويغان.

بىرىنچى بۆلۈم

دىنىي چۈشەنچىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسى

1. دى، تۇران ئاتالغۇسى ۋە شەرق ـ غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسى

1) مەسىلىنىڭ قويۇلۇشى

ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھۆججەتلىرىدە «تۇران» دېگەن ئاتالغۇ بار. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تاجىكچە ۋە ئەرەبچە ھۆججەتلەردە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ-جۇغراپىيىسىدە دائىم كۆزگە چېلىقىدۇ.
پرولېتارىيات داھىيلىرىدىن ف. ئېنگېلس[1]، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئالىم مورگان [2] مۇ بۇ ئاتالغۇنى تىلغا ئالغان.

2) ئاتالغۇنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى

تۇران ئاتالغۇسى تارىختىن بۇيان ئىككى خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ف. ئېنگېلىس «تۇران» ئاتالغۇسىنى جۇغراپىيىلىك نام سۈپىتىدە، «تۇرانىيلار» ئاتالغۇسىنى خەلقلەر — ئىنسان تۈركۈمى نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن[3]. «بۈيۈك لۇغەت ۋە ئېنسىكلوپېدىيە»دە« «تۇران — تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى يۇرتلىرىغا قەدىمكى ئىرانلىقلارنىڭ بەرگەن نامى[4] دېيىلگەن بولسا، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق نام بىلەن «تۇرانلىقلار»نىڭ ئاتايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن[5]، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرىنى خەنزۇچە تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ «تۇران — ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ قەدىمكى نامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ياكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ» [6]، دەپ ئىزاھات بېرىشكەن.

شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1984 –يىلى «شاھنامە»نىڭ «رۇستەم ۋە سوھراپ» بابىنىڭ تەرجىمىسىنى نەشر قىلغاندا فىردەۋسى تىلغا ئالغان «تۇرپان» سۆزىنى تەرجىمان مۇنداق ئىزاھلىغان: «تۇران — ئەسلىي ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ تېررىتورىيە ئىدى. بۇ يەرگە ئىران قەبىلىلىرى جايلاشقان، كېيىنچە بۇ يۇرتنى تۈركىي مىللەتلەر ئىگىلىگەن ۋە ‹تۈركىستان›غا ئۆزگەرتكەن. ‹شاھنامە›دە فىردەۋسى ‹تۇرانلار› بىلەن ‹تۈرك›لەر دېگەن ئىككى سۆزنى ئوخشاش مەنىدە قوللانغان».

ئالىم لى يوڭ بىرقەدەر كونكرېت پىكىر يۈرگۈزۈپ: «يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئىلىم ساھەسى ‹تۇران› ئىبارىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ھەتتا پۈتكۈل ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قاراپ كەلدى» [7]، دەپ يېزىپ، «ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا نەچچە قېتىملاپ پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ قوراللىق، ھەيۋەتلىك ۋە شانلىق كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرانلىقلار[8]» دېگەن شەكىلدە تارىخقا ياندىشىپ، ئۆز پىكرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاراتمىلىققا ئىگە قىلغان.

چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەسىرلىك رول ئويناپ «يىپەك يولىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى قەھرىمان» ۋە «يىپەك يولىدا تۇغۇلغان بىرىنچى قاتاردىكى شاھ» [9]، دەپ شۆھرەت قازانغان ئەمىر تۆمۈر (1333—1405) ئۆز ئۈگۈتلىرىدە «بىز كىم — مۈلكى تۇران، بىز كىم — مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان تۈركنىڭ باش بوغۇنى»[10]، دەپ ھەيۋە كۆرسىتىپ، «تۇران»نى بىر ئەل سۈپىتىدە بايان قىلغان. بۇ تارىختىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي جور بولۇش كېرەك دېگەن مەنتىقە چىقىرىلماسلىقى كېرەك، ئەلۋەتتە.

بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلىشى دەسلەپتە قەدىمكى پارس-ئىران ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدۇ.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى X ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى XII ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىران زوروئاستىر دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېستا» (Avesta) دا «تۇرا» ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە «جەڭگىۋار تۇرالار» دېگەن ئىبارىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ [11]. بۇ كىتابتىكى «تۇرا»، «تۇر»لار ساك (Saca) ۋە ئىسكىف (Scythia) لەرگە قارىتىلغان [12]. ساك ۋە ئىسكىفلەر بولسا ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدا، كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان چوڭ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلار تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، تەكلىماكان ۋادىلىرىدا ياشىغان. پارسلارنىڭ كلاسسىك ئەسىرى «باھادىر زەرىرەگە مەرسىيە» (مىلادىيە V —VI ئەسىرلەردە يازما شەكىلگە كەلگەن) دە، ئىرانغا قوشنا بولغان ھەم پارسلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلگەن ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ يېقىدىكى ئەل «تۇران» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

«ئاۋېستا»دىكى مەركىزىي ۋەقەلىك ئىران قەبىلىلىرى بىلەن شىمالدىكى جەڭگىۋار كۆچمەن قوۋملارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگى-جېدەللىرى تەسۋىرلەنگەن. ئىران قەبىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سەردار ھىلاج، سوقرات، سىياۋۇش ۋە ئىسپەندىيارلار بولسا، شىمالدىكى قەبىلىلەرگە تۇر، ھۇشاڭ ۋە ئافراسياپلار باشچىلىق قىلغان.

«ئاۋېستا»دا «ئارجاسىب» دېگەن بىر قەھرىماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە نۇرغۇن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىران قەبىلىلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. بۇ يەردىكى «ئارجاسىب» كېيىنكى مەنبەلەردە ئاساسەن «شاھنامە»دە) تىلغا ئېلىنغان «ئافراسياب» ئوبرازىنىڭ ئىپتىدائىي ئۈلگىسىدۇر [13]. ئەسىرىدە «‹ئارجاسىب› بىننى ئافراسياب كىم، تۈرك پادىشاھى ئەردى»، «ئافراسياب — ھۇشاڭ بىننى تۇر بىننى فېرىدۇن ئوغلىدۇر» [14]، دەپ يازغان. «شاھنامە»دە ئارجاسىب نامى «ئافراسياب» شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان ھەم ئۇ تۇران ئېلىنىڭ پادىشاھى، تۈركلەرنىڭ سەركەردىسى سۈپىتىدە كەيخۇسرەۋ، رۇستەم، سياۋۇش قاتارلىق ئىران سەرۋازلىرى بىلەن بولغان ئاجايىپ كەسكىن ئېلىشىشلىرىنى سۈرەتلىگەن.

دېمەك، «ئاۋېستا» دىكى «تۇرا»، «تۇر» نامى «باھادىر زەرىرەگە مەرسىيە» ۋە «شاھنامە» لەردىكى «تۇران» ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قاراش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنى بىرقانچە تەرەپتىن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى، «ئاۋېستا» دىكى «تۇرا»، «تۇر» لار ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى زور بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىپ قوللىنىلغان. بۇ قەبىلىلەر ئەينى چاغدا ئوت-سۇ قوغلىشىپ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قەبىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماكان-تېررىتورىيىسى مۇقىم شەكىللەنمىگەن. شۇڭا، بۇ نام ئۆز زامانىسىدا مۇئەييەن تېررىتورىيىنى ئىپادىلىمەي، بەلكى قەبىلە-قوۋم نامى شەكىلدە قوللىنىلغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ئىككىنچى، «ئاۋېستا» دەۋرىدىن كېيىن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى چەكسىز تېررىتورىيىنى «تۇران»، دەپ ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنى «تۇرانلار» دەپ ئاتىغان. بۇ «تۇرا-تۇر» دىن «تۇران»نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى، «ئاۋېستا» دا تىلغا ئېلىنغان «دىۋە كەبى»، «يالغانچى»، «رەزىللىك» دە ئۇچىغا چىققان «ئارجاسىب» نىڭ «شاھنامە» دە«تۇران شاھى» دەپ تەسۋىرلىنىشى «ئارجاسىب»نىڭ «جەڭگىۋار تۇرلار» دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى، بۇنىڭ «تۇران شاھى ئافساجاسىب»نىڭ «جەڭگىۋار تۇرلار» دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى، بۇنىڭ «تۇران شاھى ئافراسىياپ» دېگەن ئۇقۇم بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

تۆتىنچى، «شاھنامە» دە ئافراسياپ تۇران شاھى دېيىلىش بىلەن بىرگە «تۈركلەرنىڭ خانى» دېگەن ئۇقۇم تەڭ مەنىدە «تۇرا» تۈركلەرنىڭ بوۋىسى دەپ قارايدۇ، دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان بولۇپ[15]، بۇ «تۇران» بىلەن «تۈرك»نىڭ «شاھنامە» قاتارلىق كىتابلاردا پاراللېل قوللىنىشنىڭ رېئاللىقتىن ئانچە چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان تۈزلەڭلىكتە ياشىغان تۇرانلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى دەۋرىنىڭ ئالمىشىشى، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا كېيىنكى دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىر تارماق مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ.

بەشىنچى، كىشى ئىسىملىرىدىمۇ، مەسىلەن، ئەرلەر ئارىسىدا تۇر، تۇراخۇن، تۇران ئاخۇن، ئاياللار ئارىسىدا تۇخان (تۇرخان)، تۇراخان، تۇرانقىز، تۇرانخان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بار. بۇنىڭدىن تۇر، تۇرا، تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ تومۇرى ھەم مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنىڭ يىلتىزىنى «‹ئاۋېستا› دەۋرى» دىن سۈرۈشتە قىلساق غەلىتىلىك ھېسابلانماس.
ئالتىنچى، مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئان-ئەن» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا مۇناسىپ «ئەر»نىڭ كۆپلۈكى «ئەرەن»، «ئوغۇل»نىڭ كۆپلۈكى «ئوغلان» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان[16]. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ، «تۇر-تۇرا»نىڭ كۆپلۈك شەكلى «تۇران» بولۇشى ئېھتىمالغا خېلىلا يېقىن.

يەتتىنچى، پارسلارنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە سۆزلەنگەن فېرىدۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ بەلگىلىك تولۇقلىما ماتېرىيالغا ئىگە قىلىدۇ. بىر خىل ئەپسانە-رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، فېرىدۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتنى ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. چوڭ ئوغلى سېلىمگە رۇم (ۋىزانتىيە) نى، ئوتتۇرانچى ئوغلى تۇرغا تۇران ۋە چىننى، كەنجى ئوغلى ھىلاجغا پۈتكۈل ئىراننى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن[17]. بۇنىڭغا قارىغاندا «تۇر»غا تەگكەن يەر «تۇرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ئۇنىڭ زېمىنى» مەنىسىدە «تۇران» دەپ ئاتالغان. «شاھنامە»دىكى ئافراسياپنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن «… تۇران بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى سېلىم بىلەن تۇران زامانىسىدىن باشلانغاندۇر» دېگەن گەپتىن ھەم فېرىدۇننىڭ ئىككىنچى ئوغلى تۇرنىڭ «شاھنامە»نىڭ يەنە بىر يېرىدە ئافراسياپ ئاغزىدىن «تۇران» شەكلىدە بېرىلگەنلىكىمۇ «تۇر» بىلەن «تۇران» نامىنى ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇلار ئەپسانە-رىۋايەتلىك چۈشەنچە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تارىخىي ئۇقۇملارنى بايان قىلىشتا ۋاسىتىلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەيدۇ.

سەككىزىنچى، ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1836 — 1917) 1911- يىلى تاماملىغان «تارىخىي ھەمىدىي» ناملىق كىتابىدىكى «تۇران» دېگەن نام، ‹تۈرك› بىلەن ‹تۇر› سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغان»[18]، دېگەن بايانىدىن ئۇنىڭ بەلگىلىك ئېنىقلىما ماتېرىياللىق رولى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

3) ئاتالغۇنىڭ جۇغراپىيىلىك مەزمۇن دائىرىسى

دۇنيا خەرىتىسىدىن قارىساق، تەڭرىتاغلىرى كاسپى دېڭىزى، كوپت (Kopt) تاغلىرى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان كەڭ تېررىتورىيىنىڭ تۇران تۈزلەڭلىكى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ توپۇنۇمىيە مۇتەخەسسىسى موزايېفمۇ ئومۇمەن «لوپت تاغلىرىدىن تەڭرىتاغلىرىغىچە، كاسپى دېڭىزدىن قارا قۇم ۋە قىزىل قۇم چۆللۈكلىرىگە بولغان دائىرە تۇران ئويمانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ»[19] دەپ يازغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆز قارىشىنى تولۇقلاپ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بۇ يەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرەتتى. ئەمما، كېيىنچە، تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ جەنۇبقا ۋە غەربكە يۆتكىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاسىپى دېڭىزىدىن لوپنۇرغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ‹تۇران› دېگەن بۇ نام باشقىچە مەزمۇنغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ كەڭ، شۇڭا (باشقىچە) چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» [20].

پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن قەدىمدە تۇران دەپ ئاتالغان تېررىتورىيىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى خەنزۇچە مەنبەلەر ئاساسىدا مۇنداق بايان قىلغان: تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى «تاڭ گاۋزۇڭ لى جى ۋاقتىدىكى تۈركىي نەسەبلىك سانغۇن چۇبى خېلىنىڭ 635 – يىلى تارىم — ‹تۇران ساي› (突伦川)، تەكلىماكان — ‹تۇران چۆل› (突伦绩) لىرىغىچە جەڭ قىلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغان» [21]. يەنى بۇ يەردە بۇ ئالىم «突伦»نى «تۇران» سۆزىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە يېزىلىشى دەپ ھېسابلىغان.

شۇنداق بولسىمۇ، «تۇران»دىن ئىبارەت بۇ نامنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى ئەڭ دەسلەپتە ئىرانلىقلارنىڭ زېمىن چۈشەنچىسىدە خاسلاشقانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، پارسلارنىڭ قارىشى بويىچە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

قەدىمكى ئىرانلىقلار ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسىنى ئامۇ دەرياسى ئارقىلىق ئايرىغان. بۇنىڭدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار:

يىراق قەدىم زاماندا بىر – بىرىنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئەلەمنى مالەم قىپتۇ. كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق شۇنداق بىر مەسلىھەتكە كەپتۇ. ئىران قوشۇنىنىڭ بىر ئەسكىرى چىقىپ شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئوقيادىن بىر تال ئوق ئۈزسۇن، يا ئوقى چۈشكەن يەر ئىككى ئەلنىڭ پاسىلى بولسۇن، دەپ كېلىشىپتۇ. جەسۇر جەڭچى ئەرش تاللىنىپ، مەغرۇر قەدەم بىلەن ماۋەند تېغى ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچىنى ئوقيادىن ئوق ئۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوق ئۈزگەنىكەن، ئايلىنىپ كېتىپ قىممەتلىك جېنىنى تەقدىم قىپتۇ. باتۇرنىڭ ئوقى ئىلاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئاسماندا ئاقار يۇلتۇزدەك سەھەردىن تارتىپ چۈشكىچە مېڭىپ، سانسىزلىغان ئېگىز تاغلار ۋە دەريا ھەم چۆللەرنى ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەيھۇن (ئامۇ) دەرياسىنىڭ بويىدىكى چوڭ بىر تۈپ ياڭاق دەرىخىنىڭ يىلتىزىغا سانجىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ياڭاق دەرىخى (جۈملىدىن جەيھۇن دەرياسى) ئىران بىلەن تۇراندىن ئىبارەت ئىككى ئەلنىڭ چېگرا – پاسىلى قىلىنغان [22]. يەنە بىر رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرش ئاتقان ئوق دەسلەپتە بىر كەركىس (بىر خىل قۇش) نىڭ قانىتىغا تەگكەن، كەركىس زىماۋەند ۋە تەبەرستاندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ جەيھۇن بويىغا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ زېمىن ئافراسياپقا تەۋە بولغان [23].

دېمىسىمۇ، تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئامۇ دەرياسى ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى، يەنى پارس تىللىق خەلقلەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى پاسىل بولغان» [24]. ئىراندىكى بىھىستون ئابىدىلىرىدە ئىران شاھى دارا I نىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 517 – يىلى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ساكلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بىھىستون ئابىدىلىرىدە دارانىڭ مۇنداق سۆزلىرى ئۇچرايدۇ: «شاھ دارا، مەن ساكلار يۇرتىغا باستۇرۇپ باردىم، ئۇل ساكلار يۇرتى دەريانىڭ نېرىقى تەرىپىدە بولۇپ، ئۇلار چوققىسى ئۇچلۇق قالپاق كىيىپ يۈرىدىكەن. ئەل قىسسە، مەن دەرياغا كېمىلەردىن كۆۋرۈك سېلىپ، شۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق ساكلار يۇرتىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردىم ۋە ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىم. ساكلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرقانچىلىرىنى ئەسىر ئالدىم. پۇت – قوللىرىنى باغلاپ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈردۈم، ئۆز خاھىشىم بويىچە ساكلار يۇرتىغا يېڭى باشلىق تەيىن قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەت مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتتى» [25] دېگەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا بىھىستون ئابىدىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «ساكلار يۇرتىدىكى دەريا» دەل ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۆزىدۇر [26].

دېمەك، ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسى يەنى «تۇران» دەپ ئاتالغان تېررىتورىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئامۇ دەرياسى دەپ ھېسابلانغان.

ئۇنداق بولسا «تۇران» ئېلىنىڭ شىمالىي، شەرق ۋە غەربىي چېگرىسى قايسى يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «شاھنامە»دە ئافراسىيابنىڭ «چىندىن ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان زېمىنلار مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر» دېگەن بايانى بار، بۇ يەردە بۇ تۇران شاھى دەپ ئاتالغان ئافراسياب باشقۇرغان زېمىننىڭ بىر چېگراسىنىڭ «چىن»غا تۇتىشىدىغانلىقىدىن شەپە بېرىپ ئۆتىدۇ.

«چىن» قەيەر؟ «چىن» مۇرەككەپ بىر تارىخىي ئاتالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زاماندا پارسلار ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە چىن ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يۇرتىنى كۆرسەتكەن. يەنى پارس، تۈرك كلاسسىك ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «چىن» (ماچىن) ئاتالمىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى، يەنى شەرقىي پاسىلى قۇمۇلغىچە بارىدىغان تارىم ۋادىسىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ يازغان بولسا، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن [27]، ئەنگلىيىلىك ئاۋرىل ستەين چىن ۋە ماچىن خوتەننىڭ قەدىمكى نامى ئىدى [28]، دەيدۇ. جاڭ خوڭنيەن ئەپەندىمۇ «شاھنامە»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدە «چىن» ئاتالغۇسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارىختا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن [29].

لى جىمىڭ ئەپەندى «‹تارىخىي خاتىرىلەر›، ‹خەننامە›لەردىكى ‹چىنلىقلار›秦人)) نامىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى مەسىلىسى» «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ خەنزۇچە 2000 – يىللىق 3 – سانىدا ئېلان قىلىنغان) دېگەن ماقالىسىدە سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ۋە بەنگۈنىڭ «خەننامە» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا تەرجىمە قىلىنغان «چىنلىقلار» دېگەن نام تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەرنى كۆرسىتەتتى. تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ «چىنلىقلار» دەپ ئاتىلىشىنىڭ تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، خەنۋۇدى دەۋرىدىلا بار ئىدى. ئىككى خەن دەۋرى، ۋەي، جىن، 16 پادىشاھلىق، جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى، سۈي، تاڭ دەۋرىدىن سوڭ دەۋرىگىچە ئىزچىل شۇنداق قوللىنىپ كېلىنگەن، دەيدۇ.

بۇ بايانلار «تۇران»نىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي چېگرىسىنى بەلگىلەشتە مەلۇم ماتېرىيال ئاساسى باردەك قىلسىمۇ، بىراق كونكرېت پاسىلى قايسى ئورۇن بولۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىدە ئېنىق چۈشەنچە تۇرغۇزۇشقا ئىمكانىيەت يوق. چۈنكى، «چىن» بەزى ئەھۋالدا «مەركىزىي جۇڭگو»نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپمۇ كەتكەن. «تۇران»نىڭ غەربىي چېگرىسىغا كەلسەك، بۇنىڭغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىدىغان ماتېرىيالغا ھازىرچە ئىگە ئەمەسمەن.

ئومۇمەن، «تۇران» ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك نامى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتىن قوللىنىلىشى ئاساس، مەزمۇن جەھەتتە ئىپادە قىلغان ئۇقۇمى قوشۇمچە ئورۇندا بولغان.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا »كەڭ مەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا»مۇ ئەمەس، «تار مەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا»مۇ ئەمەس، بەلكى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ رايون جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ۋە موڭغۇلىيە بىلەن، غەربتە پېرىسىيە، جەنۇبتا ھىندىستان ۋە تىبەتلەر بىلەن ئورالغان. جۇغراپىيىۋى مۇھىتى، ئىرقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن بۇ رايوننى تەخمىنەن ئۈچ بۆلەككە ئايرىش مۇمكىن. يەنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرىنچى بۆلەككە، پامېرنىڭ غەربى، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى مەركەز قىلغان جايلارنى ئىككىنچى بۆلەككە؛ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ قاتارلىق جايلىرىنى ئۈچىنچى بۆلەككە ئايرىش مۇمكىن [30]. مانا مۇشۇ «ئوتتۇرا ئاسىيا» رايونىنىڭ يەنە بىر نامى «تۇران» ئىدى دېيىلسە، پۈتۈنلەي ئاساسسىز ھېسابلانمايدۇ.

4) دى ۋە تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى

يۇقىرىدا پارسلارنىڭ قەدىمكى ھۆججەتلىرى، تۈركىي ۋە باشقا غەربتىكى بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ ھۆججەتلىرىدە تۈركىي تىللىق خەلقلەر «تۇرا»، «تۇران» دەپمۇ ئاتالغانلىقى توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتتۇق. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە (بۇ خەلقلەر) «دىلار»، «دىڭلىڭلار»، «تېلىلەر»، «تۈركلەر» دەپ ئاتالغان. يەنە بۇ ھەقتە تارىخشۇناس ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىقلار مۇنداق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن: «‹ئاۋېستا› بىلەن ‹شاھنامە› دىكى رىۋايەتلەردە جۇڭگو تارىخىدا ‹دى› دەپ ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ تۈرك دەپ ئاتالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ھازىرقى موڭغۇل يايلاقلىرى، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنى ‹تۇران› دەپ ئاتالغانلىقى، بۇ نام رىۋايەتلەردە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئەجدادى تۇردىن كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ».

دېمەك، يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دى يەنى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر شيا، شاڭ ۋە غەربىي جوۋ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرگەن 1400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە شەرقتە ھازىرقى شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىغىچە ياشىغان، جۇڭگو ۋە ئىران تارىخشۇناسلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدا پەقەت ئۆزىگە يېقىن زېمىندىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى تونۇشتۇرغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر تۇتاش قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئىدى[31].

بۇ بايانلار دى، تۈرك، تۇرانلار دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەزمۇنداشلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە بىر مەنبەدىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئالدى بىلەن «دى» (di) سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇھاكىمىگە قويىمىز.

دى 狄)) خەنزۇچە ھۆججەتلەردە مەركىزىي جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى زور بىر تۈركۈم قەبىلىلەر توپىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ نام ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى توتېم ئېتىقادى ئېدىئولوگىيە فورماتسىيىسى قىلىنغان زامانلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا، ئۇنىڭغا كۈچلۈك دىنىي پۇراق سىڭگەن.
دىلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئۆز تەركىبىدىكى ئۇرۇق-قەبىلىلەر كۆپ بولغاچقا توتېم ئېتىقادى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن «دى» نامى ئىپادە قىلغان ئېتىقاد ئوبيېكتلىرى بىرقانچە تۈرلۈك بولغان.

دى نامى ئەسلىي ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ، قۇدرەتلىك، مۇقەددەس مەبۇدىنىڭ سىمۋولى ئىدى. دىلار تەركىبىگە كىرگەن چوڭ بىر ئۇرۇق (ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى قەبىلە) «ئىت»نى توتېم قىلغان. يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئىت بىلەن بۆرە بىر تۈردىكى ھايۋان بولۇپ، كېيىنچە ئىككى تۈرگە ئايرىلغان، دىلار ئارىسىدا بۆرە ئېتىقادچىلىقىنىڭ مۆتىۋەر ئورۇنغا ئۆتۈشى مانا مۇشۇنداق تارىخىي يىلتىزداشلىققا ئىگە. قەدىمكى زاماندا ئىتقا چوقۇنغان قەبىلە ئارىسىدا ئىت بىلەن دى ئۇقۇم جەھەتتە ئوخشاش مەنە ئاڭلاتقان. مەسىلەن، خەنزۇ مۇئەللىپ ياڭ شيۇڭ 杨雄)) «شېۋە»方言)) دېگەن كىتابىدا «ئىت دى دېمەكتۇر» (刳، 狄也)) دېگەن: جۇڭگونىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاپتور شۇجېن «سۆزلەر»说文)) دېگەن كىتابىدا «شىمالىي دىلار ئىتقا چوقۇنىدۇ»، دىلارنىڭ ئۈچ چوڭ قەبىلىسىنىڭ بىرى «قىزىل دى赤狄)) لار ئىت ئۇرۇقىدىن» دەپ يازغان. ئىت ئېتىقادچىلىقى نۇقتىسىدىن، «دى» ئىت مەبۇدى، يەنى «ئىت تەڭرىسى» ئۇقۇمىدا ئىستېمال قىلىنىشى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى شارائىتىدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

دىلارنىڭ يەنە بىر ئۇرۇقى (زورايغاندىن كېيىنكى قەبىلىسى) «شۇڭقار»غا ئېتىقاد قىلغان. بۇنى ئىسپاتلايدىغان مۇنداق ماتېرىيال بار. قەدىمكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە狄» » خېتى藋» (di) » خېتى بىلەنمۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شۇڭقارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇرۇق-قەبىلىلەر ئارىسىدا «شۇڭقار» بىلەن «دى» ئوخشاش ئۇقۇمىغا ئىگە مەنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. چىن خانلىقى (秦国 مىلادىيە 265 — 420- يىللار) دەۋرىدىكى گۇپۇ «تاغ-دېڭىزلار قامۇسى»山海经)) نى ئىزاھلىغاندا 藋»» نى «قۇيرۇقى ئۇزۇن، بۈركۈت ئائىلىسىگە مەنسۇپ» بىر خىل قۇش دەپ يازغان بولسا، زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرى گۇپۇنىڭ دېگىنى دەل «شۇڭقار» (بۈركۈت) ئىدى، دەپ دەلىللەيدۇ[32] ھەم دىلارنىڭ بىر تۈركۈم ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ «藋» بىلەن ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ توتېم نامى بىلەن ئاتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ[33].
دى ئەۋلادلىرىنىڭ شۇڭقار ئېتىقادچىلىقىنىڭ تەسىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇشى بىلەن بىرگە تەسىرى ئىزچىل بولغان[34].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار بويىچە قارىغاندا «دى»نىڭ مەيلى «ئىت مەبۇدى»، مەيلى «شۇڭقار مەبۇدى» مەنىسى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى «مەبۇد» يەنى «تەڭرى» ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان. يەنى «تۈرك» دەپ ئاتالغان ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئەجدادى ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق گۈللەنگەن زامانلاردا ئۆزلىرىنى مۇئەييەن تۇتېملىق نەرسىنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-قوۋم نامىنى «تەڭرى» بىلەن بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئىپادە قىلغان.
«تۈرك» ئاتالغۇسىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە يازمىلاردا «دى» دەپ ئاتالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىيانتلىرىنىڭمۇ بارلىقى توغرىسىدا ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىقنىڭ مۇنداق بىر بايانى بار:

تۈرك — ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى، موڭغۇل يايلاقلىرى ۋە سىبىرىيىنىڭ جەنۇبى، ھازىرقى شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى تارىخىي ھۆججەتلىرىدە «دى» 狄))، «بېيدى» (北狄))، «دىلى» 狄厉))، «دىڭ لىڭ» 丁零))، «تېلى» 铁勒))، تۇ-كيۇ突厥)) دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى «تۈرك» سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى[35]، [36].

دېمەك، «تۈرك» ئاتالغۇسى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا خەنزۇچە ھۆججەتلەرگە «دى» دەپ پۈتۈلگەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، تۈرك خانلىقى دەۋرى (552 — 744) دە «تۈرك» نامى ھەم «تەڭرى» مەنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىدەك رېئاللىق ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزىدا ئىپادىلەنگەن مەنە قاتلىمى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلانغان.

«دى» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتمولوگىيىلىك مەنىسىنى خەنزۇچە ھۆججەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يېشىپ باققىنىمىزدا، ئۇنى شەرق مەدەنىيىتىگە خاس ئۇسۇل دەپ قارىساق، «تۇران» ئاتالغۇسى مەنىسىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە خاس ئۇسۇل بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىغا دىققىتىمىز بۇرۇلىدۇ.

«تۇران»نىڭ «تۇر» دىن كېلىپ چىققانلىقىنى يۈزەكى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.
ئۇنداق بولسا بۇ يەردە «تۇر» (tur) نىڭ سۆز تومۇرى ۋە مەنىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

تۇر قەيەردە كېلىپ چىققان؟ مەن بۇ ئاتالغۇنى قەدىمكى بابىللىقلارنىڭ «تەڭرى» مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان «di-gir» ئاتالغۇسىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى[37] ياكى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «تۇر» ئاتالغۇسى «تەڭرى» مەنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىۋالغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
بابىللىقلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردا يېزىق قوللىنىپ خاتىرە قالدۇرغان. مۇشۇ خاتىرىدە تەڭرىنىڭ نامى كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنى ئۇ تەڭرى ئىسمىنى « » خېتى شەكلىدە ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئۇ «di-gir» دەپ ئوقۇلغان ۋە مەنە جەھەتتە «Tangri» (تەڭرى) ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان. قەدىمكى سۇمېر، ئاككاد تىللىرىدا پۈتۈلگەن تاش پۈتۈكلەردىمۇ «تەڭرى» سۆزى «Dingir» دەپ يېزىلغان[38]. مۇشۇ «Digir»، «Dingir» ئاتالغۇسىدىكى «di» تاۋۇشى «تۇر» (تۇران) نىڭ سۆز يىلتىزى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

بىرىنچى، «di-gir» ئاتالغۇسىدىكى «di» ياكى «d» تاۋۇشلىرى «té/t» a تاۋۇشلىرىغا ئالمىشىپ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ئىپتىدائىي تىللار ۋە قەدىمكى تىللاردا d-t تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئايرىلىش ھادىسىسى مۇتلەق بولمىغان. بۇلاردىن d جاراڭلىق، t جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ بەزى تىللار ۋە ئۇنىڭ ئايرىم دىئالېكتلىرىدا جاراڭلىق d، ئايرىمىلىرىدا جاراڭسىز t تاۋۇشى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، ۋېدا تىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000- يىللاردىكى ئارىيان تىلى) دا «tata» (دادا) دېگەن ئاتالغۇ قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر تىلى (ھازىرمۇ شۇنداق) دا «dada»، ئىنگلىز تىلىدا «dad-dada»، خەنزۇ تىلىدا 爹爹 — 大大 (dada)؛ «mata» (ئانا، ئايال كىشى) — قەدىمكى ساك — سىكتايلارنىڭ سارماتلار (Sarramata قەبىلىسى تىلىدا «ئانا، ئايال» مەنىسىدىكى ئاتالغۇ بولغان بولسا، ئارىيان تىللىرىنىڭ ۋارىسى ھېسابلانغان ئىنگلىز تىلىدا mademe-madam، ئۇيغۇر تىلىدا «Mada» (مادا ئېشەك)؛ قەدىمكى تۈركىي تىللاردا دەريا-ئېقىن تىل/دىل، دەپ سېبىرىيىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرىنى مەھمۇد كاشغەرى «atil» دەپ يازغان بولسا، كېيىنچە «idil» (ۋولگا)، دەپ «tÜrk» قەدىمكى تۈبۈت (تىبەت) تىلىدا «durgu-drugu» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان.

ئىككىنچىسى، «dingir-tigir» ياكى «ti-tigir»، «tur»غا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە. يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرقاتار تىللاردا «o-a-i» سوزۇق تاۋۇشلىرى بىر-بىرىگە ئايلىنىش ھادىسىسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، «siolun» بىرخىل ئۆسۈملۈك نامى[39]، «Saolun» بىرخىل ئۆسۈملۈك نامى «Suolun-Saolun-Saolan» مەنسەپ نامى.

«amarak» (ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا)، «ئىمراق» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇرپان شېۋىسىدە)» «ياغاچ-يىغاچ» (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا) «ياغاچ» (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا): «Satuk-sutuk-situk» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشى)؛ «pidar» (ساك تىلىنىڭ سۇلې دىئالېكتىدا بۇرادەر)، «buradar» (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دوست، ئۈلپەت)، «padar-padar» 0 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئايرىم تىل ئادىتىدە دادا، چوڭ دادا مەنىسىدە) دېگەنگە ئوخشاش مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، «تۇر-تۇرا»، «تۇران» ئالتاي تىللىرىنىڭ بەزى تارماقلىرىدا «ئېگىز»، «يۈكسەك»، «يۈكسەك ئورۇن»، «تەڭرى دەرگاھى»، «تەڭرى» مەنىسىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ سۆز يىلتىزىنىڭ «تەڭرى» مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەسىلەن، ياقۇت ۋە چۇۋاش تىللىرىدا «تەڭرى» سۆزى «تۇر»، «تۇرا» شەكىلدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. چۇۋاش ئەپسانىلىرىدە «يىر تۇرا»[40]، «چېچەك تۇرا» [41]، «تۇلتى تۇرا»[42] قاتارلىق تەڭرىلەر نامى ئۇچرايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «تۇر» — «ئېگىزلىك، كۆزىتىش ئورنى، ئېگىز ئورۇن»، «تۇرا» — ئېگىز ئادەم، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

قۇمۇلدا «تۇر»، «تۇرا» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىرقەدەر كەڭرى بولۇپ، «تۇرا» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىدىغان ئورۇن-جاي ۋە خارابە 150 تىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئېگىزلىك»، «كۆزىتىش ئورنى» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلاتقان بولسا، بەزىلەر كۆچمە مەنىدىكى سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما، بۇ خىل كۆچمە مەنە ئاتالغۇنىڭ ئەسلىي مەنىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا «تۇر»، «تۇرا» — ئېگىزلىك، يۇقىرى ئورۇن، كۆزىتىش ئورنى دېگەن مەنىدىكى سۆزگە كۆچۈپ كەتكەن، بۇ مەسىلىگە كەلسەك قەدىمكى كىشىلەرنىڭ «تەڭرى دەرگاھى» ئېگىز يەردە بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بىر خىل قارىشىدىن كەلگەن، دېيىشكە بولىدۇ. «تەڭرى» بىلەن «تەڭرى دەرگاھى»نى ئوخشاش ئۇقۇمدا چۈشەنگەن قەدىمكى ئىنسانلار «تۇر»، «تۇرا»نى ھەم «تەڭرى»، ھەم «تەڭرى دەرگاھى» دەپ چۈشەندۈرگەن. «تۇراخۇن» بىلەن «تۇران ئاخۇن»نى ئوخشاش مەنىدىكى سۆز دەپ ھېسابلىغىنىمىزدا، بۇنىڭ مەنىسى «ئېگىز ئادەم»، «بەستلىك ئادەم»، «بويى زور ئادەم»، «گىگانت ئادەم» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئەگەشمە تەسەۋۋۇرغا قويىمىز. قىرغىز تىلىدا «Stip Cpillata» (针茅) دېگەن بىرخىل ئۆسۈملۈكنى (تۇران) دەپ ئاتىشى ئۇنىڭ ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى، ياقۇت تىلىدىكى «تۇران»نىڭ مەنىسى «شورلۇق يايلاق» بولىدىغانلىقى[43]، ئۇنىڭ «تۈزلەڭلىك-تۆپىلىك» مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تۆتىنچى، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن بابىللىقلار ۋە سۇمېرلار ناتونۇش خەلقلەردىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ تىلىدىكى «digir-digir» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ تۈركىي تىللارغا ئۆتۈپ ئىستېمال قىلىنىشى مۇئەييەن تارىخىي ئاساسقا ئىگە.

سۇمېر (Sumer) لار ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى تىگىر دەرياسى بىلەن ئىفرات دەرياسى ئارىلىقىدا، قەدىمكى گرىكلار «مىسۇپۇتامىيە» دەپ ئاتىدىغان جايلاردا ياشىغان بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇن 4000- يىللاردا ئۇلار يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ۋە بۇ يەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى دېگەن باھاغا ئىگە بولۇپ كېلىنگەن.

ئومۇمەن XIX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېىگىزلاردىن سېر راۋلىنسون (H. G. Rawlinson) سۇمېرلار ئىسكېفلەر (SKeff) دۇر، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا موڭغۇل-مانجۇ تىللىرى بىلەن يېقىنچىلىقى بولغان تۇران تىلى سىستېمىسىغا مەنسۇپتۇر، دېگەن. يەنە بەزىلەر ئېنىق ھالدا سۇمېرلار سام ئەمەس، بەلكى تۇران ئىرقى (Turanian Reca) غا مەنسۇپ دەپ كۆرسىتىلگەن[44]. بۇ قاراشلارغا يازما ھۆججەتلەر ۋە قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيىلىك ماددىي بۇيۇملار ئاساس بولغان بولسا كېرەك. بۇ قاراشنى ئاخىرقى يەكۈن دېيىشكە تېخى تارىخشۇناسلىق ئىلمى تولۇق ئاساس بىلەن تەمىن ئېتەلمىگەن.

كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ھەم قىزىقتۇرىدىغان بىر مەسىلە ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەردىكى ئۇچۇرلاردۇر. بۇ كېيىنچە دىنىي كىتابلاردىن ئورۇن ئېلىپ، ئادەملەرنىڭ يۈزەكى تەسەۋۋۇرلىرىنى تولىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە، ئىككى دەريا ۋادىسى (مىسۇپوتامىيە)، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرخىل ئىرققا مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ يىراق ئۆتمۈش تارىخىدا قانداقتۇر بىرخىل ئالاقە-مۇناسىۋىتى ۋە قانداشلىقى بولغانمۇ، قانداق؟ دېگەن سوئالنى قويۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

سۇمېر-بابىل ئەدەبىياتىدىكى «دۇنياۋى توپان بالاسى» ھەققىدىكى ئەپسانە دەل يۇقىرىقى كۆز قاراشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىر ئاساس بولۇپ سانىلىدۇ.

بۇ ئەپسانىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇدا «توپان بالاسى» ئارقىلىق ئىنسانلارنى ۋە ھەننىۋا جانلىقلارنىڭ ھالاك قىلىشىنى قارار قىلىپتۇ. پەقەتلا مۆتىۋەللى پادىشاھ سېسۇدرا تەڭرىگە ئىخلاسمانلىك بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، تەڭرى ئۇنىڭ چۈشى ئارقىلىق بېشارەت بېرىپتۇ. ئۇ ئىشتىن ئاۋۋال چوڭ بىر كېمە ياساپتۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاناتلىق ۋە تۆت پۇتلۇق جانىۋارلارنى ئېلىپ كېمىگە چىقىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن دۇنيانى سۇ بېسىپ كەتكەن توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. بۇ ئەپسانە كېيىنكى چېبرېيلارنىڭ «تەۋرات»تىكى توپان بالاسى ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىسى ھەققىدىكى ئەپسانىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى ئىدى. بۇلار «تەۋرات» تىن «ئىنجىل»غا، ئۇنىڭدىن «قۇرئان» غا ئۆتكەن، شۇنداقلا ئىران ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

توپان بالاسى ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالام ئەپسانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا بولغان تەسىرىدە «قۇرئان» جۈملىدىن ئىسلامىيەت چۈشەنچىسى ئارقىلىق يەنە بىر خىل بىۋاسىتە تارقالغان ۋارىيانتى بارلىقىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مەھمۇد كاشغەرى «تۈرك — تەڭرى يارلىقىغۇچى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى. بۇ نۇھنىڭ ئوغلى تۈرككە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم. ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ ‹تۈرك› دەپ ئاتىلىدۇ… ‹تۈرك› سۆزى نۇھ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە بىرلا كىشىنى بىلدۈرىدۇ. نۇھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە ‹ئادەمزات› سۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار توپىنى بىدلۈرىدۇ. بۇ سۆز ھەم كۆپلۈك، ھەم بىرلىك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ دەيدۇ[45].

موللا مۇسا سايرامى نۇھنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ياپەس ئىكەنلىكى، ئۇ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلەردىكى ئېدىل (ۋولگا)، ئېرتىش دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ[46].
ناسىرىدىن رابغۇزى (XIII — XIV ئەسىرلەر) نۇھنىڭ ئوغلى ياپەسكە ئەنجان، سەمەرقەنت، ئۆرگەنچ، قىرغىز، قازاق… موڭغۇل زېمىنلىرىدىن خىتايغىچە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ («قىسسەسۇل ئەنبىيا»غا قاراڭ).

ئىرانلىق تارىخچى رەشىدىددىن فەزلۇللاھ خاتىرىسىدە، نۇھ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى شىمال ۋە شەرقىي شىمالغا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى ئوغۇزخان ئىكەنلىكى، تۈركلەر ئۇنى ئەجداد دەپ ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، ئوغۇزنىڭ ئالتە ئوغلى بار بولۇپ، چوڭىغا كۈن دەپ ئىسىم قويغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەت بار[47].

«ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ چوڭ ئوغلى كۈن ئىدى[48]. «تارىخى ھەمىدىي» دىمۇ شۇنداق دېيىلگەن[49].

يۇقىرىقى نۇھ — ياپەس — تۈرك — ئوغۇزخان — كۈن قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى نوقۇل ھالدا «قۇرئان» ۋە ئىسلامىيەت چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراشقا بولىدۇ.

يەھۇدىيلار، ئەرەبلەر، ئىرانلىقلار، ھىندىلار ۋە جۇڭگودا خەنزۇلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا ئەپسانە-رىۋايەتلەر مۇقەددىمە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قىممىتىنى ئوبدان ساقلاۋاتىدۇ[50]. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا بولسا، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ تارىخىي قىممىتى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان خاھىش ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىۋاتقان شارائىتتا تارىخىي ماتېرىيالىزملىق كۆز قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

قىسقىسى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق ئىلىمىدە ئەپسانە-رىۋاەتلەرمۇ يېتەرلىك ئېتىبارغا ئېلىنغان چاغدا، ئاندىن سۇمېرلار بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈبھى نۇرى پالىلدايدۇ.

بەشىنچى، بابىل يېزىقىدىكى « » (di-gir) خەت شەكلىنىڭ خەنزۇچە چىغىناق-تارغاق پۈتۈك甲骨文)) تە يېزىلغان « » دېگەن خەت شەكلىگە ئوخشىشىدىغانلىقى ھەم خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ چىغىناق-تارغاق پۈتۈكتىكى بۇ خەتنىڭ بابىل يېزىقىدىكى خەتنىڭ تەسىرىدە ئىجاد قىلىنغان دەپ قارىشىدىن، تۈركىي تىللاردىكى «تۇر»نىڭ بابىل يېزىقىدىكى «di-gir»دىن كەلگەن دېيىشكە ۋاسىتىلىك ماتېرىيال بولىدۇ.
قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا «蒂» (ئوقۇلۇشى — di) چىغىناق-تارغاق پۈتۈكتە « »شەكلىدە پۈتۈلگەن[51]. ئۇ خۇددى دۆۋىلەپ قويغان ئوتۇنغا ئوخشايتتى. قەدىمكى چاغلاردا ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىشتىكى مەقسەت ئاساسەن تەڭرىگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئوتۇن كۆيگەن ۋاقىتتا ئوت ئۇچقۇنلىرى يالىلداپ ئاسمان ئىلاھىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە蒂» » خېتىنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئاسمان ئىلاھى»天神)) بولىدۇ. شۇنىسى قىزىقكى، خەنزۇ تىلىدىكى بۇ سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن «di» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىنى گومورو ئەپەندى قەدىمكى بابىل يېزىقىدىكى « » خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان[52]. بۇنىڭغا بىرىنچى، ئۇلاردا شەكىل جەھەتتىمۇ ئوخشاشلىق بار؛ ئىككىنچى، تەلەپپۇز جەھەتتىمۇ ئوخشاشلىق بار؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەم ئاسمان ئىلاھى ھەم كىشىلەر خانى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى دېگەنلەرنى پاكىت قىلىشقا بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ چىغىناق-تارغاق (جياگۇ) يېزىقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1500- يىللار ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن. ئەمما، بابىللىقلارنىڭ تەسۋىرى يېزىقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردا بارلىققا كەلگەن، خەنزۇچە «رەمنامە» (辞卜)[53] دىكى 12 مۆچەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت بايانلار ۋە ئاندىرسون安得生)) نىڭ رەڭلىك ساپاللار توغرىسىدىكى ھۆكۈمى[54] بويىچە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بابىل بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىنىڭ روشەن ئالاقىسى بولغان.

مەسىلەن، خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى狄» (di) » سۆزى ئەسلىي ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى بىر سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىسى يەنىلا «تەڭرى» دېگەنلىك. يەنى بۇ سۆز خەنزۇ تىلىدىكى蒂» »سۆزى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان رۇڭدى戎狄)) لار جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەنىكەن[55].

گومورو ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا خۇاڭدى黄帝)) ئەسلى شىمالدىكى (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالى — نەقىل كەلتۈرگۈچىدىن) روڭ، دىلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، ئۇ چىلۇڭ (虫龙)[56]، يەندى炎帝)[57]) لەرنى مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى (بۇ يەردە خەنزۇلار كۆزدە تۇتۇلغان — نەقىل كەلتۈرگۈچىدىن) نىڭ بوۋىسى دېگەن ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ قالغان[58].

گۇ جىگاڭنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندىمۇ خۇاڭدى توغرىسىدىكى ئەپسانە ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن[59].

ليۇ يېجىڭ柳诒徴)) ئەپەندى چېن خەنجاڭ陈汉章)) نىڭ «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ «ھازىرقى ئومۇمىي قاراش بويىچە جۇڭگودىكى مىللەتلەر سېرىق ئىرق ھېسابلىنىپ، خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادلىرى دېيىلىدۇ. بىراق، خۇاڭدى ئەمەلىيەتتە غەربىي شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن[60] دەيدۇ.

گومورو جۇڭگونىڭ «قەدىمكى جەمئىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدە بابىلوننىڭ 12 مۆچىلىنىڭ جۇڭگوغا تارقالغانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىگەندە: «ئومۇمەن يىن قوۋملىرىنىڭ ئەجدادى شىنجاڭ ئەتراپىدىن كېلىپ چىققان، يىن-شاڭ (قوۋملىرى) نىڭ ئەجدادى تەدرىجىي شەرققە يۆتكەلگەن. يۇقىرى دەرىجىدىكى مەدەنىيەت كارىدورى ئەلۋەتتە شەرقتىكى مۇشۇ يەرگىچە كەلگەن (شاڭخەي كىتابخانىسى، «مىنگو مەجمۇئەسى» 1- قىسىم 76- جىلد، 93- بەت)، دەپ يازغان. كۆپچىلىك كىشىلەر گومورو ئاقساقالنىڭ بۇ كۆز قارىشى ج. گ. ئاندىرسوننىڭ جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى شىنجاڭدىن باشلانغان بولۇپ، تەدرىجىي يۆتكەلگەن دېگەن قارىشىغا ئاساسلانغان، دەپ قارايدۇ.

پىكىرىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرساق، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى قۇدرەتلىك قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردىن شاڭ سۇلالىسى (商朝) نىڭ ئەجدادى دىلاردىن ئىدى، دېگەن قاراشمۇ بار. لۈي چۇنپىڭ卢春蓱)) ئەپەندى ۋۇشى五石)) مەدەنىيىتىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسىگە نەزەر» ناملىق ماقالىسىدە شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەجداد بوۋىسى دى狄)) دەپ ئاتىلاتتى، دىلار غەربىي يۇرتتىكى كۆچمەن قوۋم، شاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ قېنىدا دىلارنىڭ قېنى بولۇشى كېرەك، دەيدۇ[61].

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان روڭدىلار مەركىزىي جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى خەلق بولۇپ، ھازىرقى شىمال، غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئەجدادىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭگونىڭ بۈيۈك ئېنسىكوپېدىيىسى. مىللەتلەر» تومىنىڭ «ئۇيغۇرلار» ماددىسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى قەدىمكى دىلار ئىدى[62]»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يەنى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دى狄)) دەپ يازغان. ئۇلار شىمالىي دى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار جۇڭگونىڭ شاڭ خانلىقى، شيا خانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇن تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، شيا، شاڭ، جۇ قوۋملىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ شانلىق، پارلاق، قەدىمكى مەدەنىيىتىنى يارىتىش ئەمەلىيىتىگە قاتناشقان.

2.خاسىيەتلىك سان «توققۇز»دا ئىپادىلەنگەن شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسى

خاسىيەتلىك ۋە سىرلىق سان «توققۇز»نىڭ سېھرىي ۋە مۇقەددەس مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئۇزاق ئەسىرلەر بولغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى چىڭىتىشتا بىرخىل خاسىيەتلىك ساننىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن. بۇنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللار يېتەرلىك بولۇپ، بىزنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەڭ قەدىمكى ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان دى狄)) لار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. مەسىلەن، دىلار «توققۇز دىلار» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىپ[63]، ئۆز نامىنى بۈيۈك ۋە ئومۇمىي مەزمۇنغا ئىگە قىلغان ھەم ئۇيۇشقاقلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ سمۋولى قىلغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان دىلار مەركىزىي جۇڭگو رايونىنىڭ شىمالى، غەربىي شىمالىدا ياشىغان بىر قوۋم بولۇپ، «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. مىللەتلەر» تومىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «دىلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان بىر قوۋم. يەنە بىر نامى («藋» دى-زەي دەپ ئىككى خىل ئوقۇلىدۇ-ئا)، بىرخىل قاراش بويىچە دىلار يىن دەۋرى (يەنى شاڭ سۇلالىسى، تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى XVI ئەسىردىن تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1066- يىللىرى ئارىلىقىدىكى دەۋر) دە گۇيفاڭ (鬼方)، جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدە ( بۇ يەردە غەربىي جوۋ سۇلالىسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتسا كېرەك، بۇ دەۋر تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1066- يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771- يىللىرى ئارىلىقى) دا شيەنيۈن猃狁)) دەپ ئاتىلاتتى. چۇنچيۇ – جەنگو دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 770- مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221- يىللار) دە (藋دىلار) ياكى狄 دىلار) دەپ ئاتالدى. چىن، خەن سۇلالىرى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221- مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 220- يىللار) دەۋرىدىن كېيىن دىلار ئۈچ چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلار ئۇزۇن دىلار 长狄))، قىزىل دىلار赤狄)) ۋە ئاق دىلار白狄)) دىن ئىبارەت[64].» يەنە شۇ كىتابنىڭ 179- بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەجدادىنى دېڭلىڭلارغىچە (خەن، ۋەي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى) ياكى دىلارغىچە (چۈنچيۇ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى) ئىزدەشكە بولىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىرى، خاسىيەتلىك سان «توققۇز»نىڭ دىلار چۈشەنچىسىدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرى، دىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنداق بولسا دىلارنىڭ تارىخى قاچاندىن باشلىنىدۇ، «توققۇز» سانى ئۇلارغا قاچاندىن باشلاپ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، مۇتەپەككۇر موزى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى تەخمىنەن 468- يىلىدىن 367- يىلىغىچە ياشىغان) «موزى»墨子)) ناملىق كىتابىدا ئاقساقال «ياۋ سەككىز دىلارغا نەسىھەت قىلغان» 尧教八狄)) دەپ يازغان. بۇ بايانلاردىن دىلارنىڭ سىياسىي سەھنىگە چىقىش تارىخىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئاقساقال ياۋ توغرىسىدا خەنزۇچە «ئوكيانوس»辞海)) تا «رىۋايەتلەردىكى ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ داھىيسى» دېيىلگەن[65]. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ياۋ دىكۇ蒂喾)) نىڭ ئوغلى بولۇپ، خۇاڭدىدىن بەش ئەۋلاد كېيىن تۇرىدىكەن[66]. دېمەك، ياۋ رىۋايەتلەر دەۋرى يەنى ئاتىلىق قەبىلىچىلىك دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇ دەۋرنىڭ كونكرېتراق يىلنامىسى «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسكوپېدىيىسى. مىللەتلەر» تومى 593- بەتتە تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4000- يىللاردىن 2100- يىللار ئارىلىقى، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇلار دىلار تارىخىنىڭ ئاقساقال ياۋ بىلەن بىر دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەمما، موزىنىڭ كىتابىدا «سەككىز دى» دېيىلگەن، بۇ «خاسىيەتلىك توققۇز» سانىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ياكى، موزى بىر دىنى كەم ئېيتقان ياكى ئاقساقال ياۋ قۇلىقى يۇمشاق دى قەبىلىسىدىن بىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، بويۇنتاۋلىق قىلغان سەككىز دى قەبىلىسىگە نەسىھەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا بولمىسۇن، بىز ئەسلىي ئىسمى دى藋)) بولغان[67] مۇتەپەككۇر موزىنىڭ كىتابىدىن بىرى، دىلار تارىخىنى، يەنە بىرى، ئۇلاردا قەدىمكى زاماندىلا سان ئۇقۇمىنىڭ قوۋم گەۋدىسىنىڭ ئۇيۇللۇقىنى ئىپادىلەشكە قوللىنىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

«خاسىيەتلىك توققۇز»نىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇشى بىلەن بىرگە، قوللىنىش جەريانىدا ئىزچىللىقى بولغان. ئۇ نوقۇل سان ئۇقۇمىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي-ئېتىكىلىق چۈشەنچە، مەدەنىيەت-فولكلورلۇق قىممەت ياراتقان. بۇ نۇقتىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن چۈشەنگىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، «توققۇز» تولۇق، مۇكەممەل، پۈتۈن، ئورتاق، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم، ئىتتىپاق، ئىناق قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئەجدادلىرى، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى، بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرى، كېيىنكى زاماندىكى بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە — ھەرخىل نىسبەتتە قاتناشقان قانداش ۋە غەيرىي قانداش قەبىلە-قوۋملار ۋە ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولغان قوۋملار «توققۇز» سانى بىلەن ئېنىقلىنىپ ئاتىلىشىنى بىرخىل ئەنئەنىۋى ئاتاش ئادىتى قىلغان. بۇ خىل نام ئاستىدىكى قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى، بىر پۈتۈن نام ئاستىغا ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشقانلىقىنى، ئۆزئارا ئىناق بولۇپ، ئورتاق غايە ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. «توققۇز» سانى بىلەن ئېنىقلىنىپ كەلگەن قەبىلە بىرلەشمىسى ۋە قەبىلە ناملىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «توققۇز مولار»九貉)) بۇ يەردىكى 貉» »مو貊» »مو شەكلىدىمۇ يېزىلغان. جاۋ «赵 مېڭزى» ناملىق كىتابىدا ئىزاھلاپ «مولار شىمالدا ياشايدۇ، ئۇ يەر بەك سوغۇق، زىرائەتلەر ئۆسمەيدۇ» دېگەن. جېڭ سىنوڭ郑司农)) «شىمالدىمو دىلار بار»北方貉狄)) دەپ يازغان[68]. دېمەك، توققۇز مولار بىلەن دىلار قەدىمكى زاماندا ياكى (توققۇز دىلار) ئىتتىپاقداش قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقان.

2. «توققۇز گۇيفاڭلار»九姓鬼方)) شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇيفاڭلار توققۇز ئۇرۇق (قەبىلە) دىن تەركىب تاپقان ھەم «گۇيفاڭ توققۇز ئۇرۇقلىرى» 鬼方九族))، دەپ ئاتالغان[69]. «زو چيۇمىڭ تەپسىرى»دە جاۋگۇڭنىڭ 14- يىلىدا شاڭ سۇلالىسى گۇرچىن (鬼亲، گۇيفاڭلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا) لارغا «تارتۇق ۋە ئىنئام بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلەشتى»، دېيلگەن. تارىخشۇناس دۇيۈ «چىن 亲))، توققۇز ئۇرۇق دېمەكتۇر» دەپ ئىزاھلىغان بولسا، زامانىمىزدىكى تارىخشۇناس دۈەن ليەنچىن «گۇيچىن دېگەنلەر گۇيفاڭلارنىڭ توققۇز قەبىلىسى (ئۇرۇقى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، دەيدۇ[70]. بۇ يەردە ئەسكەرتىلىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، «گۇيفاڭ» نامىدىكى «گۇي» (Guy) بىلەن «ئۇيغۇر» نامىدىكى «غۇر-گۇر» (Gur-Hgur) نىڭ باغلىنىدىغانلىق مەسىلىسى. تارىخچى ۋېن يىن ئەپەندى «گۇيفاڭ» دىكى «گۇي»، «ۋۇكۇ»俄渠)) دەپ ئوقۇلىدىغانلىقى، ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرغاندا «Ogur» بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان[71]. «Ogur» (ئوگۇز-ئوغۇز) «Uyghur» (ئۇيغۇر) غا تەڭ ئىدى.[72].

3. «توققۇز شيەنلۈنلەر» 九个猃狁))، «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. مىللەتلەر» تومى 478- بېتىدە «شيەنيۈنلەر جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەت… چۈنچيۇ دەۋرىدە روڭدى绒狄)) لار دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ كۆپچىلىك شەنيۈنلەر ھونلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ كەتكەن»، دېيىلگەن. مانا مۇشۇ شيەنيۈنلەر «توققۇز شيەنيۈن» دەپمۇ ئاتالغان. تارىخچى ياڭ جيەنشىن杨建新)) ئەپەندىنىڭ مۇنۇ بايانى بۇنىڭغا پاكىت بولىدۇ. «ۋاڭ گوۋېي 王国维))، ‹نەزمىنامە›诗经)) ۋە مېتال پۈتۈك金文)) لەردە تىلغا ئېلىنغان توققۇز شيەنيۈنلەرنىڭ پائالىيەت رايونى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىدىن باشقىسى جوۋ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدا ياشىغان…» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن[73]. ئۇنداق بولسا شيەنيۈنلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرەر ئالاقىسى بارمۇ؟ يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ ھونلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى III – II ئەسىرلەردە كۈچكە تولغان ھونلارنىڭ مىلادىيە I، II ئەسىرلەردىن باشلاپ پارچىلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارماق ئەجدادلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەنبە بولغان. بۇنى «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» 旧唐书.回纥传))، «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە (新唐书. 回纥传) قاتارلىق تارىخنامىلەردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھونلاردۇر» دېگەن پاكىتلىق بايانلار ۋە مىلادىيە VII – IX ئەسىرلەردە موڭغۇل دالىسىدا پائالىيەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسىنىڭ ئىچىدە ھونلارغا مەنسۇپ «بايىرقۇ»،拨也稽) ھون) (浑، ياكى قۇن) دېگەن ئىككى قەبىلىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىدەك پاكىت ئارقىلىق چۈشىنىمىز.
4. توققۇز دىلار九狄)) بۇلارنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ بۇلار توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم تولۇقلىما بايان بېرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. «زۇ چيۇمىڭ تەزكىرىسى» (左传) دەپ دىلارنىڭ قىزىل دىلار قەبىلىسى ئالتە، ئاق دىلار قەبىلىسى ئۈچ قەبىلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ چاغدا ئۇزۇن دىلار باشقا يەردە ياشىغان بولسا كېرەك.

5. «توققۇز تۈرك» (九姓突厥) قەدىمكى تۈركلەر، يەنى كۆكتۈركلەرنىڭ بىرخىل ئاتىلىشى. «كونا تەڭنامە. جاڭ شياۋجوڭ张孝忠)) تەزكىرىسى»دە «توققۇز تۈرك» دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان. تۈركلەر مىلادىيە 552- 744- يىللىرى خانلىق تىكلەپ ئۆزىنى تۈركلەر دەپ ئاتاپ، كۈچەيگەن بىر مىللەت. 744- يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بىر قىسىم قەبىلىلەر جەنۇبقا يۆتكىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە قارام بولغان، يەنە بىر قىسىم قەبىلىلەر غەربكە كېتىپ قالغان. ئاساسلىق قەبىلىلىرى ئۇيغۇر نامى ئاستىدا ياشاپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئاتاقلىق تارىخشۇناس لىن گەن林干)) ئەپەندىنىڭ قەدىمكى «تۈركلەر بىلەن (قەدىمكى) ئۇيغۇرلار ئوخشاش قوۋم [74]» دېگىنى، پروفېسسور گىڭ شىمىن ئەپەندى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھۆججىتى، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، «كۆلچۈر مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلار تىل جەھەتتە ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە مەڭگۈ تاشلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، دەپ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىگە تارىخىي ۋە ئىلمىي يوسۇندا جاۋاب بېرىپ[75] ئۆتكەنلىكى بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

«توققۇز تۈرك» دېگەن ئاتالغۇ يالغۇز خەنزۇچە ھۆججەتلەردىلا تىلغا ئېلىنغان ئەمەس. باشقا ھۆججەتلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، پارىژ شەھىرىدىكى فرانسىيە كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر «P.1283» نومۇرلۇق بىر پارچە تۇبۇتچە ھۆججەت ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ 1908- يىلى پېللىئوت (P. pelliot) تەرىپىدىن دۇنخۇاڭدىن ئېلىپ كېتىلگەن. شۇ ھۆججەتتە، ئەسلىي «خور (Hor) خانى» دەپ ئاتالغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر خانىنىڭ شىمالدىكى ئەللەرنى چارلاپ تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن بەش كىشىنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە چارلىغۇچىلارنىڭ خانغا بەرگەن مەلۇماتلىرى خاتىرىلەنگەن. ھۆججەت ئەسلىي مىلادىيە VIII-IX ئەسىرلەردە يېزىلغان دەپ قارالغان بولۇپ، ئۆز زامانىسىدا تۇبۇتچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھۆججەت «توققۇز دورۇگۇ (Toquz drugu) دەپ ئاتىلىدىغان ۋۇيىكار تۇتۇق (Wuyikar tutuq)» دېگەن نام تىلغا ئېلىنغان. ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «توققۇز دورۇگۇ»نى «توققۇز تۈرك»، «ۋۇيىكار تۇتۇق»نى «ئۇيغۇر تۇتۇق» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ھېسابلاشتى[76].

6. «توققۇز تېلى» (九姓铁勒)، «كونا تاڭنامە. شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» تېلىلار ماددىسىدا مىلادىيە 646- يىلىدىكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەن چاغدا «توققۇز تېلىلار» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يەنە «توققۇز قەبىلە» (九姓، ياكى توققۇز ئۇرۇق)، «توققۇز قەبىلىلىك تېلىلار»九姓铁勒)) دېگەن ناملارمۇ ئىشلىتىلگەن. «شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» دا «توققۇز تېلىلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى موڭغۇلىيە دالىسىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر، بۆگۈ (بارغۇت)، توڭرا، ھون (قۇن)، ئىزگىل، بايىرقۇ، چېبنى (چابىش)، ئابۇس، كۆرۈنۋۇگۇس قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغاچقا ھەر بىرىنىڭ بىردىن ئىسمى بولغان، شۇڭا توققۇز تېلى دەپ ئاتالغان»، دېيىلگەن[77].
7. «توققۇز ئوغۇزلار九四鸟古斯) «) شىنجاڭ مىللەتلەر قامۇسى» توققۇز ئوغۇزلارغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن. «توققۇز ئوغۇز غەرب تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىشى، ئۇنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى Toguz Uguz، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى توققۇز ئۇيغۇر (Togur Uyghur) نىڭ تەلەپپۇزىدىكى ئۆزگىرىش ئىدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (مىلادىيە 420 — 581- يىللار-ئا) دىن كېيىنكى مەزگىللەردە، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن توققۇز ئۇيغۇرلار بىرلەشتى، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر دەپ ئاتالدى. موڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدا كۈچلەندى، كېينچە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى»[78]. بۇ بايانلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرخىل ئاتىلىشى ئىكەنلىكى روشەن بولدى. بەزى ئالىملار «توققۇز ئوغۇز» بىلەن «توققۇز تېلى» بىر ئۇقۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە دەستە «توققۇز تېلى» دېگەن نام ئۇچرايدۇ، بۇ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدىكى «Toguz Oguz» دېگەن ئىسىمغا باراۋەر، دەپ قارايدۇ[79]. تۈرك، ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىدا «توققۇز ئوغۇز» نامى كۆپ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، «توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ» (تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى»، غەرب تەرەپ 9-قۇر). «توققۇز ئوغۇز بەگلىرى، خەلقلىرى، سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى ياخشى ئىشتىڭلار»، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، جەنۇب تەرەپ 2- قۇر). «توققۇز ئوغۇزلار»، «توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى كەلدى.» («بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، شەرقى يۈزى 1- قۇر، 14- قۇر). «توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ…» (بايانچۇر مەڭگۈ تېشى»).

دېمەك، مەڭگۈ تاشلاردىكى «توقۇز ئوغۇز» ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق نامى.

8. توققۇز ئۇيغۇر» (九姓回纥). بۇ «توققۇز ئوغۇز» بىلەن بىر ئاتالغۇ. ئالىملار ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ، «Oguz» بىلەن «Uygur» سۆزىنىڭ بىر ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يەنى بۇلار بىر تىلنىڭ ئوخشىمىغان دىئالېكتىدا پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن. قەدىمكى تۈركىي تىللاردا «r» تاۋۇشى بىلەن «z» تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش ھادىسىسى مەۋجۇد بولغان.[801] باسكاكوۋنىڭ پىكىرىچە، «ئوغۇز» — قەدىمدە «R» دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تىلىدا «ئوغۇز» ياكى «ئۇيغۇر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا، «Z» دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تىلىدا «ئوغۇز» ياكى «غۇز» شەكلىنى ئالغان. تۈركشۇناس ۋ. تومسېن (W. TOMSEN) ئوغۇز — ھازىرقى رۇسىيىنىڭ شەرقىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلارنىڭ تىلىدىكى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ‹r› تاۋۇشى ‹Z› بىلەن ئالمىشىدۇ. مەسىلەن، «ئون ئۇيغۇر — ئون ئوغۇز» دەيدۇ[81]. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسى»回纥外九部)) ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز قەبىلىسى»回纥内九姓)) دېگەن ئاتالغۇلار بولۇپ، بۇ ئاتالغۇلار ۋاسىتە ئارقىلىق خەنزۇچە تارىخنامىلەرنى يازغۇچىلارغا يەتكۈزۈلگەن. «توققۇز ئوغۇز» نامى VII – IX ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئەرەب، پارس تارىخىي ھۆججەتلىرىدە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئەمما، ئۇيغۇر ئالىملىرى، مەسىلەن، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ ۋە مەھمۇد كاشغەرى «توققۇز ئوغۇز» نامىنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر» نامىنى ئىشلەتكەن. بۇ ھال بىر تەرەپتىن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە «توققۇز ئوغۇز» (ياكى توققۇز ئۇيغۇر) نامىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، توققۇز ئوغۇز-توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ شاللىنىپ ھەم يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ «ئۇيغۇر» نامى ئاستىغا ئۇيۇشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، مەھمۇد كاشغەرى دىنى ئېتىقاد ۋە خانلىق تەۋەلىكىگە قاراپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قەبىلىلەرنى ئۇيغۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەبىلىلەرنى «تۈرك» دەپ ئايرىپ ئاتىغان. ئەمما، باشقا ماتېرىياللاردا بۇلار بىرلا خەلق دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

9. «توققۇز بايىرقۇ» (九姓拨野固). بۇ قەبىلە كۆپ ھاللاردا بايىرقۇ (Bayirgu) دەپلا ئاتالغان. ئەسلىي ھون قەبىلىسى بولۇپ، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە拨也稽» » دەپ يېزىلغان كېيىنچە تېلى يەنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان. كونا، يېڭى «تاڭنامە» ۋە «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر唐会要)) نىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە «تاشقى توققۇز قەبىلە» ياكى «توققۇز تېلىلار» (توققۇز ئۇيغۇرلار) نىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. ئەمدى «قانۇنلار قامۇسى» 198- جىلد. چېگرا مۇداپىئەسى. تۈركلەر» 突厥. 边防. 卷一九八 «通典»).) كونا تاڭنامە» 8- جىلد. «شۈەنروڭ ھەققىدە خاتىرە» 1- قىسىم上 «玄宗纪» 卷八 «旧唐书») ۋە 194- جىلد، «تۈركلەر تەزكىرىسى»، «كىتابلار جەۋھىرى»، 973- جىلد. «قارام تائىپلەر. دۆلەتكە ياردەملىشىپ، جازا يۈرۈش قىلىش» («助国讨伐. 外臣部»، 卷九七八 «册府元龟»)) قاتارلىق كىتابلاردا «توققۇز بايىرقۇ» نامى تىلغا ئېلىنغان.

10. «توققۇز ئىزگىل» 九姓思结))، توققۇز تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتە (izgil» (斯结»، 思结)) دەپ ئاتالغان. «كىتابلار جەۋھىرى»، 170- جىلد «خانلىق جەمەتى. يىراقتىن كەلگەنلەر» «帝王部.来远» 卷一七0 «册府元龟» ۋە «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» 卷二一一 «资治通鉴»» قاتارلىقلاردا «توققۇز ئىزگىل» نامى تىلغا ئېلىنغان.

11. «توققۇز توڭرا» (九姓同罗) تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار «توڭرا» (Tongra) نامى بىلەن دەسلەپتە تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا «توققۇز ئۇيغۇر» قەبىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان. «كىتابلار جەۋھىرى»، 974-، 971- جىلدلەردە، «كونا تاڭنامە» 97- جىلددا «توققۇز توڭرا» نامى تىلغا ئېلىنغان.

12. «توققۇز باسمىل»九姓拨悉嘧)) تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدىكى خاڭگاي تېغىنىڭ شەرقىدە چارۋىچىلىق قىلغان. كېيىن شەرقى تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. مىلادىيە 742- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قارلۇق قەبىلىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسىگە ئايلانغان. باسمىل (Basmil) نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەبىلە «كونا تاڭنامە» 9- جىلد. «ئومۇمىي تاڭ پۈتۈكلىرى» 全唐文))، 311- جىلدلەردە «توققۇز باسمىل» نامىدا خاتىرىلەنگەن.

13. «توققۇز ئادىز» 九姓阿铁))، تېلى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. «تارىخىي خاتىرىلەر» 史记))، «خەننامە»汉书)) لەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۇگۇر»呼揭)) لارنىڭ ئەۋلادى دېگەن قاراش بار. دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدا چارۋىچىلىق قىلغان. كېيىن تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە مىلادىيە 795- يىلىدىن باشلاپ 821- يىلىغىچە ياغلاقارلار قەبىلىسىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتى قەبىلىسىگە ئايلانغان. بۇ قەبىلە «Atiz-Adiz» دەپ ئاتالغاندىن باشقا «يۇەنخې يىللىرىدىكى ئىسىم فامىلىلەر توپلىمى»元和姓?)) ۋە «ئومۇمىي تەزكىرە»通志)) قاتارلىق كىتابلاردا «توققۇز ئادىز» نامىدا تىلغا ئېلىنغان.

14. «توققۇز بۆگۈ»九姓卜古)) ياكى «توققۇز بارغۇت». توققۇز تېلى قەبىلىلىرىىڭ بىرى بولغان بۇ قەبىلە «ئومۇمىي تەزكىرە»通志)) نىڭ 29 – جىلد «ئۇرۇقداشلىق تەزكىرىسى»氏族志)) دە «توققۇز بۆگۈ» نامىدا خاتىرىلەنگەندىن باشقا، ئاساسەن «بۆگۈ» نامىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

15. «توققۇز قىرغىز (خاككاس) لار九姓坚昆)) ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى. ئۇلار «Kirgiz» دەپلا ئاتالغان. ئەمما، خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ھەر دەۋردە ھەرخىل خەت بىلەن يېزىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ تارىخنامىلەردىن «تاڭ سۇلالىسىغا دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» (唐要要)، «كىتابلار جەۋھىرى» قاتارلىقلاردا «توققۇز قىرغىز» نامىدا خاتىرىلەنگەن. ئېھتىمال، بۇ چاغدا قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغاچقا، توققۇز تېلى يەنى توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) لارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆز نامىنىڭ ئالدىغا «توققۇز» سانىنى قوشۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

16. «توققۇز تاتار». بۇ نام «بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى»، «بايانچۇر خاقان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلاردا تىلغا ئېلىنغان. تاتارلار ئۆز زامانىسىدا تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولغاچقا، توققۇز تېلى قەبىلىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مەزگىل «توققۇز تاتار» نامىدا ئاتالغان بولۇشى كېرەك. كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ئۇلار «تاتار» نامى بىلەنلا ئاتالغان.

17. «توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى» (昭武九姓胡人) تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە يېزىلغان خەنزۇچە ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان كانگىيە (سەمەرقەنت) دىكى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ يەردە توققۇز ئايماق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياۋچىلار (توخارلار) مىلادىيىدىن بۇرۇنقى II ئەسىردە گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيىدىكى چىلىيەنشەن تېغىنىڭ شىمالىدىكى جاۋۋۇ昭武)) ناھىيىسىدىن كۆچۈپ بارغان ۋە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارىلىپ، شۇنداق ئاتالغان. ئەمەلىيەتتەە بۇ يەردە ياشىغۇچىلارنىڭ غوللۇق تەركىبلىرى دىڭلىڭلارنىڭ ئەۋلادى[82] بولۇپ، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە تېلىلارنىڭ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆكتۈركلەر ۋە غوبى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر قاتلام تەسىرىگە ئۇچرىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەركىزىي جۇڭگو رايونى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى دائىم ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر»回鹘)) دەپ ئاتىشىپ سودا قىلىشقان[83]. بۇ ھال قەدىمكى دىڭلىڭلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان توققۇز جاۋۇپلارنىڭ موڭغۇل دالاسىنى مەركىزىي ئۆلكە قىلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن «ئۇيغۇر» نامىنىڭ شۆھرەت تېپىشى ئارقىسىدا ئۆز نامىنى شۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر بار. نېمىلا دېگەن بىلەن، سەمەرقەند ئاھالىسىنىڭ «توققۇز» سانى بىلەن ئاتىلىشى، تۈركىي تىللىق خەلقلەر نەزىرىدىكى خاسىيەتلىك سان «توققۇز»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىدۇ.

18. «توققۇز ياۋچىلار» ياكى ياۋچى توققۇز قەبىلىسى (九姓月氏). ياۋچىلار توخارلارنىڭ بىر قەبىلىسى[84]. توخارلار ئاق تەنلىك، ھىندى ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا تەۋە خەلق بولۇپ، بىرخىل قاراشتىكىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردا بابىلوننىڭ قوشنا رايونلىرىدىن خېشى، كۈسەن ۋە قارا شەھەر (ئاگنى) رايونلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. كۈسەن، قارا شەھەر، جۈملىدىن تارىم بوستانلىقىدىكى توخارلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى تولۇقلاپ[85]، [86]، مىلادىيە VII-VIII ئەسىرلەردىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولغان. خەنزۇچە ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ياۋچى-يۆشى月氏)) دېگەن نام بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ خەلق، ياۋچى توققۇز قەبىلىسى نامىدىمۇ خاتىرىلەنگەن ئەھۋال بولغان.

19. «توققۇز شىرۋىلار» 九部室韦)) شىرۋىلار مەركىزى جۇڭگو رايونىنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى بىر قوۋم. مىلادىيە V-X ئەسىرلەردە موڭغۇل دالىسى ۋە خلۇڭجياڭ دائىرىسىدە پائالىيەت قىلغان. VII ئەسىرلەردە «تاتار» (达怛) دەپ ئاتالغان. شىرۋى-تاتارلار شەرقىي غۇز东朝)) لارنىڭ ئەۋلادى، موڭغۇللارنىڭ ئەجدادى. ئىلگىرى-كېيىن سۈي، تاڭ سۇلالىرى ۋە تۈرك خانلىقى، ئۇيغۇر خانلىقلىرىغا تەۋەمۇ بولغان. «سۈينامە» (隋书) دە «توققۇز شىرۋىلار» نامىدا خاتىرىلەنگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن توققۇز گۇيفاڭلار، توققۇز شيەنيۈنلەر، توققۇز دىلار، توققۇز تۈركلەر، توققۇز تېلىلار، توققۇز ئوغۇزلار، توققۇز ئۇيغۇرلار، توققۇز بايىرقۇلار، توققۇز ئىزگىللار، توققۇز توڭرالار، توققۇز باسمىللار، توققۇز ئادىزلار، توققۇز يۆگۈلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بەزىلىرى بىۋاسىتە، بەزىلىرى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بار قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن (قوۋمدىن) ئىبارەت. بۇنىڭدىكى «تېلى» ئاتالغۇسىنى «تۈرك»، «تۆلەس»، «تۇرا» دەپ ئايرىم-ئايرىم يېشىم بەرگەنلەر بار. دېمەك، بۇ ھەقتىكى قاراشلاردا پرىنسىپال ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابتا «تېلى» نامى خەنزۇچە تەلەپپۇز بويىچە ئېلىندى. «توققۇز قىرغىز»، «توققۇز تاتار»، «توققۇز شىرۋىلار» ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (744-840) دە ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۈگۈنكى قىرغىز، تاتار، موڭغۇللار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھېسابلىنىدۇ. توققۇز مولار، دىلار بىلەن بىر مەزگىل ئىتتىپاق تۈزگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق.

«توققۇز» سانى بىلەن ئېنىقلىنىپ كەلگەن بۇ قەبىلە-قوۋملارنىڭ بەزىلىرى چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، مولار، گۇيفاڭلار، شيەنيۈنلەر، دىلار، تۈركلەر، تېلىلار، ئوغۇزلار، ئۇيغۇرلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوۋملارنىڭ بەزىلىرى كۆپ قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان؛ گۇيفاڭلارنى ئېلىپ ئېيتساق، يىن (شاڭ) سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ 20 خانى (بېگى) بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بار[87]. بۇ شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ 20 قەبىلىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە» 北史.高车传»» دە تېلى (ئېگىز قاڭقىللار) قەبىلىلىرىنىڭ 21 دىن كۆپرەك قەبىلىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان بولسا، «سۈينامە. تېلىلار ھەققىدە قىسسە»隋书.铁勒传)) دە 43 تېلى قەبىلىسى خاتىرىلەنگەن. راشىددىننىڭ «جامىئۇل-تەۋارىخ» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 122 دىن ئارتۇق قەبىلىسىنىڭ بارلىقىنى يازغان بولسا، ئوبۇلغازى باھادىرخانمۇ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق كىتابىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زىكرى» بابىدا «ئون ساينىڭ ياقىسىدا ئولتۇرغانلارنى ئون ئۇيغۇر، توققۇز ساينىڭ ياقىسىدا ئولتۇرغانلارنى توققۇز ئۇيغۇر دەر ئەردى… 120 ئۇرۇق (قەبىلە) ئەل ئىدى» دەپ يازغان. بۇ يەردە دەريا بىلەن ساي ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. «توققۇز» سانى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەر كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەزىدە ئازىيىپمۇ قالغان. بۇ قوۋملار تەركىبىدىكى قەبىلىلەر مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇلار كۈچەيگەن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۈكسەلگەن دەۋرلەردە «توققۇز» سانى بىلەن ئۆز قوۋمىنىڭ نامىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاتىغان. ئەمدى ئۇيغۇر (تېلى) قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يەككە ئەزالىرى بولغان بايىرقۇ، ئىزگىل، توڭرا، باسمېل، ئادىز، بۆگۈ قەبىلىلىرى ئۆزلىرى «توققۇز ئۇيغۇر» تەركىبىدە تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن «توققۇز» سانىنى ئۆز ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇۋالغانلىق مەسىلىسىگە كەلسەك بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇلارمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈچىيىپ، ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ، ئايرىم بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل قىلىش ئىستىكى بولغان. شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق، غەلىبىنىڭ سمۋولى بولغان «توققۇز» سانىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىغا قوشۇۋالغان بولۇشى، يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەربىرى توققۇز ياكى شۇ ئەتراپتىكى ئۇرۇقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇشى مۇمكىن.

قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى «توققۇز» سانى بىلەن ئاتاش، خانلىقلارنى «توققۇز» ۋەزىر بىلەن باشقۇرۇش، «توققۇز تۇغلۇق خان» بايرىقىنى تىكلەش، «توققۇزخان» بىرلىك قىلىنغان ئورتاق خانلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇش، توققۇز ئەلچى تەيىنلەش قاتارلىق ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرغان.

تۆمۈرلەڭنىڭ تارىخچىسى شەرفىدىن ئەلى يەزدى «زەپەرنامە» دېگەن كىتابىدا «تۈركىي خەلقلەردە ھەرقانداق نەرسىنى توققۇز قىلىش ئادىتى بار، خۇدايىتائالا ئۇندىن ئارتۇق ياراتمىغان» دېگەن. «فرانسىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر پارچە تۈبۈتچە ھۆججەت» (نومۇرى: P.1283) تە ئۇيغۇرلار «دەرۋازىسىغا توققۇز بايراق قادايدۇ» دېگەن جۈملىلەر بار. مەھمۇد كاشغەرى «تۇغ» دېگەن سۆزنى ئىزاھلاپ، ئۇنى «تۇغ، بايراق، توققۇز تۇغلۇق خان ياكى خاقان» دەپ تەبىر بەرگەن[88]، قەدىمكى چاغدا خوتەننىڭ «توققۇز خاقان» دېگەن نامىمۇ بولغان[89]. بۇلارنىڭ توققۇز قەبىلە چۈشەنچىسىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
«توققۇز قەبىلە» چۈشەنچىسى خانلىقلارنى توققۇز ۋەزىر ئارقىلىق باشقۇرۇش ۋە توققۇز ئەلچى تەيىنلەش ئەنئەنىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇيغۇر ئورقۇن خانلىقى دەۋرىدە ئىچكى ۋەزىر ئۈچ نەپەر، تاشقى ۋەزىر ئالتە نەپەر بولغان. («يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»،新唐书.回鹘传» » يەنە «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»دا «توققۇز بۇيرۇق» دېگەن نام خاتىرىلەنگەن.) بۇ خىل ئەنئەنە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى[90]، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى، قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرى[91] گىچە داۋاملاشقان. مەسىلەن، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. كۈسەن تەزكىرىسى»宋史.龟兹传)) دە كۈسەنلىكلەرنىڭ «خانى ئارسلانخان دەپ ئاتىلىدۇ، توققۇز ۋەزىر ئارقىلىق خانلىقنى باشقۇرىدۇ» دېيىلگەن. كۈسەن ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، بەزى يىللىرى ئايرىم ھاكىمىيەت سورىغان. كۈسەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن قوچو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولۇپ، كۈسەن خانلىقىدا توققۇز ۋەزىر بولغانلىقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدا بولغان بىلەن ئوخشاش، دەپ چۈشىنىلسە بولىدۇ. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. 490 جىلد. چەتئەللەر تەزكىرىسى»外国传» 卷490 «宋史» » دە داشى大石) يەنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ئەلىيان阿里烟) ( بۇ ئەلدە) «توققۇز ۋەزىر خانلىقنى باشقۇرىدۇ» دېگەن بايانى خاتىرىلەنگەن. بۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ توققۇز تۇغلۇق خان ۋە خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر توققۇز بولىدۇ[92]، دېگەن بايانىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەستىقلايدۇ. «مايتىرى سىمىت»تىكى «ئون ئۇيغۇر ئىلى، ئوتتۇز شاھزادە ئوغلانلىرى، توققۇز ئەلچى ئاقىلدارى[93]» دېگەن جۈملىدىن، ئەينى زاماندا توققۇز ئەلچى بولىدىغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن.

دېمەك، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەرقايسى قوۋملار مۇقىم ۋە گۈللەنگەن بىر دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە توققۇزنى بىرلىك قىلغان مىللىي گەۋدىنى قۇرغان. كېيىنكى خانلىقلار توققۇز ۋەزىر ۋە ئەلچى ئارقىلىق خانلىقنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ[94]، دەپ قارىغان.

ئىككىنچى، «توققۇز» ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ، بۈيۈك دېگەن مەنىلەردە ئىستېمال قىلىنغان. ئوبۇلغازى باھادىر خان «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق كىتابىدا «ھېچ نەرسىنىڭ مەرتىۋىسى توققۇزدىن يۇقىرى بولماس، چېكى توققۇزدۇر» دەپ يازغان. ئۇلۇغ شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ 13291 مىسرالىق كاتتا ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»تە توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازىنى ياراتقان. چىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن بۇخېڭ «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» (卷39)«西域图志»:傅怛 ‹清› دە ئۇيغۇرلار «ساناقتا توققۇزنى بىرلىك قىلاتتى، بىر توققۇز، ئىككى توققۇز ۋە ئۈچ توققۇز دەپ ساناش قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئىدى» دېگەن. قەدىمكى خانلار تەختكە چىقىدىغان چاغدا توققۇزنىڭ سېھرىي كۈچى تېخىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، كۆكتۈرك خاقانى تەختكە چىققاندا بەلگىلەنگەن مۇراسىم مەيدانىنى توققۇز قېتىم ئايلاندۇرغاندىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغان. («جۇۋنامە» — «周书»گە قاراڭ). ئۇيغۇر خانلىقىدا قاتۇنلار (خانىشلار) خانلارنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان ھۆكۈمران بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئادەتتىكى ئاياللىق ياكى توقاللىقتىن قاتۇن (خانىش) لىققا كۆتۈرۈلىدىغان چاغدا قاغانلارنىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمىغا ئوخشاش مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ۋەزىرى قاتۇننى تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ «كۈننىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئوردا (ھويلىسى) نى توققۇز نۆۋەت ئايلاندۇرغان»دىن كېيىن قاتۇنلۇق ئوتۇغاتى كۈچكە ئىگە بولغان. («كونا تاڭنامە» 195- جىلد. 195卷 «旧唐书»)) قىستۇرۇپ ئۆتىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر خانلىقىدا خانلارنىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمى تۈرك خانلىقىغا ئوخشاش شەكىلدە ئۆتكۈزلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تارىخىي كىتابلاردا بىر نەرسە دېيىلمىگەن[95]. ئەمما، قاتۇنلارغا ئوتۇغات بېرىش مۇراسىمى تۈرك خانلىرىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئوخشاش بولغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر خانلىرىنىڭمۇ شۇ خىل ئادىتى بويىچە خاقانلىققا كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
موڭغۇللاردىمۇ خانلار سەلتەنەت تەختىگە چىققاندا توققۇزنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلانغان. «دوسان موڭغۇل تارىخى»دا ئېيتىلىشىچە، چىڭگىزخان توققۇز دانە ئاق قوتازنىڭ قۇيرۇقىنى تۇغ قىلىپ تىكلەپ، ياۋلى姚里)) قەبىلىسىگە خېشىدىن ئەسىرگە ئالغان توققۇز ئەسىرنى تارتۇق قىلىپ، توققۇز ئات، توققۇز دانە كۈمۈچ نۆكچە، ئاقچا، قورالدىن توققۇزنى تەييارلىغان، موڭغۇللار يېڭى خان تەختكە چىققاندا ئۇنىڭغا توققۇز قېتىم تەزىم قىلغان[96]. ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىمۇ چىڭگىزخاننىڭ تەختكە چىققانلىقىدىكى ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلغان. تارىخ ھىجرى 598- يىلى (مىلادىيە 1201 — 1202- يىلى) موغۇللار ئىتتىپاقلىشىپ، توققۇز پايەلىك (قەۋەت – ت) تەخت تەييارلاپ، تىمۇچىننى پادىشاھ قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ ‹چىڭگىزخان› دەپ لەقەب قويدى، بۇ موغۇلچە ‹خانلارنىڭ خانى› دېيىلىدۇ ياكى ‹شاھىنشاھ› دېگەن بولىدۇ»[97].

مانا بۇ خاتىرىلەردىن بىلىنىدۇكى، «توققۇز» خانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە سەلتەنىتىنى نامايان قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغان.

ئۈچىنچى، «توققۇز» كۆپ، كەڭ، نۇرغۇن، تولۇق، چوڭ دېگەن مەنىلەردە ئىستېمال قىلىنغان. مەھمۇد كاشغەرى «خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ كەتسىمۇ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ» دېگەن. بىرەر ئەل، ئۇلۇس ياكى خانلىقنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە «توققۇز»غا تايىنىش يىراق قەدىمكى چاغلاردىلا باشلانغان. «گور-gor» (鬼) » بىلەن «توققۇز» ئەڭ مۇقەددەم زامانلاردا بىرلىكتە قوللىنىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «تارىخىي خاتىرىلەر. يىن بەگلىكى تەزكىرىسى»殷本纪.史记)) دە: شىچاڭدا بەگ، توققۇز بەگ، ئېبەگ鄂侯)) بولۇپ ئۈچ بەگ بار، دېگەن خاتىرە؛ «تارىخىي خاتىرىلەر. لۇجوڭليەن زوياڭ鲁仲连邹阳)) تەزكىرىسى» دىمۇ «توققۇز بەگ» 九候)) تىلغا ئېلىنغان بولسا، «ئەدەپنامە. مىڭتاڭۋى» 礼记.明堂位)) ۋە «جەنگو تەدبىرلىرى. جاۋ بەگلىكى تەدبىرلىرىدىن ئۈچ»战国策.赵策三)) قاتارلىقلاردا «گور بەگ»鬼侯)) دېگەن ناملار خاتىرىلەنگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. يىن بەگلىكى تەزكىرىسى»نى ئىزاھلىغۇچى چۈگۈاڭ 徐广)) گوربەگ دېگەن گەپ بار، يېشەن邺县)) ناھىيىسىدە ‹توققۇز بەگ› شەھىرى بار» دەيدۇ. تاڭ دەۋرىدىكى لى تەي يازغان «ئىقلىمنامە»括地志:李泰)) دە شەرھلىنىپ «شاڭجۇ ئايمىقىنىڭ فۇ 滏)) شەن (خېبىي ئۆلكىسى تەۋەسىدە) ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 50 چاقىرىم كېلىدىغان يەردە توققۇز بەگ شەھىرى九候域)) بار بولۇپ، گوربەگ شەھىرى鬼侯域)) دەپمۇ اتىلىدۇ، بۇ يىن بەگلىكى دەۋرىدىكى توققۇز بەگ شەھىرىدۇر» دېيىلگەن.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «گور» لار يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «گۇيفاڭلار»دۇر. ئۇلار ئۆزى پائالىيەت قىلىدىغان جايلار (ياكى شەھەرلەر) نى كەڭ، كۆپ مەنىدە «توققۇز شەھەر» دەپ ئاتىغان. بۇ ئادەت دىلارنىڭ ئاق دى白狄)) قەبىلىسى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيىسى تەۋەسىدە جوڭشەن بەگلىكى中山国)) نى قۇرغان چاغ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 507 — 406 ۋە 381 — 296- يىللار) دا پائالىيەت قىلىدىغان دائىرىسى قەدىمكى «توققۇز لى»九黎)) قەدىمكى قوۋم نامى) دائىرىسىدە بولغانلىق ئەھۋالىدىمۇ[98] ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تارىخشۇناس ئابدۇللا ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە قۇمۇلدىكى قەدىمكى لاپچۇق شەھىرىنىڭ ئۆز زامانىسىدا توققۇز دەرۋازىسى بولغان، ھازىرغىچە لاپچۇق خەلقى دەرۋازىنىڭ ئورنىنى «توققۇز قوۋۇق» دەپ ئاتايدىكەن[99]. بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەش چوڭ شەھەرنىڭ مۇجەسسىمى سۈپىتىدە بىر شەھەر قۇرۇپ، ئۇنى «بەشبالىق» (بەش شەھەر) دەپ ئاتىغانلىقى بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەجدادلار شىنجاڭدىكى ۋە ئۆزى ياشىغان تېررىتورىيىدىكى بىرمۇنچە يەر-ئورۇن ناملىرىنى توققۇز سانى بىلەن قورشاپ ئاتىغان. مەسىلەن، توققۇز ئەرسەن — يەر ئىسمى («كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»دا).

توققۇز — قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ مەركىزى. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئۈچ خىل يەشمە بار. توققۇز ئوق (توققۇز قەبىلە)[100]، توققۇز ساق (توققۇز ساك)[101] ۋە توققۇز ئاق (توققۇز بوزلۇق) دېگەنلەردىن ئىبارەت.

توققۇز ساراي — مارالبېشى ناھىيىسىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى.

توققۇز ھۇجرا (ئۈچ بۇرھان) — قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چاقماق دەرياسى بويىدىكى بۇددا مىڭئۆي خارابىسى؛ بەشكىرەم لەنگەرنىڭ شىمالىدىكى تاغ ئۆڭكۈرلىرى «توققۇز ھۇجرا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە ئۈچ ئىشىكلىك ئىككىدىن ئالتە ئۆي (ھۇجرا) بولسىمۇ، لېكىن، كىشىلەر توققۇز ھۇجرا دەپ ئاتاپ ئادەتلىنىپ قالغان.

توققۇز قازناق — قەشقەر ئوپال ھەزرىتى موللام مازىرىنىڭ شىمالىدىكى ھەزرىتى موللام تېغىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى مىڭئۆي ئىزىنى يەرلىك كىشىلەر مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ.

توققۇز بۇزۇكۋارلىرىم — خوتەندىكى ئىمام جەپىرى سادىق مازىرىدىن 70 كىلومېتىرچە كېلىدىغان يەردىكى بىر مازار. ئۇ يەنە «توققۇز قىزلىرىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

توققۇزخان شەھىرى — خوتەندىكى مەلىكە ئاۋات شەھىرىنى كىشىلەر مۇشۇ نام بىلەنمۇ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ شەھەر 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن[102].
ئىلى توققۇز شەھىرى — چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلىدىكى ھەرقايسى جياڭجۈنلەرنى باشقۇرىدىغان ئورۇن[103].

توققۇز بۇلاق — ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدىكى كۆپ بۇلاقلار توپىنىڭ ئورتاق نامى.

توقسۇن — تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ناھىيە ئىسمى. بۇ توققۇز سۇ دېگەندىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشمۇ بار. شۇنداق بولغاندا ئۇلار: ئايغىر بۇلاق، قوشتېرەك، كۆكئىنەك، زۇمۇتا، ئۈستۈنغول، ئالغۇي (ئاراغول)، ئېۋىرغول (ئۇيغۇر غول)، ياغاچ بېشى، بايتوقايلاردىن ئىبارەت توققۇز ئېقىننىڭ سۈيىدە كۆكىرىدىكەن[104].

توققۇز تارا — ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە ئىسمى. توققۇز ئېقىن (سۇ) مەنىسىدە.

بۇ خىل ئورۇن-جايلار نامىنىڭ قوللىنىلىشى مەسىلىسىگە كەلسەك يەرلىك خەلقلەر ئۆزى ياشاپ تۇرغان ئاشۇ رايوننىڭ كەڭ، سۇلۇق يەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توققۇز سانىنى قوللانغان دېيىشكە بولىدۇ.

«توققۇز بۇزرۈكۋارلىرىم» بولسا كۆپ قىزلارنىڭ سەرخىللىرىنىڭ ئورتاق نامى، «توققۇز بۇلاق» جىق بۇلاق مەنىسىدە، «توققۇز قازناق» نۇرغۇن ھۇجرا (مىڭئۆي) مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنغان.
قەدىمكى ئۇيغۇرلار مۇسىقا (مۇزىكا) ۋە ئويۇن (تىياتىر) لارنىمۇ توققۇز سانى بىلەن ئېنىقلىتىپ ئاتىغان. مەسىلەن، ئە ئالىپتېگىننىڭ «ئۇيغۇر تۈركلىرى» (1978- يىلى، ئىستانبول تۈركچە نەشرى، 114- بەت) ناملىق كىتابىدا توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە VIII ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە توققۇز مۇزىكىسى بولغان[105] دەپ يېزىلغان بولسا، سىڭقۇ سېلىنىڭ تەرجىمە ئەسىرى «شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دا: «توققۇز باغ ئويۇن ئەتىزدۇردى» (توققۇز قىسىم مۇسىقا-مۇزىكا چالدۇردى) دېيىلگەن؛ قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا «توققۇز باغ ئويۇن» (توققۇز قىسىملىق مۇزىكا) دېگەن ئاتالغۇ بولغان[106].

تارىخىي يازما ھۆججەتلەر ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا رېئال مەسىلىلەر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر يولى بىلەن ئېيتىلغان جۈملىلەردە توققۇزنىڭ كۆپلۈك ئۇقۇمىدا ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىپىك دەپ سانالغىنى مۇنداق.

«ئوغۇزنامە»دە:

«ئوغۇزخاننىڭ مۇزتاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى. توققۇز كۈندىن كېيىن ئوغۇزخاننىڭ ئايغىرىنى ھازىر قىلدى»[107].
«كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»دا:

كۆلتېگىن «توققۇز ئەرنى ئەگىپ يۈرۈپ چېپىپ تاشلىدى»، «كۆلتېگىن ئۈگىسىز (دېگەن) ئاق ئېتىنى مىنىپ توققۇز ئەرگە نەيزە سانجىدى»، «9- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتىدۇق».
«مايتىرى سىمىت»دا:
«توققۇز ئەلچى ئەقىلدارى».
«قۇتادغۇبىلىك»دا:
«ياشلىق ئۆرلەدى يەردە قوپتى تۇغى،
ياقا كەلدى ئاشنۇ توقۇز ئال تۇغى» (4893- بېيىت)
(قۇياش ئۆرلىدى، قوپتى يەردىن توزان،
توققۇز رەڭدا ھال تۇغ يېقىنلاپ ھامان)[108].
«سەددى ئىسكەندەر»دە:
«يەنە كەشمىرنىڭ دۆلەت ئەركانلىرىدىن ئۈچ توققۇز كىشىگە ساۋۇتلارنى تەقدىم قىلدى…» (142- بەت). «ئىسكەندەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھەددى-ھېسابسىز پىشكەشكەرنى تەييارلىدى. ئۇنىڭغا سوۋغات قىلىش ئۈچۈن ئېسىل ماتالاردىن توققۇز توققۇزنى تەييارلىدى. ھەرخىل ئېسىل ۋە ھەيۋەتلىك پىللاردىنمۇ توققۇزنى، يەنە بىر رىۋايەتتە ئوتتۇز توققۇزنى تەييارلىدى» (199- بەت). «ھەر بىرىنىڭ ئىچىدە توققۇزدىن ھىندى غولاملىرىنى جايلاشتۇرغانىدى. بۇ ئاتلارنىڭ ھەر بىرى پىلدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىر پىلدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىر توققۇزى بىرخىل رەڭدە بولۇپ، ئاتلارنىڭ ھەربىر توققۇزىغا بىرخىل رەڭدە قىممەتلىك ئۆزگىچە يوپۇقلارنى ياپتى… يەنە توققۇز توققۇز ئۇلاغدا نەپس رەختلەرنى تەييارلىدى… يەنە قۇياشتەك شولا چېچىپ تۇرىدىغان ئالتۇن ئىدىش ۋە جاملاردىن توققۇز توققۇزنى تەييارلىدى… يەنە شېكەر تىللىق، شېرىن سۆزلۈك تۇتىلاردىن توققۇز توققۇزنى تەييارلىدى… يەنە چىرايلىق توزلاردىن توققۇز توققۇزنى تەييارلىدى (150- 151- بەتلەر؛ «توققۇزمىڭ ئات ئۇچىسى پۈتۈن پېتى پىشۇرۇپ ئېلىپ چىقىلدى»، «يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆھپىلەر توققۇز توققۇزدىن ئېلىپ كىرىلدى» (208- 209- بەتلەر)؛ «توققۇزقات ئاسماننىمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزۈشنى تەمە قىلاتتى…» (4- بەت)؛ «توققۇز پەلەكنىڭ ھەقىقەتلىرى ئاشكارا بولدى» (219- بەت)؛ «… ئۇ ئاھ ئوتلىرى بىلەن جاھاننى ياق، بەلكى توققۇز قات ئاسماننى كۆيدۈرمەكچى بولاتتى» (300- بەت)[109].

«مەھدۇم ئەزەم» (مۇھەممەد ئېۋەز قاراقاشى ئەسىرى، ھىجرىيە 1241-، مىلادىيە 1819-، 1820- يىللىرى كۆچۈرۈلگەن) دە بۇ كىتاب: «توققۇز ئەخلاق…»تىن جەمئىي قىلىندى[110].

«تارىخى ئەمىنىيە»دە:
«… بىر توققۇز خىتاي زەمبىرىكى، بىر توققۇز نازىنىن باكىرە قىز[111]. بىر توققۇز بەرنا ئوغۇل… توققۇز توققۇز بېيجىڭ يامبۇسى، توققۇز توققۇز قالماق ئېتى» قاتارلىقلارنى سوۋغات قىلدى. «… توققۇز ئېسىل ئارغىماق ئات… توققۇز بوقچا… توققۇز مىلتىق…» قاتارلىق سوۋغاتلار تاپشۇرۇۋېلىندى[112].

«تارىخى ھەمىدىي»دە:
«… پادىشاھلار، ئۇلۇغ شەۋكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆزئارا توققۇز توققۇزدىن سوۋغا-سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بىر سەككىزنى ‹بىر توققۇز› دەپ ئاتايتتى. خان ۋە پادىشاھلار ھەتتا پۇقرالار ئاممىسى ياكى خوتۇنلار ئۆزئارا بېرىش-كېلىشلەرنى قىلىدىغان بولسا پەقەت سەككىز ناننى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇ توققۇز دەپ ھېسابلايتتى. بۇنداق ئادەت مۇغۇلستان (شىنجاڭ) يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە»[113].
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەردە:
ئەپسانە-رىۋايەتلەر:
«ئۆلگىن تەڭرى ئەپسانىسى»دا
«… ئۆلگىن تەڭرىنىڭ يەتتە ئوغلى، توققۇز قىزى بار…»[114].
«توققۇز ئەجدىھا دەرىخى» (شۇ ناملىق رىۋايەتتە)
«توققۇز ئەجدىھا دەرىخى» (شۇ ناملىق رىۋايەتتە)
«ئافرات خاقان ۋە توققۇز قىز» ئەپسانىسىدا:
«ئافرات خاقانىڭ توققۇز قىزى ۋە توققۇز ئوغلى بار ئىكەن»[115].
داستانلاردا:
«گور ئوغلى» داستانىدا:
«شەرتىمنى ئادا قىلمىسا، تۇلپار ئېتىمنى توققۇز يەردىن ئىيىل تارتىپ توقۇپ بەرسە، دېدى»؛ «گور ئوغلى پەرىزات ۋە ئادەمزاتتىن بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن توققۇز خوتۇن ئالدى»؛ «توققۇز شاھ كىيىمى كىيدى»؛ «توققۇز خىل تاماق تەييارلاپ، ئالدىغا قويدى»؛ «شۇڭقارىغا توققۇز ئۆردەك ئالدۇرۇپ ئەكېلىپ بەردى»، «مىنگەن ئېتى توققۇز كۆكنى كۆزلەيدۇ»، «ئوڭ يېنىدا توققۇز تۇمارى بار» [116].
«خەلق ماقال – تەمسىل» لىرىدە:
«توققۇزى تەل بولماق».
«مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز».
«ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ».
«ئادەمدە سۆلەت ئون، بۇنىڭ توققۇزى تون».
«كېسەلنىڭ توققۇزى گالدىن، بىرى يەلدىن».
«كېسەلنىڭ توققۇزى ژىندىن، بىرى جىندىن».
«تۆت تەڭگىگە قىممەت، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان».
«بېرىشى توققۇز، ئېلىشى ئوتتۇز».
«تويغان يەرگە توققۇز قېتىم تەزىم قىلماق».
«توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتماق».
«شۇ كۆڭۈللەر خۇشلىقىدىن،
كۆك ئويۇننى باشلىدۇق.
كۆك ئويۇننى باشلىدۇق.
غازنى ئوتتۇز، قوينى توققۇز،
ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق» [117]

«خەلق تېپىشماقلىرى»دا:
«پاكار – پاكار بويى بار،
توققۇز قەۋەت تونى بار» (پىياز)

«خەلق قوشاقلىرىدا»دا:
«ئەتىگەن قوپار بولغاي،
تۈننۈك ئاچار بولغاي.
توققۇز ئوغۇللۇق،
بىر قىزلىق بولغاي».

«تېرىسى ئوتتۇز گەردىشىگە داپ بولدى،
مۈڭگۈزى توققۇز كەتمەنگە ساپ بولدى».

«خەلق چۆچەكلىرى»دە:
«ئوردىغا توققۇز دەرۋازىدىن كىرمەك».
توققۇز خەزىنە؛ توققۇز ساراي، توققۇز ۋەزىر».
«…. 90 ياشلىق كارۋانچى بوۋاي توققۇز قىچىر يۈك ئارتىپ، توققۇز ياشلىق نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، توققۇز كېچە – كۈندۈز يول يۈرۈپ، توققۇز سارايغا چۈشۈپتۇ، توققۇز قەۋەت كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، توققۇز تۈرلۈك غىزا بىلەن غىزالىنىپتۇ…».
«ھۆر – پەرىلەر توققۇز قەۋەت ئاسماندا، توققۇز سارايدا، توققۇز ئىشىكلىك قاتمۇقات خانىلاردا، توققۇز كېچە – كۈندۈز ئۇخلارمىش، ئۇلار شۇنداق ئۇخلاپ ئۇيقۇغا قانغاندىن كېيىن توققۇز كېچە – كۈندۈز ئۇخلىماسمىش، يۈزلىرىگە تارتقان چۈمپەردىلىرىمۇ توققۇز قەۋەت بولارمىش» [118].

«خەلق ئۆرپ – ئادەتلىرى»دە:
«يىگىت تەرەپتىن قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن توققۇز قېتىم تەزىمگە بارىدۇ… قىزنىڭ مەھەللىسىدىكى يىگىتلەر قۇلايلىق جايدا ئارغامچا بىلەن گۈلخان يېقىپ، يولنى توسۇپ، قىزنىڭ كۆركىنى قىلىدۇ. يىگىت تەرەپ توققۇز غېرىچلىق قوي بەرگەندىلا ئاندىن يول ئېچىلىدۇ… قىز كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، يىگىتلەر قىزنى ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۈچ يەرگە يېقىلغان ئوت ئۈستىدىن توققۇز قېتىم چۆرگىلىتىدۇ… توينىڭ توققۇزىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە سالامغا بارىدۇ…»[119]. (قۇمۇل «يۈز ئاچقۇ بېيىتلىرى»نىڭ بايانىدا).

تۆتىنچى، «توققۇز» ئۆلچەم، مىزان، بەلگىلىمە، قائىدە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. يەنى، خانلار، پۇقرالارنىڭ سوۋغات ئۆلچىمى، ئىنئام، مۇكاپات مىزانى، جازا بەلگىلىمىسى، ئىش-ھەرىكەت قائىدىسى قىلىنغان. دىنىي پائالىيەت قائىدىسىنىڭ ئادىتى-ئۆلچىمى بولغان. بۇ توغرۇلۇق ھەرخىل ماتېرىياللار بار. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتقا كەلگەن (1414- يىلى سەپەرگە چىققان) چېن چىڭ (陈诚)، «غەربىي يۇرتتىكى قارام ئەللەر تەزكىرىسى» 西域番国志)) ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: «غەربىي يۇرتتا ئىنئام بېرىلگەندە مال-دۇنيا تارتۇق قىلىنىدىكەن، ئاقچا، مەرۋايىت-قاشتېشى ۋە باشقا ئىلتىپاتلار چەكلەنمەيدىكەن، ئەمما توققۇز ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، بىر توققۇزدىن تارتىپ، توققۇز توققۇزغىچە بولىدىكەن، بۇ بىر ئەدەپ-قائىدە ھېسابلانغان»[120]. مىرزا ھەيدەرنىڭ بايان قىلىنىشىچە، چىڭگىزخان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى خۇدايدات (1356 — ؟) نىڭ بوۋىلىرىدىن ئورتۇبكە يەتتە خىل مەنسەپ بەرگەن. موغۇلىستان خانى تۇغلۇق تۆمۈر (1330-1336) نى قىپچاق دالىسىدىن تېپىپ كېلىپ خانلىق تەختكە ئولتۇرغۇزغان ئەمىر بۇلاجىغا ئىلتىپات كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ (ئۇ خۇدايداتنىڭ ئەۋلادى) يەتتە خىل ئىمتىيازغا يەنە ئىككى خىل مەنسەپلەر ئىچىدە گۇناھكار ئاق توسۇن ئاتقا مىنگۈزۈلۈپ، ئاتنىڭ ئاستىغا توققۇز قەۋەت ئاق كىگىز سېلىنىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش؛ مۇبادا ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ سادىر قىلسا توققۇز گۇناھى تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ، ئىككى ئەمىر يانداپ كۆزىتىش تۇرسا، باشقىلار ئۇنىڭ قان تومۇرىنى كېسىش، پۈتۈن بەدىنىدىكى قېنىنى چىقىرىپ ئۆلتۈرۈش[121]، موللا موسا سايرامى بولسا موغۇلىستان خانلىرىدىن خىزىر خوجا (؟ — 1399- يىلى) ئۆزىنى ئاسراپ، خانلىق تەختكە چىقارغان ئەمىر خۇدايداتقا مۇنداق ئىمتىياز بەرگەنلىكى توغرۇلۇق توختالغان:

«خىزىر خوجاخان… (ئەمىر خۇدايداتنىڭ) خىزمىتى ئۈچۈن… جەمئىي توققۇز مەنسەپ» بەردى. «… توققۇز گۇناھ سادىر قىلمىغۇچە گۇناھقا لايىق قىلماسلىق؛ توققۇز گۇناھ سادىر بولسا ۋە ئۇنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە ئەمىر خۇدايداتنى قىزىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سورىقىنى قىلىش… توققۇز گۇناھ سادىر بولمىغۇچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك [122].

دېمەك، «توققۇز» مىزان قىلىنغان چاغدا ئۇ ھەم ئىنئام ھەم جازا ئۆلچىمى ياكى چېكى قىلىنغان.

خەلق ئارىسىدىكى ئادەتلەردىمۇ ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىنكاسىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، ئەمەت جېلىل ئەپەندى بايان قىلغان ئەمەلىي تۇرمۇش ماتېرىياللىرى بىلەن ئا. ت. ئۆتكۈر ئەپەندى تەسۋىرلىگەن بەدىئىي ئەسەردىكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرگەندە قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق ئادەتلەر ساقلانغان. توي ئادەتلىرىدە:

توققۇز قېتىم تەزىمگە بارىدۇ، توققۇز غېرىچلىق قوي بەرگەندىلا يول ئېچىلىدۇ؛ قىزنى ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۈچ يەرگە يېقىلغان ئوت ئۈستىدىن توققۇز قېتىم چۆرگىلىتىدۇ؛ توققۇز خىل مېۋە تەييارلىنىدۇ، قىز تەرەپكە توققۇز پارچە رەخت سېلىنىدۇ؛ توققۇز تۇياق قوي، توققۇز كۈرە بۇغداي، توققۇز شىڭ گۈرۈچ، توققۇز جىڭ ياغ، توققۇز شىرە مېۋە-چېۋە قاتارلىق نەرسە-كېرەكلەرنى قىز تەرەپكە بېرىدۇ؛ تويى بولغان قىزغا قوينىڭ توققۇز تونلۇقى پىشۇرۇپ يېگۈزۈلىدۇ. تويدا چوڭلار قىزغا دۇئا قىلغاندا، توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغاي دەپ دۇئا قىلىدۇ.

توي مۇراسىمىدىن كېيىنكى دۇئادىكى بۇ خىل ئادەتلەرنى چەت ئەل ئالىملىرىمۇ بايان قىلغان. مەسىلەن، قازاقىستانلىق د. ئا. ئىسىيېف «ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى» ئالما-ئاتا، 1983- يىلى نەشرى، 44- بەتتىكى مەلۇماتنى نەقىل ئېلىپ: «توي مۇراسىمىدىن كېيىن قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىدۇ، بۇ چاغدا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۈيئوغلىغا بەخت تىلەيدۇ ۋە مۇبارەكلەيدۇ: ‹ئىنشائاللا (خۇدا بۇيرۇسا) توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغايسىز، دەپ يازدا، س. مالوفنىڭ موسكۋا-لېنىنگراد، «ئۇيغۇرچە» 1954- يىلى نەشرى، 33- بەتتىن سۆز ئېلىپ: «مورىنى (تۇر خۇننى) ئۆز ۋاقتىدا ئاچقايسىز، كۈندىن بۇرۇن تۇرغايسىز، توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغايسىز، كىشىلەر كۆزىدىن سەۋىچ تاپقايسىز! مال-چارۋاڭلار يىلسېرى ئاۋۇغاي!» دېگەن ياخشى تىلەكنى تىلەيدۇ[123]. توينىڭ 9- كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە سالامغا بارىدۇ. قىزنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاسمانغا توققۇز پاي ئوق ئېتىلىدۇ (تاغ رايونلىرىدا) يەنە شۇ 9- كۈنى قۇدىلار بىر-بىرىنى چاقىرىپ، تونۇش ئۈچۈن توققۇز داش قازان ئېسىپ، توققۇز باش ئەركەك قوي سويۇپ چاي بېرىشىدۇ. ھېيىت-ئايەملەردە: قىزىتىلغان ياغقا توققۇز ياكى يەتتە چىتقا قىلىپ چاچراتقۇ سېلىپ ئېتىلدۇرۇلىدۇ. توققۇز چەلپەك سېلىنىپ، توققۇز نان تىزىلىدۇ، توققۇز قۇر ساڭزا تەييارلىنىپ، توققۇز باش ئەركەك قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ئۆلۈم مەرىكىسىدە: ئۆلۈم ئۇزاتقان ئۆيگە توققۇز نان بىلەن بىر چىنە شەربەت ئېلىپ كىرىلىدۇ. ئۆشرە-زاكات بەرگەندە: توققۇز كۈرە ئاشلىق ئۆشرە-زاكات بېرىش. سەپەر ئېيى كىرىشى بىلەن مەھەللىدىكىلەردە توققۇز ئورۇنغا ئوت يېقىپ، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوتنى ئاتلايدۇ. پېرىخون دۇرۇت ئوقۇغاندا توققۇز ئورۇنغا شام يېقىلىدۇ، توققۇز پىلىكلىك توققۇز قارا چىراغ يېقىلىدۇ[124]،[125]. (بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن توققۇز ئەۋلىيانىڭ روھىغا دۇئا قىلىنىدۇ، دېگەن قاراشمۇ بار.) ئۆمۈر مەرىكىلىرىدە: بوۋاقلارنىڭ بۆشۈك توي مۇراسىمىدا، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ، ئۈستىنى ئەدىيال بىلەن يېپىپ، ئالما قېقى قاتارلىقلار بىلەن ئىسرىق سېلىپ، دۇرۇت ئوقۇغاندا بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ھامىلىدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار ئادىتىدە: خەلق ئارىسىدا ئاياللار توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقە (مىنۇت) قورساق كۆتۈرۈپ تۇغىدۇ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ چېچىنى توققۇز تال ئۆرۈيدۇ، دەيدىغان ئادەت بار[126].

بەزى جايلاردا مەشرەپ، باغ سەيلىسى ۋە مەرىكە پائالىيەتلىرىدە «توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىز ھازىر بولدى» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق سورۇنغا كۆپ ئادەم كەلگەنلىكىنى، سورۇندىكى پائالىيەتنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[127].

ئادەم بەدىنىدە «توققۇز كۆز» دېگەن بىر جاي بار. يەنە ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە توققۇز دانە تۆشۈك بار بولۇپ، بۇنىڭ يەتتىسى باش قىسمىدا، قالغان ئىككىسى تۆۋەن بەدەندە. قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلاردا: بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ توققۇز تاللىق (توققۇز تونلۇق) دېگەن ئەزاسى بار. ئارخېئولوگىيىلىك ۋە تارىخىي ماتېرىياللاردا:
1979- يىلى كۆنچى دەريا ساھىلىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرنى قازغاندا، بەزى قەبرىلەردىن تېپىلغان كىگىز قالپاقلارغا… 9 تالغىچە ھەرخىل رەڭدىكى قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. بۇ قەبرىلەرنىڭ يىل دەۋرى بىرىنچى قېتىم 117±6412 يىل، ئىككىنچى قېتىم 3900 يىل بۇرۇنقى چاغقا توغرا كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاپ بېكىتىلگەن[128].

سۇڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مۇئەللىپ چېن ياڭ «نەغمىنامە»乐书» 宋陈旸) ») نىڭ 137- جىلدىدا مۇنداق يازغان: قەدىمكى زاماندا غەرب تەرەپتە ياشايدىغان قوۋملار كومزەك چېلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشاتتى… يېقىندىن بېرى خەلق ئارىسىدا توققۇز دانە تاۋاققا (كومزەككە) سۇ قاچىلاپ چوكا بىلەن ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئۇ ‹ساپال چورا› دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇنى خىلمۇخىل ئاھاڭلارغا چالغىلى بولىدىكەن؛[129].

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن «توققۇز»نىڭ توققۇز خىل ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەنە سۆزلەپ ئولتۇرمىدۇق. بۇلار خاس ئالاھىدىلىكلەر بولغاندىن باشقا ئۆزئارا كىرىشىپمۇ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرمەك تەس. بۇ يەردە تۈپ خۇسۇسىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ ئولتۇرۇپ پىكىر بايان قىلىندى. بۇلار «توققۇز»نىڭ خاراكتېرىنى ئېچىشتا يېتەرلىك ماتېرىيال بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداق بولسا «توققۇز سانى نېمە سەۋەبتىن مۇشۇ دەرىجىدە سىرلىقلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى:
1) توققۇز ئېقىن نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەردىكى قاراش بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان. XIII ئەسىرگە كەلگەندە رەشىدىددىنىڭ «جامىئۇل-تەۋارىخ» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتىكى بايان بويىچە: «… ئۇيغۇرلار ۋىلايىتىدە ھەيۋەتلىك ئىككى چوڭ تاغ بار ئىكەن. ئىككى تاغنىڭ يېنىدا فۇنتاغ دېيىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جايدىن ئون ئېقىن، يەنە بىر جايدىن توققۇز دەريا ئېقىنى ئاقىدىكەن. ئون دەريانى بويلاپ ئولتۇرغانلار توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىكەن»[130].

2) ساي نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

بۇ ئوبۇلغازىنىڭ بايانىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ خاتىرىلىگىنى بويىچە: «قەدىمكى ئۇيغۇر ئىلى شۇشۇلار ئارىسىغا قايلاشقان. ئون ساينىڭ ياقىسىدا ئولتۇرغانلارنى ئون ئۇيغۇر، توققۇز ساينىڭ ياقىسىدا ئولتۇرغانلانى توققۇز ئۇيغۇر دەر ئەردى»[131]. بۇ رەشىدىددىننىڭ كىتابىدىكى بايانلار بىلەن مەنىداش بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارىشى، دەريالار سايدا يېيىلىپ ئاقىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردە (دەريا) بىلەن ساي ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن.

3) قەدىمكى تۈركلەر (كۆكتۈركلەر) نىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

تارىخشۇناس سىن جوڭميەن 岑仲勉)) موڭغۇللار ئارىسىدىكى «توققۇز»غا ئائىت تارىخىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ كېلىپ، شەرقىي شىمالدىكى مىللەتلەر تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇنداق ئوخشاش ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن، دېگەن[132]. بۇنىڭدىن تۈركلەردە مۇشۇنداق قاراش بار ئىدى، دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ.

4) موڭغۇللاردىن كەلگەن دېگەن قاراش.

شەرفىددىن ئەلى يەزدى «زەپەرنامە»دە ھەرقانداق نەرسىنى توققۇز قىلىش ئادىتى «موغۇلنىڭ توققۇزخانىدىن ئېلىنغان» دەپ يازغان. بۇ قاراش بويىچە موغۇللاردىن كەلگەن دېگەن قاراش كېلىپ چىقىدۇ. موللا مۇسا سايرامىمۇ مۇشۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەپ: «بىر توققۇز — قەدىمدە موغۇلخاننىڭ ئەۋلادىدىن سەككىزخان ناھايىتى زور پادىشاھ بولۇپ جاھاندىن ئۆتۈپ، توققۇزىنچىسىغا كەلگەندە مەغلۇپ بولغان. شۇ چاغدا خانلارنى خاتىرىلەپ ھەر سەككىز سوۋغا-سالامنى بىر توققۇز دەپ ھېسابلىشاتتى.»[133] دەپ يازغان.

5) ئىسلام دىنى چۈشەنچىسىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

«قۇرئان»نىڭ نەمل سۆرىسىنىڭ 12- ئايىتىدە بۇ «مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوۋمىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر» دېگەن «134» جۈملىدە ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى «توققۇز مۆجىزە» دەپ ئاتالغان. ئوبۇلغازى باھادىرخان «شەجەرەئى تۈرك» تە بۇنىڭغا ئاھاڭداش قىلىپ، «خۇدايىتائالا ھەممە نەرسىنى مەرتىۋىسى بىلەن ياراتقان، ھېچ نەرسىنىڭ مەرتىۋىسىنى توققۇزدىن يۇقىرى ياراتقان ئەمەس»[135] دەيدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللانىڭ توقسان توققۇز يەنى بىر كەم يۈز ئىسمى بار، ئۇلارنى يادا قىلغان ئادەم جەننەتكە كىرمەي قالمايدۇ؛ ئاللا رەھىمدىللىكنى يۈز ھەسسە قىلىپ توقسان توققۇزىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، بىرىنى زېمىنغا چۈشۈرگەن. دېمەك، بۇ يەردە 99 نىڭ تەركىبىدىكى ئىككى دانە توققۇز رەقىمى بار.

6) توققۇز ئوغۇز نامىدىن كەلگەن، دېگەن قاراش.

بەزىلەر توققۇز ئوغۇزلار ئۇيغۇرلار تارىخىدا زور رول ئويناپ، يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان «توققۇز ئوغۇزلار»نى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن «توققۇز» دېگەن ساننى مۇقەددەس بىلىپ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سىڭدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن[136]،[137] دەيدۇ.

7) ھامىلىنىڭ توققۇز ئايدا تۇغۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش.

بەزىلەر: قەدىمدىن تارتىپ ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇر توققۇزلۇق ساناق تەرتىپىنى مۇستەھكەملىگەن بولسا كېرەك. ھامىلىنىڭ ئانا قورسىقىدا توققۇز ئايدا ۋايىغا يېتىشى ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللارنىڭ سىرلىرىنى بىلمەيدىغان ئىپتىدائىي ئادەم ئۈچۈن مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس[138].

8) بابىل ئاسترونومىيىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش.

بەزىلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرۇشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇن VI ئەسىرگە مەنسۇپ بابىل ئاسترونومىيە ھۆججەتلىرىدە «ئاي تەڭرىسى ‹سىن›نىڭ قايتىش مۇددىتى 27 كۈن، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ھېسابى ئۆلچىنىلدى» دېيىلگەن. مۇشۇ قائىدە بويىچە، كېچىنى يورۇتقۇچى (ئاي تەڭرىسىنىڭ – ئا) 27 كۈنلۈك قىسمىغا ئاجرىلىشىنى ئاڭلىغان قەدىمكى رىملىقلار، گېرمان ۋە كېلىت (Kelit) قەبىلىلىرى توققۇز كۈنلۈك ھەپتە ھېسابىنى ئىشلەتكەن… كېچىنى يورۇتقۇچى تەڭرىنىڭ ئۈچ توققۇزدىن ئىبارەت قۇدرىتى توققۇز كۈنلۈك ھەپتە ۋە توققۇز ساناق سىستېمىسى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ رەقەمگە ئېتىقاد قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا كېرەك[139].

9) خەنزۇ مەدەنىيىتىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

لى شۇخۇي李树辉)) ئەپەندى «توققۇز»نىڭ تىل مەدەنىيىتىدە قوللىنىش ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا خەنزۇ تىلىدىكى تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، ھەرخىل مەدەنىيەتكە دائىر قوشۇمچە مەنە ئامىللىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئوخشاشلىقىغا قارىغاندا، ئۇ خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن… بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى تۈركىي تىلدىكى مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئۇزۇن[140] دېگەن.

10) ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ۋە خەن-زاڭ تىللىرى سىستېمىسى تېخى بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغان، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن دېگەن قاراش. لى يوڭ李雍)) ئەپەندى ئۆز قارىشىنى مۇنداق يەكۈنلەيدۇ: «توققۇز» رەقىمى مۇقەددەسلىككە ۋە بەختكە سىمۋول قىلىنغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل ئىپتىدائىي ئېتىقاد سىمانتىكا ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك ماتىۋلىرى ھېسابلانغان. قەدىمكى دەۋرلەردە خەن-زاڭ تىللىرى بىلەن ئالتاي تىللىرى تېخى ئېنىق ئايرىلمىغان (ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ). ئايرىلغاندىن كېيىن بولسا ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىغا تەۋە مىللەتلەردە «توققۇز» ئېتىقادچىلىقى بىردەك مىللىي ئەنئەنىۋى سىمانتىكا ۋە مۇتېفلارنىڭ ئەندىزىسى بولۇپ قالغان. «توققۇز» قاتارلىق رەقەملەر خەن-زاڭ تىللىرى ۋە ئالتاي تىللىرىغا تەۋە ئىپتىدائىي قەبىلىلەردە ئورتاق ئەكس ئەتكەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى ۋە شۇ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سىمانتىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە رەقەملەر بولۇپ، بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەنلىكى تەبىئىيدۇر[141].

11) توققۇزخان چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىققان، دېگەن قاراش.

بۇنى ئەمەت جېلىل ئەپەندى «توققۇز پىلىكلىك قارا چىراغ ئۇسۇلى»نىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلغاندا قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزىسىدىكى 78 ياشلىق دېھقان ئىسھاق بوۋاي ئېيتىپ بەرگەن رىۋايەتتە: بۇرۇنقى زاماندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توققۇز خانلىق ئۆتۈپتىكەن. بۇ خانلار ناھايىتى كۈچلۈك ئابرۇيغا ئىگە بولغانىكەن. ئۇيغۇر خەلقى بۇ خانلىقنى خاتىرىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن توققۇز پىلىك ياقىدىكەن، بىر دانە پىلىك بىر خاقاننىڭ روھىغا ئاتاپ يېقىلغان بولۇپ، توققۇز خاقاننىڭ روھىغا ئاتاپ كۆيدۈرۈپ قارا چىراغ ئۇسۇلىنى ئوينايدىكەن، دەپ بايان قىلىنغان[142]. (بۇ توققۇز ئوغۇز خانلىقىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن – ئا)

12) شامان دىنىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.

بەزىلەر «خاسىيەتلىك ‹توققۇز› سانى چۈشەنچىسى تۈركىي خەلقلەرگىلا خاس بىر خىل مىللىي ئەنئەنە قارىشى» [143] بولۇپ، «‹توققۇز›نىڭ مۇقەددەس سان سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىشى قەدىمكى ئالتاي قوۋملىرىنىڭ ئىپتىدائىي دىنى — شامان ئېتىقادىدا كائىنات ئۈچكە (كۆك، پانىي ئالەم، باقىي ئالەم) بۆلۈنگەن. كۆك — ئىلاھلار ۋە پەرىشتىلەر ماكانى، پانىي ئالەم — (جەھەننەم) – يامان روھلار (جىن-شەيتانلار) ماكانى دەپ قارالغان. «ئىلاھلار ماكانى» دەپ تەۋسىيە قىلىنغان كۆك ئاسمان يەنە يەتتە سەييارە — يەتتە پەلەك ئېتىقادىغا كېڭىيىپ، كۆكنىڭ مەنىسى يەتتە ئىلاھ (يەتتە سەييارە-يەتتە پەلەك) نىڭ سۈپىتىگە ئالماشقان ياكى تەڭلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن شامانىزم ئېتىقادىدىكى پانىي ئالەم، باقىي ئالەم ۋە كۆكنىڭ كونكرېت سۈپىتى بولغان يەتتە پەلەك (يەتتە قات ئاسمان) قوشۇلۇپ، ئالەم ئەنە شۇ توققۇز ھاياتلىق مەنبەسىدىن تەركىب تاپقان، دېگەن قاراش ئىپتىدائىي قاراش بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئالتاي شامانىستلىرىنىڭ ئالەم قارىشى «توققۇز»غا مۇجەسسەملەشكەن. نەتىجىدە «توققۇز»نى مۇقەددەس بىلىش ئېتىقادى كېلىپ چىققان[144].

13. توققۇز باشلىق ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي توتېم ئېتىقادىدىن كەلگەن، دېگەن قاراش.
بۇ قاراشنى تۇيۇنچى بىلەن تۇشى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇلارنىڭ بايانىچە، مەركىزىي جۇڭگونىڭ نامىدىمۇ ئاتالغان. بۇنداق ئەجدىھاغا ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان قەدىمكى لوياڭ落阳)) ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «توققۇز شەھىرى» يەنى «توققۇز گور شەھىرى»دە ئىلگىرى-كېيىن ياشىغان گور鬼方)) لار ۋە شيا قوۋمى夏族)) ئېتىقاد قىلغان. گورلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھونلارنىڭ ئەجدىھاغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەجدىھا «توققۇز باش» ئوبرازىدا تەسەۋۋۇر قىلىنغان. بۇنىڭدا يەنىلا «توققۇز»نىڭ ئۇلۇغ، مۇقەددەس ۋە كۆپ، نۇرغۇن مەنىلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەب بولغان. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توتېم ئىلاھ ھەم سىرلىق، شۇڭا توتېم قىلغان نەرسىنى توققۇز باشلىق ئەجدىھا دەپ ھېسابلىغان، تەبىئىيكى بۇ سىرلىق، مۇقەددەس نەرسە بولغاچقا، «توققۇز» دىن ئىبارەت سىرلىق ساننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولۇپ قالغان[145].

14) دىچياڭلار (氐羌) دىن كەلگەن دېگەن قاراش.
بى شۇشيەن، تيەن داشيەنلەر ئوتتۇرا جۇڭگو خەنزۇ مەدەنىيىتى كاتېگورىيىسىدىكى «مۇقەددەس سان توققۇز» مەركىزىي جۇڭگو رايونىنىڭ غەربىدىكى دىچياڭلاردىن، دىچياڭلارغا بولسا تېخىمۇ غەربتىن كەلگەن دەپ ھېسابلىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سىرلىق «توققۇز» سانى چۈشەنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدىن شىنجاڭ ئارقىلىق گەنسۇ-چىڭخەي ئېگىزلىكىدە ياشىغان دىچياڭلارغا، ئاندىن مەركىزىي جۇڭگو رايونىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدە دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ شەرققە يېتىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن[146].

15) ئۇلۇغ ۋە كۆپ سان چۈشەنچىسىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.
بۇنى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. قەدىمدە «توققۇز»دىن ئۇلۇغ ۋە كۆپ سان يوق ئىدى. دەرۋەقە، ساناق ئىلىمىدە «ئون»دىن كېيىنكى سانمۇ يەنىلا شۇ توققۇز سان ئىچىدىكى سانلارنىڭ قايتىلىنىشى، دەپ ھېسابلايدۇ[147].

16) ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئاسترونومىيىلىك بىلىملەردىن ياكى ئىپتىدائىي دىنى ئېتىقادتىن كەلگەن دېگەن قاراش.
بۇنى مەن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئەمما، خاس «توققۇز»نىڭ كېلىشىدىكى كونكرېت قاراشنى دېمىگەن[148].

17) توغلا دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.
بۇنى ياڭ شىڭمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ توققۇز ئوغۇز نامىنى چۈشەندۈرگىنىدە، توققۇزنى «تۇغلا» دەرياسىنىڭ نامىغا باغلايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۇغلا دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى «دۇلا» ياكى «توخۇلا» بولۇپ، بۇ تۈركىي تىلدىكى «توققۇز» نىڭ ئاھاڭ (تەلەپپۇزى ئىدى – ئا). يەنى، تۇغلا دەرياسى دېگەن سۆز دەل «توققۇز دەريا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. تېلىلار ئىچىدە توققۇزغا چوقۇنىدىغان ئادەت بار ئىدى[149]، دەپ ھېسابلىغان.

يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە ئادەم بەدىنى توققۇز ئۈگىدىن تەركىب تاپقان دېگەندەك ۋە باشقا قاراشلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسلىرى ۋە سەۋەبلىرى بار. شۇڭا، ئۇلارنى يۇقىرىقىدەك بىر-بىرلەپ كۆرۈپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس.

بۇ قاراشلارنى ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە لازىم بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار توغرۇلۇق قىسقىچە تەقرىز ئېلىپ بېرىشتا مۇنداق بىرقانچە پىكىرنى ئېيتىپ ئۆتۈش لازىم، ئەلۋەتتە.

خەنزۇلاردىن كەلگەن، تۈركلەردىن كەلگەن، موڭغۇللاردىن كەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز خانىدىن كەلگەن، بابىللىقلاردىن كەلگەن، ئىسلام دىنىدىن كەلگەن، توققۇز ئوغۇزلاردىن كەلگەن، توغلا — توققۇز دەريا نامىدىن كەلگەن، شامان دىنىدىن كەلگەن دېگەن قاراشلار بولۇپ، بۇلار ماھىيەتلىك پىكىر ئەمەس. توققۇز سان چۈشەنچىسى ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، بىر-بىرىگە تەسىر قىلغان. مۇشۇنداق ھەرخىل قاراشلارنىڭ بولۇشىنىڭ ئۆزىلا ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

9- خىل قاراشتىكى لى شۇخۇي ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرىنى تولۇقلاپ، لى يوڭ ئەپەندى 10- خىل قاراشتا «توققۇز»نىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگە سۈرۈپ، ئۇنى خەن-زاڭ تىللىرى ۋە ئالتاي تىللىرىغا تەۋە ئىپتىدائىي قەبىلىلەردە ئورتاق ئەكس ئەتكەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈكى ۋە شۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان سىمانتىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە رەقەملەر، دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، بى شۇشەنلەر غەربتىن كەلگەن، دەيدۇ. «تۇغلا»نىڭ توققۇز دەپ ئاتىلىشىغا ئاللىبۇرۇن كىشىلەر قوشۇلماسلىق پىكرىنى بەرگەن[150]. توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) بولسا مىلادىيىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ نام تارىخىي ھۆججەتلەردە كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، «توققۇز» نامىغا قوشۇلغان قوۋملار بولغان. تۈركلەردىن موڭغۇللارغا، موڭغۇللاردىن تۈركلەرگە ئۆتكەن دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇ بىر زىددىيەتلىك قاراش. بابىللىقلاردىن كەلگەن دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بابىللىقلاردا بۇ خىل قاراش بار چاغدا شەرق خەلقلىرىدىمۇ بار ئىدى. شامان دىنىدىن كېلىپ چىققان دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، شامان دىنى ئومۇمىي تۈس ئېلىنىشتىن ئىلگىرىلا توققۇزنىڭ سىرلىقلىقى نامايان بولۇپ قالغان؛ يەنە بىرى خەنزۇلار ۋە بابىللىقلار ھەم غەرب مىللەتلىرى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئايرىم قاراشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەزىلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. يەنى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىزدەنگەنلىرى بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

مەلۇمكى، ئىپتىدائىي خەلقلەردە مۇرەككەپ سانلار ئۇقۇمى بولمىغان. دۇنيادىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ قەدىمكى زامان تۇرمۇشىدا ئون ئىچىدىكى سان ئاساس قىلىنغان. يەنى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەڭ دەسلەپكى بارمىقى بىلەن ساناق سانايتتى[151]. يەنى ئىنسانلار ئىككى قولىنى بىرلەشتۈرسە ئون (10) بولىدىغانلىقىنى، ئوندىن تۆۋەن سانلارنىڭ ھەممىسى ئوندىن كېيىن كەلگەندە تەكرارلىنىدىغانلىقىنى، ئوندىن تۆۋەن سانلارنىڭ ئىچىدە توققۇز سانى ئەڭ چوڭ سان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ خىل بايقاش جەريانىدا يەنە ھەرقايسى خەلقلەردە 1، 3، 5، 7، 9 دىن شەكىللىنىپ بولغان. بۇ خىل تاق سانلارنىڭ سىرلىقلاشتۇرۇلۇشىدا بۆلۈنمەس سان ئىكەنلىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. يەنى بۇ سانلار تەڭ نىسبەتتە پۈتۈن بۆلۈنمەيدۇ. دېمەك، «توققۇز» تەكرارلانماس سانلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغانلىقى، يەنە بىرى تەڭ نىسبەتتە بۆلۈنمەس سانلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە خاسىيەتلىك ساندىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئامىلىغا ئىگە بولغان. بۇ خىل مەدەنىيەت ئامىلىغا چوڭ، ئۇلۇغ، كەڭ، مۇكەممەل، پۈتۈن، مۇقەددەس، ئۇتۇق دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلار، كېيىنچە، شانۇشەۋكەت، ئىنئام، ئۆلچەن ۋە مىزان دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلارمۇ مۇجەسسەم قىلىنغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا بارلىققا كەلگەن «خاسىيەتلىك سان توققۇز» دىكى چوڭ ۋە پۈتۈن ئۇقۇمى ھەرقايسى دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ بارغانسېرى مەزمۇن جەھەتتىن تاكامۇللاشقان. كىشىلەرنىڭ ئون بارمىقىدا ساناش ئەقەللىي ساۋات، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەت ۋە قەدىمكى زاماندا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئون سانى ئىچىدىكى ئىپتىدائىي ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىگە ئېرىشكەن ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلارنىڭ ئەمەلىي رولى ۋە قوشۇمچە سىمانتىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە رەقەملەرنى ئايرىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستېتىك چۈشەنچىلىرىنى مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك يوسۇندا ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. مەدەنىيەت دەۋرىگە كەلگەندە، ھەرقايسى خەلقلەردە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خاسىيەتلىك سانلاردىكى ئىلغار تەركىبلەر ئۆزئارا ئۆتۈشمە بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ كەم يېرىنى تولۇقلاپ، سىستېمىلاشقان ھەم رايون خاراكتېرىگە ۋە مىللىي خاراكتېرىگە ئىگە خاسىيەتلىك سان چۈشەنچىسى بارلىققا كەلگەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلاردىكى «خاسىيەتلىك سان توققۇز» ئۇزاق تارىخىي مەنبەگە، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس ۋە قويۇق مەدەنىيەت ئامىلىغا ئىگە.

3. «ئوغۇزنامە» دىكى مەزمۇنلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ شىمال ۋە غەربكە يۆتكىلىشىگە نەزەر

ئېنگلېس مۇنداق دەيدۇ: «ئەمگەكنىڭ ئۆزى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تېخىمۇ خىلمۇخىل، تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە تېخىمۇ ھەر تەرەپلىمە بولۇپ كەلدى. ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن باشقا يەنە دېھقانچىلىق بارلىققا كەلدى. دېھقانچىلىقتىن كېيىن يىپ ئىگىرىش، رەخت توقۇش، مەدەن ئېرىتىش، ساپال قاچا ياساش ۋە دېڭىز قاتنىشى كېلىپ چىقتى، سودا ۋە قول سانائەت بىلەن بىللە، ئاخىرىدا ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن مەيدانغا كەلدى؛ قەبىلىلەر تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەمنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنىڭ ئادەملەر مېڭىشىدىكى خىيالىي ئىنكاسى-دىنمۇ تەرەققىي قىلدى[152].» ئېنگېلىسنىڭ بۇ سۆزى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئوبرازلىق ئەينىكى ھېسابلانغان ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭمۇ شۇ تەرەققىيات جەريانىنى بىلىشىمىزدە مۇئەييەن رولىنىڭ بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىدۇ[153]. بولۇپمۇ ئىپتىدائىي ئەدەبىيات كۈچلۈك دەۋرجانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ھومېرنىڭ «ئىلئادا» ۋە «ئوردىئا» ئېپوسلىرى قەدىمكى گىرىك جەمئىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ماتېرىيال ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇلاردىن مورگان ۋە ئېنگېلىسلار قەدىمكى جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىشتا كەڭ پايدىلانغانىدى.

«ئوغۇزنامە»نىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرىنى ئىزدەشتە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىگە مۇراجىئەت قىلىمىز.

ئېنگىلېس «قورال بولسا ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس پائالىيىتىدىن، ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ئەكس تەسىرىدىن، ئىشلەپچىقىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ[154]، دەپ كۆرسەتكەن. ماركىسمۇ مۇنداق دېگەنىدى: «يوق بولۇپ كەتكەن ھايۋان تۈرلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغان سۆڭەكلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ ھايۋانلار گەۋدىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بولسا، ئەمگەك ۋاسىتىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ يوق بولۇپ كەتكەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىكتۇر. ئىقتىسادىي دەۋرلەر بىر-بىرىدىن نېمىلەر ئىشلەپچىقىرىلغىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانداق ئىشلەپچىقىرىلغىنى بىلەن، قانداق ئەمگەك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغىنى بىلەن پەرق قىلىدۇ.»[155]، «ئوغۇزنامە»دە ئوقيا، نەيزە، قىلىچ قاتارلىق قوراللار تەسۋىرلەنگەن. ئوت ئالغۇچ قوراللار ھەققىدە گەپ يوق. ئېنگېلىس ئىپتىدائىي جەمئىيەت ھەققىدە توختالغان چاغدا، جاھالەت دەۋرىگە ئوقيانى، ياۋايىلىق دەرىگە قىلىچنى، مەدەنىيەتلىك دەۋرىگە ئوت ئالغۇچ قوراللارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتكەنىدى[156].
ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى تىزگىنلىشىدىكى مىزانى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى ئىقتىسادىي دەۋرلەرنى ئايرىشنىڭ ئاساسىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«ئوغۇزنامە»نىڭ بېشىدا ئوغۇزخان خام گۆش سورىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلار يىراق جاھالەت دەۋرىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا، يەنى ئېنگىلېسنىڭ ئېيتىشىچە، جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئوت ئىخترا قىلىنغان[157].

ئىنسانلار ئوتنى ئىختىرا قىلىشتىن بۇرۇن، گۆشنى خام يەيتتى. بۇ «ئوغۇزنامە»نىڭ بىخلىنىش دەۋرىنىڭ بۇرۇن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇز يىلقىلارغا قارايدۇ، ئات مىنىدۇ، ئوۋ ئوۋلايدۇ. شۇنداقلا چوڭ ئورمانلىقتىكى ئېقىنلار، ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈشى تەسۋىرلىنىدۇ. ئىپتىدائىي ئىنسانلار يىغىش-توپلاش مەشغۇلاتىدىن كېيىن ئوۋچىلىق ئەمگىكىنى باشلىغان ھەم ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يۇقىرىقى تەسۋىرلەر ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئوۋچىلىق پائالىيىتىنىڭ چارۋىچىلىق پائالىيىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى كارتىنىسى يورۇتۇپ بېرىلگەن، بۇ ئوۋ ئاساس ئىگىلىكتىن چارۋىچىلىق ئاساس ئىگىلىككە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈكسىلىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«ئوغۇزنامە» دە تەسۋىرلىنىشىچە، قىئات دېگەن بىر ۋەھشىي ھايۋان خەلققە ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىك قىلىدۇ، دەسلەپتە ئۇنى ھېچكىم بويسۇندۇرالمايدۇ. مەلۇم مەزگىللەردىن كېيىن باتۇر ئوغۇز نەيزە بىلەن قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ، قىلىچ بىلەن بېشىنى كېسىدۇ. بۇ قىئاتنىڭ ئىچ-باغرىنى يەۋاتقان شۇڭقارنى ئوغۇز ئوقيا بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىدۇ، ئوغۇز: «قاراڭ… قىئات بۇغا يېدى، ئېيىق يېدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ، نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى، شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز ئۇچسىمۇ ئوقيايىم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى.» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئۇزاققىچە ئىنسانلارنى ساراسىمىگە سالغان ۋەھشىي ھايۋانلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش دەۋرىگە يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ خىل غەلىبىدىن پەخىرلىنىش ئىستىكىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئوغۇزخان مال-دۇنياسىنى توشۇش ئۈچۈن قانغا، يەنى ھارۋا ئىختىرا قىلغان كىشىگە قانغالۇق دەپ ئات قويىدۇ. ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى ئىساك ئاسموپ مۇنۇلارنى يازغان: «ئات-ئۇلاقتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش تەخمىنەن مىلادىيىدىن 2000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 4000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئات قۇرۇقلۇقتىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ كەلگەن»[158]. ئوتتۇرا ئاسىيادا ھارۋىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ناھايىتى بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن. ئالتۇنتاغدىكى 6000-8000 يىللار بۇرۇنقى قىياتاش سۈرەتلىرى ئىچىدە ھارۋىنىڭ چاقىنىڭ سۈرىتى بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا[159]. تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرى يىراق ئۆتمۈشتىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دىڭلىڭلارنىڭ پائالىيەت قىلىدىغان مۇھىم رايونلىرى بولۇپ، بۇ جايلارغا ئويۇلغان قىياتاش رەسىملىرى ئىچىدە ئۇلار ئىشلەتكەن ھارۋىلارنىڭ ئىزلىرى قالدۇرۇپ كېتىلگەن[160]. بايقال كۆلىدىن تارتىپ ئالتاي ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپلىرى مىلادىيىدىن ناھايىتى بۇرۇنلا دىڭلىڭلارنىڭ پائالىيەت رايونى بولۇپ، يىنسەي دەرياسى ۋە ئالتاي ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلغان بۈيۈك قارا سۆك مەدەنىيىتى (Карасука я Культура) يارىتىلغان، مۇشۇ چاغلاردا دىڭلىڭلار ھارۋا ئىجاد قىلغان[161].

دىڭلىڭلار ھارۋا ئىجاد قىلىشتا باشلامچى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىشلەتكەن ھەم تېخنىكىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى بولغان.
تارىخچى سۇ بېيخەي مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئەزەلدىن ئالتاي، يېنسەي دەرياسى ساھىللىرىدىكى قاراسۆك دەۋرىدە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى دىڭلىڭلار چارۋىچىلىق قىلغان، شۇ چاغلاردىكى دىڭلىڭلار ھارۋا ئىشلەتكەن، كېيىنچە، ساكلار ئالتايغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دىڭلىڭلارنىڭ ھارۋا ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن… شۇنىڭ بىلەن بىرگە تارىخىي خاتىرىلەر كىشىلەرگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، دىڭلىڭ丁零)) تېلى铁勒)) دېگەن نامنىڭ باشقىچە تەلەپپۇزى بولۇپ، تېلى يەنە ئېگىز ھارۋىلىق高车)) لار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ‹ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى ناھايىتى ئېگىز، توشۇلىدىغان ماللىرى كۆپ› ئىدى. چارۋىچىلىق قىلغان چاغلاردا ‹ئېگىز قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە› گە قارالسۇن)، بۇلار دىڭلىڭلارنىڭ چارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى ئالاھىدە يوغان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ شىمالىي ۋە موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ھەممىسى تېلى قوۋملىرىنىڭ پائالىيەت رايونلىرى بولۇپ، بۇ رايونلاردا دىڭلىڭلار ئۇسلۇبىدىكى ھارۋىلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن قىياتاش سىزمىلىرىنىڭ تېپىلىشى مۇقەررەر. چاغانتوقاي ناھىيىسى بارداقۇل رايونىدىكى ھارۋا شەكلى ئويۇلغان قىياتاش سىزمىلىرى ئىچىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىسى ئون ئىككى، ئاراتۈرك ناھىيە بازىرىغا يېقىن يەردىكى قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىسىمۇ ئون ئىككى، ئىچكى موڭغۇل يىڭشەن (چوغاي) تاغلىرىدىن تېپىلغان دىڭلىڭلار ئۇسلۇبىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىلىرى ئون بەشتىن كۆپرەك ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە توغرىلىقى ئىسپاتلانغانىدى»[162]. ئامېرىكىلىق ئالىم مېيكگۇېننىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ھونلاردا ھارۋا ئىشلىتىش ناھايىتى ئومۇملاشقان، دائىم چوڭ ھارۋىلار بىلەن قاتناپ يۈرگەن، بۇنداق ھارۋىلار ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ قالغان[163].

«ئوغۇزنامە»دە ھارۋىغا قانداق ھايۋان قوشۇلغانلىقى ئېيتىلمىغان. دۇنيادىكى ھەرقايسى خەلقلەر قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆز ئالدىغا ھارۋا ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قايسى ھايۋاننى قوشقانلىقىدا ئوخشىماسلىقلار بار. مېيكگۇېن مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى دەۋرلەردە مېسسوپوتامىيىلىكلەر چاقنى ئىجاد قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ھارۋىنىمۇ ئىجاد قىلغان، ئەينى چاغدا ئۇلار ئاتنى ناھايىتى ئاز بىلەتتى، كالا ۋە ئېشەكلەر بىلەن ھارۋىلارنى تارتقۇزاتتى. كالا ھارۋا تارتىشقا باب بولۇپ، مىنىشكە مۇۋاپىق كەلمەيتتى، ئېھتىمال، بۇ ھەرقايسى جايلاردا ھارۋا تارتىشنىڭ ھايۋانلارغا مىنىپ پايدىلىنىشتىن بۇرۇن بولغانلىقىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن[164]. ئات — ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياۋايى ئاتتىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرگەن ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. «بايقال تاغلىرىدىكى بىر سىنتاشقا سىزىلغان رەسىمدە بىرقانچە ئاتلىق ئادەمنىڭ ئالدىغا تۇغ قادالغان بىر ياۋىداق ئاتنىڭ سەپ ئالدىدا ماڭغانلىقى تەسۋىرلەنگەن (بۇنىڭدىن 600 يىل ئاۋۋالقى رەسىم) [165].

ياپونىيىلىك چيەن داۋشىنشى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10000- يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاتقا مىنىش تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ[166].
ئىنسانلارنىڭ رېئال تۇرمۇشى ھەرخىل يوللار بىلەن سەنئەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەجدادلار ئۆزلىرى كۆندۈرگەن ئاتلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قىياتاشلارغا ئويۇپ قالدۇرۇپ قويغان. چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئالتۇنتاغ رايونى ئىچىدىكى مۆلچەر دەرياسى بويىدا قىياتاشلارغا ئويۇلغان زور تۈركۈمدىكى سۈرەتلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، بۇنىڭدا ئاتنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بار. «ئالتۇنتاغدىكى قەدىمكى قىياتاش سۈرەتلىرىنى ئۇسلۇبى، مەزمۇنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن 6000-8000 يىللار ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن دېيىش مۇمكىن[167]». مېيكگۇېن ساكلارنىڭ ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن. ئاتلىق ئوقيا ئېتىش ساكلارنىڭ چوڭ بىر كەشپىياتى ئىدى. ھونلارمۇ ئاتلىق ئوقيا ئېتىش، ئاتلىق جەڭ قىلىش ماھىرلىقىغا تايىنىپ موڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدا دەۋر سۈرگەن. موڭغۇل، سىبىر يايلاقلىرى دۇنيادىكى چوڭ يايلاقلار بولۇپ، بۇ يەردە مۇساپە ئۇزۇن، توشۇلىدىغان مال-يۈك كۆپ، ھارۋىلارغا ئاتتىن باشقا ھايۋانلارنى قوشسا ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن. ئوغۇزنىڭ دائىم بىر چىپار ئايغىرغا مىنىپ يۈرىدىغانلىقىغا قارىغاندا ۋە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىساك ئاسىموپنىڭ ئات-ئۇلاقتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش تەخمىنەن مىلادىيىدىن 2000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن دېگەن قارىشى بويىچە بولغاندا، «ئوغۇزنامە» دىكى ھارۋىغا ئات قوشۇلغان دېيىشكە بولىدۇ.
بىز ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانى توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى مۇلاھىزىدىن، «ئوغۇزنامە»نىڭ مىلادىيىدىن ناھايىتى بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

«ئوغۇزنامە»نىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىزدىگەن چېغىمىزدا، ئىككىنچى باسقۇچتا ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە تەرەققىياتى تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىمىز. ئېنگىلېس مۇنداق دەيدۇ: «… ھەربىر دەۋردىكى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى رېئال ئاساسنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەربىر تارىخىي دەۋردە قانۇن مۇئەسسىسىلىرى ۋە سىياسىي مۇئەسسىسىلەردىن ھەمدە دىنىي، پەلسەپىۋى ھەم باشقا نۇقتىئىينەزەرلەردىن تۈزۈلگەن پۈتۈن ئۈستىقۇرۇلمىنى ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇ ئاساس بىلەن چۈشەندۈرۈشى لازىم»[168]. ماركسىزم كلاسسىكلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىزگە مەنىۋى مەدەنىيەت ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

كىشىلەرنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇرى (ياكى ئىدىيىسى) دىن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، شۇڭا ئىپوستىكى ئىجتىمائىي ئىدىيە تەرەققىيات تارىخىنى ئالدى بىلەن دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك دەۋرچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان. ئىنسانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلىرىدا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە پەرقلىق بولغان دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە توتېمغا، قەبىلىچىلىك دەۋرىدە بوۋىلارغا، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە كۆك تەڭرىسىگە چوقۇنغان، بۇلار بىر خۇدالىق دىنغا ئۆتۈشنىڭ ھارپىسى بولغانىدى.

«ئوغۇزنامە» دە ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىغا، بوۋىلارغا، كۆك تەڭرىسىگە چوقۇنۇش چۈشەنچىسى ۋە شامان دىنى ئەقىدىسى خېلىلا كەڭ تۈردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئېپوستا ئۇيغۇرلار ئىشەنگەن بۇددا، مانى، زوروئاستىر، نېستورىئان ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت ھېچقانداق تەسىر يوق. شىنجاڭغا بۇددىزم كىرگىنىگە 2000 يىلغا يېقىن بولدى. مانى دىنى مىلادىيە 763- يىلىدىن باشلاپ موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان. باشقا دىنلار ئومۇمەن مىلادىيىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تەسىر قىلغان. «ئوغۇزنامە» XIII ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يۇقىرىقى سۈننىي دىننىڭ تەسىرى سىڭمىگەن. «ھەر قانداق مىللەت…. ياكى ئازدۇر-كۆپتۇر سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنىڭ ۋە باشقا مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ». دېمەك، «ئوغۇزنامە» گە بۇ دىنلارنىڭ تەسىرى بولماي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ھال قانداقتۇر ئۇنىڭ يىراق ئۆتمۈش نۇسخىلىرىدىمۇ بار ئىكەنلىكىدىن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ نۇسخا ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. مانا بۇلار ئېپوسنىڭ ھەقىقەتەن يىراق دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتى ھامان ئۆز دەۋرىدە ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولغان دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايتتى، كۆپ ھاللاردا دىنىي چۈشەنچىلەر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بولسا، ئەدەبىيات ئۇنى ئىپادىلەيدىغان شەكىل بولۇپ قالغان.

«ئوغۇزنامە» نىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلغان چېغىمىزدا، مۇنداق بىر مەسىلىنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئېپوستا ئوغۇزخاننىڭ ئوڭ (شەرقى) تەرىپىدە ئالتۇن خانلىق، سول (غەرب) تەرىپىدە ئورۇم خانلىقى جايلاشقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئالتۇن سېرىق بولۇپ، ئۇنى قىزغۇچ ياكى قىزىلغا مايىل دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ، قەدىمكى ئىنسانلار ئالتۇننى قىزىل رەڭ كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ قارىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن،. ئورقۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا ئادەم ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىش بىلەن بىللە «قارا بۆدۈن» (قارا خەلق) سۆزىنىڭ قارىسى سۈپىتىدە «ئۇرۇڭ بەگ» (ئاق بەگ سۆزى ئىشلىتىلگەن. تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «ئۇرۇڭ» دېگەن سۆزنى ئاق دەپ ئىزاھلىغان[169]. بۇ، «ئۇرۇڭ» دېگەن سۆز «ئوغۇزنامە» دىكى «ئۇرۇم» دېگەن سۆز بىلەن بىر دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق بىر ئادەت بار. ئائىلىدە بىراۋ (ئاساسەن ئۇششاق بالىلار) ئاغرىپ قالسا، ئانىسى كىچىك بالىلارنى يەتتە ئۆيلۈك قوشنىسىدىن يۈرۈڭ (جانلىق تىلدا ژۇرۇڭ) تىلەپ كىرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ، بالىلا قول-بارماقلىرىنىڭ ئارىسىغا قوشنىلار بەرگەن يۈرۈڭ (ئاساسەن پاختا، ئاق رەخت پارچىلىرى) نى قىستۇرۇپ ئېلىپ كىرىدۇ. بۇنى ئاق قولىغا ئېلىپ كېسەلنىڭ باش تەرىپىدىن ئەپسۇن ئوقۇغاچ ئايلاندۇرۇپ، ئۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. بۇنى، ئۇيغۇرلار «ژۇرۇڭ تىلەش» دەپ ئاتايدۇ. «ۋېينامە» (魏书)، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» (北史) دېگەن كىتابلاردا، ئۇيغۇرلار قەدىمكى قىزىل دى赤狄)) لارنىڭ نەسلىدىن ئىدى، دەپ بىردەك قەيت قىلىنغان. قىزىل دىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا «ئوكيانۇس» (辞海)، ‹كىچىكلىتىلگەن نۇسخا›)، 1951- بەتتىن مۇنۇلارنى ئۇچرىتىمىز: «قىزىل دى قەدىمكى قوۋم نامى، چۈنچيۇ دەۋرىدىكى دى狄)) لارنىڭ بىر قىسمى… ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىزىل چاپان كىيىدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئاتالغانىكەن.» دى狄)) لار ھەققىدە يەنە شۇ كىتابنىڭ 819- بېتىدە مۇنداق يېزىلغان. «دى، قەدىمكى قوۋم نامى… مىلادىيىدىن بۇرۇنقى VIII ئەسىرلەردە قىزىل دى 赤狄))، ئاق دى 白狄))، ئېگىز دى长狄)) دېگەن قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن.» 1759- بەتتە بولسا «ئاق دى» لارنى چۈشەندۈرۈپ، ئاق چاپان كىيىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان، دېيىلگەن. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇزۇن دىلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ئانچە كۆپ خاتىرىلەنمىگەن، ئەمما قىزىل دى ۋە ئاق دىلارغا ئائىت مەزمۇنلار خېلى كۆپ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇمات ساقلانغان. بىز «ئوغۇزنامە» دىكى ئۇرۇم خانلىقىنى «ئاق دى» لار، ئالتۇن خانلىقىنى «قىزىل دى» لار دەپ پەرەز قىلىمىز. كۆك تۈركلەر دەۋرى (552-744) دە «ئاق تۈرك» دېگەن قوۋمنىڭ بولغانلىقى بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەشكە خېلىلا زور ياردىمى بار.