جامالىدىن ئاق سارايى

جامالىدىن ئاق سارايى

جامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرىپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ , ئۆزىنىڭ مەشھۇر تىببىي ئەسىرى <>بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تىگىشلىك ئورۇن ئالدى .

ئالىمنىڭ قاچان , قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق , بەزىلەر ئۇنى <>,دەيدۇ .ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇما ت يوق . بەزى ماتېرىياللاردا <>دەپ يېزىلغان بولسىمۇ ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن . 1936-يىلى ھېندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىندا ، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . چىڭگىزخاننىڭ 1-قىتىم غەرىبكە يۈرۈش قىلىشى 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرى ، يەنى 1219-يىلى باشلانغان . دىمەك ، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دىگەندىمۇ 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ، يەنى 1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھېندىستاندىن قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . تىبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرىھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى:<>(5)ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىۋېلىپ مۇنۇلارنى يازغان :

<>دىگەن كىتاب بولىدۇ دىگەن . بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا , مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى , مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم , داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن . بۇ دەل , 1936-يىلى چىىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭدەپ يازغىنىغا ئوخشاش . >>

ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى مۇڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھېندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ . ئالىم ھېندىستانغا بارغاندىن كېيىن , ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدىكى يۇقىرقى ئەسەرنى يېزىپ , (<>كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا)ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆزكىتابىغا <>دەپ نام قويغان . مەزكۈر ئەسەردە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيىلىرى , ھەر قايسى ئۆلۈم كېسەللىكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى , يەككە ۋە مۇرەككپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ , نەزىرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىنسىنانىڭ <>نى كىچىكلىتىپ يازغان <>(ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر)دىگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمى ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان . شۇڭا , مەزكۈر قىسمى ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دىمەكچى ) مۇنداق دىگەن , ئۇ (مۆجىزىلىقانوننىڭ ئاپتورىنى دىمەكچى)مۇنداق دەپتۇ , مەن مۇنداق قارايمەن , دىگەن شەكىلدە يېزىلغان .<>دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن . <> دىكى خاتا مەزمونلار تۈزۈتۈلگەن . ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180خىلى ھۆزلەنگەن . يەككە دورىلاردىن 390 خىلى , مۇرەككەپ دورىلاردىن 144خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ , ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس , بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك , ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ <>ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ , ئەرەپ يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899-يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشىر قىلىنىپ , 1929-يىلىغىچە دىھلى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلام تىبابىتى ئىنىستىتوتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن . دىيارىمىزدكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تىبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .

ئەسكەرتىش I:<>,<>,<>قاتارلىق كىتابلاردا جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ 19-ئەسىرلەردە ئۆتكەن دەپ يېزىلغان . ئەمما يىتەرلىك دەلىل ئىسپات كەلتۈرۈلمىگەن . بىراق ئالىمنى 12-ئەسىرلەردە ئۆتكەن دىگەن قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپاتى ئازراق بولسىمۇ چىنلىققا ئېگە .

تەمىنلىگۈچى:نۇردوختۇر

مەنبە:خوتەندە ئۆتكەن داڭلىق تېۋىپلار كىتابىدىن ئۈزۈندە