قەشقىرىم (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا نامىڭ نۇر ئەفشان قەشقىرىم،
تارىخىڭ، زاتىڭ سىماسى دىلدا ئايان، قەشقىرىم.
ئوق بىلەن يا ئىلكىدە ئارتۇچدا ئەۋلادىم ئىزى،
سەندە پامىردا تېپىلغان كونا گۈلخان قەشقىرىم.

دەسلىبا تاش كەتمەننى بىرلەن بىنا ئەيلەپ ئېكىن،
تۇنجى بوز – چەكمەن بىلەن ئۈستىنى ياپقان، قەشقىرىم.
ئول ئوغۇزخان دۇلدۇلى باغرىڭدا كىشنەر تىك تۇرۇپ،
قوۋمى ئۇيغۇر بايرىمى سەندىن قۇتاتقان، قەشقىرىم.

كۈلدى لوپنۇردا مەلەك مىلادىدىن مىلاد بۇرۇن،
جامى جەمشىت ئەكسىدە ھۆسنۈڭ نامايان، قەشقىرىم.
بىر تۈمەن كىيىك تېرىگە «ئاۋستا» نى پۈتكەن چىغى،
ئۈچە، ياقۇت، قاشى بىرلەن نەقشى تاپقان، قەشقىرىم.

ئالدى ھەم ئارقىغا تەڭ ئوق ئۈزدى لاچىن لەشكىرىڭ،
قەي ئېلىنىڭ خۇسراۋى يانىڭدا ۋەيران، قەشقىرىم.
باشىڭدا بۈركۈت دوبۇلغۇ، كۆكسى زەر ساۋۇت ئېگىن،
قەھرىمان ئەپراسىياپقا بارىگاھان، قەشقىرىم.

يۇمسا كۆز ئېفرات، ئەجەم، باش ئەگسە ھىندۇ قوشمۇ ھەم،
سەندە ئىسكەندەر چېكىندى، شانى ئاسمان قەشقىرىم.
رىم بىلەن تاكى يىراق چىنگىچە كارۋان مەنزىلى،
ئىستىقامەت ئەھلىگە ئالىپتا داسخان، قەشقىرىم.

مەستىكى رۇم، چىن تاۋارى، ھىندۇ ئەنبەرىن يېيىپ،
كۇللى ئالەم قىزلىرىنىڭ زەۋقىن ئالغان قەشقىرىم.
تەڭرىتاغدا بارىگاھ قۇرغان سىياق تەڭرى – ئىلاھ،
چوڭ قۇرۇمدا قاش يەنە ئالتايدا زەركان، قەشقىرىم.

ساك ۋە يۇرچى كونا زەرگەر، شاھىدى مىڭ – مىڭ لەھەت،
كۈن، يورۇقلۇق، پاكلىقتىن دىلدا ئىمان، قەشقىرىم.
تارمۇ باغراش ۋە ئورخۇنلاردا كۆپلەپ قالدى باغ،
باغۇ – بوستانلار ئارا شاھانە ئەدنان قەشقىرىم.

پىرى شامان داپ ئۇرۇپ ئەلگە سەھەتلىك ئىزلىگەن،
ئاتەشى زەر دوشىت چىغى نۇردىن زەرەپشان قەشقىرىم.
مىڭ ئەدەپ كەپتەرلىرىن ئاسمانغا قويدى بۇددىھا،
نەقشى سەنئەت بابىدا «مىڭ ئۆي» ياراتقان قەشقىرىم.

ئىشقى دەرياسىدا ئۈزگەن مۇندا تاھىر – زۆھرە ھەم،
قىسسەسى مىڭ يىل بۇرۇن تىللاردا داستان قەشقىرىم.
ئول گۈزەل ئەرمەن قىزىنى بەند ئىتىپ ئۆز قەلبىگە.
پەرھادىڭدىن ئۆزگە كىم ئىشىق ئىچرە سۇلتان قەشقىرىم.

سەندە قايتا ئالدى تەلىم خۇيلىن ھەم كومراجىۋا،
رەقىس – چالغۇ سازنى كەڭ ئالەمگە يايغان قەشقىرىم.
نالە ئىزھارىم تالاي چۆل ئۈستىدە يىغلار بۇلۇت،
ئۇستىخانىم بىر ئەمەس، مىڭلارچە بارخان، قەشقىرىم.

قۇم دۆۋىسى قانچە ئىزگۈ يۇرت – ماكاننى قىلدى غەرق،
ئەگدى قەددىڭنى ئۆزۈڭدىن پىتنە – بوران، قەشقىرىم.
باشىدا پاك سەللىسى ساتۇق بۇغرا ئاتام،
قايتىدىن جىسمىڭنى يۇيدى نۇرى ئىرفان، قەشقىرىم.

ھىكمىتىڭ خارابىدا جەم قىلدى مەشرق غەربنى ھەم،
شۆھرىتىڭنى كۆكە يايدى تۈركىي دىۋان، قەشقىرىم.
«قۇت بىلىگ»جاۋاھىرىن ۋايىگە يەتكۈزدى يۈسۈپ،
يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدەك دۇرى رەيھان قەشقىرى.

بولدى ئۇستاز سەددىدىن قەشقەر مۇبارەك جامىگە،
مىر ئەلشىر نەزمىگە دۇرىنى چاچقان قەشقىرىم.
مالىك، ئەھمەت قەشقىرى تۈزدى سەمەرقەنت ھۆسنىنى،
مىرزا ھەيدەر قەلبىگە ئاتەشنى سالغان، قەشقىرىم.

تەمبۇرىدە «چەببىيات»، قەلبى ناۋا ئاماننىسا.
قۇتلۇق«ئون ئىككى مۇقام»دا مەڭگۈ مۇزگان، قەشقىرىم.
ئىككى كۈن – تۈن چالسىمۇ پۈتمەس ساتارىڭ نالىسى.
ئىزگۈ، كۆرك، سۆيگۈ، ناۋادا سەن جاھان خان، قەشقىرىم.

خرقىتى، مەشرەئپ، زەلىلى، نۆۋبىتىدىن تا بۇ دەم،
ئەرشى ھەم خامۇشىنى باغرىغا باسقاب قەشقىرىم.
قالدى خاكىڭ قوينىدا نىزارى تۇردۇم بۇلبۇلى،
سادىقىڭ يازمىشلىرى خۇنابى ئەبغان، قەشقىرىم.

قۇم بىسىپ يىپەك يولىن كەتتى ئەسىرلەپ قۇت قوشۇڭ،
كۆزلىرى ئۆچمەس ئۈمۈد كۆكىدە چولپان قەشقىرىم.
بولدى يات قۇرداشلىرىڭ، كەستى شېخىڭنى ئوت چىقىن،
ئۇنتۇدى شەجرەڭنى ھەم قوينىدا جانان، قەشقىرىم.

بىر رىۋايەتتەك بۇدەم نامىڭنى ئەسلەر كەڭ جاھان،
بىر زامان ئىقلىم كۆزىدە شاھى مارجان قەشقىرىم.
سەن گويا «ئەسھاب كەھەب» دە كۆپ ئەسىر ياتقان يىگىت،
نۇر پىشانەڭدە يەنە تەقدىرى جەۋلان قەشقىرىم.

سەن قالۇرسەن بىز كىتەرمىز بۇنەپەس گويا رابات،
ئېتىبارىم تەختىدە تۇز ھەققى خاقان قەشقىرىم.
مېھرى سۆيگۈڭ ئاتەشى قىلدى مىنى يۇرت ئاشىقى،
خاكىڭا بېشىم قويسام، بۇ كاتا دەرمان، قەشقىرىم.

سۆزلە سوقرات، ئەپلاتون، كۇڭفۇزى، سەكيامۇن يەنە،
سىز گۇناھ دەمسىز ماكانىن سۆيسە ئوغلان، قەشقىرىم.
مەن گۇناھ دەرمەن جېمى بەڭباشلىقىم، بىخۇتلۇقۇم،
مەن ساۋاب دەرمەن تاۋاب ئىلماقنى ھەر ئان قەشقىرىم.

روھى شەيدالىق تېشىپ شەيدائى يازدى ئىشقىنى،
قۇت ماڭا كۆكسىنى ئاچسا ئۆز قەردىردان قەشقىرىم.
پىتنىلەر ھەريان ھۆرۈپ باغىم توزۇتسا ئەيىپ ئەمەس،
ئىشقىدىن دەرد تارتمىقىم پاك خەير – ئېھسان، قەشقىرىم.

قىل ھەزەر بىر جىننى گەر ئىشىقتىن پاسات سۆزلەر ساڭا،
ئەقىل – ھېكمەتسىز سانا – ئۇل لاپى شەيتان قەشقىرىم.
ئاز ئەمەس پىرقە – نىزا، پىتنە تۈپەيلى تارتقىنىڭ،
توختىماي ماتەم يېشىڭ بىرقانچە دەۋران قەشقىرىم.

ئەندى جان باغىدا تۈزدۇم ئۇشبۇ ئىشقىڭ نامەسىن،
زەررە تۇپراقى شۇدەم تەختى سۇلايمان قەشقىرىم.