يۇرتۇمنىڭ پەخرى ئاقچوققا ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم

يۇرت سۆيگىسى نۆۋىتىدە ھەرقانداق سۆيگۈدىن يۇقىرى تۇرىدۇ ، ئۆزىڭىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەنە شۇ يۇرتنىڭ ھەر چىمدىم توپىسى يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياكى سىز مۇساپىرەتچىلىك تارىتقاندا تۇتىيادىنمۇ قەدىرلىك بىلىنىدۇ . ھەر قانداق بىر يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئەۋزەللىكى بىلەن كىشىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئەسلىمە قالدۇرغىنىدەك ، مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ كىشىنى لال قىلغۇدەك گۈزەل مەنزىرىسىدىن تاشقىرى ، يۇرت خەلقىگە ئاجايىپ غۇرۇر ھەم جاسارەت بېغىشلايدىغان ئاقچوققىسى مېنىڭ بالىلىق ، ياشلىق ھەم ياشانغاندىكى ھاياتىمغا ئۆزگىچە مەنالارنى ئاتا قىلغان ، شۇڭا مەن بۇ غەيۇر ھەم سۇمباتلىق چوققۇنى گەرچە يۇرتداشلىرىم بولغان ئۇلار كۆرۈپ تۇرسىمۇ چوڭقۇرراق بىلىۋالسۇن دەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى ئۆزۈمنىڭ يۇرتۇمغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلۇدۇم .
مېنىڭ قىران ياشلىقىم تۈرلۈك قىزىقىشلارغا تولغان ياشلىق ئىدى ، ئەنە شۇ قىزىقىشلارنىڭ بىرى ئوۋچىلىق بولۇپ گەرچە ئۆزۈم قولۇمغا قورال ئېلىپ ئوۋ ئوۋلىمىساممۇ ، ئەمما يۇرتىمىزدىكى ماھىر ئوۋچىلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدىكى قارام ھەم جەسۇرلىقىدىن ، ئوۋ رايۇنىدىكى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىدىن مۆجىزىگە باي سىرلىق ھادىسىلەردىن ، كۆرىنىشلەردىن ئىلھام ئالاتتىم ۋە ئۆزۈمنى ئىرادە جەھەتتىن تاۋلاش مەقسىدىگە يېتەتتىم .شۇڭا ئوۋچىلار بىلەن تاققا چىقىش مېنىڭ ئەنە شۇ ياشلىق مەزگىلىمدىكى ئوتتەك قىزىقىشلىرىمنىڭ بىرى ئىدى . شۇ چاغلاردا ناھىيىمىزدە بولدا ئىسىملىك داڭقى پۈتۈن ناھىيىگە پۇر كەتكەن بىر مۇڭغۇل ئوۋچى بولىدىغان ، بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇڭغۇللارنىڭ ئات ئۈستىدىكى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كۆزىدىن يەنە بىر خىل جاسارەتنىڭ قورىقماسلىقنىڭ نۇرى يالت –يۇلىت قىلىپ چاقناپ تۇرىدىغان پالۋان سۈپەت غەيۇر ئادەم ئىدى . مەن بۇ ئادەم بىلەن ئوۋغا چىقىشنى بىر بەخت دەپ ھېساپلايتىم چۈنكى بۇ ئادەم ئوۋچىلىقتا ئالاھىدە بىر خىل تالانىتقا ۋە تەجىربىگە ئىگە بولۇپ بولدا بىلەن ئوۋغا چىققان ئادەم ئۆزىنى بەختىيار ھەم خاتىرجەم ھېس قىلاتتى . شۇنداقلا بولدا ناھىيىدە ھەممە ئادەم بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇستا مەرگەن بولۇپ ئوقتەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە تۇرۇپمۇ تاغ تېكىسىنىڭ كۆزىگە چەنلەپ ئوق ئېتىپ تەككۈزەلەيتى .
مەن بۇ يەردە ئاقچوققا ھەققىدە توختىلىۋاتقاچقا مېنى يۇرتۇمنىڭ شىمالىدا قەد كۆتىرىپ تۇرغان ماڭا تاتلىق سېزىملارنى ئاتا قىلغان مەن ئۈچۈن سىرلىق تۇيۇلىدىغان بۇ چوققۇنى قوينىغا كىرىپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ئادەم بولدا مەرگەن بولغاچقا بۇ ئادەمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىمگە ئەرزىيدۇ دەپ قارىدىم. شۇنداق قىلىپ گېپىمىزگە كەلسەك بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر يەنى ساق 52يىل ئىلگىرى مەن بولدا مەرگەننىڭ ھامىيلىقىدا ئاقچوققىغا ئوۋچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندىم . بۇ قېتىمقى تۇنجى ئوۋچىلىقتا كۆرگەن ، بىلگەنلىرىمنى يۇرتداشلىرىمغا دەپ بېرىش كىشىنىڭ روھىينى ئۇرغۇتىدۇ دەپ قارايمەن .
شۇنداق قىلىپ بىز ئات ئۇلاغلىرىمىزغا بارلىق ئوۋ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك لاقا – لۇقىلارنى ئارتىپ ناھىيە بازىرىدىن شىمالغا قاراپ نەق ئاقچوققۇنى نىشانلاپ جۆنىدۇق . مۇڭغۇلكۈرە بازىرىدىن كۆمۈركانغا قەدەر 12 كىلومېتىر يول بار ، ئاندىن سەپەرنى داۋام قىلىپ چاپچال ناھىيىسىگە ماڭىدىغان چوڭ يول بىلەن ماڭسىڭىز ئالاھەزەل بارلىق مۇساپىگە 20 كىلومېتىر يول سەرىپ قىلسىڭىز مەن دىمەكچى بولغان ئاقچوققىغا يېتىپ بارىسىز .ئاقچوققا باغرىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە پىيادە ئۈستىگە قاراپ ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ماڭسىڭىز ئاقچوققىنىڭ ئۈستىگە چىقىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولىسىز .ئات مىنىپ چىقىمەن دىسىڭىز چوقۇم ئاقچوققىغا چىقىش يولىنى پىششىق بىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا كۈتمىگەن خەتەرگە يولۇقۇش ھەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ چوققۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3518 مېتىر بولۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن قارىسىڭىز يۇمۇلاق تاۋۇز شەكلىدىكى سىدامراق كەلگەن بىر چوققا كۆزىڭىزگە كۆرىنىپ تۇرىدۇ ، بۇ چوققۇغا سىرتىدىن قارىسىڭىز سىزگە ھەيۋەتلىك تۇرقىدىن باشقا ھېچقانداق تەسىر بېرەلمەيدۇ ، بۇ چوققۇدىكى گۈزەللىكنى ، سىر- مۆجىزىنى بىلىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ماڭا ئوخشاش تاغ يولىنى بىلىدىغان بىرەر ئادەمگە ھەمرا بولۇپ سەپەرگە چىقىشىڭىز كۆرىۋىدىم سىپسىلىق ھەم تەكشى ئىدى .تاغ ئۆچكىسىدىن باشقا ھايۋانلار بۇ تاش ئۈستىدە تۇرالمايدىكەن، شۇڭا تاغ ئۆچكىلىرى ئۆز كۈشەندىلىرىدىن قاچقاندا ياكى پاناھلانغاندا شۇنچىلىك چوڭ دائىرىنى ئىگىلىگەن بۇ كېرگى تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدىكەن . مەن چوققۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراقتىن كېچىدىكى ئايدەك پارقىراپ تۇرغان كۆلنى كۆرۈپ ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە ھەيران قالدىم ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئېيتىپ بولغۇسىز بىر خىل گۈزەل ھەم راھەت تۇيغۇ چىرمىۋالدى ، مەن كۆل يېنىغا چۈشۈپ تەبىئەتنىڭ بۇ سىرلىق مۆجىزىسىگە تاڭ قالغىنىمچە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. چۈنكى بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن ئۈچمىڭ مېتىردىن ئوشۇق ئىگىزلكتە بەرپا بولغان ئىدى . باشتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپقا تويماي قارىغان بولسام ئەمدى ئولتۇرۇپ بەھوزۇر تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. بىر چاغدا بىر توپ ياۋايى كەپتەرلەر قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلدى-دە ،ئەركىن قانات قاققىنىچە كۆلدىن سۇ ئىچمەكچى بولدى ، لېكىن ئۇلار مېنى كۆرۈپ قېلىپ قونۇشقا پېتىنالماي قايتا ئۇچۇپ كېتىشتى . كۆل گىرۋىكىگە قارىسام تۈرلۈك –تۈمەن قۇشلارنىڭ ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېزەكلىرى ، ماياقلىرى تۇرۇپتۇ .كۆلنىڭ سۈيى شۇنچىلىك سۈزۈك بولۇپ كەھرىۋادەك جۇلالىنىپ تۇرىدىكەن ، يېنىك شامال ياكى بىرەر شەپە ئۇرۇلسا كۆل سۈيى سانسىزلىغان چەمبىرەكلەرنى ھاسىل قىلىپ يىراق –يىراقلارغا كىچىك دولقۇن ياساپ غايىپ بولىدىكەن . بۇ كۆرىنىش سىزنى ئاجايىپ لەززەتلىك خىيالى دۇنياغا باشلاپ بارىدىكەن . مەن كۆل سۈيىدە يۈز –كۆزۈمنى يۇيۇپ ئۇچۇملاپ سۇ ئىچىپ بولۇپ بىر پارچە نېنىمنى سۇغا چىلاپ ھوزۇرلۇنىپ يەپ ئولتۇرسام، يەتتە –سەككىزدەك ئۇلار سۇ ئىچمەكچى ئوخشايدۇ ئۇچۇپ كېلىپ مېنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ قونماي كېتىپ قېلىشتى . ئەمدى مەن قۇشلارنىڭ سۇ ئىچىشىگە دەخلى قىلماي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا كۆلدىن خېلى يىراقتىراق بىر جايدا بىر سېرىق ئالا ياۋا غاز(ھاڭگىرت) 4-5 چۆجىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن ئىكەن ، مەن غازنىڭ بىر قانىتىنى سۆرەپ توكىراڭشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدىن يۈرىكىم سېلىپ كەتتى .سەۋەبى مەن ھېچقانداق كۈچىمەيلا سېمىز بىر ئولجىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇراتتىم ، شۇڭا تېزلا ھەرىكەتكە كېلىپ ياۋا غازنى قوغلىدىم ياۋا غاز بىردەم دوڭغاسلاپ قاچسا ، بىردەم قانىتى سۆرەپ ئاللىقانداقتۇر ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقىراتتى.مەن بۇ يارىدار غازنى شۇنچە قوغلىساممۇ يېتەلمەي جىلە بولماقتا ئىدىم . بىر چاغدا ياۋا غاز مېنى خېلى يەرگىچە ئاۋارە قىلىپ ئاپىرىپ پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى ، ئۆزۈمنىڭ ئاخماق بولغىنىمدىن جىلى بولۇپ چۆجىسىدىن بولسىمۇ بىرنى تۇتۇپ دەسلەپ قىلاي دىگەن ئۈمىتتە كەينىمگە قارىسام ئۇنىڭ بايامقى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن چۆجىلىرىدىن بىرىمۇ كۆرۈنمەيتى. ھەممىسى تامام يوشۇرۇنۇپ بولغان ئىدى . ئەنە شۇ چاغدىلا ئانا غازنىڭ بالىلىرىنى قوغداش يولىدا ئىشلەتكەن ئەقىل –پاراسىتىگە ھەيران قالدىم ھەم ئۇنىڭ بالىلىرىغا بولغان مېھرىدىن تولىمۇ چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدۈم .
كۆل يۈزىنىڭ شۇ چاغدىكى ئومۇمىي كۆلىمى 2500مېتىر كۇۋادرات ئەتراپىدا چىقاتتى. كۆل ئەتراپى ھەم گىرۋەكلىرىدە ئاز تولا يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە تاشلار بار ئىكەن ، ئەمما شۇنچە سىنچىلاپ قاراپمۇ سۇ جانلىقلىرىنى بايقىيالمىدىم. شۇنىڭغا قارىغاندا سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى سۇ جانلىقلىرىنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم.كۆلنىڭ سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى ئىگىز تاغچوققۇلىرىدىن جۈملىدىن ئاقچوققۇدىن ئېرىگەن قار -مۇز سۇلىرى، يامغۇر سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن ، بۇلاق سۇلىرى بارمىكىن دەپ شۇنچە كۈزەتكەن بولساممۇ بۇلاق ياكى ساسلىق ئۇچرىتالمىدىم .
ئاقچوققىغا سەل غەرىپ تەرەپتىن يانداشقان يەنە بىر كىچىكرەك چوققا باركەن بۇنى يەرلىك كىشىلەر بۇرھان چوققا دەپ ئاتىشىدىكەن 。بۇرھان مۇڭغۇلچە سۆز بولۇپ ئەۋلىيا ، تەڭرى دىگەن مەنا ئىپادىلەيدىكەن. ھەر يىلى بىر نۆۋەت چامى يېتىدىغان مۇڭغۇللار بۇ يەرگە چىقىپ كالا ياكى قوي ئۆلتۈرۈپ نەزىر چىراق ئۆتكۈزىدىكەن ياكى تۇغ باغلايدىكەن . يول خەتەرلىك ھەم يىراق بولغاچقا نۇرغۇن ئادەمنىڭ چىقىشى ھاجەت ئەمەسكەن پەقەت مۇڭغۇل موللىلىرىدىن ۋەكىل قىلىنغان ھالدا ساغلام بىرنەچچە مۇڭغۇل چىقىپ يۇقارقى دىنىي پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كېلىدىكەن.
ئەمدى ئاقچوققىنىڭ تەرىسكەي شىمال تەرىپىگە ئۆتتۈم . بۇ يەردە يېرىلغان تاش نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بىر جاي بار ئىكەن . بۇنداق ئاتىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىر قېتىملىق تاغ گۆمىرىلىش ھادىسىسى بىلەن ئاقچوققىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى قۇرام تاشلار يېرىلىپ تاغ تاپىنىدىكى سايغا ھەددى –ھېساپسىز تاشلار دومىلاپ چۈشكەن ئىكەن ،يېرىلغان تاشلار شۇچاغدا مانا مەن دەپ كۆرىنىپ تۇرىدۇ .ئۆيدەك ئۆيدىنمۇ يۇغان تاشلارنىڭ تەبىئىي دۆۋىلىنىشى بىلەن بۇ جايدا مىڭبىر كېچە رومانلىرىدىكىدەك ئىچكىرىدىن تاشقىرى ئۆيگە ئوخشاش ئۆڭكۈر ئۆيلەر ھاسىل بوپتۇ .مانا بۇ ئۆڭكۈر ئۆيلەر قىشنىڭ جاننى قاقشىتىدىغان ئاچچىق سوغاقلىرىدا ئاقچوققىنى پاناھ قىلىپ ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن جانلىقلار ئۈچۈن تەبىئىي قونالغۇ ياكى پاناھلىنىدىغان جايغا ئايلىنىپتۇ .مەن بۇ ئۆڭكۈر ئۆيلەرگە قىزىقىپ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ باقاي دەپ ئازراق مېڭىپلا تېنىم شۈركىنىپ كەينىمگە ياندىم .ھېلىلا قايسىبىر ئۆيدىن بىرەر جانلىق چىقىپ ئاستىغا بېسىۋالىدىغاندەك يۈرىكىمنى سۇغۇرىۋالىدىغاندەك تۇيغۇ مېنى قارا تەرگە چۆمدۈرگەن ئىدى .ئەمما مەن شۇ ئۆڭكۈر ئۆيلەرنىڭ ئاستىنىڭ قېلىن بىر قەۋەت ماياق ، قىغلار بىلەن قاپلانغىنىدىن بۇيەرنى نۇرغۇن جانلىق ھاياتلىق ئۈچۈن پانا جاي قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولساممۇ بىلىپ يەتتىم . شۇ كۈنى بولدا مەرگەننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئاقچوققىنىڭ سەل شەرىق تەرەپ قونالغۇ قىلىشقا ئەپلىكرەك بىر جاينى قونالغۇ قىلىپ قونماقچى بولدۇق .كەچ كىرىپ زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى . بولدا مەرگەن ماڭا قاراپ :
— ھۈسەيىن بۈگۈن بىز ياۋا كەپتەر گۆشى بىلەن تاماقلىنايلى تەمى تامىقىڭدا قالمىسا ھېساپ ئەمەس دىدى.
— ئادەمنى تولا كولدۇرلاتمىغىنە نەدىكى كەپتەر گۆشى بۇ ئايدالادا؟! دىدىم مەن ئۇنىڭ گېپىگە قىلچە ئىشەنمەي .ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
— قولۇڭغا ئۇزۇنراق تاياق ئال ھۈسەيىن ھازىرلا كەپتەر تېپىپ كېلىمىز دەپ ئۆزىمۇ ئۇزۇن تاياق ئېلىپ مېنى باشلاپ ماڭدى .قونالغۇدىن ئىككى يۈز مېتىردەك مېڭىپ بىر تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا كەلدۇق ، ئۆڭكۈر ئىگىزلىكى تەخمىنەن تۆت مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى. ئاغزىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن .ئىككىمىزنىڭ قولىدا تاياق تۇتقان ھالدا ئۆڭكۈر ئاغزىغا كېلىشىمىزگە ھۈركىگەن سانساناقسىز ياۋا كەپتەر ئۆڭكۈر ئاغزىدىن مەڭگەن قالىغان تونۇرنىڭ ئاغزىدىن چىققان تۈتۈندەك يامراپ چىقىشقا باشلىدى .بىز قولىمىزدىكى تاياقنى بولىشىغا سىلكىدۇق بىرچاغدا بولدا مەرگەن :
— بولدى قىل ھۈسەيىن بۇمۇ ھاياتلىقنى سۆيىدىغان جان ، ئادەم ئاچكۆزلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئاچكۆزلەشتىمۇ پۈتۈن دۇنيانى ئاغزىغا تىقساڭمۇ تويمايدۇ ، مەن پەقەت بۇ ئوۋچىلىقنى ئائىلەمنىڭ قورسىقىنى بېقىش ئۈچۈنلا نائىلاج قىلىۋاتىمەن قولۇمدا ئۆلگەن ھەر بىر ھايۋانغا قارىسام ئىچىم ئاغرىيدۇ دىدى .ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا بەك تەسىر قىلدى .شۇ كۈنى بىز بەش كەپتەرنى يارىلاندۇرۇپ تۇتىۋالدۇق ھەم پاكىز يۇڭۇزلاپ چاي قاينىغىچە تاغ ئوتىنىدا قىزىپ كەتكەن تاشقا چاپلاپ كاۋاپ قىلدۇق. تۈرلۈك دورا –دەرمەكلىرىمىز بىلەن سارغىيىپ پىشقان بۇ كەپتەر گۆشى ماڭا شۇنچىلىك مېزىلىك تۇيۇلدىكى 50يىلدىن ئاشتى تا ھازىرغىچە ئىختىيارسىز لېۋىمنى تامشىپ قويىمەن .ئەتىسى مەن بىز كەپتەر ئوۋلىغان بۇ ئۆڭكۈردە يەنە زادى نىمىلەر باردۇر دىگەن ئوي بىلەن ئۇ جايغا ئۆزۈم يالغۇز باردىم ، كەپتەرلەرنىڭ تولىسى دان ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. قالغانلىرى مېنى كۆرۈپ ئۇۋىسىدىن ئايرىلدى .ئۆڭكۈرنىڭ ئىككى يېنىدىكى قول يەتمىگۈدەك يەردە كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋىسىنى كۆردۈم ئۇنىڭدىن نېرىراقى قازاننىڭ قارىسىدەك قاپقاراڭغۇ بولغاچقا قورقۇپ بارالمىدىم . شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى ئاقچوققا سەپىرى تامام بولدى . ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن شۇ قېتىمقى سەپەردىن مەن نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدۇم تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ چەمبەرچەس گارمۇنىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن. ئەمدى مەن كۆرگەن ئاشۇ نەۋقىران ياشلىقتىكى ئاقچوققىنى يەنە بىر كۆرۈشنى ئارمان قىلساممۇ ، ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان قالماپتۇ ، پۇتۇمدا گۈرسۈلدەپ تاغ تاشلارنى دەسسەپ چىقىدىغان ماغدۇرمۇ يوق، ھازىر تەبىئەتنىڭ ماڭا ئوخشاش ھالسىراۋاتقانلىقىنى بىلىپ ھەم سېزىپ تۇرىۋاتىمەن، مەن كۆرگەن ۋاقىتتىكى جانلىقلار ئازلاپ يوقاپ كېتىش ھالىتىگە كەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . بولدا مەرگەندەك ئىنساپلىق ئوۋچىلار بولغان بولسا نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمەس بولغىيتى دەپمۇ ئويلايمەن .دىمەك، مەيلى نىمىلا بولسۇن ئاقچوققىنىڭ شۇ چاغدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىسى مېنى ھاياتقا ئۈمىت بىلەن قاراشقا ، تەبىئەتكە ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن رىشتە باغلاشقا ئىگە قىلدى. شۇڭا مەن ھازىرمۇ بىرەر جانلىق بىرەر تۈپ گىياھقىمۇ ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن. مانا بۇ ئوتلۇق مۇھەببەت مەندەك 70تىن ھالقىغان بىر مويسىپىتنى ھەر دائىم ئۈمىتۋار ياشاشقا ئۈندەيدۇ ھەم روھلاندۇرىدۇ .شۇ تۇيغۇدا مەن ھاياجانلىنپ ئاقچوققا ھەققىدە بۇ نەزمىي ئەسىرىمنى يازدىم تىڭشاپ بېقىڭلار

ئاقچوققىغا زىيارەت

ئاقچوققا كۆرىنىسەن ھەيۋەت چوققا ،
ئەزەلدىن دىيارىمدا بارسەن چوققا .
ئۆرلىسەڭ تۇنجى مەنزىل كېرىگەن تاش ،
كۆرىنەر غەرىپ تامان بۇرھان چوققا .
كېرگەن تاش تاغ تېكىسى ماكانىدۇر ،
قوغلاپ كەلگەن يىرتقۇچلاردىن پاناھىدۇر.
بۆرە –يىلپىز بۇلارنىڭ كۈشەندىسى ،
يېتەلمىسە بۇ تاشقا جان بىرەدۇر .
يېرىلغان تاش ، يېرىلغان تاش ئاجايىپ تاش .
تاغ تەۋرەشتە چاك چېكىدىن كېرىلگەن تاش
تالاي يىلنىڭ گۇۋاچىسى بولۇپ تۇرغان
بىر بۆلىمى ئاق چوققىدىن سېرىلغان تاش .
بۇ چوققۇدا ھايۋاناتنىڭ ھەممىسى بار ،
مۈشىكسىمان يىرتقۇچىدىن يىلپىزى بار .
تۆۋەن تەرەپ قېلىن ئورمان بۇغا مارال ،
تاغ بېشىدا تۈرلۈك قۇشلار ئۇلارمۇ بار .
سىرغا تولغان كۆلنى كۆردۈم تاغ بېشىدا ،
ئولتۇردۇمدە خىيال سۈردۈم كۆل قېشىدا .
مۆجىزىگە تولغان ئىكەن بىلمەپتىمەن،
بۇلبۇل شۇڭا سايرايدىكەن گۈل ئىشقىدا .
ئۈزۈپ يۈرەر كۆل ئۈستىدە ھەرتۈرلۈك غاز ،
ئاڭلىسام كەتمەيدىكەن قىشى ۋە ياز.
جۈپتى ئۆلسە ئۆمۈرلۈك يالغۇز ئۆتەر ،
شۇنداق بولغاچ ئەزەلدىن نەسلىمۇ ئاز.
كۆرىنىدۇ باھادىردەك قۇرام تاشلار ،
باراي دەيسەن ئاشۇ جايغا كىممۇ باشلار .
ئامال قىلاي ئەزىز دوستۇم تەلىۋىڭنى ،
ئۇزۇن يىللار تاغ ئارىلىغان ئوۋچى باشلار .
بۇ يىل كىردىم قاراڭلار يەتمىش ياشقا ،
مىنىپ يۈردۈم تۇلپارىم كۈرەڭ قاشقا .
تاغ ئارىلاپ تەبىئەتنى سۆيۈپتىمەن.
شۇ خىسلەتتە، شۇڭا مەزمۇت تۇرۇپتىمەن.
ئاپتۇر : مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە خونىخەي يېزا 4- كەنىت ئەزاسى ھەسەيىن نەسىردىن
2013 –يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
بۇ ئەسەرنى 80 ياشلارغا تاقاپ قالغان بىر بوۋاي مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمنى ھاۋالە قىلىپ ئەكەپتىكەن ، قارىسام خېلى بولىدىغان تەبىئىي ئەسلىمە ئىكەن .شۇڭا مۇنبەرگە يوللاپ باقتىم .