شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادەتلىرىمىز

غالىپ مۇھەممەد قارلۇق 

شەھەر- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ساپلىقتىن يىراق داشقايناق كارتېنىسى . بۇ يەردە تۇرمۇش رېتىمى تېز ، تىرىكچىلىك شاۋقۇن – سۈرەنلەرگە تولغان بولىدۇ . تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ناھايىتى تېز سۇرئەتتە ئۇچرىشىىپ تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ، كۆز قاراشلىرىمۇ تاشقى تەسىرلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئاسان ئۇچرايدۇ . شۇڭا «مودا» ، «ھەشەم – پەشەم» ، «يېڭىلىق»، «زامانىۋىلىق» دېگەنلەرمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن شەھەردە بىخ سۈرۈپ ، ئاندىن يېزىلارغا كېڭىيىدۇ . شەھەرلەردە ماددىي ئىستېمالغا يارىشا مەنىۋى ئىستېمالمۇ ئوخشاشلا تاۋارلاشقان بولىدۇ . بۇ يەردە يېگىلىقمۇ ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ ھەم ئاسان كونىرايدۇ . نۇرغۇن نەرسىلەر شەھەردە قايتىدىن چېچەكلەيدۇ ، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر ئاستا – ئاستا توزۇپ كېتىدۇ . ئالدىراشچىلىققا تولغان بۇ يەردە گاھىدا ئادەمنىڭ خىيال سۈرۈشىگىمۇ ،«توۋا قىلىشى» غىمۇ ۋاقتى چىقماي قالىدۇ . ئادەم ئۆزىمۇ ىەزمىگەن ھالدا ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاھ- تىلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كونىراۋاتقا5- لىقىنى ، ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ياكى يوقىلىپ ئۇنتۇلىۋاتقانلىقىنى ، يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ . مەنمۇ ئالدى – كەينى بولۇپ چوڭ شەھەردە ياشاۋاتقىلى ئون يىلچە بولۇپ قالدى ، بۇ جەرياندا مەن شەھەرنىڭ قىياپىتىىدە يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىدە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ، ئسىتېمال سەۋىيىسى ، ئاڭ – قاراشلىرىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ھەم كۆردۈم . ئەمما ، بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەگ- دۈرگەن ھەم يېتىلدۈرگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، گۈزەل ئەخلاق ، ئېسىل ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن قىسمەن تەركىبلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىىپ ياكى ئاينىپ ،? سۇسلىشىپ ياكى ئۇنتۇلۇشقا يۇزلنىۋاتقانلىقىدىن ئەپىىىۇسلانمايمۇ تۇرالمىدىم . تۆۋەندە ئەنە شۇ ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاققان ئېىىىل ئادەتلىرىمىزدىن بىر نەچچىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلماقچىمەن:

1

يېقىندا بىر دوىستۇم مېنى بىر دوىىىتىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئاپاردى . مەنمۇ نېرى – بېرىىىىىنى ىىىۈرۈشىتۈرۈپ ئولتۇرمايلا «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى قىلىىپ» ماقۇل دەپتىكەنمەن . ئەسلىدە ئۇ ئۆيدە تۇغۇتلۇق ئايال بار ئىكەنتۇق . يەنى دوستۇمنىڭ دوىستىنىڭ ئايالى يەڭگىىپ 5 ا كۈندەك بوپتىكەن . مەن ىىىەل ئوڭايىىىىزلانغاندەك بولدۇم . ئەمما دوىىىتۇم ۋە ئۇنىڭ دوىستى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەركىن – ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى . ئارىلىقنا مەن دوىستۇمغا : « ئايالى يەڭگىگەنىدى دەپ قويىىىاڭ بولماسمىدى» ، دېگەندەك قىلىىپ دوق قىلىۋىدىم ، دوىستۇم :«ۋاي ، نېمە بولماقچىدى ، ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىگىنە»، دەپ گەپنى ئۇزۈۋەتتى . قايتقاندىن كېيىن دومننۇمغا : « ئادەتتە تۇغۇتلۇق ئۆيگە ئايالنىڭ قىرىقى توشقىچە ئۆي ئىگىلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ – چىقىشىغا بولمايتتى» دېىىىەم ، دوىىىتۇم ماڭا بۇنىڭ كونا زاماندىن قالغان ئادەت ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ، راىىىتىنى دېگەندە بۇنى ئۆزىنىڭمۇ ئانچە بىلىىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ، دوستىنىڭ، تەكلىپى بىلەن بارغانلىقىمىزنى ئەسكەرتتى . قارىفاندا دوىىىتۇم ۋە ئۇنىڭ دوىىىتىمۇ خەلقىمىزدىكى بۇ ئادەتتىن خەۋەر سىزدەك قىلاتتى .
ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزدە تۇغۇتلۇق ئۆيگە قالايمىقان ئادەم كىرىپ – چىقىش پەرھىز قىلىنىدۇ . شىۇڭا تۇغۇتلۇق ئايال بار ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇش ئېغىر ئاياغ ئايالنىڭ كۆزى يورۇغاندىن تارتىپ تاكى ئۇنىڭ قىرىقى توشقانغا قەدەر جەمئىي قىرىق كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ . بۇنداق قىلىشتىكى مەقىىىەت تۇغۇت جەريانىدا زىيادە كۈچىنىش، جىىسمانىي جەھەتتە بەكلا ئاجىزلاپ كېتىدىغان ئايالنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .
بۇنىڭدىن بانتىقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ بۇ دۇنياغا يېڭىلا كۆز ئاچقان بولغاچقا بەدىنى ئاجىز ، ئىممۇنىتېىت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ . ئانا – بالىنىڭ (بوۋاقنىڭ)ياخشى ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەممىلا ئادەمگە«ئۆيىمىزدە تۇغۇتلۇق ئايال بار ، ۋاقتىنچە كىرمەي تۇرۇڭلار» دەپ ئۇقتۇرۇپ بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان ، جۇلالىق قىزىل رەڭلىك لاتىنى ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويۇش ئار قىلىق يۇقىرىقى مەقسەتنى ئىپادىلەش ئادىتى تەدرىجىي تەكىللەنگەن ، مېنىڭچە بۇ ئادەتنىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق .

2

توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شەھىرىمىزدىكى مەلۇم ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدىم . قورۇدا ئۇيغۇر ئائىلىلىكلىرىمۇ يەتتە – سەككىزگە يېتەتتى . بىز بۇ قورۇغا ماكانلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايالىم بىر قاچا تاماقنى قوشنىمىزغا سۇنغىلى كىرىىپ كەتتى . بىراق ، ھايالشىمايلا چىرايىنىڭ ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا قايتىىپ چىقتى . مەن «بىر ئىش بولدىمۇ» دېگەن قىياپەتتە ئايا- لىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم .
– يولدىشى يوق ئىكەن ، ئايالى بار ئىكەن . تاماق ئەتكەنىدىم ، تېتىىپ باقارمىكىن دەپ ئېلىپ كىرگەنىدىم دېسەم ، بىر نەرسىگە ھەيران قالغاندەك چىرايىمغا تىكىلىېب قاراپ تۇرىدۇ . ئارقىدىن «يولدىشىم مەلۇم ئشى بىلەن بازارغا كەتكەن . مەن بولسام ھېلىراقتا سىرتتا تاماق يەپ قايتىىپ كىرگەنىدىم» دەيدۇ ،«ئەكەلسىلە قوللىرىدىكى چىنىنى ئالاي» دېمەيدۇ .
– سىز بىر نەرسە دېمىدىڭىزمۇ ؟
– ئەسلىدە قايتىپ چىقاي دەپ ئويلىغانىدىم . بوپتۇلا «تاماق سۇناي دېگەن گۇناھ ئۆزۈمد» دەپ يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم ۋە تاماقنى مېھمانخانا ئۆيىدىكى ئۇستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپلا ، «بالىلارنىڭ دادىسى ساقلاپ قالدى ، مەن چىقاي ئەمىسە» دەپلا قايتىپ چىقتىم . ھەي ، ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈ دەك بولدۇم ، – دېدى .
مەن بۇ ئىشتىن سەل ئەپسۇسلاندىم . خەلقىمىزنىڭ قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىدىكى بىر ئېسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەردىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا سۇسلىشىشقا يۇزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى ، گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام ، بۇنداق ياتلىشىش ، ئادەت «ساۋاتسىزلىقى» يالغۇز قوشنام بىلەنلا چەكلەنمىسە كېرەك . بىر بىنادا ئۇزاق يىل? بىللە ئولتۇرۇپمۇ كىرىش – چىقىش قىلمايدىغان ، ھەتتا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇلدىكى ھەقەمسايە قوشنىسىنى تونۇمايدىغان ئەھۋاللار شەھىرىمىزدە خېلىلا كۆپ . قوشنىلار ئارا ئەپ ئۆتمەي جېدەل – ماجىرا قىلىدىغان ئەھۋاللارغا نېمە دەي تېخى ؟ ! . . . كىشىلەرنىڭ كىيىمى پۈتۈن ، قورسىقى توق بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولۇنغان ھا زىرقى شارائىتتا ھېچكىم ھېچكىمگە زار ئەمەس . قونك- لارئارا تاماق سۇنۇشتا قانداقتۇر باشقىچە بىر مەقسەت ياكى قارشى تدرەپنىڭ ((ئاچ قالغانلىقى)) كۆزدە تۇتۇلغاگ- مۇ ئەمەس ، بەلكى ئوخشىغان بىر ۋاقلىق ئىسسىق تاماقتىن قوشنىلارنىمۇ تەڭ بەھرلەندۈرۈپ ، بۇ ئارقىلىق ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىق ، چۈشىنىشىنى كۈچەيتىش ، باردى – كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، قوشنىلارئارا مېھىر – مۇھەببەتنى ئۇلغايتىش ئۈچۈندۇر ، خالاس .

3

ئۇزاقنىن بۇيان ھېيتنى ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئۇچۇن ھەر ھېيتتا يۇرتقا بېرىپ كېلەتتىم ، بۇ قېتىم ھېيتنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى . بىراق ، نېمىشقىدۇر بۇ يەردە ھېيتنىڭ تازا «سۈلكىتى» نى ھېس قىلالمىدىم ، يۇرتلاردىكىگە ئىنتايىن روشەن سېلىشتۇرما ھالدا بۇ شەھەردە ئاندا – ساندا ھېيتلاش ، يەككە ھېيتلاش ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ھېيتلاش گەۋدىلىك ئىدى . ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قورۇدىكى قولۇم – قوشنىلار ئارا ھېيتلايلى دېسەك ، ئۇ – بۇ سەۋەبلەر بىلەن بەزىلەر ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى . بىر – ئىككى قوشنىمىز بار ئىكەنتۇق ، شۇلارنىڭكىدە ھېيتلىغاچ ، ئۆيگە ھېيت پەتىسىگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ قايتىپ چىقتۇق . ئەتىسى قارىساق ئۇلارمۇ يوق ، باشقىلار يەنە يوق . ئۆگۈنلۇكىمۇ ھەم شۇنداق . . . شۇنىڭ بىلەنئىشىكنى «گۈم» تاقاپ ، بىزمۇ «يىراقنىكى» دوستلارنىڭكىگە ھېيتلىغىلى ئاتلاندۇق . شۇنداق قىلىپ ھېيتمۇ ئۆتۇپ كەتكەن بولدى . ئارىلىقتا ھېيتتا كۆرۈشەلمىگەن قوشنىلار- دىن بىر – ئىككىسى ئۇچراپ قېلىپ «ھېيتلاتساق ياخشى بولاتتى ، شۇغىنىىىىى چوڭلار بىلەن ، دوستلار بىلەن ھېيتلىشىمىز دەپلا ئۆتۈپ كەتتىغۇ بۇ ۋاقىت ئالدىراشچىلىقتا » دەپلا گەپنى تۈگەتتى . «راست ، ، بىر قورۇدىكى قولۇم – قوشنىلار تۇرۇپ ئۆزئارا ھېيتلاشقا ئازراقمۇ ۋاقىت ئاجرىتالمىغاندىن كېيىن ، ھەقىقەتەن ئالدىراش ئوخشايمىز – ھە » دەپ ئويلىغاچ مېيىقىمدا كۈلۈ پ قويدۇم . ھېيتتىن كېيىنكى كۈنلەردە بولسا ئەتراپىمىزدىكى تونۇش – بىلىشلەرنىڭ ئاغزىدىن «ۋاي ، بۇ ئۈرۈمچىدە ھېيت پەتىسى تازا تۈزۈك بولمايدۇ . كۆپ ھاللاردا ھېيتنى ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز ئۆتكۈزىدىغان گەپ ! ئىشىكىنى تاقاپ ، قا زانغا سالغان گۆشنى ئۆزىمىز مەززە قىلىپ يېگەچ ، شور- پىسىنى ئىچىپ ئولتۇرىمىزغۇ ، شۇ . . .» دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى كۆپ ئىشىتىپ ، ئۆزۈمگە تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم . شۇغىنىسى ، يۇرتۇمدىكى ھېيت تەنتەنىسى كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى .
ھېيىت بىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز . ھېيتتا ئۆزئارا پەتىلەش ھېيتىمىزنىڭ ئەقەللىي قائىدىسى ھەم بىر كۆركى . ئادەتتە ھېيتتا «ئالاھىدە» تەكلىپ قىلىنمىسىمۇ (ئەنئەنە بويىچە بۇنداق قىلىشنىڭ زىنھار ھاجىتى يوق) ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىىپ جامائەت بولۇپ ھېيتلىشىش كېرەك ئىدى . ئەمما تەكلىپ قىلىپمۇ ، سەپەرۋەرلىك قىلىپمۇ ئۆزئارا پەتىلەشكىلى بولمىسا ، ئەمدى ھېيتنىڭ نېمە مەنىسى ، نېمە مەززىسى ، نېمە خاسىيىتى قالدى ؟

4

ئۆتكەندە بىر دوستۇمنىڭ دادىسى ماڭا تېلېفون قىپتۇ : «بالام ، ئۆيگە بىر كېلىېپ كەتسىڭىز» ، مەن ماقۇل دېدىم ۋە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە باردىم . ئەھۋاللىشىىش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى ، دوستۇم چوڭ ئۆيگە كەلمىگىلى ئىككى ئايچە بوپتۇ . تېلېفوندا ئاز – تولا سالام – سائەت قىلغاندىن باشقا بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ باقماپتۇ ، قىسقىسى يوقلاپ كەلمەپتۇ .« بىز ئۇنىڭ پۇلىغا ، سوۋغا – سالىمىغا قاراشلىق ئەمەسقۇ ، پەقەتلا شۇ دىدارىنى كۆرۈش كە خۇمار بولۇپ ، بالا مېھرىمۇ ئاخىر . . .» دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى ھەدىمىز . شۇڭا ئۇلار مېنىڭ دوىتۇمغا «ئىدىيىۋى تەربىيە» ئىشلىشىمنى ئۆتۇنۈپ ماڭا تېلېفون قىلغانىكەن . مەن ئەتىسىلا ۋاقىت چىقىرىپ دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم . دوستۇم باشتا سەل ھەيران قالغاندەك بولدى ، خىجىل بولغاندەكمۇ بولدى ، «مۇشۇ ئشنىمۇ ساڭا ئېيتىپ ، ھاۋالە قىلىپ يۈردىمۇ ، تازا قاملاشلمىغان ئىشتە بۇ . . .» دېگەندەك قىلىپ سەل خاپا بولغانمۇ بولدى ۋە ئاخىرىدا : « يېقىننىڭياقى ئىشلىرىم ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يوقلاپ بارالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمنىڭ بىزنىڭ چوڭلاردىن سەل رەنجىشى بار ، ئۇ مېنىڭ بېرىشىمنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ . ۋاي ، تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن بولمىدىمۇ» دەپ گېپىنى خۇلاسىلىدى . « ماۋۇ گېپىڭلار تازا قاملاشمىدى ئاداش ، تېلېفوندا ئەھۋال سوراش باشقا گەپ ، ئالدىغا بېرىپ دىدارلىشىىپ ئەھۋال سوراش باشقا گەپ . سەنمۇ بىر كۈنلەردە قېرىلىق يېشىغا يەتكەندە ئاندىن بۇ گەپنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ، ئاتا – ئانىنىڭ قەلبىنى چۈ شىنىسەن ئاداش . . .» دېگەچ بىر مۇنچە قائىدە ، نەسىھەتلەرنى سۆزلىگەن بولدۇم .
ئاتا -ئانا ئۇلۇغ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئۆمۈر ھەر ۋاقىىت بالا غېمىدە يېنىپ – ئۆچىدۇ . شۇڭا ئاتا-ئانىلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇش ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئەقەللىي پەرھىزى ھەم قەرزى . ئەخلاقىمىزدا ۋە ئۆرپ – ئادىتىمىزدە بۇ تەرەپ ناھايىتى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . شۇ سەۋەبمىكىن ،يېقىندا تور ، گېزىت ، تېلېۋىزىيىلەر ئارقىلىق ئاشكارا قىلىنغان «خارلانغان ئانا ۋەقەسى» جەمئىيىتىمىزنى كۈچلۈك «زىلزىلە» گە كەلتۈرۈۋەتتى ، جەمئىيەتنىڭ تەنقىد – نەپرىتىگە ئۇچرىدى . ھەقىقەتەن شەھەرلەردە تۇرمۇشن رېتىمى تېز ، خىزمەت ئالدىراش . لېكىن ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ ، شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت ، پۇرسەت تېپىپ ، چوڭلارنى يوقلاشقا ئىمكانىيەت چىقىدىغۇ ؟ گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە !

5

ئالىي مەكەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە يېڭىدىن ئاياغ باسقان چاغلىرىم ئىدى . شۇ چاغدىىكى بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ : يۇرتلۇق بىر تونۇشىمىزنى ئىزدەپ مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا باردىم . تونۇشمىز ئۆز ئۆيىنىڭ ئاشۇ قورۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى . سۇرۈشتۈرۈپ قايسى بىنا ، قانچىنچى كورپۇس ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدىم ، لېكىن قانچىنچى قەۋەت ، نەچچىنچى نومۇرلۇق ئۆي ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى . مەن بىناغا كىرىىپ دەماللىققىلا بىر ئىشىكنى چەكتىم . ئىشىكنى ئىككى قېتىم چەككەندىن كېيىنلا ئۆي ئىچىدىن :« كىم ، كىمۇ ، كىمنى ئىزدەيسىز؟» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . «مەن» دېدىم مەن قسىقىلا قىلىىپ . ئۆي ئىچى سەل جىمىېب كەتتى ، «مۇشۇك كۆزىدىن مېنى كۆرۇۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم مەن . بىردەمدىن كېيىن ئىچكى ئىشىك ئېچىلدى ، تاشقى مۇداپىئە تۆمۈر ئىشىكى يەنىلا ئېتىك . ئۆي ئىگىسى ماڭا :« نېمە ئىش؟» دېگەندەك قىيا پەتتە قارىدى . مەن غوپۇر ئاكامنىڭ ئۆيىنى سورىدىم . ئۆي ئىگىسى تولىمۇ سوغۇق ئەلپازدىلا :« 5- قەۋەت ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆي» دېدى . شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ سۆزلىشىشىمىز خۇددى تۆمۈر ئىشىكلىك ئۆي ئىچىدىكى مەھبۇس بىلەن سۆزلىشىشكىلا ئوخشاپ قالغانىدى . مەن ھەشقاللا ئېيتتىم ، ئۆي ئىگىسىدىن باىتقا سادا چىقمىدى ، ئارقىدىنلا ئىشىكنىڭ «گۇپ» قىلىپ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . بۇ ھال مېنىڭ كەيپىياتىمغا تولىمۇ سوغۇق سۇ سەپتى . كېيىنكى مەزگىللەردە مۇنداق ئىشلارغا تولا يولۇقۇپ ، بۇنداق ئىشلار ماڭا يات تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى . مەن باشقىلاردىنمۇ مۇشۇ خۇسۇستىكى ئىشلارنى ئاڭلىدىم ، شۇڭا ئانچە ھەيران قالمايدىغان بولدۇم ، ئەمما كۆڭلۇم غەش ئىدى .
بىز ئۇيغۇرلاردا ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئامال بار خۇش ئەبەسسۇم بىلەن راۋا قىلىدىغان بىر ئېىىىىل ئادەت بار . بىز تونۇيلى ياكى تونۇمايلى ، بوسۇغىمىزغىلا بىرەرسى كېلىىپ قالغۇدەكلا بولسا ، ئالدى بىلەن چىرايلىقچە ئۆيگە باشلاپ سالام – سائەت قىلغاچ ، بىر پىيالە ئىسسىق چاينى«مېھمان» نىڭ ئالدىغا قويىمىز . ئاندىن ئاستا-ئاستا ئاساسىي مەقسەت — پاراڭ تېمىسغا كېلىمىز . بۇنىڭدىن «ياردەم سورىغان» ئادەمنىڭمۇ قەلبى بۆلەگچىلا ئىللىپ قالىدۇ ، ئۆزىمىزمۇ خۇش بولۇپ قالىمىز . مانا مۇشۇنداق گۇزەل ئەخلاقىي ئادەمگەرچىلىك ئادىتى بۈگۈنكى شەھەرلىرىمىزدە نەزەرگە ئېلىنماس ياكى «ئىشلىتىلمەس» بولۇپ قالدى . ئەزىز ئوقۇرمەنلەر ، يۇقىرىدا قەيت قىلغانلىرىم ھەرگىز ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، مۇشۇنداق ياخشى ، ئېىىىىل ئادەتلەرنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا بار . لېكىن ئىنچىكە قارايدىغان بولساق ، مۇشۇنداق ئادەتلىرىمىز شەھەرلەردىكى خەلقىمىز ئىچىدە راستنىنلا سۇسلىشىشقا ، ھەتتا تاشلىۋېتىلىشكە ، ئۇنتۇلۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . بۇ نۇقنىدىن قارىغاندا مۇلاھىزەم ھەرگىزمۇ بىھۇدىلىك ئەمەس ، دەپ قارايمەن .

«مىراس» ژورنىلى 2009 -يىل 5-سان
(ئاپتور : ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46- ئوتتۇرا مەكتەپ )