ئۇيغۇرلاردا يېزىق ۋە ئىدىقۇت مائارىپى

ئۇيغۇرلاردا يېزىق

يېزىق – مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، مائارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى.
ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىق تارىخى خېلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يېزىقى يۇنانلىق ئاكا – ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار (1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يېزىقىدىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.
مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يېزىقى يېنسەي (رونىك) ئېلىپبەسى ئىدى (1 – جەدصۋەلگە قاراڭ)، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئىشلىتىلگەن (2 – جەدصۋەلگە قاراڭ).
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تېكىستلىرى، پېداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۈ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئۆتمۈشنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى.
قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۈرلۈك ئېستېتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم – تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۈيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 – 687 – يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق “تۇرا ناخشىسى” پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بەزى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تېكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپ سۈيۈپ ئوقۇلماقتا. ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تېكىست قىزغىن تەتقىق قىلىنماقتا.
ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بولغان “ئوردا مۇزىكا تېكىستلىرى توپلىمى” ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

چۇغاي تېغى باغرىدىن،
ئاقار تۇرا سۇلىرى.
كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ،
ئاسمان شەكلى چېدىرى.
چەكسىز ئاسمان، دالا ھەم،
كۆپكۆك دېڭىز بىپايان.
ئەگىز ئوتلار يەلپۈنسە،
پەستە مىغ – مىغ كورۇنەر-
سان – ساناقسىز قوي – قۇلان.
ئەگەر بىز قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناخشا تېكىستىنىڭ ئوبراز تەسۋىرى، ئوخشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم – تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي، جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىخچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىخ ۋە تەبىئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە.
“تۇرا ناخشىسى” ۋە “ئەرق پۈتۈك” بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى دېداكتىك ئەسەر “چاشتانى ئىلىك بەگ” داستانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كۆك تۈرك خاندانلىقى (552 – 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرةشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خېلى كۆپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار.
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: “كۆل تىكىن مەڭگۈ تېشى” (732 – يىلى تەكلەنگەن)، “بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى” (735 – يىلى)، “تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى” (716 – يىللىرى) ۋە “قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۈ تېشى” (759 – يىلى) دۇر.
يۇقىرىدىكى مەڭگۈ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۈ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى.
لېكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھېسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شةرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر – بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۈگۈن ئىدى. ئۇ يەردە تۈرلۈك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كۆپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۈمەندىن ئارتۇق.
كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ” يەر ئاستى كۈتۈپخانىسى ” دەپ بىكار ئېيتمىغان. تۆۋەندىكى پاكىتلار بۇ باھانى ئىسپاتلايدۇ:
بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان: ” ئىۋانگلۇم ” (بەخت ساداسى)، “سانت گئوركىنىڭ شېھىت بولۇش خاتىرىسى”؛ مانى دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: “ئىككى يىلتىز نوم “، ” مانى مۇرتلىرىنىڭ تۆۋەنامىسى “، “ئەرق پۈتۈك”؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە ئائىت ئەسەرلەردىن: “ئەۋلىيا قەسىدىلىرى”؛ بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىن: “ئالتۇن يارۇق”، “سەككىز يۈكمەك”، “ئائىترى سىمىت” ناملىق يىگىرمە يەتتە پەردىلىك دراما (4)، تارىخىي داستان – “ماخاراباتا”؛ 294 توم 25 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان “سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۈچى ئۆرنەك – تەدبىرلەر”؛ بەش توملۇق چوڭ چۆچەكلەر توپلىمى – “پەنچى تانتىرا”؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن: “ئەتەبەتۇل ھەقايىق”، “ئىزوپ مەسەللىرى”، “ئوغۇزنامە” ھەمدە بەش توملۇق رىۋايەتلەر توپلىمى؛ “چاستانى ئىلىك بەگ”، “قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى”، “مېدىتسىنا بىلىملىرى”، “ئىككى تىللىق لۇغەت” ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ مەڭگۈ تاش خاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر؛ ئەرەب يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن: “تومۇر تەزكىرىسى”، “تەزكىرى ئەۋلىيالار”، “مېراجنامە”، “كۆڭۈلنامە”، “بەختنامە”، “شائىر ھارازىمى تاللانمىلىرى” ۋە “مەۋلانە لۇتفى شېئىرلىرىدىن تاللانما”؛ بۇنىڭدىن باشقا دېداكتىك تەلىم – تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي، شېئىرىي ئەسەرلەردىن ” ” ئاخاۋاركا “، ” قاليامقارا – پاپامقارا “؛ دېداكتىك نەسرىي ئەسەرلەردىن: ” چوڭ مايمۇن پاتمارال “، ” بەختىيار شاھزاد “، ” رەسسام بىلەن ياغاچچى ھېكايىلىرى ” قاتارلىق ئىنتايىن كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان.
يۇقىرىدا تىزىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۈركۈمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كۆپ قىسمى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.
يالغۇز گېرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگ ئەترىتىلا بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكەن يازما ھۆججەتلەر بىرنەچچە تۈمەندىن ئېشىپ كېتىدۇ! باشقا ئەللەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تارىخىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟
بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، قايسى ئېتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۇچى بولسىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى بۇنداق كىشىلەر “ئىلتەبىر ” (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى.
ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يېزىش ۋە كۆچۈرۈش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى. بۇنداق ئېتىقاد “بۇيان ” (بۇيان) دېيىلەتتى. مەسىلەن: پۈتۈلگەن كىتابلارنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق سۆزلەر ئالاھىدە يېزىلاتتى: ” بۇ كىتابنىڭ ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرھۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ – بۇرادەرلەرگە بولغايلەر…”.
ئۈچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كېڭىشى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كېڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە، ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ھەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. بىلگە كېڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت – ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە، تۇخار – ئۇيغۇرچە، سوغدى – ئۇيغۇرچە) نى قوللانما سۈپىتىدە تۈزۈپ چىققان.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۈپەتلىك قەغەز كەشىپ قىلغان. خەت پۈتۈلۈشتىن بۇرۇن قەغەز ئۈستىگە ئاق شىلىم سۈرتۈلەتتى. بۇ قەغەز ” پارتلاپ يېزىش ئۇسۇلى ” دېيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە خېلى چوڭ قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان.
ئىدىقۇتلۇقلار ئۆز ئالدىغا ياغاچ مەتبەئە كەشىپ قىلغان. ھەرپلەر دانە – دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قېلىپقا بېكىتىلىپ ئۈستىدىن رەڭ سۈرتۈلۈپ خىلمۇ خىل رەڭلىك كىتابلار بېسىلاتتى. مۇشۇنداق مەتبەئە ھەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق (4).
ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت مائارىپى توغرىلىق ئاتاقلىق سەيياھ ۋاڭ يەندى (939 – 1006 – يىللار) ئۆزىنىڭ ” ئاستانە خاتىرىلىرى ” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: ” ئىدىقۇتتا كەسپىي مۇئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شېئىر ۋە قوشاققا خۇشتار ئىكەن. ئۇلار ئۆز يېزىقىنى كۈندىلىك ئېھتىياج ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يېزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كۆردۈم…”.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار ” قاغان ” سۆزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سۆز ھۆكۈمران، ئىمپېراتور، خان مەنىلىرىدە بولۇپ، ھون، تۈرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سۆزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ھازىرقى زاماندا بۇ ئاتالغۇ – ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئۆمەرقان، تىلەۋقان، ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكېرىمخان، قادىرخان دېگەنلەردەك. ” ئىدىقۇت ” سۆزى – بەختكە يېتەكلىگۈچى دېگەن بولىدۇ. ” قۇت ” سۆزى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: “قۇتلۇق بولسۇن “، “ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن ” دېگەندەك.
قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 9 – 13 – ئەسىرلەر) دەۋرىدە ئىدىقۇت مائارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كۆپ تىللاردىن خەۋەردار تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب – شائىرلارنى، دراماتورگلارنى، بوغالتىر – ھېساباتچىلارنى، تەۋىپ – دوختۇرلارنى يېتىشتۈرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ھەقتە كېيىنكى بابىمىزدا مەخسۇس توختىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان ، مائارىپچى، يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، “ھېكمەتلەر پەزىلىتى ” نىڭ ئاپتورى، دېداكتىك شائىر كى كى، شائىر چىنۇيا توتۇڭ، شائىر قالىم كېيخى، شائىر ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىخ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل مائارىپ ئىدېئولوگىيىسى ئۈستىدە ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر ھوكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي خەلق ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ ئۈچۈن ئېيتقاندا قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ تەكتىدە خەلقنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، تارىخى ۋە مەدەنىي – مائارىپى يەنىلا كۈچلۈك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشھۇر ” ئوغۇزنامە ” قىسسىسى تېخىمۇ تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. ” ئوغۇزنامە ” ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى ھايات تارىخى، دۇنيا قارىشى، ئىجتىمائىي ئۆرپ – ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنىۋېرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر.

ئىزاھاتلار:
(1) ئاكا – ئۇكا كەلىر (528 — 968 كەلىر) ۋە مەتۇدى (728 — 588 مەتۇدى) مىلادىنىڭ 855 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بۇلغارىيىدە تۇنجى رۇس – سلاۋيان يېزىقىنى كةشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۈننى ھەر يىلى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.
(2) نىستۇرى (401 – 451 – يىللار) – خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راھىب ئارابان 635 – يىلى ئىدىقۇتقا كېلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان.
(3) زارا ئوستىر – (مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن) ئۇستا دوختۇر ۋە شائىر، زەردەخىت دىنىنىڭ ئەۋلىياسى.
(4) پىرتانراكخىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10 – ئەسىرلەردە باشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەھەرلىرىدە سەھنىدە ئوينالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۆسەن (كۇچا) نىڭ “ئەجدىھا ئويۇنى”، “سۇمۇچ ئويۇنى” قاتارلىق ئوچۇق سەھنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومېدىيە شەكلىنى ئالغان ئويۇنلار ئىدى.
(5) 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ تۇرپانغا كېلىپ، ياغاچ مەتبەئەگە (كەلاگەروفى) ھەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقىنى ئېلىپ كېتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسى تاكى گېرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ كەشىپ قىلغان مېتال ھەرپلىك ئىلغار مەتبەئە تېخنىكىسى ئىشلىتىگۈچىلىك (15 – ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت مائارىپى، نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خېلى زور كولەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز

(مەزكۇر يازمىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى 2009-يىللىق چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ماگېستر ئاسپرانتى قەدىردىن نۇرئەھمەد قۇتتېكىن تەمىنلىگەن .)