مەھمۇد قەشقىرىيگە كۆرە قاراخانىيلاردا تېبابەت

مەھمۇد كاشغەرىيگە كۆرە قاراخانىيلاردا تېبابەت

ئەنۋەر ياسىن

بۇ ماقالە 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 20-24-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «1- قېتىملىق خەلقارا تۈرك تىپ تارىخى قۇرۇلتىيى» نىڭ ماقالىلار توپلىمىدىكى نۇسخىسىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

قاراخانىيلاردا تېبابەتنىڭ ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ دەۋردە يېزىلغان ئىككى شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر مۇنچە تېمىلاردا تېبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئاشۇ شاھ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان يۈسۈپ بىلەن مەھمۇدتىن ئىبارەت بۇ ئىككى بۈيۈك شەخس تىل ۋە سىياسەت ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ خېلىلا تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئەسىرىگە ئوبدان بىر نەزەر تاشلانسا، ئۇلارنىڭ تېبابەت ساھەسىدىمۇ مول بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل ھالەت قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا تېبابەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.ئەمما، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەت بىلىملىرىنى تولۇق ھالدا يورىتىپ بىرەلەيدىغان بىرەر مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز. دۇنياغا مەشھۇر باشقىرت ئالىمى ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان مانىسادا شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى ئەل – ھەسەننىڭ ئوغلى ئەل – مەمۇنغا بېغىشلانغان بىر تېببىي كىتابنى تاپقان.(1)بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەت ئىلمىگە دائىر مۇھىم ۋە يىتەرلىك بىر مەلۇمات بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ئەپسۇس، بۇ ئەسەر قولىمىزدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەت ھەققىدە باشقا مەنبەلەردە ۋە تېپىلمىلاردىمۇ بەزى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ.ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلاردا بالاساغۇن، قەشقەر، سەمەرقەند، بۇخارا، تىرمىز، ئۈرگەنچ ۋە مەرۋ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھاياتىدا تېبابەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك پەنلەرنىڭ ئوقىتىلغانلىقى ۋە ئاشۇ ساھەلەردە سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلىنمەكتە.(2)تۇنجى تۈرك- ئىسلام ھۆكۈمدارى ساتۇق بۇغراخان دەۋرىدە قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتىت دەرىجىسىدىكى ساچىيە مەدرىسىسىنىڭ زامانىسىنىڭ بىلىم ئوچىقىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.(3)بۇ مەدرىستە تىۋىپ قاتارلىق تۈرلۈك پەن ئالىملىرىنىڭ يىتىشكەنلىكى مۇھەققەقتۇر.قاراخانىيلار دەۋرىدىكى بىزگە ئىسمى مەلۇم بولغان ئىمامۈددىن كاشغەرىي، مۇھەممەد ئىبن رەشىد ئىبن ئەلى كاشغەرىي، مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىق مەشھۇر تىۋىپلەرنىڭ ئىلمىي ھاياتى ئاشۇ مەدرىس بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.ئىمامۈددىن كاشغەرىي(تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)يالغۇز تېبابەت ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، يەنە ساچىيە مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان.ئۇ «رىسالە چۆپچىن»دېگەن بىر كىتاپ يازغان.ئۇ يەنە ساچىيە مەدرىسىدە ئوقۇتىلىۋاتقان «ئەل قانۇن فىت تېبب»ناملىق ئەسەرنى شەرھىيلەش مەخسىتىدە «شەرھى ئەل- قانۇن»ۋە «شەرھى شىپا»ناملىق كىتاپلارنى يازغان.ئالدىنقىسى قاراخانىيلارنىڭ بىر خاقانىغا (كىم ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس)تەقدىم قىلىنغان.خاقان بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىمامۈددىن كاشغەرىينى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېبابەت ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. ئىمامۈددىن كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى ئەل قانۇن»دېگەن داڭلىق ئەسەر قاراخانىيلار تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دەستۇرى قىلىپ بىكىتىلگەن.(4)بۇ تىۋىپنىڭ ئوپىراتسىيە ساھەسىدىمۇ ناھايىتى تەجىرىبىلىك بىر جەرراھ ئىكەنلىكى مەلۇم.ئۇرۇشتا يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ئوپىراتسىيە قىلىنلىقى تارىخىي ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ.ئىمامۈددىن كاشغەرىينىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد ئىبن رەشىد ئىبن مۇھەممەد ئاق كېسەل(بەرەس)نى داۋالاپ ساقايتىشنى ئۆزى بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن.ئۇ مىلادى 1083-يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. (5)قاراخانىيلار دەۋرىدە يەركەندە ياشىغان مەشھۇر تىۋىپ مۇھەممەد ئېلى مۇھەممەد ئىمىن «زىيائۇل قۇلۇپ»)قەلپ نۇرلىرى) ناملىق تىبابەتچىلىك ئەسىرىنى يېزىپ چىققان.بۇ كىتاپتا ئىبن سىنانىڭ «ئەل قانۇن فىت تېبب»دېگەن نادىر ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت مائارىپىدا تۇتقان ئورنى بىلدۈرۈلگەن.(6) 12-ئەسىردە خوتەندە ياشىغان ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەد خوتەنى ئىسلام ئاساسلىرىغا تايىنىپ، «ئەل فىقھۇ تىببىيە»دېگەن كىتابنى يازغان.بۇ كىتاپتا تېببىي خادىملارنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىر نەچچە ماددىلىق قانۇن بەلگىلەنگەن.بۇ كىتاپتا يەنە تىۋىپلار ۋە باشقىلارنىڭ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا بىكىتىلگەن. (7)شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، قاراخانىيلارنىڭ تېبابەت مائارىپىنىڭ شۇ دەۋرنىڭ ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۇستاز – شاگىرىت مۇناسىۋىتى بويىچە خۇسۇسى بىر مەسلەك شەكلىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەپسۇس، يۇقىردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تىۋىپلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ تېببىي مەشغۇلاتلىرى ھەققىدە قولىمىزدا بار ماتىرىياللار پەقەت تارقاق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ مەنبەلەر قاراخانىيلارنىڭ تېبابەت ساھەسىدىكى ئومۇمىي تەرەققىياتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بىرىشكە كۇپايە قىلمايدۇ.شۇ سەۋەپلىك، قاراخانىيلارنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بىرىش ئۈچۈن شۇ دەۋرىنىڭ شاھ ئەسىرى ھېساپلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ»بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت – تۈرك»كە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرمىز.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيلەردە تېبابەت ئۈچ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىمۇ تۆت ئاساسىي ماددىغا تايىنىدۇ.تۈركىيلەردە مىلادىدىن ناھايىتى بۇرۇنلا سۇ، ھاۋا، ئوت ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ئامىلنىڭ تەبىئەت، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە ئادەم ئورگانىزمىنىڭ ئاساسىي نىگىزىنى تەشكىل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا بۇ نەزەرىيىنىڭ يات مىللەتلەردىن تۈركىيلەرگە ئۆتكەن بىر خىل مەدەنىيەت بەلگىسى بولماستىن، بەلكى تۈركىيلەرنىڭ ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.(8)

«قۇتاغۇ بىلىگ»تىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆت ماددىغا تايانغان نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان تۆت خىلت ھەققىدىكى قاراشلار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەتتىمۇ يىتەكچى ئورۇندا تۇرغان.بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنى تەكىتلەپلا قالماي، يەنە ئىنساننىڭ تۆت خىلتنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن كىسەل بولىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە دىئاگنۇز قويۇش، كېسەللىكلەر، دورىلار، داۋالاش ئۇسۇللىرى، تىۋىپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە سالامەتلىكنى قوغداش ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرنىمۇ تىلغا ئالغان.(9)يۈسۈپ خاس ھاجىپقا كۆرە، قاراخانىيلاردا كېسەلگە تۇمۇر تۇتۇش ئارقىلىق دىئاگنۇز قۇيىلاتتى.ئەسەردە قان قېتىش، قەۋزىيەت، تاماق سىڭمەسلىك، ئىشتاھسىزلىق، ئسسىقى ۋە سوغىقى ئېشىپ كىتىشى، بەلغەم كۆپ بولۇش، قان كۈچىيىش، مىڭە قىزىپ باش ئاغرىش، ئېلىشىپ قېلىش، پارالىچ ۋە داۋاسى يوق كېسەللىكلەر قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق كېسەللىكتىن سۆز ئېچىلغان. يەنە بەش خىل تەييار دورىنىڭ ئىسمى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار جۇۋارىش، مەئىجۈن، تەرياك، ماترىدۇس ۋە سۈرگە قاتارلىقلار ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىپار، قەلەمپۇر، شەلىسە، ئۈرۈك مېغىزى، زەپىران گۈلى، بۇغداي، تەرەنجىۋىل، فۇقا(بۇغدايدىن ئىشلەنگەن شاراپ)، مەيزاپ(ئۈزۈم ھارىقى)،جۇلاپ(ئەتىرگۈل سۈيى)قاتارلىق 32خىل دورىنىڭ نامى بار.شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تىلغا ئېلىنغان بەزى دورىلارنىڭ ئىسمى كىتاپتا دورا سۈپىتدە تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، بۇلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»يېزىلىشتىن 300يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن دورا سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.بۇ 9-ئەسىردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تىبابەت ئىلمىگە باغلانماقتا.قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېبابەتكە ئائىت قول يازمىلار 3-قېتىملىق «گېرمانىيىنىڭ تۇرپاننى تەكشۈرۈش ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى»تەرىپىدىن قەدىمكى ئىدىقۇت شەھرىدىن ئېلىپ كىتىلگەن. ھازىر بېرلىندە ساقلىنىۋاتقان «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىكىگە ئائىت ھۆججەت»تە جەمئىي 108خىل دورا خاتىرىلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ھۆججەتتە ئۇچرايدۇ. (10)

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نوقتا باركى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1069-يىلى يېزىپ تاماملىغان «قۇتادغۇ بىلىگ»ناملىق بۇ كاتتا ئەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىن سۆز ئاچقاندا تىۋىپلەر ھەققىدىمۇ توختالغان ئىدى.بۇنىڭغا قارىغاندا، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئىجتىمائىي تەبىقىلەر قارا بودۇن -خەلق، تابۇقچى- مەمۇر، ساتىقچى-سودىگەر، ئوتاچى-لايىك تىۋىپ، ئەپسۇنچى، روھىي تىۋىپ، مۇنەججىم، ۋەزىر، سۇ باشى- قوماندان، بىتىگچى-كاتىپ قاتارلىق بىر تىزمىدا كۆرسىتىلگەن.بۇ قاتلاملار ئىچىدە تىۋىپلەر يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر كەسپكە مەنسۇپ كىشىلەر ھېساپلىناتتى.بۇ كىتاپتا ئەپسۇنچى دەپ ئاتالغان روھ تىۋىپلىرىنىڭ جىن تەگدى دېيىلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتاچى دەپ ئاتالغان، پەن ۋە تەجىرىبىگە تايانغان تىۋىپ بىلەن ئەپسۇنچى دەپ ئاتالغان روھ تىۋىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆرسىتىلگەن.بولۇپمۇ تۈۋەن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەر كەسپ بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلارنىڭ تىرىشچان، دۇرۇست ۋە پىداكار بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن، تىۋىپتىنمۇ بۇ ئالاھىدىلىكلەر كۈتۈلگەن(11)يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قاراخانىيلارنىڭ تىبابەتتە ماددىي داۋالاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە بىر مۇنچە مىللەتلەردە ئومۇمىي ھالەتكە ئايلانغان مىستىك ئېتىقادلارغا ۋە بۇنىڭغا باغلىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئېتىبار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك»(تۆۋەندە « دىۋان»دېيىلىدۇ) 11-ئەسىر تۈركچىسىنىڭ بۈيۈك بىر سۆزلۈكىدۇر.بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈكلەر ئىچىدە ئۆسۈملۈكلەر، دەرەخلەر، مەدەنلەر، ھايۋانلار، يىمەك- ئىچمەكلەر، تۈرلۈك سايمانلار، كېسەللىكلەر ۋە دورىلارنىڭ نامىمۇ ئۇچرايدۇ.بۇلار قاراخانىيلارنىڭ تېببىي ساھەسىگە دائىر خېلىلا ئەتراپلىق مەلۇمات ھېساپلىنىدۇ.بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن تېبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ۋە ئاتالغۇلارنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

1- كېسەللىكلەر

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بىلدۈرىشىچە، 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىلدا «ئىگ»(1-توم،67-بەت)،«ئاغرىق»(1-توم،133-بەت)، «كەم»(1-توم،440-بەت)، «تىتىك»(1-توم،501-بەت)، «سۈگەل»(1-توم،512-بەت)، «توغا»(3-توم، 310-بەت)قاتارلىق سۆزلۈكلەر «كېسەللىك»دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان.«چەرلەنمەك»سۆزىمۇ «كېسەل بولماق»(2-توم،355-بەت)دېگەن مەنىدە كېلەتتى.مەھمۇد قەشقەرى يەنە شۇ دەۋردە كۆرۈلگەن كېسەللىكلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان كېسەللىك ناملىرى مۇنداق:

ئۇررا – ئەرلەردە بولىدىغان چېقىق كېسىلى.ئوغۇزچە.(1-توم، 55-بەت)
ئۆز – گاس، پاڭ.ئۆز كىشى- گاس ئادەم.(1-توم، 63-بەت)
ئۇم- ئاشقازان ئىسىلىس، قورساق ئاغرىش.ئەر ئۇم بولدى- ئادەمنىڭ قورسىقى ئاغرىدى.گۆشنى جىق يىگەنلىكتىن ئادەمنىڭ قورسىقى ئاغرىدى.(تۈركچە،1-توم، 49-بەت)
ئەنۈچ -كۆزگە ئۆسكەن پەردە. (1-توم،74-بەت)
ئالۇق – تاز، تېقىر باش.ئالۇق ئەر- تېقىرباش ئادەم.( تۈركچە،1-توم،67-بەت)
ئۆتۈك – ئۆتۈگ، ئۆتۈك.ئىچ ئۆتۈش ۋە قۇسۇش كېسىلى.ئاڭا ئۆتۈگ كېسىلى تەگدى(.1-توم،93-بەت)
ئالا – ئالا.بەدىنىدە ئېقى بار ئادەم1( -توم،123-بەت) كىشىنىڭ بەدىنىدە ئاق كېسەل پەيدا بولدى.(1-توم، 241-بەت)
ئۇچغۇق-ئۇچۇق، زۇكام.( 1-توم، 133-بەت)
ئەۋشۈك – چاپلاشقاق كېسەل. (1-توم،142-بەت)
ئايباڭ- ئاڭپاڭ.ئايباڭ ئەر- ئايپاڭباش ئادەم.چىگىلچە.(1-توم،158-بەت)
ئاتغاق- قۇلۇنجى.قېرىنىدا سۇ يىغىلىش كېسىلى. (1-توم،160-بەت)
ئاخساق- ئاخساق. (1-توم،160-بەت)
ئۈرۈڭ- ئاق داغ.ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىقىغا چۈشىدىغان ئاق.(1-توم،181-بەت)
ئەرەڭەيۈ – ئېرىڭاي.ئالتە بارماقلىق ئادەم. (1-توم،183-بەت)
ئىنەگۈ-كىندىك ئۇدۇلىدا پەيدا بولىدىغان يەل سانجىقىغا ئوخشاش بىر خىل كېسەل.(1-توم،185-بەت)
ئانۇمى-موخۇ كېسىلى. (1-توم،185-بەت)
تۇتۇغ- تۇتقاقلىق.ئۇنىڭ تۇتقاقلىقى بار. (1-توم، 483-بەت)
ئىسىركەندى-ئىسسىقلىق ئۆرلىدى.ئۇنىڭ بېشىغا (ئۇزۇنغىچە چېچىنى ئالدۇرمىغاچقا ئىسسىتما سەۋەبىدىن)ئىسسىقلىق ئۆرلىدى. (1-توم، 382-بەت)
قىسىر – تۇغمايدىغان خوتۇن ياكى ھايۋان. (1-توم،472-بەت)
سارىغ – سېرىق.ئادەمدە بولىدىغان ئۆت كېسىلى يەنى سەپرامۇ «سارىغ»دېيىلىدۇ. (1-توم،484-بەت)
سارىغ سۇ- قېرىندا توپلىنىدىغان سېرىق سۇ.(1-توم،485-بەت)
چولۇق – چولاق. (1-توم،495-بەت)
بەزىك – بەزگەك، تىترەك.(1-توم،500-بەت)
چەچەك- چېچەك كېسىلى.(1-توم، 504-بەت)
كەزىك- كېزىك.بەدەندە تىترەك پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ئىسستما.(1-توم،508-بەت)
سارىغ كەزىك- سېرىق كېسەل. (1-توم،508-بەت)
سىگىل- سۈگەل. (1-توم 512-بەت)
بۈكىن- ئەرلىكى يوق ئادەم، ئەرلىكى زەئىپ كىشى. (1-توم،519-بەت)
كۈلگۈ- كۈلكە.ئادەمنى تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكۈزىدىغان تىقىلما)سەكتە)كېسىلىمۇ «كۈلگۈ»دېيىلىدۇ. (1-توم،561-بەت)
تالغان ئىگ- تۇتقاق كېسىلى. (1-توم،570-بەت)
چالقان- يارىنىڭ ئەردىشى، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە تارقىلىشى. مەسىلەن:ئادەمنىڭ پۇتلىرى ئىششىغاندا، تېقىمىغا بەز چۈشكەندەك. (1-توم،574-بەت)
تالاغۇ – ئۆتكۈر ئوغا.تىز ئۆلتۈرىدىغان زەھەر.تولغاق كېسىلىمۇ «تالاغۇ»دېيىلىدۇ. (1-توم،583-بەت)
تۇماغۇ – تۇمۇ، زۇكام. (1-توم،583-بەت)
چىپىقان – چىقان.بەدەنگە چىقىدىغان بىر خىل يارا.ئۇنىڭ رەڭگى چىلانغا ئوخشاش قىزىل بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتىلىدۇ. (1-توم،585-بەت.)
قىرباس ئەر- تېقىرباش ئادەم. (1-توم،600-بەت)
توقلۇق – ئادەمنىڭ ئايپاڭلىقى، ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزسىزلىكى. (1-توم، 613-بەت)
قىلتىق – قوماق، باش كېپىكى.باشتا بولىدىغان كىپەك. (1-توم،620-بەت.)
تۈكلۈك – قارغۇ،كور.(1-توم،623-بەت)
كۆزى چەرلىگ – كۆزى چارلاشقان ئادەم.كىچىسى كۆرۈپ كۈندۈزى كۆرمەيدىغان، تۇتۇق كۈندە كۆرۈپ ئۇچۇق كۈندە كۆرمەيدىغان ئادەم. (1-توم، 623-بەت)
پىچغىل – قول ۋە پۇتتىكى يېرىقلار. (1-توم،627-بەت)
سەڭىل – سەپكۈن.يۈزدىكى سەپكۈن،داغ. (1-توم،629-بەت)
چۈمەرۈك – شەلۋە كۆز.چۈمەرۈك كىشى- كۆزى ياشاڭغىراپ ئاجىزلاشقان كىشى.(1-توم،635-بەت)
قامچىغۇ – قاپارتقۇ.كالپۇكقا، بارماقلارغا چىقىدىغان قاپارتقۇ.ئادەتتە ئاغرىتىپ ۋە قىچىشتۇرۇپ چىقىدۇ. (1-توم،639-بەت)
تەمرەگۈ – تەمرەتكە.(1-توم،639-بەت)
سۈگنەگۈ – سەينۇگە، سەينەك.تىرناق بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا چىقىدىغان يارا. (1-توم، 640-بەت)
توبۇلغاق -يەل تولغاق، قۇلۇنجى.ئاشقازان، ئۈچەيدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەل. (1-توم،653-بەت)
قاپارغان – قاپارتقۇ.بەدەننى قىزىتىپ قىچىشتۇرۇپ چىقىدۇ. (1-توم،671-بەت)
سوۋۇشقان – مەددە قۇرۇت، شۇ قۇرۇتتىن بولىدىغان سېرىق كېسەل. (1-توم،673-بەت)
قىزلامۇق – قىزىل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىرتىغا تىپىپ چىقىدىغان قاپارتقۇ. (1-توم، 683-بەت)
بوقۇق – پوقاق.بوغازنىڭ ئىككى يېنىدا، تېرە بىلەن گۆش ئارىلىقىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل بەزسىمان گۆش.پەرغانە بىلەن شىفنى شەھەرلىرىدە مۇشۇنداق كېسەل تەگكەن كىشىلەر بار.پوقاق نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتىدۇ.بەزىلىرى شۇنداق يوغىناپ كېتىدۇكى، ئۆزىنىڭ كۆكسىنى ۋە پۇتىنى كۆرەلمەيدۇ.(2-توم،416-بەت)
بەزگەك- بەزگەك. (2-توم،421-بەت)
كەفگەك – كېكەچ.تىلنى چايناپ سۆزلەيدىغان كىشى. (2-توم،422-بەت)
ياملىغ كۆز – خەس چۈشكەن كۆز. (3-توم،56-بەت)
يۇباقۇلاق – تىترەك، بەزگەك تىترىگى.ياباقۇ ۋە يەمەك تىللىرىدا. (3-توم،76-بەت)
ياقۇردى – ئېغىر نەپەس ئالدى، دېمى سىقىلدى.كىشى ياقۇردى- كىشى ئېغىر نەپەس ئالدى يەنى كىشىنىڭ دېمى سىقىلدى.(3-توم،91-بەت)
بەز- بەز.گۆش بىلەن تېرىنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان بەز. (3-توم، 169-بەت)
سىش – ئىششىق. (3-توم، 174-بەت)
كۆگ- داغ.خوتۇنلارنىڭ يۈزىگە چۈشىدىغان داغ. (3-توم،182-بەت)
يام – كۆزگە ۋە باشقا نەرسىلەرگە چۈشۈپ قالىدىغان خەس، ئەخلەت.(3-توم، 219-بەت)
مايغۇق- ئىچ مايماق ئادەم، تىز يۈگرىيەلمەيدىغان ھايۋان. (3-توم،242-بەت)
قومشۇي- قانغا تولغان كانا.بۈ سۆز سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ، سىيەلمەي قالغان كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنىدۇ. (3-توم، 331-بەت)
قىڭىر- قىڭغىر، ئەلەس. قىڭىر ئەر- ئەلەس ئادەم.ئىككى كۆزى قىڭغىر ئادەم «ئىككى كۆزى قىڭىر»دېيىلىدۇ. (3-توم،496-بەت)
تۇڭۇ- گاس، پاڭ. (3-توم، 502-بەت)
قالڭۇق- باش كېپىكى، باشتىكى كېپەك.(3-توم،523-بەت)
چەۋشەڭ – كۆزى ياشاڭغىرايدىغان، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز كىشى. (3-توم،526- بەت)
ئۆلدرۈم – ئۆلدۈم، ئۆلەرمەن، پالەچ. (3-توم، 564-بەت)
تەرسگەك – يىڭناسقۇ.كۆز قاپاقلىرىنىڭ چېتىگە چىقىدىغان قاپارتقۇ.(3-توم، 577-بەت)
بەزتى- ئاجىزلاشتى.ئۇنىڭ كۆزى ئاجىزلاشتى، خىرە كۆرىدىغان بولدى. (3-توم،595-بەت)

«دىۋان»دا جەمئىي 70كە يېقىن كېسەللىكنىڭ نامىكۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمەن قانداق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىزنى بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.بۇ كېسەللىكلەرنى تېبابەت ساھەسىدە تېرە كېسەللىكلىرى(دېرماتوز)، سۈيدۈك يولى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر، نېرۋا كېسەللىكلىرى، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ۋە ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرى قاتارلىق تىپلارغا ئايرىشقا بولىدۇ.مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانلىرىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، قاراخانىيلار دەۋرىدە كۆرۈلگەن كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتىكى ۋە نورمال كېسەللىكلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ناھايىتى ئېغىر ۋە داۋاسى يوق كېسەللەر ئاز كۆرۈلگەن ئىدى.

2- دورىلار

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بىلدۈرىشىچە، قەدىمكى تۈركىي تىلدا دورا«ئوت»دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.شۇ سەۋەپلىك تىۋىپ «ئوتاجى»دېيىلگەن. (1-توم،48-،49-بەت)بۇنىڭدىن باشقا «ئەم»سۆزىمۇ «دورا»مەنىسىدە كەلگەن.بۇنىڭدىن ئېلىنىپ دورىگەرگە «ئەمچى»دېيىلگەن.(1-توم، 53-بەت) 11-ئەسىردە يەنە تىۋىپ«ئاتاساغۇن»دەپمۇ ئاتىلاتتى. (1-توم،117-بەت)مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا تۈۋەندىكىدەك دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر(ئوتلار)ۋە دورىلارنىڭ ناملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئوت- ئوغا، زەھەر.بەگ ئاڭا زەھەر بەردى. (1-توم، 49-بەت) 11-ئەسىردە «ئاغۇ»سۆزىمۇ ئوغا، زەھەر مەنىسىدە قوللىنىلغان. (1-توم، 121-بەت)
ئاڭ- يېغى دورا بولىدىغان بىر خىل قۇش، قۇداي.بۇ قۇشنىڭ يېغى ئالقانغا سۈرۈلسە قولنىڭ كەينىدىن سىزىپ چىقىدۇ. (1-توم 57-بەت)
ئەگىت – داغ چۈشۈشتىن ياكى كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ يۈزىگە سۈرتىلىدىغان بىر خىل دورا.بۇ دورا زەپە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر قوشۇپ ياسىلىدۇ. (1-توم، 71-بەت)
ئەگىر- ئېگىر.قوساق ئاغرىغاندا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك يىلتىزى.ئېگىر بولسا، ئەر ئۆلمەس.يېنىدا ئېگىر ساقلىغان ئادەم قوساق ئاغرىقىدىن ئۆلمەيدۇ، چۈنكى قوساق ئاغرىقىغا دۇچار بولغان ئادەم ئۇنى يىسە ساقىيىدۇ. (1-توم، 75-بەت)
ئاژمۇق – زەمچە، سۇمۇق. (1-توم،134-بەت)
ئىپرۈك – قېتىق بىلەن سۈت ئارىلاشمىسى.قۇرۇت ئېزىپ ئىچكەنلىكتىن ئىچى قېتىپ قالغان ئادەمگە ئىچىنى سۈردۈرۈش ئۈچۈن ئىچكۈزىلىدۇ. (1-توم، 137-بەت)
ئۆترۈم – سۈرگە دورىسى. (1-توم، 144-بەت)
ئەڭدۈز – يەردىن قېزىۋېلىنىپ قوساق ئاغرىقىغا دورا قىلىنىدىغان بىر خىل يىلتىز.ماقالدا مۇنداق كەلگەن :ئەڭدىز بولسا ئات ئۆلمەس.چۈنكى بۇ يىلتىزنى يانجىپ كېسەل ئاتنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا، ئات ساقىيىدۇ.(«دىۋان»، تۈركچە،1-توم،115 -بەت)
ئىرۋى – كېسەللەرگە برىلىدىغان بىر خىل ھىندىستان دورىسى. (1-توم،173-بەت)
ئۇراغۇن – ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن بىر خىل دورا. (1-توم، 186-بەت)
ئارزۇتال – بەدەندىكى موينى چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ھاك ئارىلاشمىسى.(1-توم، 196-بەت)
ئۇرۇمداي – زەھەرنى قايتۇرىدىغان تاش، پادىزەھەر. (1-توم، 215-بەت)
كىن يىپار – كىندىك ئىپار. (1-توم، 442-بەت)
مۇرچ – قارىمۇچ. (1-توم، 447-بەت)
بۇژىن – بىر خىل زەھەرلىك ئوتنىڭ ئىسمى. (1-توم، 518-بەت)
چاتىر – نۈشۈدۈر. كۇچا شىۋىسىدە. (1-توم،528-بەت)
كەكۈش – ئىششىققا سۈرىلىدىغان دورا.دېۋىرقاي. (1-توم، 530-بەت)
سىغۇن – بۇغا.يىلتىزى ئادەمگە ئوخشايدىغان، جىنسىي ئاجىزلىققا دورا بولىدىغان گىيا«سىغۇن ئوتى- ئادەمگىيا»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ئوتنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسى بولۇپ، ئەركىكى ئەرلەرگە، چىشىسى ئاياللارغا ئىشلىتىلىدۇ. (1-توم،532-،533-بەت)
چاخشۇ – كۆز ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئوت. (1-توم، 552-بەت)
بىبلى- پىلپىل. (1-توم،561-بەت)
تاغنا ياۋا- كاسىن دەرىخىنىڭ پوستى.بەزى كېسەللەرگە داۋا بولىدۇ؛ قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيقاشقا سالسا، ئاشنىڭ رەڭگى تۈزۈلىدۇ. (1-توم،565-بەت)
چۇرنى- تۈرك تىۋىپلىرى ياسىغان بىر خىل سۈرگە دورىسى. (1-توم، 566-بەت)
خاسنى – بالىلارنى سەمرىتىش ئۈچۈن يالىتىلىدىغان بىر خىل دورا.بۇ دورا ھىندىستاندىن كەلتۈرىلىدۇ. (1-توم، 566-بەت)
تالاغۇ – ئۆتكۈر ئوغا.تىز ئۆلتۈرىدىغان زەھەر.تولغاق كېسىلىمۇ «تالاغۇ»دېيىلىدۇ. (1-توم، 583-بەت)
تاۋغاچ يۇداسى- يوپۇرماقلىرى سەۋسەن گۈلىنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايدىغان ۋە دورا بولىدىغان بىر خىل دەرەخ. (1-توم،593-بەت)
سارقاچ -كاسىنى، كۆكچېچەك.(1-توم،593-بەت)
كۆزلۈك – كۆزلۈك.بۇ ئات قۇيرىقىدىن تۇقۇلغان بىر خىل تور بولۇپ، كۆز ئاغرىغان ياكى قاماشقاندا، كۆزگە تارتىلىدۇ. (1-توم، 625-بەت)
باتمۇل – پىلپىل. (1-توم، 628-بەت)
ئاۋىلقۇ – قىزىل مىۋە بېرىدىغان بىر خىل دەرەخ.مىۋىسىنىڭ سۈيى ئاشقا قۇيۇلىدۇ.پوستى بىلەن كۆز ئاغرىقى داۋالىنىدۇ ۋە كېيىملەر بويىلىدۇ. (1-توم، 637-بەت)
توبۇلغاق – بىر خىل دورا ئوت. (1-توم، 653-بەت)
ياقىغ – مەلھەم، زىمات.ئىششىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جاراھەتلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماي دورا. (3-توم،15-بەت)
يىپار- ئىپار. (3-توم، 35-بەت)
ياقرىقان – پىندىك چوڭلۇقىدا مېۋىسى بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.كالپۇك شامالدىن يېرىلغاندا ئۇنىڭ پوستىنى چاپلاپ قويسا، ساقىيىپ كىتىدۇ. (3-توم،75-بەت)
توي ئوتى- دورا قىلىنىدىغان بىر خىل ئوت. (3-توم، 193-بەت)
بۇغا – ھىندىستاندىن كەلتۈرىلىدىغان بىر خىل دورا.بۇنىڭ سېرىقى «سارىغ بۇغا»، كۈلرېڭى «بوزبۇغا»دېيىلىدۇ. (3-توم،310-بەت)
سۇنۇ- سىيادان. (3-توم، 327-بەت)
بەزىنچ – غولى ۋە يوپۇرماقلىرى قىزىل بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، باغلاردا ئۆسىدۇ، دورا قاتارىدا يىيىلىدۇ. (3-توم،510-بەت)
قارا ئوت – قارا ئوت، ئاق پارپا. (3-توم،307-بەت)بۇ ھىندىستاندىن كەلتۈرىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ئوت. «دىۋان»تۈركچە،3-توم،222-بەت)
مەھمۇد قەشقەرى يەنە «ئۇزىتغان»، «بوشۇتغان»ۋە «قاناتغان»دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇخلىتىدىغان، ئىچ سۈردۈرىدىغان ۋە بۇرۇن قانىتىدىغان دورىلارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان:«ئۇ ئادەمنى ئۇخلىتىدىغان ئوت)دورا)ئۇ. » (1-توم، 209-بەت)، «بۇ ئىچنى بوشىتىدىغان دورا»(1-توم، 668-بەت) ، «بۇ بۇرۇننى قانىتىدىغان دورا»(1-توم، 669-بەت)

مەھمۇد كاشغەرىي يەنى كېسەلگە دورا بېرىش ۋە داۋالاش جەرىيانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن:

ئەملەشدىلەر- ئەملىنىشتى، داۋالىنىشتى.يارىدارلار ئەملىنىشتى. (1-توم، 321-بەت)
تىۋىپ كۆز پەردىسىنى داۋالىدى، يەنى كۆز پەردىسىگە دورا سۈردى. (1-توم 394-بەت.)
ئۇ ئۇنىڭ قوتۇرىنى داۋالىدى. (1-توم 396-بەت)
ئۇ يارىسىنى(ئوت بىلەن)داغلىدى.(3-توم، 412-بەت)
ئادەم سۆگەل داۋالىدى. (3-توم، 412-بەت)

«دىۋان»دا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن بۇ دورىلارنىڭ كۆپىنچە ئۆسۈملۈك، مەدەن ۋە ھايۋان ئەزالىرىدىن مەلھەم، تابلېت)كومىلاچ)، تالقان ۋە سۇيۇق شەكىلدە ياسالغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ.بۇلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈركىيلەر ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن دوراگەرلىك ئىلمىگە ئۇيغۇن ئىدى.دورىگەرلىك ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتلاردىن بىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر بىلىمگە ئىرىشىمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي دورىلىق ئوتلار ۋە دورىلاردىن سۆز ئاچقاندا، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېببىي ۋە دورىگەرلىك ئالاقىسى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بەرگەن.مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانلىرىدىن بىلىشىمىزچە، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ھىندىستان بىلەن قويۇق دورىگەرلىك ئالاقىسىدا بولغان ئىدى.

3- تېببىي سايمانلار

مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈرلۈك كېسەللەرنى، دورىلىق ئوتلارنى ۋە دورىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە شۇ دەۋردىكى تىۋىپلارنىڭ ئىشلەتكەن بىر قىسىم تېببىي سايمانلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.قاراخانىيلار تېبابىتىنىڭ تېخنىكىلىق ۋاستىلىرىنى ۋە داۋالاش جەرىيانلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ مەلۇماتلار تۈۋەندىكىچە ئىدى:

ئارقاچاق- ئېغىزغا دورا قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاپ.(1-توم، 196-بەت)
بارت- شاراپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان كەمچەن. (1-توم، 444-بەت)
بەلىك – پىلىك.يارا تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان پەلكۈچ. (1-توم، 501-بەت)
سارىم – سۈزگۈچ.ئىۋرىق ۋە كوزىغا ئوخشاش قاچىلاردىكى ئىچىملىكنى سۈزۈپ قۇيۇش ئۈچۈن، شۇ قاچىلارنىڭ ئاغزىغا باغلانغان يىپەك سۈزگۈچ. (1-توم، 516-بەت)
سورغۇ – شورىغۇچ، ھەجامەت.قان ئېلىش)شوراش)ئەسۋابى. (1-توم، 554-بەت)
قاناغۇ – قانالغۇ، نەشتەر.قان ئالىدىغان سايمان. (1-توم، 583-بەت)
سوقۇ – سوقا، ھاۋانچا. (3-توم،313-بەت)

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ ئائىلىدىكى بىر قىسىم تۇمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاشخانا سايمانلىرىدىن قوشۇق، بىچاق، چۆمۈچ، چۇكا، قاچا، لىگەن، ئاپقۇر، قازان، ھور قازىنى، غەلۋىر، ئەلگەك، سۈزگۈچ، تارازا، يىپەك رەخت ۋە قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرمۇ تېببىي سايمانلار ياكى دورىگەرلىك ماتىرىياللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.ئەلبەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا تېببىي ئېھتىياجغا ئۇيغۇن ھالەتتە ياسالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

4- ئوپېراتسىيە

ئۇيغۇر تېبابەت تارىخىدا ئوپېراتسىيە ئىلمىنىڭ مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇنلا تەدبىقلىنىشقا باشلىغانلىقى يازما مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن مەلۇم.قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەتتىمۇ ئوپېراتسىيە مۇھىم بىر تارماق بىر ئىدى.ئىمامۈددىن كاشغەرىينىڭ مەشھۇر بىر ئوپېراتسىيە دوختۇرى ئىكەنلىكى تارىخىي كىتاپلاردا بىردەك قەيت قىلىنىدۇ.ئىمامۈددىن كاشغەرىي ساجىيە مەدرىسىسى يېنىدا تەسىس قىلىنغان دۆلەت شىپاخانىسىدا تېبابەت ساھەسىدە بولۇپمۇ جەرراھلىق- ئوپىراتسىيە ساھەسىدە ئەمەلىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ۋە تېۋىپلارنى يىتۈشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى ۋە تېببىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان. «دىۋان»دا پەقەت شۇ دەۋردە كۆرۈلگەن بىر قىسىم يەڭگىل ئوپېراتسىيىگە دائىر مۇنداق بىر ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن.مەسىلەن:

پەچەل – پىچىلغان.سۈننەت قىلىنغان خوتۇن، ئاختا قىلىنغان ئەركەك.پىچىپ تاشلانغان ئات ۋە باشقا ھايۋانلار.(1-توم، 510-بەت)
تۇتۇقلادى- تۇتقۇزدى، پىچتى، ئاختا قىلدى، ئاختا دەپ ھېساپلىدى.ئۇ ئوغلىنى ئاختا قىلدى ياكى ئۇنى ئاختا دېدى.(3-توم،460-بەت)

5- دورىلىق يېمەكلىك

تەبىئەت چۈشەنچىسى تۈركىيلەرنىڭ تېبابەت سىستېمىسىغا خاس بولغان ۋە تۈركىيلەردىن باشقا مىللەتلەرگە ئۆتكەن بىر كەشپىياتتۇر.شۇ سەۋەپلىك تۈركىيلەرنىڭ گۆش، كۆكتات، ئۇن، سۈت ۋە گۈرۈچ قاتارلىق خۇرۇچلاردىن ئىتىلگەن يىمەكلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان.بۇ ئارقىلىق سالامەتلىكى مۇھاپىزەت قىلىنغان.ئەلبەتتە بۇ تاماقلار ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ، روھىغا شاتلىق بېغىشلايدىغان ۋە دەردىگە داۋا بولىدىغان ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا 40 خىلغا يېقىن تاماقتىنسۆ ز ئاچقان.بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان بىر مۇنچە تاماقنىمۇ تىلغا ئالغان.بۇلار تۈۋەندىكىلەر ئىدى:

ئۇۋا – بىر خىل غىزانىڭ ئېتى.گۈرۈچ قاينىتىلىپ سۇغا سېلىنىدۇ، كېيىن سۈزۈۋېلىنىپ شىكەر ۋە مۇز سېلىنىدۇ.بۇ غىزا سوغۇقلۇق ئۈچۈن يىيىلىدۇ.(1-توم،121-بەت)
قاغۇت – تېرىقتىن قىلىنىدىغان بىر خىل تاماق.ئۇنى قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:تېرىق ئاۋۋال قاينىتىلىپ، كېيىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئاندىن تۈگمەندە تارتىپ ئۇن قىلىنىدۇ.ئاندىن ياغ ۋە شىكەر ئارىلاشتۇرۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا بېرىلىدۇ. (1-توم، 528-بەت)
سارماچۇق – قۇچقاچ تىلى ئاش.سۇيقاشنىڭ بىر تۈرى.بۇنىڭ خېمىرى نوقۇت چوڭلىقىدا كېسىلىدۇ.بۇ ئاش كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. (1-توم،683-بەت)
يازۇق ئەت – كۈزدە ھەر خىل دورا- دەرمەكلەر بىلەن قۇرۇتۇپ قۇيۇلۇپ، ئەتىيازدا يىيىلىدىغان قاق گۆش. (3-توم،19-بەت)
قۇۋۇت – «قاغۇت»دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.تۇغۇتتا خۇنسىرىغان خوتۇنلارغا بىرىلىدىغان تاماق.قورۇلغان تېرىق ئۇنى ياغ بىلەن شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ يىيىلىدۇ. (3-توم،223-بەت)
لەتۈ – بىر خىل سۇيۇق تاماق.بۇ تاماق سۇ، قار، مۇزغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن سۇۋۇتىلىدۇ.ئىچىگە دورا- دەرمەك سېلىنىپ سوغۇقلۇق ئۈچۈن بېرىلىدۇ. (3-توم، 326-،327-بەتلەر.)
سامدۇي – ئادەمنىڭ مىجەزىگە ئىسسىقمۇ كەلمەيدىغان، سوغۇقمۇ كەلمەيدىغان مۆتىدىل تاماق. (3-توم،331-بەت)

6 – ئاناتومىيىلىك ئاتالغۇلار

بىز «دىۋان»دىن يەنە ئادەم ئورگانىزمىغا ئائىت نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى ئۇچرىتىمىز.بۇلار ئىنسان بەدەنىنى تەشكىل قىلغان ئەتگۆ)ش)، سۆڭەك، تومۇر ۋە ھەر قايسى ئەزالارغا مۇناسىۋەتلەك بولۇپ، بۇلارغا ئوبدان بىر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، كۆز ئالدىمىزدا بەلگىلىك كۆلەمدىكى بىر ئاناتومىيىلىك بىلىملەر ۋە شۇ ساھەگە دائىر ئاتالغۇلار مەيدانغا كىلىدۇ.بۇ مەلۇماتلار ئەلبەتتە قاراخانىيلار دەۋرى تىبابىتىنىڭ ئاناتومىيە ساھەسىنى چۈشىنىشىمىزدە قىممەتلىك ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ. «دىۋان»دا مىسال كەلتۈرۈلگەن ئاناتومىيىگە دائىرسۆزلۈكلەر تۈۋەندىكىدىن ئىبارەت:

ئىچ ئەت – جىگەرگە يېپىشىپ تۇرىدىغان نىپىز گۆش. (1-توم، 50-بەت)
ئۆز – يۈرەك ۋە قوساققا ئوخشاش ئىچكى ئەزالار. (1-توم، 64-بەت)
ئۆت – ئۆت، ئۆت خالتىسى. (1-توم،61-بەت)
ئاشۇق – ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ ئوشۇغى. (1-توم، 91-بەت)
ئۆزەك – ئۆزەك، گۇرەن تومۇر. (1-توم، 97-بەت)
ئەمىك – ئېمىك – ئەمچەك.ئەرلەرنىڭ ئەمچىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. (1-توم، 99-بەت)
ئالىن – پىشانە، ماڭلاي. (1-توم، 107-بەت)
ئايا – ئالقان. (1-توم، 116-بەت)
ئۇچا – ئۇچا، دۈمبە. (1-توم، 118-بەت)
ئاغرۇغ – ئوقرەك.ئاغرۇغ سۆنۈكى- ئوقرەك سۆڭىكى. (1-توم،133-بەت)
ئوزلۇق- ئويلۇق سۆڭەك. بىلەك سۆڭىكىنىڭ يوغان يېرى.) 1-توم، 134-بەت)
ئۆمگۈك- ئۆمگەك، لۇڭقا، جۇلە.بالىنىڭ بېشىدىكى قاتمىغان مىڭە قېپى. (1-توم، 150-بەت)
ئوۋرۇغ – سۆڭەك ئۇگىسى. (1-توم،159-بەت)
ئوۋرۇغ- ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ بويۇنغا تاقاشقان يېرى. (1-توم،160-بەت)
ئۆمگەن – ئۆمگەن، گۇرەن تومۇرى. (1-توم، 162-بەت)
ئۆپكە – ئۆپكە. (1-توم، 173-بەت)
ئەڭەك – ئېڭەك.ئېغىزنىڭ ئىككى يېنىدىكى زاڭاق. (1-توم، 182-بەت)
ئىچەگۈ – ئىچ قېرىن.قوساق بوشلۇقىغا جايلاشقان نەرسىلەر. (1-توم، 185-بەت)
ئوغۇلچۇق- ئايالنىڭ بالاياتقۇسى. (1-توم،202-بەت)
باغىر- بېغىر، جىگەر.(1-توم،467-بەت)
بۆگۈر – بۆرەك. (1-توم، 468-بەت)
تامۇر- تومۇر. (1-توم، 469-بەت)
كۆكۈز – كۆكس، كۆكرەك. (1-توم، 474-بەت)
باغىش- بېغىش. بارماقلارنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ بوغۇمى. (1-توم، 475-بەت)
قاسىغ – قوۋۇز.ئېغىزنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى بوشلۇق. (1-توم، 486-بەت)
توپىق – توپۇق. (1-توم، 492-بەت)
تاشاق- تاشاق.بىر بىرىگە يېقىن جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن زەكەرمۇ «تاشاق» دېيىلىدۇ.(1-توم، 494-بەت)
قاپاق – قاپاق.كۆز قاپىقى.(1-توم،496-بەت)
كاۋۇك – قوۋۇق، دوۋسۇن. (1-توم، 497-بەت)
قۇلاق – قۇلاق.(1-توم، 498-بەت)
بىلەك – بىلەك. (1-توم، 500-بەت)
چۈبەك – چوچاق. (1-توم، 504-بەت)
كەۋەگ – بۇرۇن كۆمۈرچىكى.(1-توم،508-بەت)
بوغۇن – بوغۇم.كۆمۈش بوغۇمى، بارماق بوغۇمى. (1-توم، 518-بەت)
بۇرۇن – بۇرۇن، تۇمشۇق. (1-توم، 518-بەت)
بىكىن – بىقىن. (1-توم، 519-بەت)
بۈگەن – سوقۇر ئۈچەي. (1-توم، 519-بەت)
تۇلۇن – چىكە.ئادەمنىڭ چېكىسى. (1-توم، 522-بەت)
تالاق – تال، ئادەمنىڭ تېلى. (1-توم، 536-بەت)
تىلاق – ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى.چىگىلچە. (1-توم، 536-بەت)
سۇلاق – تال.قىپچاقچە. (1-توم، 536-بەت)
كۈسرى – قوۋۇرغا.(1-توم، 550-بەت)
تامغاق – تاماق. (1-توم، 613-بەت)
باشغاق – قازان سۆڭەك. (1-توم، 614-بەت)
قۇدرۇق – قۇيرۇق، قوڭ، پۈرۈك سۆزلىرىنىڭ سىلىق ئېيتىلىشى.(1-توم، 618-بەت)
قولتىق – قولتۇق. (1-توم، 620-بەت)
بۈكسەك – ئاياللارنىڭ مەيدىسى. )تۈركچە، 1-توم، 476-بەت)
سۈگرۈگ – خوتۇنلارنىڭ جان يېرى. (1-توم، 624-بەت)
چىچىلاق – چىچىناق- چىمچىلاق. (1-توم، 634-بەت)
چىچامۇق – چىچامۇق، ئاتسىز بارماق، ئۈزۈك سالىدىغان بارماق.بۇنى بىلدىغان ئادەملەر ئاز. (1-توم، 634-بەت)
باغىرسۇق – ئۈچەي. (1-توم، 653-بەت)
قۇرۇغساق – قوساق. (1-توم، 653-بەت)
ساقاق- ساقاق، ئىڭەك. (2-توم، 417-بەت)
چەكىك – سۇكە، سۇكەك.كىچىك بالىنىڭ چوچىقى. (2-توم، 418-بەت)
يامىز – يېرىق.دوۋسۇننىڭ ئىككى يېنى، ئىككى ساغرىنىڭ قوساققا تۇتاشقان يېرى. (3-توم، 11-بەت)
يارىق – يېرىق.يوتىنىڭ گەۋدىگە، ئىككى يانپاش سۆڭىكىنىڭ توققۇز كۆزگە تۇتاشقان يېرى. (3-توم، 18- بەت)
يارىن – تاغاق سۆڭىكى. (3-توم، 25-بەت)
يۇلۇن – يۇلۇن. (3-توم، 28-بەت)
يايا – ساغرا.بۇ سۆز پەقەت ئادەمنىڭ ساغرىسىغىلا ئىشلىتىلىدۇ.(3-توم، 32-بەت)
يامدۇ – دوۋسۇن. (3-توم، 39-بەت)
بۇت – پۇت، يۇتا. (3-توم، 165-بەت)
تۆش – تۆش.كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرىسى. (3-توم، 173-بەت)
بەل – بەل. (3-توم،182-بەت)
قول – قول. (3-توم، 185-بەت)
قاپ – ئانىنىڭ قورسىقىدا بالىنى ئوراپ تۇرغان قاپ. (3-توم، 200-بەت)
يان – يانپاش سۆڭىكىنىڭ بېشى. (3-توم، 219-بەت)
كاۋۇك – قوۋۇق – دوۋساق.(3-توم، 225-بەت)
يايا – يوتا.پەقەت ئادەمگىلا ئىشلىتىلىدۇ. (3-توم، 234-بەت)
تۆپۈ – تۆپە.ئادەمنىڭ تۆپىسى، چوقىسى. (3-توم، 298-بەت)
كۇڭ ئەت – بۇلجۇڭ گۆش؛ لوق گۆش. (3-توم، 489-بەت)
سىڭىر – سىڭىر، پەي. (3-توم، 496-بەت)
سۆڭۈك – سۆڭەك. (3-توم، 502-بەت)
تۇلۇڭ – چىكە. (3-توم، 508-بەت)
ياڭاق – ياڭاق.ئېغىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىشلار جايلاشقان سۆڭەك. (3-توم، 514-بەت)
تېرسگەك – تېرسەك، بېغىش، قولنىڭ بېغىشى. (3-توم، 577-بەت)
يۇمۇرتغا – تۇخۇم.ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ تاشىغىمۇ «يۇمۇرتغا»دېيىلىدۇ. (3-توم، 589-بەت)
ئەمىرچكە – كۆمۈرچەك.(3-توم،600-بەت)

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسان تېنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنى ۋە ئىنساننىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق سۆڭەكلەرنىڭ نامىنى بۇنچە تەپسىلى تۇنۇتۇپ بېرىشى ئۇنىڭ ئاناتومىيە بىلىملىرىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بىرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ بىلىم تارمىقىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تىبابەت تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم بىر ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

7- مال دوختۇرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

تۈركىيلەر ئات يىتۈشتۈرۈشتە كۆرسەتكەن ماھارىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى.بۇ ھەقتە ھەر قايسى ئەل مەنبەلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن.بۇ ھەقتە ئەرەبمۇتەپەككۇرى جاھىز مۇنداق يازغان:«تۈركلەر ھەم چوپان، ھەم ئات باقار ، ھەم جانباز، ھەم ئات دوختۇرى ھەم ئاتلىق ئەسكەردۇر.»(12) مال دوختۇرلۇقى بولۇپمۇ ئات دوختۇرلۇقى تۈركىيلەردە ئومۇمىي بىر مەسلەككە ئايلانغان.شۇ سەۋەپلىك، مەھمۇد كاشغەرىي ھايۋانلار دۇچار بولغان كېسەللىكلەر، ئىچكى ئەزالار ۋە ئات دوختۇرلۇقىغا دائىر بىلىملەرنىمۇ تىلغا ئېلىشقا سەل قارىمىغان.بۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز:

ئەتىلگەم – ئاتلاردا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. (1-توم،214-بەت )
چىلدەك – ئاتنىڭ كۆكسىگە چىقىدىغان بىر خىل چىقان. (1-توم، 623-بەت)
جىلدەي – ئاتنىڭ كۆكسىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل يارا. (3-توم،330-بەت )
ياغىر – ھايۋانلارنىڭ دۈمبىسىدە بولىدىغان يېغىر. (3-توم، 10-بەت)
سەڭرەگۈ ئات – ماڭقا ئات، بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىپ تۇرىدىغان ئات. (3-توم، 528-بەت )
بۇ ئات ئول كۆلەرگەن – بۇ قوسىقى ئېسىلىدىغان ۋە يېتىۋالىدىغان ئات. (1-توم،678 -بەت)ئات كۈلەردى – ئات يېتىۋالدى، يەنى ئات قوسىقى ئېسىلىشتىن ۋە شۇنىڭدەك سەۋەپلەردىن يېتىۋالدى. (2-توم،112-بەت)
ئەڭدۈز – يەردىن قېزىۋېلىنىپ قوساق ئاغرىقىغا دورا قىلىنىدىغان بىر خىل يىلتىز.ماقالدا مۇنداق كەلگەن.ئەڭدۈز بولسا، ئات ئۆلمەس.چۈنكى بۇ يىلتىزنى يانجىپ، كېسەل ئاتنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا، ئات ساقىيىدۇ. «دىۋان»(تۈركچە،1-توم،115-بەت)
ئول ئاتىن چەكدى- ئۇ ئېتىنى چەكتى، يەنى ئېتىدىن قان ئالدى. (2-توم،27-بەت)
ئول ئاتىن چەكتۈردى-ئۇ(تۇياق كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن)ئېتىنى چەكتۈردى، ئېتىدىن قان ئالدۇردى.(2-توم، 258-بەت)

يۇقىرىقىلار مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تېبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەلۇماتلىرىدۇر. «دىۋان»بىر تارىخ كىتابى سۈپىتىدە يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جۇغلانغان تىببىي بىلىملەر قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتىنى يورىتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبە تەشكىل قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.ئەمەلىيەتتىمۇ قاراخانىيلارنىڭ خەلققە خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانا ۋە ئەدلىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەت مۇئەسسىسەلىرى خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى.(13)قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تېبابەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى بىر ھەقىقەت.ئىبراھىم تابغاچ بۇغراخان تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھىجرىيە 458-يىلى(1065- 1066)غا ئائىت دوختۇرخانا ۋەھپەنامىسى بۇنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.(14)

______________________________
مەنبەلەر:

(1) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«قاراخانىيلار»ماددىسى)،تۈركچە،5-توم، 251-بەت، 1977-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(2)ئەنۋەر باتۇر: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، ئۇيغۇرچە، 703- بەت، 1991-يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(3)ھاجى نۇرھاجى: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»، ئۇيغۇرچە،394-،395-بەتلەر، 2002-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(4) «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى»،ئۇيغۇرچە،531-بەت، 2007-يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(5)ھاجى ئەھمەت: «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، ئۇيغۇرچە، 41-،50-بەتلەر، 1990- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.
(6) «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»،ئۇيغۇرچە، 1-توم، 14-بەت، 1985-يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(7)سىدىق رەھمەت، مۇختەر مامۇد مۇھەممىدى: «مەشھۇر ئۇيغۇر تىۋىپلىرى»، ئۇيغۇرچە،42-،43-بەتلەر، 1997-يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.
(8)ئابدۇشۈكۇر مۇھەممەد ئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،ئۇيغۇرچە، 31-بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
(9) يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇ بىلىگ»،ئۇيغۇرچە، 261-،262- بەتلەر،1984-يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.
(10)شيا لېيمىن: « <قۇتاغۇ بىلىگ>ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، ئۇيغۇرچە، 1993-يىلى،1-سان، 85-،86-بەتلەر.
(11)بەدى.ن.شەھسۇۋار، ئايشەگۈل ئەردەمىر دەمىرخان، گۆنۈل جانتاي گۈرەشسەۋەر:«تۈرك تېبابەت تارىخى»، تۈركچە، 6-،7-بەتلەر، 1984-يىلى، بۇرسا، تاش نەشرىياتى.
(12) ئەل- جاھىز:«خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى »، تۈركچە، 68-بەت، 1988-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى.
(13)مەھمەد ساراي: «ئۇيغۇرتۈركلىرى تارىخى»(باشلانغۇچتىن 1878-يىلىغا قەدەر)، تۈركچە،1-توم، 62-بەت، 1998-يىلى، ئىستانبۇل.
(14)رىشات گەنچ: «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»،ئۇيغۇرچە، 351-بەت، 1990-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئۇيغۇر سۆڭەك دوختۇرخانىسى.