«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين» گىچە

― ئەلىشىر نەۋائىي سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە

دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

كىرىش سۆز

نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاشلا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر – قازاق – قىرغىز تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمۇ «نەۋائىي تەتقىقاتى» ئاتلىق بىر دەرس تەسىس قىلغانىدى. بۇ نۆۋەت، تەشكىل مېنىمۇ مۇشۇ ساھەدە ئۆز چامى ۋە ئىمكانىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمگەك قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى ساناپ، مەزكۇر دەرسنى ماڭا تەقسىم قىپتۇ. تەشكىلگە كۆپ رەھمەت!
بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن ناۋائىي ئىلىم دۇنياسىدا 500 يىلدىن بۇيان تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ كىملىكى، كىشىلىكى، ئەسەر – ئەمگەكلىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ھەققىدە توم – توم كىتابلار يېزىلدى ۋە يېزىلماقتا. ئەگەر نەۋائىي ئۇ قەدەر ئالىيجاناب ئۆرنەك ئىنسان بولمىسا، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ئۇ قەدەر قىممەتلىك ئەينەك ئەسەرلەر بولمىسا ئىدى، ئىلىم ئەھلى ئۇنىڭغا بۇ قەدەر ئىخلاس قىلمىغان بولاتتى.

ئالىي مەكتەپلەردە «نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەلمىساقتىن بۇيانقى تۇنجى ئىش ئەمەس. ئۇ پەقەت كونا مەدرىسەلىرىمىزدىكى «نەۋائىي» ئاتلىق دەرسنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، خالاس. دېمەكچىمەنكى، بىز بۇ بۈگۈنكى «نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنى ئۆتۈش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۈنۈم قازىنىش جەھەتلەردە كونا مەدرىسلىرىمىزدىكى «نەۋائىي » دەرسىنى بېسىپ چۈشەلمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ «تەرەققىي قىلىپ كەتكەن» ۋە «راۋاجلىنىپ كەتكەن» لىكىمىزدىن لاپ ئۇرمىساق بولىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، مەن: «نۆۋەتتىكى (نەۋائىي تەتقىقاتى) دەرسىمىزدە ئالدى بىلەن ئەلىشىر نەۋائىينىڭ (مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين)، (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ناملىق ئەسىرىنى بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى (مەئارىفۇل لۇغەتەين – قوش تىللىق مائارىپ) ئەمەلىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلساق دەيمەن» دېۋىدىم، دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم بىردەك چاۋاك چېلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. قارىغاندا، ياقتى. ئەمىسىچۇ؟! مۇئەييەن بىر تەتقىقات شۇ تەتقىقاتچى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، سېلىشتۇرۇلمىسا، ئۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ – دە! شۇنىڭ بىلەن «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين» گىچە دېگەن بۇ ماۋزۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن ئەسەر 15 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، ئەرەپ – پارس تىللىرى ئىسلام مەدەنىيىتى مۇنبەرلىرى ۋە ئېچىقلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنىڭ سوستاۋىغا خۇددى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتقان چاغدا، ئۆز دەۋرىنىڭ شىرى ئاتالغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن يېزىپ ئېلان قىلىنغان.
«قوش تىللىق مائارىپ» (مەئارىفۇل لۇغەتەين) بولسا، 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە خەنزۇ تىلى بىلەن يانمۇ يان ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چاغدا، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا بىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنچە، ئۇ تەرەققىي قىلىپ كۈنىمىزدىكى ياش ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە پەن ― «‎‎‎قوش تىلچىلىق» ( 双语学) پېنى بولۇپ شەكىللەنگەن.

«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ـ تۈرك تىلىنىڭ شۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋاتقان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى.

«قوش تىللىق مائارىپ» تەدبىرىنىڭ غايىسى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇد تىل ـ يېزىقىنى، شۇ جۇملىدىن ئاز دېگەندىمۇ 1500 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلۋاتقان ئۇيغۇر تىل ـ يىزىقى ئۆزساھەسىدە، جۇڭگو تۇپرىقىدا دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىۋاتقان خەنزۇ تىلى بىلەن تەڭ ـ باراۋەر قوللىنىلىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىش ۋە ئىمكانىيەت مەيدانىنى ئەبەدىي قوغداشتىن ئىبارەتكى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئاداققىي جەھەتتە يوقىتىپ تاشلاش ئەمەس. ھەرگىز! بىز بۇ چۈشەنچىمىزگە ۋە يەكۈن ھۆكمىمىزگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ – باراۋەردۇر. دۆلەت ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغدايدۇ… ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» (قاراڭ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 4 – ماددا خەنزۇچە 10 – بەت، خەلق نەشرىياتى 1982 – يىل نەشرى) دەپ بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى، (37 – ماددا: «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ھەرخىل مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ۋە ئوتتۇرا كەسپ ـ تېخنىكا مائارىپىنى كۆپ خىل شەكىل بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىتى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ … ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ شارائىتى يار بېرىدىغانلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا دەرس ئۆتۈشى كىرەك» (قاراڭ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، ئۇيغۇرچە 35 -، 36 – بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 – يىل نەشرى) دەپ بەلگىلەنگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى شۇنداقلا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» قاتارلىق سىياسىي ۋە ئەمەلىي ھۆججەت، دەلىللەرنى ئاساس قىلىپ كۆرسىتىمىز.

بىراق، نۆۋەتتە مېنى تىڭىرقاتقان سوئاللار شۇ: بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل – يىزىقىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنى سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، بەس – بەس بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقانلارنىڭ دەلىل ـ ئاساسى نېمىدۇ؟ ئۇيغۇر تىل – يېزىقى دەسلەپ ئالىي مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن نۆۋەت قەيەرگە كېلىدۇ؟ ئاندىنچۇ؟ ئى، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەۋلادلىرى! مىڭ يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ۋە مائارىپنىڭ ھەممە ساھەسىدە قوللىنىلىپ كەلگەن تىلىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئەمدى سەن قانداقمۇ تەرەققىي قىلغان، راۋاجلانغان مىللەت بولىسەنكى!؟

«نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنى ئېچىپ بەرگەن تەشكىلگە مىڭ رەھمەت دەيمەن. كىم بىلىدۇ، بۇ دەرسنى ئۆتۈش جەريانىدا، 15 – ئەسىردىكى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەيەين»نى، خۇسۇسەن ئۇنىڭ بەش ئەسىردىن بۇيان نامايىش قىلىپ كېلۋاتقان غەلىبە مېۋىسىنى كۈنىمىزدىكى «مەئارىغۇل لۇغەتەين» (قوش تىللىق مائارىپ)نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى، ئەمەلىي ئىجراسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى بىلەن دەۋر روھىغا ئۇيغۇن ۋە ئىنسان ۋىجدانىغا مۇناسىپ ھالدا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلساق، بەلكىم يۇقىرىدىكى سۇئال تۈگۈنلىرىمىز يېشىلىپ قالار، ئىنشائاللاھ!

مېنىڭچە، ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەۋرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ تەتقىق قىلىنىپ، خەلقىمىزگە پايدىلىق بىر ئۈنۈمگە ئېرىشىلمىسە، نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىيلىكىنى ماختاپ، نەزمە توقۇش بىلەنلا نەتىجىلەنگەن تەتقىقاتنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي قىممىتى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، مەن بۇ ئەسىرىمگە «ئەلىشىر نەۋائىي سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويدۇم.

1 ـ تىلىمىز، دىلىمىز ۋە بېلىمىز

بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىدە: «سۆز ئۈنچىدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر، گۆھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاستىسى بىلەن چىقىپ، ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ ۋە گۆھەرچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ » دېگەن (قاراڭ: شۇ ناملىق ئەسەر، قوليازما، 3 – بەت). ئەگەر بىز بۇ يەردىكى «سۆز» كەلىمىسىنى ئومۇمىيەتلىك كەڭ مەنىدە «تىل» دېگەن ئۇقۇمنىمۇ بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشەنسەك، بۇ ھالدا مەزكۇر بايان بىزگە بىر تىلنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇ تىلنىڭ ئۆزىنىڭ ساھە – مەيدانىدا ئاشۇنداق بىر تىل بولۇپ ۋە قەد كۆرۈرۈپ تۇرالىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى دەسمىنى تولىمۇ روشەن ۋە ئوبرازلىق نامايان قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ھەرقانداق بىر تىل ئۆزىنىڭ ئىستېمال مەيدانىدا بەجايىكى بىر گۆھەردۇر. تىل ساھىبى، سۆز ئىگىسى ئۆز تىلىنىڭ بۇ قەدەر يۈكسەك قىممىتىنى بىلىشى كېرەك. بۇ – بىر تىل ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ئەقەللىي ساۋات، ئەڭ باشلانغۇچ بىلىمدۇر.

شۇنداق، بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ تىلى. بىزنىڭ ئانىمىز دۇنيادىكى پۈتكۈل ئانىلارغا ئوخشاشلا ئەزىز، سۆيۈملۈك ۋە قەدىرلىك بولغىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق مۆھتەرەم تىللارغا ئوخشاشلا مۆھتەرەم، ئېتىبارلىق ۋە بىباھادۇر.

بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى ئەلىشىر ناۋائىينىڭ «چاھاردىۋان» ى، «خەمسە»سى مۇشۇ بىزنىڭ بىباھا تىلىمىز بىلەن يېزىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاتغۇبىلىك»ىمۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بېتىگە بىزنىڭ مۇشۇ ئۈنچە كەبى تىلىمىز بىلەن تىزىلغان.

بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىي كەچمىشىمىز، بىزنىڭ ھايات قارىشىمىز ۋە بىزنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىمىز، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا تۇلۇق چۈشىنەلەيدىغان سېھىرلىك مۇزىكا ئاھاڭلىرى بىلەن ئورۇندىلىدىغان جاھانغا داڭدار ئون ئىككى مۇقامىمىزنىڭ تېكىستلىرىمۇ ئۇشبۇ گۆھەر مىسالى تىلىمىز بىلەن بايان قىلىنغانكى، بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ بىزنىڭ تەڭداشسىز تىلىمىزنىڭ قىممىتىدۇر؛ بۇ بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ باھاسى دەل بىزنىڭ ئاشۇ دۇردانە تىلىمىزنىڭ باھاسىدۇر.

ئەمەلىي ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 53 يىل ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 47 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق يېزىقى بار مىللەتلەرنىڭ تىللىرى قاتارىدا ھېچبىر سۇنۇپ قالغىنى يوق . ئۇيغۇر تىل – يېزىقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان كومپارتىيىگە ۋە ھۆكۈمەتكە ھېچقانداق بىر زەرەر يەتكۈزگىنى يوق. ئەمەلىي پاكىت شۇكى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا پارلاق قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر تىل – يېزىقى باش بەلگە بولغان رەڭدار ۋە مول ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىر تۆھپىكار مىللىي مەدەنىيەت بولۇپ قوشۇلدى . ھەتتا ئىقتىسادى ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ھېچبىر پېتىدىن چۈشكىنى يوق. ئۇنىڭ بىلەن يېزىلغان ۋە نەشر قىلىنغان گېزىت – ژورناللار، سىياسىي، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا يېيىلىپ، ئۇنى ئىشلىگۈچى نەشرىياتچى ۋە كىتابچىلارغا ئىقتىسادىي پايدا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىش ۋە ئاش بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ بىلەن نىدالاندۇرۇلغان بارلىق سىملىق ۋە سىمسىز رادىئو – تېلېۋىزىيە مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئىنتېرنىت تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ «مۇنبەت تۇپراق» لىرى، «ئالتۇن كۆزنەك»لىرى ۋە «كۆڭۈلدىكى سۆزلىرى» بىلەن جىلۋىلىنىپ، كومپارتىيىنىڭ ئەدلى – ئادالىتىنى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئىمكان كاپالىتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ئىقتىدار –قابىلىيىتىنى ۋە مىللىي مەۋجۇدلۇق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. مانا بۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بۈيۈك ئۇتۇقكى، ئەگەر ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاساس – بۇ ئۇل بولمىسا، بۇ ئۇتۇقنىڭ ئىستىقبالى تۇتۇق، ھەتتا كېلەچىكى پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ، خالاس. بۇ نۇقتىنى، بۇ ئاددى زاكۇننى جەزمەن پىكىر بىرلىكى بىلەن تونۇپ يېتەيلى، ئى ئۇيغۇرلار !

بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي: «سۆز ئۈنچىدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر » دەيدۇ. بۇ ئىككى جۈملە ئەمەلىيەتتە، تىل بىلەن دىلنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋىتىگە بولغان ئەڭ قىسقا، ئەمما ئەڭ دانا شەرھتۇر.

دېمەكچىمەنكى، تىل بەجايىكى گۆھەردۇر، ئەمما بۇ گۆھەرنى گۆھەر قىلىدىغان، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلىدىغان نەرسە كۆڭۈلدۇر، دىلدۇر. ئەگەر دېڭىزنىڭ بىپايان قوينى ۋە ئۇنىڭ خاس مۇھىتى ۋە شارائىتى بولمىسا، ئۇنىڭدا ئۈنچە – گۆھەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئاخىرىدا ئاشۇنداق قىممەتدار، ئالىي دەرىجىلىك گۆھەر بولۇپ يېتىلىشى مۈمكىن ئەمەس. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر تىل ساھىبىنىڭ كۆڭلىدە، دىلىدا ئۆز تىلىغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئورۇن، يېتەرلىك مۇھەببەت ۋە سۆيۈك بولمىسا ئۇ تىلنىڭ ئۆز ساھەسىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇنداق، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەمەلدىن قالماي، ئۆز سورۇنىدا ئەبەدىلئەبەد قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى كۆچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە بىزنىڭ دىلىمىزدۇر، ئەگەر بىز ئۇيغۇر مىللىي تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، سۆيگەندىمۇ ھەممىمىز – رەئىسمۇ، دېھقانمۇ، نازىرمۇ، چولپانمۇ، مەكتەپدارمۇ، پۇلدارمۇ … بىر نىيەتتە، دىل بىرلىكى بىلەن سۆيسەك، بىزنىڭ تىلىمىز تاكى قىيامەتكىچە بار بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئۆز تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە سۆيمىسەك، قەدىرلىمىسەك، بۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىستىقبالى بارغانسىرى تار بولىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا يوقىلىپ، پۈتۈنلەي تار- مار بولىدۇكى، ھېچبىر ئۇيغۇر بۇ ئاقىۋەتنى خالىمايمىز، ئەلۋەتتە!

ئەلىشىر نەۋائىي بىزگە ئۆرنەك. ئەلىشىر نەۋائىي بىزگە ئەينەك. بوۋىمىز ئەلىشىر ئېبنىي غىياسىددىن ناۋائىينىڭ زاماننىڭ زورى بىلەن ئەرەپ – پارىس تىلى ئومۇملىشىپ كەتكەن ئاشۇ 15 – ئەسىردە، ئۆزىمۇ 40 يېشىغىچە پارسچە شېئىر يازغان تۇرۇقلۇق، يازغاندىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقانداق پارس ئەدىبلىرىنى قايىل قىلغۇدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك پارسچە شېئىر يازغان تۇرۇقلۇق، يازغاندىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقانداق پارس ئەدىبلىرىنى قايىل قىلغۇدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك پارسچە دېۋان يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان تۇرۇقلۇق، ئاخىرىدا زاماننىڭ تەتۈرلۈك قىلىشلىرىغا، زامانداشلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۆزى باش بولۇپ ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا ئاشۇنداق ئالەمشۇمۇل مول ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئانا تىل مۇھەببىتىنىڭ شانلىق مەھسۇلىدۇر. ھالبۇكى، 21 – ئەسىردە كەڭ ئىمكانلار ئىچىدە ياشاۋاتقان بىز نەۋائى ئەۋلادلىرى، ئالدى بىلەن ئىش بېشىدىكى ۋەلىيلەر، مەكتەپدارلار ۋە پۈتكۈل مەدەنىيەت – مائارىپ كادىرلىرى باش بولغان بارلىق زىيالىي ئۇيغۇرلار ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قەدرىنى بىلگەن بولساق، ئەمدى ئۇنى ئەلىشىر نەۋائىيچە سۆيەيلى، ئۇنىڭغا ئەلىشىر ناۋائىيدەك كۆيەيلى. پەقەت بىزنىڭ دىل رىشتىمىز ئۆز تىل – يېزىقىمىزغا خۇددى ئەلىشىر ناۋائىينىڭكىدەك مۇستەھكەم باغلانسا، بۇ ھالدا بىزنىڭ تىلىمىزنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدىنمۇ، ئوتتۇرا مائارىپ سورۇنىدىنمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەرگىز ھاجەت چۈشمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىنىڭ تېگىنى ئوچۇق بىلىپ يېتىمىز.

«گۆھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاستىسى بىلەن چىقىپ، ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ ۋە گۆھەرچىلەر ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ » دەيدۇ بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي.

بىر مىللەتنىڭ تىلى قىممەت جەھەتتە بەجايىكى بىباھا گۆھەردۇر. شۇڭا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە قىسمەت ئەھۋالىنى ھېچ قالدۇرماي خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان تىلىنى چىن دىلىدىن سۆيۈشى كىرەك. بىراق، بىر مىللەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ تىلنىڭ قىممىتىنى تونۇش ۋە ئۇنى مۇھەببەت بىلەن سۆيۈش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى يەنە ئۇ مىللەتتە ئۆز تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك مىللىي ئىرادە، مەھكەم باغلانغان بەل بولۇشى لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ئۇيغۇر مىللىتى مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ۋە جۇڭگو مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئوخشاشلا مىقدار ۋە ئوخشاشلا ئىقتىدار بىلەن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان گۆھەر تىلىمىزنى قوغدايمىز ۋە ئۇنى ئۆز ساھەسسدە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەمدى بۇ غايە ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلاپ، قانۇنىي يوسۇندا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.

بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي بىر ئۇيغۇر ئىنسانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز تىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇش، ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈش جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇ قىممەتلىك تىلنى ۋە ئۇ سۆيۈملۈك يېزىقنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك ئۇيغۇر ئىرادىسىگە ساھىپ بولۇش جەھەتتە ئۆرنەك زات ئىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆز ھاياتىدا ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى دىلىدىن قىزغىن سۆيدى. ئاندىن خۇددى غەۋۋاس دېڭىزدىن گۆھەر سۈزۈپ چىققاندەك پىداكار ۋە نەق ئەمگەك ئارقىلىق ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى شۇ چاغدىكى دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئەبەدىلئەبەد قوغدىلىشىنى بولسا، سىز – بىزگە ئامانەت قىلدى.

ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىگە يات نائەھلىلىكتۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلار بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇساق، ئۇنى پىكىر بىرلىكى بىلەن چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلىساق، بۇ ھالدا مۇنۇ ھەقىقەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئۆزىنىڭ يېرى بار مۇكەممەل بىر مىللەت. شۇڭا ئۇ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى تەلەپتىكىدەك ئۆگىنىپ، ئىگىلەش (بۇ ھەقتە ئەسىرىمىزنىڭ «زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت» دېگەن بابىدا دادىغا يەتكۈزۈپ بايان قىلىمىز) ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ.

ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى! جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك ۋە چوقۇم قوغدىيالايدۇ! چۈنكى، جۇڭگودا كومپارتىيىنىڭ ئادالىتى بار. خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن كاپالىتى بار.

2 . زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت

― قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ تەقدىرى

مۇئەييەن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەم زۆرۈرىيەت ئالىمىدۇركى، دۇنيادىكى نۇرغۇن شەيئىي ۋە ئىشلار زۆرۈرىيەت ئالقىنىدا گۈللەپ ياشنايدۇ، مەغلۇپ بولغانلار بولسا، ئاخىرىدا يەنىلا زۆرۈرىيەت ئايىغى ئاستىدا يەنچىلىپ تۈگەيدۇ.

نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاندىن تارتىپ، 15 – ئەسىر نەۋائىي زامانىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىي تىللار سوستاۋىغا ئەرەب، پارس تىللىرى ئامىللىرىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپلەپ كىرىپ ئۆزلىشىپ كېتىشى، ھەتتا مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە تۈركىي تىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكۈدەك دەھشەتلىك دەرىجىگە بېرىپ يېتىشى پۈتۈنلەي زۆرۈرىيەتتىن، ئوچۇق ئېچىپ ئېيتقاندا، زاماننىڭ زورىدىن بولغان. دەرۋەقە، تارىخنىڭ ھېچبىر بېتىدە، شۇ چاغلاردا بىرەر پادىشاھ ياكى باشقا بىرەر ھۆكۈمران تەرىپىدىن: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىي تىل ئەمەلدىن قالدى. ئەمدى، تۈركىيلەر ھەممىڭلار ئەرەبچە ياكى پارسچە سۆزلەڭلار ۋە يېزىڭلار، دەپ پەرمان قىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئەمما، ئالەمنى ۋە ئادەمنى يىپيېڭى قاراش بىلەن چۈشەندۈرۈدىغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر دۇنياسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ھەيۋەت بىلەن پەتھى قىلىشى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەرەب مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەرەب تىلى بىلەن نازىل بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر – تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياغدەك يېقىشى ۋە نېمىلا دېگەنبىلەن تۈركىي مىللەتلەردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان پارس ئالىملىرىنىڭ، شائىرلىرىنىڭ ئىسلام پەلسەپىسىنى تەشۋىق قىلىپ يازغان تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر – تۈرك ئەدىپلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشى… قاتارلىق نەق ئامىللار بىر زۆرۈرىيەت كەلكۈنىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى راستتۇر. ئەرەب ئىسلام مائارىپىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ۋە تەقلىد قىلىپ ئېچىلغان مەكتەپ – مەدرىسلەردە ئون بەش، ئون ئالتە يىللاپ دۇم يېتىپ دۇم قوپۇپ ئوقۇغان تۈركىي تىللىق ياشلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دەرسى «قۇرئان كەرىم»، تەفسىر ۋە ھەدىس شەرىف بولغانكى، بۇ مۇتلەق زۆرۈر دەرسلەرنىڭ تىلى ئەرەبچە بولۇشى ۋە بولغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تىلنىڭ يەنە بىر تىل بىلەن سىتىلىستىك ئۆزگىچىلىك جەھەتتە ئوپئوخشاش ۋە باراۋەر بوپكېتىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكى ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردە، ئەرەب تىلىدا بارلىققا كەلگەن پەلسەپە تەلىماتلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان تىل ئەڭ ئالدى بىلەن پەقەت ئەرەب تىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئەمەلىيەت، شۇنداقلا ئۇيغۇر ـ تۈرك ئالىملىرىنىڭ قەلبىدىكى ئىسلامىيەتكە بولغان مۇھەببەت ئۇلارنى ئاڭلىق ـ ئاڭسىز ھالدا ئەدەبىي تىلدا ئەرەبلىشىش، يېزىش ئەمىلىيىتىدە بولسا پارسلىشىش يولىغا يېتەكلەپ كەتكەن.

بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر ناۋائىينىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» نى يېزىشى ۋە رەت قىلغۇسىز پاكىتلار ئاساسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇر – تۈرك تىلى سەنئەت ۋە سانائەت تىلىدۇر» (تۈرىي ھۈنەرست) دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ زۆرۈرىيەتتىن بولغان.

ئەلىشىر نەۋائىي تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئەرەپ تىلى ھەقىقەتەنمۇ پاساھەتلىك تىل؛ ئوخشاشلا، پارس تىلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك تىل. ۋەھالەنكى، مېنىڭ ئانا تىلىمچۇ؟ ئاللاھ مېنىمۇ ئەرەپ، پارس مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ساھىب بولغان ئايرىم بىر مىللەت قىلىپ ياراتقان ۋە ئۆزۈمگە خاس بولغان مىللىي تىل ئاتا قىلغان تۇرسا، مېنىڭ تىلىم زادى نېمىشقا ئەمەلدىن قالىدىكەن؟

ئەلىشىر نەۋائىي زۆرۈرىيەت تۇيغۇسى ئۆز ۋۇجۇدىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆز ئانا تىلىغا بولغان تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش جەريانىنى بۈيۈك دەرىجىدە مۇجەسسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ياشلىقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاغزىم جەۋھەردانىدىن بەزى گۆھەرلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ گۆھەرلەر تېخى نەزم يىپىغا ئۆتكۈزۈلمىگەن، پەقەتلا كۆڭلۈم دېڭىزىدىن نەزم يىپىغا يۈزلەنگەن ئۇ گۆھەرلەر تەبىئىيىتىم غەۋۋاسىنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن ئېغىز ساھىلىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. دەل شۇ چاغدا، مەنمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەنئەنە بويىچە پارس تىلى بىلەن يېزىشقا يۈزلەنگەنىدىم. بىراق، ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىئىيىتىمگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئالەم نامايەن بولدى. مەن ئۇ يەردە، توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم. دۇرلىرى يولتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۈرلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم: ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈللىرىنىڭ تىكەنلىرى سان – ساناقسىز ئىدى. مەن «سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىدىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ. نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى بولسا، مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىيىتىم بۇ يەردىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىشىمگە يول قويمىدى: مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم. تالانتىم لەشكەر بولۇپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى. خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى. دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى. كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن بىھېساب خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئېچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئىختىيارسىز چېچىلىشقا باشلىدى». (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» 28 -، 29 -، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى – 1988 – يىل نەشرى.

دېمەك، زاماننىڭ زورى شۇ قەدەر يامان، ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى شۇقەدەر ئېغىر بولسىمۇ، ئۇيغۇرغا خاس يۈكسەك ئىرادىگە، قورقۇشتىنمۇ، بىپەرۋالىق قىلىشتىنمۇ خالىي ئالىجاناپ تەبىئەتكە ساھىب بولغان ئەلىشىر نەۋائىي ھايات – مامات گىردابىغا كېلىپ قالغان ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بىجانىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى بىلگەن ۋە بىلگىنىنى دەرھال ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ كۆرسەتكەن.

بىزنىڭ زامانىمىزدا «قوش تىللىق مائارىپ » تەدبىرىنىڭ ئەمەلىي ئىجراغا قويۇلىشىمۇ زۆرۈرىيەتتىن ئىكەنلىكى ھەممە ئادەمگە بەش قولدەك ئايان. يەنى 1949 ـ يىلى 1 – ئۆكتەبىردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو زېمىنىدە ياشاۋاتقان 56 مىللەت خەلقى مىسلىسىز بىرلىككە كەلگەن بىر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. بۇ دۆلەت، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى ئىدى. خەنزۇ مىللىتىنىڭ تىلى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو دۆلىتىنىڭ دۆلەت تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەنزۇدىن باشقا 55 مىللەت كادىرلىرى ۋە زىيالىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن مەركەزدە ۋە ھۆكۈمەت زۆرۈر دەپ قارىغان جايلاردا مىللەتلەر ئىنىستىتۇتلىرى ئېچىلىپ، ئۇ يەرلەردە خەنزۇ بولمىغان ياشلارغا ۋە كادىرلارغا خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىدىغان سىياسەتلەر دەرس قىلىپ ئۆتۈلدى. يەنە مۇشۇ زۆررىيەتتىن جۇڭگو مائارىپ ساھەسىدە «قوش تىللىق مائارىپ » يەنى «جۇڭگودىكى تىل – يېزىقى بار مىللەتلەرگە ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇ تىلىنىمۇ ئۆگىتىش مائارىپى» مەيدانغا كەلدى. دەرۋەقە، جۇڭگونىڭ بەزى رايونلىرىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونلار قۇرۇلدى ۋە مەزكۇر مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ساھىب بولغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» تۈزۈلۈپ، ئېلان قىلىندى. مەيلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا بولسۇن، مەيلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا بولسۇن، ئوخشاشلا تارىختىن بۇيان تىل – يېزىقى بار مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىلھامبەخش، ئىلھامبەخشلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتبەخش، ھۆررىيەتبەخش بەلگىلىمىلەر بەلگىلەندى. بۇ بەلگىلىمىلەرنى قەغەز يۈزىدىن ئوقۇساق ھەقىقەتەنمۇ ئىلھام ئېلىپ، سۆيۈنۈپ، ھۆكۈمەتنى كۈيلەپ كېتىمىز؛ ھەقىقەتەنمۇ كومپارتىيىنىڭ دانالىقىدىن سۆزلەپ كېتىمىز. (بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئەسىرىمىزنىڭ بىرىنچى بابىدا ئەقلەن كۆرسىتىلگەچ، بۇ يەردە تەكرارلىمىدۇق)

مېنىڭچە ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شانلىق غەلىبىلىرى بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى شۇ تاپتا، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى زۆرۈرىيەتتىن مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتلىق بىر ئىش، ئۆتكۈنچى بىر تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى ۋە كەلگۈسى ياشامى ئۈچۈن جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك بىر مەجبۇرىيەت دەپ قارىماقتا. چۈنكى، ئەللىك نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت خەنزۇ تىلىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدە، يالغۇز سىياسىي تىل ئەمەس، بەلكى پەن ـ تېخنىكا تىلى، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئومۇمىي مەدەنىيەت تىلى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئىنسانى جۇڭگودىكى تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقى بار بوپكەلگەن باشقا قېرىنداش مىللەت ئىنسانلىرىغا ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى سىنىپ پۇقرا بوپقالماسلىق ئۈچۈن، يەنى مەيلى سىياسىي تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى پەن – تېخنىكا ھاياتىدا بولسۇن ۋە مەيلى ئومۇمىي مەدەنىيەت ياشامىدا بولسۇن، خەنزۇ خەلقى بىلەن ئوخشاش ۋە باراۋەر بولغان ياشاش ئىمكانىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلەشنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە «خەنزۇ تىلى بىلمەيدىكەن» دېگەن بانايى سەۋەب ۋە ئەمىلىي سەۋەب بىلەن قارا مەدىكارلىققىمۇ قوبۇل قىلىنمايۋاتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلىرىمۇ بۇ زاماندا خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسە زادىلا بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتى. بۇ ھالدا ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى، دەرس سائەتلىرىنى كۆپەيتىش يولى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىن، ھەتتا يەسلى مائارىپىدىن باشلاشقىمۇ رازى، دەپ قارايمەن، بىراق، زامان كەلتۈرگەن زۆرۈرىيەت، تۇرمۇش ئىپادىلەۋاتقان مەجبۇرىيەت شۇ قەدەر كەسكىن ۋە شۇ قەدەر رەھىمسىز بولسىمۇ، ھېچبىر ئۇيغۇر ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل ۋە يېزىقىدىن بىر كۈن بولسىمۇ ۋاز كېچىشكە ھەرگىز رازە بولمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ تەتقىقاتلىق چۈشەنچەمچە، ئۇيغۇر مىللىتى ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ ئۇنداق مەسئۇلىيەتسىز مىللەت ئەمەس. بۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ بىر مىڭ بەش يۈز يىللىق تىل – يېزىق تارىخى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنىڭغا، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنىڭ نۇسرىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەرەپ – پارس تىلى مەپتۇنلۇقى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەسىر قىلىۋالغان 14 – 15 – ئەسىرلەردىمۇ يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى نابۇتلۇقتىن ساقلاپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەپ بېشىدا تۇرغان بايراقدارى ئۇلۇغ ئەلىشىر نەۋائىي شاھىدلىق بېرىدۇ.

بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ، يەكدىللىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەر كەلىمە سۆزىدىن ئۇيغۇر – تۈرك تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن ھېس قىلىمىز . ئەمەلىيەتتىمۇ، ئاتمىش يىللىق ئۆمرىدە ئاتمىش ئۈچ پارچە كىتاپ يازغا (قاراڭ: مۆئجىزىي: «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن » 56 – بەت بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 – يىللىق نەشرى، نەشىرگە تەييارلىغانلار: ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر)، سۆز ئىشلىتىش جەھەتتە، كېيىنكى چاغلاردا ياۋروپانىڭ سۆز ئۇستىلىرى بولۇپ داڭق چىقارغان مېگېل دى سېرۋانتىس (1616 – 1547)، ۋىليام شېكىسپېر (1616 – 1564) ۋە ئالىكساندىر سېرگىيىۋىچ پوشكىن (1837 – 1799 – يىللار) قاتارلىقلارنىمۇ ئۇزاق ئارقىدا قالدۇرۇپ، پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە جەمئىي بىر مىليون ئۈچ يۈز يەتمىش سەككىز مىڭ ئاتمىش يەتتە سۆز ئىشلەتكەن (قاراڭ : «بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىي »، 113 – بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل نەشرى، تۈزگۈچى: ئابلىمىت ئەھەت)، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا – 1499 – يىلى، ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنىڭ نۇسرىتى ھەققىدە «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ئاتلىق كىتابنى ئالاھىدە يېزىپ ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدىكى مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ، ئەلۋەتتە.

مېنىڭچە، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى ئەلىشىر نەۋائىي ئالەمدىن ئۆتكەن ئەشۇ مىلادى 1501- يىلىدىن تاكى 2001 – يىلىغىچە بولغان ساق بەش يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھېچبىرسى نەۋائىينىڭ ئانا تىلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈش، ئۆز تىلىنى يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سۆيۈش روھىغا خىيانەت قىلغىنى يوق. ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ: ئاياز شىكەستەنىڭ«جاھاننامە»سىدىن، مۆئجىزىينىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» ىغىچە، مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدىي» سىدىن تارتىپ مۇھەممەد ئىمىن توختايېفنىڭ «قانلىق يەر» ىغىچە، ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن » ىدىن، ئەھمەد زىيائىينىڭ «يۈسۈپ – مەھمۇد داستانى»غىچە، تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا»سىدىن، روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» ىغىچە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە» سىدىن، زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»، «ئانا يۇرت» ىغىچە … بولغان مىڭلىغان تارىخىي ئەدەبىي ۋە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى بىرەر نۇقسان ياكى ئاجىزلىقى كۆرۈلمەيدۇ. ھەتتا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەللىك نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر زامان كەلگەندە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالماسلىقىدىن، ياكى زامانىۋىلىشىشقا توسقۇن بوپقالىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر كەلىمە بىشارەتمۇ بېرىلمەيدۇ.

ۋاھالەنكى، تارىخ بۇ مىلادى 2002 – يىلىغا كىرگەندە، كۈن سىلە – بىزنىڭ مۇشۇ پارلاق كۈنىمىزگە كەلگەندە، «بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلىدىغان تەبىئىي پەن دەرسىنىڭ ھەممىسىنى، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ يۈزدە يەتمىش بەش پىرسەنتىنى خەنزۇچە سۆزلەپ ئۆتۈش»، شۇ ئارقىلىق ئالىي مائارىپتا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىي ئىجراغا قويۇلىشىنى زادى نېمەدەپ چۈشىنىمىز ۋە نېمەدەپ چۈشەندۈرۈمىز؟ ئەجەبا، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» تەدبىرىنىڭ تەبىئىيكى يۈزلىنىشى ۋە ئاداققى مەقسىتى مۇشۇمىدى؟ ئەمدى، بۇ پىلاننى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سەمىگە تۈزۈك سالماي، كەڭ تىل ئەھلىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقماي، يەنى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغان ھالدا، ئىمام ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسىگە ئوخشاشلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ئىجراغا قويغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ بۇ قىلغىنى زۆرۈرىيەتمۇ، مەجبۇرىيەتمۇ ياكى مەسئۇلىيەتمۇ ؟!

مەن بۇ سوئاللارنى ئالدى بىلەن، ئالدىمدىكى مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن، يەنى 21 – ئەسىرنىڭ رەسمىي ئىگىلىرىدىن سورىدىم.

ئۇلار: «مۇئەللىم، بۇ سوئاللار ئۇنچىۋالا ئاسان، ئوڭاي سوئاللار بولمىدى. شۇڭا، بىز بىرئاز سىياسەت ئۆگىنىپ، ماتېريال كۆرۈپ، ئاندىم جاۋاپ بەرسەك» دېيىشتى.

ئاندىن، ئۇ سوئاللارنى ئۆزۈمدىن سورىدىم. ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئاداققى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشتە سەل ئويلىنىۋالغۇم، سەل – پەل تۇرۇۋالغۇم كەلدى. ئەمىسىچۇ؟ ئەگەر «ھەئە، جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ تەدبىرىنىڭ ئاداققىي مەقسىتى (قوش تىللىق مائارىپ)نى (يەك تىللىق مائارىپ)قا ئۆزگەرتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى » دەي دېسەم، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دىكى «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باپباراۋەردۇر. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل ـ يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ھۆررىيەتبەخش راست گەپنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟ بۇ دانا بەلگىلىمىلەرنى «شۇنداقلا، ئانچىكىملا دەپ قويغان، ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق گەپلەر!» دېگىلى بولمايدۇ-دە!

بۇ يەردە، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدا تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىغا قوشۇلۇپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجراغا قويغان ئۇيغۇر كادىرلىرىمىزغا ھە دېگەندىلا قاتتىق گەپ قىلغۇم يوق. كىم بىلىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى باردۇر. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن ھوقۇقدارلارنىڭ ئەمەل – مەنسەپ قولىدىكى چاغدا كۆرسىتىدىغان جاسارەتلىك ئەلپازى بىلەن، ئەمەل – مەنسىپىدىن چۈشكەندىن كېيىنكى مىسكىن ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق بىلەن تەنقىد قىلساقمۇ تازا توغرا بولماس.

شۇڭا، مەنچە يەنە ئۆگەنسەم، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلسام. شۇ جۈملىدىن ھەمپىكىر بۇرادەرلىرىمدىنلا ئەمەس، بەلكىم «مەن ئۇيغۇر زىيالىيسىمەن» دەيدىغان پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمدىن ئۆتۈنۈپ قالسام، ھەممىمىز، يەنى كونا – يېڭى رەئىسمۇ، سابىق – سادىق نازىرمۇ، ئادەتتىكى كادىرمۇ، تىلشۇناسمۇ، ئەدىپمۇ، دېھقانمۇ، ئارمانمۇ، چولپانمۇ … بارلىقىمىز ئىمانىمىز ۋە ۋىجدانىمىز بىلەن بىر پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقساق:
ادى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» غا ئۇيغۇنمۇ؟ مۇنداق قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق ئەزەلدىن تىل – يىزىقى بار مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھالدا ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ ھەم جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش بۇرچىنى ئاقلاپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا، يوقىلىش تەرىپىگە قاراپ ئەمەس، بەلكىم گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش تەرىپىگە قاراپ، دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش تۈپ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنمۇ؟

بىز بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى، خۇسۇسەن زىيالىي كادىرلار پەقەت ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۆت – بەش يىللىق، جىق بولسا ئون يىللىق سەلتەنەت ئورۇندۇقىمىزنىڭ غېمىنى يەپ، ئۆزىمىزنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىمىزنى دەپ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمىي جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداشلىق تەقدىرىنىڭ غېمىنى يەپ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى دەپ، يەنى يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن ئىش كۆرىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنى كاۋاپمۇ كۆيمىگەن، زىقمۇ كۆيمىگەن ھالدا، ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايمىز.

ئەڭ نازۇك يېرى شۇكى، «ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئالىي مائارىپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىدارە – ئورگانلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ » دەيدىغان قىزىل سەللىلىك ھۆججەت بولمىغانىكەن، بۇ مەسىلە شۇ تاپتا، سىلە ـ بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، سەككىز مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىز مۆھتەرەم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئىختىيار»ىمىز ۋە «ئارزۇيىمىز» دىكى ئىش بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ھالبۇكى، بۇ مەسىلە بۈگۈن ھەل قىلىنماي «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالىي مائارىپتىكى ئورنىنى قوغدىيالماسلىق» بولۇپ گەۋدىلىنىۋاتقان بۇ ئېچىق قويۇۋىتىلسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زەنجىرسىمان ئىنكاس پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىنى موخو قىلىدۇ: ئالدى بىلەن، ئالىي مەكتەپتە چىقىش يولى قالمىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تېزلا چۆكىدۇ. ئارقىدىنلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى نەس باسىدۇ. ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ: مائارىپ ئاساسىي قالمىغان نەشرىياتچىلىق سۇغا چىلىشىدۇ، ئۇيغۇرچە رادىئو- تېلېۋىزىيە تۈگىشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مەزكۇر ساھەدە بىمالال ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىلسىزلىقنىڭ دەردىدىن، مۇقامنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئىچىدە ئېغىر خۇرسىنىپ، ئىشسىزلىق ۋە ئاشسىزلىق چۆلىدە تەمتىرەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇكى، ئاللا ھېچبىر ئۇيغۇرغا بۇ ھالەتنى كۆرسەتمىسۇن!

خۇلاسە كالام، قوش تىللىق مائارىپ تەدبىرى بىلەن ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ تەقدىرىنى بىر – بىرىگە تەتۈر تاناسىپ قىلىپ قويماسلىقنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق روھىمىز بىلەن، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قانۇنىي ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قوغداشتىن ئىبارەت، بۇ ئىشتا، ئەگەر بىز راستتىنلا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز بىزگە تاپشۇرغان ئامانەتكە ھەرگىز خىيانەت قىلماسلىغىمىز لازىم.
ئەمىسە، تېخى تۈنۈگۈنلا بېيجىڭغا بېرىپ چوڭ مەجلىس ئېچىپ، «نەۋائىي بىزنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز، بىز ئۇيغۇرلار نەۋائىي ئەۋلادلىرى بىز! دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلىغان، يىغىندا ئوقۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى كىتاب قىلىپ جاھانغا ئېلان قىلغان تۇرۇقلۇق، بۈگۈن بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپلا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ تىل – يېزىقىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇنى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەيدەپ چىقارساق، بۇ بۈيۈك بوۋىمىز نەۋائىينىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋە سۇنماس ئىرادىسىگە قىلىنغان كەسكىن خىيانەت بولماسمۇ؟ بۇ – ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنىنى ۋە بىگۇناھ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قارىلاپ قىلىنغان نەق جىنايەت بولماسمۇ؟ 
3 ـ يەك تىللىق ئەمەس قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق بولۇش بىزگە ئۇدۇم
ھازىرقى دۇنيادا، مۇئەييەن ئەقىدە ئاساسىدا مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان ھەرقانداق بىر خەلق ئۆز زىيالىيلىرىدىن ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئاممىۋى خىزمەتتە يەكدىللىق بولۇشنى، يەنى ئورتاق غايە، ئورتاق ئىستەك ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئەمگەكتە، جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىر دىل، بىر نىيەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل يەكدىللىق ئومۇم ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئۈچۈن نۇسرەت قازاندۇرىدۇ. ئورتاق كۈرەشنى غەلىبىگە باشلايدۇ. ئەمما، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئالەمدە ھېچبىر مىللەت ئۆز زىيالىيلىرىنىڭ پەقەت مىللىتىنىڭلا ئانا تىلىنى بىلىدىغان، ئۆزى بىلەن بىللە ياكى خوشنا بولۇپ ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بولسا مۇتلەق بىلمەيدىغان يەك تىللىق بوپقېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل يەك تىللىق ھەرقانداق بىر ئىنساننى ياكى ئىنسان توپىنى ھامان يېتىملىك ۋە نادانلىق بۇلۇڭىغا تاشلايدۇ. شۇڭا ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۆز زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە پىششىق بىلىدىغان بولغىنىدىن باشقا، ئۆزى بىلەن قېرىنداش ياكى ئاداش بولۇپ ياشاۋاتقان بۆلەك مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بولۇشىنى ئالقىشلايدۇ. بۇنىڭدىن چىقتىكى، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە كۆڭۈل رايى ۋە قەلب مايىللىقى جەھەتتە ئاجايىپ كەڭ ۋە مۇستەھكەم بولغان ئاممىۋى ئاساسقا ئىگىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەگەر رەھبەرلىرىمىزنىڭ غەمخورلۇق بىلەن تولغان كۆڭلىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنى يېتىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى تۇغۇلغان بولسا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈنلا پىلان قۇرماي، توغرىدىن توغرا خەنزۇچە سەۋىيىنى راسا ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى كۈنتەرتىپكە قويسا بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ تەدبىرلەر پەقەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دىكى «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن دانا بەلگىلىمىگە مۇخالىپ بوپقالمىسىلا، خەلق ئۇنى كەمكۈتىسىز ئىجرا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ.
مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە قارىتا ھېچقانداق بىر غەيرى پىكرى يوق. ھەممە ئادەم شۇ تاپتا، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگو تۇپرىقىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە پەن ـ تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق تۈرىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنىڭ پەيزىنى بىمالال سۈرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى! تۈرلۈك كەچۈرمىشلەر ۋە رېئال دەرسلەر ئارقىلىق، خەنزۇچە بىلمەيدىغان جۇڭگو پۇقراسى ئارىسىدا، ئەمەلىيەتتە نەقەدەر پەرق بولىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ كەتتى. ھېكايەت: بالىلىقىمدىن، ئابدۇرەھىم ئىسىملىك بىر ئاغىنەم بار، كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىز تام خوشنا بولۇپ، ئانىلىرىمىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاش – تاماق سۇنۇشۇپ، ئىناق – ئىجىل ئۆتۈشەتتۇق. ئۇنىڭ دادىسى مەھەللىمىزدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى، مېنىڭ دادام بولسا يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ئىدى. قىسمەت، مەن چوڭ بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇپ، بېيجىڭدە مۇئەللىم بولدۇم، ھېلىقى ئاغىنەممۇ چوڭ بولۇپ، دادىسىدا ئوقۇپ، كېيىن دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ مەھەللىمىز مەسجىدىنىڭ ئىمامى بولدى. بالىللىقتىن كەلگەن دوستلۇقىمىز بۇزۇلۇپ كەتمىدى. بارساق، كەلسەك، ئىزدىشىپ، ھال –مۇڭلىشىپ تۇردۇق. قىياپەت جەھەتتە، ئۇنىڭ بېشىدا سەللە، مېنىڭ بېشىمدا دوپپا، يا بولمىسا يالاڭباشتاق بولساممۇ، كۆڭۈللەر بىر – بىرىمىزگە ئوچۇق ۋە سەمىمىي ئىدى. ئۇ ئىمام بولغان ئاغىنەمنىڭ مەن مۇئەللىم بولغان بۇرادىرىدىن بىرلا ئاغرىنىشى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ خىزمەت بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغانلىقىم ئىدى، «قايتىپ كېلىڭلار، ئاداش، ئەمدى، يۇرتىمىزغا دەرھال يېنىپ كېلىڭلار» دەيتتى ئۇ ھەرقېتىم خوشلىشىش ئالدىدا جىددىي قىلىپ: «ئۇ يەردە ھەتتا ئۇيغۇرچە مەكتەپمۇ يوق ئىكەن، بالىلىرىڭلار ئۇيغۇرچە ئوقۇمىسا، خەنزۇلىشىپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق بولسا بولارمۇ؟!» مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشا بىر نېمىلەرنى دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. ئەمما ئوشۇقچە زاكونلاشمايتتىم. يىللار بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى. بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇ ئاغىنەم ھەج قىلىپ «ھاجىم» بوپكەپتۇ. بۇلتۇر تۇغقان يوقلاپ يۇرتقا بارغانىدىم، ئۇ ھاجىم ئاغىنەم بىلەن ئوخشاشلا قىزغىن كۆرۈشتۇق، چوڭقۇر ئەھۋاللاشتۇق، سوقا – سۆھبەت ئارىسىدا ئۇ: «مەن بۇ يىل ئىككى نەۋرەمنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە، مەخسۇس ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان خەنزۇچە سىنىپقا ئەۋەتتىم» دېۋىدى، قىزىقىپ سورىدىم: «سىلە بۇرۇن بالا – پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرگە بېرىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇرچىنى ئادا قىلدۇرۇپلا مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىككە شاگىرت قىلىپ بېرىدىغان كىشى ئىدىڭلا، بۇ سەپەر مۇنداق ئۆزگىرىش قىلىشىڭلارغا نېمە سەۋەپ بولدىكىن؟» ھاجىم ئاغىنەم مېنىڭ بۇ سوئالىمغا مۇنداق ھېكايە بىلەن جاۋاپ بەردى: «ئۈچ يىل مۇقەددەم ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ھەج سەپىرىمىزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق. ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. قايتىش سەپىرىمىز تۈركىيە ئىستانبول، روسىيە موسكۋا ئارقىلىق بوپقالدى. ئىستانبول ئايرۇدۇرۇمىدىن ئۇچقاندا تاتارىستانلىق كامال ئىسىملىك بىر ھاجىم بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ كامال ھاجىمنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھەج قىلىپ قايتىپ كېلىشى ئىكەن. تونۇشۇپ ھال – مۇڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ كىشىنىڭ دىنىي ئەقىدە بابىىدىكى ئەتراپلىق ھەمدە جانلىق قاراشلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئەسلىدە كامال ھاجىم موسكۋادا چۈشۈپ تۇغقان يوقلاپ بولغاندىن كېيىن، تاتارىستانغا قايتماقچى ئىكەن، بىراق، مېنىڭ موسكۋادا يىگىرمە تۆت سائەت توختايدىغانلىقىمنى ئۇقۇپ، مەن موسكۋادىن ئايرىلغۇچە ماڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، مەن بىلەن بىر مېھمانسارايغا چۈشتى. بىز تۈننى كۈندۈزگە ئۇلاپ مۇڭداشتۇق. بۇ جەرياندا كامال ھاجىمنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلەر بىلەن، شۇنداقلا مېھمانساراي خىزمەتچىلىرى بىلەن رۇس تىلىدا راۋان سۆزلىشىشى مېنى بەكمۇ ھەيران قىلدى. ئەجەپلىنىپ: «ھاجىم، مەن سىلىنىڭ ئۇ تائىپىلەر بىلەن بەش – ئون مىنۇتلاپ رۇسچە گەپلىشىپ كەتكەنلىرىنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم. ئۆزلىرى بۇ ئورۇس زۇۋانىنى قەيەردە ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىدىم. «مۇشۇ روسىيىدە!» – ئايىغى ئاستىدىكى زېمىننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى كامال ھاجىم: «بىز روسىيە گراژدانىمىز. ھالبۇكى، رۇسچە بىلىشىمىز بىر ئۈچۈن بۇرچتۇر، سىلە جۇڭگولۇق ھاجىم خەنزۇچە بىلمەمدىلا، ئەجىبا؟!»مەن سەل توختىۋىلىپ، راست گەپنى قىلدىم: «مەن خەنزۇچىنى مۇتلەق بىلمەيمەن، بىز ھەتتا ئۇ يات دىندىكىلەرنىڭ زۇۋانىنى ئۆگەنمىسەكمۇ بولدۇ دەپ قارايمىز»، گېپىمنىڭ ئايىغى چۈشە – چۈشمەيلە، كامال ھاجىم بىز تونۇشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاچچىق بىلەن توۋلاپ كەتتى: «جاھالەت! ئىسلامغا ئاھانەت كەلتۈرگەن جاھالەت! ھەممىگە مەلۇم، ئەزىز پەيغەمبىرىمىز جانابىي رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا، ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىي مۇشرىكلىرىدىن ئەرەبلەرگە خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا رازى بولغانلارنى ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىۋەتكەن ۋە مۇبارەك ئېغىزىدىن رەھمەت شىرنى
لىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ: «ئوتلۇبۇل ئىلىم ۋەلەۋبىسىسىين» (ئىلىم ئاشۇ يىراق جوڭگودا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار) دېگەن، ھالبۇكى جۇڭگودا بۈگۈن ئىلىم بارمۇ – يوق؟ بار، جۇڭگودىكى ئىلىمنى خەنزۇچە بىلمىسىلىرى قانداق ئۆگىنىدىلا ۋە ئىلىم ئۆگەنمىسىلىرى قانداقمۇ مۇسۇلمان ھېسابلىنىدىلا؟! شۇنى بىلسەك كېرەككى، ئىي ھاجىم، بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ ۋە رۇس مىللىتى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن سىلە – بىزگە ھاكىملىق قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىز – بىز ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى بىلمىسەك، ئۇلار بىزنى ئەدناسى ئىنسان قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ جۇمۇ!»
بولغان گەپ شۇ. بۇ گەپلەر سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، ھېچ بىلەلمىدىم. ئەمما كامال ھاجىمنىڭ ئىلىمسىزلىك مۇسۇلمانلىق ئەمەس، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل – زۇۋان ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش شەرت، دېگەن تۈپ نۇقتىئىينەزىرى شۇندىن بۇيان مېنىڭ كۆڭۈل ئالىمىمدە بىر ئۈزۈل – كېسىل ئىنقىلاب پەيدا قىلدى.
يەنە ھېكايەت: 1997 ـ يىلى ئۆكتەبىردە، دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئىجازىتى بىلەن مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ «ئىسلام دىنى ئاساسلىرى» (ئۇسۇلۇددىن) ئىلمى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. بۇ جەرياندا مەزكۇر ئۇنۋېرسىتېتتا ئۆز ئىمكانى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان نەۋرەم دېمەتلىك ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەردىن ئاتمىش – يەتمىشچىسى بىلەن تونۇشتۇم. سىرداشتىم، پەردىشەپلىك دوست بولۇپ، دىلكەشلەشتىم. ئارىلىقتا، تەلەپكە ئاساسەن ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى بويىچە بىلىم ئاشۇرىدىغان بىر كۇرس ئاچتۇق ۋە ئىسمىنى «نىل دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» دەپ ئاتىدۇق. ئۇقۇغۇچىلار قىزغىن ئۆگەندى. مەنمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەتتىم. شۇ ئارىدا سەككىز – ئون بالا بەزى كۈنلەردىكى دەرسكە توپ ھالدىلا كەلمەيدىغان بوپقالدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئۇلاردىن بىرسى مۇنداق ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى: «مۇئەللىم، بىز ۋەتەندىكى چاغدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنىكەنمىز. مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئەرەب دوستلىرىمىز بولدى. ئۇلار ھەدېگەندىلا: «جۇڭگو دېگەن ئۈچىنچى دۇنيادىكى ئۇلۇغ دۆلەت، سىلەر جۇڭگو پۇقراسى بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە خەنزۇچە بىلىسىلەر، شۇڭا بىزگە خەنزۇچە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار، خەنزۇچە خەت ئۆگىتىپ قويساڭلار» دەيدۇ. بىز: «خەنزۇچە بىلمەيمىز، بىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن، خەنزۇچە ئۆگەنمەي ئەرەبچە ئۆگىنىمىز دەپ بۇ يەرگە كەلدۇق» دېسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش قاراش، ئوخشاش پىكىر بىلەن قايناپ: «سىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىكىن قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش زۆرۈرىيىتىدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنەيلى دېگىنىڭلار خاتا ئەمەس، ئەمما جۇڭگو پۇقراسى تۇرۇقلۇق، جۇڭگونىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ بىلمىگىنىڭلار پەقەت قاملاشماپتۇ. بۇ ھالدا سىلەرنى قانداقمۇ بىلىم ئادىمى دېگىلى بولىدۇ؟!» دەپ كايىپ كېتىدۇ. ئەرەبلەر بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى خەنزۇچە بىلىدىغانلارنى داڭلاپ، سۆيۈپ كېتىدۇ. بىزدەك خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارنى بولسا، كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە مىسىر شىركەتلىرى خەنزۇچە بىلىدىغان تەرجىمان ياللايتتۇق دەپ، ئىزدەپ يۈرىدۇ. شۇڭا، بىز ئىش – ئەمگەك تېپىپ ئۈزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قەددىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا خەنزۇچە بىلىدىغان جۇڭگولۇق مۇسۇلمان بولۇپ، ھەقلىق ھالدىكى ئىناۋىتىمىزنى تىكلەش ئۈچۈنمۇ خەنزۇچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق. شاڭخەيدىن كەلگەن بىر پروفېسسور خەنزۇچە ئۆگىنىش كۇرسى ئاچقانىكەن، شۇنىڭغا بېرىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن سىزنىڭ شۇ كۈندىكى دەرسىڭىزگە كېلەلمەي قالدۇق، ئەپۇ قىلغايسىز!»
مانا بۇ جاھان كۆرگەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلەردىن كېيىنكى ئەمەلىي تەسىراتلىرى، بۇلارغا يەنە ئوبزۇر يېزىپ، گەپ يورغىلىتىش كەتمەس، دەپ ئويلايمەن.
دېمەك، قەيت قىلىپ ئېيتساق شۇ تاپتا ئاۋام خەلقمۇ، ئىلىم ئەھلىمۇ ھەممە ئادەم خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زاماننىڭ تەقەززاسى، دۆلىتىمىزدىكى باشقا جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ زۆرۈر ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئەمما بۇ دېگەنلىك «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن بەزدى»، «ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان يارىماس تىل بوپقالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى» دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىز! مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ تۇرقتا، ھېچبىر ئۇيغۇر ئۆز ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى دەسسىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باققىنى يوق.
چۈنكى ئۇيغۇرلاردا تىل مەسىلىسىدە، شامال قايسى تەرەپكە چىقسا شۇ تەرەپكە قىڭغىيىدىغان، جاھاندا قايسى تىل ئاقسا شۇنىڭغا يېتىشىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىدىغان ئادەت يوق. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرقانداق شارائىتتا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئۆز ئانا تىلىنى خۇددى ئانىسىدەك ئەزىزلەيدىغان، باشقا تىل ھەرقانچە مۆتىۋەر بوپكەتسىمۇ، ئۇنى پەقەت ئاشۇ باشقا تىل سالاھىيىتى بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇدىغان، ئۆزى بولسا، قوش تىللىق ئىنسان بولۇپ، مەرىپەت بىلەن ياشايدىغان پەزىلەت بار.
شۇنداق، تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، قايسىبىر دەۋردە، ھازىرقىغا ئوخشاش «قوش تىللىق بولۇش» شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق بولۇشنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا ئەلمىساقتىن بۇيان، خۇسۇسەن ئىسلامىيەتتىن كېيىن، ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، مىلادى 11 – ئەسىردە، بۇ ئالەمدە تېخى «قوش تىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتى» دەيدىغان ئۇقۇممۇ مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. ئاشۇ چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى مەھمۇد كاشغەرىي ئون يىل ئۆمۈر سەرپ قىلىپ داۋان ئېشىپ، دەريا كېچىپ، تۈركىي قەبىلىلەرنى ئارىلاپ سۆز – كەلىمە توپلىغان، كېچىلىك بەزمىدىن ۋە كۈندۈزلۈك سەيلى ـ ساياھەتتىن كەسكىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تۈر – تۈرگە ئايرىپ رەتلىگەن، تىل ئىلمى بويىچە ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان ۋە ئاخىرىدا ئۇيغۇر – تۈركچە كەلىمىلەرنى ئەرەب تىلى بىلەن ئوچۇقلاپ چۈشەندۈرۈدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قوش تىللىق قامۇش ― «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈزۈپ جاھانغا ئېلان قىلغان. دېمەك، مەھمۇد كاشغەرىي جاھان قوش تىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنىڭ ھەقلىق بىرى؛ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بولسا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ نادىر شاھ ئەسىرى، شۇندىن بۇيانەت، يەنى مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئاشۇ مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن تارتىپ قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مودىغا ۋە نورمال ئادەتكە ئايلانغان. شۇڭلاشقا، يۇرتىمىزدىكى زامانىسىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى بولغان «قەشقەر ساچىيە مەدرىسەسى» ۋە «كۇچا ساقساق مەدرىسەسى» قاتارلىقلاردا دەرسگۇيلۇق قىلغان (دەرس ئوتكەن) مۇدەررىسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىل ئۇيغۇرچىدىن باشقا، ئەرەپ تىلى ۋە پارىس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان كۆپ تىللىق زىيالىيلاردىن بولغان. مەزكۇر ئالىي مائارىپ يۇرتلىرىدىكى مۇدەررىساخۇنۇملار (ئۆز دەۋرىنىڭ پروفېسسورلىرى) تەفسىر، ھەدىس قاتارلىق دەرسلەرنى ئەرەب تىلىدا سۆزلىسە، «خوجاپىز» (خوجا ھاپىز ئەسەرلىرى) نى پارسچە، «نەۋائىي» نى بولسا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تالىپلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەت ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كەلگەن.
ئۇزاق قەدىمدىكى كوماراجىۋا دەۋرىگە كەتمىسەكمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇ چاغلاردا گەرچە «قوش تىللىق مائارىپ» دەيدىغان تېرمىن مەۋجۇد بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىلىم – ئېرپان ھاياتىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇئەييەت سالمىقىنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرىمىز، ئەمدى، بۇ خىل ئەمەلىيەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنى دەۋر ئالاھىدىلىكى بويىچە «ئۇيغۇر – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى» ۋە «ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى» دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشىمىز مۈمكىن.
ئۇيغۇرچە – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى دېگىنمىز، 10 – ئەسىردە، ئۇيغۇر قارىخانىلار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق ئابدۇلكەرىمخاننىڭ باشچىلىغىدا، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە مۇشەررەپ بولغاندىن تارتىپ، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغىچە يەنى جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ. ئوبدان ئون ئەسىر ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە (يەنى 10 – ئەسىردىن 13 – ئەسىرلەرگىچە) ئۇيغۇر مائارىپى تەدرىجى ھالدا ئىسلام مائارىپىنىڭ ئىزىغا سېلىنغان. ئالىي مائارىپتا تەفسىر، ھەدىس، رىيازىيات(ماتىماتىكا)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاستىرونومىيە)، تەقۋىم (كالىندارچىلىق) قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەر ئەرەبچە ئۆتۈلگەچكە ئۇيغۇرچىدىن باشقا ئەرەبچىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن زىيالىيلار تەربىيلىنىپ چىققان. بۇ مەزگىلدە ئەرەبچىدە تازا كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇھەممەد ئەبۇ نەسىر فارابىدەك ئالىملار ھەممە ئەسەرلىرىنى بىۋاستە ئەرەبچە يېزىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۆزىنىڭ ئەرەب تىلى بويىچە يېتىشتۈرۈلگەن تالانتىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىنى يەنىلا ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بىلەن يازغان، بۇنىڭغا بۈيۈك ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ئاتلىق شاھ ئەسىرى، شائىر ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسىدا) ناملىق يىرىك ئەسىرى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.
بۇ دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە (يەنى 14 – ئەسىردىن 16 – ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا) بولسا، ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان پارسلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە، خۇسۇسەن ئىسلامىي تىل – ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر قەدەر ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن چىققان ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىي، خوجا ھافىز شىيرازىي، شەيخ مۇسلىھۇددىن سەئدىي ۋە ئاباۇراھمان جامىي قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق يىرىك ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تىل – ئەدەبىيات دۇنياسىدا مۇتلەق ئۈستۈن نوپۇز تىكلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك كۆپ سانلىق تۈركىي تىللىق ئەدىپلەردە يېزىقچىلىقتا پارس تىلىنى قوللىنىش ئادىتى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، بەزەن تۈركىي تىللىق شائىرلار خىلى بۇرۇنلا، مەسىلەن، ئەزەربەيجان شائىرى نىزامىي گەنجەۋىي 12 – ئەسىردە، ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق تۈركىي شائىر ئەمىر خۇسرەۋ دېھلەۋىي 13 – ئەسىردە، پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشنى باشلاپ بەرگەچكە، كېيىنچە مەيدانغا چىققان شائىرلار، خۇسۇسەن دورامچى ياش ئەدىپلەر ئىچىدە پارسگۇيلۇق (يەنى پارس تىلى بىلەن ئەسەر يېزىش) چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە ئەدەپ كېتىپ، ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى «شېئىر يازغىلى بولمايدىغان قوپال تىل» دەپ ئاھانەت قىلىشقا قەدەر يەتكەن، بىراق گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ خىل ھەقسىزلىق ئاخىرقى ھېساپتا ئۇيغۇر تىلىنى نابۇت قىلالمىغان. خۇددى ئەسىرىمىزنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ ھالغا بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى ئەلىشىر ئىبنىي غىياسىددىن نەۋائىي باش بولۇپ، قەتئىي خاتىمە بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق پارسپەرەسنىڭ تىلىنى لال قىلىدىغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق يىگىرمە يىل ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلمەس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان.
ئۇيغۇرچە – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى، يەنى 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىققا كەلسەك، بۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئەجداد ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئىزىنى باسقان كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇتلەق نوپۇزىنى قوغداپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىپ بارغان، ئۆز ئەسەرلىرىنى بولسا، ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن يازغان، بۇنىڭغا خىرقەتىي، ئاياز شىكەستە، زەلىلىي، نەۋبەتىي، ئابدۇرەھىم نىزارىي، غەرىبىي، گۇمنام، سەبۇرىي، موللا بىلال، تەجەللىي، مۆئجىزىي ۋە مۇسا سايرامىي قاتارلىق نامايەندىلەرنىڭ ئەدەبىي، تارىخىي ۋە دىنىي ئەسەرلىرى، شۇنداقلا قەدىرخان ياركەندىي ۋە ئاماننىساخان نەفىسىي قاتارلىقلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن رەتلەنگەن ئويغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇردانە تېكىستلىرى مىسال بولالايدۇ.
ئەمدى، ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى دېگىنىمىز 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن باشلانغان ۋە بۈگۈ ن بىز ياشاۋاتقان شۇبۇ مائارىپ دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىپيېڭى دەۋردە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز ئانا تىلى ئۇيغۇرچىدىن باشقا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بۆلەك، ئىلىمنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى تەقەززا قىلغان ئېھتىياج بويىچە ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، رۇس تىلى ۋە گېرمان تىلى قاتارلىقلار بويىچىمۇ مائارىپ كۆرۈۋاتىدۇ، دەرۋەقە، بۇ ساھەدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز تەرەققىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى سۈرئەت قەدىمى تەلەپ قىلىۋاتقان دەرىجىگە يەتكۈزۈش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ يېتىشسىزلىكلەر مەۋجۇد، بۇ يېتىشسىزلىكلەرنى جىددىي تۇتۇش قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىشىمىز كېرەك (بۇ ھەقتە ئەسىرىمىزنىڭ«تەتقىقات ۋە تەرەققىيات» دېگەن بۆلۈمىدە تەپسىلى توختىلىمىز)، بىراق، بۇ يەردە بىز مۇھاكىمىگە قويۇۋاتقان مەسىلىنىڭ جان يېرى شۇكى، تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ دۆلەت تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش بىر مەسىلە، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى دەسلەپ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش بولسا، ماھىيەت جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەسىلە، بىز بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز ياكى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم.
يەنە دېسەك، يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنغان تارىخىي پاكىتلار ئوچۇق ھالدا چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇكى بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قوش تىل بويىچە مائارىپ كۆرۈشى يالغۇز بۈگۈنلا بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادەت بوپكەتكەن بىر ئىش. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز ئانا تىلىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ، ئەينى ۋاقىتتا قوش تىللىق مائارىپ تەلەپ قىلغان بۇرچنى ئادا قىلىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى نىشان قىلغان پەللىگىمۇ چوقۇم يېتەلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى يەنىلا بۈيۈك ئەجدادىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئەڭ مېغىزلىق بايان ئارقىلىق قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرگەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇتلۇق ئەسىرى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە)دە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىيىتىدىنلا قوش تىللىق بولۇشقا لايىق قىلىپ يارىتىلغان، تىل ئۆگىنىشكە ماھىر بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تەبىئىيتىدىنلا پارسلارنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە دەلىل ـ ئىسپات بۇنىڭدىنمۇ قايىل قىلارلىق بولمايدۇكى، ئۇيغۇرلار بىلەن پارسلاردا ياشلارنىڭ، قىرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا ئارىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ پارسلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، ئۇيغۇرلاردا بولسا بىلىمسىز ۋە ساددە كىشىلەر پارسلارغا قارىغاندا كۆپرەك، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، بېگىدىن پۇقراسىغىچە دېگۈدەك پارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەممىسى ئۆز ھالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر شائىرلىرى پارىس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ …» (شۇ ناملىق ئەسەر، 7 ـ، 8 – بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىل نەشرى)
قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھولۇقۇپ، بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا يۈگۈرۈپ كەتكۈدەك ئىش يوق. ئىشىنىش كېرەككى، ئون ئەسىردىن بۇيان نامىزىنى ئەرەبچە، دۇئاسىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقىمىز، بۈگۈنكى يېڭى ەەۋر تەقەززا قىلغان ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە قوش تىللىق بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ يۈزدە يۈز چىقالايدۇ. شۇڭلاشقا، ۋەلىيلىرىمىز مائارىپ پىلانى تۈزگەن چاغدا، ھەم ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە مائارىپ كۆرسە، خەلقنىڭ يۈكى ئېغىر بوپكېتەرمىكىن دېگەن ياخشى نىيەت بىلەن بولسىمۇ، جانىجان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدىغان ھەم بىھۇدە ھەمدە خەلقنىڭ نەپرىتىگە، تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىدىغان نائەھلى ئىشنى قىلىپ تاشلىماسلىقلىرى كىرەك دەپ قارايمىز.

4 . تەتقىقات ۋە تەرەققىيات
قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئىستىقبالى
بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ئاتلىق مۇبارەك ئەسىرىدە، 15 – ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق زىيالىيلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات ساھەسىدە پارس تىلىنى قوللىنىشقا قىزىقىپ كېتىشى ۋە «تۈركىي تىل پارس تىلىغا يەتمەيدۇ» دېگەن بىمەنە قاراشنىڭ جەمىئيەتتە خېلى كەڭ كۆلەمدە بازار تېپىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭ تىل تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىىسىدىن، يەنى تەتقىقات ئارقىلىق تۈركىي تىلنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق تىلدىن قالغۇچىلىكى يوق، كامىل ئىقتىدارغا ساھىب بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بەرمىگەنلىكتىن بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۇ قەدەر مول نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۆز – ئىبارىلەر بىرەر كىشى تەرىپىدىن مۇلاھىزە قىلىنىپ، ھەقىقىي ھالىتى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكتىن تاكى مۇشۇ كۈنگىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ قالغان. بىلىمسىز ھەم بېلى بوش تۈرك يېگىتلىرى ئاسانلىقنى قوغلىشىپ، پارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن. ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇلار ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەن ۋە ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە چوڭقۇر چۆككەن بولسا ئىدى، ئۆز تىلىدىكى شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانىيەتنى تاپقان ۋە بۇ تىلدىكى ھەرقانداق پىكىرنى ئىپادىلەش، خوش سۆزلۈك، شائىرلىق ۋە داستانچىلىق سەنئەتلىرىنى بىمالال جەۋلان قىلدۇرۇش تېخىمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى»، «ھەممە سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تۈركىي تىلنىڭ پارس تىلىغا قارىغاندا شۇنچە ئارتۇقلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى شۇقەدەر نازۇك ۋە ئەۋرىشىم تەرەپلىرى نەزم قائىدىلىرى تەرىقىسىدە نامايان قىلنمىغان، ئەكسىچە، مەخپىيەتخانىغا تاشلىنىپ قىلىپ ئۇنتۇلۇشقا ئاز قالغان» (قاراڭ: شۇناملىق ئەسەر، 26 ـ، 28 ـ بەتلەر، ئەسلى مەتن 77 ـ، 78 ـ، 79 ـ بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى 1988 ـ يىلى نەشرى) دېمەك، ئەلىشىر ناۋائىينىڭ قارشىچە، بىر تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىق ئورنىنى ئەبەدىيەتلىك قوغداپ قېلىشتا، ئۇنىڭغا تالىق تەتقىقاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق، ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەمدى، 21 ـ ئەسىردىكى ئۆز ئەھۋالىمىزغا كەلسەك، بۈگۈنكى قوش تىللىق مائارىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۇ يېڭى دەۋرىمىزدە، ھېچ ئويلىمغان بىر ئەھۋال «ئالىي مەكتەپ، ئىنىستىتۇت ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا پەۋقۇلئاددا كەسىپلەردىن باشقا كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىدە قەدەممۇ قەدەم خەنزۇچە ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش كېرەك» (قاراڭ: «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى» 19 ـ بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2001 ـ يىلى نەشرى) دېگەن پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە بۇپىكىرنىڭ «قەدەممۇ ـ قەدەم» دېگەن ۋاقىت جەدۋىلى قىسمىمۇ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئوپۇل ـ تۇپۇللا ئىجراغا پەرمان قىلىنىشى بىزدە: «مەزكۇر پىكىر ۋە ئىجرالارمۇ تەتقىقات ئاساسى تازا مۇكەممەل بولمىغان ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا ۋە ئىجراغا قويۇلۇپ قالدىمۇ ـ قانداق؟ دېگەن سەمىمىي ئوينى پەيدا قىلدى. ئەسىرىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىك مۇلاھىزىمىزنى ئىلىم ۋە ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ مۇھاكىسىگە مۇنداق قويىمىز:

1 ـ قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك ئەھۋالى

شۇنى بىلىش كېرەككى، قوش تىللىق مائارىپ بۈگۈنكى كۈندە، يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا بېشىغا كېلىۋاتقان توي ئەمەس، بەلكى ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ياشاۋاتقان، خەنزۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ساندا ئاز بولغان 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئورتاق چۈشكەن بىر مەرىكىدۇر. ھالبۇكى بۇ ئومۇمىيەتلىك تەلىم – تەربىيە ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقات ئەھۋالىنى ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ ئۆتۈشىمىز ھەقىقەتەن زۆرۈر. بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزچە 1979 – يىلى مايدا، «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ قوش تىللىق مائارىپى يىلدىن يىلغا ئۆز سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئومۇمىي جۇڭگو مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بوپقالدى. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق تەتقىقاتى جۇڭگو زېمىنىدە تىلشۇناشلىق ئىلمىغا تەۋە يېڭى بىر تارماق ئىلىم «قوش تىللىق ئىلمى» نى بارلىققا كەلتۈردى. مەزكۇر قوش تىللىق ئىلمى شۇ تۇرقتا، باشتا قابىل پېشقەدەم ئالىملىرى، ئاياغدا ماھىر ياش ئىز باسار مۇتەخەسسىسلىرى بولغان زور ھاياتى كۈچكە ئىگە بىر ئىلىم سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىلىم سورۇنلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك روللارنى ئوينىماقتا. مەزكۇر قوش تىل ئىلمى ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئىلمي يوسۇندا شەرھىلەپ كېلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپىڭ پۈتكۈل مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقات ئەھۋالىنى ئەڭ قىسقا جۈملىلەر بىلەن يىغىنچاقلاپ، تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن چۈشىنىشىمىز مۈمكىن:

بىرىنچى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بويىچە تەتقىقات
بۇ ساھەدە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرى بولغان يەن شۈجۈن ئەپەندىم ۋە ماشۈلياڭ ئەپەندى قاتارلىقلارنى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپى نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ سەردارلىرى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن يىللار جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان بىر قاتار ئەسەرلىرى ئارقىلىق، مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى تەتقىقات يۈكسەكلىكىدە يورۇتۇپ بەرگەن. ئالايلۇق، يەن شۈجۈن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «جۇڭگو سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان» (ئوتتۇرا جۇڭگو سانائەت ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى 1985 – يىل نەشرى) ناملىق كىتابىدا، مەملىكىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل مۇرەككەپ تۈس ئالغان قوش تىللىق، ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ھادىسىسىنى سىستېمىلىق ھالدا تەھلىل قىلىپ، جۇڭگو سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە تەتقىقات ئۇسلۇبىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ كۆرسەتكەن، ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدە، يەنە مەملىكىتىمىز مىقياسىدا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، بۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىقىش، قوش تىللىق مائارىپ قانۇنىنى يولغا قويۇش، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تۈنجى بولۇپ يورۇتۇپ بەرگەن. ماشۈلياڭ ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ «قوش تىللىق بولۇش مەسىلىسىگە بولغان تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» («خەنزۇچە ئۆگىنىش» ژورنىلى 1981 – يىل 1 – سان)، «قوش تىللىق بولۇش ۋە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش» («مىللەتلەر تىل – يېزىقى» ژورنىلى 1986 – يىل 2 – سان)، «قوش تىل تەتقىقاتىدىكى قوش سۆزلەر مەسىلىسى» («مىللەتلەر مائارىپى» ژورنىلى 1988 – يىللىق 6 – سان)، «قوش تىل ھادىسىسى ۋە قوش تىل تەتقىقاتىدىكى بىر نەچچە مەسىلە» (بېيجىڭ تىل ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى 1988 – يىل نەشرى) قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىلمىي ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا «مىللەتلەر يېزىقى ۋە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ھەققىدە»، «قوش تىللىق بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى تىرىشىپ ياخشى قىلايلى» قاتارلىق مۇھىم نۇتۇقلىرىدا (بۇ نۇتۇقلار مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «ماشۈلياڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئەسەرلىرى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن) قوش تىللىق بولۇشنىڭ تەدبىرى، مەملىكىتىمىزدە قوش تىللىق بولۇش ئىجتىمائىي ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى قوش تىللىق بولۇش ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ھادىسىسى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر تىل – يېزىق سىياسىتى، قوش تىللىق بولۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى شەرھىلەپ، مەملىكىتىمىز قوش تىلچىلىق ئىلمىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلىغان. ئۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پروفېسسور گەي شىڭجژ ئەپەندى يازغان «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئاساسىي بىلىملىرى» قاتارلىق قوش تىللىق مائارىپقا ئائىت بىر قاتار ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، مەملىكىتىمىز قوش تىلچىلىق ئىلمىنىڭ كۈندىن كۈنگە پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا (قاراڭ: «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات»، 2 – توم 10-، 11 – بەتلەر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1999 – يىل نەشرى).

ئىككىنچى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى ھەققىدىكى تەتقىقات
جۇڭگودا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ نۆۋەتتىكى ماقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاداققى غايىسى زادى نېمە؟ بۇ مەسىلە جۇڭگودىكى پۈتكۈل ئازسانلىق مىللەتلەر، خۇسۇسەن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقى بار بولۇپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئالىملىرى بۇ ھەقتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات سەمەرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالايلۇق: «جۇڭگو مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى تارىخى» ۋە «مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» قاتارلىق خاس ئەسەرلىرى، شۇنداقلا ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات » ناملىق تۆت توملۇق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان مىللەتلەر مائارىپى نەزەرىيىچىسى ۋە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتچىسى، پروفېسسور، دوكتور ۋاڭ يۈەنشىن ئەپەندى مۇنداق يازىدۇ: «مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى بولسا ئاز سانلىق مىللەرلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان كۆز ئالدىدىكى نەق مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان تۈزۈمدۇر»، «قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىۋاتقان تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئۇسلۇبلىرى شەكىل، جەريان ۋە دەرس سائەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىق بولسىمۇ، ئاداققى غايە بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىرىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئوخشاش دەرىجىدە پىششىق بىلىدىغان قوش تىللىق خادىملارنى تەربىيىلەپ، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» (ۋاڭ يۈەنشىن: «جۇڭگو مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، 322 -، 323 – بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى.

ئۈچىنچى، ئاز سانلى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدىكى تەتقىقات

مەملىكىتىمىز ئالىملىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە دائىر چىقارغان قانۇن ۋە سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە قوش تىللىق مائارىپ» ۋە «مىللەتلەر، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ» قاتارلىق ۋەزىنلىك خاس ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان پروفېسسور، دوكتور تېڭ شىڭ ئەپەندىنىڭ باشچىلىغىدا، مائارىپ مىنىستىرلىكى فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەركىزىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يېزىلغان «20 – ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ – نەزەرىيە، سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت» ناملىق يىرىك خاس ئەسەردە «ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپىغا دائىر سىياسىي نەزەرىيىلەر ۋە سىياسەتلەر» دەپ مەخسۇس بىر باپ ئېچىلغان. مەزكۇر باپتا، جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپقا دائىر ئاساسىي نەزەرىيلەر نىسبەتەن تەپسىلى بايان بىلەن چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىللەتلەر تىل – يېزىقىغا دائىر چىقىرىلغان قانۇن، سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەر يىل تەرتىپى بويىچە تىزىلىپ، بىرمۇ بىر شەرھلەنگەن. شۇ باپنىڭ جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ فاڭجېن، ۋەزىپە ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختالغان قىسمىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «1991 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلاپ تارقىتىلغان دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ (ئازسانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا دوكلات) ىدا، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ رېئال ئەھۋالى ئوبيېكتىپ ھالدا تەھلىل قىلىنىش بىلەن بىر چاغدا، 1990 – يىللار جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق خزمىتىنىڭ فاڭجېنى، ۋەزىپىسى ۋە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق:
مەملىكىتىمىز مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:
1. يېڭى دەۋر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئاساسىي فاڭجېنى بولسا، ماركىسىزمنىڭ تىل – يېزىق باراۋەرلىكى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، ئالغا بېسىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئايرىم – ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىش، ئاكتىپ، ئېھتىياتچان ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ سوتسيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

2. يېڭى دەۋر مىللەتلەر تىل – يېزىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ماركىسىزملىق مىللەتلەر تىل – يېزىق نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە قائىدىلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۈچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش، مائارىپ ئېلىپ بېرىش، خەۋەرلىشىش، رادىئو ئاڭلىتىش، تېلېۋىزور ۋە قەدىمىي ئەسەرلەرنى رەتلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش قىلالايدىغان خادىملارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆزئارا تىل – يېزىق ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

3. مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ فاڭجېن ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تەدبىرلەر بولسا، ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئايرىم – ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرىنىڭ قوللىنىلىش ۋە يولغا قويۇلۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ياخشى ئىشلەش، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كەلگەن مىللەتلەر يېزىقلىرىغا نىسبەتەن ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، مىللىي تىل – يېزىقنىڭ شۇ مىللەت مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈۋاتقان رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشىغا ھەقىقىي رەۋىشتە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا مىللىي يېزىقنىڭ قائىدىلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈش…» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (قاراڭ: تېڭ شىڭ: «20 ـ ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ – نەزەرىيە، سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت»، 351 -، 352 ـ بەتلەر. بېيجىڭ مەللەتلەر نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى)

دېمەك، يۇقىرىدىكى نەقىللەردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، قوش تىللىق مائارىپ مەملىكىتىمىز مىقياسىدا، مەيلى نەزەرىيە ئاساسى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەقسەت، نىشانى جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى سىياسەت جەھەتتىكى قانۇنى كاپالىتى جەھەتتىن بولسۇن ئوموميۈزلۈك مۇكەممەل تەتقىقات ئاساسىغا ئىگە. ئەمدى بۇ تەتقىقاتلار ئەمەلىيەتتە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ دۆلىتىمىز ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئوموميۈزلۈك ساغلام تەرەققىياتقا ئىگە بولىشىنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان مول ئەھمىيەتلىك مۇھىم ئامىل ھىسابلىندۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ نەقىللەرنىڭ ھېچ بىرسىدە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ـ يىزىقلىرىنىڭ چەكلەش ۋە مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە بوغۇپ قويۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىما ـ ئىشارەت قىلىدىغان بىرەر جۈملىمۇ ئۇچرىمايدۇكى، بۇ ھال بىزنى مەزكۇر تەتقىقاتلارنىڭ روھىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ كۆرۈشىمىزگە ئۈندەيدۇ.

2 – قوش تىللىق مائارىپنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات ئەھۋالى

بۇ يەردىكى نۇقتىلىق تەتقىقات دېگىنىمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇئەييەن بىر مىللەتكىلا قارىتىپ ياكى ئايرىم بىر ئازسانلىق مىللەتنىڭلا ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئىلىپ قىلىنغان تەتقىقاتنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل تەتقىقات ھەرقانداق بىر ئازسانلىق مىللەتنىڭ ئۆز ئەزالىرىدىن بولغان ئالىملار تەرىپىدىن قىلىنىشىمۇ ياكى باشقا مىللەتتىن بولغان ئالىملار تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.

مەملىكىتىمىزدە قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقاتىنىڭ بۇ تۈرىمۇ خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز بۇ يەردە، مەخسۇس چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى تەتقىق قىلىنىپ يېزىلغان «چاۋشىيەن مىللىتىدە قوش تىللىقلىشىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى» دېگەن كىتاب ۋە ئۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق بۇ تېمىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز. بۇ كىتابنى مانجۇ مىللىتىدىن بولغان دوكتور گۈەن شىنچيۇ خانىم يازغان. گۈەن خانىم ئۆزىنىڭ بۇ بەش بابلىق خاس ئەسىرىدە، چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەللىك بەش ئازسانلىق مىللەت بولۇپ ياشاۋاتقان ھەرقايسى ئەل ئىنسانلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆرنەك بولغۇدەك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىققان. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە، چاۋشىيەن مىللىتىدىكى قوش تىللىقلىشىش ئەھۋالىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى مىغىزلىق بايان قىلغاندىن باشقا، «چاۋشىيەنچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىچكى ئامىللارغا نەزەر»، «چاۋشىيەنچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى شەكىللەندۈرگەن تاشقى ئامىللارغا نەزەر» دېگەن مەخسۇس ئىككى باپنى ئېچىپ، ئازسانلىق ئورنىدىكى بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەم ئۆز ئانا تىلىنى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق پىكىر – ئالاقە قورالى بولغان باشقا بىر تىلنى ئوخشاشلا پىششىق دەرىجىدە ئىگىلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىچكى – تاشقى ئامىللار ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى ئاجايىپ تەسىرلىك ۋە قايىل قىلارلىق تەسۋىرلەپ كۆرسەتكەن.

دوكتۇر گۈەن شىنچيۇ خانىمنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن مىللىتىنى مەملىكىتىمىزدىكى تىل – يېزىقى بار مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك قوش تىللىقلاشقان مىللەت قىلىپ چىقىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئىچكى ئامىل مۇنداق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، چاۋشىيەن مىللىتىگىلا خاس بولغان كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى، ئىككىنچى چاۋشىيەن مىللىتىگىلا خاس بولغان ئەپ بىلەن ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ئېڭى، ئۈچىنچى خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان قايىللىق، ئەمما كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ساھىپ بولغان قوش تىللىقلىشىش ئىدىيىسى، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ ۋە تىرىشچان تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى، ئەمدى چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان تاشقى ئامىللار بولسا، بىرىنچى، چاۋشىيەن تىل – يېزىقى بويىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇدىغان قانۇن – تۈزۈم تۇرغۇزۇش، ئىككىنچى، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئاستىدىكى ئاساسىي مائارىپنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ئۈچىنچى، قوش تىللىق مائارىپ بىلەن ئالاقىدار بولغان سەرەمجانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش، تۆتىنچى، ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان يېڭى شەيئىلەر ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش. (قاراڭ: شۇ ناملىق ئەسەر 51 -، 55 -، 74 ـ، 90 ـ، 115 -، 141 -، 155 -، 182 – بەتلەر).

بىز بۇ يەردە دوكتۇر گۈەن شىنچيۇ خانىم يازغان «چاۋشىيەن مىللىتىدە قوش تىللىقلىشىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى» ناملىق كىتابنىڭ مۇناسىۋەتلىك باپ ۋە مەزمۇن ھالقىلىرىنىڭ ماۋزۇلىرىنىلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇق. ئۈمىد شۇكى، ئۇيغۇر قوش تىللىق مائارىپى ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق بىلىم ئەھلىلىرى مەزكۇر كىتابنى ئەستايىدىللىق بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ بىر ئوقۇپ چىقساق، كىتابتا بايان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك جەريان ۋە ئەھۋاللارنى ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد ھالىتىمىز ۋە تۇرقىمىزغا تەدبىق قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئەگەر پەرق تاپساق، ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىزنى بايقىساق ھېچ ئىككىلەنمەي، بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇ ئىلغار ئاز سانلىق مىللەتتىن ئۆگەنسەك.

3 ـ ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتى ۋە بىزگە تالىق تەتقىقاتلار

قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە ئۆزىمىز ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار، شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەرگە مەنسۇپ باشقا ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى توغرىسىدا خالىسانە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بابىدا ئۆز ئىمكانىمچە ئىزدەندىم. پروفېسسور، دوكتور ۋاڭ يۈەنشىن ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات» ناملىق تۆت توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ چىقتىم. تاپالىغىنىمچە، مۇناسىۋەتلىك گېزىت – ژورناللار ۋە كىتابلارنى تېپىپ، مۇتالىئە قىلدىم. بۇ يەردە، ئاشۇ ئوقۇپ كۆرگەنلىرىم ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە دەپ قارىغان ئۈچ ئەسەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆز مۇلاھىزەمنى قىسقىچە قويۇپ ئۆتىمەن:

بىرىنچى، شىنجاڭ كەسپلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن گاۋ خۇيچېڭ ئەپەندى يازغان «شىنجاڭدا قوش تىللىقلىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى ۋە رولى ھەققىدە يۈزەكى تەھلىل» ناملىق ئەسەر، تۆت باپ ۋە ئالتە پاراگرافتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەسەر «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات» ئاتلىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنىڭ ئۈچىنچى تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى، ئولتۇراقلىشىشى ۋە تىل قوللىنىش ئەھۋاللىرى»، «شىنجاڭدا قوش تىللىقلىشىش ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى»، «قوش تىللىق مائارىپ ۋە قوش تىللىقلاشقان خادىملارنى تەربىيىلەشنىڭ ئاساسلىق يولى» دېگەن ماۋزۇلار بويىچە مېغىزلىق بايان بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىش مەسىلىسى نىسبەتەن توغرا قاراش بىلەن لىللا مەيداندا تۇرۇپ شەرھلەنگەن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئەسەرنىڭ «دۆلەتنىڭ تىل – يېزىق سىياسىتى قوش تىللىقلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ» دېگەن پاراگرافىدا، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىشنىڭ مەملىكەتنىڭ باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى قوش تىللىقلىشىشقا ئوخشاشلا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت – مائارىپى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئوخشاش قىممەتتە ئاقىدىغان دۆلەتلىك قانۇنلار، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ بەلگىلىمىلىرى» قاتارلىق يەرلىك ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەخسۇس بەلگىلىمىلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، يەنە داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قوش تىللىق مائارىپ ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنە ھەقلىق رەۋىشتىكى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىغانلىقى قانۇن ئاساسىي بىلەن ئىلمىي ھالدا شەرھلەپ كۆرسىتىلگەن.

مېنىڭچە گاۋ خۇيچېڭ ئەپەندىنىڭ قوش تىللىقلىشىش ۋە قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسىگە نەسبەتەن چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى ئىلىي، سەمىمىي ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، ھالبۇكى ئىلىم ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تونۇشتا بولسا، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىش، شۇنداقلا قوش تىللىقلىشىشنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماي، ساغلام يول بىلەن راۋاجلىنالايدۇ.

ئىككىنچى، قېرىندىشىمىز نۇسرەت تۇردى يازغان «قوش تىللىقلىشىش ۋە ئانا تىلىمىز» دېگەن ماقالە، بۇ ماقالە مۇبارەك ژۇرنال «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ 2000 – يىل 4 – 5 (قوشما) سانىنىڭ 103 – بېتىگە ئېچىلغان «تىل ۋە تەرەققىيات» دېگەن سەھىپىسىگە بېرىلگەن. ئاپتور نۇسرەت تۇردى جاھان قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ سەردارلىرىدىن بولغان چىنگىز ئايتماتوفنىڭ «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئەمما ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن مەشھۇر ئۈزۈندىسىنى ئۆز ماقالىسىگە سەھىپە بېشى قىلىش ئارقىلىق، مۇھاكىمىگە قويۇلغان قوش تىللىقلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەرەپلىك، ئەمما نازۇك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇقتۇرغان. ئومۇمىي مەزمۇن ئورامىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇ ماقالە قوش تىللىقلىشىشنىڭ نېمىلىكىنى، قوش تىللىق بولۇشتا ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانداق ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە مەركىزى قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئانا تىلىمىزنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان ھالدا، قوش تىللىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋر تەلەپ قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشايلى» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانلىقى بىلەن مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتورنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان، «قوش تىللىقلىشىش» بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىگە جىددى نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئاكتىپ ئىزدەنگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا، مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ ئەمەلىي رىقابەتتە نۇسرەت بىلەن روناق تېپىشى ئۈچۈن باش قاتۇرغان ياخشى ئەسەر، دەپ باھالىدىم.

ئەمما، ماقىلىنى تەكرار ئوقۇغىنىمدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا ئاستا – ئاستا ئاساسىي مەدەنىيەت بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن جانلىنالماسلىقى، تەرەققىيار سەۋىيىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ تۇرۇشى …» دېگەن ئىككىنچى ئابزاسنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ پاسسىپ قاراشلىق بىھۇدە ۋايساش بولغانلىقى سېزىلىپ كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدۇ.

مەلۇمكى، بۈگۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر قېرىنداش مىللەت، ھالبۇكى ئون مىليۇنغا يېقىن نوپۇسلۇق بىر قېرىنداش مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسلۇق خەنزۇلار ئاساسىي گەۋدە بولغان جۇڭگونىڭ ئاساسلىق مەدەنىيىتى بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەبەدىلئەبەد ئاساسىي مەدەنىيەت بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەرقانچە ئالتۇن مەدەنىيەت بوپكەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش ماتېريالى بولۇدىغان قوشۇمچە نەرسىدىنلا ئىبارەت، خالاس. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۈگۈن ئاساسىي مەدەنىيەت بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ قالمىدى ۋە مەڭگۈ چۈشۈپ قالمايدۇ!

«ئۇيغۇر تىلىمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى» دەپ بەتدۇئا ئاۋلىيالىق قىلىشنىڭ ئاساسىي زادى نېمىدۇر؟! بىزنىڭچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىلا بولۇدىكەن، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەنمەيدۇ، بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سىز – بىز ئۆزىمىزنى «مەن ئۇيغۇرمەن» دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلاپ يۈرگەنىكەنمىز، تىرىكلا بولساق ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەندۇرمەيمىز: بىزچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دېمەك ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداش دېمەكتۇر، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەۋجۇدلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەققىمىزدۇركى، بۇ ھەققىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، گېزى كەلسە ھېچ ئىككىلەنەنمەي جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز!

«ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن جانلىنالماسلىقى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ تۇرۇشى» دېگەندە نېمە كۆزدە تۇتۇلغانكىن؟ ئەگەر جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەللىك ئۈچ يىل نەزەردە تۇتۇلغان بولسا، قاراپ باق: تۇردى ئاكا قاتارلىق بىر قانچە پىشقەدەمنىڭ ئېغىزىدىلا قېپقالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دەسلەپ سىمغا ئېلىندى، ئاندىن نوتىلاشتۇرۇلدى، ئاندىن ئۇنىڭ دۇردانە تېكىستلىرى توم تومى بىلەن نەشر قىلىندى، ئاندىن تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېلىندى. ئەدەبىيات گۈلزارى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتچىلىكتىن ھېكايىچىلىققا، ھېكايىچىلىقتىن پوۋېستچىلىققا، پوۋېستچىلىقتىن رومانچىلىققا بالداقمۇ – بالداق ئۆرلەپ، خېلىلا مەزمۇت ۋە يامان ئەمەس سۈرئەتلىك قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ھەرىكەتلىك سەنئەت بولسا، باشتىكى لەپەر ئېيتىشىش ۋە سەھنە ئەسىرى ئويناشتىن، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان زامانىۋى دىراممىلارنى ئويناشقا، ئۇنىڭدىن تېلېۋىزىيە، كىنولىشىشقا تەرەققىي قىلدى. ئەسلىدىكى مەھەللىۋى نەۋرۇز قۇتلاشلىرى ۋە مەشرەپ چايلىرى بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ھەتتا پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا چاغدا كۆرسىتىلىپ، خەلقىئالەمگە ھوزۇرلىنىش بېرەلەيدىغان كۆلەم ۋە سەۋىيىنى ياراتتى، تەرەققىيات ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىن ھالقىپ، سانائەت، تېبابەت ۋە تېجارەت، ساھەلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئالغا باسقان، ئىلغار گەۋدىسىنى كۆرسەتمەكتە، ئالايلۇق، «ئارمان» باش بولۇپ يول ئاچقان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك سانائىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ «ئامىنە» تەييار چۆپلىرى، «ئابلاجان» نانلىرى ۋە «ئىدرىس» قايماقلىرى بىلەن رىقابەت بەيگىسىدە زەپەر بويىنى كۆرسەتسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر شىپاخانىسى زەربىدارلىقىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئۆزىنىڭ دورىگەرلىك، داۋالاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھەممە تارماقلىرى بويىچە ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، خۇددى «موڭغۇل تېبابىتى» ۋە زاڭزۇ تېبابىتى» دېگەنگە ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا تېبابىتى سورۇنىدىكى ئورنىنى «ئۇيغۇر تېبابىتى» دېگەن ئالتۇن نام بىلەن يازدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا. ئۇيغۇر تىجارىتىمۇ، بۇرۇنقى يەككە تىجارەت ۋە كىچىك يايمىچىلىق، چەرچەنچىلىكتىن»، «ئىزچىلار» سودا چەكلىك شىركىتى، « ئىسمايىل» ئۈزۈم پادىشاھى چەكلىك شىركىتى، دېگەندەك شىركەتلىشىشكە، تەنھا شىركەتلىشىشتىن، شىركەتلەر گورۇھى گەۋدىسى ھاسىل قىلىشقا، تەرەققىي قىلىپ، ئىشسىز ۋە ئاشسىز قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىنى ئۆزلىرى سىيلىيالىغۇدەك كۆلەم ۋە دەرەم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن چېلىشماقتا ۋە ئېلىشماقتا… مانا بۇلار ئۇيغۇر تىل – يېزىقى يادرولۇقىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرىدا مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋائىي كەبىي ئەجدادلارنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان باش ئەگمەس، بوي بەرمەس ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بوشاشماستىن كۆرۈش قىلىشى ئارقىسىدا، تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەرئامال بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئايانچلىق مىساللىرى، خالاس. دېمەكچىمەنكى، تەتقىقات رېئاللىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشى، «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ئەمەلىيەتنى لىللا ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى لازىم، ئەلۋەتتە. ئۈچىنچى، ۋاڭ جېنبېن ۋە ئابلا ئەمەت يولداشلار يازغان «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2000 – يىل نەشرى) ناملىق خەنزۇچە خاس ئەسەر، بۇ ئەسەر مەزكۇر تېمىدىكى تۇنجى خاس ئە سەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ، مۇبارەك بولسۇن! شۇنداقلا، ئەسەرنىڭ بىرىنچىسى بابىدا بېرىلگەن «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىل – يېزىق ئەھۋالى»، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇچە ئوقۇ -ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە» قاتارلىق پاراگرافلاردا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە قارىتىپ چىقارغان قانۇن، سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرى ھۆججەتلىك مول نەقىللەر بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار تولىمۇ مۇھىم بولغان ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

«بىراق، «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنىڭ تارىخىدىن ئەسلىمە»، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ رايوندا ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇلاھىزىلەر»، «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە چارە –تەدبىرلەر»، «خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە رولى ۋە ئەقلىي تەربىيە رولى»، «خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوبيېكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك»، «تىل ئىقتىدارىغا تالىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش»، «خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ جەريانىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە»، «سىناق ئېلىش»، «خەنزۇچە دەرسلىك ماتېريالىنىڭ يېزىلىشى»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيلىنىشى ۋە تەتقىقات خىزمىتى »، «چەت ئەل تىلى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى ئېقىملارھەققىدە ئومۇمىي بايان» بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى باپتىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» ناملىق بۇ كىتابتا، ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئەمەس، بەلكى يەك تىللىق ئوقۇ -ئوقۇتۇش، يەنى خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشلا سۆزلەنگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر كىتاب شىنجاڭدىكى خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇ – ئوقۇتۇشىنى ۋە تەتقىقاتنىلا بايان قىلغان. شۇڭا، بۇ كىتابنىڭ قايتا نەشرىدە كىتاپ ئىسمىنى «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» قىلىپ ئۆزگەرتكەن تۈزۈك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، كىتابنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق، يەنى كىتاب ماۋزۇسى بىلەن ئىچىدىكى بايان قىلىنغان مەزمۇن مۇۋاپىق بولىدۇكى، بۇنى خەنزۇچىدا،(نامى يوللۇق بولغاندىلا، گەپ ئاقىدۇ) دەيدۇ!

بۇ يەردە، كۆڭۈل بېرىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىمىزگە ۋە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، شىنجاڭدا ئۇزۇن يىللار تىل -يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرىمىز يازغان نوپۇزلۇق خاس ئەسەردە، «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش» ئەمەلىيەتتىكى «خەنزۇ تىلى ئوقۇ -ئوقۇتۇشى» دەپ قارالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە ئاپتورلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە ئالىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە، «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش» ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە «خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش» ۋە «خەنزۇ تىلى مائارىپى» دېگەن بولىدىكەن. ئەمدى، بۇ چۈشەنچە بىلەن «جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ئاساسلىقى خەنزۇ تىلى (جۇڭگو مىللەتلەر ئاراتىلى) بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپتۇر» (قاراڭ: «20 – ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ»، 337 ـ بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى)، «قوش تىللىق مائارىپ جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يولغا قويۇلغان ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپتۇر» (قاراڭ: يۇقىرىدىكى ئەسەر 342 – بەت) دېگەن چۈشەنچىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئوتتۇرىدىكى پەرق نېمەدېگەن زور – ھە؟! دېمەكچىمەنكى، مانا بۇنىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ياكى قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى تەتقىقاتنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقاتلاردىنمۇ، نۇقتىلىق تەتقىقاتلاردىنمۇ نەقەدەر تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بىز جەزمەن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزىتىپ، تەتقىقات سەۋىيىمىزنى مەملىكىتىمىزدىكى ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات ۋە نۇقتىلىق تەتقىقات سەۋىيىسىگە چوقۇم يەتكۈزىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىقبال تامان گۈلدەك ئېچىلىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى پاكىتلىق بايانلار سېلىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ۋە ئۆگىنىشلەردىن يەكۈن چىقىرىپ ئېيتالايمىزكى، قوش تىللىق مائارىپ ياكى قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش دېگىنىمىز ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوخشاش قىممەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خەنزۇ تىلى بىلەنمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئازسانلىق مىللەتلەر زىيالىيلىرىنى «ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوخشاشلا ماھىر» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئېبارەت. ھالبۇكى، قوش تىللىق مائارىپتا، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرى بويىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتا تەڭ قىممەتتە ئوخشاش ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، قوش تىللىق مائارىپ پەقەت ئازسانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىش بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقلىرى ھەرقانداق باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن چەكلەنسە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان خاتا ئىش بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ، سەمىمىيەت بىلەن ئېيتىمىزكى، بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئالىي مەكتەپ، ئىنىستىتۇت ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا، پەۋقۇلئاددە كەسپلەردىن باشقا بارلىق كەسپلەردە خەنزۇ تىلى بىلەن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن پىكىر بويىچە يولغا قويۇلغان ئەمەلىيەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن «ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئېنىق ھالدا خىلاپلىق قىلىنغان خاتا تەدبىردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىمكان بار بالدۇرراق تۈزىتىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۆتۈنۈپ سورايمىز. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىل -يېزىقى ئالىي مائارىپتا قوللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە ئۇ مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىندى دېگەنلىك بولىدۇ. پاكىت شۇكى، بۈگۈنكى دۇنيادا ھەقىقىي تەرەققىيات پەقەت ئالىي مائارىپ ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ يادرولۇقىدا شەكىللەنگەن ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى، تىجارىتى، سانائىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتى … قاتارلىق كۆپ شاخچىلار بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاشلا ئالىي مائارىپ سورۇنىدا ئۆز تىل – يېزىقىمىز بىلەنمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي يوسۇندىكى تەرەققىي قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشنى جانۇ كۆڭۈلدىن خالايمىز.

يەنە شۇنداق قارايمىزكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنى مائارىپ سورۇنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا تەدبىرنى يولغا قويۇشنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئەمەس، بەلكى بىز زىيالىيلار، خۇسۇسەن، بىز تىل – يېزىق خىزمىتى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زىيالىيلار بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئەگەر بىز تىل – يېزىق خادىملىرى تەتقىقاتنى ياخشى قىلىپ، مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمىلىيەتتە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، خەنزۇ تىلى مائارىپىنىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەر زىيالىيلىرىنى ھم ئۆز ئانا تىلىنى ھەم خەنزۇ تىلىنى ئوخشاشلا سۇدەك بىلىدىغان ۋە ماھارەت بىلەن قوللىنالايدىغان قوش تىل ئەھلى (زۇل – لىسانەين) قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئاقىلانە ياخشى مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىتى بىلەن، دەسلەپ ئۆزىمىز ياخشى چۈشىنىپ، ئاندىن ئۇنى باشلىقلىرىمىزغىمۇ ئوبدان چۈشەندۈرەلىگەن بولساق، بەلكىم رەھبەرلىرىمىز ئۇنداق خاتا پەرمان چۈشۈرۈپ تاشلىمىغان بولاتتى ۋە بىزمۇ بۈگۈنكى بۇ بەجايىكى ئانا تىلنىڭ چەكلىنىشىدەك راھەتسىز ۋە ئەندىشىلىك ئېغىر ۋەزىيەتكە قالمىغان بولاتتۇق.

خەيرىيەت! «قوتاندىن بىر قوي قاچقاندىن كېيىن تۈزەتسەڭمۇ كېچىككەن بولمايسەن» دەيدۇ ئۇيغۇر بوۋايلار، ھېلىھەم بولسىمۇ دەرھال ئۆزىمىزگە كېلىپ ھېلىقىدەك بىھۇدە، تاپا – تەنىلىك ۋايساشلارنى قويۇپ، تەتقىقاتنى ۋىجدانەن ياخشى ئېلىپ بارساق، يەنى قانۇن – سىياسەتلەرنى خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمان ئارزۇسىنىمۇ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئاتىغان قەتئىي ئىرادىسىنىمۇ ياخشى تەتقىق قىلساق، تەتقىقات بىلەن ئەمەليەتنى چەمبەرچەس بىرلەشتۈرۈپ، رىقابەت ئىچىدە دولقۇن يېرىپ ئالغا ئېلگىرلىسەك، بۇ ھالدا، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئالىي مائارىپ مۇنبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل مەدەنىيەت سورۇنىدىكى ھەقلىق ئورنىنى جەزمەن قوغداپ قالالايمىز ۋە ئۇنى ھەقلىق رەۋىشتىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا يۈزلەندۈرەلەيمىز.

بىز ئۇيغۇرلار كومپارتىيىنىڭ ئادالىتىدىن ھېچقاچان شەكلەنگەن ئەمەسمىز. ئەللىك ئۈچ يللىق شانلىق مۇساپىلىك يولدا، گاھى – گاھى يولغا قويۇلۇپ قالغان خاتا سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى كومپارتىيىنىڭ ھەمىشە ۋاقتى – ۋاقتىدا تۈزىتىپ كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن يولغا قويۇلۇپ قالغان مەزكۇر ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدا ئىشلىتىشتىن قالدۇرۇشتەك تەدبىرنىمۇ جەزمەن ۋاقتىدا تۈزىتىپ بېرىدۇ، دەپ يۈزدە يۈز ئىشىنىمىز!

خاتىمە

دەرۋەقە، بىزدە قانۇندىن تولاراق سىياسەت بويىچە ئىش بېجىرىلىدۇ. يەرلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ھۆججەت قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بىر قارارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قانۇن ماددىلىرىغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش گوياكى پۇقرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەستەك كۆرۈلىدۇ ۋە كۆرسىتىلىدۇ.

بىراق باش شۇجى جياڭ زېمىن يېقىندا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن خەزىنىسى» دېگەن كىتابقا يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» دېگەن ستراتىگىيىلىك ئىدىيىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. داھىمىزنىڭ بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ تەلىماتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بولغاچقا بۇ ئەسەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ ئوچۇق مۇھاكىمىسىگە قويۇشقا جۈرئەت قىلدۇق .

ئەگەر دېگەنلىرىمىز توغرا بولسا، ئاۋاز قوشۇشقا مۇشەررەپ بولساق، ناۋادە خاتا دەپ تاشلىغان بولساق تەنقىدكە مۇيەسسەر بولساق. بۇ ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئەل خۇمار قولىمىز خەلق سۆيەر كۆكسىمىزدە. مانا بۇ بىزنىڭكى كۆڭۈلدىكى سۆزىمىز. تەبئىيكى، بۇنىڭغا جاۋابكار ۋىجدانىمىز، ئۆزىمىز.

2002 ـ يىل 5 – نويابىر شەھىرى بېيجىڭ

ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا

مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2002 – يىللىق 6 – سان

تورغا يوللىغۇچى ؛ ئەلتۈرك