شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيى

پولات ئاماننۇرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيى، – شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ قويۇق يەرلىك، مىللىي تۈسكە ئىگە ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توپ−لاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى نىشانلىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇزېيدا شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئائىت 3000 خىلدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ۋە ئارخىئولوگىيىلىك بۇيۇملار توپلانغان. بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئارخىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 2000- يىل 5- ئاينىڭ 19- كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكور مۇزېي رەسمىي قۇرۇلدى. مۇزېي ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 50 مىڭدىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت رەھبەرلىرى، مىنىستىرلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مۇھىم ئەربابلار، ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، تۈركىيە، كورىيە، مالايسىيا، پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دوست، ئەربابلار ۋە ئالىملار بار.

ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە بۇ مۇزېي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەد كۆتۈردى. 1997- يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئازات سۇلتاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تۇرسۇنمۇھەممەت ساۋۇت، ئىلھام ئابدۇكېرىم مۇئەللىملەر ئەدەبىيات 1993- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇرپان رايونىغا تۇنجى قېتىم ماددىي فولكلور توپلاشقا ئېلىپ باردى. قۇتلۇق ئىشنى باشلاپ بەرگەن بۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار خەلقنىڭ يېقىندىن ھەمدەم بولۇش نەتىجىسىدە 200 دىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇمنى توپلىدى. 1997- يىل 10- ئايدا تۇرپان ۋىلايىتىدىن توپلانغان 200 پارچىدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم تۇنجى قېتىم ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئەسلىدىكى بىناسىنىڭ 1- قەۋەت جەنۇب تەرىپىدىكى بىر سىنىپتا كۆرگەزمە قىلىندى. ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئازات سۇلتان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىبراھىم خالىق، ئىلمىي باشقارما، پەن تەتقىقات باشقارمىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرىنى باشلاپ، بۇ ماددىي بۇيۇملارنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، بۇ تۇنجى پراكتىكىنىڭ نەتىجىسىنى خۇشاللىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇ يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى فولكلور مۇزېي قۇرۇشقا قوشۇلدى. 1998- يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنمۇھەممەد ساۋۇت ۋە ئەشرەپ ئابدۇللانىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئەدەبىيات 1994- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، كېرىيە، پوسكام قاتارلىق جايلاردا 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، 800 دىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇمنى يىغىپ كەلدى. 1998- يىلى ئابدۇكېرىم راخمان، ئازات سۇلتان، ئەسئەت سۇلايمان، شەۋكەت قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم شەھەر ناھىيىلىرىدىن ماددىي بۇيۇملار سېتىۋېلىنىپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا توپلانغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم 1998- يىل 5- ئايدا دەسلەپكى قەدەمدە دېھقانچىلىق سايمانلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، چالغۇ ئەسۋابلار قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئەسلىدىكى بىناسى 2- قەۋەت 203- سىنىپتا كۆرگەزمە قىلىندى.

ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن ئىبراھىم خالىق، باۋدۇڭچۈەن، ئىلمىي باشقارما، پەن تەتقىقات باشقارمىسى، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ھەر قايسى بۆلۈملەردىن بولۇپ، ئوندىن ئارتۇق رەھبەر بۇ ماددىي بۇيۇملارنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور مۇزېيىغا ئۇل سېلىنغانلىقىنى، فولكلور مۇزېيى قۇرۇلۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن مۇزېي قۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلدى. 1999- يىلى ئەدەبىيات 1995- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوسمان ئۆمەر، تۇرسۇن قۇربانلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتىدە ماددىي فولكلور بۇيۇملىرىنى توپلاش پراكتىكىسى قىلىپ 1000 پارچىغا يېقىن ماددىي بۇيۇمنى يىغدى. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمىدى. ئابدۇكېرىم راخمان، ئازات سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، تۇرسۇنمۇھەممەت ساۋۇت، ئوسمان ئىسمائىل، ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ جاپالىق ئىشلىدى. تەتىل ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە يىل ئىچىدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى 30 دىن ئارتۇق شەھەر ۋە ناھىيىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم قىممەتلىك ماددىي بۇيۇملارنى توپلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىللاردا، خۇددى ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش تۆۋەنگە چۈشۈپ ماددىي بۇيۇملارنى يىغىش ئىشى داۋاملاشتۇرۇلدى.

2002- يىلى غەيرەتجان ئوسمان، مەرھۇم مۇھەممەت ئەيسالارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئەدەبىيات 1996- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئونسۇ ناھىيىسىدە فولكلور پراكتىكىسى ئېلىپ بېرىپ 500 پارچىدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇمنى توپلىدى. 2003- يىلى ئەدەبىيات 1999- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي پەن 2000- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرسۇنمۇھەممەت ساۋۇت، ئوسمان ئىسمائىل قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ، قارىقاش، خوتەن ناھىيىلىرىدە فولكلور پراكتىكىسى ئېلىپ بېرىپ، تەخمىنەن 300 پارچىغا يېقىن ماددىي بۇيۇم توپلىدى. 2003- يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەقتىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتاي، ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى ھەر خىل قوليازمىلار ۋە كونا باسما كىتابلاردىن 230 پارچە كىتاب مۇزېيغا كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى ساقلانغان 70 پارچە كىتاب بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ كاتالوگى ئىشلەندى. 2004- يىلى ئىجتىمائىي پەن 2000- يىللىق سىنىپى بىلەن 2001- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرسۇنمۇھەممەت ساۋۇت، گۈلجامال مەمتىمىن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاۋات ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىلىرىدە فولكلور ئىلمى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ 100 پارچىدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم توپلىدى. شۇنداقلا 2000 غا يېقىن ئائىلىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ كۆپلىگەن يازما ماتېرىياللارغا ئىگە بولدى. 2005- يىلى ئىجتىمائىي پەن 2001- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى فولكلور مۇزېيىدا 20 كۈن پراكتىكا قىلىپ، مۇزېيدىكى بارلىق بۇيۇملارنى قايتىدىن رەتلەپ ئارخىپلاشتۇردى. مەزكۇر مۇزېينىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ تىپىك نەقىش تۈرلىرى گەۋدىلەنگەن. مۇزېيدىكى ماتېرىياللار يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، ئائىلە تۇرمۇش سايمانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى، ئارخىئولوگىيىلىك بۇيۇم، قەدىمىي قوليازما قاتارلىق سەككىز تۈر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇزېيغا يەنە شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ ھەر خىل كىيىم – كېچەكلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇ كىيىملەرنىڭ سانى 200 دىن ئاشىدۇ. يىل دەۋرى جەھەتتىن ئېيتقاندا، يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان 500- 600 يىللىق تارىخقا ئىگە كىيىملەر، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى سەھنە كىيىملىرىنىڭ مودېللىرى بار. 100-200 يىللىق تارىخقا ئىگە كىيىملەرنىڭ سانى 30 قۇردىن ئارتۇق مۇزېيدا يەنە 40 خىلدىن ئارتۇق چالغۇ ئەسۋاب ۋە چالغۇ ئەسۋابنىڭ نۇسخىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە دولان راۋابى، دولان غىجىكى قاتارلىقلار 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا، قۇمۇل غىجىكى، تەمبۇر قاتارلىقلار 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ۋەسقىلەر 300 دىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە تارىخىي كىتابلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ كىتابلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە تېبابەت، دىن، سەنئەت، سىياسىي، ئىقتىساد، تىل، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. كۆپىنچىسى قوليازما نۇسخىلاردۇر. بۇ مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مۇزېيلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار شىنجاڭدا كەم تېپىلىدۇ.، مۇزېيدا يەنە قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە كېيىنكى ئىجتىمائىيلاشقان دىنىي ئېتىقادلارغا ئالاقىدار بولغان ياتاداش، تۇمار، جەينىماز، تەسۋى، ياغاچ بۇت قاتارلىق بۇيۇملارمۇ ساقلانغان. مۇزېيدىكى ئاساسلىق ماددىي بۇيۇملارنى كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنىگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا تەييارلانغان رەسىملىك كىتاب «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيى» 2005- يىل 5- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. مۇزېينىڭ ھازىرقى ئورنى ئىجتىمائىي پەنلەر بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىدە بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ بىۋاسىتە غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن 210 كۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە زالى، 40 كۋادرات مېتىرلىق فىلىم قويۇش ئۆيى ھەمدە بىر ماتېرىيال بۆلۈمىگە ئىگە يۈرۈشلەشكەن فولكلور مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر فولكلور مۇزېيى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «211»قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى. ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئابدۇكېرىم راخمان، ئازات سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، تۇرسۇنمۇھەممەت ساۋۇت، راھىلە داۋۇت ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كافىدراسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى، ئەڭ مۇھىمى خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. مۇزېي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆھرىتىنى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرۇۋالغان، مەكتىپىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي ئۆرپ – ئادەت تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بازا. فىلولوگىيە ئىنستىتىتۇنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىدىكى خەزىنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدەك ئالىي بىلىم يۇرتىدا مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، ۋاقىتنىڭ ئۇتۈشى بىلەن يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قۇتقۇزۇپ، كىشىلەردە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئويغىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ۋە ئۇلارغا ئەمەلىي دەرس مەيدانى ھازىرلاپ بېرىشتە مۇھىم رولغا ئىگە. يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ھەر ساھەگە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشتىمۇ مەزكۇر مۇزېي سەل قارىغىلى بولمايدىغان بازار ھېسابلىنىدۇ.