‹‹جوڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10مۇنەۋەر ياش››نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە «كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى»نى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن، پروگرامما لايىھىلەشتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1993-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا كىرگەن ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا، UDOS ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ تىللىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يىتىلدۈرۈپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشتا مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى پۇختا يىتىلدۈرگەن. 1995-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى 9-فاكولتېتى)غا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى 6-ئايدا، ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا، شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتى-ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرغان.

بىرىنچى: «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»

1998-يىلى 10-ئايدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە TrueType خەت نۇسخىسىنى ياساپ، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ(ALKATIP)»نى بازارغا سالغان. ئۇ Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ بولۇپ، شىنجاڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، كەڭ ئومۇملاشقان. شىنجاڭ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ماركىسى»نى ياراتقان.

ئىككىنچى: «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005»(خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»(ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»(ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قارارى» ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. رايۇنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مۇشۇنداق غايەت زور يوشۇرۇن بازاردا، ئەپچىل، تولۇق ۋە مەزمۇنى يېڭى لۇغەت يۇمشاق دېتالى ئىشلەش دەۋرنىڭ جىددىي تەققەزاسىغا ئايلاندى.

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»دە خەنزۇ تىلى خەت لۇغىتى، سۆزلۈك لۇغىتى ۋە تۇراقلىق ئىبارە لۇغىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشتۈرۈگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار تولۇق، تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر 26 نەپەر خادىمنىڭ (2001-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 4-ئايغىچە) تۆت يىللىق ئەجىر-مېھنەت تەرىگە پۈتۈپ چىققان ئۇنىۋېرسال لۇغەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

ئۈچىنچى: «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كەسپىي كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى. ئۇ ئاخبارات-نەشرىيات ۋە ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ساھەسىدە قوللىنىشقا ئېرىشىپ، ماقالىنىڭ ئىملا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، ھەمدە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بىر ماقالىگە ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلغاندا 4-5 قېتىم كۆرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ كۆپ، چىقىممۇ يۇقىرى بولغاندىن سىرت يەنە خاتالىقتىن ساقلانماق قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن چەكلىمىگە ئىگە. يۇقىرى ئۈنۈمدىكى ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىش، ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلغاندىكى چەكلىمىلەرنى تولۇق ھەل قىلىپ، خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ۋاقىت ۋە زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى تېجەپ بېرىدۇ.

مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى، ش ئۇ ئا ر يۇقىرى سوت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى رايونلۇق سوت، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ساقچىخانا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، بىر قىسىم نەشرىيات ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ،…قاتارلىقلار «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەكتە.

تۆتىنچى: باشقا نەتىجىلەر

1. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

ئالىم ئەھەت شىركەت قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈلۈكىنى، بۇ جەھەت چوقۇم بىر ژۇرنال بولۇشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى تۇنجى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ژۇرنىلى-«كومپيۇتېر دۇنياسى» نەشىردىن چىقتى. 2002-يىلى 10-ئايدا، دۆلەت ئاخبارات باش مەھكىمىسى تەرىپىدىن نامى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» قا ئۆزگەرتىلىپ، «دۆلەت ئىچىدە ئاشكارە بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان ژۇرنال» قىلىپ تەستىقلاندى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن داۋاملىق چىقىرىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ تىراژى 15 مىڭغا يەتتى.

2. لوندوندا ئىلمىي زىيارەت

2001-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Michael C Boulter (مايكېل.س.بولتېر) ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوندۇنغا بېرىپ، شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ ئايلىق ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشتى. پروفېسسور Michael يازغان 《Extinction, Evolution and the End of Man》ناملىق كىتابتا ئالىم ئەھەتنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

3. «ھەمكارلىق 2007» يىغىنى

ئۈرۈمچى قارلۇق شىركىتى، ئۇيغۇر ئىجادىيەت تورى، ئامېرىكا ئالما (جۇڭگو) شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت (ھەمكارلىق 2007) يىغىنىنى پىلانلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئىلمىي دوكىلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئېچىش تېخنىكسى ۋە بازار ئىستىقبالى» ھەققىدە دوكلات بېرىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

4. ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتا قىلىنغان كارخانا

دۆلەت «10-بەش يىللىق پىلان» ۋە «10-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتا قىلىنغان كارخانا شەرىپىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

بەشىنچى: ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرلىرى

1. بېيجىڭ داياڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسى

2. ئۈرۈمچى كادىرلار ئىدارىسى ئۇنۋان باھالاش سىستېمىسى(خەنزۇچە)

3. چېڭدۇ سۇبېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسى

4. شىنجاڭ تىل-يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ «ئالتۇن تىل» سودا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە كىرگۈزۈش سىستېمىسى»

5. شىنجاڭ رۈيلى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «شىنجاڭدىكى ئايرودروملاردا ئىشلىتىدىغان ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى يەنى رادىئو ئاڭلىتىش يۇمشاق دېتالى

6. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى ATM سىستېمىسى

7. شىنجاڭ كېچۇاڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تۇنجى رەقەملىك تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچ سىستېمىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىلاشقان جاي. ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن رايونىمىزدا بىرلىكتە قوللىنىلىدۇ. باشقا مىللەت تىل-يېزىقى شۇ مىللەت ئاپتونومىيىلىك ئورۇنلىرىدا مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئاخبارات نەشرىيات ساھەلىرىدە قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىل-يېزىقىدا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى.

ئالىم ئەھەتنىڭ باش لايىھەسى ۋە بارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتى ئەلكاتىپ، لۇغەت، كوررېكتورى ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇھىم تېخنىكلىرى بازار ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، پوچتا-تېلېگراف، پۇل-مۇئامىلە، ئېلېكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىپ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ھازىر، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى شىنجاڭدا تەسىرى بار يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئالىم ئەھەت 2008-يىلى 11-ئايدا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.