قاراماي شەھىرى

ئومۇمىي ئەھۋالى : قاراماي شەھىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ، ئەتراپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى كۈيتۈن شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ، قاراماي شەھىرىگە مايتاغ رايونى ، قاراماي رايونى ، جەرەنبۇلاق رايونى ۋە ئۇرخۇ رايونى قارايدۇ ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاراماي شەھىرىدە . ئاساسلىقى خەنزۇ ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.
تەبىئىي بايلىقى: قاراماي شەھىرىنىڭ يېرى كەڭ ھەم تۈز بولۇپ ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگىرەك توغرا كېلىدۇ .جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇن ، شەرقتىن غەربكە تار بولۇپ ، سوزۇنچاق شەكىلنى ھاسىل قىلغان .سۇ بايلىقىدىن دەم دەرياسى ، ئەيرىك كۆلى قاتارلىقلار بار . نېفىت ، تەبىئىي گاز قاراماي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق قېزىلما بايلىقى بولۇپ ، نېفىت قاتلىمى نېپىز ، زاپىسى مول ، زاپىسى مول ، نېفىت سۈپىتى مول ،نېفىت –گاز ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تەبىئىي ئاسفالت ،كۆمۈر، تۇز ، گەج ، گلاۋبېر تۇزى ، تاش پاختا ، خرۇستال قاتارلىقلار بار . ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن جەرەن ، ياۋا توشقان ، ياۋا توڭگۇز ، تۈلكە ، يىلان ، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار ،ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن يەر مەدىكى ،توشقان زەدىكى ، چۈچۈكبۇيا ، چاكاندا ، ئاق بۇيا ، ئادراسمان ، قومۇش يىلتىزى ، پەربۇن قاتارلىق 230 خىلدىن ئارتۇقى بار . قاراماي شەھىرى تىپىك قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.6، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 105.7 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2745.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 224كۈن .
ئىگىلىك ئىقتىسادى : قاراماي شەھىرى مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللەنگەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى ، ،بۇ شەھەردە ‹‹چوڭ نېفىت ، چوڭ نېفىت–خىمىيە ، چوڭ يېزا ئىگىلىك ، چوڭ بازار ››دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، چارلاش ، ئېچىش ، نېفىت ئايرىش ، خىمىيە سانائىتى ، نېفىت–گاز توپلاپ يوللاش ، مەھسۇلات يوللاش ، نېفىتلىك قۇرۇلۇشى ، پەن – تەتقىقات لايىھىلەش ، رېمونت ، ماشىنىسازلىق ، توك تارقىتىش ، سۇ تەمىنلەش قاتارلىق تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان نېفىت–خېميە سانائىتى سىستېمىسى ۋە داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ، مەدەنىيەت–مائارىپ ، سودا ، شەھەر قۇرۇلۇشى ، مالىيە ، پۇل–مۇئامىلىسى ، جامائەت ئىشلىرى ئاساسەن يۈرۈشلەشكەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى شەكىللەندى . سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتى ۋە نېفىت–خىمىيە مەھسۇلاتى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت مىقدارى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ 2/1ىنى تەشكىل قىلىدۇ . يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيىلىك چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، سەپلىمە كەسىپ ۋە يېڭى تۈۋرۈك كەسىپ شەكىللەنگەن.
قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: قاراماي شەھىرى شىمالىي شىنجاڭ رايوننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ، ئۈرۈمچى–كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ، دۆلەت يولى 312–لىنيىسى مايتاغ رايوننىڭ شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ، دۆلەت يولى 217–لىنيىسى پۈتۈن قاراماينى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرق تەرىپىدىكى 201–ئۆلكە يولى بىۋاسىتە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى ، غەرب تەرىپىدىكى 221–ئۆلكە يولى بىۋاسىتە چۆچەككە تۇتىشىدۇ . قارامايدا ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ ، تاشيول قاتنىشى ئاساس قىلىنغان ، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى ، تۆمۈر يول ، تۇرۇبىلىق توشۇش بىللە يولغا قويۇلغان قاتناش–ترانسپورت ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن . قاراماي شەھىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بايقالغان تۇنجى چوڭ نېفىتلىك ، ئەينى يىللاردا ‹‹قاراماي ناخشىسى ››چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ياڭراپ ، غەربىي شىمالدىكى قارا گۆھەر دەپ تونۇلغانىدى . مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىدىن دۇنياغا مەشھۇر بولغان داڭلىق مەنزىرىلىك رايون ‹‹شەيتانكەرىش ››، غەربىي رايون چۆللۈكى باغچىسى ، قاراماي تېغى قاتارلىقلار بار .

( مۇھەررىر : قەيسەر )