ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك قاتلام

زۆھرە زۇنۇن

سەنئەتنى ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى شېئىرىيەتنى ئەزەلدىن تاشلاپ قويغىنى يوق . مەيلى قايسى زامان ، قايسى ماكان ياكى قايسى ھاكىمىيەت دەۋرى بولمىسۇن ، سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر خەلقى ئۆز قەلبىدىكى سەنئەت ئابىدىسىنىڭ نەقىشلىرىنى نۇرغۇنلىغان گۈزەل مىسرالار ئارقىلىق بېزەپ كەلدى.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ ، يېڭىچە ئىجادىيەت يوللىرىنى بەرپا قىلىپ ، شېئىرىي شەكىل ، پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقان ، يارىتىۋاتقان تالانتلىق شائىرلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئەلۋەتتە ، شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەرقانداق چاغدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ، بىباھا ئەدەبىيات-سەنئەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ئۇستازلىق رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان سەنئەتكارلارنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
20-ئەسرنىڭ 80-، 90-يىللىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز دەۋر بولدى . بۇ مەزگىلدە مەيلى پېشقەدەم يازغۇچى ، شائىرلار بولسۇن ، مەيلى ياش يازغۇچى ، شائىرلار بولسۇن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساپ سەنئەت نەزەرىيىسىنى نامايان قىلىپ ، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا دادىل ئىزدىنىپ ، نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . تالانتلىق شائىرلاردىن تېيىپجان ئېلىيوپ ، ئوسمانجان ساۋۇت ، قۇربان باراتلار شېئىرنىڭ تىلىغا ، شېئىردىكى ئوبرازلىق سۆزلەرگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان بولسا ، يەنە بوغدا ئابدۇللا قاتارلىق نۇرغۇن پېشقەدەم شائىرلار پەلسەپىۋى پىكىر ، شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئېستېتىكا ئۇقۇمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلدى.
پېشقەدەم شائىرلار ياراتقان ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە ئىجادىيەت يوللىرى شېئىرىيەت گۈلزارلىقىغا گۈزەل ھۆسن قوشقان بولسا ، يېڭىدىن يېتىلگەن ۋە يېتىلىۋاتقان ياش شائىرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرگە تويۇنغان يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى ، شېئىرىي پىكىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تېخىمۇ سەرخىل گۈللەر يىغىلغان گۈزەل باغقا ئايلاندۇردى . بۇ باغدا پورەكلەپ ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى خەلقىمىز قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ كەلدى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر تۈركۈم ياش شائىرلار مەيدانغا چىقىپ ، ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت قاراشلىرىنى دادىل ئىسلاھ قىلدى ، مىللىي ئاڭ بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە زامانىۋى سەنئەت ئېلېمېنتلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، شېئىرىي شەكىل ، شېئىرىي پىكىر جەھەتلەردە يېڭىلىق يارتتى.
بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن شېئىرلاردا نوقۇل تەبىئەت ، تۇرمۇش ، مۇھەببەت ھەققىدىكى ئاددىي چۈشەنچىلەر ۋە قېلىپلاشقان شېئىرىي سۆزلەر لىرىكىلاشتۇرۇلماستىن ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەنئەت قارىشى ، دۇنيا قارىشى ، مۇھەببەت قارىشى قاتارلىق دۇنياۋى تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر مەنىۋىيىتىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان سۈزۈك ھېسسىيات تىندۇرمىلىرى قېزىپ چىقىلىپ ، ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتۈش ، بەدىئىي تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈرنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئېستېتىكا قاتلىمىدا ئاجايىپ گۈزەل مەنىۋى لەززەت نۇرلىرى چاقنىدى.
ئەمەلىيەتتە شېئىر ئەزەلدىنلا كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاش جەھەتتە خۇددى مۇزىكىغا ئوخشاش قاتلاممۇ قاتلام سېڭىپ كىرىش رولىغا ئىگە . بۇنداق ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئاللىقاچان ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى . مەسىلەن،
ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن،
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك.
كېلىڭ يارىم ئوينايلى،
سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك.
دېگەن بۇ بىر كۇپلېت قوشاققا قارايدىغان بولساق ، ھەرقانداق ئادەم بىر قاراپلا چۈشىنەلەيدىغان ، بىلەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، شېئىر ، قوشاقتىن خەۋىرى يوق ئادەممۇ بىر خىل ئېستېتىك زوق ئالالايدۇ . بۇ خىل زوق ئېستېتىكا قاتلىمىنىڭ تۇنجى قەۋىتى بولۇپ ، ئۇ زوقلانغۇچىدىن ھېچقانداق چوڭقۇر بىلىم ۋە سەنئەت چۈشەنچىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ . پەقەت بۇ بىر كۇپلېت قوشاقتىكى سۆزلەرنىڭ جايىدا ئىشلىتىلىشى ، قاپىيىسىنىڭ چۈشكەنلىكى ۋە سۆزلەرنىڭ يېقىملىقلىقى بۇ قوشاقنى لىرىكىلىق تۈسكە ئىگە قىلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوشاق خەلق ناخشىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن ، مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن بىرىكىپ تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە بولغان . بۇ قوشاقنىڭ ئېستېتىكا قاتلىمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان بولساق ، بۇ قوشاقتا ئالاھىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر نامايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئىستىلىستىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئۇنى ئۆلمەس ناخشىغا ئايلاندۇرغان . يەنى بۇ قوشاقنى سۆزمۇ سۆز ، مىسرامۇ مىسرا تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىستىلىستىكىلىق مەنىلەرنى ھېس قىلىمىز . «ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن» دېگەن مىسرا بىلەن «ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك» دېگەن مىسرا قارىماققا لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ . چۈنكى گۈل ئەزەلدىن ئۆگزىدە ئېچىلمايدۇ ياكى ئۆگزىدە ئۆستۈرۈلمەيدۇ . ئەمما بۇ يەردىكى «ئۆگزە» گۈزەللىكنى نامايان قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغان . بۇ يەردىكى «ئۆگزە» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى بۇ قوشاقنىڭ تەپەككۇر قاتلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولۇپ ، بۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ، شۇنداقلا سۆزلەرنىڭ لىرىكىلىق ۋە بەدىئىي مەنىسىنى چۈشەنگەن ئادەمگە قوشاقنى ئوقۇغان چاغدىكىدىنمۇ گۈزەل ۋە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ . مانا بۇ قوشاقنىڭ ئېستېتىك قاتلىمىنىىڭ ئىككىنچى قەۋىتى . «كېلىڭ يارىم ئوينايلى ، سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك» دېگەن مىسرالارنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىنىڭ ئىشلىتىلىش جەھەتتىكى يۈكسەكلىكىدىن قەلبىمىز تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمىدۇ . چۈنكى «سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك» دېگەن مىسرادا سۆزلەر ناھايىتى جايدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئوقۇرمەنگە دەل ئاشۇ جايىدا مۇشۇ سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدۇ . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، سۇغا سۇ قوشۇلۇپ كەتسە مەڭگۈ ئايرىغىلى بولمايدۇ . دېمەك ، بۇ مىسرادا پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ تەشنالىقى ۋە ئارزۇسى ئەڭ ئاددىي ئەمما ئەڭ مۇكەممەل ئوخشىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . بۇ قوشاقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ بىر مىسراسىنى ئېستېتىك قاتلامنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر بىر قەۋىتىدىكى جۇلالىنىپ تۇرغان تەپەككۇر نۇرى دېيىشكە بولىدۇ.
دېمەكچىمەنكى ، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئەزەلدىن بار بولغان يۇقىرىقى قوشاقتىكىدەك نازۇك ئامىللارنى يەنىمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ ، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت ئۈزۈلمەس ئېقىننىڭ دولقۇنلىرىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى.
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەرھات ئىلياس ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىدىكى تىل ئۆزگىچىلىكى ، ئۇسلۇب ئۆزگىچىلىكى ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە يېڭىلىق ئاتا قىلىپ ، ئىلگىرىكى مەدھىيىۋازلىق ، شوئارۋازلىق ياكى تېما تەكرارلىقىغا ئوخشاش بۇرۇقتۇرما ھالەتنى ئۆزگەرتكەن بولسا ، 90-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادىل تۇنىياز ، ئابلىكىم ھەسەن ، قەيسەر تۇرسۇن ، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى ، چىمەنگۈل ئاۋۇت ، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ، تاھىر ھامۇت ، ئەسقەر داۋۇت ، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، زامانىدىن پاكزات ، مۇھەممەتجان سەيدۇللا ، ئايسىمە ئىدرىس قاتارلىق ياش شائىرلار يېتىشىپ چىقىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى.
بۇ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر ، چىن ھېسسىيات ، ساپ سۆيگۈ ، ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىدىكى نازۇك تۇيغۇلار ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە ، ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك قاتلام تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى . ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ئۇلارغا ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە ، «قەشقەردىكى يەر شارى» ، «يۈرەكسىز سۆيگۈ» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
مۇشۇ ئىككى كىتابتىكى شېئىرلارغا ، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى سانلىرىغا قارايدىغان بولساق ، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك قاتلامنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.
ۋەتەنسىز قۇشلار،
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر،
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.
(ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرىدىن.)
بۇ مىسرالاردا ۋەتەندىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تېما ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، شېئىرنىڭ بىرنەچچە قەۋەت ئېستېتىكا قاتلىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ . «ۋەتەنسىز قۇشلار ، پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار» دېگەن بۇ ئىككى مىسرالارنىڭ ئادەمگە تۇنجى بېرىدىغان زوقى «ۋەتەن» دېگەن تېمىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈۋاتقانلىقى بولۇپ ، بۇ مۇشۇ مىسرالارنىڭ تۇنجى ئېستېتىكا قاتلىمى ھېسابلىنىدۇ ، شېئىرغا مەنىۋى قاتلام بەخش ئەتكەن «قۇشلار» بىلەن «پەسىللەر»نىڭ مۇناسىۋىتى «ۋەتەن» ئۇقۇمىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئېستېتىك قاتلامنىڭ يەنە بىر قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ . «سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر ، غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ» دېگەن ئىككى مىسرا بىلەن باشتىكى مىسرالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «قېرىنداشلىق» مۇناسىۋەت شېئىردىكى ئېستېتىك قاتلامنىڭ يەنە بىر قەۋىتى بولۇپ ، بۇ قەۋەت بىزگە شېئىردىن زوقلىنىشنى بىلىش ئۈچۈنمۇ مەلۇم جەريان كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق شائىرى ئاللان پوئى «شېئىر گۈزەللىكنى نىشان قىلىشى ، شېئىر يازغاندا ۋەزنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىشى كېرەك» دېگەنىدى . ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى شېئىردا گۈزەللىك يارىتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى . ھەتتا ئەڭ ئازابلىق شېئىرلارنى يازغانلارمۇ ئازاب ۋە ھەسىرەت ئارقىلىق گۈزەللىك يارىتىشقا ياكى ئازاب ئارقىلىق گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشتى . ئۆلۈم ، ئازاب ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان بەزى شېئىرلار قارىماققا تولىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈلگەندەك ، چۈشكۈنلۈك ، تەنھالىق تەشەببۇس قىلىنغاندەك بىلىنسىمۇ ، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئوبرازلىق تەپەككۇر ، ئىستىلىستىكا نۇقتىسى جەھەتتىن بولسۇن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلۈك تەشەببۇس قىلىنمىغان ، ئەكسىچە ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيىتى نامايان قىلىنىپ ، روھىيەتتىكى نازۇك ئامىللار شېئىرلاشتۇرۇلغان ، چىن ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ ، گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ يېڭى يوللىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
بىلىمەن چەكسىزدۇر سۆيگۈ قۇدرىتى،
قىلىنماي قالغاندا ھېچكىمگە ئىزھار.
كۈلپەتسىز تۇرمۇشقا يېقىندۇر ئۆلۈم،
كۈلپەتسىز تۇرمۇشتا بولمايدۇ باھار.
(قەيسەر تۇرسۇننىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «قاچقۇن» ناملىق شېئىرىدىن)
تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ شېئىردىكى ئېستېتىكا قاتلىمى خېلى چوڭقۇر بولۇپ ، بىز بۇ مىسرالارنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان چاغدا بىر خىل غەمكىن كەيپىياتنىلا ھېس قىلىمىز . بۇ ئىستىلىستىكا قاتلىمىنىڭ تۇنجى قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ . شېئىرغا ئىچكىرىلەپ كىرىدىغان بولساق ، شېئىردىكى قارىمۇ قارشىلىق بىلەن ئوخشاشلىقتىن ھاسىل بولغان چوڭقۇر مەزمۇن بىزنى يەنىمۇ بىر قاتلام ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ . يەنى سۆيگۈ ئىزھار قىلىنمىغان چاغدىلا چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە دېگەن مەزمۇن بىزنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
راستتىنلا ئىزھار قىلىنمىغان چاغدىكى سۆيگۈ قۇدرىتى چەكسىز بولامدۇ؟ كۈلپەتسىز تۇرمۇشتا باھار بولمايدىكەن ، نېمە ئۈچۈن كۈلپەتسىز تۇرمۇشقا ئۆلۈم يېقىن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە زىتلىق بىلەن ئوخشاشلىقتىن شەكىللەنگەن ھېسسىيات تىندۇرمىلىرى بىزنى ھايات ، تۇرمۇش ، سۆيگۈ ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ . بۇ مىسرالارنى سۆزمۇ سۆز تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئىنساننىڭ روھىيىتىدىكى نازۇك تەرەپلەرنىڭ ئېچىپ بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
سەن
ئوتتۇز ياش!
زېمىندا ئۆيۈڭ يوق ، ئۆيۈڭدە خوتۇن،
ۋەتەن قەلبىڭدىن ئالدى كەڭ ئورۇن.
ھەممە ئادەم ئىشىكنى ئەتتى،
يانچۇقىدا ئۆزىنىڭ پۇلى.
ھەممە ئادەم كۆزىنى يۇمدى،
كۆرۈش ئۈچۈن گۈزەل چۈشىنى.
تاشلاپ كەتتى تۆت ياشلىق بالاڭ،
قالدى ساڭا بىر پارچە سۈرەت.
ئۇنىڭ «دادا» دېگەن ئاۋازى،
قالدى ساڭا ماكان بوپ پەقەت.
(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «ئوتتۇز ياش» ناملىق شېئىرىدىن . «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدىن)
يۇقىرىقى مىسرالاردا تەنھالىققا تاشلانغان بىر ياشنىڭ چىگىش ھېسسىياتى ۋە كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، شېئىردىكى ئازابلىق كەيپىيات ئارقىلىق مەنىۋى رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ «دادا» دېگەن ئاۋازى،
قالدى ساڭا ماكان بوپ پەقەت.
بۇ مىسرالاردىكى «ئاۋاز»نىڭ «ماكان»غا ئايلاندۇرۇلۇشى بىر خىل يېڭىچە تەسەۋۋۇر بولۇپ ، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ كەڭلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە ، دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان . بۇ يەردىكى «ئاۋاز» بىلەن «ماكان» سۆزىنىڭ يىلتىزلىشىشى شېئىرنىڭ ئېستېتىك قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ھەمدە ئېستېتىكا قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ، ئوقۇرمەنلەردىن ئېستېتىك لەززەت سەۋىيە تەلەپ قىلغان.
ھەممىمىزگە ئايانكى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە «ئانا» تېمىسىدىكى شېئىرلار ھەمدە ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىق مېھرى ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلار ئىنتايىن كۆپ . ئەمما يۇقىرىقى شېئىردا ئوخشاشلا ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، شېئىردىكى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سۆزلەر بۇ شېئىرنى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزمۇندىكى شېئىرلاردىن ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلغان . قارىماققا تۆت ياشلىق بالاڭنىڭ «دادا» دېگەن ئاۋازى ساڭا ماكان بولۇپ قالدى ، دېگەن مەزمۇندىن ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت رىشتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ مىسرالارنىڭ مەزمۇن قاتلىمىغا سېڭىپ كىرىدىغان بولساق ، بۇ يەردە بالىنىڭ «دادا» دېگەن ئاۋازىنىڭ دادىنىڭ يۈرىكىدە بىر ئۇنتۇلماس ماكان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۆزىلا دادىنىڭ بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلىدۇ . مانا بۇ شېئىردىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئامىللار بولۇپ ، شېئىرنىڭ ئېستېتىك قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، ئىپادىلەنگەن پىكىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، بەدىئىي ۋاسىتىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك قېلىپلاشقان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن خالىي بولۇپ ، ھەقىقىي سەنئەتكە يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بىر يۈكسىلىش ھېسابلىنىدۇ.
ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا تۇرمۇش بىلەن ھېسسىيات ، رېئاللىق بىلەن خىيال ، تۇرمۇش بىلەن سەنئەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن . ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىكا قاتلاملىرىنى چوڭقۇر قازغاندىلا بۇ نۇقتىلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . چۈنكى ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئالدى بىلەن تىل جەھەتتىكى يېڭىلىقى بىلەن ئاممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . يەنە بىر تەرەپتىن ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلۇقى ئوقۇرمەنلەرنى رېئاللىق ۋە ئىنسان تەبىئىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندىدى.
ياش شائىرلار شېئىردا ھېسسىيات ئارقىلىق ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى نازۇك ئامىللارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ ، شېئىرىي تىلغا ئايلاندۇرۇپ ، يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . ياش شائىرلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ، پولات ھېۋزۇللانىڭ يېڭىچە تەپەككۈرنى قوزغاندىغان لىرىكىلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئېستېتىكا قاتلاملىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشىمىزگە پۇرسەت ياراتقان بولسا ، 90-يىللاردىن كېيىن يېتىشىپ چىققان نۇرغۇن ياش شائىرلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئېستېتىكا قاتلىمىغا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە ئاتا قىلىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى چۈشىنىش ، بىلىش ، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شېئىرنىڭ ئېستېتىكا قاتلىمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى . چۈنكى ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى قاتلاممۇ قاتلام ، سۆزمۇ سۆز تەھلىل قىلمىغاندا سۆز ، جۈملىلەرنىڭ رولىنى تولۇق چۈشەنگىلى ، شېئىردىن زوقلانغىلى بولمايدۇ . شۇڭا شېئىرنىڭ ئېستېتىكا قاتلىمىنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ، شېئىرىيەت قارىشىنى ، شېئىرىي دۇنياسىنى ، رېئاللىق ، سۆيگۈ-مۇھەببەت ، ھايات ، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئىلغار ئىدىيىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كۆرسىتىپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.