ئەنئەنىۋى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى

ئەلىشىرنەۋائى

فەرىدە ئەمىن

ئەلىشىر نەۋائىنىڭ نامى دۇنيادا ئۆتكەن بارلىق ئۇلۇغ زاتلارغا بېغىشلانغان شان – شەرەپلەرگە تەبىئىي يوسۇندا ماس كېلىدۇ. نەۋائىنىڭ نامىغا بېغىشلانغان بارلىق نامۇنىشانلار ئۇنىڭ ھەقىقىي سۈپىتىنى تولۇق ئىپادە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. نەۋائى، ئىنسان تەپەككۇر يۈكسەكلىكىنىڭ دەلىلى ۋە ئۆزى بىر مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىنساندۇر
بۈگۈنكى دۇنيادا ئەلىشىر نەۋائى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شەرەپ – ئىپتىخارى بولۇپ قالدى. ئۇ مىللەت، دىن ۋە دۆلەت چېگرىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدىكى سىماغا ئايلاندى. نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەرقانداق ئېتىقاد ۋە سىياسىي قاراشتىن مۇستەسنا خەلقئارالىق ھادىسە بولۇپ قالدى. بۇرۇن نەۋائى نوقۇل ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسا، ئەمدى ئۇ ئاللىقاچان ئەدەبىيات ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگە تومۇر يېيىپ، سىياسىيشۇناسلىق، ئىجتىمائىيەت، پەلسەپە، مەدەنىيەت – سەنئەت، دىن ۋە تىلشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مەخسۇس تەتقىق قىلىنىدىغان سىستېمىلىق پەنگە — نەۋائىشۇناسلىققا تەرەققىي قىلدى. ھازىر تەخمىنەن 90 گە يېقىن دۆلەتتە نەۋائىنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. بەزى دۆلەتلەردە مەخسۇس نەۋائىشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاھىدە مۇئەسسەسەلەر تەسىس قىلىنىپ، بۇ ئورۇنلاردا زور بىر تۈركۈم نەۋائىشۇناس ئالىملار يېتىشىپ چىقتى ۋە ئۇلار بۇ ساھەدە بىر مۇنچىلىغان ئىلمىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دېمەك، نەۋائىشۇناسلىق ھازىرقى دۇنيادىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، كۈندىن – كۈنگە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى نامايان قىلماقتا. ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق ئىدىئولوگىيە تەرەققىياتى تارىخىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىقى بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ئېتىراپ قىلماقتا.
مەملىكىتىمىزدە نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور. «قانۇن ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش» تەكىتلىنىۋاتقان، پۇقرالار ئەخلاقىي تەربىيىسى قانات يايدۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «ھاياتى بىر گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆرنىكى بولغان» نەۋائىنىڭ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەخلاق ئىدىيىسى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق جەۋھەرلىرى بىلەن زامانىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق يېڭىچە ۋە زامانغا لايىق ئەخلاقىي قاراشلارنى بەرپا قىلىش — «قانۇن ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەۋائىنىڭ قانۇن ئىدىيىسى، دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدىكى تەلىماتلىرى، جەمئىيەت قارىشى ۋە كىشىلىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرمۇ ناھايىتى زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. بۇلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئىدىيىۋى مىراسلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە قۇرۇلمىسىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، «ئۆتمۈشتىكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، نەۋائىشۇناسلىق ئېلىمىزدە خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. لېكىن كۆپ ھاللاردا بىزدىكى يەنى — ئۇيغۇرلاردىكى نەۋائىشۇناسلىق ئازادلىقتىن كېيىنكى بىرقانچە ئون يىلغا، بەلكى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇلىۋاتىدۇ. بۇنداق دېيىش ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. توغرىسى شۇكى، ئازادلىقتىن كېيىنكى نەۋائى ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئىزاھلاش، نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىشلار، نەۋائىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي پائالىيەتلەر، ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ راۋاجى ۋە يېڭى دولقۇنىدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردىكى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ بىرقانچە يۈز يىللىق تارىخى بار.
ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت ئىجاد قىلىشتۇر. كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەر ۋە شۇ مەنبەلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نەۋائىنىڭ بەدىئىي مىراسلىرى نەۋائى زامانىسىدىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. نەۋائى ياشىغان شۇ دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىچىدە نەۋائىنىڭ بىرمۇنچىلىغان ئىخلاسمەنلىرى بارلىققا كېلىپ، ئۇلار نەۋائىنى ئۆزلىرىنىڭ «پىر – ئۇستازى»، «مەنىۋى يېتەكچىسى» دەپ بىلگەن، ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە ئۇنىڭ ئۇسلۇبى، ئىستىلى ۋە ئىدىيىۋى خاھىشى قاتارلىقلاردىن ئوزۇق ۋە ئۆرنەك ئالغان. بۇنداق قىلىش، ئەلۋەتتە نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشاتتى. بۇ تەسەۋۋۇرغا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان زەھىرىددىن مۇھەممەد بابىرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
بابىر نەۋائى زامانىسىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇ نەۋائى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتتە بولغان. نەۋائىنى ئۈلگە قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. نەۋائىنىڭ شۇ چاغلاردا تەييار بولغان دىۋانلىرىنى تەپسىلىي ئۆگىنىش ۋە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نەۋائى ئەسەرلىرىدىن تاللانما دىۋان تۈزگەنىدى. بۇنىڭدىن بابىرنى دەسلەپكى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. بابىردىن كېيىن نەۋائىنى تەتقىق قىلغان يەنى، نەۋائىنىڭ نەسلى – نەسەبى توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە مەلۇمات توپلىغان كىشى، مەشھۇر تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدە كۆرەگاندۇر. نەۋائى ئۆز ھاياتىدا ئادەمنىڭ زېھنى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى ھۆددە قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن كەمتەرلىك، كىچىك پېئىللىق سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ نەسەبى ۋە نەسلى توغرىسىدا بىرەر نەرسە يازغانلىقى مەلۇم ئەمەس. نەۋائىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى، ئەسلى ئەجدادىنىڭ كىم بولغانلىقى توغرىسىدا باشقىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق، زامانىسىنىڭ نەۋائىشۇناسلىرى ئارقىلىقلا خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. نەۋائى ۋاپات بولۇپ 05-04 يىللاردىن كېيىن، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان «تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسىرىدە نەۋائى توغرۇلۇق:«ئۇنىڭ ئەسلى زاتى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى كىچىك باخشى دەپ ئاتىلاتتى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى…» دەپ يازغان. تۈركىيە ئالىمى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق ھازىرقى زامان ئالىملىرى نەۋائى تەتقىقاتىدا مىرزا ھەيدەرنىڭ يۇقىرىدىكى بايانىنى ئىناۋەتلىك، دەپ قارايدۇ. نەۋائى بىلەن ئەسىرداش بولغان ئۇيغۇر شائىر، ئەدىبلىرىدىن مەھمۇدى (سۇلتان مەھمۇدخان)، سەئىدى (سۇلتان سەئىدخان) ئايازبېك قۇشچى، رەشىدى (سۇلتان ئابدۇررەشىدخان) قاتارلىقلارنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنىڭمۇ نەۋائى ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلغانلىقىنى، ئەڭ بولمىغاندا شېئىرىي تىل جەھەتتە نەۋائىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئەينى دەۋردە، خۇسۇسەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نەۋائىنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ماھىر ئۇيغۇر خەتتاتلىرى تەرىپىدىن ھۆسنخەت بىلەن كۆچۈرۈلۈپ، نەپىس مۇقاۋىلانغان زىننەتلىك نۇسخىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بۇلاردىن بىر مۇنچىلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ساقلانغانلىرىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن. ئەنە شۇ دەۋرلەردىن باشلاپلا نەۋائى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدرىسلىرىدە ئەدەبىيات، ئەخلاق قاتارلىق مۇھىم دەرسلىكلەر ئۈچۈن قوللانما قىلىنغانىدى. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ مەشھۇر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بىرمۇنچە ئاھاڭلىرى نەۋائى تېكىستلىرى بىلەن بىرلىشىشكە باشلىدى ۋە بارا – بارا ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىرمۇنچە كۈيلىرى نەۋائى غەزەللىرى ئاساسىدا مۇقىملىشىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ۋە مۇقامشۇناس قىدىرخان يەركەندى، ئاماننىسا خېنىم قاتارلىقلارنى شۇ دەۋر نەۋائىشۇناسلىرىنىڭ قاتارىدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك. ئۇلار نەۋائى شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، تەبىئىتىنى ۋە سەزگۈسىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئون ئىككى مۇقامنىڭ تۈرلۈك ئاھاڭلىرى بىلەن نەۋائىنىڭ ئالاھىدە ئىچكى ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، نەۋائى مىسرالىرىغا قايتىدىن ھاياتىي ئۇرغۇ ۋە تەسىر كۈچى بەخش ئەتتى. بۈگۈنگىچە نەۋائى پسىخىكىسىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك تەتقىق قىلغانلار ناھايىتى ئاز.
بۇ دەۋرلەردە يەنە مەشھۇر شائىر ھىرقەتى ئۆزىنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام» ناملىق ئەسىرىدە نەۋائىنىڭ «لىسانۇت – تەير» ناملىق ئەسىرىگە يېقىندىن يانداشتى؛ شائىر موللا پازىل نەۋائىنىڭ «لەيلى – مەجنۇن»ىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىنىڭ «لەيلى – مەجنۇن»ىنى ئىجاد قىلدى؛ شائىر سەلاھى «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنى ئىشلەشتە نەۋائىنىڭ «لىسانۇت – تەير»ىدىن ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالدى… بۇلار سەئىدىيە دەۋرىدىكى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ سەمەرىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
سەئىدىيە دەۋرىدە باشلانغان ۋە كېيىن خوجا جاھان ئەرشى زامانىسىدا ئەۋجىگە چىققان نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ بىر قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنى ئىدى. خوجا جاھان ئەرشى ئۆز ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان ئالىم، ئەدىب، شائىرلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى مەرىپەت ۋە مەدەنىي ئىدىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھامىيسى بولغانىدى. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرى دولقۇنىدا فۇتۇھى، موللا يۇنۇس يەركەندى، ئۆمەرباقى، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر مەيدانغا چىقتى. خوجا جاھان ئەرشى تالانتلىق شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك قاراش جەھەتتە نەۋائى بىلەن يېقىنلىقشاتتى. «ئەرشى نەۋائىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى ئۇستازى قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتتە بولغان. ئۆز ئىجادىدا ئۇنىڭدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا يېقىندىن يانداشقان.بىز ئەرشى شېئىرلىرىدىن نەۋائى كۆز قاراشلىرىنى نامايان قىلغان ۋە ئۇنى ئىجادىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن مىسرالارنى ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە نەۋائى غەزىلىگە يېزىلغان نەزىرەلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز» دەپ يازىدۇ ئىمىنجان ئەخمىدى ئۆز ماقالىسىدا. مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تەزكىرەئى ئەزىزان» بەزى خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە نەۋائىنىڭ «مەجالىسۇن نافائىس»ىغا تەقلىد قىلىنغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ؛ ئۆمەر باقى نەۋائى ئەسەرلىرىنى ئۈنۈملۈك تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، نەۋائىنىڭ «خەمسە»سى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ «لەيلى – مەجنۇن»، «فەرھاد – شىرىن» داستانىلىرىنى يېزىپ چىققانىدى؛ موللاسىددىق يەركەندى نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن نەتىجە يارىتىپ، زور تىرىشچانلىق بىلەن نەۋائى ئەسەرلىرىنى نەسرىي شەكىلدە ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نەۋائى «خەمسە»سىنى راۋان ۋە پاساھەتلىك تىل بىلەن ھېكايىلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇش بىلەن، زامانىسىدىكى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولۇپ قالدى. موللا سىددىق يەركەندى «نەسرىي خەمسە» ناملىق ئەسىرىدە نەۋائى «خەمسە»سىدىكى «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «فەرھاد – شىرىن»، «لەيلى – مەجنۇن» ۋە «خەمسە»گە تەۋە بولمىغان «لىسانۇت – تەير» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجادىي يوسۇندا، ئەدەبىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە نەسرىي شەكىلگە كىرگۈزۈپ، نەۋائى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر تۈركىي خەلقلەر خەمسەچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ يېڭى ژانىر ياراتتى. نەۋائى شېئىرلىرىغا نەزىرەلەر يازغان شائىرلاردىن يەنە ئىبراھىم مەشھۇرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋان مەشھۇرى» ناملىق توپلىمىدىكى بەزى غەزەللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرى شۇ قېتىمقى نەۋائىشۇناسلىق يۇقىرى دولقۇنىنىڭ راسا ئەۋجىگە چىققان مەزگىلى بولدى. ئابدۇرېھىم نىزارى، نۇرۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى ۋە ئىمىر ھۇسەيىن سەبۇرىلار بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر نەۋائىشۇناسلىقىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدۇر.
ئابدۇرېھىم نىزارى نەۋائىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. نەۋائى ئەسەرلىرىنى تارقىتىشتا نۇرغۇن كۈچ ۋە ئەمگەك سەرپ قىلىپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى نەۋائى مىراسلىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن. نىزارىنىڭ قەلىمىدە كۆچۈرۈلگەن نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ بىرمۇنچىسى چەت ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. نىزارى يۇقىرىدىكىدەك ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇلى ۋە نەۋائىنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 19 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نىزارى «خەمسەچىلىكى»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى؛ نۇرۇز ئاخۇن زىيائى بولسا، نىزارىنىڭ زاماندىشى، مەسلەكدىشى، دوستى ۋە ئىشدىشى بولۇپ، نىزارى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش داۋامىدا، نەۋائىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس تۆھپە ياراتتى. تۇردى غەرىبى نىزارىنىڭ يۇرتدىشى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن نىزارىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇمۇ نەۋائىشۇناسلىقتا مەلۇم نەتىجە ياراتقان شائىردۇر. بىر زاماندا ياشاپ، بىر مەسلەك ئۈچۈن تىرىشقان بۇ ئۈچ ئەدىب ھەمجەھەتلىك بىلەن ئىشلەش نەتىجىسىدە 18 پارچە داستان ۋە قىسسە، 24 ھېكايىدىن تۈزۈلگەن زور ھەجىملىك توپلامنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.باشقىلار تەرىپىدىن «غەرىبلەر ھېكاياتى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ توپلامغا نىزارىنىڭ بىر مۇقەددىمىسى بىلەن ئۈچ داستانى(«فەرھاد – شىرىن»، «لەيلى – مەجنۇن»، «مەھزۇن – گۇلنىسا»)، زىيائىنىڭ ئۈچ داستانى («ۋامۇق – ئۇزرا»، «مەسئۇد – دىلئارا»، «رابىئە – سەئدىن»)، غەرىبىنىڭ بىر داستانى («شاھ بەھرام») كىرگۈزۈلگەن. بۇ داستانلاردا ئۇسلۇب ۋە شەكىلدىن مەزمۇنىغىچە پۈتۈنلەي نەۋائىنىڭ ئەندىزىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. خۇددى نەۋائى ئۆز داستانلىرىغا شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغىنىدەك، نىزارىلارمۇ ئۆز داستانلىرىدا ئۆزلىرى ياشىغان زاماندىكى رېئال ھادىسىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. مۇھىمى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەرنى ماتېرىيال قىلغان ھالدا (مەسىلەن:«رابىئە – سەئدىن»)، «خەمسە»چىلىكنىڭ مەزمۇنىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، شېئىرىيەتنىڭ «خەمسە»دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك بىناسىنى ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە زىننەتلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ نەۋائىشۇناسلىقتا ئېرىشكەن زور مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.
ئىمىر ھۇسەيىن سەبۇرى ئۇيغۇر نەۋائىشۇناسلىقىدا ئالاھىدە يول تۇتۇپ، نەۋائى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. بۇ ساھەدە سەبۇرىنىڭ «نەۋائىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا» ۋە «مەقالات» ناملىق ئىككى ئەسىرى بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. ئالدىنقى ئەسەردە سەبۇرى نەۋائىنىڭ ئادالەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىلمىي شەرھلەپ، نەۋائىنىڭ ئادالەتپەرۋەر روھىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادالەتنىڭ ھامان جاھالەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئىشىنىشتەك نەۋائىچە نۇقتىئىنەزەرىنى نامايىش قىلىدۇ. كېيىنكى ئەسەر «ماقالات» نەۋائىنىڭ «ھەيرەتۇل – ئەبرار» ۋە «لىسانۇت – تەير» قاتارلىق داستانلىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە يېزىلغان بولۇپ، مەزمۇن ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئىجاد قىلغان ئەدىب ۋە تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۇئجىزى ئۆزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە نەۋائى توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغان.
يۇقىرىدىكىلەر ئۇيغۇرلاردىكى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تەپسىلاتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ياكى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردىكى نەۋائىشۇناسلىق تۆۋەن دولقۇنغا چۈشۈپ قالدى (پەسىيىپ قالدى). ئەمما مۇشۇ بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن ئەدىب – شائىرلار بارلىققا كېلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ھېسسىيات ۋە ئىلھاملىرىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىلمىي – ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ ئەدىب – شائىرلارنىڭ ھەرقانداق بىرسىنى نەۋائىنى ئۆگەنمىگەن، نەۋائىنىڭ تەربىيىسى ۋە تەسىرىنى قوبۇل قىلمىغان دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. بۇ نەۋائىنى ۋە ئۇنىڭ بىرەر – ئىككى مىسرا شېئىرىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك نەۋائى دەۋرىدىن كېيىنكى بەش يۈز يىل داۋامىدا ئۇيغۇر مەدرىسلىرىدە نەۋائى ئەسەرلىرى مۇھىم ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلدى. بۇنداق مەدرىسە – مەكتەپلەرنى نەۋائىشۇناسلىقنىڭ «بۆشۈكى» دېيىش خاتا بولمىسا كېرەك.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر نەۋائىشۇناسلىقىغا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىمشېھىت، ل.مۇتەللىپ، ئەھمەد زىيائى ۋە تېيىپجان ئېلىيوۋ قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى نەۋائىسىز تاماملىمىغانلىقى شۈبھىسىز. ئۇلارنىڭ ئىجادىي مېھنەتلىرىنى نەۋائىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. نىمشېھىتنىڭ «مىڭئۆي ۋە فەرھاد – شىرىن» داستانىدا نەۋائىنىڭ ھىدى سېزىلگىنىدەك، ئەھمەد زىيائىنىڭ «رابىئە – سەئدىن»ىدىن نەۋائىنىڭ ياراملىق شاگىرتى نىزارىنىڭ ھەمدە نىزارى ۋاسىتىسى ئارقىلىق، شۇنداقلا بىۋاسىتە ھالدا نەۋائىنىڭ ئىزنالىرى ئەكس ئېتىدۇ. تېيىپجان ئېلىيوۋ بولسا نەۋائىنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شېئىرىي ئىجادىيەتتە زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. نەۋائىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن نەۋائى غەزەللىرىدىن توپلام تۈزەلىگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە نەۋائىشۇناسلىق ئۇيغۇرلاردا قايتىدىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. نەۋائىنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ۋە ياكى قايتىدىن نەشر قىلىنىپ، نەۋائىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي ئەمگەكلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى نەۋائىشۇناسلىق ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاشلا مەخسۇس ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلماي، بەلكى باشتا دېيىلگەندەك تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى نەۋائىشۇناسلىقتا ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، مۇھەممەد سالىھ داموللام، جاپپار ئەمەت، مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت، ئەسئەت سۇلايمان، ئەسقەر ھۈسەيىن قاتارلىقلار مەخسۇس تېمىلاردىكى ئىلمىي ماقالىلىرى، نەۋائى ئەسەرلىرىنى شەرھلەش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەر نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ھەمدە نەۋائىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرنىڭ ئىلىم دۇنياسىدىكى ھەقىقىي قىممىتىنى نامايان قىلىشتا ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس تۆھپىلەرنى ياراتماقتا.
ئومۇمەن، نەۋائىنىڭ روھى ۋە ئىزى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن. نەۋائى مىسرالىرى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن نەۋائىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئادەم مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، نەۋائىشۇناسلىق ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ پارلاق نەتىجىلەر بىلەن دۇنيا نەۋائىشۇناسلىقىدا بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىشى (ئورۇن تۇتۇشى) كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا نەۋائىغا غايىبتىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ مۇنداق خىتاب قىلغان ئىكەن:«سەن قىلىچسىز، پەقەت قەلىمىڭ ئارقىلىق تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرىسەن. ئۇلارنى ئۇلۇس ھالىتىگە كەلتۈرىسەن. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ياشايدىغان ئىقلىملار ساڭا مەنسۇپتۇر. سەن ئۇلۇسنىڭ ساھىبقىرانىسەن…». ئەمەلىيەتتە بۇ نەۋائىنىڭ ئۆز – ئۆزىگە قىلغان خىتابى بولۇپ، بۇنىڭدىن نەۋائىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ئۆز ئەمگىكىنىڭ قىممىتىنى نەقەدەر توغرا باھالىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ باھاسىدىن كۆپ ئارتۇق بولدى. بۈگۈنكى كۈندە پەقەت تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دىلى نۇرلۇق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەرخىللىرى، قايسى مىللەت، قايسى ئىقلىمنىڭ كىشىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نەۋائىنىڭ روھىي سىيماسى ئالدىدا تازىم قىلماقتا. بۇ شان – شەرەپتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. چۈنكى، نەۋائى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ۋە غۇرۇرى.
ئاساسلىق پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:«تارىخى رەشىدى».
2. ئىمىن تۇرسۇن «نەۋائىنىڭ 550 يىللىقى»، «بۇلاق» 1991 – يىل 4 – سان.
3. ئىمىنجان ئەھمىدى:«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»
4. ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان:«ئەلىشىر نەۋائى»، «بۇلاق» 2001 – يىل 5 – سان.
5. موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۇئجىزى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپەيتكەن قول يازما نۇسخا.
(ئاپتور: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر