قەشقەر ۋىلايىتى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى:قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقى تەرپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. غەربى شىمالى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بىلەن، شەرقىي شىمالىي ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسى، قەشقەر يىڭىشەھەر ناھىيسى، يېڭسار ناھىيسى، پوسكام ناھىيسى، يەكەن ناھىيسى، قاغىلىق ناھىيسى، مەكىت ناھىيسى، يۇپۇغا ناھىيسى، پەيزاۋات ناھىيسى، مارالبېشى ناھىيسى ۋە تاشقۇرغاغ تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيسى قارايدۇ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەكىمە قەشقەر شەھىردە، 2004-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى 3 مىليۇن 615 مىڭ 397 بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر3مىلىيۇن 252مىڭ، خەنزۇ309مىڭ 488، تاجىك 37مىڭ192خۇيزۇ5198، قىرغىز 4193، قازاق941، باشقا مىللەتلەر 40مىڭ ئۆپچۆرىسىدە.
تەبىي بايلىقى:
قەشقەر ۋىلايىتى غەربى جەنۇپتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش بۇلۇپ، غەربىي جەنۇبى قىسمى قارا قۇرۇم تىغې، ئوتتۇرا قىسمى زەرەپشان دەرياسى ئېقىن تىنما تۇزلەڭلىكى، شىمالىي قىسمى قەشقەردەرياسى ئېقىن تىزما تۈزلەڭلىكى، شەرقىي قىسمى تەكلىماكان قۇملىقى، سۇ بايلىقىدىن زەرەپشان دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، تىزناپ دەرياسىقاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقىدىن تۆمۇر، چىرىمتال، گەج، سېرپېنتىن، نىفىت، تەبىي گاز، تاشپاختا، بىرلىيانىت قاتارلىق 67 خىل بار. ئۇنىڭ ئىچىدە گەج زاپىسى مەلىكەت بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلىردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۈسۇملۇكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، چاكاندا، تاغ لەيلىسى كىرەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 11.7 سېلسىيە گىرادوس، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يىغىن مىقدارى70 مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2700 مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 240 كۇن.
ئىگىلىك ئىقتىسادى:قەشقەر ۋىلايىتى يىزا ئىگىلىكىنى ئاساسلىق ئىگىلىك قىلغان ۋىلايەت، پاختا ئىشلەپ چىقىرىش بۇ ۋىلايەتنىڭ تۆۋرۇك كەشپىگە ئايلانغان بۇلۇپ، مەملىكىتىمىز نىڭ مۇھىم تاۋار پاختا .ئىشلەپ چقىرىش بازىسى ھىسابلىنىدۇ. ئانار قاتارلىق ئەلا سۇپەتلىك ئالاھىدە مىۋىلارنى خام ئەشيا قىلغان يىمەكلىكىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سانائىتى تىز تەرەقى قىلماقتا، پاختا تۇقۇمچىلىق قاتارلىق سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن پاختا تۇقۇمچىلىق، ئىلىكتىر ئېنىرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتىريالى، ئىچىملىك، مىۋە تۇرى قاتارلىق تۈرلىرى بار. مىللىي ئەنئەنىۋى قول سانائىتى بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، يىزا ئىگىلىك سانائەتلىرىدى بۇغداي، كۆمىقوناق، كېۋەز، قىچا، شال، يالىڭاچئئارپا قاتارلىقلار بار. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە بولغان باغۋەنچىلىك كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بۇلۇپ، شاپتۇل، ئۆرۇك، بادام، ئەنجۇر، پىستە، ئانار، پەيزاۋات قوغۇنى قاتارلىقلارچىقىدۇ.
قاتناش ۋە سايائەتچىلىكى:
قەشقەر ۋىلايىتى جۇڭگۇنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم تاشقى سودا ئېغىزى ۋە قاتناش تۈگۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۇر يولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. شۇنداقلا دۆلەت يولى314-،315-،219-لىنيىلىرى توپلانغان نوقتا. قەشقەر ئايرىدىرومى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە 2-چوڭ ئايرۇدىروم بۇلۇپ كۇندە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئوتتۇرسىدا مۇقىم قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. ۋىلايەت تەۋەسىدىكى دۆلەت 1-دەرىجىلىك ئىككى پورت خونجىراپ پورتى بىلەن قارا سۇ پورتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم خەلقارا پورىت، قەشقەر ۋىلايىتى قۇيۇق تارىخي مەدىنيىتى، يارقىن-مىللى ئۆرۇپ ئادىتى، ئالاھىدە ئانتروپولوگىيىلىك تەبىي مەنزىرسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خارەكتىرىگە ئىگە سايائەت قىزىق رايۇننىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. داڭلىق سايائەت نوقتىللىرىدىن ھىيىتكار جامەسى، ئاپپاق غوجا مازىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مازىرى، مەھمۇت قەشقىرى مازىرى، تاش قەلە، قىز قورغاق خارابىسى، قۇملۇق توغراقلىق مەنزىرلىك رايونى قاتارلىقلار بار.