ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرنى، تۇرمۇش شەكلى ھەم مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، قىممەت قارشى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىش بولدى.
بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى شۇ دۆلەت ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بۇيان، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى بولغان نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالايلۇق، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى جۆرە تاللاش ئېڭىدا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، مال – مۈلكىگە، ئەمەل – مەرتىۋىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن، لايىق بولغۇچىنىڭ ئىقتىدارىغا، تالانتىغا، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتى قاتارلىق ئاساسلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىل يۈزلىنىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى چوڭقۇرلاشقان، ئىقتىسادىي بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان رايونلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.
مەسىلەن: شېنجېندىكى 300 قىزنىڭ جۆرە تاللاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىن 198 ئى، يەنى %66 تې كەسىپتە تىرىشقان، ئىختىساسلىق يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت ئونىلا، يەنى %3.3 تىلا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرى ئىچىدە ئىقتىدارلىق، تالانتلىقلاردىن جۆرە تاللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن خېلى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. ئالايلۇق، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەشنى پۈتۈنلەي ئاياللارنىڭ قىلىشىغا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئورنىنى ئائىلە ئىشلىرى، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەش ئار – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى دەيدىغان يېڭىچە قاراش ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ ئائىلە ئەمگىكىنىڭ ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرى ئۇزاق مۇددەت فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلۇمى، كەمسىتىشى ۋە خارلىنىشىغا ئۇچرىغان، بۇ ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى خالىغانچە تالاق قىلىۋېتىش ئىمتىيازى قاتارلىقلاردا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ھازىر ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا ئەركىن جۆرە تاللاش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقىدەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماددىي تۇرمۇشتا بىر – بىرىگە ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلىپ ئورنىتىلغان نىكاھ – مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى، مۇھەببەتنى ئاساس قىلغان نىكاھ مۇناسىۋىتى ئىگىلىدى. ئاياللار ئەرلەرگە بېقىندى بولۇش خاراكتېرىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر – ئايال ئورتاق بىر تەرەپ قىلىدىغان دېموكراتىك ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرمەكتە. بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش، كۆپ تۇغۇشتەك ئەنئەنىۋى تۇغۇش ئادىتى كېچىكىپ تۇغۇش، ئاز تۇغۇشتىن ئىبارەت يېڭى تۇغۇش ئادىتىگە ئۆزگەردى. مەسىلەن: « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1996 – يىللىق 6 – سانىنىڭ « ئاياللار خىزمىتىدىن ئۇچۇرلار » سەھىپىسىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 93 مىڭ 619 ئايالنىڭ، 76 مىڭ 467 سى تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان. 7 مىڭ 92 جۈپ ئەر – خوتۇن يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسى، 2 مىڭ 606 جۈپ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەر – خوتۇن پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان. تۇغۇت چەكلەش نىسبىتى %98.98 كە يەتكەن. %80 ئائىلىدە ئىقتىسادنى ئەر – ئايال بىرلىكتە باشقۇرىدىغان بولغان، %50 ئائىلىدە ئايال خوجىدار بولغان.
ئەمما شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات سەۋىيىسى دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلاردىن، بەزى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭكىدىن خېلى ئارقىدا، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ روشەن پەرق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونوم رايونىمىزدا فېئوداللىق كۆز قاراش ۋە باشقا تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد. بۇ خىل قاراشلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
1. يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىغا « بېدىك »، « ۋاسىتىچى » لارنىڭ ئارلىشىشى. بۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك كوللېكتىپ ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىش تۈپەيلىدىن، يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئەركىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان.
2. چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىن بېيىغان بەزى كىشىلەر بۇرژۇئازىيىنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك قارىشىنىڭ تەسىرىدە خوتۇنىنى قىزلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، ئاشنا ئويناش، خىللاشتۇرۇش، توي قىلماي تۇرۇپ بىللە ئۆتۈش، باشقىلارنىڭ ئەر – ئاياللىرىغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشنى ئۆز – ئۆزىنىڭ راھەت – پاراغەت، بەخت ئۆلچىمى قىلىۋالدى.نەتىجىدە جەمئىيەتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش، خوتۇن يەڭگۈشلەش خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىدە ئەر تەرەپ قايتىدىن قىز ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئايالىنى يەتتە بالا بىلەن قويۇۋەتكەن. بۇ كىشى شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئولتۇراق ئۆيلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ ئايالى بىلەن بالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
توغرا بولغان نىكاھ – ئائىلە قارىشى – سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى، شۇڭا بىرىنچىدىن، ھەر قايسى جايلار ھەر مىللەت خەلقىگە نىكاھ قانۇنى، ئانا – بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن نىزاملارنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. ئىككىنچىدىن، ياشلارغا توغرا نىكاھ – ئائىلە، مۇھەببەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەش توغرىسىدىكى تەربىيىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەڭ پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىسى، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى خارى قىلدۇرۇپ، نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىدە سوتسىيالىستىك ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويۇش ئارقىلىق كۆپ ئاجرىشىش، كۆپ نىكاھلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1997 – يىللىق 4 – سانىدىن ئېلىندى .