«قۇتادغۇ بىلىك»نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ئالىم

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك

مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە 1930 –يىلى ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شۇ زامانلاردا يېڭى پەننىي مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، مۇھەممەد قاسىم ھاجىم پەننىي مەكتەپنىڭ ئاران 3- يىللىقىغىچە ئوقۇيالىغان. كېيىنچە مەدرىسىگە بېرىپ ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىللاردا دەرس ئوقۇغان ئىكەن.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ مامۇت سىجاڭنى 6 ياش ۋاقتىدا قەشقەردە كۆرگەن ئىكەن. 1949- يىلى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئاتىسى بىلەن ھەرەمگە ھىجرەت قىلىش مەقسىتىدە يولغا چىقىپ، قەشقەردىن يېڭىسارغا، يېڭىساردىن كونا گىلگىت يولى بىلەن پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىگە 28 كۈندە يېتىپ كېلىدۇ. گىلگىتتىن راۋۇلپىندىغا ئايروپىلان يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، شۇ يىلقى ھەجگە ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن پاكىستاندا ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1950 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى مەككىنىڭ ئاتاقلىق ئۆلۈماسى ئەلەۋىي مالىكى دىگەن كىشىنىڭ قولىدا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىكلىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بەزى ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە سودىگەرلىك يولى بىلەن تۇرمۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىمنىڭ ئەمگەكلىرى

1- 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئو ئىستانسىسىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. مەزكۇر رادىئودا تولۇق 10 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، 1992- يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ، كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

2- « تۈركىستان ئەرلىرى»ناملىق ئەرەبچە بىر كىتاب يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئالىم، ئىنقىلابچى، يازغۇچى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت جەمى 2300 كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىتاب ھازىر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

3- « پادىشاھلار ۋە خوجىلار زامانىدىكى تۈركىستان»ناملىق ئەسىرىنى يېزىش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىرىنچى مانجۇر ئىستىيلاسىدىن باشلاپ ھازىرقى قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىگىچە بولغان تارىخىي جەرياننى تونۇشتۇرغان. بۇ كىتاب 2001- يىلى ئىستانبۇلدا ئەرەب تىلىدا نەشىردىن چىققان. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تېپىلىدۇ.

4- «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ پۈتۈن بېيتلىرىنى ئەرەب تىلىغا شېئىر شەكلىدە تولۇق تەرجىمە قىلغان. بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك»نى 9 ئايدا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىكەن.

5- 1993- يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىبى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم بار ئىدى. مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا تەۋەلىكلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشلىرىنى ۋە ئۇلار بىلەن قان قېرىنداش ئىكەنلىكلىرىنى ئونۇتماسلىقىنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن.

6- مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «ئۇممۇل قۇرا» ئۇنىۋېرسىتېتىدا « شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرى ۋە ئۆتمۈشى»دېگەن تېمىدا ئەرەبچە لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق ئەرەب زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ھاجىم 10 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۆزى ھازىر مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدىكى كىچىككىنە كۇتۇبخانىسىدا ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى كىتاب كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.