بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىسمىتى

بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىسمىتى ، ئەسئەت سۇلايمان

ئەسئەت سۇلايمان

قۇملۇقلاردىكى پايانسىزلىق بىلەن بوستانلىقلاردىكى چەكلىمىلىك ھامان كىشىلەردە بىر خىل قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلىك كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ. تەكلىماكاننى چۆرىدەپ، بىر-بىرىدىن مۇئەييەن ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرغان بوستانلىقلار گويا بارخانلار ئارىسىغا مەڭگۈ بەنت قىلىۋېتىلگەندەك كىشىگە يېتىملىك، غېرىبلىق ۋە دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقتەك خامۇش ھېسسىياتنى بەخشەندە قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ يەردە ياشىغۇچى بوستانلىق خەلقلىرى ئاشۇ چەكلىك دائىرە ئىچىدە ياشاپ، چەكسىز دۇنيانى خىيال قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىنى رومانتىك ھېس-تۇيغۇلار بىلەن ھۆلدەشكە، زېرىكەرلىك ھايات چەمبىرىكىنى ئىلاھىي، سېھرىي ۋە غايىۋى مەزمۇنلار بىلەن كېڭەيتىشكە كۆنۈكۈپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئۈچۈن يوللارنىڭ ئۇزاقلىقى، تۇرمۇشنىڭ بىر خىللىقى، قۇملۇقلارنىڭ جىمجىتلىقى ھېچ گەپ ئەمەس. ئۇلارغا نىسبەتەن ھەر بىر تال قۇم دانچىسىدا، سۈررەڭ قۇم بارخانلىرىدا، توپىلىق يوللاردا، جاھاننى مالىمان قىلىدىغان قۇم بورانلىرىدا ۋە توغراقلارنىڭ قاغجىرىغان شاخلىرىدىمۇ ئۆزىگە خاس مەنە، ھاياتىي مەزمۇن بار. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشى ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار شەكىللەنگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەردىكى كونسولخانىسىدا دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ خانىمى بولۇپ تۇرغان دىئاننا سىمپتون ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن، مەندىكى قۇملۇق ئۇقۇمى كىشىلەردىكى ئادەت بولۇپ كەتكەن قاراشقا ئوخشاش ئىدى. كۆز يەتكۈسىز پايانسىز قۇملۇق، تەبىئەتنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى نامايان قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىر خىل ‹رومانتىك› كەيپىيات ئاتا قىلاتتى. ھەممىلا جاي بەئەينى بىر غايىبانە مەنزىرە، قۇملۇقتىكى قەبىلە باشلىقى، قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان تۆگىلەر… مانا بۇلار قۇملۇقتىكى رومانتىك كەيپىياتنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ… لېكىن، مەن شىنجاڭدا باشقىچە بىر قۇملۇق مەنزىرىسىنى كۆردۈم. بۇ يەردىكى قۇملۇق تېخىمۇ شەپقەتسىز، سۈرلۈك، تىمتاس، زېرىكەرلىك ئىدى. كۈلرەڭ شېغىل پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىغانىدى. بەزىدە دەل-دەرەخ، گىياھ توسۇۋالغان تاشلارمۇ ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ ئۇپۇق سىزىقىغىچە يېيىلغاندەك كۆرۈنەتتى. يىراقتىن ئەينەكتەك يالتىرىغان مەنزىرىلەر كۆزگە چۈشەتتى. بۇ مەنزىرىلەر رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدە دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئادەمنى كولدۇرلىتىدىغان دەرەخلەرنىڭ ئەكس سايىسىغىمۇ، ئادەمنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ، ئارقىدىنلا مەيۈسلەندۈرىدىغان خىيالىي مەنزىرىلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ. شىنجاڭدىكى قۇملۇقلارنىڭمۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەرەپلىرى بار، چەكسىز كەڭلىكى، ئۆلۈك ۋە زېرىكەرلىكىدىن باشقا، قۇملۇقتىكى جىمجىتلىق ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى ئادەمدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ ھەمدە ئىختىيارسىز ھۆرمەت ۋە ئىلھامىنى قوزغايدۇ…».مانا مۇشۇنداق ناچار تەبىئىي مۇھىتتا، تىمتاس ۋە زېرىكەرلىك كەيپىياتتا ھەمدە «گويا بىر مەھبۇسقا ئوخشاش، ئۆز ئەتراپىدىكى جۇغراپىيىۋى مۇھىت تەرىپىدىن قامال قىلىنغان» دۈملەنمە شارائىتتا ھەممىگە مەشھۇر بولغان تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتى يارىتىلدى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى، قۇم بورانلىرىنىڭ زەربىسى، دەريالارنىڭ ئۆز ئېقىنىنى يۆتكىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن مۇنبەت بوستانلىقلار ۋە قەدىمىي شەھەرلەر قۇم ئاستىغا غەرق بولدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر گويا قۇم ۋە قۇرغاقچىلىق بىلەن ئېلىشىشقا يارالغاندەكلا نەدە سۇ بولسا، شۇ يەرگە سۈرۈلۈپ يېڭى بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ كەلدى. تاغ، بوستانلىق ۋە قۇملۇقنىڭ گىرەلەشمە ھالەتتىكى بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان مۇناسىۋىتى بۇ رايوننىڭ تارىختىن بۇيانقى مەڭگۈلۈك تەبىئەت دىئالېكتىكىسىنى ھاسىل قىلدى.
تالاي يىللار، ئاجايىپ قىسمەتلەر ئۆتۈپ كەتتى. تەكلىماكاندىكى قانچىلىغان شەھەرلەر خارابىگە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ياكى يېرىم گەۋدىسىنى قۇم بېسىپ كەتتى. يېڭى بوستانلىقلارغا كۆچۈپ كەتكەن كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن قەدىمىي شەھەرلەردىكى تارىخىنى ۋە ئاجايىپ كەچمىشلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كىتىشتى. تېخىمۇ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجداتلىرى ياشىغان ئاشۇ تاشلاندۇق خارابىلەرنى «قالماق شەھىرى» دەپ ئاتاشتى. ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ مۇشۇ جايلاردا ياشىغانلىقىنى، قۇم ئاستىغا غەرق بولغان قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى.
تەبىئەتنىڭ تىنىمسىز زەربىسى ۋە بوستانلىقلاردىكى ھاياتنىڭ چەكلىمىدىكى بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. قەدىمكى تارىخ بىلەن ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان ھەقدارلىق ھېسسىياتى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كەتتى. ئىسلامىيەتنىڭ 10- ئەسىردىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارغا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئىلگىرىكى پارلاق بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن قاتتىق چەك-چېگرا ھاسىل قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇمغا كۆمۈلگەن قەدىمكى خارابىلەرەە ۋە ئۇنىڭغا دۈملەنگەن مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئۇلاردا بىر خىل ئىنكارچىلىق خاھىشى شەكىللىنىشكە باشلىدى. قۇم ئاستىدىكى ئاشۇ رەڭدارلىقى جۇلالىنىپ تۇرغان مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ياراتقانلىقىغا، يەنە كېلىپ ئاشۇ قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
زامان پاراۋوزى توختىماستىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ۋاقىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇۋەتتى. بوستانلىقلاردىكى ئەلمىساقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل تىمتاس ۋە تىندۇرما ھايات ئۆز رىتىمى بويىچە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئەمدىلىكتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا تىنىپ كەتكەن قەدىمكى مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرىدىن پەقەتلا كىشىنى ھەم جەلب قىلىدىغان ھەم ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ ئەپسانە-رىۋايەتلەرلا قالغانىدى.
قۇملۇق خەلقلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەدىمكى يوقالغان شەھەرلەر، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلانغان سىرلىق ساندۇقلار ۋە ئىشىكلىرى ئەپسۇن-جادۇ بىلەن ئېتىۋېتىلگەن خەزىنىلەر ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر مىسلىسىز تارتىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، خۇددى ياۋروپالىق دېڭىز تەۋەككۈلچىلىرى شەرقتىكى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە خۇشپۇراق ماتېرىياللار بىلەن تولغان سىرلىق ئاراللار ھەققىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رىۋايەتلەرگە ئىشىنىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغىنىدەك، مەركىزى ئاسىيادىكى پىنھان بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن بۇ ساددا كىشىلەرمۇ تاسادىپىي كېلىپ قالىدىغان سىرلىق ئامەتلەرگە شەكسىز ئىشىنەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇلاردا ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك، گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ، تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەرنى پەيدا قىلالايدىغان سۇپرا، پادىشاھلىق تەختىنى ئاتا قىلالايدىغان سۇمۇرۇغ قۇش ۋە كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ھۆر-پەرىلەر ھەققىدىكى گۈزەل رىۋايەتلەرنىڭ كەڭ تۈردە ئەۋج ئالغانلىقىنىڭ ھېچقانچە ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئەرەبلەر، پارسلار، ھىندىلار ۋە قەدىمكى يۇنان-رۇملۇقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئىسكەندەر پادىشاھ، سىندىباد ساياھەتچى، ئەسھابۇل كەھف، ئەلى بابا ھەققىدىكى مەشھۇر رىۋايەتلەرنىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتەلەيتتى.
ھالبۇكى، تاسادىپىيلىق ئىچىدە ئامەتكە ئېرىشىش، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بىراقلا بېيىپ كېتىش ھەمدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پسىخىكىسى بوستانلىق خەلقلىرى ئىچىدە ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي قاتلام — قۇملۇقتىكى «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نى شەكىللەندۈردى.
«گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» — قۇمغا كۆمۈلگەن قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، چوڭ تىپتىكى قەبرىستانلىقلار ۋە مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىرىنى تىمسىقلاپ ئاختۇرۇپ، بايلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان «تەلەي سىنىغۇچىلار» گۇرۇھى ئىدى. ئۇلار خەلق ئىچىدە «كېپەن ئوغرىلىرى» دېگەن قورقۇنچلۇق نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇزۇقچىلىق خاراكتېرلىق پائالىيەتىرى دەسلەپتە كونا قەبرىلەر ۋە خارابىلەرنى قېزىپ ئالتۇن-كۈمۈش ھەمدە پۇلغا يارىغۇدەك بۇيۇملارنى ئىزدەش بىلەنلا چەكلەنگەنىدى. ئەمما، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەر ۋە ئېكسپېدىتسىيىچى خادىملار ئارقا-ئارقىدىن تارىم ئويمانلىقىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ئارخېئولوگىيىلىك ۋە جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەخسۇس ئاسارە-ئەتىقە، قەدىمكى قوليازمىلار، ھەر خىل تىللاردىكى ھۆججەتلەر، لاي پۈتۈكلەر ۋە نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ، ياۋروپادىكى ھەر قايسى مۇزېيلارغا يولغا سالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپ خوتەن بوستانلىقلىرىدا «‹گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر›، ‹كېپەن ئوغرىلىرى› ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە شەكىللىنىپ ئۈلگۈردى. ئۇلارنىڭ قارا قولى چەت ئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىدىن ئىلگىرىلا كونا خارابىلەرگە تېگىپ بولغانىدى». l
ئۇلار خوتەن بوستانلىقىدا ئالاھىدە ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇۋاتقان بىر پەيتتە، يەركەن، قەشقەر، كۇچا ۋە تۇرپان بوستانلىقلىرىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قوشۇنى جىددىي رەۋىشتە مەيدانغا چىقتى. چۈشىدىمۇ پۇل ۋە بايلىق چۈشەيدىغان بۇ تەۋەككۈلچىلەر ھاياتىنى دوغا تىكىپ قەبرىمۇ قەبرە، خارابىمۇ خارابە ئايلىنىپ يۈردى. قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلىرىنى بىر قانچە تەڭگىگە سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆك كۆز، سېرىق چاچ پەرەڭلەرنىڭ يولىغا كۆزلىرى تېشىلگىچە قاراپ تۇراشتى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى قاياقتىندۇر بىر ئەجنەبىي پەرەڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ ئۇلار ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك تەرەپ-تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ «ئولجا»لىرىنى ئۇنىڭغا كۆز-كۆز قىلاتتى. چىڭقىلىپ تۇرۇپ باھا تالىشاتتى. ئاخىرىدا بىر قانچە تەڭگىگە ئېرىشكەندىن كېيىن «خۇداغا شۈكرى، ئەسكى-تۈسكى، جۇلدۇر-كېپەننى شاراقلاپ تۇرىدىغان تەڭگىگە ئالىدىغان ئەخمەق پەرەڭنى ئەجەب بابلىدىم!» دېگىنىچە ئۆز يولىغا راۋان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم پىشقانلىرى، ھەتتا ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ تېپىلمىلارنى ئەرزان باھادا يىغقاندىن كېيىن، ئەجنەبىي پەرەڭلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئۇزاق دەشت-باياۋانلارنى كېزىپ قەشقەرگە باراتتى ھەمدە ئەنگلىيە، چارروسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسولخانىلىرىغا سېتىپ بېرەتتى. چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە خوتەن ۋە يەركەن بوستانلىقلىرىدىن بىر قىسىم كەسپىي «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ ئۆز «ئولجا»لىرىنى ئات-ئېشەككە ئارتىپ، قارا قۇرۇمدىكى شەيدۇللاھ ئېغىزى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى گىلگېت، سېرىناگار، خۇنزا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئەنگلىيىلىك ئاسارە-ئەتىقە سودىگەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە سودىلاشقانلىقى مەلۇم.
ئاۋرېل ستەيىن ئۆزىنىڭ «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «گۆھەر ئىزدەش» دېگىنىمىز، ئىلگىرى ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، ھازىر تاشلىنىپ قالغان جايلارغا بېرىپ، قىممەتلىك مىتاللارنى ئىزدەش ئىدى. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن خوتەن بوستانلىقىدا بىر خىل ئادەت بولۇپ قالغان. مەسىلەن، ئالتۇن چايقاش، قاشتېشى قېزىش… قاتارلىقلار. ئامەت كېلىپ قالار دەپ ‹گۆھەر قېزىش›، ئەمەلىي تىرىكچىلىك يولىنى تاپالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز بىر خىل ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ھەم باشقا جايلاردىن كەلگەن ياۋروپالىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ تەلىپى بىلەن يېرىم كەسىپلىشىپ كەتكەن بۇ ‹گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر› بەلگىلىك مۇددەتتە قەدىمكى خارابىلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، قەدىمكى يادىكارلىقلارنى ئىزدەشنى پۇل تېپىشنىڭ ئىككىنچى كەسپى قىلىۋالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خوتەن بوستانلىقىدا تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، تەلەي سىناپ باقىدىغان «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قوشۇنىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغانىدى.
شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى مەدەنىيەت ئەتكەسچىلىكى ئەجنەبىيلەرنىڭ بىر قانچە تەڭگىسىنى قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ ئادەملەر — قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئاتا بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى كولاپ، كېپەنلىرىنى بۇزدى. قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى ئاختۇرۇپ، قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى ساتتى. قەدىمكى خارابىلەردىن يىغىۋېلىنغان زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئۆلگەن تىللاردىكى ۋەسىقە ھۆججەتلەر توپ-توپى بىلەن روسىيىنىڭ پېتېربۇرگ شەھىرىگە، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن، ھامبۇرگ شەھەرلىرىگە، ئەنگلىيىنىڭ لوندون، شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى موزېيلارغا ئېلىپ بېرىلدى. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىمۇ بۇ قىممەتلىك «ئولجىلار»دىن قۇرۇق قېلىشىنى خالىمىدى. ئامېرىكىلىق ۋارنېر 1923- يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىكى 12 پارچە تام رەسىمىنى خىمىيىۋى ئېرىتمە بىلەن قومۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن: «20 يىلغا قالمايلا بۇ يەرنىڭ ھېچبىر كۆرگۈچىلىكى قالمايدۇ!» دېگەنىدى.
«گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» ئۆزلىرى يىغىۋالغان تۈرلۈك بۇيۇملارنى ئەجنەبىيلەرگە سېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن «گۆھەر يىغقۇچى» پەرەڭلەرگە يول باشلىغۇچى بولدى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سۋېن ھېدىن، ئاۋرېل ستەيىن، گرۇنۋېردىل، فون لېكوك، پېللىئوت ۋە ئوتانى ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىگە ياللىنىپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەجنەبىيلەرنى باشلاپ باردى. ئۇلارنىڭ قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن مەدەنىيەت جاۋاھىرلىرىنى كولاپ ئېلىپ كېتىشىگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇردى. ئەجنەبىي پەرەڭلەرنىڭ نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى، قانداق نەرسىلەر پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشتى.
بۇنىڭ بىلەن «كېپەن ئوغرىلاش»نى كەسىپ قىلغان بۇ «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆز ئەجدادلىرى قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئەرزىمەس، تەڭگىلىرىگە تېگىشلىك خۇشاللىق بىلەن رازى بولۇشتى. ئۇلار ئۆزلىرى سېتىۋاتقان ئاشۇ «ئەسكى-تۈسكى»لەرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ قەيەرلىرىگە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشۇ نەرسىلەرگە ھاجەتمەن بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدى. پۈتۈن دۇنيا يېڭى دەۋرنىڭ تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان مىللىي ئاڭ ۋە دېموكراتىك پىكىر ئېقىملىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تارىم ئويمانلىقىدا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئازابلايتتى. ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىك، ئۆز ئۆتمۈشىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كېتىش، ئۆز قولى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىنى كولاپ، كېپەنلىرىنى باشقىلارغا سېتىش ھەمدە تارىخقا، ئۆتمۈشكە، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا نىسبەتەن قىلچىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولماسلىق … مانا بۇ بىر مىللەتنىڭ ھەقىقىي تراگېدىيىسى ئىدى!
ستەيىن ئۆزىنىڭ خوتەندىكى «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ بىر مۇنچىلىغان يادىكارلىقلارنى يىغىۋالغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «خوتەندە تۇرۇپ قالغان قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك يەرلىك دېھقانلار ۋە ‹گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر› ئېلىپ كەلگەن قەدىمكى پۇل، ساپال ھەيكەل ۋە باشقا قەدىمكى بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشكە كەتتى. تاغارغا لىق قاچىلانغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى سۇنۇپ كەتكەن ساپال پارچىلىرى، مېتال پۇللار بولۇپ، ئۇلار يوتقان خارابىسىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇرۇنقى يىغىپ ساقلانغان قەدىمىي بۇيۇملار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى داڭلىق بۇيۇملار بار ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش مەن ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى بىر چېنىقىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كەسپىي ‹گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر›نىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، دەسلىپىدىلا كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىشىم كېرەك، دەپ ھېس قىلغانىدىم. تەبىئىيكى، مەنمۇ ئاشۇ ناتونوش يېزىقتا يېزىلغان ياكى ‹ئويما باسما›دىكى ‹قەدىمىي كىتاب›لارنى سۈرۈشتە قىلىشقا دىققەت قىلدىم. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قەشقەردىكى ياۋروپالىق يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا خوتەندىن سېتىۋېلىنغان بۇنداق قەدىمىي كىتابلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى». «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قۇملۇقلارنىڭ تەبىئىي شارائىتىنى بەش قولدەك پىششىق بىلەتتى. قانداق ۋاقىتلاردا قۇملۇقلاردىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىنى، قانداق جاينى كولىسا نېمىلەر چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلاردا ئاجايىپ بىر خىل پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە سەزگۈ مەۋجۇت ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ تەبىئىي ئىقتىدارغا تايىنىپ، باشقىلارغا دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك قىيىن تۇيۇلىدىغان قۇملۇقتىكى قەدىمي شەھەر خارابىلىرىنى ئاسانلا تېپىۋالاتتى. چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بۇ يەرلەرگە قەدەم بېسىشتىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ ئاياغ ئىزلىرى ھەر قايسى خارابىلەرگە بېرىپ ئۈلگۈرگەن ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بىر قۇر قىدىرىپ بولغانىدى. تەكلىماكانغا دەسلەپ قەدەم باسقان چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىدىن سۋېن ھېدىن «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك بايلىق ئىزدەش يۈرۈشلىرى بولمىغىنىدا، بەزى مۇھىم مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بىر قەدەر ئەسلى قىياپىتى بىلەن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نوقۇل ئالتۇن-كۈمۈشتىن باشقا بارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەرزىمەس نەرسىلەر دەپ بۇزۇپ-چاچىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە بۇتلارنىڭ ئىچىدىن گۆھەر چىقىدۇ، دەپ بۇتلارنى چاقىدىغانلىقىنى يازىدۇ. سۋېن ھېدىن يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ قۇملۇقنىڭ ھاۋارايىغا ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى، كېرىيىنىڭ بۇراسان دېگەن يېرىدىكى بۇ كەسپىي «كېپەن ئوغرىلىرى»نىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان چوڭ بوراندىن كېيىنكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنىڭ ئېچىلىپ قېلىش پەيتىنى زادى قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. p
خوتەن بوستانلىقىدىن باشقا، يەركەن، قەشقەر، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق يۇرتلاردىمۇ زور بىر تۈركۈم «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قوشۇنى ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تىنىمسىز تۈردىكى تەۋەككۈلچىلىك خاراكتېرلىك قىدىرىشلىرى ۋە «تەلەي سىناش»لىرى نەتىجىسىدە قەدىمكى خارابىلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىللىققا ئۇچرىدى. سان-ساناقسىز يادىكارلىقلار ناتونۇش پەرەڭلەر تەرىپىدىن ئاللىقاياقلارغا ئېلىپ كېتىلدى. ئالتۇن-كۈمۈش ۋەسۋەسىسى بۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قىزدۇرۇپ، ھەتتا ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە ئېلىپ باردى. ستەيىن بىرىنچى قېتىم خوتەنگە كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكلىماكاندىكى بىر قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن ئاجايىپ نەپىس ياسالغان بىر مۇنچە بۇتلارنى بايقىغان بولۇپ، ئېلىپ كېتىشكە ئېغىر ھەم قولايسىز بولغانلىقتىن ئامالسىز قايتىدىن قۇمغا كۆمۈپ قويىدۇ. بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ خوتەنگە ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە ھېلىقى خارابىگە بېرىپ ئىلگىرى كۆمۈپ قويغان بۇتلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بايلىق تەمەسىدە ئەسەبىيلەشكەن «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» بۇ بۇتلارنى ئاللىقاچان كولاپ چىقىرىپ، ئىچىدە ئالتۇن-كۈمۈش بارمىكىن، دەپ چېقىپ پارە-پارە قىلىۋەتكەنىدى. ستەيىن بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ تاشلىغانلىقىنى يازىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا شۇ يىللاردا يەنە ھەر قايسى بوستانلىقلاردا كونا خارابىلەرنى بۇزۇپ، ياغاچ-تاشلىرىنى ئىشلىتىش، «ئۇغۇت قىلىش» مەقسىتىدە كونا ئىمارەتلەرنى ئۆرۈش، توپىلىرىنى ئېلىپ كېتىش ئىشلىرى ئەۋج ئالغانىدى. غەرب سەيياھلىرى يازغان بەزى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپانلىق بىر دېھقاننىڭ كونا ئىدىقۇت خارابىسى توپىسىنى كەتمەندە چوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ توپىنى چوقۇيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇنىڭ بۇ توپىنىڭ يەرگە ناھايىتى ياخشى ئوغۇت بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، بەزى دېھقانلارنىڭ كونا خارابىلەرنى كولاپ توپىسىنى ئېلىش جەريانىدا ئۇچرىغان قەدىمكى قوليازما ۋە ھۆججەتلەرنى ئاتالمىش موللىلارنىڭ «يامان بولىدۇ». «دىنسىزلارنىڭ كۇپرىلىق يازمىلىرى» دېگەن پەتىۋالىرى بىلەن نابۇت قىلىۋەتكەنلىكى كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. گېرمانىيىلىك فون لېكوك ئۆزىنىڭ «جۇڭگو تۈركىستانىدا ساقلىنىۋاتقان گۆھەرلەر» ناملىق كىتابىدا تۇرپان ئاستانىلىق بىر دېھقاننىڭ ئىدىقۇت خارابىسىدىكى بىر تام ئارىسىدىن بىر ھارۋا توشقۇدەك كونا قوليازمىلارنى تېپىۋالغانلىقىنى، بىراق موللامنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، سۇغا ئاققۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازىدۇ.r بۇ دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوليازمىلارنىڭ سەھىپىلىرى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن، ھەر خىل رەڭدار رەسىملەر بىلەن بېزەلگەنىكەن. تۇرپان، كۇچا تاشكېمىرلىرىدە ئاتايىن سامانغا ئوت يېقىپ ئىسلاپ غەيرى دىننىڭ تام رەسىملىرىنى قارايتىۋېتىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن.
«گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» كونا خارابىلەردىكى پۇلغا يارىغۇدەك مېتال بۇيۇملار، ساپال قاچىلار، لاي بۇتلار ۋە باشقا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىر قۇر سېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ئەجنەبىي پەرەڭلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلارغا، كونا قوليازمىلارغا بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەڭ كۆلەمدىكى كونا قوليازمىلار ۋە قەدىمكى يازما ۋەسىقىلەرنى يىغىپ سېتىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. بۇنداق قوليازما ۋە قەدىمكى ھۆججەتلەرنى ساتقۇچى بېدىكلەر ھەممىلا يۇرتلاردا بار بولۇپ، خوتەندە ئىسلام ئاخۇن، نىياز موللام ۋە تۇردى ئاخۇنلار خېلىلا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ، ئىسلام ئاخۇننىڭ ساختا قوليازما ياساپ سېتىشتەك قىلمىشلىرى يىراقتىكى ياۋروپالىقلارنىمۇ چۆچۈتىۋەتكەنىدى. كونا كىتاب ۋە قوليازمىلار سودىسى ئەينى چاغدىكى چەت ئەللىكلەر كۆپ كېلىدىغان قەشقەردە خېلىلا كەسىپلەشكەنىدى. گۇننار ياررىڭ ئۆزىنىڭ «قەشقەرىيىگە قايتا سەپەر» ناملىق ئەسلىمىسىدە، 1929- يىلى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم بارغان چېغىدا، بۇ شەھەردە كونا قوليازمىلارنى ساتقۇچى بېدىكلەرنىڭ خېلىلا كۆپلۈكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ روزى ئاخۇن دەيدىغان بىر قوليازما تىجارەتچىسى بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «روزى ئاخۇن بىر كۈنى بالىخانىدىكى ئۆيۈمگە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دەپلا پەگادا ئولتۇرۇپ، دۈمبىسىدىكى خورجىنىدىن ساتىدىغان نەرسىلەرنى چىقاردى. ئۇ باشتا ماڭا نەپىس گۈللەر چېكىلگەن خوتەننىڭ مىس چۆگۈنىنى كۆرسەتتى. كەينىدىن قەشقەردە سوقۇلغان كۈمۈش زىرىنى تەڭلدى. بۇ ئىككى نەرسىنى شۇ ئانلا ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۇ خورجىنىدىن يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ مەلۇم يېرىدە ئىشلەنگەن كۇرۇشكا، سىر بېرىلگەن قاچا، بىر نەچچە كەشتە ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چىقاردى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ىر ھازاغىچە سودىلىشىپ يۈرۈپ، مىس چۆگۈن بىلەن كۈمۈش زىرىنى ئالدىم. قالغان نەرسىلەر ئۆزىگە قالدى. مانا بۇ روزى ئاخۇن بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سودا-سېتىقنىڭ باشلىنىشى، شۇنداقلا ئۆزئارا تونۇشىشىمىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. كېيىنچە بۇ خىل تونۇشۇش دوستلۇققا ئايلاندى. روزى ئاخۇن نېمىگە بەك قىزىقىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا كىتاب ۋە قوليازمىلارغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ كېلەركى نۆۋەتتە ئەكېلىشكە لەۋزى قىلدى».(10)
ئومۇمەن ئېيتقاندا، قەدىمكى قوليازما ۋە ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلغان «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قاتلىمى خوتەن بوستانلىقىدا باشقا ھەر قانداق رايونلارغا قارىغاندىمۇ خېلىلا كەسىپلەشكەنىدى. ئىسلام ئاخۇننى مەركەز قىلغان «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» گۇرۇھى ئەجنەبىيلەرنىڭ كىتاب ۋە قەدىمكى قوليازمىلارغا بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئولجا»لىرىنى بىۋاسىتە قەشقەرگە ئاپىرىپ سېتىپ خېلىلا پايدىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەپىسى تېخىمۇ يوغىناپ كەتتى. ئادەملەرنىڭ ئاللىقاچان ئاياغلىرى تېگىپ بولغان قەدىمكى خارابىلەردىن قىممەتلىك يازما ۋەسىقىلەرنى ئىزدەپ تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى «ئولجا»لارغا داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن چۆل-جەزىرىلەردە ئاي-ئايلاپ تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا، باشقىلار بېرىپ باقمىغان يېڭى خارابىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلەتتى.
خاراكتېرى خوتەن كىشىلىرىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان، قۇۋلۇق-شۇملۇقتا خېلى يېتىلگەن ئىسلام ئاخۇن چۆل-جەزىرىلەردىكى ھاياتىنى دوغا تىكىپ «گۆھەر ئىزدەش» جاپاسىنى قاتا تارتىشنى خالىمىدى. خۇددى ستەيىن ئېيتقاندەك: «بۇنداق زېرىكىشلىك قۇم بارخانلىرىنى ئاختۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى جاپالىق، شۇنداقلا قەدىمكى نەرسىلەرنى تېپىش ئۈمىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. بۇ ئىسلام ئاخۇندەك ئەقىللىق ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەدىمىي كىتابلارنى ياساش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۆتىۋەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئويلاپ چىققان».(12)
شۇنداق قىلىپ، ئىسلام ئاخۇن ئىبراھىم موللا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە شېرىكلىرى بىلەن ساختا قوليازمىلارنى ياساشقا رەسمىي كىرىشكەن. ئىبراھىم موللا رۇسچىنى ئازراق بىلگەچكە، روسىيىلىك «قەدىمىي كىتاب» ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، ئىسلام ئاخۇن ئاساسلىقى ئەنگلىيىدىن كەلگەن كىشىلەرنى ۋە باشقا يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان. (13)
ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياسىشى بىلەن پۈتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى «قەدىمىي كىتابلار» 1895- يىلىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە بىلەن روسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سېتىلغان. بولۇپمۇ، 1895-، 1898- يىللىرى ئارىلىقىدا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا سېتىۋېلىنغان تۈرلۈك ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خوتەندىكى ئاتاقلىق «گۆھەر ئىزدىگۈچى» ئىسلام ئاخۇندىن سېتىۋېلىنغان. (14) خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ساختا قوليازمىلار، ھەتتا كالكۇتتا، لوندون، پارىژ ۋە سان-پېتربۇرگ مۇزېيلىرىغىچە يەتكۈزۈلگەن. ستەيىن ئىككىنچى قېتىم خوتەنگە كەلگىنىدە ئىسلام ئاخۇننى تۇتۇپ سوراق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، دەسلەپتە ياسالغان ساختا قوليازمىلار دەندان ئۆيلۈكتىن تېپىۋېلىنغان ھەقىقىي قوليازمىلارنىڭ پارچە بەتلىرىدىكى ئۇلاپ يېزىلغان براخمى يېزىقى نۇسخىلىرىغا تەقلىد قىلىنغان. گەرچە بۇ ساختىپەزلەر باشتىن-ئاخىر ئۆزلىرى بىلىدىغان بىرەر يېزىقتا مەزمۇنلىرى باغلىشىدىغان بىرەر كىتابنىمۇ ياسىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن دەسلەپكى ساختا ماللىرى ناھايىتى نەپىس، ياخشى ياسىلىپ، بىر مەزگىل ياۋروپالىق ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئالداپ كېتەلىگەن…. بۇ مەھسۇلاتلار قەشقەردە ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىپلا قالماي، بەلكى لاداق بىلەن كەشمىردىمۇ ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلغان. بۇ ساختا مال ياسىغۇچىلار ئۈچۈن زور رىغبەت بولغان. ئىسلام ئاخۇن ئۆزلىرى ياسىغان كىتابلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ھەم بىرەر ياۋروپالىقنىڭ بۇ يېزىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالغان. شۇڭا، ئۇلار قەدىمكى ۋەسىقىلەردىكى ھەقىقى خەت نۇسخىلىرىنى ئۇنچىلىك ئىنچىكە دورىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن-دە، ئۆزى خالىغانچە ‹ناتونوش يېزىق›لاردىكى ھۆججەتلەرنى ياساۋەرگەن».(15)
ستەيىننىڭ ئىسلام ئاخۇننى سوراق قىلغان خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ساختا قوليازمىلارنى قولدا ياسىغاندا ئىش ئۈنۈمى ناھايىتى ئاستا بولغان. شۇڭلاشقا، ئىسلام ئاخۇن كىچىك تىپتىكى زاۋۇت قۇرۇپ، ياغاچ تاختىلارغا خەت ئويۇش ئارقىلىق كۆپ مىقداردىكى خوتەن قەغىزىگە ھەر خىل خەتلەرنى باسقان، ئۇلار ئاندىن خەت بېسىلغان قەغەزلەرنى توغراق يىلىمى بىلەن سېرىق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدە بويىغان. بويالغان قەغەزلەرنى ئوتقا قاقلاپ ئىسلاش ئارقىلىق ئالاھىدە قەدىمىي قەغەزلەرنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرغان. بەزى قەغەزلەر ئوتقا قاقلاپ ئىسلاش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن چۆرىلىرى كۆيۈپمۇ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەييار بولغان قەغەزلەرنى يىپ ياكى شوينا بىلەن تىكىپ تۈپلىگەن. ئەمما، تۈپلەش تېخنىكىسى جەھەتتىن ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا خېلىلا چاندۇرۇپ قويغان.
ئىسلام ئاخۇننىڭ شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالالىغۇدەك بۇ ھىيلىگەر كاللىسى ياۋروپالىق يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە قەدىمكى ئۆلگەن تىللاردىكى قوليازمىلارنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنى بىر مەھەل تازا كولدۇرلاتتى. ھەتتا، بەزى مەشھۇر ئالىملار تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن بازىرىدا تۈزۈك خەت ساۋاتىمۇ يوق بىر كىشى تەرىپىدىن ياسالغان ساختا قوليازمىلاردىكى «ناتونۇش خەت»لەرنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن قانچە يىللىغان ۋاقتىنى زايا قىلدى. ئەنگلىيىلىك پېتىر فوبكىرك ئىسلام ئاخۇننىڭ ساختا كىتابلىرى ھەققىدە غەزەبلەنگەن ھالدا مۇنداق دەپ يازدى: ماكارتنېي (ئەنگلىيىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى) بىلەن پېتروۋسكىي (چارروسىيىنىڭ قەشقەردىكى كنسۇلى)غا بىرلا ۋاقىتتتا قەدىمكى ھۆججەتلەرنى بېرىپ تۇرغان يەرلىك ئاساسلىق ھۆججەت ساتقۇچى ئىسلام ئاخۇن دېگەن ئادەم بولۇپ، ئۇ بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بولۇۋاتقان سۈركىلىشلەردىن پايدىلىنىش قارارىغا كەلگەنىدى. ئىسلام ئاخۇننىڭ باشتا بەرگەنلىرى ھەقىقىي بۇيۇم ئىدى. ئەمما، كېيىنچە ئۇ بۇ ئىككىيلەنگەن ‹ئۆزى قاتتىق مېڭە ئىشلىتىپ ياساپ چىققان› قەدىمىي ھۆججەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ تەكلىماكان قۇملۇق ئىچىگە كىرىپ، بۇ نەرسىلەرنى ئىزدىمەيدىغان بولدى. ئاقىۋەت ئاۋرېل ستەيىن ئىسلام ئاخۇننىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ستەيىن بۇ ئادەم تەمىنلىگەن ھۆججەتلەردىن گۇمانلىنىپ، بىر قىلتاق قۇردى-دە، بۇ ھۆججەت ساتقۇچى بېدىكنى، قەدىمكى ھۆجەتلەرنى ياساپ چىقىش جەريانىنى تولۇق ئىقرار قىلدۇردى. ئىسلام ئاخۇن ياساپ چىققان ھۆججەتلەر بىلەن پېتروۋىسكىنى ئالدىغان. بۇ بەلكىم، ماكارتنېيغا ئازراق تەسەللى بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئىسلام ئاخۇن ئەنگلىيىلىك نام-ئابرۇيى ناھايىتى يۇقىرى بىر ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى سررۇلۇف خونلنى كولدۇرلاتقانىدى. چۈنكى، ئۇ ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بۇ ساختا ھۆججەت ياسىغۇچى ياساپ چىققان «‹يېزىق›نى ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىكاردىن بىكارغا بەش يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلغانىدى».(16)
شۇنداق قىلىپ، ئاۋرېل ستەيىن 1901- يىلى خوتەندىكى «گۆھەر ئىزدەش» دولقۇنى تازا ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە، ئىسلام ئاخۇننىڭ ساختا قوليازمىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. بۇ ئىش «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ پائالىيەتلىرىگە ئەجەللىك زەربە بەردى. ستەيىن ئۆز قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلغاندىن كېيىنكى ئىسلام ئاخۇننىڭ بىچارە ھالىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۆھبەت داۋامىدا مەن ئىسلام ئاخۇننىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. ئىسلام ئاخۇن ھىيلىگەر ھەم خىيالپەرەس ئادەم بولۇپ، ئادەتتىكى خوتەن كىشىلىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ بويتۇرقى كېلىشكەن بولۇپ، چىرايىدىن ۋە كۆزلىرىدىن زېرەك، قۇۋ ھەمدە ئاچكۆزلىكى چىقىپ تۇراتتى. بىر قاراشتا ئۇ كەشمىرلىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتەتتى… مۇبادا ئۇ ماڭا ئوخشاش بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۆزى ياساپ چىققان تارشا پۈتۈكلەرنىڭ ياۋروپادىكى ھەر قايسى چوڭ كۇتۇبخانىلاردا ماراكەش مۇقاۋىسىدەك مۇقاۋا بىلەن كۆركەم تاشلىنىپ، ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئىدى، بەلكىم ئۆزىدىن تېخىمۇ بەكرەك پەخىرلەنگەن بولاتتى… مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: ‹سەن بەكمۇ ئەقىللىق ئادەم ئىكەنسەن، خوتەندەك بۇنداق ئەخلمەقلەر دىيارىدا ياشىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى›، دېگەنىدىم. ئۇ مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە راستتىنلا چىنپۈتۈپ قالغان چېغى، مەن خوتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا مېنىڭ ئۆزىنى بىرگە ياۋروپاغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشىمنى ئۆتۈندى. بىراق، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم». (17)
مانا بۇ «گۆھەر ئىزدەش»، ئامىتى كېلىپ بىراقلا بېيىپ كېتىش» ۋەسۋەسىسىدە كاللىسى قىزىپ ئەسەبىيلەشكەن بىر خىيالپەرەسنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىدى. ئىسلام ئاخۇننىڭ كۆڭۈلسىز ئاقىۋىتىدىن كېيىن خوتەن بوستانلىقىدىكى «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ پائالىيەتلىرى خېلىلا پەسكويغا چۈشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئامېرىكىلىق ۋارېۋنىڭ ئېيتقىنىدەك ئارىدىن 20—30 يىل ئۆتمەيلا بىر مەھەل يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى دولقۇنى ئۆتۈپ كەتتى. رۇسلار بىلەن ئىنگلىزلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قەشقەر رايونىدىكى كۈچ سىنىشىشى ئاخىرلاشتى. ياۋروپالىقلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىمۇ ئېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر»نىڭ بازىرى بارغانسېرى كاساتلاشتى. قايتا-قايتا ئاختۇرۇپ، كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنېمىسى قالمىغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىمۇ مەھسۇلاتسىز ئېتىزدەك چۆلدەرەپ قالدى.
ھالبۇكى، ئالاھىدە ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە يېرىم كەسىپلەشكەن «گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر» قوشۇنى تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلاردا يەنىلا غەيرىي رەسمىي ھالەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا قەدىمكى خارابىلەرنى ئەرۋاھلاردەك ئايلىنىپ چىقاتتى. بەزىدە يىغىش-سېتىش ئوبېيكتىنى خەلق ئىچىگە قارىتىپ، كونا گىلەم، تەۋەرۈك قاچا-قۇچا، قەدىمكى قوليازما-ھۆججەتلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغاتتى ۋە پۇرسەت تېپىپ يۇقىرى باھادا سېتىشقا ئورۇناتتى. بۇنداق ئۇزاققا سوزۇلغان، بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى «يونۇپ يېيىش» ھادىسىسى تارىم ئويمانلىقىغا چۆكتۈرۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەت چۆكمىلىرىنى زور دەرىجىدە خانىۋەيران قىلدى. نۇرغۇن زامانلار ئۆتۈپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئۆز ئۆتمۈشىنى سېتىپ يېيىشكە ئۆگەنگەن بۇ بىپەرۋا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قايتا ئويلاشقا مەجبۇر قىلغان چاغدا، ئۇلار ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز كۆپ نەرسىلىرىنى يوقاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئىزاھات

1. دىئاننا سىمپتون (ئەنگلىيە): «قەدىمىي ماكان — دىپلوماتىيە ئەمەلدارى خانىمىنىڭ ئەسلىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل نەشرى، 97- بەت.
2. كاسېرىن ماكارتنېي (ئەنگلىيە): «قەشقەرنى ئەسلەيمەن — دىپلوماتىيە ئەمەلدارى خانىمىنىڭ ئەسلىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى نەشرى، پېتېر خونكركنىڭ كىرىش سۆزىگە قاراڭ، 1- بەت.
3. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىلى نەشرى، 416- بەت.
4. مارك ئاۋرېل ستەيىن: «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىقى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001- يىل نەشرى، 196- بەت.
5. مارك ئاۋرېل ستەيىن: «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىقى»، 198- بەت.
6. 7. پېتېر خۇبكرك(ئەنگلىيە): «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل نەشرى89- بەتكە قاراڭ.
8. پېتېر خوبكرك: «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، 9- بەت.
9. 10. پېتېر خوبكرك: يۇقىرىقى كىتاب، 8-، 199- بەتلەر.
11. گۇننار ياررىڭ (شۋېتسىيە): «قەشقەرىيىگە قايتا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىل نەشرى، 146- بەت.
12، 13، 14، 15. مارك ئاۋرېل ستەيىن: «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى» 450-، 450-، 445-، 450-، 451- بەتلەر.
16. كاسېرىن ماكارتنېي: «قەشقەرنى ئەسلەيمەن — دىپلوماتىيە ئەمەلدارى خانىمىنىڭ ئەسلىمىسى»، پېتېر خوبكركنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە يازغان كىرىش سۆزىگە قاراڭ، 8- بەت.
17. مارك ئاۋرېل ستەيىن: «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى» 455-، 456- بەتلەر.

بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇنڭ بۈگۈنكى تارىخى قىسمىتى ناملىق ماقالىدىن ئۈزۈندە