لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟

مىرسۇلتان ئوسمانوف

(ش ئۇ ئا ر تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

تەھرىر ئىلاۋىسى: مىرسۇلتانوفنىڭ بۇ ماقالىسى ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكىتى» ناملىق ئەسىرىگە يېزىلغان كىرىش سۆزىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ساھەدە مەخسۇس ئىزدەنگەن س. يې. مالوف ۋە ئە. ر. تېنشىف قاتارلىقلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابخانلارنىڭ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىغا ياردىمى تېگەر دېگەن ئۈمىدتە مەزكۇر كىرىش سۆزنىڭ بىر قىسمىنى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلدۇق.
پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر خىل ئېتنىك قاتلاملاردىن تەركىب تاپقىنىغا ئوخشاش، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىمۇ ھەرخىل ئۇششاق تەركىپلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ ھەقتە تۈرلۈك قاراش ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن تا ھازىرغا قەدەر بىرەر ئىلمىي يەكۈن مەيدانغا چىقمىدى.
ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس س. يې. مالوف لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىل ماتېرىيالىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىئالېكىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى«… مېنىڭچە، لوپنۇر تىلى قىرغىز تىلىنىڭ قالدۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئورتاق قىرغىز ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان» .
س. يې. مالوف يەنە مۇنداق دەيدۇ: «لوپنور تىلى جۇغراپىيىۋى ئاتالغۇ، ئېتنىك جەھەتتىن ئۇ قىرغىز تىلىدۇر» . س. يې. مالوا ئۆزىنىڭ ھۆكۈملىرى ئۈچۈن لوپنۇر دىئالېكىتىدا سۆز بېشىدا «ي» كېلىدىغانلىقىنى، مۇنداق خۇسۇسىيەتنىڭ قىرغىز تىلى دىئالېكتلىرىدىمۇ بارلىقىنى، قەدىمكى قىرغىزلار كۆچمەنچىلىك قىلىپ يۈرگەن ياكى ھايات كەچۈرگەن جايلاردىكى ھازىرقى توفا- قاراغاسلارنىڭ تىلىدىمۇ سۆز بېشىدا«ي» كېلىدىغانلىقى،… مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاساسەن سىبىرىيە تۈركىي تىللىرىغا خاسلىقنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ.
ئە. ر. تېنىشېف بولسا پروفېسسور خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر پەرىزىنى نەقىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ: «خەن دەۋرىدىن ئىلگىرككى دەۋردە لوپنۇر ئاھالىسىنىڭ ھۇنلار بىلەن ئالاقىسى زىچ بولغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلىرىدە لوپنۇر رايونىدا بىرەر تۈركىي خەلقنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە گەپ يوق. بەلكىم ھۇنلار غەربكە يۆتكەلگەندە ئۆزلىرى بىلەن قەدىمكى قىرغىز (؟؟) لارنىمۇ لوپنۇر رايونىغا ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» .
بىر قىسىم سەيياھلار لوپنۇر تىلىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇقۇشسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدا مۇڭغۇلچە سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۇنىڭ ئاقسۇ، تۇرپان شېۋىلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى يازغان.
بىز بۇ قاراشلار ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن لوپنۇرلۇقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ۋە رىۋايەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن لوپنۇر دىئالېكىتىدا سۆزلەشسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارا قوشۇنلۇق، ياللا، جۇداقتا (جۇداقتار؟)، قالماقتا (قالماقتار؟)، قالۇچى (قاچۇلى؟)، قىرغىزلار، سارتتار دېگەندەك ئېتنىك تەركىبلەر ياكى شۇ لەقەمدىكى جەمەتلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ھەمدە بۇ ناملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
قارا قوشۇن- لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدىكى قەدىمكى بىر جاي نامى، قارا قوشۇنلۇقلار بۇرۇن موشۇ جايدا ياشىغان. كېيىن (ئېھتىملا بۇندىن بىر قانچە يۈز يىللار بۇرۇن) مەلۇم بىر يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن بۇ شەھەرنى تاشلاپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، يۇقىرىلاپ قېچىپ، ھازىرقى دۆڭقوتانغىچە كېلىپ جايلىشىپ قالغان.
شەمسىدىن سامىنىڭ «قامۇسۇل ئەئلام» 6-جىلد 4005-بېتىدە «لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي قىسمى قارا قوچىن دېيىلىدۇ» دەپ يېزىلغىنىغا قارىغاندا، «قارا قوشۇن» سۆزىنى موشۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مىرەنلىكلەر ۋە چارقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «قارا قوشۇنلۇق» دەپ ئاتايدۇ. «قارا قوشۇنلۇقلار» تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىن يەنى مىرەن، ئارغان، يېڭسۇ، تىكەنلىكلەردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئېقىمدىكى دڭقوتانغىچە بولغان ھەممە ئاھالە پۇنكىتلىرىغا تارالغان بولۇپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ رىۋايەتنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دېيىشكە بولىدۇ.
ياللا- بۇ سۆزنىڭ ئەسلى «يانلار» بولۇپ، فونتېكىلىق ئۆزگىرىش سەۋبىدىن قىسقىرىپ كەتكەن. يان تەرەپتىن يەنى تۇرپان، پىچان، قۇمۇلدىن كەلگەنلەر، دېگەن مەنىدە. بۇلار لوپنۇرنىڭ شىمالىغا، كۆپرەك قۇمۇل، تۇرپان، پىچانلارغا چېگرىداش رايونلارغا تارقالغان. مىرەندە گ/ ۋ تۆۋەنلىشىشنىڭ يوقلۇقى ياكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈشى، ئەكسىچەم تىكەنلىك، كۈزلەك، چارا، ئاقسۇپۇ قاتارلىق جايلاردا مۇنداق فونېتىكىلىق ھادىسىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنىڭدەك بۇ جايلاردا كۆرسىتىش ئالمىشى تۇرپان، قۇمۇللاردىكىدەك «تا» نىڭ قوللىنىلىشى بۇ رىۋايەتنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقىنى تەستىقلايدۇ.
قالماقتا- قالماقلار يەنى مۇڭغۇل نەسلىدىن بولغانلار.
ماڭا تاۋۇش بېرىشكە قاتناشقان ئاتاۋۇللا قاسىم موشۇ «قالماقتا» دېيىلىدىغان ئېتنىك تەركىبتىن. ئۇ ئۆزىنىڭ 7-ئاتىسى تۇغلۇق تۆمۈر ئىكەنلىكىنى، تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ چۇلۇم ۋە ئەلىقۇلى دېگەن 2 ئوغلىنىڭ لوپلۇققا سېتىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇ ئەلىقۇلىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا «قالماقتا» ئاتالغانلىقى، قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يۇرتى ئىلىدىكى «خان يايلاق» دېگەن جاي ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ۋاقىت ئېتبارى بىلەن قارىغاندا تۇغلۇق تۆمۈردىن ئاتاۋۇللا قاسىمىغىچە ئاران 7-8 ئاتىنىڭ ئۆتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭدەك تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ چۇلۇم ۋە ئەلىقۇلى دېگەن بالىلىرىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق يازما پاكىت يوق. «تارىخىي رەشىدى» دە تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى خىزىر خوجاخاننىڭ تېخى ئەمچەكتىكى چېغىدا ئاتىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، خىزىر خوجىنىڭ ئەمىر قەمرىدىننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خوتەن تاغلىرى، سېرىق ئۇيغۇر، چەرچەن، لوپ ۋە كېتەك تەرەپلىرىدە 12 يىل قاچۇرۇپ يۈرگەنلىكى يېزىلغان . ئەمىر قەمرىددىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ خزىر خوجىدىن باشقا ھەممە بالىسىنى ئۆلتۈرگەن تۇرسا، «لوپلۇققا بالا ساتقان» دېگەن رىۋايەت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بەلكىم بۇ شەخسلەر تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ خېلى كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن ئانچە مەشھۇر بولمىغانلىرىدىن بىرەرسىگە چېتىلسا كېرەك.
لوپنۇرلۇقلاردا باشقا ئۇيغۇر رايونلىرىدا بولغىنىدەك يازما خاتىرىلەر يوق. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ساۋاتسىز. ئۇلار ئۆز نەسەبلىرىنى باشقا كۆچمەن خەلقلەرگە ئوخشاش 7 ئاتىسىنى يادقا بىلىش يولى بىلەن ساقلاپ كەلگەنلىكىگە ۋە لوپنۇر دىئالېكىتىدا بىر قىسىم مۇڭغۇل تىلى سۆزلىرىنىڭ قوللىنغانلىقىغا قارىغاندا، بىر قىسىم لوپنۇرلۇقلارنىڭ «قالماقتا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىسز ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. «قامۇسۇلئەئلام» دا «… ئەتراپىدىكى خەلقلەر تۈركىي ۋە مۇڭغۇلدىن تەركىب تاپقان» ەپ كۆرسىتىلىشى موشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
لوپنۇرلۇقلار بىلەن مۇڭغۇللار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەت بار بولسىمۇ لېكىن قولىمىزدا بۇنىڭغا دائىر ماتېرىيال يوق. مۇڭغۇل تىلى ئېلېمىنتلىرى ئاساسەن لوپنۇر دىئالېكىتىنىڭ لېكسىكا قىسمىدىلا كۆرۈلىدۇ. لوپنۇر تىلىنىڭ فونتېكىلىق قۇرۇلۇشى ۋە گرامماتىكا قىسمىدا مۇڭغۇل تىلى تەسىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
قىرغىزلار- ئەسلى قىرغىز نەسلىدىن بولغانلار.
لوپنۇرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر قىسىم ئاھالە ئۆزلىرىنى «قىرغىزلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ جايغا يېقىنقى دەۋرلەردە غەربتىن (ئېھتىمال باي ناھىيىسى تەرەپتىن) كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ئۇلار لوپنۇر دىئالېكىتىغا يېڭى قىرغىز تىلىنىڭ (قەدىمكى قىرغىز تىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا) سۆز بېشىدىكى «ج» لىشىش ھادىسىسىنى سىڭدۈرەلىگەن ئەمەس. مەن لوپنۇر دىئالېكىتىدا«ي» ئورنىغا «ج» ئىشلىتىدىغان «جۇسۇن» (يوسۇن، قائىدە-يوسۇن)، «جىرگەن» (يىرگەن، يىرگىنىش) دېگەن 2 سۆزدىن باشقا بىرمۇ سۆز ئۇچراتمىدىم.
جوداقتا- جو (؟) تەرەپتىن يەنى چىڭخەي-شىزاڭ تەرەپتىن كەلگەنلەر. بۇ ھەقتە ئانچە تەپسىلىي مەلۇمات يوق.
يۇقىرىقى ئېتنىك تەركىبلەر ئىچىدە سان جەھەتتىن ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغىنى قارا قوشۇنلۇق، ئاندىن قالسا ياللادۇر.
دۆڭقوتان بىلەن مىرەندە ياشىغۇچى ئاھالە ئارىلىقىنىڭ شۇنچە يىراق بولۇشىغا ۋە ئۆز ئارا ئالاقىنىڭ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇشىغا قارىماي، بىرلا لوپنۇر دىئالېكىتىدا سۆزلىشىدۇ. دېمەك، لوپنۇر دىئالېكىتى ئەمەلىيەتتە مىرەندىن دوڭقوتانغىچە تارالغان ۋە بۇ رايوندىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ تىلىدۇر.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلىنىدىغان موشۇ «قارا قوشۇنلۇق» لارنىڭ نامى ئەمەلىيەتتە ئېتنىك نام ئەمەس. بۇمۇ خۇددى «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك» دېگەنگە ئوخشاش يەر نامىدىن تۈزۈلگەن ئاتالغۇ.
لوپنۇردىن تاكى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) لار زېمىنىگىچە بولغان كەڭ زېمىندا تارىختا سوغدىلار، بىر قىسىم تۈركىي قەبىللەر، كېيىنچە بىر قىسىم مۇڭغۇل قەبىللىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق، بۇ ئېتنىك تەركىبنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكڭ ئارىلىشىش جەريانىدىمۇ بەزى لېكسىكىلىق تەركىبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنىلا ئۆز تىلىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان بىر ئىجتىمائىي توپ ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز. گەرچە بۇ تىل ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر دىئالېكىتى بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ تىل ئۆز دەۋرىدە ئاشۇ ئېتنىك تەركىبنىڭ ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
بىراق، بۇ تىل لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيتى ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىملاتسىيسىنىڭ كۈچلۈكلىكى جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ شۇنىڭدەك سېرىق ئۇيغۇر تىلى ۋە قىرغىز تىلىدىنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ز/ل ئاسسىملاتسىيىسى (م:kizzar قىزلار)، n/1 ئاسسىملاتسىيىسى (مەسىلەن:- كۆلنى، كۆلنىڭ)، ئىگىلىك كېلىش بىلەن چۈشۈم كېلىشنىڭ بىرلا قوشۇمچە ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆز بېك تىلىنىڭ تاشكەنت شېۋىسىگە يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا بىز س. يې. مالوفنىڭ لوپنۇر دىئالېكىتىنى قەدىمكى قىرغىز تىلىغا مەنسۇپ قىلىشىغا قوشۇلالايمىز. لېكىن، ئۇنىڭ «لوپنۇر تىلىنى بىر دىئالېكت دېگەندىن كۆرە بىر خىل تىل ديېىش لازىم، ئەمما لوپنۇر تىلى كەلگۈسىدە ئورتاق ئۇيغۇر تىلى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنىڭ بىر دىئالېكىتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن پىكىرلىرى ئاساسسىز ئەمەس.
ئەمما، قەدىمدە بۇ تىلنى قوللانغان خەلقنىڭ قايسى قەبىلە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «ھۇددۇل ئالەم» دىمۇ بۇ زېمىندا ياشىغان تۈركىي خەلقلەر ھەققىدە مەلۇمات يوق.
ۋاڭ يەندېنىڭ «قوچۇغا ئەلچىلىك خاتىرىسى» دە قوچۇ ئۇيۈۇر خانلىقى تەۋەسىدە چوڭ جۇڭيۈەن (大仲云)، كىچىك جۇڭيۈەن (小仲云) دېگەن قەبىللەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلمىگەن.
كېيىن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، بولۇپمۇ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قوليازما، ھۆججەتلەرنىڭ ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىنىشى نەتىجىسىدە ۋاڭ يەندې تىلغا ئالغان جۇڭيۈەنلەرنىڭ لوپنۇردا ياشىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
ئەنگىلىيىلىك ئالىم ھ. ۋ. بېيلى ، فرانسىيىلىك ئالىم ج. ر. خامىلتون ، چىيەن بوچۈەن ، گاۋزىخۇ ، گوپىلياڭ قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتىككى تەتقىقات ۋە ئۇچۇرلىرى بىزنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.
لېكىن بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېچقايسىسى لوپنۇر رايونىدا «قىرغىز-؟؟» لارنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن خەنزۇچە مەنبەلەردىكى «仲云» (ياكى 众?-种?) دېگەن بۇ قەبىلىنىڭ زادى قايسى تۈركىي قەبىلە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرمۇ بەس-مۇنازىرىلەر بار. بېيلى ئەپەندى 仲云نىڭ ئۇدۇن يېزىقىدا (چۇمۇل) دەپ تونۇيدۇ. پ. پېلىئوت، ج. ر. خامىلتون ئەپەندىلەر ئۇنى (چىگىل) دەپ قارايدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ مۇنداق تونۇشقا كېلىشىگە 10- ئەسىر خەنزۇ يېزىقىدا تاماق- دىماغ تاۋۇشى «ڭ» بىلەن تاۋۇش قاپقىسى پارتىلىغۇچى تاۋۇش ئادەتتە تۈركىي تىلدىكى «غ» بىلەن «گ» نى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئاساس بولغان. لېكىن خامىلتون ئەپەندى «چىگىل» دىكى «ئى» نىڭ قانداق قىلىپ «ئۇ» غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە بىر نىمە دېمىگەن.
فرانسىيە پارىژ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇمۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتتە «چۇڭۇلتاقى ساۋ» (چۇڭۇلدىكى خەۋەر)، نۇمۇرلۇق ھۆججەتتە «چور بىرلە چۇڭۇلتىن ياڭى ئايقا تەگى قامچۇقا كەلگەيبىز» (چور بىلەن چۇڭۇلدىن يېڭى ئايغىچە (كېلەر ئايغىچە) گەنجۇغا كېلىمىز) ، نۇمۇرلۇق ھۆججەتتە «چۇمۇللار كىچىگ تويۇنچىن، يېگەن سىلىگ قامىغقا…» (چۇمۇللاردىن: كىچىگ تۇيۇنچىن، يېگەن سىلىگ ھەممىسىگە) دېگەن مەزمۇنلار بار. خەتتە ئېيتىلىۋاتقان «چۇمۇل» ۋە «چۇڭۇل» سۆزلىرى خەنزۇچە جۇڭيۈن (؟؟) دېگەن قەبىلە نامىنى كۆرسىتىلۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەگەر بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىدىكى QUNGULۋە كېيىنكىسىدىكى QUNGUL سۆزلىرى ئۇدۇن يېزىقىدىكى QIMUDA-QUNGUDA بىلەن بىرلا سۆز، ئۇ QIGILI دېمەك بولىدۇ، دېيىلسە، يۇقىرىقى 3 سۆزدە ئوخشاش يېزىلغان لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش«U» نىڭ قانداقسىگە «چىگىل» دىكى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش «I» نىڭ ئورنىدا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدۇ. چىگىل دېگەن بۇ قەبىلىنىڭ نامى خەنزۇچىدە ھەرخىل يېزىلغان بولسىمۇ لېكىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا چىگىل بىلەن چۇمۇلنى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىپ قويۇش ھادىسىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
تۈركىي تىللاردا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا «م. ڭ. ن» قاتارلىق دىماق تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆز ئارا تۆۋەنلىشىشى نورمال ھادىسە. مەسىلەن قولۇم قوشنا/ قولۇڭ- قوشنا، شۇڭقار/ شۇمقار، قوڭارماق- توڭۇرماق/ قومۇرماق- تومۇرماق، چۈمكەش/ چۈڭكەش، زۇنۇن/ زۇمۇن، مانام/ مانان، ئەندى/ ئەمدى، ناۋادا/ مۇبادا قاتارلىق. لېكىن «چىگىل» دىكى «گ» نىڭ بۇ تاۋۇشلار بىلەن تۆۋەنلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
«گ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالماي باشقا تاۋۇشلار بىلەن تۆۋەنلەشسە، كۆپىنىچ ئوغۇز-قىپچاق تىللىرىدا بولغىنىدەك «ي» بىلەن تۆۋەنلىشىدۇ.
موشۇ ئەمەلىيەت بىزنىڭ خەنزۇچە 仲云 دەپ ئاتالغان بۇ قەبىلىنى QUMUL دەپ تونۇشقا بولغان مايىللىقىمىزنى كۈچەيتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ خەنزۇچە 仲云 (ZHONGYUN) دەپ يېزىلىشىش ئالدىنقى 2سالام خەتتىكى QUNGUL ۋارىيانتىدىن ئېلىنغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنىڭدىمۇ ئەسلىدىكى سۆزنىڭ بوغۇم قۇرۇلمىسى بۇزۇلغان، يەنى 1- ئوچۇق بوغۇم شەكىلدە يېپىق بوغۇم قىلىپ ئېلىنغان.
مەھمۇت قەشقەرى تۈركىي قەبىللەرنى غەربتىن شەرققە قاراپ سانىغاندا چۇمۇللارنى ئۇيغۇرلاردىن ئاۋال ئېغىزغا ئالغان. مۇنداقتا، 11- ئەسىردە مەھمۇت قەشقەرى تىلغا ئالغان چۇمۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىدە يەنى بۈگۈنكى ماناس دەريا بويلىرىغا جايلاشقان بولىدۇ. لېكىن تېرىم مەدەنىيتىگە تامامەن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا بۇ قەبىللەرنى بىرلا جايدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. خۇددى مەھمۇت قەشقەرىينىڭ ئېيتقىنىدەك، ياغما، توخسى، چىگىل قەبىللىرىنىڭ قۇياس شەھىرىدە، ئىلى دەريا بويلىرىدا ياشىغانلىقى ۋە قەشقەر ئەتراپىدىمۇ ياغمىلارنىڭ بولغىنىدەك، ھەتتا بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار تەركىبىدىمۇ بىر قىسىم ياغما ۋە توخسىلارنىڭ بولغىنىدەك، چۇمۇللارنىڭمۇ تۈز سىزىق بويىچە 700-800 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى لوپنۇر رايونىدىمۇ ياشىغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
«گەنجۇ تۈركلىرىگە دائىرى ئۇدن يېزىقىدىكى بىر پارچە ھۆججەت» تە بۇ قەبىلىنىڭ 2000 كىشىلىك قوشۇن چىرالىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن بۇ كەڭ زېمىندا ياشىغان چۇمۇللارنىڭ نوپۇسىنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ زېمىندا چۇمۇللار بىلەن باشقا قەبىلىلەر بىللە ياشىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئارىلىشىپ،سىڭىشىپ كەتكەن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇس مۆلچەرى بويىچە بولغاندا چۇمۇللارنىڭ يەنىلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.
لوپنۇر دىئالېكىتىدا ئېگىز سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا ي/ ج- تۆۋەنلىشىشنىڭ يوقلۇقى، سوزۇق تاۋۇشلاردىكى ئاھاڭداشلىق قانۇنىيتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىكى ئوڭ ئاسسىملاتىسىيىسىنىڭ قىرغىز تىلىدىنمۇ كۈچلۈكلۈكى، پېئىلنىڭ كەلگۈسى زامانى ئۈچۈن «ر»، «-ىر» بىلەن بىللە ئۇر/ ئۇر قوشۇمچىلىرىنىڭ قوللىنىشى ئۇنى قىرغىز تىلىدىن كەسكىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.