ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر

ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر

سۇلتان مامۇت ئىبراھىم

ب د ت پەن -مائارىپ -مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2005 -يىلى 11 -ئاينىڭ 25 -كۈنى «ئىنسانىيەت ئاغزاكىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىشىگە مۇستەھكەم ئۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى بۈيۈك مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىساخاندۇر. ئاماننىساخان 16 -ئەسىردىكى ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن تالانتلىق مۇزىكاشۇناس، شائىرە. ئەپسۇسكى ئەينى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر، بولۇپمۇ سوفىزم تەرغىباتچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ مۇبارەك نامى بىر مەزگىلگىچە ئاشكارا ئاتىلىشتىن مەھرۇم بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك قىزىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى. بەلكى ئاماننىساخان توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. مەسىلەن، 1956 -1959 – يىللىرى سابىق جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا ھېكايە -رىۋايەتلەرنى توپلىغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلى.كىشىلەر ئون ئىككى مۇقامنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دېگەن ھېكمەتلىك تەمسىلىنىڭ روھى بويىچە ئاشۇ مۇقاملارنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۈيۈك پەرۋىشكارى، مۇقام ئۇستازى، خانىش ئاماننىساخاننى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. مۇشۇنداق ئەسلەش ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە دائىر بەزى مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەيسەر، جۇشقۇن، غەيرەتلىك خاراكتېرى، بىلىم ئىگىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە تالانتى، شائىرلىق، خەتتاتلىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە ماھارىتى قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئائىلە مۇھىتى توغرىسىدىكى مۈجىمەللىكلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە توغرا ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ ئەۋلادلارنى ۋەتەننى، خەلقنى، ئىلىم -پەننى ۋە ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتە، شۇنداقلا ئۇلارنى تۆھپىكارلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ يەردە ئالدى بىلەن شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن باشلاپ ئاماننىساخان توغرىسىدا بەزى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ خېلى بىر قىسمى قانداقتۇر ئايرىم كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلمىيلىكتىن پۈتۈنلەي چەتنىگەن ھالدا خىيالنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي تارىخىي شەخس بولغان ئاماننىساخان بەزى كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بەزى قېرىنداش مىللەت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە خىيالىي شەخسكە ئايلىنىپ قېلىپ، بۇ مەشھۇر مۇقام ئۇستازىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى. مەسىلەن، بىرقانچە يىل ئىلگىرى قېرىنداش مىللەتتىن بولغان ھەمدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان بىر ئەپەندى كىشىلەر توپلاشقان بىر سورۇندا:«ئاماننىساخان تارىختا ئۆتكەن كىشىمۇ ئەمەسمۇ، بۇ تېخى بىر مەسىلە»دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، گەرچە مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئاماننىساخان توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات قالدۇرۇلغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، «چىڭگىزنامە»قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەردىكى پاكىتلار ۋە خەلق ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلگەن «ئاماننىسا بېگىم» توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھېلىقىدەك ئورۇنسىز گۇمانلارغا قايىل قىلارلىق دەرىجىدە رەددىيە بەرگەن بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇزۇنغىچە بىر خىل غەشلىك ساقلىنىپ قالغانىدى. چۈنكى، ئاماننىساخاننىڭ ھەقىقىي تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىدىن ئايرىم كىشىلەرنىڭ گۇمانلىنىشىغا ھەقىقەتەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، بەزىلەرنىڭ تارىخى ئەسەرلەرنى ئوبدانراق ئۆگىنىپ، ئۇلارنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بويىچە قىلچە ئىلمىيلىكى بولمىغان غەلىتە تۇترۇقسىز ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەب بولغانىدى. بۇ خىلدىكى ھۆكۈملەرگە تۆۋەندىكىلەرنى يەنى ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان «قومۇش مەھەللە»نىڭ ئاماننىساخان تۇغۇلغان16 -ئەسىردە ئەمەس، بەلكى 20 -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدا پەيدا بولغان مەھەللە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرھال «غاز كۆلى»گە ئالماشتۇرۇلۇشى، ئاماننىساخاننىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن تارىخىي كىتابلاردا دېيىلمىگەن، ئەمما ھازىرقىلارنىڭ خىيالى بويىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامرات مەنىسىدىكى «كەمبەغەل» دېگەن سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنىشى، تارىخچىلار ئېتىراپ قىلغان ئاماننىساخاندىكى مول بىلىملەرنىڭ ئاشۇ «تەكلىماكان بويىدا» گويا غايىبتىن پەيدا بولۇپ قالغاندەك تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

تارىخىي مەلۇماتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پاكىتلىق ھۆكۈملىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخان تەخمىنەن 1526 -يىلى قەدىمىي شەھەر ياركەنتتە تۇغۇلغان. 1560 -يىلى ۋاپات بولغان. تارىخىي مەلۇماتلار گەرچە يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر ئاماننىساخاننى قانداقتۇر 1520 -يىلى تۇغۇلغان، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ئاماننىساخان 40 يېشىدا ۋاپات بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى مەلۇمات بويىچە ئاماننىساخاننىڭ 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى «0251 -يىلى» دەپ بېكىتسەك، ئۇ ھالدا ئاماننىساخان 1554 -يىلى ۋاپات بولغان بولىدۇ. ئەمما «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا ئاماننىساخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ قاتتىق ئازابلىنىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەرۋەقە ئابدۇرەشىتخان 1533 -يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، 27 يىلدىن كېيىن يەنى 1560 -يىلى ۋاپات بولغان. مانا بۇ مەلۇماتلاردىن ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىتخاننىڭ بىر يىل ئىچىدە، يەنى 0651 -يىلى ئىلگىرى -كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. دېمەك، يۇقىرىقى ھېسابات بويىچە، ئاماننىساخان قانداقتۇر 1520 -يىلى ئەمەس، بەلكى 1526 -يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نى ئەينى ۋاقىتتا نەشرگە تەييارلىغۇچىلارمۇ بۇ رىسالىدىكى ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ:«بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى مىلادىيە 1514 -يىلىدىن 1682 -يىلىغىچە، يەنى 1514 -يىلى 9 -ئاينىڭ 15 -كۈنى مىرزا ئابابەكرىنىڭ 48 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى ۋە سەئىدخاننىڭ خان قىلىپ تىكلەنگەنلىكى جاكارلىنىپ، تاكى 1682 -يىلى ئافاق غوجا (ھىدايىتىللا ئىشان) جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمىدە ئاخىرقى خان (11 -خان) ئىسمائىل خاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانغا قەدەر 168 يىل داۋاملاشقان. ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ شىمالدا يەتتە سۇ، پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆلگىچە، جەنۇبتا تىبەت -كەشمىرلەرگىچە، غەربتە بەدەخشانغىچە، شەرقتە قۇمۇلغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پەقەت ئۇيغۇر ئېلى رايونىدىلا پايتەخت ياركەنتتىن تارتىپ قەشقەر، يېڭىسار، خوتەن، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، قارا شەھەر، قۇمۇل ۋە بۈگۈرلەر ئاساسىي شەھەرلەردىن ھېسابلانغان.«تارىخى رەشىدىي»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئىدخان دەۋرىدە خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ۋە بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە قارىغاندىمۇ خېلىلا ئادىل ھېسابلىنىدىغان »پادىشاھلىقنىڭ 10 شەرتى« قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇن -تۈزۈملەر ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغاندىن باشقا يەنە مەرىپەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئاشۇ دەۋردە ياركەنت شەھرىدە قۇرۇلغان 2 -خانلىق مەدرىسە «ئالتۇن مەدرىسە»دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى يەكەندىكى ھازىرقى ئالتۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئابدۇرەشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ سەئىدخاننىڭ ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. شۇنداقلا ئۇمۇ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدرىسە -مەكتەپلەرنى كۆپەيتكەن. ئابدۇرەشىتخاننىڭ «تارىخى رەشىدىي»نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كۆرەگاننىڭ نامىغا ئاتاپ بىنا قىلدۇرغان «مىرزا ھەيدەر مەدرىسە»سى ياركەنت شەھىرىدىكى 2 -خانلىق مەدرىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى يەكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قورۇسىنىڭ شەرق تەرەپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ.

سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدىكى (ئاماننىساخان ئۆسۈپ -يېتىلىۋاتقان چاغلاردىكى)ۋەزىيەت 1989 -يىلى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قىسقىچە تارىخىغا ئائىت مەجمۇئە -«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر كىتابتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ:«سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدە ياركەنت خانلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىگىلىك تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى»، «سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان بىرقەدەر يۇقىرى ئەدەبىي تالانتقا ئىگە، مېڭىسى سەگەك، خانلىقنىڭ ئامانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دانا خانلار ئىدى»، «ئابدۇرەشىتخان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. شۇ دەۋردىمۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغان. بەزى جايلار تېخىمۇ گۈللەنگەنىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن (مەزكۇر كىتاب، 325 -326 -بەتلەر).دېمەك، سەئىدخان تەختكە چىقىپ 12 يىلدىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاماننىساخان يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئەنە شۇنداق ياخشى بىر شارائىتتا ئۆسۈپ -يېتىلىپ، ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاماننىساخاندەك بۇنداق ياپياش بىر قىزدىكى شېئىر، مۇزىكا، خەتتاتلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە بىلىم ۋە ماھارەتلەرنىڭ شۇ دەۋردىكى بىلىم ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ياركەنت شەھىرىدىن يىراق بىر سەھرادا يېتىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسىگە ئايان، ئەلۋەتتە.

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخاننىڭ دادىسى ئەسلىدە بەزىلەر يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئوخشاش شەكىلدە تەكرارلاپ كەلگەندەك «كەمبەغەل ئوتۇنچى» بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ ئابدۇرەشىتخان تەختكە چىقىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بەزى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، شەھەردىن يىراق بولغان تەكلىماكان بويىدىكى كونا تاتا (ھازىرقى قارا سۇ) يېزىسىنىڭ شاخ تاتا (ھازىرقى شاپتۇللۇق) كەنتىگە كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقانلىقىمۇ ئايدىڭلاشماقتا. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇنىڭدىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ھازىرمۇ بۇ يېزىلاردا ئاھالىنىڭ نىسبەتەن شالاڭ، دەل -دەرەخ ۋە يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئوتۇن ئېلىم -سېتىمىنىڭ بولمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن مەخسۇس «ئوتۇنچى» كەسپىنىڭمۇ مەۋجۇد ئەمەسلىكى بىر پاكىت. شۇڭا «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى «مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچى» دېگەن باياندىكى «ئوتۇنچى» ئاتالغۇسىنىڭ شۇ چاغدا زادى قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا كۆرسىتىلگەندەك، بۇ ئائىلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15 -ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىدىن تارتىپ فۇزۇلى قاتارلىق باشقا شائىرلارنىڭ قىممەت باھالىق ئەسەرلىرىگىچە، شۇ دەۋردە كەم تېپىلىدىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئايرىم ئوقۇمۇشلۇق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى يار بېرىدىغان ئائىلىلەردىلا بولىدىغان قەغەزدىن تارتىپ، دۈۋەت، قەلەم قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارغىچە ساقلانغانلىقى يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئابدۇرەشىتخان تەكلىماكان بويىغا جايلاشقان ۋە «شاخ تاتا» (ئەسلىدە شاخ تارتار) دەپ ئاتىلىدىغان ئەنە شۇ خىلۋەت كەنتتە ئاماننىساخان بىلەن ئۇچراشقان. بۇ 1539 -يىللارغا توغرا كېلىدىغان ۋەقە بولۇپ، بۇ چاغدا ئاماننىساخان 13 -14 ياشلاردا، ئابدۇرەشىتخان 28 ياشتا ئىدى. بۇ ياش قىزنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتى، چىرايلىق ھۆسنخەتلىرى، تەڭتۇشلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىلىمى ۋە شائىرلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس بولغان ھايالىق سۆز -ھەرىكەتلىرى ۋە گۈزەل رۇخسارى ئەسلىدە شائىر، مۇزىكانت ۋە ئىلىم ئەھلى بولغان بۇ ياش پادىشاھتا ئالاھىدە بىر خىل قىزىقىش ۋە زوقمەنلىك قوزغىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاماننىساخان سۇلتان ئابدۇرەشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان:
سەڭا يۈز شۇكۇر يارەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر -مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
نەفىسى كېچە -كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىغە،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇناھ قىلدىڭ.
قاتارلىق شېئىرلىرىنى پەنجىگاھ مۇقامىغا سېلىپ، تەمبۇر بىلەن ئورۇنلىغاندا، ئابدۇرەشىتخاندىكى ھەيرانلىق ۋە زوقلىنىش چېكىگە يەتكەن. ئاخىردا «نەفىسى» تەخەللۇسلۇق شائىرەنىڭ دەل ئاشۇ ئاماننىساخان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئابدۇرەشىتخان ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا نىكاھىغا ئالغان. بۇ ۋەقە تەخمىنەن 1540 -يىلىغا توغرا كېلىدۇ.بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاماننىساخاننىڭ يۇقىرىقى شېئىرى قانداقتۇر تارىختىكى بەزى ئوردا شائىرلىرىدەك خاننى زورمۇزور مەدھىيىلەپ يازغان سۈنئىي مەھسۇلات بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغانلىرى بويىچە ئۇنىڭ قەلبىدە ئابدۇرەشىتخانغا نىسبەتەن پەيدا بولغان ھەقىقىي رازىمەنلىك ۋە ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلى بولغاندىن باشقا يەنە ئۇ ئاۋام -پۇقرانىڭ ئابدۇرەشىتخانغا بولغان يۈرەك ساداسىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى ئىدى. دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىتخاننىڭ نىكاھ ئىشى قانداقتۇر مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بولماستىن، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان مۇھەببەتلىك نىكاھ بولغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە شېئىر ۋە مۇزىكىغا بولغان ئورتاق ھەۋەس كېيىنكى چاغلاردىمۇ بۇ ئىككىيلەننى بىر -بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاماننىساخان ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككى خىل تەبىقىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ بىرى چوڭ خانىش -چۈچۈك خانىم باشچىلىقىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاياللىرى، يەنە بىرى تەركىدۇنياچى مۇتەئەسسىپ سوپى -ئىشانلار. «چىڭگىزنامە»دە كۆرسىتىلىشىچە، خاننىڭ ئاماننىساخاننى نىكاھىغا ئېلىشىغا ئالدى بىلەن چوڭ خانىش چۈچۈك خانىم قارشى چىققان. چۈچۈك خانىمنىڭ بۇنداق قىلىشىدا كۈندەشلىكنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقى ئەلۋەتتە چۈشىنىشلىك. يەنە بىر تەرەپتىن سوپى -ئىشانلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ تەركىدۇنياچى مەزھەپتىكىلەر خاننىڭ قوللىشى بىلەن بولۇۋاتقان مۇقاملارنى رەتلەش ئىشلىرىغا ئاشكارا قارشى چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تىغ ئۇچىنى ئاماننىساخانغا قارىتىپ يوشۇرۇن پىتنە -پاسات تارقىتىپ تۇرغان. چوڭ خانىشنىڭ ئاماننىساخاننى ھاقارەتلەپ «لولى» دەپ ئاتىشى ئەمەلىيەتتە ئەينى دەۋرنىڭ يۇقىرى تەبىقە غەيۋەتچى ئاياللىرى بىلەن سوپى -ئىشانلارنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا بىرلىكتە تارقىتىپ يۈرگەن پىتنە -پاساتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى، خالاس. «چىڭگىزنامە»دىكى باشقا مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئون ئىككى مۇقام»نى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى ئوبدان بىلىدىغان، شۇنداقلا مۇزىكا ماھىرى بولغان ئابدۇرەشىتخان ئاماننىساخاننىڭ ئوردىدا سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشىگە ۋە مۇقاملارنى رەتلەش ئىشلىرىغا باشتىن -ئاياغ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەتلىنىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

ئاماننىساخان ئوردىدا خانىش بولۇپ 20 يىل تۇردى. ئۇ ۋاقتىنى تارىختا ئۆتكەن بەزى خانىشلاردەك ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلماستىن، بەلكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلىدى. ئاماننىساخان يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن ئابدۇرەشىتخاننىڭ قوللىشى ۋە يەنە بىر مۇقام ئۇستازى، ماھىر مۇزىكانت، ھەشتار قاتارلىق بىرقانچە چالغۇ -ئەسۋابلارنىڭ ئىجادچىسى ۋە يېڭىلىغۇچىسى، شائىر ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، ئابدۇرەشىتخاننىڭ يېقىن دوستى، ئوردا ۋەزىرى قىدىرخان ياركەندىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ، مۇقامچىلارنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، مۇقاملارنى رەتلەش ۋە تېكىستلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋە جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكنى تەشكىللىگەن ۋە قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزىمۇ دائىملىق ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغىغۇچى)ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان. «نەفىسى» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ھەمدە «دىۋان نەفىسى» (نەفىسى شېئىرلار توپلىمى)نى تۈزگەن. شائىرلىق، خەتتاتلىق، نەغمىچىلىك توغرىسىدىكى «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھى)، خانىم -قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. شۇنداق قىلىپ ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ تەخەللۇسىدىن تارتىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنىغىچە راستچىللىقنى، گۈزەللىكنى، خۇشاللىقنى تەرغىب قىلغان ھەمدە ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، تېكىستلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاپ ۋە ئۇنى خەلق ئىچىگە تارقىتىش ئارقىلىق جاھالەتپەرەسلەرگە ھەقلىق يوسۇندا رەددىيە بەرگەن.بۈيۈك مۇقام ئۇستازى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ئاماننىساخان باشلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان. ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم باشقىچە قانات يېيىپ، نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئون ئىككى مۇقامنى مۇزىكا ۋە تېكىست جەھەتتە يەنە بىر قېتىم رەتلەش ئىشى غەلىبىلىك تاماملاندى. ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە 1989 -يىلى 5 -ئاينىڭ 18 -كۈنى ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى ھەمدە شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 1992 -يىلى 8 -ئاينىڭ 5 -كۈنى يەكەندە ئېچىلغان 2 -نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئېلى مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەتقىقات مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بىلەن ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى ھەمدە تاللانغان ماقالىلەر توپلىمى -»ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە« دېگەن كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا ئاماننىساخان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەدىمىي يۇرت يەكەندە ئۇنىڭ مەقبەرىسى قايتىدىن ياسالدى ۋە ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى. بۇ، تارىختا مۇشۇ يۇرتتا بىر مەدەنىيەت -سەنئەت ئەربابىغا، شۇنداقلا بىر ئالىمغا ئاتاپ تىكلەنگەن تۇنجى ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇر ئېلى مۇقام ئانسامبىلى بىرقانچە يىلدىن بېرى ياۋروپا، ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى بىرمۇنچە ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا، چد، دۋد، ۋچد پلاستىنكىلىرى ئىشلىنىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 2004 -يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئىلمىي جەمئىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، »ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى« قۇرۇلدى. جۈملىدىن ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى يەكەندىمۇ 2003 -يىلىدىن باشلاپ خەلق ئارىسىدىكى مۇقامچىلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلىشى بويىچە مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، باھالاش ئارقىلىق تاللانغان خەلق مۇقامچىلىرى گۇرۇپپىسى، قەشقەر، بېيجىڭ، سۇجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئون ئىككى مۇقامنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى ھېسابتا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى دۇنيا بويىچە تەنتەنىلىك نامايان قىلىندى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 16 -ئەسىردىكى بۈيۈك پەرۋىشكارى، قەيسەر ئۇيغۇر قىزى، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخاننىڭ مۇبارەك نامى ئاشۇ مۇقاملارنىڭ ئاجايىپ جەلپ قىلارلىق كۈيلىرى بىلەن بىللە پۈتۈن دۇنيادا مەڭگۈ جەۋلان قىلغۇسى!

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازغان «تارىخى رەشىدىي»نىڭ بابلىرى ئۇلاپ ئېلان قىلىنىۋاتقان »بۇلاق« زھۇرنىلىنىڭ 2002 -يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان سانلىرى.

شاھ مەھمۇد جوراس:«سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 -يىل نەشرى.
موللامېرسالىھ كاشغەرى:«چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى. 1986 -يىلى نەشرى.

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللانېمەتۇللا مۆجىزى:«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982 -يىلى نەشرى.«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇر ئېلى خەلق نەشرىياتى، 1989 -يىلى نەشرى. ئىبراھىم نىياز:«تارىختىن قىسقىچە بايانلار« قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988 -يىل نەشرى.

ھاجى نۇر ھاجى:«يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئۇيغۇر ئېلى خەلق نەشرىياتى، 1993 -يىلى نەشرى.

سۇلتان مامۇت ئىبراھىم:«ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئېلى سەنئىتى» زھۇرنىلى 1994 -يىللىق 5 -سان. ئابدۇقادىر داۋۇت:«ئاماننىساخاننىڭ سەھرادىكى يۇرتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» زھۇرنىلى، 1996 -يىللىق 3 -سان بىلەن «ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 -يىللىق 1 –سانى.