ئۇيغۇر مائارىپىغا كىرىش سۆز

ئابدۇللا تالىپ

 ئىلىم – پەن تارخچىلېرى 20 – ئەسىرنى “ئىلىم پەن پارتلىغان دەۋر” دەپ ھۆكۇم قىلىشماقتا. مائارىپنىڭ گۇللىنىشى ئارقىسىدا، ھازىر دۇنيادا يىلىغا 650 مىڭ خىل كىتاب يىزىلىپ، مىنۇتىغا بىر خىل كىتاب نەشر قىلىنماقتا، كۇنىگە 900 خىل كەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە، ھەر كۇنى 1500خىل ئىلمىي دېسسىرتاتسىيە ئىلان قىلىنۋاتقان ئىلمىي دېسسىرتاتسىيە 5 مىليوندىن، ئىختىرا كەشپىياتلار 350 مىڭدىن ئاشماقتا. پەن – تىخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۇچ چوڭ ئىنقىلاب (پار قۇۋۋىتى، ئىلىكتىر قۇۋۋىتى، ھىسابلاش ماشىنېسى) نىڭ ھەممىسى مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئالىملار: “ھازىرقى زامان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىنى – مائارىپ” دەپ مۇئەييەنلەشتۇرمەكتە. ئىقتىسادشئۇناسلارنىڭ پەرىزىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچئىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 43%؛ ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 108%؛ ئالىي مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى 300% بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم. ئېلىمىزدە توتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۇرەش نىشانىسىى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن، مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرىمىز كۇندىن – كۇنگە گۇللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۇملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىمۇ ئىنتايىن تىز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپ تارىخشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما مائارىپشئۇناسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ كۆرسەك تىخىمۇ ئوچۇق كورۇۋالالايمىز. ئۇيغۇر مائارىپ تارخىغا ئائىت ھازىرغىچە ھىچقانداق سىستىمىلىق ماتىريالغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۇچۇن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مىۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يىزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرماشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلېرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز – تولا ئىلھام بەرگۇسى، دەپ ئىشئىنىمىز. 1 – باب مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى : “ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش – ئومۇمىي ۋە مەڭگۇلۇك كاتەگرىيە” (ۋ. ئى. لەنىن) بولغىنى ئۇچۇن، تەلىم – تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىلا باشلانغان . بۇ “ئىپتىدائىي مائارىپ” باسقۇچىدا ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا، پىشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۈگىتىلىدىغان دەرس تۇرلىرى بولسا قۇرال – سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئوي قۇشلىرىنى ئۈگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدېنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۇرگۇزۇلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانا ئىدى. كىيىىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئىشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۇرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۇزۇم، دولەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى. مۇشۇ ئوبيكتىپ مەۋجۇدىيەت يىزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۇرتكە بولدى. يىزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمقى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خىتىدۇر، شۇ چاغدامېسىردا يەنە سامان قەغەز، كالىندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى. مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. “مەكتەپ” دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇشۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇ . دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس (تھەبەس) دىگەن يىرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) – “ئوقۇتۇش ئورگىنى” دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 – يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاھ ھۇتىپ تەرىپىدىن يىزىلغان “سەبۇيەت” ۋە “ئەخلاقنامە” ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بىكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بابىلۇندا پادشاھ ئاشئۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان. لىكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كوپلەپ يېزىلىشى ھەرپلىك خەت ئىجاد قىلىنغاندىن كىيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمقى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى “ئېلىپبە” (1) كىتابىنى تۇزۇپ چىقتى ، قەدىمقى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۇرتكىسىدە، قەدىمقى يۇناندا تۇنجى پىداگوگىكا ئورگىنى ئەپىب (ئەپىب) قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى. بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، “ياللانما ئەپەندى” دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كىيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى “پىداگوك” دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يىتەكچى – “پەرزەنتلەرنى يىتەكلەش” دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يىتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دىداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گېرك تىلىدا بۇ سۆز دىداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۇزۇمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پىداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچئىلىرى بولسا “مۇئەللىم” دەپ ئىنىق ئايرىلدى. ئۇزۇن ئوتمەي، قەدىمقى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يىتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كوتۇرۇلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست (“ئىلىم گۇرۇھى”) دەپ ئاتاپ، بەك ھورمەت بىلەن تىلغا ئىلىشىدىغان بولدى. ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۇرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىقى يۇناندا ئارقا ئارقىدىن ئاكادەمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدا بۇ دەۋر “كلاسسىك مائارىپ دەۋرى” دەپ ئاتىلىدۇ. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گېرك – لاتىن تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى،دىئالىكتىكا، ماتىماتىكا،گىئومىترىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۇزۇلگەن. بۇ “يەتتە سەنئەت” دەپ ئاتالغان. يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كىيىنرەك يەنە تەنتەربىيە ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 – يىلى قەدىمقى يۇناننىڭ ئولۇمپىيە دىگەن يىرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پىداگوگلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دەموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم – تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۇرۇش سىستىمىلىق پىداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شئوھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 – 322 – يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 – يىلى ئافىنادا “روكيان” ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپىراتور ئىسكەندە زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان. ف. ئېگىلىس ئارىستوتىلنى قەدىمقى دۇنيادا “ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى” دىگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم – پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتىل سىياسىي تۇزۇم ئۇستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئارىستوتىل ئىلم – پەننى تۇنجى قىتىم ئۇچ چوڭ كاتەگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتەگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسى، ئىجادىيەت پېنى كاتەگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتىماتىكا، لوگىكا، دىئالىكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتەگورىيىسىگە؛ ئخلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتگىيەشئۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتەگورىيىسىگە ئايرىغان. ئارىستوتىل – يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى،دىئالىكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى – ئەنسىكلوپەدىيىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتىل ئەنسىكلوپەدىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دىگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئارىستوتىل ئۆز قولى بىلەن تەسىس قىلغان “روكيان” ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پەداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. “…گىراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زورۇر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك…”. بىراق، ئارىستوتىل ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكى قۇلدارلىق تۇزۇمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي چەكلىمىدىن نىرىغا بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتەلمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دىگەن: “قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر…”. * * * * * * ئېلىمىزنىڭ خۇئاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خىلىلا بۇرۇن ئىلىمىزدە مەشھۇر “جياگۇ” يىزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشپ قىلىغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ. “جياگۇ” يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سوڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى – يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۇتۇلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن. قۇلدارلىق تۇزۇمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 – 479 – يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پېداگوگلېىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كۇڭفۇزىنىڭ زاماندېشى پەيلاسوپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئىلىمىزدە “مىن فۇ” ناملىق تۇنجى كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان. كۇڭفۇزىنىڭ “مۇھاكىمە ۋە بايان” ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ “ھەم ئۈگىنىش، ھەم ئويلىنىش كېرەك”، “ئۈگىنىپ زېرىكمەسلىك، ئۈگىتىپ ھارماسلىق” دەپ تەكىتلىگەن. كۇڭفۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى “ۋاپادارلىق” بولۇپ، ئۇ “ۋاپانىڭ شەرتى مېھرىبانلىق” دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە “ئۆزۇڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما” دەپ تەكىتلەيتتى. كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئىلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن “مەرىپەتنامە” ناملىق پىداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۇزۇمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرھىلەنگەن. ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 – ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شوتاڭ مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 – يىلى “گۆزىشۇ” (خانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئىلىپ بېرىلغان ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۇللەندى. دولەتلىك كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى. تېرە ۋە لاتا – پۇرۇشلاردىن يىڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۇكسەلدۇرۇشتە زور تۇرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۇرتكىلىك رول ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغېنى ئۇچۇن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇركۇم – تۇركۇملەپ ئىلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئىلىپ تۇردى. ئىزاھاتلار: (1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ “ئالپابەيت” سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئالپا ئۆكۇز، بەئىت ئوي يەنى ئۆكۇز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمقى فىنىكىلىقلار ئۆكۇزنى “مۇقەددەس ھايۋان” دەپ ھىسابلايتتى. چۇنكى، ئۆكۇز تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى. (2) ئاكادىمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەھرىماننىڭ نامى. (3) ئىنىستىتۇت گېرك تىلىدا “يېرىم كۇن ئىشلەپ، يېرىم كۇن بىلىم ئىلىش” دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئىلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۇرۇلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ستودېنتلار يېرىم كۇن ئوقۇپ، يېرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى. (4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى – يۇگۇرۇش، دېسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپېرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە تۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. (5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 – 399 – يىللار) “بىلىم ۋە ئىختىساس – ئىنساننىڭ ئەڭ يۇكسەك گۇزەل پەزىلىتى” دېگەن. (6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 – 347 – يىللار) ئومۇر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 – يىلى ئافىنادا ئاكادېمىيە تەسىس قىلغان، “غايىۋى دۆلەت”، “بىلىم توغرىسىدا” قاتارلىق كوپ ئەسەرلەرنى يازغان. (7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 – يىللار) ئاتاقلىق پېداگوگ، بىرىنچى قېتىم پېداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. “تالانت بىلەن ئۈگىنىش ئوخشاش مۇھىم” دەپ تەكىتلىگەن. (8) دەموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 – 370 – يىللار) ئەنسىكلوپېدىست ئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان، “مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ” دېگەن. (9) تاران – ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى. ئەسكەرتىش: بىز بۇ چاتما مائارىپ تارىخى ماقالىلىرىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان 11-ئەسىرلەردىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تارىخى ئۇستىدە توختىلالمىدۇق…كەچۇرگەيسىلەر. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇللا تالىپ. 2-باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىققا تەڭلا ئەھمىيەت بىرەتتى. چۇنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم – خەشەك تەييارلاش ئۈچۈن ئارپا، بۇغداي، بىدە ئۆستۇرۇش زۆرۇر ئىدى. مۇشۇ زۆرۇرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى ئىنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى. مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۈگىتىۋالغان ھايۋېنى ئىت ئىدى. چۇنكى ئىت ئوۋ ئوۋلاشقا، چىدىر – ئاق ئۆيلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشقا بىردىنبىر كىرەكلىك ۋە قارانچۇق ھايۋان ھىسابلىناتتى. چارۋىلارنىڭ كوپىيىشى ئارقىسىدا كۆچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئۆيلەرنى كۆچۇرۇش، ئوزۇق – تۇلۇكلەرنى يۆتكەش ئۇچۇن، ئات، ھارۋا، قوتاز كىرەك بولدى. ئات كۆندۇرۇش، ھارۋا ياساش ئۇچۇن ھۇنەر – سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۈگىتىش بىلەن ئۈگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىخى ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى. شامان، پېرخۇن ۋە پالچىلار بۇ دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال ئىلاھىنى ئۇيغۇرلار “ئۇماي” دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كىسەلدىن، دىۋە – شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روھىي مەدەتكارى ئىدى. باخشى بولسا شامان دىنىنىڭ يەنە بىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. كىسەل بولغان كىشىلەر باخشى – پىرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئازايىم ئوقۇتاتتى. ئۆي ئىچىگە ياكى قورۇ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پىرى ئوينىتاتتى، كىسەلنى قىزىتىلغان تومۇردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۇلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، ئوت – سوقتىن ۋە “چەتنەك” تىن ساقلاش ئۇچۇن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى. لىكىن، كىيىنرەك پەندى – نەسىھەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۇرگۇزىدىغان تەبىرچى مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۇندەيتتى. يامان ھەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: چۇشىدە قارا كورسە، ئامىتى كىلىدۇ؛ چۇشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كورسە باي بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۇش كورسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۇش كورسە، كوزى كور بولىدۇ؛ ئېقىن سۇغا سىيىپ چۇش كورسە، جاراھەت باسىدۇ، دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئەخلاقىي پەندى – نەسىھەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى “تەبىرنامە” (ئېرىق پۇتۇك) ناملىق كىتابتا تەخىمۇ روشەن خۇلاسە قىلىنغان. ” ئېرق پۇتۇك ” تىن بىر – ئىككى مىسال: ئېيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۇستىدە سوقۇشۇپتۇ، ئىيىقنىڭ قارنى يېرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى بۇ يامانلىقتۇر. ئوغلان ئاتا – ئانىسىغا قىيداپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كىتىپتۇ، چۆلدە غىرىپ بولۇپ قاپتۇ، كىيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ كىلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر. بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر پىداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم – تەربىيە مەقسىتى ئىنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. شامانىزم ئىتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە كۇلكىلىك كۆرۇنگەندەك قىلسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۇرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كوپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئۆتۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئىتىقادى ۋە پالچىلىق ئادەتلىرىنىڭ بۇگۇنگىچە داۋام قىلىپ كىلىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس. مەسىلەن: ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كۆيدۇرۇش، قەبرى بېشىغا چىراغ يېقىش، كىلىننى گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۇن تۇتۇلغاندا يىغا – زار قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئىتىقادنىڭ قالدۇقلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن. بۇ ھەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: ” زىمارك (1) يۇلتۇزدا ئىستەمى (2) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخت چاقىغا قىزىل تاسما بىكىتىكلىك بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سۆرىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. چىدىر – بارگاھ ھەرخىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بىزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ ئۇستىگە قوراللىق جەڭچى، بۆرە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۇرەتلىرى كەشتىلەنگەن. قاغاننىڭ ئالتۇن كارۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى سۇرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ھەيكەل ئۇستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چىدىر – بارگاھ ئالدىغا بارغاندا، بىر تۇركۇم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ ئەلچىلەرنىڭ يۇك – تاقلىرى ئەتراپىدا توختىماي يۇگۇرۇپ يۇرگەن. ئاندىن ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چىدىر – بارگاھقا باشلاپ كىرگەن “. يورۇقلۇق سىمۋول قىلىنغان شامان ئىتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 – يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئومۇميۇزلۇك مانى ئەتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يىڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولدى. مانى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 274 – 215 – يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ۋائىز، شائىر ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 – يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: ” پۇتۇن ھاياتلىق كۇرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۇرەش. نەپىسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا ئۆزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ ” دىگەن. مانا بۇ – مانى دىنىنىڭ يادروسى. مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 – يىلى جۇڭگوغا كىلىپ مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتە يىلتىز تارتتى. مىلادىنىڭ 755 – ۋە 762 – يىللېرى، تاڭ پادىشاھى شۇئەنزۇڭ (685 – 762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆڭلۇك (ئەنلۇشەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنىرالى مويۇنچۇر بوكەخان قايتىشىدا لوياڭ شەھىرىدىن ئېرانلىق تۆت راھىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كىلىدۇ. بۇ تۆت مانى راھىبى ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان باخشىلىرىنى مۇنازىرىدە يىڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا كۆتۇرۇلۇپ كىتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى ئومۇميۇزلۇك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دۆلەت دىنى دەپ ئىلان قىلىنىدۇ. مانى دىنى مەكتەپلىرىمۇ كۆپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ھەر ئون ئۆيلۇككە بىر راھىب (خەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۇتۇنلەي مانى ئەقىدىلىرى بولىدۇ. مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام – تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چىدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى. ھەتتا پۇتۇن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3). 768 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راھىبلىرى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كۆپلەپ كىلىپ – كىتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ھۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشھۇر قاغان ئوردىسى، خاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى مائارىپى يىلتىز تارتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىدە تۇتىمىزم ئەقىدىسى يەنىلا كۇچلۇك تەسىرگە ئىگە ئىدى. تۇتىم (تۇتىم) ھىندىئانچە ” ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن ” دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۇچلۇك ئىتىقاد سىماسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بۆرىنى، خەنزۇلار ئەجدىھانى، رۇسلار ئىيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ھىندىلار كالىنى ” مۇقەددەس ” دەپ چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان. تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم – تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ” ئانا ” نى ئەڭ مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى ” ئاسىنا قۇلى ” دەپ ئاتايتتى. بۇ ” ئانا ئۇرۇقىدىنمەن ” دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە (_) دىگەن سۆزمۇ ” ئانا ئۇرۇقىدىن ” دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ھايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۇتى، گۆشى، تېرىسى بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۇچى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ، مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە كوپەيتىلەتتى. بۆرە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۇچى ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ئادىشىپ ئۆلۇم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بىر كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت ئۇلارنىڭ بۆرىنى تۇتىم قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان. دىمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە – ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان بۆرە رىۋايىتى، جىن – ئالۋاستىلارغا قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان شامان ئېتىقادىنىڭ سىماسى – ئوت ھەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان مانىزم سىماسى – يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن. ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى خىلى دەرىجىدە كىڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار ” سارت ” سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا، دورا – دەرمەك ۋە ھەتتا قاشتېشى سودىسى يۇرگۇزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەھەرلىرىدە سودا ۋەكالەتخانىسى ئاچقان. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، شەرقتە بوخەي دېڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدىكى تاغ – دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىز قوبۇل قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ ” قەندىھار سەنئىتى ” شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يۇغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ تۇرلۇك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم – ھۇنەر – ماھارىتى ئەكس ئەتكەن. ئۇرخۇن مائارىپى تۇرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن. تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندار” نى بىرىنچى بولۇپ تۇزگەن ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەرگە كىڭەيتكەن. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: “ئۇيغۇرلار كالىندار سىستىمېسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان” دەپ ئىسپاتلايدۇ. كالىندار توغرىسىدىكى بىر تارىخىي ھىكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە. “… خاقانلارنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان بىر جەڭنىڭ ئۆتمۇشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالىندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي نۇرغۇن قىتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كىيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى توپلاپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بىرىپ: (بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن كىيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۇرمەسلىكى ئۇچۇن 12 ئاي ۋە 12 بۇرجقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەر بىر يىلغا ئىسىم بەلگىلەيلى، تارىخ شۇ ئىسىملار رېتى بويىچە ھىسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ھىسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۇ يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ – دە، بىر كۇنى ئوۋغا چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئالدىغا سىلىپ دەريا لىۋىگە ھەيدەپتۇ. ئۇلاردىن 12 ھايۋان دەريادىن ئۇزۇپ ئوتۇپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۇپ كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بىشىغا چاشقان چىقتى) دىگەن تەمسىلدىكىدەك، دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كىيىن ئۇي (كالا)، يولۋاس، توشقان، لەھەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز رېتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالىندار ئىسملىكى تۇزۇلۇپتۇ…”. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ – تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق، تەمسىل، رىۋايەت) خەلى مۇھىم دېداكتىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەك سۆيۇش، قەھرىمانلىق، ياخشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش ماھىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. “بوكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت” ھەم “” ناخشا پىرى – چەڭگى ” قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ دېداكتىك (تەلىم – تەربىيە، پەندى – نەسىھەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە چۇشەندۇرىدۇ؛ كىيىنكىسى بولسا ئېستىتىكېنىڭ كۇچىنى نامايەت قىلىپ بېرىدۇ… ئىزاھاتلار: (1) زىمارك – رىم ئىمپەرىيىسىنىڭ ئەلچىسى، مىلادىنىڭ 561 – يىلى يۇلتۇزغا ئەلچىلىككە كەلگەن. (2) ئىستەمى – (530 – 581 – يىللار) غەربىي تۇركلەر سەركەردىسى. (3) شائىر دۇفۇ: ” چاڭئەن، لوياڭ شەھەر – دالالىرىنى ئاق كيىملىك چېرىكلەر قاپلاپ كەتكەن ” دەپ يازغانىدى 3-باب ئۇيغۇرلاردا يېزىق ۋە ئىدىقۇت مائارىپى، يېزىق – مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، مائارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىق تارىخى خىلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يېزىقى يۇنانلىق ئاكا – ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار (1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يېزىقىدىن كوپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن. مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يېزىقى يەنسەي (رونىك) ئەلىپبەسى ئىدى، (1 – جەدۋەلگە قاراڭ)،

ئۇنىڭدىن كىيىن بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر ئەلىپبەسى ئىشلىتىلگەن (2 – جەدۋەلگە قاراڭ).

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تېكىستلىرى، پېداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يىتىپ كىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئۆتمۇشىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۇرلۇك ئېستىتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم – تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۇيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 – 687 – يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق “تۇرا ناخشىسى” پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۇملىدىن مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تېكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سۆيۇپ ئوقۇلماقتا. ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تېكست قىزغىن تەتقىق قىلىنماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بو چۇغاي تېغى باغرىدىن، ئاقار تۇرا سۇلىرى. كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ، ئاسمان شەكلى چىدىرى. چەكسىز ئاسمان، دالا ھەم، كۆپكۇك دىڭىز بىپايان. ئېگىز ئوتلار يەلپۇنسە، پەستە مىغ – مىغ كورۇنەر- سان – ساناقسىز قوي – قۇلان. “ئوردا مۇزىكا تېكىستلىرى توپلىمى” ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئەگەر بىز قىتىرقىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناخشا تېكىستىنىڭ ئوبراز تەسۋىرى، ئوخشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم – تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي، جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىخچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىخ ۋە تەبىئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە. “تۇرا ناخشىسى” ۋە “ئېرق پۇتۇك” بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى دىداكتىك ئەسەر “چاستانى ئىلىك بەگ” داستانى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۇرك خاندانلىقى (552 – 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خىلى كۆپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: “كۆل تىكىن مەڭگۇ تېشى” (732 – يىلى تەكلەنگەن)، “بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى” (735 – يىلى)، “تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى” (716 – يىللىرى) ۋە “قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۇ تېشى” (759 – يىلى) دۇر.

A small part of the Qara Balghasun Monument, قارا بالغاسۇندىكى ئابىدىنىڭ پارچىسى، possibly from the reign of Ay Teñride Ülüg Bolmïsh Küchlüg Bilge Qaghan ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىن قالغان بولۇشى مۈمكىن ، يۇقىرىدىكى مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى. لىكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كىيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھىسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر – بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن ئىدى. ئۇ يەردە تۇرلۇك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كوپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق. كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ” يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى ” دەپ بىكار ئىيتمىغان. تۆۋەندىكى پاكىتلار بۇ باھانى ئىسپاتلايدۇ: بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان: ” ئىۋانگلۇم ” (بەخت ساداسى)، “سانت گئوركىنىڭ شەھىت بولۇش خاتىرىسى”؛ مانى دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: “ئىككى يىلتىز نوم “، ” مانى مۇرتلىرىنىڭ توۋەنامىسى “، “ئېرق پۇتۇك”؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە ئائىت ئەسەرلەردىن: “ئەۋلىيا قەسىدىلىرى”؛ بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىن: “ئالتۇن يارۇق”، “سەككىز يۇكمەك”، “ئائىترى سىمىت” ناملىق يىگىرمە يەتتە پەردىلىك دراما (4)، تارىخىي داستان – “ماھاراباتا”؛ 294 توم 25 كىتابنى ئوز ئىچىگە ئالغان “سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۇچى ئۆرنەك – تەدبىرلەر”؛ بەش توملۇق چوڭ چۆچەكلەر توپلىمى – “پەنچى تانتىرا”؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن: “ئەتەبەتۇل ھەقايىق”، “ئىزوپ مەسەللىرى”، “ئوغۇزنامە” ھەمدە بەش توملۇق رىۋايەتلەر توپلىمى؛ “چاستانى ئىلىك بەگ”، “قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى”، “مېدىتسىنا بىلىملىرى”، “ئىككى تىللىق لۇغەت” ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ مەڭگۇ تاش خاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر؛ ئەرەب يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن: “تۆمۇر تەزكىرىسى”، “تەزكىرى ئەۋلىيالار”، “مەراجنامە”، “كۆڭۇلنامە”، “بەختنامە”، “شائىر خارازىمى تاللانمىلىرى” ۋە “مەۋلانە لۇتفى شېئىرلىرىدىن تاللانما”؛ بۇنىڭدىن باشقا دىداكتىك تەلىم – تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي، شېئىرىي ئەسەرلەردىن ” ” ئاخاۋاركا “، ” قاليامقارا – پاپامقارا “؛ شېئىرىي ئەسەرلەردىن: ” ئاخاۋاركا “، ” قاليامقارا – پاپامقارا “؛ دىداكتىك نەسرىي ئەسەرلەردىن: ” چوڭ مايمۇن پاتمارال “، ” بەختىيار شاھزاد “، ” رەسسام بىلەن ياغاچچى ھىكايىلىرى ” قاتارلىق ئىنتايىن كوپ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان. يۇقىرىدا تىزىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۇركۇمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كوپ قىسمى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكەن. يالغۇز گېرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگ ئەترىتىلا بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكەن يازما ھوججەتلەر بىرنەچچە تۇمەندىن ئېشىپ كىتىدۇ! باشقا ئەللەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تارىخىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟ بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، قايسى ئېتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۇچى بولسىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. خەلققە مەنپەئەت يەتكۇزگۇچى بۇنداق كىشىلەر “ئىلتەبىر ” (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يېزىش ۋە كۆچۇرۇش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى. بۇنداق ئېتىقاد “بۇيان ” (بۇيان) دىيىلەتتى. مەسىلەن: پۇتۇلگەن كىتابلارنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق سۆزلەر ئالاھىدە يېزىلاتتى: ” بۇ كىتابنىڭ ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرھۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ – بۇرادەرلەرگە بولغايلەر…”. ئۇچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كېڭىشى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كېڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە، ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ھەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلاتتى. بىلگە كېڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت – ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە، تۇخار – ئۇيغۇرچە، سوغدى – ئۇيغۇرچە) نى قوللانما سۇپىتىدە تۇزۇپ چىققان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇپەتلىك قەغەز كەشىپ قىلغان. خەت پۇتۇلىشتىن بۇرۇن قەغەز ئۇستىگە ئاق شىلىم سۇرتۇلەتتى. بۇ قەغەز ” پاتلاپ يېزىش ئۇسۇلى ” دەيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە خىلى چوڭ قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان. ئىدىقۇتلۇقلار ئۆز ئالدىغا ياغاچ مەتبەئە كەشىپ قىلغان. ھەرپلەر دانە – دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قېلىپقا بىكىتىلىپ ئۇستىدىن رەڭ سۇرتۇلۇپ خىلمۇ خىل رەڭلىك كىتابلار بېسىلاتتى. مۇشۇنداق مەتبەئە ھەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق (4). ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت مائارىپى توغرىلىق ئاتاقلىق سەيياھ ۋاڭ يەندى (939 – 1006 – يىللار) ئۆزىنىڭ ” ئاستانە خاتىرىلىرى ” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: ” ئىدىقۇتتا كەسپىي مۇئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شېئىر ۋە قوشاققا خۇشتار ئىكەن. ئۇلار ئۆز يېزىقىنى كۇندىلىك ئېھتىياج ئۇچۇنلا ئەمەس، بەلكى تۇرلۇك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يېزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كۆردۇم…”. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار ” قاغان ” سوزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سوز ھوكۇمران، ئىمپېراتور، خان مەنىلىرىدە بولۇپ، ھون، تۇرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سوزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ھازىرقى زاماندا بۇ ئاتالغۇ – ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى سۇپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئومەرقان، تىلەۋقان، ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكەرىمخان، قادىرخان دېگەنلەردەك. ” ئىدىقۇت ” سوزى – بەختكە يىتەكلىگۇچى دىگەن بولىدۇ. ” قۇت ” سوزى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: “قۇتلۇق بولسۇن “، “ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن ” دىگەندەك. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 9 – 13 – ئەسىرلەر) دەۋرىدە ئىدىقۇت مائارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كۆپ تىللاردىن خەۋەردار تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب – شائىرلارنى، دراماتورگلارنى، بوغالتىر – ھىساباتچىلارنى، تېۋىپ – دوختۇرلارنى يىتىشتۇرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ھەقتە كەيىنكى بابىمىزدا مەخسۇس توختىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان پىرتانراكشت، مائارىپچى، يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، “ھېكمەتلەر پەزىلىتى ” نىڭ ئاپتورى، دىداكتىك شائىر كى كى، شائىر چىنۇيا توتۇڭ، شائىر قالىم كەيشى، شائىر ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىھ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار. شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە پۇتكۇل مائارىپ ئىدېئولوگىيىسى ئۇستىدە ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر ھوكۇمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي خەلق ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ ئۇچۇن ئىيتقاندا قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ تەكتىدە خەلقنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، تارىخى ۋە مەدەنىي – مائارىپى يەنىلا كۇچلۇك ئەكس ئىتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشھۇر ” ئوغۇزنامە ” قىسسىسى تەخىمۇ تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. ” ئوغۇزنامە ” ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى ھايات تارىخى، دۇنيا قارىشى، ئىجتىمائىي ئۆرپ – ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنۋېرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر. ئىزاھاتلار: (1) ئاكا – ئۇكا كەلىر (528 — 968 كەلىر) ۋە مەتۇدى (728 — 588 مەتۇدى) مىلادىنىڭ 855 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۇنى بۇلغارىيىدە تۇنجى رۇس – سلاۋيان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۇننى ھەر يىلى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. (2) نىستۇرى (401 – 451 – يىللار) – خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راھىب ئارابان 635 – يىلى ئىدىقۇتقا كىلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان. (3) زارا ئوستىر – (مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئوتكەن) ئۇستا دوختۇر ۋە شائىر، زەردەشىت دىنىنىڭ ئەۋلىياسى. (4) پىرتانراكشىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10 – ئەسىرلەردە باشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەھەرلىرىدە سەھنىدە ئوينالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۇسەن (كۇچا) نىڭ “ئەجدىھا ئويۇنى”، “سۇمۇچ ئويۇنى” قاتارلىق ئوچۇق سەھنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومېدىيە شەكلىنى ئالغان ئويۇنلار ئىدى. (5) 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ تۇرپانغا كىلىپ، ياغاچ مەتبەئەگە (كەلاگەروفى) ھەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقىنى ئېلىپ كىتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئە تىخنىكىسى تاكى گېرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ كەشىپ قىلغان مىتال ھەرپلىك ئىلغار مەتبەئە تىخنىكىسى ئىشلىتىگۇچىلىك (15 – ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت مائارىپى، نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خىلى زور كۆلەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۇۋالالايمىز. 4- باب مەخمۇت قەشقەرى تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جاھان تۇركۇلوگىيە پېنىگە ئاساس سالغۇچى بۇيۇك ئۇستازدۇر. ” تۇركىي تىللار دىۋانى ” دىن ئىبارەت بۇ كاتتا قامۇس ئىنتايىن كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تۇرمۇش، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، قورال – سايمان، ھايۋانات، تاش – مەدەن، تاغ – دەريا، قاتناش ساۋاتلىرى، ماقال – تەمسىللەر، تارىخىي رىۋايەتلەر، كىشىلەرنىڭ ئورپ – ئادەتلىرى قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەلۇمات بىرىلگەن. بىز يەنە ” دىۋان ” غا كىرگۇزۇلگەن ئەقلىيە سوزلەر، شېئىر – قوشاق، تەمسىللەر ئارقىلىق بۇ بۇيۇك ئالىمنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى، دىداكتىك كۆز قارىشىنىمۇ ئوچۇق كۆرۇۋالالايمىز. بۇ ھەقتە بىز ” دىۋان ” دىن بىرنەچچە نەمۇنە كورسەتسەك كۇپايە: _ قۇت بەلگىسى بىلىك. (بەخت – سائادەت بەلگىسى بىلىمدۇر). _ ئەرمۇگە بولۇت يۇك بولۇر. (ھورۇنغا بولۇتمۇ يۇك بولۇر). مەرىپەتلىك قوشاقلار ۋە پەندى – نەسىھەتلەر: _ ئوغلۇم ساڭا نەسىھەت: پەزىلەتنى مىراس قىل؛ بىلىملىككە يېقىنلاش، دائىم ئۇنى ئۇستاز قىل. _ مەندىن نەسىھەت ئوغلۇم پەزىلەت يارات، ئەلدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئىلمىڭنى تارات. _ كۆپلىگەن پەزىلەت ئىگىلىرى ۋە بىلىمى تاغدەك دانالار ئالەمدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بىباھا سۆز – ھىكمەتلىرى ھىلىمۇ دىلىمنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. _ بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلە، سۆزىگە ئاشىق بول، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۈگەن، ئەمەلىيىتىڭدىمۇ شۇنداق بول. _ ئىلىم – ھىكمەت ئىزدە؛ لىكىن مەغرۇرلانما، نادانلار ماختىنار، سىناقلاردا مات بولار. _ مەرىپەت سۆيگۇچى ھەرگىز مال – دۇنياغا خىرىسلىق قىلمايدۇ. ” تۇركىي تىللار دىۋانى ” دا پەزىلەتلىك بولۇش، ئەمگەك سۆيۇش، ۋاپالىق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم – تەربىيە ئىدىيىلىرىمۇ قەدىمقى ماقال – تەمسىللەر، قەدىمقى قوشاقلار ئارقىلىق نۇرغۇن سىڭدۇرۇلگەن. مەسىلەن: _ ئەمگەك ئەكىندە قالماس (ئەمگەك بوشقا كەتمەيدۇ). _ ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس. _ كىڭەشلىك ئىش ئوڭشىلار، كىڭەشسىز ئىش بۇزۇلار. _ تۇگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۇلدۇرىدىن قورقماس. _ ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى تاۋىقىدىن ئايرىلىپتۇ. _ كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كويمەس. _ ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چىغىدا بىلىنىدۇ. _ ھاجەتمەن مىھمان ئالدىڭغا كەلسە، سەن ئۇنى كۇتكۇزمە، تەييار ئېشىڭنى ئالدىغا كەلتۇر. _ مىھماننى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن. _ بىخىل – پەسكەش، يارىماس ئادەم – مال – دۇنيانىڭ ساقچىسى، ئۇ يىمەي – ئىچمەي يىغىدۇ، ئاخىر ئوزگىگە قالىدۇ. 3. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى يۇسۇپ ھاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۇسۇپ ھاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى – ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇسۇپ ھاس ھاجىپ قاراخانىلار مائارىپىنڭ تازا گۇللەنگەن ۋە ئوزى ئوردىدا خاس ھاجىپلىق (ئوردا ۋەزىرلىك) ۋەزىپىسىگە تىخى قويۇلمىغان مەزگىللەر (1609 – 1070 – يىللار) دا مەشھۇر ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. بۇ كاتتا ئەسەرنى يازغان چاغدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ خىلى ياشىنىپ قالغانىدى. داستانغا قىستۇرۇپ كەتكەن توۋەندىكى ئىزاھلاردىن بۇ نۇقتا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ: “… نۇرلۇق باھار پەسلىدەك چىچەكلىك ئىدىم، غازاڭلارمۇ چۇشتى، ھەممە قۇرۇدى. قېيىندەك مۇستەھكەم، ئوقتەك تۇز ئىدىم، يادەك ئەگرى بولۇپ، مۇكچىيىپ قالدى…”. قۇتادغۇبىلىك 82 باب، 6444 بەيىت، 13 مىڭ 288 مىسرادىن قۇرۇلغان چوڭ ھەجىملىك دىداكتىك داستان. بۇ كاتتا ئەسەر پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق، دۆلەت – قانۇن، (ھوقۇقشۇناسلىق)، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ، تىبابەت، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە، تىل – ئەدەبىيات ۋە ھەربىي ئىلىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرنىڭ پۇتۇن مەزمۇنىغا ئىلىم – مەرىپەت مەدھىيىسى سىڭدۇرۇلگەن. بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ نامىدىنلا ئىنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ” قۇتادغۇبىلىك ” – بەخت – سائادەتكە ئىرىشتۇرگۇچى بىلىم دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. ” قۇتادغۇبىلىك ” نىڭ شۆھرىتى ئوز زامانىسىدا ھەر تەرەپكە داڭ كەتكەن. ھەرقايسى ئەل كىشىلىرى ئۇنى ئۇلۇغلاپ ھەرخىل ناملارنى بەرگەن. بەزى شەرق ئەللىرى ئۇنىڭغا ” زىننەتۇل ئۇمىرا ” (ئەمىرلەر زىننىتى) دەپ نام بەرسە، ئىرانلىقلار ” شاھنامەئى تۇرك ” (تۇركلەر شاھنامىسى) ياكى بەزىلەر ” پەندىنامەئى تۇرك ” (تۇركلەر نەسىھەتنامىسى) دەپ نام بەرگەن. ” قۇتادغۇبىلىك ” نىڭ پۇتۇن مەزمۇنى تۆت مۇھىم شەخسنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى كۇنتۇغدى (پادىشاھ – ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى)؛ ئىككىنچىسى ئايتولدى (ۋەزىر – بەخت – سائادەت سىمۋولى)، ئۇچنچىسى ئۈگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى – ئەقىل – ئىدراك سىمۋولى)؛ توتىنچىسى ئودغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى – قانائەتنىڭ سىمۋولى) بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۇتۇن ماھىيىتى مۇشۇ توت شەخسنىڭ مۇنازىرە كۇرەشلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلىدۇ. بىلىم، ئادالەت، پەزىلەت ۋە چىدام – غەيرەت خىسلەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۇزەل غايىسى ھىسابلىنىدۇ. تەلىم – تەربىيىنىڭ تۇپ مەقسىتى ئادەملەرنى ئاشۇ غايە بىلەن يىتىلدۇرۇپ بەخت – سائادەتكە ئىرىشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز ” قۇتادغۇبىلىك ” نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كورسىتىپ ئۆتىمىز: _ بىلىمنى ئۇلۇغ، ئەقىل – ئىدراكنى بۇيۇك بىل، بۇ ئىككىسى ئىنسان مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ. _ بىلىمنى نكمىشقا بىلىم دىگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل. چۇنكى، بىلىم ئىگىسىدىن كىسەل يىراقلىشىدۇ؛ بىلىم – مەشئەلدۇر، مەشئەل يورۇسا كىشى كىچىدىمۇ يولدىن ئازمايدۇ. _ ئىشىڭنى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئىشلە؛ زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە. _ بىلىم ئال، ئۆزۇڭگە تۆردىن ئورۇن ھازىرلا، ھەرقانچە بىلسەڭمۇ يەنە ئۈگەن، يەنە ئىزدەن؛ قارىغىنكى، بىلىملىك كىشىلەر سورا، سورا، ئوز تىلەكلىرىگە يىتىشكەن. _ ئادەم بەرىبىر ئۆلىدۇ؛ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزى ئۆلمەيدۇ. _ ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قىرىمايدۇ: بىرى بىلىم، بىرى پەزىلەتلىك سوز. _ ئەي ئوغۇل، مەندىن ساڭا ئالتۇن، كۇمۇش قالسىمۇ، سەن ئۇنى مەندىن ساڭا قالغان مەرىپەتكە تەڭ كۆرمە. _ كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپ، ئەڭ چوڭ پەرق بىلىمدە. _ ئالەمدىكى ھەممە ياخشىلىق بىلىمدىن كىلىدۇ، بىلىم بىلەن كىشىلەر ئاسمانغا يول ئاچالايدۇ. _ بىلىم ئەھلى ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە مەرىپەت چاچمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى نۇرسىز قالىدۇ. _ جاھان تۇتقۇچى ئەر پاراسەتلىك بولسا جاھان مۇستەھكەم بولىدۇ؛ بىلىملىك بولسا، مەملىكىتى كۇچلۇك بولىدۇ. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشكەن كىشى كامالەت تاپىدۇ. كامىل كىشى ھەممە نىئمەتكە ئىگە بولىدۇ. پەزىلەت توغرىسىدا: _ سەمىمىيەت ئىنساننى يۇكسەلدۇرىدۇ، ئىنسان ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. _ كىشىگە ئادىل بول، ئادىل كىشىنىڭ ھەر بىر پەيتى بەختلىك بولالايدۇ. _ نەپسانىيەت ئۇچۇن ئۆزۇڭنى ئوتقا ئاتما، ھاۋايى – ھەۋەستىن بۇلغانما. _ ئاچكۆز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرما، ۋاپاسىز كىشىلەرگە ئاش – تاماق بەرمە. _ دۇنيا بىر تىرىلغۇ ئېتىزدۇر. ئەمگەك بىلەن دان تىرىساڭ، ھايان ئۇرۇغى ئالىسەن. _ قوپال سوزنى تىلىڭدىن چىقارما، قوپال تىل يالقۇنجىغان ئوت. _ ھارامغا ئارىلاشما، ئۆكتەم بولما، ئۆچ ئالما. _ ھاراق ئىچمە، پىتنە – پاساتتىن نىرى قاچ! _ مەنسەپ ئىگىسى بىلىملىك، دانا، كۆزى توق، كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولۇشى لازىم. _ ئاچكۆز تويمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىگە دۇنيانىڭ ئاش – تامىقى يىتىشمەيدۇ. _ يالغانچى ۋاپاسىز كىلىدۇ، ۋاپاسىز كىشى خەلققە بەخت كەلتۇرمەيدۇ. _ مەنسەپدارنىڭ مىجەزى تەرسا بولسا، ئىش تەتۇرگە ماڭىدۇ، خوشاللىقى قايغۇغا ئايلىنىدۇ. ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانىدا ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ ئەشەددىي دۇشمىنىدىن بىرى بولغان ھاراق – شاراپنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق توۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرىدۇ: … ئۇچىنچى، ھاراققا بولۇش مۇپتىلا، بۇ ئەر ئومرى شەكسىز كىتەر بوشقىلا. ھاراق ئىچسە ئالىم ئىلىمسىز بولۇر، ئىلىملىك مەست بولسا نېمىلەر قىلۇر؟ بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىزكى، ” قۇتادغۇبىلىك ” ئىچىدە باشتىن – ئاياغ ئىزچىل سىڭدۇرۇلگەن ” بىلىم – كۇچ؛ بىلىم – بەخت قورالى؛ بىلىم – ئىنسان قەدىر – قىممىتىنىڭ ئۇلى…” دىن ئىبارەت خىتابلار مەڭگۇ ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر. مۇئەللىپ ئوز ئەسىرىدە كىشىلەرگە بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئەقلىي تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، ھۇنەر – ماھارەت تەربىيىسى، گۇزەللىك تەربىيىسى قاتارلىق ئەتراپلىق تەلىم – تەربىيە بىرىشنىڭ زۆرۇرلۇكىنى تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. مانا بۇلار ئەسەردە باشتىن – ئاخىرغىچە چاقناپ تۇرىدىغان پارلاق ئىدىيىدۇر. ئەسەردە يەنە دولەتنى ئىلىم – پەن بىلەن باشقۇرۇش، دولەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا قابىل، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى قويۇش، بىلىم ئەھلىنى سويۇش، ئىلمىي ئىجادىيەتكە كەڭ مەدەت بىرىشنى تەكرار جىكىلەيدۇ، مەرىپەتشۇناسلىققا ئائىت بۇ ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلار ھازىرمۇ رەئال قىممەتكە ئىگە. ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانىدا مۇئەللىپ يەنە ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي ھايات، مالىيە – ئىقتىساد، خارجى ئىشلار، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي خىزمەت، قەھرىمانلىق جاسارىتى، ” مۇكاپات ۋە جازا ” ھەمدە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ئۇستىدىمۇ چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمە يەشمىسى ئاساسىدا يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مىساللارنى كۆرۇپ باقايلى: ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك توغرىسىدا: ھەۋەسنى ئەقىل بىرلە باسقىن ئۇتۇپ، بىلىم بىرلە يانچىغىن نەپسىڭنى تۇتۇپ. تۇزۇلمەس تىلەسەك، ھەۋەس بوينىن كەس، تۇزۇلۇر ئەگرىلىك گەر ئولسە ھەۋەس. ئۆزۇمچىلىك – مەنمەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا: ئەغىر يۇك كىشىگە ئوزەمچىل قىلىق، ئوزەمچىل قىلىققا ئوق ئات، قارشى چىق. ياغى قىلمىغاننى شۇ قىلىق قىلار، ياغىدىن بۇ ياغى نەچۇك پەرقلىق؟ ئەقىل – ئىدراك، پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا: بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان، قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان. ئەقىلدىن بۆلەككە ھورمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم ئۇ، بىر ئوچۇملا لاي. ئەقىل كىمدە بولسا بولۇر ئۇ ئېسىل، بىلىم كىمدە بولسا بولۇر خان ئۇ، بىل. ئەقىل بىر چىراغدۇر، كوزى يوققا كوز، ئۆلۇك تەنگە جان ئول، گاچا تىلغا سوز. كىچىك پېئىللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا: كىچىك پېئىل ئۇلۇغلۇق – سۇرەر كۆپ زامان، تەكەببۇرغا تەگمەس ئۇلۇغلۇق ھامان. سۆيۇك ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى، سۆيۇلمەس تەكەببۇر، يىرىك دىل كىشى. مەنسەپدارلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆزى توق، ھايالىق، نازۇكلۇق كەرەك، تۇمەن ھىل بىلىم ۋە زەرەكلىك كىرەك. دىلى بولسۇن ھەممە كىشىگە كىچىك، تىلى بولسۇن يۇمشاق، شەكەردەك چۇچىك. ئەگەر بولسا بەگلەر زالىم ھەم يامان، چىقار ئىشلار تۇز يولدىن ھامان. بىلىمنى ۋە بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش توغرىسىدا: يوق بولسا جاھاندا ھەكىم – ئىلىملىك، تىرىپ، ئۇنمەس ئەردى يەردە يىگۇلۇك. ئۇلار ئىلمى بولسا جاھاندا چىراغ، يول ئازماس كىچىدە يورۇسا چىراغ. قاتتىق سۆي ئۇلارنى قەدىرلە سوزىن، تولا ياكى ئازدۇر ئۆگەن ئۇلار بىلگىنىن. ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر، ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۇز يولغا يۇرۇر. پەرزەنتلەرگە تەلىم – تەربىيە بىرىشتە ئاتا ئانىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا: تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز – ئوغۇل، ئاڭا تەربىيىچى سەن ئوزۇڭلا بول. ئوغۇل – قىز خۇي – پەيلى بولسا يامان، يامان قىلغان ئاتا – ئانا ئۇلارنى ھامان. ئۇياتلىق ۋە نومۇس پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى، ئۇياتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بەشى. ئۇياتلىق كىشىگە پۇتۇن ئىشنى بەر، ئۇياتلىق جاھالەت ئىشىگىن ئەتەر. ئۇياتسىز – نومۇسسىز كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا: ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى رەزلى، دۇرۇست سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى. بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۇزى، ئەتىلمەس توشۇكتۇر ئۇياتىسىز كۆزى. تىل – سۆزنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئۆزۇڭنى كۈزەت بەك، ياخشى سۆزلىگىل، سورالغاندا سۆزلە، يەنە قىسقا قىل. كۆپ ئاڭلا بۇ سۆزنى تولا سۆزلىمە، بىلىم بىرلە سۆز تۇز، ئىشلەتكىن ئەقىل. كۆيەر ئوتقا ئوخشار كىرەكسىز سۆزۇڭ. ئېغىزدىن چىقارما كۆيەرسەن ئوزۇڭ. ئاچكوز – ھىيانەتچىلەر توغرىسىدا خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ، قاچار پايدىلىق ئىش ھەممىسى يىراق. خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر، دېڭىزمۇ سۇسىزلار، قۇرۇپ كەتەر يەر. شەخسىيەتچى، چېقىمچى ۋە پىتنە – پاساتچىلارنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا: قېتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر، قېتىلساڭ كۆرەرسەن چاتاق چىقىرۇر. بىرىدۇ چىقىمچى، پىتنە – پاساتچى، بىرى ئىككى يۇزلۇك شەخسىيەتچى. ئادىل قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئادالەتلىكى توغرىسىدا ئادىل قانۇن كۆكتە – بىر تۇۋرۇك ئىرۇر، ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر. يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات ئاسماننى بۇزاتتى خۇدا. قىلىپ ئادالەت بىلەن ھەر ئىشتىن، ئايرىماي بەگ يا قۇل دەپ ھىچكىشىن. ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بۆلەكچە بولماسمەن ھوكۇم ۋاقتىدا. زالىم بەگ سۇرەلمەس بەگلىك دەۋرىنى، كۆتۇرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى. ئەل ئارتار، قانۇن بىرلە تۇزۇلۇر جاھان، زۇلۇم بىرلە خوراپ ئەل، بۇزۇلۇر زامان. 4. ئەدىب ئەھمەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئەدىب ئەھمەت قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇنىڭ ” ئەتەبەتۇل ھەقايىق ” (ھەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) ناملىق دېداكتىك ئەسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ” ئەتەبەتۇل ھەقايىق ” – جەمئىي 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان، باي پېداگوگىكىلىق مەزمۇنغا ئىگە داستان، ئەسەرنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تۆۋەندىكى قىسقا مىساللار بىلەن كورسىتىپ ئوتىمىز: بىلىم – مەرىپەت توغرىسدا: _ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار (ئالتۇن – تىللا)؛ بىلىمسىز نادان – قىممىتى يوق ياماق، پاخال. _ ئىنساننىڭ زىننىتى – ئەقىل. _ بىر بىلىملىك مىڭ نادانغا تەڭ. _ تۇرلۇك – تۇمەن ئىشلاردا ناداننىڭ كۆرگۇلۇكى پۇشايمان؛ ئۇنىڭغا پۇشايماندىن ئۆزگە قىسمەت يوق. پەزىلەت توغرىسىدا: _ ئەدەب – ئەخلاقنىڭ بېشى – تىل. _ كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، بىلگىنكى، تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ. _ كىشىگە ھەر ئىش كەلسە تىلدىن كىلىدۇ، ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ تىلدىن ئايان بولىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە يەنە رەشىد بىننى قەشقەرى (1083 – يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئىمامدىن قەشقەرى (11 – ئەسىر) قاتارلىق مەشھۇر تىببىي ئۇستازلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئىمامىدىن قەشقەرى يازغان ” شەرھى ئەلقانۇن ” ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى ئىدى. 1216 – يىلللىرى چىڭگىزخاننىڭ بېسىمىدىن غەربكە قاچقان قىتانلارنىڭ سەركەردىسى كۇچلۇك نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن قاراخانىلار زىمىنىغا بېسىپ كىرىپ ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق يۇرگۇزدى. نۇرغۇن ئالىملار دارغا ئېسىلدى. مەكتەپ، مەدرسلەر كويدۇرۇۋىتىلدى. كىتاب ۋە قوليازمىلارنى يىغىپ گۇلخان ياقتى. داڭلىق ئالىم ۋە مەرىپەتچى ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى 3000 ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە ھازىرقى يۇرتخان كەنتى (6) دە تىرىك كۆمۇۋەتىلگەنىدى، خوتەننى ” شەھىدانى خوتەن ” دەپ ئاتاش ئەنە شۇ قانلىق تارىخنىڭ بىۋاستە يادنامىسى. ئىزاھاتلار: (1) ” خەلق گەزىتى ” 1983 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۇنىدىكى سانى 7 – بەت. (2) ئەينى زاماندا ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ھىسابلىناتتى. (3) ئوپال قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومەتر كىلىدىغان يەرگە جايلاشقان ۋە پامىر ئىتىكىدىن ئورۇن ئالغان، ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۇزەل بىر جاي. (4) ئالىمنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئۆز زامانىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يىتىلىشىگە چوڭ تەسىر كورسەتكەن. مەخمۇت قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ھۇسەيىن بىننى مۇھەممەت ۋە بوۋىسى مۇھەممەت بىننى يۇسۇپمۇ زامانىسىدا ئاتاقلىق كىشىلەر ئىدى. ئانا تەرەپ بوۋىسى سەيپىدىن تىخىمۇ بىلىملىك كىشى ئىدى. (5) مەخمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ 1118 – يىلى ئوپالدا ” مەدرىسەئى مەھمۇدىيە ” ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاكى ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشتۇرغان. مەھمۇت قەشقەرى 1126 – يىلى 97 يېشىدا ئانا يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغان. (6) بۇ جايدا ھازىرمۇ ” ئەللامە شەھىتلىكى ” دىگەن مازار بار. ئۇ قەدىمقى شەھەر خارابىسى ” يۇرتخان ” بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 5- باب ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 – 844 – يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 – 1250 – يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 – 992 – يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كىيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 – 1211 – يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغانىدى. يىڭىدىن باش كۆتۇرۇپ چىققان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۇچلۇك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى ئۇستۇنلۇككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تىز راۋاجلاندى. ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بىلىم – مەرىپەت ئىشلىرى تازا گۇللەنگەن مەزگىللىرىدە بىرلا باغدات شەھىرىدە 30 ئالىي بىلىم يۇرتى، 36 ھوكۇمەت كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. مىلادىنىڭ 830 – يىلى بۇ يەردە چوڭ كولەمدىكى ئىلمىي ھېكمەت مۇزېيى (بەيت ئال ھىكمە) تەسىس قىلىندى. ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىدى. بۇ ئاكادىمىيىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ھۇنەيبى ئىشاق (809 – 837 – يىللىرى باغدات ئاكادىمىيىسىگە رەئىسلىك قىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىرلىكتە يۇناننىڭ قەدىمقى كلاسسىك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىگە 500 دىناردىن ئالتۇن بىرىلگەن؛ كىيىن ئۇلارغا يەنە تەرجىمە ئورىگىنالى قېلىنلىقىدا ساپ ئالتۇن مۇكاپات قىلىنغان. بۇ دەۋر ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل شوھرەت قازانغان ئالتۇن دەۋرى ھىسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەپەككۇر ۋە داڭلىق ئالىملاردىن مەدر ئىمىن مۇسا خارەزمى (750 – 847)، ئەبۇنەسىر فارابى (870 – 950)، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980 – 1037) ۋە ئەبۇرەيھان بىرونى (972 – 1049) قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مىلادىنىڭ 950 – يىلى ئۇبۇلھەسەن سەيىد ھاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) كە كىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئولىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ 953 – يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئېسىلام ئىتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن قەشقەر ئاھالىسىمۇ كەينى – كەينىدىن ئىسلام ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 – 1021 – يىللار) نەتىجىسىدە بۇددىزمنىڭ جاھىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يەڭىلىپ، پۇتۇن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئەلىپبەسى ئاساس قىلىنغان يىڭى يېزىق يۇرگۇزۇلدى. “دىن – ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى…”(1) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني ئەتىقادى ۋە مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يۇز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل دۇنيانى تونۇش ۋە ھەقىقەت ئۇستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى. ماۋزېدۇڭ: “… بىز تارىخنى ئۇزۇۋىتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن جۇڭشەنگىچە بولغان پۇتۇن ئۆتمۇشنى يەكۇنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كىرەك…” دىگەنىدى. جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتەگورىيىگە كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئەنە شۇ پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇھىم نامەيەندىلىرىدىن ھىسابلىنىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى – “مەدرىسەئى ساجىئە” تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىدە ئىبىن ئەلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. “ساجىئە” بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر – يازغۇچىلار توپلېنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى. “ساجىئە” بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كىڭەيدى. تۇرلۇك كاتەگورىيىلەر بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئەرەب ئەلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىڭى يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى (3 – جەدۋەلگە قاراڭ). بىز توۋەندە قاراخانىلار مائارىپىنىڭ ئەڭ بۇيۇك نامايەندىلىرىدىن بولغان بىر قانچە ئالىملارنىڭ پىداگوگىكىلىق ئىدىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: 1. ئېنسىكلوپىدىست ئالىم – ئەبۇنەسىر فارابى ئىلىم – پەن دۇنياسىدا ئارىستوتەلدىن كىيىن ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شوھرەت قازانغان ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئەبۇنەسىر فارابى ھىجرىيىنىڭ 295 – يىلى (مىلادى 870 – يىلى) قاراخانىلارنىڭ يازلىق پەيتەختى بالاساغۇن رايونىنىڭ گۇزەل شەھىرى فاراب (ئوترار) دا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەدر شۇ جايدا ئەڭ ئابرويلۇق ۋە مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. ئالىمنىڭ ئوسمۇرلۇك ۋە ياشلىق دەۋرى فاراب شەھىرىدە ئوتتى ۋە بۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگەتتى. كىچىكىدىنلا بىلىم خۇمار، تالانتلىق فارابى ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلەتتى. لىكىن ئۇ چاغدا فاراب شەھىرىدە ھەتتا بالاساغۇن رايونىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى “مەدرىسەئى ساجىئە” ئالىي مەكتىپى يىڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئاتاقلىق مەركىزى – باغدات شەھىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇردى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشتى. باغداتتىكى ئالىي مەرىپەت مۇھىتى بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ بىلىم چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىغا كەڭ ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئەبۇنەسىر فارابى ئالدى بىلەن تىرىشىپ – تىرمىشىپ پارس تىلى، ئەرەب تىلى، گېرك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان، گېرك تىلىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنى بىمالال چۇشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. فارابى باغداتتا 40 يىلچە ئىلىم – پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتېنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا ئىجادىي تەپسىر (ئىزاھ) يازدى. فارابى باغدات، ھىرات، ھەرران، مىسىر ۋە شام شەھەرلىرىدىكى ھىسابسىز مۇنبەرلەردە ئىلمىي لىكسىيە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ ئۇستۇنلۇككە ئىرىشتى. ئەرەب ئالىمى ئەبۇبەكرى بەيھاق (994 – 1065 – يىللار) فارابى 20 خىلدىن ئارتۇق تىل بىلەتتى، دەپ يازغانىدى. فارابى ئىلىم – پەننىڭ تۇرلۇك كاتەگورىيىلىرى بويىچە 200 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر پەلسەپە، لوگىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مۇزىكا، سىياسىي تۇزۇم، پەزىلەت ۋە بەدىئىي ئەسەر نەزەرىيىلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ 119 خىل بېبلوگرافىيىسى (ئىسىملىكى) ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئېنسىكلوپېدىست ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. كىيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار فارابى ئەسەرلىرىنى “ئەل فارابۇس” تەخەللۇسىدا گېرك ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى ۋە فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ھەللىكان فارابىنى “ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدىغان ھىچكىم يوق” دەپ باھالىغانىدى. سامانىلار شاھى ناسىر سامانى فارابىنى “ئىككىنچى ئۇستاز” (ئارىستوتېلدىن كىيىن) دىگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنى ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇردى. مەشھۇر قانۇنشۇناس ۋە مەنتىقشۇناس ئەل ئامادى (1156 – 1233) فارابىغا باھا بىرىپ مۇنداق يازغان: “فارابى ئەڭ كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل زات ئىدى. مەنسەپ ۋە مال – دۇنيانى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيتتى. ئۇ دەمەشىقتە بىر چوڭ باغقا قاراۋۇلچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن. كىچىلىرى قاراۋۇل پانۇسلىرىنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب كورەتتى ۋە يازاتتى. ئەنە شۇنداق ئىجتىھات قىلىپ ئوگىنىپ ئاخىرى ئوز زامانىسىنىڭ كاتتا ئەللامەسى مۇقامىغا يەتكەن. فارابى پەلسەپە ئىلمى توغرىسىدا ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئۇ شۇنچە تولغان ئىلمىي ھېكمەت ئىگىسى بولسىمۇ يەنىلا مەغرۇرلۇقتىن خالى ئىدى. 6- باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى كىيىنرەك چىڭگىزخان ئېستىلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 – 1242 – يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زىمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھۆكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن “چاغاتاي دەۋرى” دەپ ئاتىدى. چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پېداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 – 1128 – يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يىزا ئىگىلىك ئىنژېنىرى ، مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى. ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كورسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم – پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى. مەسئۇتبەگ نايمان – كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى “مەدرىسەئى ساجىئە” نىڭ خارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 – يىلى “مەسئۇدىيە” ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا “سائادەت” ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە “سانى بۇخارا” (ئىككىنچى بۇخارا) دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى. مەسئۇتبەگ 1254 – يىلىدىن 1289 – يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى – مەشھۇر ئالىم جامال قەرشى (1230 – يىلى تۇغۇلغان، “سۇرراھ” ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ، “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ: “… بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتېل، سوقرات، خارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى… تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ” (“ساياھەت خاتىرىسى” – جامال قەرشى، 1273 – 1274 – يىللار). “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادەمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بىرىلەتتى. “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا خانبالىقتا ھوكۇمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 – 1294 – يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۇش زۆرۇركى، بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پىداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئېلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كىيىن چىڭگىزخان ئېمپىرىيىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئەلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كىيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئەلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن. تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خىلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپەرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھوكۇمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى. مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 – 1450 – يىللار) مۇنداق يازىدۇ: ” … بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق – پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ھۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن” (كىرىپورت، “ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى” 56 – بەت). كىيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ “چاغاتاي تىلى” دەپ ئاتىدى. “قۇتادغۇبىلىك” – قاراخانىلار “خاقانىيە تىلى” ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، خوجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 – يىلى يېزىلغان “دىۋان ھىكمەت” ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 – يىلى يېزىلغان “ئەۋلىيالار قىسسەسى” ناملىق رومان “چاغاتاي تىلى” ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن – كۇنگە مۇستەھكەملەندى. چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كىيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئوز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كىلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كورسەتتى. پروفېسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: “موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى.” بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زىمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كوپ تىل، جۇملىدىن گېرك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە خېرستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئۆمەر، باش ئادۋوكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تۆمۇر بىلەن كۆك تۆمۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۇر تۇۋرۇك، “جۇرجىت تارىخى” ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، “سۇڭ سۇلالىسى تارىخى” نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كورسىتىپ ئۆتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تۆمۇر تۇۋرۇك يازغان “زىرائەت ئوسۇملۇكلىرىنى يىتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى” ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئىلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى. چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كەسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ۋە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يىتىشتۇرگەن. بۇ دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى خۇئاڭخې ۋادىسىغىچە ئات ئۇستىدە يۇرۇپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تېڭىقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئىلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى – مەشھۇر “نەيجىڭ” ناملىق كلاسسىك قامۇستا يېزىلغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۇشكە بولىدۇ: “غەربىي رايون – ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گۆش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كىسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تىنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ.” “ئۇيغۇرلار ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چىچىكى قاتارلىق ئۆسۇملۇك ۋە گىياھلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۇزۇم پەي بىلەن سوڭەككە قۇۋۋەت بىرىدىكەن.” يەنە “جۇگىڭلۇ” ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئىچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇئەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كىسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 – تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان: رىن زىجاۋ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: “ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بەشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە – پەرياد ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تېۋىپ كىلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرتنى ئېلىۋەتتى. ھىلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئوتمەي ئۆلۇپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى.” يەنە شياشۇسۇ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: “پىڭچياڭ ئەگمىسى يېنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۇپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى – دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نىمىنى كىسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى…” يۇئەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل كەلتۇرۇلگەن: … ئىچكىرىگە كىلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سېرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۇنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى ، قىمىز بولسا قىرىلىقنى كەتكۇزۇپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئۆپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يىتىشتۇرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلار ئۇچۇن يەتكۇزگەن مىراس مېۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۈگىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تىخىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ. بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۇرلۇك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىغا كىلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى خۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۇرلۇك شەھەر – يېزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كىلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۇرلۇك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۇتۇن ئۆمرىنى مائارىپ ئۇچۇن بېغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقەرى خۇراساندا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى يىتىشتۇرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 – 1492) مۇ سەئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كورسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 – 1465 – يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 – 1501 – يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى “پاساھەتلىك ئەدىپ” ھەم “ئەزىز، تەۋەرۇك زات” دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى “مەلىكۇل كالام” (سۆز پادىشاھى) ۋە “تەۋەرۇك ئۇستاز” دەپ مەدھىيلىگەن. لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كىلىدىغان “گۇل ۋە نورۇز” ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شوھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ھەققىدە يېزىلغان “زەپەرنامە” ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئاتاقلىق شائىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى – 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تېكستلىرىگە سېلىنغان. ناۋايىنىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى – “ناۋايى” ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ “خەمىسە ناۋايى” ھەم “چاھار دىۋان” قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم – مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى. ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ “مەھبۇبۇل قۇلۇپ” ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر – مىھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ: “ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۇرۇشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۇزەشتە، ئەدەب ئوگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چىكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كىيىن پادىشاھ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۇنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ…” ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە، ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە. (ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۇز تىللا بەرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى “مەھبۇبۇل قۇلۇپ” 113 – بەت) ناۋايى ئىلىم – مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دىگەنىدى: ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى، ئورگۇنۇرگە جىد – جەھىد ئۆتكەن جاھان ئەللامىسى. ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: يۇز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم، ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دېداكتىك مەزمۇنىدىكى ھېكمەتلىك شېئىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن: توقلۇق ھىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل، ئۆزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل. لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر. كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر. چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كۆيدى، ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كۆيدى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان “خازانىئۇل مەئانى” (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شېىئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان (“چاھار دىۋان”) دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقان “خەمسە ناۋايى” ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم – تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. 7-باب سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي ئۇرۇقى ئىچىدە جىددىي پارچىلىنىش يۇز بەردى. بىر قىسمى تۇغلۇق تۆمۇرخان يىتەكچىلىكىدە (300 مىڭ كىشى) ئىسلام دىنىغا كىردى (1). بۇلارنى ئىقرابانچۇق ياكى “يانغانلار”، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلەرنى “قالغانلار” دەپ ئاتاشتى. “قالماق” سوزى ئەنە شۇ كىيىنكى سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۇچلۇك تەسىر كورسىتىشى ئارقىسىدا چاغاتاي ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. ئارىدىكى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان ۋەيرانچىلىقتا خاراپ بولغان مائارىپ ۋە سەنئەت يەكەن مەركەز قىلىنغان سەئىدىيە ھانلىقى (1514 – 1678 – يىللار) دەۋرىدە قايتا گۇللەندى. چۇنكى بۇ دەۋردە مەدەنىي – مائارىپ ۋە سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن بىرقەدەر تىنچ مۇھىت يارىتىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى خوجا باتۇر سۇلتان سەئىد ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ دەرىجىلىك مەكتەپلەر، مۇزىكا مەكتەپلىرى (بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە يەتكەن. 1522 – يىلى قۇرۇلغان “مىرزا ھەيدەر” مەدرىسى، 1630 – يىلى قۇرۇلغان مەشھۇر “ساقىيە” ناملىق مەدرىسە شۇ چاغدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھىسابلىناتتى) قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، مۇزىكاشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، ئەدىب – يازغۇچىلار، بىناكارلىق ماھىرلىرى تىز يىتىشىپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە “سىپاھىيە” (ھەربىي مەكتەپ)، “شىپاھىيە” (تىببىي مەكتەپ)، “ھودۇدىيە” (چېگرا ساۋاتى) ۋە “ئايىنەئى ساپارات” (ئەلچىلەر ئەينىكى) قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرمۇ تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ ئاساسى مۇشۇ چاغدا مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر ۋەكىلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (1510 – 1570 – يىللار) شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋە يەكەن خانلىق مەدرىسلىرىدە ياخشى تەلىم ئالغان ئىقتىدارلىق ئالىم ۋە سىياسەتچى ئىدى. ئاتاقلىق تارىخچى موللا موسا سايرامى ئۇنى “ئالىم، پازىل شائىر، ئەرەب، پارسچە بىلىدىغان تىلشۇناس ۋە ماھىر مۇزىكاشۇناس…” دەپ تەرىپلىگەن. “تارىخىي رەشىدى” ناملىق ئەسەردە: “ئۇ ئالىملارنىڭ ھىمايىچىسى، مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىفى. ئۇ، چارتار، دۇتار، ساتا، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئۇ ماھىر خەتتات ۋە پارسچە، تۇركچە شېئىر يازالايدىغان كامىل شائىر ئىدى” دەپ تەرىپلەنگەن. شۇڭا بۇ دەۋردە ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەركەندى، مەۋلانا خۇلقى، مىرزا مىرەك چالىش، ئايازى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر يىتىلىپ چىققانىدى. سەئىدىيە دەۋرى مائارىپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھۆسنخەتشۇناسلىقنىڭ كۆپ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولدى. دەرسلىك كىتاب، نادىر ئەسەرلەرنى ھوسنخەت بىلەن يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. ئۇلار “خەتتات” دەپ ئاتىلاتتى. مۇھۇر، تامغا، قەبرە تاشلىرى، مەدرىسە، گۇمبەز، مۇنار تاملىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ھۆسنخەتلەر بىلەن بىزىلەتتى ۋە نەقىشلىنەتتى. گۇل چىقىرىپ، ئىچىگە نەقىش شەكلى بىلەن قوندۇرۇلغان ھۆسنخەتلەر ئىمارەتكە سىن كىرگۇزۇپ، كوركەملىكىنى ئاشۇراتتى. ئەينى زاماندا خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر تولۇق بىلىملىك ھىسابلانمايتتى. شۇنىڭ ئۇچۇن ھوسنخەت ئىلمى خانلىق مەدرىسلەرنىڭ ئاساسىي دەرسلىرى قاتارىدا ئۈگىتىلەتتى. سەئىدىيە دەۋرىدە يەنە “نورۇز” پائالىيەتلىرى ئەڭ گۇللەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي تەلىم – تەربىيە كەڭ يۇرگۇزۇلەتتى. نورۇز پائالىيەتلىرى رەڭگارەڭ تۇرلەرنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى: “نورۇز چېيى”، “ھەپتە سالام”، “مۇشائىرە كەچىلىكى”، “نورۇز ناخشا – قوشاقلىرى”، “نورۇز مەشرىپى”، “نورۇزلۇق مۇنبىرى”، “چەۋاندازلارنىڭ ئات بەيگىسى”، “ئوغلاق تارتىشىش”، “چېلىشىش”، “ئەلنەغمە مۇنبىرى”، “چاقپەلەك ئويناش” ۋە باشقىلار. سەئىدىيە مائارىپى “نورۇز بايرىمى” دىن كىيىن، يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ دەرسىنى باشلايتتى. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى يىتلەپ مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئەدەب – ئەردەم بىلەن تۆۋەندىكى سۆزنى بەجا كەلتۇرەتتى: “پەرزەنتىمىزنىڭ جېنى تەڭرىمىزدىن، ئۇستىخىنى ئاتا – ئانا (بىز) دىن؛ بەختى – ئىقبالى ئۇستازىدىن…” ئاتا – ئانىلار مۇشۇ تەرىزدە ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇراتتى. مۇئەللىم جاۋابەن تۆۋەندىكى مۇشائىرەنى بايان قىلىپ بالىنى قوبۇل قىلىپ ئالاتتى: “مەرىپەت چىرىغى دىلىنى ئاچقاي، مەرىپەت ئاچقۇچى تىلىنى ئاچقاي…” مۇشۇنداق رەسمىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەئىدىيە مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىزام – قائىدىسى ئىدى. “نورۇزلۇق مۇنبىرى” دە مەلۇماتلىق ۋائىز (ناتىق) لار ۋە نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرى سۆزگە چىقىپ پەندى – نەسىھەتلەر ئارقىلىق تەلىم – تەربىيە ئېلىپ باراتتى. بۇنداق ئۇسۇل مەكتەپلەردىمۇ پات – پات بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە: ئوزىدە سەخىيلىق، ئىلىم ۋە ساداقەت سۇپەتلىرى يىتىشكەن كىشى مەرت بولالايدۇ. ھەققانىيەت ئۇچۇن كەلگەن بالا – قازانى راھەت بىل. خەلق پايدىسى ئۇچۇن ئۆزۇڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول. زىيادە مۇبالىغە ۋە مەدھىيىچىلىك شائىرنى يالغانچىلىققا باشلايدۇ. مەدھىيە – مۇبالىغە ئۆرلىگەنسىرى ئۆزۇڭ شۇنچە قۇللۇق ئورنىغا چۇشۇپ خورلىنىسەن. ئادەمنىڭ سىنالغىنى، ئالمىنىڭ قىزارغىنى ياخشى. قازى خاپا بولغان كۇنى ئىشىكى ئالدىغا بارما. خالىمىغان ئىشىڭنى كىشىگە تاڭما. ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا ئادەت قىل. نادان ۋە جاھىل بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما. مۇناپىققا ياخشىلىق قىلىش ياخشىلىقنى زايە قىلىشتۇر. كىشىگە دۇشمەن بولما، كىشى دۇشمەن بولىمەن دىسە، قورقما. سەۋەبسىز تەتۇر قارىغان دوستۇڭغا ئۆزرە ئىيتما، چۇنكى ئۇنىڭ قەلبىدە ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان. مەنىسىز سوھبەتداشلىقتىن تەنھا خىيال ياخشى. يېرىم دوستۇڭغا سىر بەرمە. بۇگۇنكى مىھنەت ئەتىنىڭ راھىتى. ھورۇنلۇق – بەختسىزلىكنىڭ ئالامىتى. كىشى ئۆزى ئۇچۇن گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزنى – مىقدارىنى خەلق ئۆلچەيدۇ. ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى قىلما، كۇچۇڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ئىلىم – ھۇنەر ئوگەنمىگەن كىشى بىچارىلىككە رازى بولغانلىقتۇر. تەلۋىگە بېرىلىدىغان ياخشى جاۋاب – سۇكۇت. ئۆز پەرزەنتىدىن ھۆرمەت تەلەپ قىلغۇچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىمۇ ئاتا – ئانىسىغا قانداق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرسۇن. ئاتا – ئانىنىڭ قەرزى پەرزەنتلىرىنى مال – دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس، بىلىم – ھۇنەرگە ماھىر قىلىپ قويۇشتا. ئىزاھاتلار: (1) تۇغلۇق تۆمۇرخان ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كۇچادا تەسىس قىلغان “ۋەلىيە” مەدرىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بەرگەن. بۇ مەدرىسە ئۆز زامانىسىدا كاتتا مەكتەپ بولۇپ شۆھرەت تاپقانىدى. 8 -باب “چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى” دە تۇنجۇقتۇرۇۋىتىلگەن مائارىپ …بىراق، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان مۇتەئەسسىپ ئىشان ھىدايىتۇللا خوجا (1626 – 1694) قاتارلىقلار تەركىدۇنيالىقنى، جاھالەتنى تەرغىب قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەرەققيپەرۋەر سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى چىقتى. ئاخىر 1677 – يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئۆتۇپ، دالاي لامانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەرز – شىكايەت ئوقۇدى. دالاي لاما جۇڭغار گېنىرالى غالدانغا خەت يېزىپ، ھىدايىتۇللا خوجىغا ياردەم بىرىش ئۇچۇن 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى تاپشۇردى. تۇمەن بويىدىكى جەڭدە سەئىدىيە قوشۇنلىرى يىڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە ھىدايىتۇللا خوجا “ھەزرىتى ئاپئاق” دىگەن ئۇنۋان بىلەن قورچاق ۋاڭ بولۇۋالدى ۋە سوپىزمنى كۇچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى “چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى” ئىچىدە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇۋىتىلدى. پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتەماتىكا، جۇغراپىيە پەنلىرىنى ئوگىنىشنى ئۇ، “پەرەڭلەرنىڭ سېھرىسى”، “جەدىتلىق” دەپ جار سېلىپ مەنئى قىلدى، “پانىلىق ناساراغا مەنسۇپ، بىزگە قىيامەتلىك” دەپ چۇقان كۆتۇردى. ھالبۇكى، دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ يىڭى مائارىپى تىز راۋاجلانماقتا ئىدى. “ناسارا پەرەڭلىرى” (1) بەس – بەس بىلەن ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرۇشماقتا ئىدى. ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ سوپى دەرۋىشلىرى بولسا، ئەكسىچە جەندى – كۇلالىرىنى كىيىشىۋېلىپ، ھەممىلا جايدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. خوتۇن – قىزلار ھەرەم ئىچىدە تۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىناتتى. بۇ خىل روھىي كىشەنلەرگە قارشى خەلق ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۇرەتتى. خەلق ئىچىدە جاھىل سوپىلار گۇرۇھىنى مەسخىرە قىلىدىغان قوشاق – شېئىرلار پەيدا بولغانىدى. مەسىلەن: قولۇڭدا دالۋىيىڭ بولسا، “قۇ” نىڭ نەمىشى، دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسا، “ھۇ” نىڭ نەمىشى. سوپى – ئىشانلارنىڭ جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋە نادانلاشتۇرۇش ئاقىۋەتلىرىدىن پايدىلانغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كىيىنرەك شوتاڭ مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرى ئۇچۇن پەقەت تىلماچ (تۇڭچى) لارنى تەييارلاشنى مەقسەت قىلدى. شوتاڭ مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىنغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىغىر جىسمانىي ئازاپ چىكەتتى، ئۇلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، غورۇرى دەپسەندە قىلىناتتى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم كىيىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ئۇلارغا بېشىغا سەككىز قىرلىق تەقى، تەقى ئۇستىدە قۇببۇ شەكىللىك قىزىل مارجان پۆپۇك بىكىتىلگەن ھەمدە ئۇچىسىغا سېرىق زەي تۇتۇلغان ۋە قارا ئىزمە تۇگۇلگەن قۇيازى كىيگۇزۇلەتتى، قارا لەمبۇقتىن ئۇچىغا جۇلا ئۆرۇپ ئۇلانغان بىر ئۇزۇن يالغان ئۆرۇمە چاچ قۇيرۇقىغىچە تىگىپ تۇراتتى. مانا بۇ شوتاڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مانجۇچە ئوبرازى ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا زۇلمەتلىك دەۋر ھىسابلىنىدۇ. دىمەك، مۇشۇ زۇلمەتلىك ۋە “چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى” دە ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق شاملىرى ئۆچۇرۇپ تاشلانغىنى ئۇچۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىسلى كۆرۇلمىگەن نادانلىق ۋە قۇللۇق ھۆكۇم سۇردى. سوپىزم نادانلاشتۇرۇشنىڭ قورالى بولسا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۇمرانلىرى قۇللاشتۇرۇشنىڭ ئامىلى بولدى. ئىزاھاتلار: (1) “ناسارا پەرەڭلىرى” – ياۋروپا مەملىكەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. 9 – باب يېڭى مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىش تارىخى “ئۆتمۇشنى ئۇنتۇش جىنايەت” (ۋ. ئى. لېنىن)، يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرما ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولىدۇكى، تاكى 19 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللېرىدىمۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا يەنىلا ئېغىر جاھالەت ھۆكۇم سۇرمەكتە ئىدى، پۇتۇن تەكلىماكان ۋادىسىدا پارلاق مەرىپەت شامى بولۇپ يانغان قەشقەردەك مەرىپەت مەركەزلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپتەك مۇتەپەككۇر زاتلارنى يىتىشتۇرگەن مەشھۇر “ساجىئە” بىلىم يۇرتى ۋە كىيىنرەك نۇرغۇن ئالىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان “مەسئۇدىيە” بىلىم يۇرتىنىڭ ئىلىم – مائارىپ شاملىرى ئاللىقاچان ئۆچۇپ پۇتۇن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ ئىككىنچى بىر چىتى – ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا، يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى مائارىپ جۇش ئۇرۇپ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۇرۇشكە باشلىغانىدى. 1770 – يىللىرى جىمىس ۋات تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، 1804 – يىلى فولتۇن تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان ئوكيان پاراخوتى، 1805 – يىلى سەتىۋىنىس كەشىپ قىلغان پويىز ۋە تۆمۇر يول، فارادى ئاساس سالغان توك (ئېلىكتىر) ئېنىرگىيىسى، 1902 – يىلى ئاكا – ئۇكا رەيت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئايروپىلان ۋە باشقىلار شەرقتىكى غاپىللار دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى. ئەينى زاماندىكى يىڭى تىخنىكا كەشپىياتلىرىغا ئەگىشىپ تۇرلۇك – تۇمەن زاۋۇت – فابرىكىلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتۇرۇشكە باشلىدى. غەربتىكى مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە تەرەققىياتپەرۋەر كىشلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلاردىن بىرى ئويغىنىش توغرىسىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق يازغانىدى: قوپ! ئى ئاداش بىر… ئەتراپىڭغا باق، باق… نە كورەرسەن ئويلىغىن ئۇزاق! يەردە، ھاۋادا، سۇدا كەلۇرلەر، ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق!… ئوتتۇرا ئاسىيادا يىڭى مەكتەپ مائارىپى مۇشۇنداق خىتاب ۋە ئىھتىياج ئاستىدا باشلاندى. بۇ يىڭى مەكتەپ مائارىپى “ئۇسۇلى جەدىت” دەپ ئاتالدى. “ئۇسۇلى جەدىت” نىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئاپغانى (1838 – 1897) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ ئىسلاھات يىڭى مەكتەپ مائارىپىنى (“ئۇسۇلى جەدىت” نى) يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. “ئۇسۇلى جەدىت” نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۇسەيىن مۇساباي، باھاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقەرى، تاش ئاخۇنۇم؛ تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت مۇھىتى، كۇچادا ھامىت ھاجى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى يىڭىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان مىللىي سانائەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا بەزىلىرى يىڭى مائارىپنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسى بولۇپ، جاھالەتكە قارشى كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقتى. بەزىلىرى ھەتتا پېتىربۇرگ، فىنلاندىيىگىچە، بەزىلىرى گېرمانىيە ۋە پارژغىچە، يەنە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىغىچە ئارىلاپ يۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەينى زاماندىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۈزەتتى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن سانائەتنى تۇتسا، بىر تەرەپتىن يىڭى مائارىپقا ئاساس سېلىش يولىدا جىددىي كۇرەش قىلدى. 1907 – يىلى ھۇسەيىن، باۋۇدۇن ئاكا – ئۇكا گېرمانىيىنىڭ “دولاق” ماركىلىق سانائەت شىركىتى بىلەن دېگىۋارلىشىپ، ئىلىدا خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. تاش ئاخۇن يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە شاتۇۋا توقۇمچىلىق كارخانىسىنى قۇردى. تۇرپان ئاستانىدا مۇسۇل ھاجى، ۋاجىت ھاجىلارنىڭ پاختا زاۋۇتى قۇرۇلدى. مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، 1916 – يىلى ئاتۇش، يەكەن ۋە ئىلىدا سانائەت ۋە بوغالتىرلىق كەسپىي تىخنىكوملىرىمۇ قۇرۇلدى. مانا بۇ يۇقىرىقى پاكىتلار ئۇيغۇر يىڭى مەكتىپىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە ماددىي ئاساسلىرى ئىدى. ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى قىتىم ئاتۇشتا يىلتىز تارتىشىدا بۇ ناھىيىدىن چىققان بىر تۇركۇم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تۇرتكە بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە جۇغراپىيىۋى ئوزگىچە مۇھىت – شارائىتنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بار. ئاتۇش ئىقلىمى قۇرغاق، ھاۋاسى ساپ جاي، قۇرغاق ئىقلىم ئاتۇش خەلقىنى چىداملىق ۋە غەيرەتلىك قىلىپ يىتىشتۇرگەن. شۇنداقلا بۇ جايدا ئېقىن سۇنىڭ قىسلىقى، ئېكىنزارلىقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئاتۇش خەلقىغە شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىنى سىڭدۇرگەن. بۇنداق روھ ئۇلاردا تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش خۇسۇسىيەتلىرىنى يىتىلدۇرگەن. بىراق، ئىكساقتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى يىڭى مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك پەزىلىتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش زۆرۇر. مۇساباي (مۇسا ھاجى) نىڭ ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل ئۆز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي ياردەم قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئوغلى مۇسابايمۇ شۇ مەدرىسنى تۇگەتكەن ۋە 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا ئىنايەت كۆرسىتىپ خانلىق مەدرىسنى بىر قىتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇنىڭ مۇھىم بىر ۋەسىقىسىدە: “بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئوشرە – زاكاتىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسكە تەسەررۇپ قىلىش زۆرۇر” لۇكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئوغۇللىرى – ھۇسەن باي (1844 – 1926 – يىللار) ۋە باۋۇدۇن باي (1851 – 1928 – يىللار) ئاتىسى موسا ھاجىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەكتەپ مائارىپىغا توھپە قوشۇشتا تىخىمۇ زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئەينى زاماندا تارىم ۋادىسىنى جاھالەتنىڭ قاپقارا پەردىسى قاپلاپ تۇرغان، شۇنداقلا ئەڭ جاھىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۇچلەر ھۆكۇم سۇرۇۋاتقان شارائىتتا ھەمدە ئاچكوز، نادان بايلار خەلقنىڭ يىلىكىنى رەھىمسىز شوراپ، ئوزىنىلا سەمرىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان شارائىتتا بۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز تارىخقا لىللا باھا بىرىدىغانلا بولساق، ئەينى زاماندىكى ھۇسەيىن باي ۋە باۋۇدۇن باي ئاكا – ئۇكىلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋىجدان ئوتىنىڭ نەقەدەر يالقۇنجىغانلىقىنى كۆرۇۋالالايمىز. ئىنسانىيەت تارىخىدا – “مائارىپ مەڭگۇلۇك كاتىگورىيە”. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بىراق ئۇ، “ئەنئەنىۋى مائارىپ” ۋە “يىڭىچە مائارىپ” تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتىگورىيىگە بۆلۇنىدۇ. يىڭى مائارىپ (“ئۇسۇلى جەدىت”) نى تۇنجى قىتىم جارى قىلدۇرغان پىداگوگ – مەشھۇر چېخىسلوۋاك ئوقۇتقۇچىسى يان. ئامۇس. كومىنسكىي (1592 – 1670 – يىللار) بولدى. ئۇ قۇرداش ئۆسمۇرلەرنى كلاس (سىنىپ) بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يۇرگۇزۇپ، چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرس پروگراممىسى بار، دەرس سەتكىسى بار، ئىمتىھان تۇزۇمى بار، تەربىيە نىشانىسى بار بىر يۇرۇش يىڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغانىدى. مۇشۇ تەلەپ بويىچە قۇرداش ئوسمۇرلەر ئەتراپى باغۋارانلىق، ئازادە سېلىنغان، كەڭ دەرىزىلىك، ئىچى كەڭ ۋە يورۇق، ئۇستەل، پارتىلىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ھەر خىل بىلىم – پەنلەردىن ساۋاق ئالاتتى. چەت ئەللەرنىڭ يىڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن باۋۇدۇن باي ئاكىسىنى يىڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۇچۇن ھەمكارلىشىشقا كۆندۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسىي دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئىكساقتا يىڭىچە مەكتەپ بىناسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى يىڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ 1885 – يىلى كۇزدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى. ئىكساقتا يولغا قويۇلغان بۇ تۇنجى يىڭى مەكتەپ كىيىنرەك “ھۇسەينىيە مەكتىپى(1)” دىگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ مەكتەپ دەسلەپ ئۇچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلىرى كەڭ دەرىزىلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق سىنىپ جاھازىلىرى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ ئىچى – تېشى ئاقارتىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ياتاق، ھاممام (تاش مۇنچا) بىنا قىلىنغان، مەكتەپ ئەتراپى ئورمانلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق يىڭى مەكتەپلىك قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كىيىنچە يىراق يىزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار قونۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلار “لەيلى”، كىلىپ – كىتىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا “ناھارى” دەپ ئاتىلاتتى. دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ يىڭى مەكتەپ دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق – مۇئەللىم مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يىڭى مەكتەپنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاكا – ئۇكا مۇسابايلار چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تەربىيلەشنى مەردانىلىق بىلەن قارار قىلدى. مۇشۇ قارار بويىچە تۇنجى قىتىم قازان دارىلمۇئەللىمىنىدە ئىككى يىل تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى كەرىماخۇن بولدى. كىيىن ئۇ بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى ۋە ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە “بەش كىشىلىك مۇدىرىيەت ھەيئىتى” قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە باۋۇدۇن باينىڭ ئۆزى ھەم كەرىماخۇن، ھىسامىدىن ھاجىم قاتارلىق مۆتىۋەرلەر كىرگۇزۇلگەنىدى. بۇنىڭ سىرتىدا توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان “ئاتا – ئانىلار ھەيئىتى” مۇ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى ھەيئەت ئايدا ئىككى قىتىم كىڭەش ئېچىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ھەم ئىقتىسادىي خىراجىتى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلاتتى. كەرىماخۇن مۇدىر بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، رەسمىي دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەش نەپەر بولۇپ، ئۇلار: كەرىماخۇن (مۇدىر)، چوڭ غوجىكام، سۇلتان مەھمۇت، ئىدىرىس ھاجى، رائىلە بۇۋى موللاچام قاتارلىقلار ئىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە 105 نەپەر ئۆسمۇر بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۇرى: ھېساب، تىل، ئىملا، ئوقۇش دەرسى (ئەدەبىيات)، ئەرەب، پارس تىلى، جۇغراپىيە – تارىخ، ئىلمىي ھال، ئىلمىي تەجۋىد، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەپتىلىك دەرس جەدىۋىلى بويىچە بىر كۇندە تۆت سائەتلىك دەرس ئۆتۇش تۇزۇمى يولغا قويۇلدى. ھەپتىدە بىر قىتىم مەكتەپ مۇدىرى پۇتۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لىكسىيىسى بىرىپ تۇرۇش مۇنتىزىم تۇزۇمگە ئايلاندى. شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تۇزۇم بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن كۇندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەت، ئوقۇغۇچىلارغا بەش سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەر كۇنى بىر ئوقۇتقۇچى نۆۋەت بىلەن دىجورنى بولۇش، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۇزۇمىمۇ يولغا قويۇلغان. دىجورنى مۇئەللىملەر خاتىرە تۇتۇپ، ھەر كۇننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ياخشى – يامان ئەھۋاللار ئۇستىدە ئۇچۇر بىرەتتى. بۇ يىڭى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن باشلاپلا ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا قويۇلدى، ئىمتىھان نەتىجىلىرى تۆت دەرىجىگە ئايرىلاتتى. مەسىلەن: ئەلىيۇلئەلا (1 – دەرىجىلىكلەر)، ئەلا (ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلا بولغانلار)، ئەۋسات (ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر)، ئەدنا (ئوتەلمەي قالغانلار). ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىملىرى پۇتۇن كەنت ئاھالىلىرى قاتناشقان ھالدا قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق ھالدا ئوتكۇزۇلەتتى. ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارشلىرىنى جاراڭلىتىپ كۆرەك قىلاتتى. ئوقۇش تۇگەتكەن ئوقۇغۇچىلار توت دەرىجە مۇكاپات بىلەن تەغدىرلىنەتتى. مەسىلەن: 1 – دەرىجىلىكلىرىگە “تەھسىننامە”، 2 – دەرىجىلىكلىرىگە “ئاپىرىننامە”، 3 – دەرىجىلىكلىرىگە “تەقدىرنامە”، 4 – دەرىجىلىكلىرىگە “شاھادەتنامە” تارقىتىلىپ بىرىلەتتى. ئوقۇتقۇچىلار جامائەت ئىچىدە بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار “ئەپەندىم”، ئايال ئوقۇتقۇچىلار “موللاچام” دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ئاشۇ ھۆرمەتنى كۇچەيتىپ باراتتى. مەسىلەن: 1 – دەرىجىلىكلەرگە 400 چارەك، 2 – دەرىجىلىكلىرىگە 300 چارەك، 3 – دەرىجىلىكلىرىگە 200 چارەك ئاشلىق مائاش (يىللىق) بىرىلەتتى. بۇ مائاش تەمىناتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاكا – ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىدىن، قالغان قىسمى ئوشرە – زاكات كىرىمىدىن چىقىرىلاتتى. بۇنىڭ سىرتىدا، كەمبەغەل ۋە يىتىم ئوسمۇرلەر ئۇچۇن “خانەندىلىك” (ئوقۇش ياردەم پۇلى) تۇزۇمى يولغا قويۇلغانىدى. ئۇلارنى كىيىم – كىچەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، تاماق راسخوتى ئۇچۇن 1 – دەرىجىلىكلىرىگە 15 چارەك، 2 – دەرىجىلىكلىرىگە 12 چارەك، 3 – دەرىجىلىكلىرىگە سەككىز چارەك ئاشلىق تەمىنات بىرىلەتتى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كىلىپ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن جامائەتنىڭ چارۋىلىرىنى توپلاپ باقىدىغان مەخسۇس “پادىچى” ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. 1888 – يىلى يىڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى كەرىماخۇن ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كىتىدۇ. بۇ ئەمدىلا بىخ ئۇرۇپ مۇستەھكەملىنىشكە قەدەم تاشلىغان ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئۇچۇن بىر يوقىتىش بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنى تىز تولدۇرمىغاندا، يىڭى مەكتەپ بۆشۇكىدىلا تۇنجۇقۇپ كىتىش خەۋىپىنى جىددىي ھىس قىلغان باۋۇدۇن باي چەت ئەلگە يەنە ئوقۇتقۇچى چىقىرىشقا ئالدىرىدى. بىر – ئىككى يىل پۇختا تاللاش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1902 – يىلى بىر تۇركۇمدىلا سەككىز نەپەر ئىقتىدارلىق ياشنى تۇركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۇرسۇن ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى، مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ھاجىم (بۇ ئىككىيلەن ئىلىدىن تاللانغان) ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل تەرەپلەرگىمۇ بىر قىسىم ياشلارنى ئەۋەتىش تەييارلىقى كۆرۇلدى. چەت ئەلگە چىقىرىلغان ياشلار ئوقۇش تۇگىتىپ كەلگۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن، باۋۇدۇن باي 1 – تۇركۇمدە تۇركىيىدىن ئابابەكرى قاتارلىق زىيالىلارنى مۇئەللىملىككە تەكلىپ قىلىپ ئالدۇردى. ئابابەكرى ئەپەندى ئىكساقتىكى يىڭى مەكتەپنى 1890 – يىلىدىن 1896 – يىلىغىچە باشقۇردى. ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتچى ھۇسەيىن ھاجى، باۋۇدۇن باي ئاكا – ئۇكىلار مۇشۇ چاغدا يىڭى مەكتەپنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق سىنىپ سانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كوپەيتىش پىلانلىرىنى كۆڭۈللىرىگە پۇكۇپ قويۇشقانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى چىقىرىشتىكى مۇددىئاسىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. 1895 – يىلى مۇساباي ھاجى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوغۇللىرىغا: “ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم” مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يىنىغا كىڭەيتىپ ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە “ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم” مازىرى بىلەن ئۇنىڭ يىنىغا كىڭەيتىپ سېلىنىدىغان “ھۇسەينىيە مەكتىپى” نىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى 1896 – يىلى رەسمىي باشلاندى. 1898 – يىلى ئىككى يىلغا يەتەر – يەتمەي گۇمبەز مۇنارى ئاسمانغا بوي تارتقان كۆركەم مازار بىلەن ئازادە سېلىنغان يىڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كۆتۇردى. زامانىسىدا ئاتاقلىق بىناكارلىق ماھىرى دەپ تونۇلغان قەشقەرلىك مەشۇق ھاجى لايىھلەپ ياساپ چىققان بۇ كاتتا ۋە كۆركەم بىنانىڭ گۇمبىزى ھازىرمۇ قەد كۆتۇرۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يانداش سېلىنغان كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كارىدورلۇق سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىپتىخارىنى قوزغايدۇ. بۇ مەكتەپتە سىنىپتىن باشقا يەنە 12 ئېغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (ھۇجرا)، ھۇجرىلارنىڭ شىمالىدا قويۇق بوستانلىق، نەقىشلەنگەن پىشايۋانلىق مەسچىت، بىنا ئوتتۇرىسىدا رىشاتكىلىق زال، ئىككى ئېغىزلىق ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن مەخسۇس مۇلازىمەت دۇكان ئۆيى، شەرقىي شىمال تەرىپىدە بەش مو دائىرىدە مېۋىلىك چوڭ باغ، باغنىڭ شەرقىدە يەنە شۇ چوڭلۇقتا تەنتەربىيە مەيدانى، بەش – ئالتە مو كەڭلىكتە تىرەكلىك، پەشتاق، تاش پارلىق مۇنچا (ھاممام)، مەكتەپنىڭ ئىچىگە سوزۇلغان 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېرىق، ئېرىق بويلاپ ئۆستۇرۇلگەن تۆت قاتار تىرەك بوستان، ئىسكىلات، مۆتىۋەللى ئامبىرى، مەكتەپنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا تىياتىر زالى، غەربىي جەنۇپتا ئەتراپى تال، ئالما، ئۇجمە بىلەن قاپلانغان چوڭ كۆل، بىر چەتتە كاھىش پىشىرىدىغان چوڭ خۇمدان، خۇمدان ئامبىرى، ئىككى جايدا تەرەتخانا… قاتارلىقلار پىلانلىق جايلاشتۇرۇلغان . 10- باب 4. خەمىت ۋەكىلى خەمىت ۋەكىلى ئىلى ۋە چۆچەك ۋىلايەتلىرىدە 50 يىل مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1930 – يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۇمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. تالانتلىق ۋە ئىجتىھاتلىق بۇ مەرىپەتچى ئۇيغۇرچە، تاتارچە، قازاقچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۇركچە ۋە رۇسچە تىللارنى پىششىق بىلەتتى ۋە شۇ تىللاردىكى دەرسلىك ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىناتتى. خەمىت ۋەكىلى 1934 – يىلدىن باشلاپ غۇلجىدىكى مەشھۇر “نەمۇنە مەكتىپى” گە رەھبەرلىك قىلىپ، پۇتۇن ئىلى مائارىپىغا نەمۇنە ياراتقانىدى. ئۇنىڭ ئۇلگىسى بويىچە شۇ چاغدىكى “تائالىيە”، “كەشپىيە”، “سايرامىيە”، “ھۇسەينىيە”، “روشەن”، “گۇلشەن” قاتارلىق مەكتەپلەر قايتا رەتكە سېلىنىپ، تىز راۋاجلاندى. خەمىت ۋەكىلى تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى فىزىكا، ھىمىيە، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ چاغدا دەرسلىك ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، ئالگېبرا ۋە گىئومېترىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئۆزى كونسپىك تۇزۇپ چىققان. خەمىت ۋەكىلى 1947 – يىلدىن باشلاپ “غۇلجا بىلىم يۇرتى” دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە فىزىكا، خىمىيە، تىرگىنومېترىيە… پەنلىرى ئۇچۇن 1000 بەتتىن ئارتۇق دەرسلىك تەييارلىدى. ئۇ ئازادلىقتىن كىيىن ئالگېبرا ۋە ئانالىتىك گىئومېترىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۇچۇن 800 بەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم نەمۇنىلىك مائارىپچى دىگەن شەرەپكە ئىگە بولدى. مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدە مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسىي رولچىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916 – 1943) ئىدى. لىن جىلۇ 1938 – يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ دائىلفۇنۇنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقنى ئۇستىگە ئالغان، “ئۈگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۇرۇش” تىن ئىبارەت تەلىم – تەربىيە فاڭجىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە “ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي – ساددا بولۇش، روھلۇق بولۇش” دىن ئىبارەت مەكتەپ نىزامنامىسىنى يۇرگۇزگەن. ئۇ كۆتۇرەڭگۇ – روھلۇق مەزمۇندىكى “دارىلفۇنۇن مەكتەپ ناخشىسى” نى تۇزۇپ چىققان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى جۇشقۇن كەيپىياتلىق بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. لىن جىلۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچا ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان چاغلىرىدىمۇ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چوڭ ئىشلارنى قىلدى. “مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى” دىكى گۇللەنگەن مائارىپ قوينىدا يىتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسۇف (1920 – 1949)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922 – 1945)، ئابدۇللا روزى (1919 – 1945) قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ يىتىلىشىدە لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي مائارىپ تەربىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كۇچلۇك تەسىرى بولدى. ئاتاقلىق مائارىپچى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇللا روزى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۆزگە كورۇنگەن ناماياندىلىرىدىن بىرى. ئابدۇللار روزى 1919 – يىلى ئۇچتۇرپاندا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتۇش مەشھەتلىك ئىدى. ئۇ 1935 – يىل باھاردا ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن (ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق قىسقا مۇددەتلىك ئىدى) نى ئەلا تۇگىتىپ، “ئەلىيۇلئەلا” (ھەممىدىن بىرىنچى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئەينى زاماندا ئۇنى ئوقۇتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا “ئۇنىڭدەك زىرەك، پاراسەتلىك ئۆسمۇرنى كۆرۇپ باقمىغان” ئىكەن. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپان دارىلمۇئەللىمىننى تۇگىتىپ، يېزىلاردا مۇئەللىملىك قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى. ئۇچتۇرپاندىن ئىمتىھاندا ئەلا ئۆتكۇنلەر ئابدۇللا روزى، ئابدۇكىرىم ئابباسوف بولدى. ئاقسۇ كونىشەھەردىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەنلەر مەۋلانجان تۇردى، ھاشىمجان ئاخۇنجان، ئەھمەت ھەسەنۇف قاتارلىقلار ئىدى. بىراق كىيىنكىلەر ئۇرۇمچىگە دەل ۋاقتىدا يىتىپ بارغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككىيلەن ۋاقتىدا ئۇلگۇرۇپ بارالماي، ئۇرۇمچىدە قېلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. 1936 – يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ھەم تەبىئىي پەندە ھەم ئىجتىمائىي پەندە تىزلا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. يەنە كىلىپ ئۇ پەلسەپە (ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراش) ساھەسىدە ئەڭ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇ ھەممە جەھەتتە ياخشى بولغاچقا، پۇتۇن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ “داھىي ئوقۇغۇچى” (ئوقۇغۇچىلار داھىيسى) دەپ ئاتىشاتتى. شۇ چاغدىكى “شىنجاڭ گىزىتى” دە ئۇنىڭ قىسقا ماقالىلىرى بېسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پوچۇركىسى خۇددىي ئۆزىنىڭ كىلىشكەن قامىتىدەك چىرايلىق ئىدى. ئابدۇللا روزى بىر ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم “ئارزۇ” دىگەن تەخەللۇسنى قوللانغىنىدىن كىيىن، ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بۇ تەخەللۇس كەڭ تارقىلىپ كەتتى. ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىمۇ كىيىنچە بېرىپ مۇشۇ تەخەللۇس بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ “تەرتىپ بولۇمى” نىڭ يوشۇرۇن چارلاپ بىكىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى “ئەكسىيەتچىل” دەپ قارىلاندى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى بولغان ئابدۇللا روزى سىياسىي تۆھمەت بىلەن ماناسقا پالىۋېتىلدى. ئابدۇللا روزى ماناسقا پالىنىپ كىلىپ ئۇزۇن ئوتمەي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باشپاناھلىق قىلىشىغا ئىرىشتى. 1938 – يىل كۇز مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى. ئابدۇللا روزى ئۆزىگە يۇكلەنگەن قوش خىزمەت ئىمتىيازىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە ئارىلاپ بېرىپ مەكتەپ تۈرلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭلار مائارىپىغىمۇ كۆڭۇل بۆلۇپ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. غەپلەتكە، نادانلىققا ۋە جاھالەتكە قارشى مەزمۇندا “تۆمۇر ئاكا ئويغاندى” ناملىق درامىنى يېزىپ چىقىپ، سەھنىلەشتۇرگەندىن كىيىن، بۇ دراما پۇتۇن ناھىيىنى زىلزىلىگە كەلتۇرۇۋەتتى. ئارىدىن توپ – توغرا يىرىم ئەسىر ئۆتۇپ كەتكەن مۇشۇ كۇنلەردىمۇ ئۇرۇمچى، ماناس، قۇتۇبى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر ئابدۇللا روزى ۋە ئۇنىڭ پىداگوگىكىلىق درامىسى – “تۆمۇر ئاكا ئويغاندى” نى ئېغىزىدىن چۇشۇرۇشمەيدۇ. ئابدۇللا روزى 1940 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاقسۇغا كىلىپلا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش مائارىپ ئىنسپەكتورى (مەكتەپ مۇپەتتىشى)، جۇملىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۇتۇن ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلىي تەكشۇرۇش چىقىپ، 1941 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1942 – يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ گېزىتىدە “تەلىم – تەربىيە ئوچرىكلىرى” سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ ماقالە ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۇچۇن يىرىم ئايغىچە ئايىغى ئۇزۇلمەي بىسىلغان ۋە پۇتۇن ۋىلايەت ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇللا روزى ئىنسپەكتورلۇق ھوقۇقىدىن توغرا پايدىلىنىپ يىرىم يىل ئىچىدە مەكتەپ تەشكىلىنى رەتكە سېلىپ چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئىنسپەكتورلاردا شۇنداق ئىمتىياز بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى تەشكىللىدى ۋە بۇ كۇرسلاردا ماتېماتىكا ھەم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆتتى. ئۇ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا پۇتۇن ۋىلايەت بويىچە تىز شۆھرەت قازاندى. ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، 1943 – يىل 9 – ئايدا رەسمىي ئۇچ سىنىپ، بىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىن تەشكىل تاپقان ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى دولان دەرياسى بويىدىكى يېڭى بىنادا تەنتەنە بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي مۇدىرى ئابدۇللا روزى ئىدى. شۇ يىلنىڭ كەچ كۇزىدە ئوت يۇرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا كىلىشى بىلەن بۇ يەردە كۇچلۇك دولقۇن پەيدا قىلدى. ئابدۇللا روزى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش جەڭگىۋار زىيالىيلارنىڭ جاھالەتكە قارشى كۇرەشلىرى ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەمكارلىقى ئارقىسىدا پۇتۇن ئۆلكە خاراكتىرلىك چوڭ ئىشلار مۇشۇ ئاقسۇدا مەيدانغا كەلدى. قىسقىغىنا ئىككى – ئۇچ يىل ئىچىدە ئاقسۇدا چوڭ ھەجىملىك ئوپېرا – درامىلاردىن 10 نەچچىسى سەھنىلەشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە “دراما – ئوپېرا شەھىرى” گە ئايلاندى. بۇ جەھەتتىن ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇنىڭغا نە قەشقەر، نە ئۇرۇمچى يىتىشەلمەيتتى. مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدا مەرھۇم ئابدۇللا روزى يىتەكچىلىكىدىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ مەكتەپ چوڭ تىپتىكى “غېرىپ – سەنەم ئوپېراسى” نى تەييارلىغاننىڭ سىرتىدا، ئابدۇللا روزى يازغان مەشھۇر “ئۆگەي ئانا” درامىسىنى سەھنىلەشتۇرۇپ پۇتۇن ۋىلايەتنى زىلزىلىگە كەلتۇرگەن. شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كىرەككى، ل. مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزىنىڭ غايىسى دراما – سەنئەت دولقۇنى ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش ئىدى. لىكىن، ئۇلار ئىلىم – مەرىپەتنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمايتتى. بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر جانلىق مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتۇش كۇپايە، بىر كۇنى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى دارىلمۇئەللىمىننىڭ يېڭى بىنا مەيدانىدا ئارىغا ئېلىۋېلىپ، شائىرنىڭ رەسساملىق ماھارىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇشىدۇ. لۇتپۇللا دەرھال ماقۇل بولىدۇ -دە، ھىلىقى ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۇرۇپ سىنىپقا كىرىدۇ ۋە قولىغا بور ئېلىپ، قارا دوسكىغا رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ: ئوڭ تەرەپكە كىتاب كۆرۇۋاتقان ئىلاھىي قىزنى، سول تەرەپكە مېۋىلىرى قىزىرىپ پىشقان ئالما دەرىخىنى بەش مىنۇت روزىگادا سىزىپ چىقىدۇ. ئىلاھىي قىزنىڭ ئۇستى تەرىپىگە “مۇزەيۇس” دىگەن سۆزنى يېزىپ قويىدۇ – دە، سىنىپتىن ئالدىراش چىقىپ كىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھاڭ – تاڭ بولۇشۇپ، رەسىمدىن مەنە تاپالماي، ئابدۇللا روزىنىڭ شەرھىلەپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇللا روزى بۇ تېپىشماقنى يىشىپ بىرىدۇ: ھىلىقى سۇرەتتىكى ئىلىم – پەننىڭ پىرى “مۇزەيۇس” ناملىق ئىلاھىي قىز ئىكەن. ھازىرقى مۇزەي دىگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانىكەن. رەسىمدىكى مەنە: پەقەت كىتاب ئوقۇغاندا ۋە بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن مېۋىگە ئىرىشەلەيدۇ، دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ جاۋابتىن بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمىگە ھەيران قېلىشقان. ئابدۇللا روزى يەنە “ئارزۇ” تەخەللۇسى بىلەن ئاقسۇ گېزىتىدە نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئېلان قىلدى. “ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر شېئرىيىتى”، “كەلپىن ۋە دولان شىۋىلىرى” ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان “ئۇيغۇر ئەدەبىياتى” ناملىق ئەسىرى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەينى يىللاردىكى بىردىنبىر مۇھىم دەرسلىكى ئىدى. ئۇ، بۇ دەرسنى ئۆزى بىرەتتى. دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن شېئىرىي ژانىرلار ئۇچۇن كوپىنچە ل. مۇتەللىپ ۋە بىلال ئەزىزنىڭ ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن يوغۇرۇلغان شېئرلىرى مىسال قىلىپ كىرگۇزۇلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ “شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ” ناملىق شېئىرىمۇ بار ئىدى. بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر كۇپلىتىنىڭ باش مىسراسىدىكى بىرىنچى ھەرپنى تىرىۋەلىپ قوشقاندا “ياشاش ئۇچۇن كۇرەش” دىگەن ئىنقىلابىي شوئار چىقتى. ئۇنىڭ ئۆزى يازغان بىر مۇۋەششەھ شېئىرىدىن “كۇچ ئۇلاش” دىگەن ياڭراق يەكۇن چىقاتتى. “ياشاش ئۇچۇن كۇرەش”، “كۇچ ئۇلاش” – ماركسىزم پرىنسىپىغىمۇ، دارۋىنىزم پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كىلەتتى. ئابدۇللا روزى مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى باش ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ جەڭگىۋار غايىنىڭ تۇرتكىسىدە يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە “ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى” ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئۇلار ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۇرۇش يولىدا مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدا، ئەكسىيەتچى ھوكۇمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1945 – يىلى تېررورلۇق بىلەن ئۆلتۇرۇپ تاشلاندى. ئابدۇللا روزى شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى… 1942 – يىلدىن كىيىن سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىن ئۆزگىرىپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئارقا – ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە تۇرمىلەرگە تاشلىنىپ ئۆلتۇرۇۋىتىلدى. شۇنداق قىلىپ، “مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى” دە بىر مەھەل گۇللەنگەن مائارىپ خاراب بولۇپ كەتتى، مەكتەپلەر تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قالدى، نادانلىق ۋە جاھالەت قايتىدىن باش كوتۇردى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رايونىدا مىللىي مائارىپ گۇللەپ ياشنىدى. مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى كۇنسايىن ئۆستى. ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت دەپ تونۇلدى ۋە ھۆرمەت قىلىندى. مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى مۇنداق دىگەنىدى: “سىنىپتا قالاق ئوقۇغۇچى قالمىسۇن دەپ يۇرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مىھنىتىنىڭ قانچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. كىشىلىك جەمئىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ مىھنىتىدىن پەخىرلىكرەك مىھنەت يوقتۇر، چۇنكى، ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت، دۆلەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مىھنىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.” ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 295 كە، سىنىپ سانى 980 گە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 1051 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 28 مىڭ 345 كە يەتكەن بولسا، 1949 – يىل 9 – ئايدا مەكتەپلەرنىڭ سانى 342 گە، سىنىپ سانى 1321 گە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 1413 كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 39 مىڭ 269 غا يىتىپ بارغانىدى. 1950 – يىلى جەدۋەللەشتۇرۇلگەن سانلىق مەلۇماتتا ئىلى ۋىلايىتى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1134 سىنىپ، 39 مىڭ 734 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 180 سىنىپ، 4938 ئوقۇغۇچى؛ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى، تىببىي مەكتەپ، ھۇنەر – كەسىپ مەكتىپى ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان 2096 ئوقۇغۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 768 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بولغانىدى. ئۇ چاغدا غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئاتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان “مۇراد مەكتىپى” 27 سىنىپقا كۆپەيگەنىدى. ئۇچ ۋىلايەت مائارىپىدا قىسقىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇر، ۋراچلار، رادىست، پوچتاليونلار يىتىشىپ چىقتى، ئۇلار تاكى كىىيىنكى كۇنلەرگىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرو كۇچلىرىدىن بولۇپ مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىزغىن قاتناشچىسى – مەرىپەتپەرۋەر شائىر نىمشېھىتنىڭ “بىلىم ئىشقىدا” سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى شېئىرى ئەينى زاماندا ئىنتايىن كۇچلۇك تەسىر قوزغىغان مەرىپەت خىتابى ئىدى: جاھان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر گۇزەل يار يوق، بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان بار، بولۇر ئۇ گاھىدا يار – يوق. قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۇن يولداش، ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سىنى تاشلايدۇ ھىچ ئار يۇق. كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ، بېشىڭغا چۇشسە بىر كۇنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق. بىلىمگە ئاشنا بولسا، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول، ئۈگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ئەسلى گۇلزار يوق. ئۆزەڭنى نىمشېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان، بىلىمدىن يۇز ئۆرىگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق… ئىزاھاتلار: (1) مىللىي بىرلىك سەپ – ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپنى كۆرسىتىدۇ. (2) (3) “شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى” 1982 – يىل، 5 – سان 176 – بەت، 180 – بەت. 11-باب سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىز يۇقىرىدا 1949 – يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كەيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز. مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ تارىخشۇنى سلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مەتتوختىى ھەسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۇر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كەرەك. چۇنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۇپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئەلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بىرىدۇ مەشھۇر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: “باشقىلارنى چۇشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك” دىگەنىدى. يەنە بىر سىلىشتۇرما مائارىپشۇناس كاندەل: “سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۈزۈلدۇرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدۇ…” دەيدۇ. سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون) ئۆزىنىڭ “پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى” ناملىق ئەسىرىدە: پېرسىيە ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پېرسىيە بىلەن يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى، تەشكىلىي تۇزۇملىرى… قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مېتودى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلغان. قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 – 43 – يىللار) ئۆزىنىڭ “جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى” ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى سىلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان. لىكىن، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قىتىم سىستىمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 — 5771 ئانتونى جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 – يىلى “سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق” ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر مائارىپچىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سىلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. 1831 – يىلى يەنە بىر فرانسۇز پېداگوگى ۋىكتۇر (1792 – 1867 – يىللار) “پروسسىيە مائارىپى” ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تىخىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 – باسقۇچقا كۆتۇرۇلدى. مەشھۇر ئىنگلىز پەداگوگى سادىرلىر (3491 — 1681 مىچائەل سەدلەر) “مائارىپ مەسىلىلىرى” ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ بايان قىلدى. 1898 – يىلدىن باشلاپ سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس سەلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەستىق قىلىنىشقا باشلىدى. مەھسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن “دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى” دىگەن نامدا كۆپ توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى. سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى تۆۋەندىكى ئۈچ كاتەگورىيىگە بۆلۇنىدۇ: 1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى بويىچە سىلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۈرگۇزۇلىدۇ. 2. گورىزۇنتال (پاراللەل) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار، دولەت بىلەن دولەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سىلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 – يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170، قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73، قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن توغرا كەلىدۇ. يەنە 1980 – يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230 دىن توغرا كىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئاق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10 مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دېموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا 10.5، تۇركىيىدە 68 دىن توغرا كەلىدۇ. 3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە ئاخبارات – ماتىرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ. ئارىدا توپلانغان پاكىت – ماتىرىياللار سىلىشتۇرۇلۇپ سىستىمىغا سىلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۇنكى ھازىر ئىلىم – پەن ۋە تىخنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش ۋە يىڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تىزلەشمەكتە. ئالىملارنىڭ ھىسابلاپ كۆرۇشىچە، 16 – ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 – ئەسىردە 106 خىلغا، 18 – ئەسىردە 156 خىلغا، 19 – ئەسىردە 546 خىلغا، 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا 961 خىلغا يەتكەن. 60 – يىللاردىن كىيىن ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى يىڭىلىنىش ۋە كەشپىياتلار ئاجايىپ تىز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تۈنۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە “ئۆمۇرۋايەتلىك مائارىپ” يۇرگۇزۇلمەكتە. بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاددىي سانلارنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەلىم – تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۇزۇمى، مائارىپ ئىقتىسادى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋېرتىكال تەتقىقات مىتودى كوپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خېتى بىلەن يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 – توم قەھرىمانلىق داستانى “كەلكىمىش” (1) دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئۆتتى: 1- مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كىلىپ چىقىشى؛ 2- كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3- ئەدەبىي ئويغىنىش (ئىلىم – مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4- سانائەت ئىنقىلابى تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5- ھازىرقى زامان ئېلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتۇلگەندەك، خاراكتەرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۇنىدۇ. مەسىلەن: 1- ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2- مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3- كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4- يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5- ھازىرقى زامان مائارىپى باسقۇچىدا. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قويۇق دىنىي تۇس ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە ئەدىبلىرى تۇرلۇك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: “بارلىق تىل، ئېدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى…” (“جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.”) مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم – سەنئەت كۆز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۇچۇن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ 2 – مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەخىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەخىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يىتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنىمۇ قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىق (فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 – يىلى تۇنجى قېتىم نېمىس پېداگوگى پولئىستەمىر ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 – يىلى ئامېرىكىدا “خەلقئارا كىلەچەكشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى” قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى. لېنىن مۇنداق دىگەنىدى: “يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئۆتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كىلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كىرەك.” (“لېنىن ئەسەرلىرى” 21 – توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 – بەت.) ھازىرقى ئىلىم – پەن تەرەققىياتىدىمۇ كىلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئېغىر مەجبۇرىيەتلەر يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسىرى پەننىڭ تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم – پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۇچكە (زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۇچۇن ئىلىم – پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا چەكلىك ئۆمۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۇچۇن يالغۇز بۇگۇننى كۆزلەپ ئۈگىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كۆزلەپ ئۈگىنىش لازىم. ئەمەلىيەتتە تەلىم – تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۇچۇن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت ئۇچۇن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا – ئانىلار بولسا تەبىئىي “بىرىنچى” ئۇستاز بولۇشى كىرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۇچىيىدۇ. ئۇنىڭ كىلەچەك ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. ئىزاھاتلار: (1) 1872 – يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى “نەۋى ئوردىسى” دىن تەپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىرلەشتۇرۇلگەن مەشھۇر داستان