خەلق داستانچىسى شاھ مۇھەممەد

ئابلىكىم ئوبۇل

تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى، پېشقەدەم داستانچى شاھ مۇھەممەد 2009 – يىل 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم 1912 – يىلى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كۇيا يېزىسى قاقلىق كەنتىدە داستانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد پاسار بولۇپ، يۇرتداشلىرى ۋە دەۋرداش خەلق سەنئەتكارلىرى ئۇنىڭ داستانچىلىقتىكى ماھارىتىگە قاراپ، ئۇنىڭغا ‹‹ شاھ ›› نامى بەرگەن.

85 يىللىق ھاياتىنى داستانچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن شاھ مۇھەممەد ئاتا مىراسى –– داستانچىلىققا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ ‹‹ يۈسۈپ – ئەھمەد ›› ، ‹‹ ئابدۇراخمان پاشا ›› ، ‹‹ سىيىت نوچى ›› ، ‹‹ سالامنامە ›› ، ‹‹ نىكاھنامە ›› ، ‹‹ ئاتا – ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە ›› ، ‹‹ نەخشىبەندى ›› قاتارلىق داستانلارنى ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

شاھ مۇھەممەد زامانىمىزدا ئاغزاكى داستانچىلىققا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان شەخس. ئۇ 1959 –، 1962 –، 1965 – يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان – چارۋىچىلار سەنئەت كۆرىكىدە ئۈچ قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1979 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1992 – يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى شاھ مۇھەممەدكە ‹‹ خەلق داستانچىسى ›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن ھەم مۇكاپاتلىغان، بۇلتۇر 3 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى — ‹ ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى › نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى 6 – ئايدا يەنە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا ‹‹ مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى — ‹ ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى › نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ›› دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2009-12-11)