مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (2)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن:

غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى

دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنستىن يارىتىلغان. ئەركەكتە ئەركەككە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت، چىشىدا چىشىغا خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ناھايىتى روشەن ئايرىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ ئەر- ئايال ئىككى جىنستىن فىزىئولوگىيىلىك، ئاناتومىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە روشەن جىنسىي پەرققە ئىگە قىلىنغان. ئەرلەردە ئەرلىك تەبىئەت ناھايىتى روشەن، ئاياللاردا ئاياللىق تەبىئەت ئىنتايىن گەۋدىلىك. بۇ بىر خىل ئومۇمىيلىق. مانا مۇشۇ ئومۇمىيلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىش تەقسىماتى جەھەتتە بولسۇن، كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە يۈرۈش- تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

مىللىي خاسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقىنى ۋە ئەركەكلىك سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك كۆركى بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى، ئاياللىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىنتايىن نازۇك خاسلىقى بار. قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بايانلارغا سەپسالىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق خاراكتېرى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتى، ھاياسى، دىيانىتى، قەددى- قامىتى، ھۆسن- جامالى، زىبۇزىننىتى قاتارلىقلار تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولسا، ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركىگە ئېتىبار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، كۆپىنچە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەقىل- پاراسىتى، غۇرۇر- ۋىجدانى، باتۇرلۇقى، قەيسەر، قەھرىمانلىقى، ئىلىم- ھۈنەر جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن. مەسىلەن، كۆلتېكىننىڭ ئەرلىك سۈپىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا سەنگۇن (سانغۇن) بىلەن سوقۇشتۇق. دەسلەپتە ئۇ تارقىن چورىننىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا ياقىرانىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۈچىنچى قېتىم يەگىن سىلىگ بەگنىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى يەكمە (يېپىنچا)سىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى. (لېكىن) يۈز- بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى…» «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى» 86- بەت.

بۇ بىر ئەرنىڭ باتۇرلۇقىنى، قەھرىمانلىقىنى، قورقماس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەرلىك خاراكتېر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئىپوسلىرىدىن ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نادىر ناماياندىلەردىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى خەلقىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپەت ئېڭى ئاساسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئوبرازى ھەقىقىي ئەركەكلىك قىياپەت بىلەن خەلق قەلبىدە مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغان: «بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى. تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭ مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى.» «ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 90- بەت.

يۇقىرىقى تەسۋىردىكى ئوغۇزخان ئەگەر ھازىرقى خەلقئارا بەدەن گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇنبەرگە چىقسا ئالتۇن مېدال ئېلىشىدا شۆبھە يوق.

ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاشقى ئەرلىك سۈپىتىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم ساقال- بۇرۇت خۇسۇسىدا ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ مۇھىم بىر زىننىتى ساقال دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئۆز تەبىئىتىگە، ئەرلىك خاراكتېرىگە يانداشقان ھالدا قويۇق، ساقال- بۇرۇت ئاتا قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەرلەرنىڭ ساقال- چېچى ئۇز بولسۇن، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە ئوچۇق بولسۇن، يۈرۈش- تۇرۇشى مەردانە بولسۇن، ساقال- چاچ كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى، ئەرلىك سالاپىتىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ھەيۋەت بىلەن ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئاشىدۇ» دېگەن. مۇنداق تەبىئىي ئۆلچەمنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى ئۇيغۇرئەرلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن تەبىئىي ئۆلچەم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتا قىلىنغان قويۇق ساقال- بۇرۇت تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن بىر ئەرلىك سالاپىتى ئىدى.

ھازىرقى ئەمەلىي رېئاللىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەيدىغان چۈشەنچىلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن.

بىرىنچى، جىسمانىي ساپادىكى چېكىنىش ئالامەتلىرى

ئەرلەر ئۈچۈن جىسمانىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلاردا «ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكى بول» دېگەن گەپ بار. ھازىر ئۇيغۇرلاردا بىر تەرەپتىن پاكار ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. يەنە بىرى مېيىپ ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتتى. بەدەن زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى شۇكى، ھازىر ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قورسىقى خۇددى توققۇز ئايلىق قورساق كۆتۈرگەن ئانىلارنىڭكىدەك تومپىيىپ چىققان. بەزىلەر چىرايلىق ئەرلىك سالاپەتنى يوقىتىپ، خۇددى بىر پارچە پور كۆتەككە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىشنىڭ بىر تەرىپى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۆزىدىكى مۇشۇنداق نورمالسىز فىزىئولوگىيىلىك ھالەتتىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى باياشادچىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلدىىغان بىر كۇزۇر قىلىۋالغان. بۇ خىل نورمالسىزلىق ئەمەلىيەتتە ئەرلەردىكى جىسمانىي ئەمگەكتىن قاچىدىغان، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلمايدىغان، چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھۇرۇن، بىكار تەلەپ كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈنىدىكەن. بىلىش كېرەككى سېمىزلىكمۇ بىر خىل كېسەل، شۇنداقلا نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى. شۇڭا، ئۇ خىل بىنورمال بەدەن قۇرۇلۇشىمىز بىزنىڭ زەئىپلىكىمىزنى، كېسەللىكىمىزنى، پالاكەتلىكىمىزنى، يارىماسلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سالاپەتلىك، ساغلام، بېجىرىم ئەركەك ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى نورمالسىز، كېلەڭسىز بەدەن تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە پەقەت بىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرىدۇ، خالاس.

ئەرلەردىكى غەيرىي جىنسىي ياتلىشىش توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال- بۇرۇتقا تۇتقان مۇئامىلە- مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلىش زۆرۈر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال- بۇرۇتنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. بىرى، ساقال- بۇرۇتنى پەقەت سەھرالىقلارغا ۋە قارىي، ئىماملارغا خاس ئىش. ئۇ مەدەنىيەت كاتوگورىيىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ چۈشىنىش. يەنە بىرى، ساقال- بۇرۇت قويۇشنى قېرىغانلىقنى ئاشكارىلاش دەپ قاراپ، قېرىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە ساقال- بۇرۇتنى پاكىز قىرىپ يۈرۈش. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىرانىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزمۇ ساقال- بۇرۇتىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندىمۇ قانداق؟ پېشقەدەم، يەتمىش- سەكسەن ياشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى مومايلارنىڭ يۈزىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولدى. ئەسلىدىن ئالغاندا ساقال- بۇرۇت ئەرلەرنىڭ قېرىلىقىنى يوشۇرۇپ، يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى يېپىپ، ھەيۋىتىنى ئاشۇراتتىغۇ. تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىلىكنى قانداقمۇ يوقىتىۋەتكىلى بولسۇن. بۈگۈن قىرىۋەتسە يەنە ئەتىسى چىقىدىغان تۇرسا. مەن خېلى يىللاردىن بېرى بۇرۇت قويىمەن. ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا، دۇنيا قارىشىمغا، گۈزەللىكىمگە، ئەرلىك سالاپىتىمگە قىلچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەكسىچە مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ساقال- بۇرۇت دېگەن بىزگە نىسبەتەن بۇرنىمىزنىڭ قاڭشارلىق، كۆزىمىزنىڭ قارا، قاپاقلىرىمىزنىڭ قاتلاق، چاچلىرىمىزنىڭ قوڭۇر ۋە قارا يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ بىر ئىلتىپاتى. ئەخمەق نادانلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىدىن تۇغما تەبىئىتى يەتتە ياشقا توشقاندا سۈننەت قىلىنىدۇ. ئەمدى كېلىپ، ساقال- بۇرۇتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قىرىپ سۈننەت قىلىش قايسى مەزھەپتە باركى؟

ئىككىنچى، ئەلەرنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ؟

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر خىل غەيرىي جىنسىي ياتلىشىشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىمەنە «مەدەنىيلىشىش» خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى، بىز بەزى ئۇيغۇر ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرىدا زەنجىر، قوللىرىدا ئۈزۈك، بەزىلەرنىڭ بىلىكىدە بىلەزۈك تاقىغان غەيرىي مەدەنىي ياشلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. بىرى زامان تەرەققىي قىلدى، پۇل بولسا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاننىڭ نېمە يامىنى، ئۇمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش. يەنە بىرى «ئۇچامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ ئەرلىك خۇسۇسىيەت، ئەرلىك قەددى- قامەت، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىش نېمىدىگەن قىلىقسىزلىق، ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىققۇ بۇ، دەپ تەنقىدلەش. مېنىڭچە ئىككىنچى خىل پىكىردىكى كىشىلەرنى مۇتەئەسسىپلىك قىلدى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ، مىللىي ئەنئەنە ئاساسىمۇ بار. مۇقەددەس كىتابلاردا «ئەردەك بولۇۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولۇۋالغان ئەرلەرگە لەنەت» دېيىلگەن. بۇ ئەر ئەر بولسۇن، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىسۇن، ئايال ئايال بولسۇن، ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلىسۇن دېگەن تەلەپ ئىدى. ئەگەر بۇنى مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىدىن قارايدىغان بولسا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سالاھىيەتتىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر پۇل بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنى ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سۈپەتتىن قول ئۈزدۈرۈپ، ئالتۇن- جابدۇقلار بىلەن ئۆزىنى بېزەشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ زادى قانداق پىسخىك تەقەززالىقنىڭ كۈچىدۇ؟ مەن زىبۇزىننەت بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان «ئەركەك»لەرنىڭ پسىخىكىسى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئىگىلەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق پۇل تاپقان، چەللىدە ئات چېپىۋاتقان نادان، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بايچاقلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ۋىۋىسكا بىلەن ياكى پۇللىرىنى مەيدىسىگە چاپلاپ ياكى ئېسىپ نامايىش قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، زىبۇزىننەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىدىكەن. يەنىمۇ مۇھىم تەرەپ شۇكى، بۇ خىل ئادەتنى مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاساسىمىز يوق. چۈنكى، پۇل ھېچقاچان مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس. پۇل پەقەت مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، كلاسسىكلىرىمىز پۇل- بايلىقىلا بولۇپ بىلىمى، مەدەنىيەت ساپاسى يوق كىشىلەرنى «بىر خۇرجۇن ئالتۇن ئارتىلغان ئېشەك» دەپ سۈپەتلىگەن. زىبۇزىننەتلەرنىڭ مەنسۇبىتىدىن قارىغاندىمۇ ئالتۇن، زىبۇزىننەتلەر ئاياللارنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە، ئۇلارنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى. ئەرلەرنىڭ يۇڭلۇق بەدەنلىرى، ئارىدەك قوللىرى، تارشىدەك بىلەكلىرىگە نازۇك ھالقا، ئۈزۈك، زەنجىر، بىلەزۈكلەرنى تاقاشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟

قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىرمۇنچە ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېلىگە پوتا باغلاش، پىچاق ئېسىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرلەرگە خاس ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن. بىز ھازىر بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلىسا، پىچاق ئاسسا بولاتتى دېمەكچى ئەمەسمىز، بىراق بېلىگە پوتا، پىچاق ئېسىشنىڭ ئورنىنى بوينىغا زەنجىر، قولىغا ئۈزۈك سېلىش ئىگىلىگەن. بىز بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشتىكى قايسى بىر ئىشنى ئەرلەرچە بېجىرىش ئۈچۈن پايدىلىنارمىز. پەقەت ھاياتىمىزنى خەتەر ئىچىگە قويۇشنىڭ بىر كۈلكىسى بولۇش رولىنى ئوينار. ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋېغى بىلەن پىچىقى تۇرمۇش ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقاچان زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ئىدى. ھەتتا بەلۋاغ سىمۋوللۇق ھالدا ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە، ئىشەنچىسىگە، جۈرئىتىگە، باتۇرلۇقىغا ئىشارە قىلىناتتى. ئالتۇن- جابدۇقلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ نېمىسىگە سىمۋول قىلىنار؟

ئەي، ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانايدىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار! بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت چەت ئەل ئەمەس. بىز مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ يوللۇق قائىدە- يوسۇنلىرىغا، تۇرمۇش مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۆز ئەھۋالىمىز بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئۆلچەم تارازىسىغا سېلىپ تۇرىشىمىز لازىم. قەلبىمىز قۇرۇق، ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز تۇرۇپ، تېرە- گۆشلىرىمىزنى بېزىۋالغانلىقىمىز بىزنىڭ قەدىر- قىممىتىمىزنى، مەدەنىيلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز «بوياقلىق ھەيكەل» دەپ ئاتىغان.

بىر پەيلاسوپتىن ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرىدىغان شەكلەن پەرق توغرىسىدا سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن: بىرى، ھايۋاننىڭ يېمىكىنىڭ نامخالىسى بولمايدۇ، نېمە ئالدىغا كەلسە يەۋېرىدۇ. ئادەم بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئىككىنچى، ھايۋانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ۋەتىنى بولمايدۇ، قەيەردە ياشاشقا توغرا كەلسە ياشاۋېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ، يۇرتى بولىدۇ، ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئۈچىنچى، ھايۋانلارنىڭ ئەركەك چىشىسىنى بىر قارىماققا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئادەمنىڭ ئەر- ئاياللىق پەرقى ناھايىتى روشەن زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.

دېمەكچى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي پەرق جەمئىيەتتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. گەرچە تاشقى ئىپادە جەھەتتىكى غەيرىي ئۆزگىرىش ماھىيەتلىك پەرقنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن نۇقتىدا غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شەكلەن ئۆزگىرىش بارا- بارا مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەزمۇننىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟

ئەرلىك ۋە مەردلىك تارازىسى

ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەرلىك ۋە مەردلىك قەدىرلىنىپ كەلگەن، نامەردلىك ئەيىبلەنگەن. شۇڭا، ئەرلەر ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ ۋە يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويغان. ئەزەلدىن ئەرلىك جىنسلا ئەرلىك تەبىئىتىنى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ باققان ئەمەس. شۇنداقلا تەققى – تۇرقى، كىيىم – كېچىكى ۋە زىبۇزىننىتى ئەرلىك سالاھىيەت ۋە ئەرلىك سالاپىتىنى باھالاشنىڭ شەرتى بولۇپ باقمىغان. ئەلىشىر نەۋائى تاشقى كۆركى بىلەن مەنىۋى پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغانىدى:«ئۆزىنىڭ ھۆسن – جامالىدىن لاپ ئۇرىدىغان مۇنداق سۆزنى ھېچكىم سۆزلەپ باقمىغان، بۇنداق سۆزنى گۆدەك بالىلارمۇ، گول – گومۇشلارمۇ، ساراڭ – مەجنۇنلارمۇ قىلمايدۇ. پاھىشە ئاياللارمۇ خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەمما ھۆسن، زىبۇزىننەت توغرىسىدا پو ئېتىشنى ئۇلارمۇ ئار – نومۇس دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى قىلغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئۇ پادىشاھنىڭ يولىغا قەدەم قويمىغىنى تۈزۈك. سەن خوتۇن كىشىلەردەك ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەنسەن، دېمەك، ۋۇجۇدۇڭدا ئەركەكلىك نىشانىسى يوق ئىكەن. چۈنكى، بۇنداق دەۋالارنى قىلغانلارنى ئەركەكلەر قاتارىغا قوشقىلى بولمايدۇ. ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن ئەرەنلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ، زىبۇزىننىتى بىلەن پەخىرلەنگەنلەر ئەر ئەمەس. بۇ ھەقتە ئۇلۇغلار: <زىبۇزىننەت ۋە كىيىم بىلەن ماختىنىش ئاياللارنىڭ ئادىتى> دېگەن. ئەر كىشىنىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننىتى ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ھاسىل بولىدۇ».

ئەرلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەرلەرگە خاس جاسارەت، ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق، ئەرلەرگە خاس ۋىجدان ۋە غۇرۇر بىلەن ياشاپ، بۇ زېمىنغا جان ۋە روھ بېغىشلاشتى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئار – نومۇسىنى ئاقلاش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قانلارنى تۆكۈپ، ئەرلىك خاراكتېرىنى ۋە ئەرلىك جاسارىتىنى ھەرقاچان نامايان قىلىپ كېلىشتى. قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكۈشنى، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىشنى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ھېسابلايتتى. تارىخىمىزدىكى خاسىيەتلىك ئىزلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان باھادىر ئوغلانلارنىڭ بۇ زېمىندا بۈيۈك ئەرلىك خىسلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىمىز. قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزخان، باتۇر تەڭرىقۇت، ئالپ ئەرتۇڭا (ئافراسىياب) قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن مۆجىزىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، سەلتەنەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مىڭلىغان قاپ يۈرەك نوچىلىرىمىز بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ھايات – ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە گىگانت ئادەم سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن. شۇڭىمۇ ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاش شەرىپىگە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ھار ئېلىنغان ۋە خار كۆرۈنىدىغان ئىش نامراتلىقمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىزلىكمۇ ئەمەس، بەلكى خۇمسىلىق، يەنى ئەرلىك تەبىئىتىگە داغ تەگكۈزۈش، ئەركەكلىك ئوبرازىنى نامەردلىك بىلەن بۇلغاش ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا بىلىمسىزلىك، نادانلىق، بىكار تەلەپلىك، ھورۇنلۇق شۇنچىلىك پەس كۆرۈلسىمۇ، لېكىن خۇمسى، نامەرد ئەرلەرنى ھەرگىز ئەرلەر قاتارىدا سانىمايدۇ. ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىشلارنى شۇنچىلىك يامان ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۆۋە قىلسىلا كەچۈرۈشكە ئېرىشكەن، لېكىن ئەرلىك خاراكتېرىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان خۇمسىلىق، نامەردلىك ۋە ساتقىنلىققا ئوخشاش رەزىل قىلمىشلار ھەرگىزمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشمىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك ئۆلچىمى ۋە ئەرلىك گىر تېشىنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىلارغا سۈرۈپ باھالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز:

مەردلىك ئەرلىكنىڭ مۇھىم شەرتى

ئەسلىي تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى مەرد خەلق دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا مەردلىك قەدىرلىنىپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن قەتئىي شوئارى بولۇپ كەلدى. شۇڭا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنتلەردىن مەردلىك خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەكتىپىنىڭ مۇھىم بىر دەرسخانىسى بولغان مەشرەپ دەل ئەركەكلەرنى، مەردلەرنى ئايرىپ چىقىدىغان، ئۇلارنى تەربىيىلەيدىغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دېيىش»، «يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن»، «مەرد ئەر دۈشمەنگە كەينىنى قىلماس» دېگەنگە ئوخشاش مەردلىكنى مەزمۇن قىلغان جەڭگىۋار خىتابلىرى بار ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش پائالىيەتلىرى شۇنداق گاڭگۇڭ، مەردلەرچە چېلىشىش ئادىتى بولغانكى، چېلىشقاندا پۇت قويۇش ۋە باشقا شەكىلدىكى نامەردلىكلەرنى قىلىش نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. شۇڭا، ھەرقانداق بەسلىشىش ۋە رىقابەت لىللا، مەردلەرچە ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش پەيتلىرىدە قەتئىي تىز پۈكمەسلىك تەكىتلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ بايانلىرى ئەرلەرگە قويۇلغان بىر سىناق تېشى ئىدى:«دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئەردە يەنە نومۇس بولۇشى كېرەك. نومۇس كۈچى بىلەن ئەر دۈشمىنىنى يېڭىپ، ھاقارەتنى يۇماي تۇرۇپ ئارقىغا يانمايدۇ. قورقۇنچاقلارمۇ نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدۇ. ئەركەك دېگەن ماختىنىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. يۈرەكلىك، باتۇر ئەر دېگىنىمىز دەل نومۇسلۇق ئەردۇر. ئار – نومۇسلۇق ئەر ئۆلسە جەڭدە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ. نومۇسسىزلار جەڭدىن ئەڭ بۇرۇن قاچىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا ھەقىقىي مەردلىك بىلەن نومۇس ۋە ۋىجداننىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا، تۆۋەندىكى بايانلىرىدا ئەرلىك خىسلەتلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ:«دۈشمەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندە قىلىچ – پالتا ئىشلەت، ھەتتا چىش بىلەن چىشلە، تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلا، ياقىسىدىن ئېلىپ جان – جەھلىڭ بىلەن ئېلىشقىن. جەڭ دېگەندە يا ئېلىشىپ ياۋنى يوقاتقۇلۇق، يا جەڭدە ئۆلگۈلۈك. قاتتىق تىركەشكىنكى، ھەرگىز دۈشمەنگە ئارقا تەرىپىڭنى تۇتۇپ بەرمە. چىداملىق بول، چىداملىق ئەر دۈشمەننى يەر چىشلىتەلەيدۇ. بىلگىنكى، قىزنىڭ سۆيۈنچى تويى بولغان كۈنلىرى بولسا، باھادىر ئوغلانلارنىڭ ئىپتىخارى جەڭدە ئۆتكەن كۈنلىرىدۇر» مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى مەرد ئوغلانلارنىڭ بىر خىل سىماسى.

دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەن باتۇر، مەرد دەپ ئۆزىنى قارىغۇلارچە دۈشمەنگە يەم قىلىپ بېرىش ھەقىقىي مەردلىك ئەمەس، بەلكى پەم – پاراسەت، جاسارەت كۆرسىتىپ ھەتتاكى چىشلەپ، تاتىلىساڭمۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، قورقماس جاسارىتى، ۋەتەن سۆيەرلىكى، ياۋۇزلۇققا، تاجاۋۇزلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش روھى ئاساسىدا ئاتا قىلىنغان شەرەپلىك ۋە شۆھرەتلىك نام ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئۇيغۇر»غا بەرگەن تەبىرىدىن مۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.

«ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.

ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونغاخان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «ئىنان خۇزخۇرەن» – بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزىقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «خۇزخۇر» فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا ئۆزگۈرۈپتۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى مەلۇماتتىن «ئۇيغۇر» نامى مەردلىك نامى، باھادىرلىق نامى، غۇرۇر، ۋىجدان نامى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىك، باتۇرلۇق، جەڭگىۋارلىقىغا بېرىلگەن نام ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەر سۈرەتلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنى نامەردلىك رەزىللىكى بىلەن بۇلغاپ، «ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان؛ مىللەتنىڭ يارقىن ئوبرازىنى چاكىنىلىق، چۈپرەندىلىك بىلەن خۇنۈكلەشتۈرىدىغان؛ يۈرەكسىزلىك ۋە قورقۇنچاقلىق، تەمە قۇلچىلىقى ۋە نەپسى مەھكۇملۇقى بىلەن ئەرلىك تەبىئىتىنى يوقاتقان غۇرۇرسىز، ۋىجدانسىز، مەيدانسىز، نامەردلەر بارلىققا كەلدى. بىز تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەركەك ھېسابلاۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى رەزىللىك بىلەن توشقان؛ تاشقى كۆرۈنۈشتە مەردلىك دەۋاسى قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە نامەردلىكنى جان بېقىشنىڭ پەلسەپىسى قىلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى گىرغا چۈشۈپ ئۆزىگە توغرىراق باھا بېرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانى بولماسلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا كۆزىنى يۇمۇپلا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولۇش نامەردلىكنىڭ بىرىنچى خىل ئىپادىسى.

ئىتالىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ئاگلىرى دانتى ئۆزىنىڭ «ئىلاھىيەت» دېگەن ئەسىرىدە تەكىتلىگەن:«دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرى بۈيۈك مەنىۋىلىكنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىۋالغان ئادەملەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان» دېگەن مەشھۇر سۆزنى يۇقىرىقىدەك ئادەملەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. رومىن روللان:«ھەربىر باتۇر، ھەربىر ھەققانىيەتچى ئادەم ۋەتىنىگە شان – شەرەپ كەلتۈرىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەقىقەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا سۈكۈتتە تۇرىدىغان ۋە ئۇنى قوللىغان، قورقۇنچاق ئادەم ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئادەم ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئادالەت ۋە ھەقىقەت قوغدالمايدىكەن، ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ئەرلىكنى نامايان قىلىدىغان ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ھەققانىيلىك ئادەمدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەققانىيلىك بولمىغان ئەلدىن ئەرلىكمۇ ۋە مەردلىكمۇ ئۆچكەن بولىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن گەرچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىك بىلەن ئىش قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇشى، ھەققانىيەتكە ئاسىيلىق قىلماسلىقى، ھەققانىيەتكە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھايات ئۆلچىمىدە نامەردلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى مۇناپىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ھەققانىيەتتىن يۈز ئۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق مۇناپىقلىق بولمايدۇ. تولىستوي شۇنداق بىر سۆز ئېيتقانىكەن: ئادەمنىڭ قانچىلىك ھەققانىيلىكى ئەخلاقىي مۇكەممەلىكنىڭ ئۆلچىمىدۇر. چۈنكى، ھەققانىيلىك بىز تىلغا ئالىدىغان بۈيۈك پەزىلەتلەرنىڭ ئانىسى. ئادەم ھاياتقا ھەققانىيلىك تۇيغۇسى بىلەن نەزەر سالغاندىلا توغرا ۋە ھالال ياشاشنىڭ يولىنى ئاچالايدۇ.

تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلاردا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ۋە رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر باركى، توغرا، ھەققانىي ئىشلارنى قەستەن قارىلاشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ھەققانىيەتسىز، ئادالەتسىز ناھەقچىلىقنى قاراپ تۇرۇپ ئاقلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن شەمسۇلمەئالى قابۇس:«يالغانلىقى بۇرۇندىن مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسىنى ھەقىقەت دېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھاياسىزلىق يوق» دېگەن.

ئادەم تۇرمۇشتا ھەرقاچان چوڭ – چوڭ ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىپ قالماي، بەلكى نۇرغۇن ئاددى، ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىمۇ بۇنداق ھەق – ناھەق سىنىقىغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر مۇشتۇمزورنىڭ بىر ئاجىز بىچارىنى بوزەك قىلىۋاتقىنى، بىر ئۆكتەمنىڭ بىرىنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋاتقانلىقى، بىر لۈكچەكنىڭ بىر قىزغا پوخورلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. بەزى مەرد ئوغلانلار باركى، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھېلىقى بېسىمدار، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ. بەزى زەئىپ مىجەزلىك «بايۋەچچى»لەر باركى، قاراپ تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ناھەقچىلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىغا ھەرگىزمۇ تەسىر قىلمايدۇ. ھەتتا بەزى لالما مىجەزلىك نامەردلەر باركى، دەرھال ناھەق بولسىمۇ كۈچلۈك، مۇشتۇمى چوڭراقى تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتقان ئادەمنى ھاقارەتلەيدۇ، ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق مىساللارنى ھەر كۈنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىزغۇ.

بۇلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى غەرەز شۇكى، كىچىك ئىشلاردا ھەققانىي بولالمىغان ئادەم چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ھەققانىي بولالمايدۇ. ئىرادىسىز، جۈرئەتسىز، غۇرۇرسىز ئادەمدە قانداقمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولسۇن. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدە ئاددىيسى ئىنسانىي سۈپەتمۇ بولمايدۇ. ئادەم ھەقىقىي مەردلىك بىلەن ياشايمەن دەيدىكەن، بېشىدا ئۆلۈم پۇراپ تۇرسىمۇ، ھەقىقەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. «بىر سائەتلىك ئادالەت پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ ياخشىراقتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇش كېرەك. ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ھەرقاچان خەلق تەرەپتە بولىدۇ. جاھالەت بار جايدا ئادالەت خارلىنىدۇ، بىراق ھەققانىيەت قوغدالمىسا، ئاخىر ھەققانىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنى ئەلنىڭ پەرزەنتى دەپ بىلىش – مەردلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك – نامەردلىكتۇر