پەنجىتار

پەنجىتارنىڭ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش ياسىلىپ ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق ، كۆركەم ، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ . پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۇرغا ئوخشاش بولۇپ ، بەش دانە سىم تار قىلىنىدۇ . ئەمما دەستىسى قىسقا ، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ . باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۇر – راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك ، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ . چېلىش ئۇسۇلى تەمبۇرغا ئوخشاش ، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ . ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلىدۇ . تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ تەمبۇر ۋە چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق ، مۇڭلۇق كېلىدۇ . شۇڭلاشقا ، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۇر دەپمۇ ئاتىشىدۇ .
‹‹ ئۇيغۇر چالغۇلىرى ›› كىتابىدىن ئېلىندى