ئۇيغۇرلاردىكى قېيداش پىسخىكىسى

ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

قېيداش دىگەن بۇ سۆزنىڭ نارازىلىقتىن دېرەك بېردىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.بۇ پىسخىكا گەرچە ھەممە مىللەت كىشىلىرىدە كۆرۈلسىمۇ،ئۇيغۇرلاردا نىسبەتەن گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامان تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە رەھىمسىز تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن تىنىمسىز كۆرەش قىلىش جەريانىدا ،مەلۇم بىر مەزگىل چۆللۈكنى گۈللەندۈرۈپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ،كۆپۈنچە ھاللاردا قۇم-بوراننىڭ شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدى.ئورۇن يۈتكەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بۇ دەريا قىرغىقىدا ياشىغۇچى جاپاكەش قەۋمدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ،تەكلىماكان بويلىرىدا سۇ قوغلۇشۇپ يۆتكىلىپ ياشاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان باغۇ-بوستانلىقلار قۇرغاقچىلىق،قۇم-بوران… تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولدى.ئارزۇلاپ ياشاپ كەلگەن يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالدى. يۇمۇلاققۇم قەدىمى شەھىرى،دەندان ئۆيلۈك قەدىمى شەھىرى،كىرورەن قەدىمى شەھىرى…قاتارلىق قادىمى شەھەرلەرنىڭ خارابىسى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھازىرمۇ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە ئېچىنىشلىق تارىختىن خەۋەر بېرىپ ،مۇڭلۇنۇپ ياتماقتا.
دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن يىپەك يولىنىڭ بارا-بارا چۆلدەرەپ قېلىشى نەتىجىسىدە،بۇ يوللاردىن ماڭىدىغان كارۋانلارمۇ ئاستا-ئاستا ئازلاشقا باشلىدى.تەكلىماكاننىڭ غېرىپلىغى،بېكىك ھالىتى باشلىنىپ،سىرت بىلەن بولغان ئالاقە كۈنسايىن ئازلىدى.يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالغان بۇ قەۋم رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.بۇنى ئاز دەپ تارىختا زوراۋان كۈچلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىشلىرى،ئېغىر باج-سېلىق،ئالۋان-ياساقلار بۇ ۋادىدا ياشىغۇچىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ھالسىرىتىپ قويدى.قۇرغاق مۇھىتتا مەنىۋىيىتى قۇرغاقلىشىپ،بېكىك ھالەتتە جىمغۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈپ،بىر قانچە رەت خانىۋەيران بولۇش بىلەن دەۋردىن ۋە تەبىئەتتىن دىلى ئازار يەپ،قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇناسىپ نەتىجىسىنى كۆرەلمىگەن،نى-نى باتۇر ئەزىمەتلىرىدىن،مەرىپەتپەرۋەر ،ئوت يۈرەك زىيالىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان بۇ خەلق، كەلگۈسىىدىن ھېچقانداق ئۆمىد كۈتمەيدىغان،ھەممە ئىشقا سۈكۈت قىلىپ ياشايدىغان ئىچ مىجەزلىك خاراكتىرنى قەدەممۇ-قەدەم بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يىتىلدۈردى.تەبى پەنلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش،يېڭى -يېڭى ئىختىرالارنى كەشپ قىلىشتىن سۆز ئېچىشمۇ تەسكە چۈشتى.باشقا ئەللەرنىڭ ئىجات قىلغان يېڭى تېخنىكىلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى سۆزلەرمۇ تېزدىن يېڭىلىنىپ باردى.تاكى يېقىنقى زاماندىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت تەتۈر قويۇنمۇ ئەمدىلا باراۋەر تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بۇ مىللەت كىشىلىرىنى ھەتتا ئاتا بىلەن بالا ئارىسىدىمۇ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش، ھەتتا مەيدانغا سۆرەپ چىقىپ پىپەن قىلىش …دەك كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىراگىدىيەگە مۇپتىلا قىلدى.ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تولۇق دەڭسەپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆزىنى تەغدىرگە تاپشۇرۇش خاھىشى شەكىللىنىپ قالدى.ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماسلىق،بولىشىغا تۇرمۇش كەچۈرۈش مەۋقەسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى.رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۈرۈش،قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ كارى بولماسلىق،رىئاللىقتىن ئاغرىنىش،جاھىللىق قاتارلىق كەيپىياتلار بىر پۈتۈن مىللەت خاراكتىرىنى ئىگەللىدى.
ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىدىن خەۋەرسىز قالغان،ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قالغان بۇ قەۋم ئىچ پۇشۇقىنى نەغمە-ناۋا ئارقىلىق چىقىرىپ،ناخشا مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىك كەيپىيات ئەۋج ئالدى.بېشىغا مەيلى قانداق قىسمەتلەر كېلىشىدىن قەتئى نەزەر ناخشا-مۇزىكىنى ئۆزىنى بەزلەشتىكى،روھى كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى بىردىن بىر روھى ئوزۇق دەپ قارىدى.قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى قىلىشتىن كۆرە، «خەققە نىمە بولسا ماڭىمۇ شۇ»دەپ پەرۋاسىزلىق بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىپ يۈرۈپ يېڭى-يېڭى خەلق كۈيلىرىنى ئىجات قىلدى. گويا يىلتىزسىز قامغاقتەك دەۋر شاماللىرىغا ئەگىشىپ شامال قايانغا ئۇچۇرسا شۇ ياققا ئۇچۇپ،يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەپ نىشانسىز ياشاۋەردى.باشقىلارغا قېيداش،ئۆز ھالىغا شۈكرى قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى.بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرگە كەلگەندىلا بىر تۈركۈم زىيالىلار ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت پىشاڭنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش،ئۆزىنى نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، جىددى ھەركەتكە كېلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋام ئۈچۈن زور روھى ئىلھام بەخش ئەتتى.لېكىن زور كۆپچىلىكنى ئىگەللىگەن دېھقان ئاممىسىنىڭ قوپاللىق بىلەن قېيداشلىرى تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. تولا ئازار يىگەن بۇ قەۋم،مېھماندوستلۇقى بىلەن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، تەسەللى تېپىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېھماندوستلۇققىمۇ مۇددىئا ئارلىشىپ،خوشنا-خۇلۇم ،ئۇرۇق-تۇققان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەمىلىگە ۋە ئىقتىسادىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى.قىينچىلىققا يولۇققاندا قېيداش، قوپاللىق قىلىش،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش قاتارلىق روھى ھالەتتىن تەل-تۈكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى.

«يامانلىغان كىشىنىڭ خۇرجۇنى بوش»