«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدا تۇتقان ئورنى

باياخون روزى

«ئون ئىككى مۇقام» ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىسىنىڭ ئانىسى. ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىسى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىياتلار جەريانىدا يوقتىن بارلىققا كېلىپ ئازدىن كۆپىيىپ، ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىشىپ يۈكسەك مىللىلىككە ئىگە مۇزىكا سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇزىكىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىلىرىنىڭ ئىزچىل ئورگىناللىققا ئىگە بولۇشىنى باشقا مىللەت مۇزىكلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە سېستىمىلاشقان ۋە مۇكەممەللەشكەنلىگىنى كۆرۋىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس: «ئون ئىككى مۇقام» دەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بۇنداق زور ھەجىملىك مۇزىكا بايلىقى يالغۇز تۈركى مىللەتلەر ئارىسىدا ئەمەس دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرئارسىدىمۇ ئاز تېپىلىدۇ.

«ئون ئىككى مۇقام» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ مەسھۇلى. ئۇ باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش ئىدولوگىيەگە ساھەسىگە مەنسۇپ.

ھەممىگە مەلۇمكى مۇزىكىنى تىل بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ھەر خىل ئۇقۇملارنى ئاۋازلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق چۈشەندۈرىلىدۇ. ئادەمنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتى بەلگىلىك رېتىم بويىچە ئېلىپ بېرىلغاچقا بارلىق ھەرىكەتلەردە بەلگىلك ئاۋاز ۋە ئاۋاز ئېگىزلىكى مەۋجۈت. مۇزىكا ئاشۇ ئاۋازلارنى مەلۇم قانۇنىيەت ئاساسىدا رەتلەپ ۋە رېتىمغا سېلىپ تەشكىللەنگەن ئاۋاز سەنئىتىدىن ئىبارەت.

«ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىنى ئىنقرومنتالىق (چالغۇ ئەسۋاپلار بىلەن ئورۇندىلىدىغان) ھەم ۋوكالىنىلىق (ئادەم ئاۋازى بىلەن ئورۇندىلىدىغان) مۇزىكا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

ئىنتورومىنتىلىق مۇزىكا دېگىنىمىزدە: مۇقام مۇزىكىلىرىغا مۇقام تېكىستى قوشۇلماي خاس چالغۇ ئەسۋاپ بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. تېكىست قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن مۇقامنىڭ مەلۇم باشلىنىشى مەرغۇلى يەنى تېكىستە ماس بولغان مۇزىكىسى بىر كۇبلىتلىق مۇقام تېكىستىگە ماس ھالدا ئالدىن چېلىنىدۇ. ئاندىن تېكىست ئېيتىلىدۇ. «ئون ئىككى مۇقام» مەيلى باشلىنىش بولسۇن، نەزمىسى ، نۇسخىسى ياكى سەلىقەسى بولسۇن، سەلىقە مەرغۇلىنىڭ چۈشۈرگىسى ، جۇلاسى، سەنىمى، پەشرۇسى، تەكتى داستا، مەشرىپى بولسۇن، دېگۈدەك يۇقۇرىقى خۇسۇسىيەت مەۋجۈت: ۋوكالىنىلىق دېگىنىمىزدە ئالدى بىلەن بىرەر كۇبلىت مۇقام تېكىستى يۈرەكنى يارغىدەك ئاھاڭدا ئېيتىلىپ ئاندىن مۇزىكا باشلىنىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ ئوخشاشلا «ئون ئىككى مۇقام» ۋارىيانتىرلىرىدا ئوموميۈزلۈك مەۋجۈت.

«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ قۇرۇلما پرىنسىپلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى نەتىجىسىدە مۇقامنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىپتىدائى دەۋرىدە پەيدا بولغانلىقىنى چۈشۈنۈش قىيىن ئەمەس، «ئون ئىككى مۇقام» بىر ۋارىيانتى بولغان «دولان مۇقام»نىڭ ئۇسسۇل سېستىمىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدىغان جانلىق ئىسپات. «ئون ئىككى مۇقام» ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدا ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن بىللە ھىسىيات ئىپادىلىگۈچى سەنئەت تۈرىنى ھاسىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ رىئال تۇرمۇشتا ناھايىتى زور مەھلىيا كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان مەنىۋى مەدەنىيەت مۇنىبىرى ھىساپلىنىدۇ. تارىختا ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئۇغۇز قەبىلىلىرى مۇزىكىچىلىقىغا تۆھپە قوشقان كۇچارلىق سوجۇپ «ئون ئىككى تىمپراتسىيەلىك» كويشوناسلىق نەزىرىيىۋى سېستىمىسى، فارابى مۇزىكا تەلىماتى، جۈملىدىن «ئون ئىككى مۇقام» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا مۇزىكىچىلىقىغا قوشىىلغان تۆھپە ھىساپلىنىدۇ. ئالدىنقى ئىككىسى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياپونىيىدىن ئىسپانىيىگىچە يېېتىپ بارغان. «ئون ئىككى مۇقام» بولسا شەرق مۇزىكا تارىخىدا غايەت زور مۇزىكىلىق بايلىق بولۇپ قالغان.

«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ مۇقام مەرغۇللىرى، ناخشا ياكى مۇزىكا چالغۇلىق مۇزىكا ھىساپلىنىدۇ. مۇقام چوڭ نەغمىلىرى، داستانلىرى ۋە باشقا خەلق ناخشىلىرىنى ئاۋازلىق مۇزىكىغا مىسال قىلىش مۇمكىن.

مۇزىكا ۋاقىت خارەكتىرلىك ياكى دەۋىرچانلىقىنى كۈچلىك بولغان سەنئەت. لېكىن «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردىن بويان مۇكەممەللىشىپ كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ھازىرقى مۇزىكا ئىجادىيىتىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلىك. يېڭى مۇزىكىلار مۇزىكا ۋە نوتا ئېھتىياجىغا ئاساسەن «ئون ئىككى مۇقام» دىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئىستىك ئاۋازلارنى تاللاپ شۇ ئاۋازلارنى سېستىمىلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاھاڭ شەكلى مەيدانغا كېلىدۇ. ئاھاڭ شەكلى مۇزىكىلىق ئىپادىلەشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ كوينىڭ غولى ھىساپلىنىدۇ. ئاھاڭ شەكلى ھىسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان مىلودىيەگە تۇتىشىدۇ. ئۇ ئېگىز-پەس ئاۋازلارنىڭ كوي شەكلى، ئۇدار مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئارقا-ئارقا تىزىلىشتىن كېلىپ چىققان يەككە ئورگىناللىق بولۇپ «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىلىرىدا بۇ ئەھۋال خېلىلا كۈچلىك. مىلودىيە مۇزىكىنىڭ جېنى ۋە ئاساسى. مۇقام مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ چوققىسى بولۇپ كۈچلىك ئىستېتىك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. شوبىنخاۋىر «مۇزىكا سەنئىتىنى سەنئەتلەرنىڭ پادىشاسى» دېگەن ئىدى. فىيرباخ «خىرىستىيان دىنىنىڭ ماھىيىتى» دېگەن ئەسىرىدە «مۇزىكا ھىسىياتىنىڭ تىلى، مۇزىكالىق كوي ــ ئاۋازلىق ھىسىيات، مۇزىكا ــ ھىسىياتىنىڭ مۇنۇلۇگى» دەپ يازغان. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇزىكىنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائى مەزمۇنىدىكى پىكىرنى ئىپادىلەشتىكى مىسلىسىز بەدىئى ئىقتىدارغا قارىتىلغان.

«ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىللىرى مۇزىكىلىق تىل ۋە ئوبراز يارىتىش ۋاستىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نازۇك ھىس تۇيغۇللىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىنى، ھەر قايسى دەۋرلەرنىڭ روھى كەيپىياتىنى، روشەن مىللى خارەكتىر ۋە مىللى زىددىيەتلىرىنى، رىئال تۇرمۇش ۋە ئىدولوگىيەدىكى دىرامماتىك توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەپ بەرگەن. يۇقۇرىقى ئەھۋال ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدا يەنىلا ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. «غىرىپ-سەنەم» ئوپىراسىغا زىكرى ئەلپەتتا ئىشلىگەن مۇزىكىلار ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ قايغۇسى ياكى خوشال پەيتتىكى مۇرەككەپ نازۇك ھىس تۇيغۇللىرىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنۇڭدا مۇزىكىلىق مىلودىيەنىڭ ئاۋاز قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزىلا كىشلەرنىڭ ئۇلانما تەسەۋۇرىنى قوزغايدۇ. شۇڭا مۇزىكىنى بىرسىگە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. «لۇغەت» ۋە تەرجىمانلىقىنىڭ ھاجىتى يوق. مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش كۈچى چىن ۋە ئوبرازلىق بولغاچقا ئۇنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ شۇنچىلىك زور بولغان. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىلىرى ئۆزىنىڭ چىنلىغى بىلەن ئەمەس. كىشىنىڭ يۈرەك تارىخى چېكىدىغان بەدىئى سەنئەت گۈزەللىكى بىلەن داڭلىق. «تاۋارىخى مۇسسقىيون» نىڭ 57-58-بەتلىرىدە مەۋلانە ساھىپ بەلىنىڭ بابۇر شاھنىڭ بىر ئولتۇرىشىدا تەمبورىنى «چۆل ئىراق» مۇقامغا چالغانلىقى، بىر بۇلبۇلنىڭ تەمبۇرنىڭ قۇلىقىغا قونىۋېلىپ سايراپ مۇزىكا ئاڭلاپ نۇرغۇن كىشلەرنى بىھۇش قىلغانلىقى ۋە تەمبۇرغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئۆلگەنلىكى، مەۋلانە ساھبنىڭمۇ تەمبۇرنى تاشلاپ بىھۇش بولۇپ شۇ يىقىلغانچە ئالەمدىن ئۆتكەنلىگى تەسۋىرىلەنگەن. بۇ بىر رىۋايەت بولۇشىغا قارىماي مۇقامنىڭ كىشىنىڭ روھى دۇنياسىغا قانچىلىك تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىمىزنى بېيىتىدۇ.

مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ تىلى بولغان ئاۋاز تۇرمۇشتىكى ئاۋازلارنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئۈلگىلىك، سىموۋوللىق، ئابستراكىتىيەلەشتۈرۈپ تاللانغان بىر قىسىمدىن ئىبارەت. «ئون ئىككى مۇقام» ئۆز تەركىۋى بولغان ئابۇچەشمە مۇقامى بىلەن قوشۇلغاندا جەمئى 268 ئاھاڭ (نەغمە) 2700 دىن ئارتۇق مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ گارمونىيەسىدىن شەكىلەنگەن مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە، ئۇ يەككە ئاۋازلار ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ھىسىيات ۋە مەزمۇنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەلۇم قائىدە-قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا ھەر خىل قوش ئاۋازلارنى ئىشلىتىپ مۇقام مەزمۇنىنى ۋە بەدىئىلىگىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇقام ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى توغرىلىق سۆز ئاچقاندا مىلودىيە بىلەن رېتىمىنى ئايرىم نەزىرىىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرگىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا مۇقام مۇزىكىلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئاۋازلار ئىچىدە مىلودىيە، رېتىم، گارمونىيە ۋە باشقا ئامىللار زىچ بىرلەشكەنلىكتىن كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان مۇزىكىلىق ئوبرازلار مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئەھۋال مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت خارەكتىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مۇقاملارنىڭ مۇزىكا لىكسىكاسى (مۇددىئا)، مۇزىكا ئىبارىسى، مۇزىكا جۈملىسى، مۇزىكا مىراسى مۇقاملارنىڭ ئاھاڭ قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بۇ يەردە كۆپ توختالمايمىز. مۇقام مۇزىكىلىرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ئانا ماكانى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى. مۇقاملار ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئوخشىمىغان مەزمونلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۈملىدىن شىنجاڭدىمۇ مۇقاملار يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن 7 تۈرگە بۆلۈنگەن، بۇ ھال بىزنىڭ مۇقام تەتقىقاتىمىزنى يەرلىك ۋارىئانت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇزىكا ئوخشىمىغان تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىلىرىمۇ ئۆز ئىچىدىن ناخشا-قوشاقلار. ئەلنەغمىلەر، ئوپىرالار، ناخشىلىق مۇزىكا، ئۇسسۇللىق مۇزىكا، ناخشىسىز مۇزىكىلارغا بۆلۈنىدۇ. لېرىك مۇزىكىلار، سىيوژىتلىق مۇزىكىلارمۇ بار. «ئون ئىككى مۇقام» ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن، «تۈركەتىللاردىۋانى» دا تەسىۋرىلەنگەن تۆتلىك قوشاقلار بىرەر شائىرنىڭ لېرىكىسى بولماستىن تۇلاراق ئاھاڭلىق ناخشا قوشاقلار ئىدى. ئۇنىڭدىكى ئاپراسياپ ھەققىدىكى قوشاقلار تۇران سەركەدىسى ئالىپ ئەر توڭاخان ئۆلگەندە ئۇنىڭ شەنىگە ئېيتىلغان مەرسىيە قوشاقلىرى ئىدى. تارىخدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئىران كىيانىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى كەيخسىراۋ بىلەن تۇرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ بولغان. ئەپراسىياپ ھەققىدىكى قوشاقلار ئەنە شۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەجراپىياسپقا بېغىشلانغان، ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسى ئىران، تۇران پادىشالىرىنىڭ تارىخىنى شېئىرى يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن داڭلىق ئەسىرى «شاھنامە» دە بۇ قەدىمى قوشاقلاردىن پايدىلانغان. «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشىلىرىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىىر كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان چوڭ تېما. بىز بۇ يەردە پەقەت ئازلا توختالدۇق. كومپىزوتور مۇزىكانتلارنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىدىغدانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئاپتۇر:نىيا ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن باياخون روزى