پەخرىمىز سەن يۇرت ئوغلانى

تۇرسۇنگۈل مەھمۇد

مۇھەررىر ئىلاۋىسى: ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنىڭ جۇڭگودا تارقالغانلىقىغا تېخى 100 يىل بولمىغان بولسىمۇ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سەنئەتكارىمىز بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، جۇڭگو ماي بوياق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بىر نەچچە ئەۋلاد سەنئەتكارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ماي بوياقتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت تۈرى بىزنىڭ قەدىمكى شەرق تۇپرىقىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شېرىن مېۋە بەردى. مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇنىڭ مول ئىندىۋىدۇئال خاسلىققا ئىگە رەسساملىق ئۇسلۇبىدا سىزىلغان بىر تۈركۈم ئەسىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا زور شۆھرەت قازىنىپ، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى قۇتلۇقلىنىۋاتقان دەقىقىلەردە، مەن شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو غەربىي دىيار ماي بوياق رەسىمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، مەملىكەت بويىچە ياش، ئوتتۇرا ياش ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى، ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇكېرىم نەسىردىن تونۇشتۇرۇلغا زىيارەت خاتىرەمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

بالىلىقتىكى خىياللار

ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى. بىر قېتىم ئۇ رەسىم دەرسىدە ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان ساۋاقداشلىرىغا رەسىم سىزىپ بېرىۋاتاتتى، مۇئەللىم كىرىپلا ئىنتىزامنى بۇزدۇڭ، دەپ ئۇنى سىنىپتىن چىقىرىۋەتتى، رەسىم سىزغانلىقى ئۈچۈن مۇئەللىمدىن تەنقىد ئىشىتكەن ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار يېدى. ئۇ يىغلىغان پېتى ئۆيگە يۈگۈردى:

— ساۋاقداشلىرىم بىزگە رەسىم سىزىپ بەر دېگەنىدى، ماقۇل دەپ رەسىم سىزىپ بېرىۋاتسام، مۇئەللىم كىرىپ سىنىپتىن چىقىرىۋەتتى، – ئېسەدەپ يىغلىدى ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ.
— مۇئەللىمنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ ئۇ؟ ئوغلۇم ئايىغى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ئۆينىڭ ئاپئاق تاملىرىغا كۆمۈردە جىجىلاپ رەسىم سىزىپ بىر قىلىۋەتسىمۇ ھاي دېمەيتتىم، بىرەر قېتىممۇ ئۇنى رەسىم سىزىشتىن توسۇپ باقمىغانىدىم، – ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ ئاپىسى ئۈمرەم ھەدىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئابدۇكېرىم نەسىردىننى مەكتەپكە ئەۋەتمەيلا قويدى.

ئۆمرەم ھەدە ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا، بالىسىنىڭ قىزىقىش، ھەۋەسلىرىنى كۆزىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن رەسىم سىزىۋاتقان بالىسىنىڭ سىزىقلارنى سىزىشىغا، ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىشىغا زەن سېلىپ قارىغىنىدا، ئوغلىدا رەسىم سىزىش تالانتىنىڭ ھىدى – يۇقى بارلىقىنى بايقىغانىدى.

مۇئەللىم بۇ ئىشتا ئۆزىدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆمرەم ھەدىدىن كەچۈرۈم سورىدى، ئابدۇكېرىم نەسىردىن مەكتەپكە بېرىۋەردى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يەكەن ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ دادىسى نەسىردىن ئاكا مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىدى، ئۇ ئوغلىنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇن رېھىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن ماراپ تۇرۇپ دوراپ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى پات – پات كۆرۈپ قالاتتى. ئۇ دائىم ئوغلىغا: كەلگۈسىدە رەسسام بولۇپ قالامسەن نېمە؟ رەسسام بولساڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۇنيانى ئايلىنىسەن، دېسە، ئابدۇكېرىم نەسىردىن قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. ئۇ بالىلىقتىكى ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، بار ئىشتىياقى بىلەن نېمىنى كۆرسە شۇنى سىزاتتى، جىجىلايتتى، سىزىپ – سىزىپ ھارمايتتى. تولۇقسىزنىڭ 2 – يىللىقىغا چىققاندا، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تاغىسى نەجمىدىن ئاكا ئۇنىڭغا 12 خىل رەڭلىك بوياق سوۋغا قىلدى، ئابدۇكېرىم نەسىردىن قىن – قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇپ، توختىماي رەسىم سىزدى، بويىدى. ئۇ شۇ چاغلاردا ماركس، ئېنگلىس، لېنىن، ماۋ زېدۇڭلارنىڭ رەسىمىنى خېلىلا ئوخشىتىپ سىزاتتى. ئۇ مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىسىنى ئىشلەيتتى، قارا دوسكىغا ھەر خىل ھەجۋى رەسىملەرنى سىزاتتى. ئۇ زېرەك، چېچەن، ئەقىللىق بولۇپ، باشقا دەرسلەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. شۇڭا مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭ ئۇنىڭغا بەكمۇ مەستلىكى كېلەتتى، سىزغان رەسىملىرىگە قاراپ: رەسىم سىزىشتا تۇغما تالانتىڭ بار جۇمۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم رەسسام بولىسەن، دەپ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرەتتى.

ئەسلىدە ھەر بىر ئادەمدە ئاز – تولا بولسىمۇ تۇغما تالانت بولىدۇ. ئەمما، ئۇ يىللار، كەچمىشلەر تەرىپىدىن بېسىلىپ قالىدۇ، خورايدۇ، يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ بالىلىقتىكى ئارزۇ – ھەۋەس، خىياللىرى تۇغما تالانت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، بالىلىقنىڭ ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرالىدى…

تۇنجى ئاسپىرانت

ئابدۇكېرىم نەسىردىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانغا نەچچە ئاي قالغان كۈنلەرنىڭ بىرى ئەتىگەندە نەسىردىن ئاكا:

— ئابدۇكېرىم! ئابدۇكېرىم! – دەپ توۋلىغىنىچە ئالدىراش ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېرىپ كەلدى.

— داد! دادا! نېمە بولدى؟ – ئىچكىرىكى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئابدۇكېرىم دادىسىغا سوئال نەزەرىدە قارىدى.

— بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ناھىيىمىزگە مۇزىكا، رەسىم، ئۇسسۇل كەسپى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن قوبۇل قىلغىلى كەپتۇ، شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غازى ئەھمەد ئۇلارنى بۇ يەرگە باشلاپ كەپتۇ. ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقساڭمىكىن دەيمەن، – دېدى نەسىردىن ئاكا پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ.

— راستما دادا! راستما! بەك ياخشى بولدى، مەن ئىمتىھان بېرىپ باقاي، چوقۇم ياخشى بېرىمەن! – دېدى ھاياجان بىلەن ئابدۇكېرىم.

ئىمتىھان باشلاندى. ئوقۇتقۇچىلار بىر قىزنى ئولتۇرغۇزۇپ ئابدۇكېرىمگە سىزدۇردى، يەنە كىتاب، يۆگەكلىك گېزىتلەرنىمۇ سىزدۇرۇپ كۆردى. نەچچە كۈندىن كېيىن، نەسىردىن ئاكىغا ئابدۇكېرىمنىڭ بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى.

ئابدۇكېرىم ھاياجانلانغانلىقىدىن: ‹‹مەن ئەمدى ئايروپىلاندا ئولتۇرىدىغان بولدۇم، رەسسام بولىمەن، دۇنيانى ئايلىنىمەن››، دېگىنىچە ۋارقىراپ، سەكرەپ كەتتى.

ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى، لېكىن ئانىنىڭ يۈرىكى ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى بېيجىڭغا ئوقۇشقا ئەۋەتىشكە چىدىمايۋاتاتتى. بالىنى بۇ كەسىپتە ئوقۇتۇش نەسىردىن ئاكا بىلەن ئۈمرەم ھەدىنىڭ ئارزۇسى بولغاچقا، ئۇلار ئوغلىنى يەنىلا بېيجىڭغا ئوقۇشقا ئۇزاتتى.

ئۇ چاغلاردا يول يىراق، خىراجەت يوق بولغاچقا، بىر ئوقۇشقا كەتكەنچە تۆت يىلغىچە قايتىپ كەلمىگەنىدىم، دەپ گەپ باشلىدى 62 ياشقا كىرگەن ئابدۇكېرىم ئاكا ئەينى چاغلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ:

— ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، دەرسكە چىققۇچە بىرەر پارچە رەسىم سىزىش ماڭا ئادەتكە ئايلانغانىدى. يەكشەنبە كۈنلىرى، چۈشلۈك تاماق ۋاقىتلىرىدىمۇ ئارام ئالماي رەسىم سىزاتتىم، يامغۇر ياغسا دەرەخنىڭ دالدىلىرىدا يامغۇر مەنزىرىسىنى سىزسام، قار ياغسا قار مەنزىرىسىنى سىزاتتىم. يۇرتنى، ئاتا – ئانىنى سېغىنىش، تاماقتىن قىينىلىش، يالغۇزلۇق ئازابلىرىمنى رەسىم سىزىش ئارقىلىقلا يېڭەتتىم. 1965 – يىلى رەسىم كەسپى تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ، تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، مەكتەپتىن سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتى ئۈچۈن گۇاڭشىغا ئاپاردى. مەن ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەملىشىپ سەنئەت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ، يەنە رەسىم سىزىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئىچكىرىنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى، مەنزىرىلىرىدىن يېڭىچە ئىلھاملارنى ئېلىپ، توختىماي رەسىم سىزدىم، ماتېرىيال توپلىدىم. 1968 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ھەربىي دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيىگە چۈشتۈم. شۇ يەردە تۇرغان ئىككى يىلدا مەن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەربىي رايوننىڭ تاملىرىغا ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىملىرىنى سىزدىم. 1970 – يىلىدىن 1978 – يىلىغىچە ‹‹ئىلى گېزىتى››دە گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىدىم، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم. ئۇ چاغلاردا ماڭا بىر يىلنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك يېزا – قىشلاقلارغا بېرىپ، تۇرمۇش ئۆگىنىش، ماتېرىيال توپلاش، رەسىم سىزىش پۇرسىتى بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، تۇرمۇش قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈپ نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

جاپا – مۇشەققەتلەر سەنئەت ئىجتىھاتىدا يۈرگەن ئابدۇكېرىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى، بەلكى تېخىمۇ چېنىقتۇردى. ئۇ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە جايىنى ئايلىنىپ، رەسساملىق نەزەرى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تەبىئەت مەنزىرىلىرى، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئادەمگەرچىلىكلىرى، تۇرمۇش يوسۇنلىرىدىن پۈتمەس – تۈگىمەس ئىلھام ئالدى. ئانا تۇپرىقىدىكى مەنزىرىلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆرگەن، ھېس قىلغانلىرىنى سېلىشتۇردى ۋە كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن خام ماتېرىيال توپلىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا سىزغان ‹‹ئىنقىلاب ئۈچۈن مال بېقىش›› ناملىق تۇنجى ئەسىرى مەملىكەتلىك كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ‹‹چېگرىنى قوغداۋاتقان ئايال خەلق ئەسكەرلىرى››، ‹‹چېگرىنى قوغداش››، ‹‹بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈش›› قاتارلىق ئەسەرلىرى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قويۇلدى. تىنىمسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىر مەركىزىي گۈزەل ئىنستىتۇتىنىڭ 1978 – يىللىق ماي بوياق ئاسپىرانتلار سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئۇيغۇر رەسساملىق تارىخىدا مۇشۇ كەسىپ بويىچە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان تۇنجى رەسسام بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش تارىخىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. شۇ يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كىنو ستۇدىيىسى ‹‹ئابدۇكېرىم ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى›› دېگەن خاتىرە فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتتى. ئۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئىككى يىلدىن كېيىنلا ‹‹مەشرەپ›› دېگەن ئەسەرنى روياپقا چىقاردى. جەمئىيەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تارتقان بۇ ئەسەر 1983 – يىلى پارىژ باھار سالونىغا تاللاندى. ئاپتور تويۇنغان قايناق ھېسسىيات بىلەن، ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ئومۇملاشتۇرۇلغان شەكىل، ئوبرازلار ئارقىلىق ‹‹مەشرەپ››تىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭغا خاس تۇرمۇش مەنزىرىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.

كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئۇ ‹‹مۇڭ››، ‹‹پامىردا ئىيۇن››، ‹‹قۇمۇل مەشرىپى››، ‹‹قىزىم››، ‹‹شاتگۈل››، ‹‹كېرىيىلىكلەر››، شۇنداقلا تام رەسىملىرىدىن ‹‹تەڭرىتاغدا باھار›› قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرنى ئارقا – ئارقىدىن ياراتتى. ‹‹قۇمۇل مەشرىپى›› 1984 – يىلى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسىدە ‹‹مىس مېدال››غا ئېرىشتى. ‹‹مۇڭ›› 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر››، شىنجاڭ رەسىم كۆرگەزمىسىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جۇڭگوچە رەسىم پېشۋاسى، مەشھۇر رەسسام خۇڭ يوڭيۈ ‹‹تەڭرىتاغدا باھار›› جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر تام رەسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر، دەپ يۇقىرى باھا بەردى. بۇ نەتىجە ۋە باھالار ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بۈگۈنكى زامان سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

سەنئەت كۆكىدە پەرۋاز

1988 – يىلى دۇنيادىكى بىباھا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلانغان فرانسىيىنىڭ ‹‹لوۋىر سارىيى››دا ئېكسكۇرسىيىدە بولدۇم. شۇ يەردە مەن مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى كۆرۈپ شۇ قەدەر ھاياجانلاندىم. تونۇشتۇرغۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەم پەخىرلەندىم، ھەم زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ تام رەسىملەر دۇنيا تام رەسىم تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بىز بۇ شانلىق ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نەققاشلىق، توقۇمىچىلىق، ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى ھەم بىناكارلىقىدىن ئىبارەت ئۆزگىچىلىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى ماي بوياق رەسساملىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، غەربنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن شەرقنىڭ بېزەكچىلىك ئۇسۇلىنى بىرىكتۈرۈپ، غەربنىڭكىگىمۇ، شەرقنىڭكىگىمۇ ئوخشىمايدىغان جۇڭگونىڭ غەربىي دىيارى بولغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى يارىتىشنى كېيىنكى ئاساسىي تەتقىقات نىشانى قىلدىم. بۇ قاراش ‹‹قۇمۇل مەشرىپى››، ‹‹مۇڭ›› دېگەن ئەسەرلىرىمدە خېلى ئېنىق ئىپادىلەندى، دېدى ئابدۇكېرىم نەسىردىن.

ئۈچ قىسىملىق ‹‹مەشرەپ سېمفونىيىسى›› رەسسامنى مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەپ بېرىش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى، كەڭ كەتكەن يايلاقلىرى، بىپايان قۇملۇقلىرىنىڭ مەنزىرىلىرىنى ئىپادىلەپ ‹‹تەڭرىتاغ ئېتىكىدە››، ‹‹قاناس كۆلى›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرنى ياراتتى. ئۇ بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، ئۆزىگە خاس رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى ۋە خاسلىقنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ تەسىرى شىنجاڭدىكى مۇشۇ ساھەدىكى ئوقۇغۇچىلار، رەسىم ھەۋەسكارلىرى، رەسساملار، ھەتتا مەملىكەتتىكى رەسساملار ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىدى، شۇنداقلا جۇڭگو ماي بوياقچىلىقىنىڭ غەربىي دىيار رەسىم ئۇسلۇبىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە غەربىي دىيار ماي بوياق تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى داڭلىق رەسساملار، مەملىكەتلىك كۆرگەزمىلەردە مۇكاپات ئالغان ياش رەسساملار ۋە غەربىي دىيار ئۇسلۇبى جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقان رەسساملار تەشكىللىنىپ، قاناس، سايرام مەنزىرە رايونلىرى، قەدىمىي توغراقلىق رايونلىرىدا تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ باردى.

ئابدۇكېرىم نەسىردىن جۇڭگو ماي بوياقچىلىقىنىڭ غەربىي دىيار رەسىم ئۇسلۇبىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانلىرى ھەققىدە ئارقا – ئارقىدىن ‹‹ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبىنى يارىتىشقا تىرىشايلى››، ‹‹مېنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىراتىم››، ‹‹مىللىيلاشتۇرۇشمۇ ياكى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇشمۇ؟›› ‹‹ئادەم بەدىنى سەنئىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى›› قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.

مۆجىزە

گۈل – گىياھ تۇپراقتىن، قۇشلار ئاسماندىن ئايرىلسا، قۇلاق مۇزىكىدىن، كۆز رەڭدىن ئايرىلسا بۇ دۇنيا نېمىمۇ بولۇپ كېتەر؟ 1998 – يىلى رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ كۆز نېرىپلىرى تۇيۇقسىزلا يىگىلەپ، رەڭدار بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئالدىدا بىردىنلا خىرەلەشتى. ئۇ نائىلاج پەلكۈشنى تاشلاپ، نەچچە ئون يىللىق كەسپىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇ توپتوغرا ئۈچ يىل ئازاب ئىچىدە تىركەشتى، كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلەتتى. ئۇ رەسىم سىزىشنى شۇ قەدەر سۆيەتتى، ئۇنىڭ تېخى ئىشقا ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمىنى بار ئىدى. ئۇنىڭ رەسساملىق ھاياتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئەگەر ئۇ داۋاملىق رەسىم سىزمىسا مەڭگۈلۈك ئارماندا قالاتتى… يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدا ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئايالى ئابىدەنى ئېلىپ، ياۋروپانى ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ، شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى ھەم كۆزىنى داۋالاتتى. ياۋروپادا، بولۇپمۇ ئەدەبىيات – سەنئەت گۈللەنگەن ئىتالىيىدە ئۇ زور ئىلھامغا ئىگە بولدى، يېڭىباشتىن ھاياتنى ھېس قىلىش نېمىتىگە ئېرىشتى.

تېببىي داۋانىڭ شىپاسى كۆرۈلدىمۇ ياكى رەسساملىققا بولغان مەجنۇنلۇقنىڭ كارامىتىدىنمۇ ۋە ياكى مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ، ئىشقىلىپ، ئۈچ ئايلىق ياۋروپا ساياھىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مۆجىزىلىك تەرىزىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى. ‹‹ئوڭ كۆز 0.05، سول كۆز 0.1›› دەپ ئۆلچەنگەن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۇنى ئالەمچە شادلىققا چۆمدۈردى. ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، رەسىم رامكىسى ئالدىدا سەمەرىلىك سەنئەت مېھنەتلىرىنى باشلىۋەتتى. كۆز ئاجىزلىقىنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە سالغان مالامىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىدى، ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئىجادىيەتلىرىنىڭ نازۇك، ئىنچىكە جايلىرىغا ئىچكىرىلىيەلمىدى. كۆزى بەكمۇ غۇۋا كۆرگەچكە، ئۇ سىزماقچى بولغانلىرىنى يۈرىكى بىلەن كۆزەتتى، سەزگۈسىگە تايىنىپ رەڭ بەرسىمۇ توغرا بولۇپ چىقاتتى… ئۇ كۆزى ساقايغاندىن كېيىن، ئون نەچچە پارچە مەنزىرە رەسىمى سىزدى. ‹‹ھاياتلىق كوردېناتى›› ناملىق ئەسەرنى كۆرگىنىمىزدە، بۇنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ روھ سۈرىتى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز. رەسىمدىكى چىرايلىق يوپۇرماقلار، ھەيۋەتلىك دەرەخ گەۋدىسى توغراقنى ئەسلىتىش بىلەن بىللە، ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ زەبەردەس رەسساملىق ھاياتىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلىدۇ.

2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ 1 – زالى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ كۈنى بۇ يەردە ‹‹مەشرەپ ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى 1000 دىن ئارتۇق داڭلىق رەسسام بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەسەرلىرىدىن زوقلاندى. گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە زالىدا جۇڭگو ماي بويىقىنىڭ غەربىي دىيار ئۇسلۇبى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىندا جۇڭگونىڭ داڭلىق رەسساملىرى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. جاي – جايلاردىن كەلگەن كارخانىچىلارمۇ بۇ داڭلىق رەسسامنىڭ رەسىملىرىگە قىزىقتى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ ‹‹مەشرەپ››، ‹‹دولان مەشرىپى››، ‹‹دېھقانلار شادلىقى مەشرەپ››، ‹‹دولان نەغمىسى››، ‹‹كۈسەن ئۇسسۇلى مەشرەپ›› قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدە كۆرگەزمە قىلىندى ھەم يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى. ئۇ تەكلىپ بويىچە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە قىلغان سوۋغىسى ‹‹ئىتتىپاقلىق داڭقىنى››نىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان ‹‹ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى›› دېگەن قاپارتمىنى ئىشلىدى. بورتالا ئوبلاستىنىڭ تەكلىپى بىلەن، بورتالا شەھىرىنىڭ مەيدانىغا ‹‹شەرققە قايتىش›› ناملىق چوڭ تىپتىكى تام رەسىمنى ئىشلىدى، بۇ 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭ تام رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى.

ئابدۇكېرىم نەسىردىن بېيجىڭ، ۋاشىنگتون، ئالما ئاتا، بېشكەك، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. ئەسەرلىرى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ‹‹جۇڭگو غەربىي دىيار يىپەك يولىنىڭ يېڭى قىياپىتى›› گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىگە، ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ھازىرقى زامان كۆرگەزمىلىرىگە قويۇلدى.

ب د ت 2008 – يىلىنى ‹‹مەھمۇد كاشىغەرى›› يىلى قىلىپ بېكىتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەھمۇد كاشىغەرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن شۇ يىلى ئامېرىكىغا كېسەل داۋالاتقىلى بارغانىدى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق زېمىندا تۇغۇلغان مەھمۇد كاشىغەرىدەك ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىزنىڭ شانۇ – شۆھرىتى چەت ئەللەردە مەدھىيىلەنگەندە، رەسسام چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى ۋە كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، ‹‹مەھمۇد كاشىغەرى›› ئەسىرىنى يارىتىش پىلانىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، لايىھىسىنى تۈزدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سالامەتلىكىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي، دەشت – باياۋان، چۆل – جەزىرىلەرنى كېزىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىمنىڭ پورتېرىتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹مەھمۇد كاشىغەرى›› دېگەن ئەسەرنى يېڭىچە شەكىل بىلەن ياراتتى.

بۇ مەشھۇر رەسسام ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغىلا باش چۆكۈرۈش بىلەن ئۆتكەن ئەمەس. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش رەسساملار، رەسىم ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردىمۇ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقان دېھقان رەسساملارنى ئېلىمىزگە، خەلقئاراغا تونۇتۇشنى ئابدۇكېرىم نەسىردىنسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئەجىر مېھنىتىدە دېھقان رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنياۋى كۆرگەزمىلەرگە قويۇلدى ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.

‹‹چىن گۈزەللىككە پەرداز كەتمەس››، بۇ مەشھۇر رەسسام، خەتتات جۇ نەيجىڭ ئەپەندىنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە سوۋغا قىلغان بىر پارچە ھۆسنخېتى . بۇ سوۋغا ئەسىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە بەرگەن ئوبيېكتىپ باھاسى. ئۇنىڭغا يەنە جۇ نەيجىڭ ئەپەندىنىڭ ئابدۇكېرىم نەسىردىندىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمۇ مۇجەسسەملەنگەن.

ئەنە شۇنداق ياخشى تىلەك، ئىلھاملار 62 ياشقا كىرگەن بۇ مەشھۇر رەسسامنىڭ قەلىمىگە كۈچ بولۇپ، يەنىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىغا مەدەت بولدى. ‹‹ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەسەرلىرى توپلىمى››، ‹‹مەشرەپ ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى توپلىمى››، ‹‹جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماي بوياق رەسسامى ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش››، ‹‹جۇڭگودىكى داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەسەرلىرىنىڭ پوچتا ماركا توپلىمى›› قاتارلىق كىتابلار يېقىندا ئارقا – ئارقىدىن نەشردىن چىقتى.