تەبلىۋاز

تەبلىۋاز _ قەدىمكى دۇمباق تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى . دۇمباق ئىنسانلار تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان ۋە تارىختىكى خىلمۇخىل چالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان .

تەبلىۋاز دۇمباق تىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ ، ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭ جەڭ تەبلىۋىزى ۋە نەغمە تەبلىۋىزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان . جەڭ تەبلىۋىزى ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن . ئۇ كۆپىنچە بويۇنغا ئېسىپ ئالدىغا توغرىسىغا ساڭگىلىتىش بىلەن ئىككى قول ئارقىلىق ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇپ ، مېڭىپ تۇرۇپ چېلىناتتى ۋە تەنتەنە قىلىشقا ئىشلىتىلەتتى . نەغمە تەبلىۋىزىنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ، تېقىمىغا يانتۇ قويۇپ ، ئىككى قول بىلەن ئىككى تەرىپىدىن ئۇرۇپ چېلىش ئارقىلىق مۇزىكا – ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلاتتى . ھازىرقى چوڭ تەبلىۋازلارنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 سانتېمىتىر ، چوڭ بېشىنىڭ دىئامېتىرى25 سانتىمېتىر ،

كىچىك بېشىنىڭ دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ . تەبلىۋازلارنىڭ چوڭ – كىچىك ھەمدە ئىككى تەرەپتىن ۋە بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ چېلىندىغان ئىككى خىل شەكلى بار . ئىككى تەرەپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىپ تېرە كېرىلىدۇ . بىر تەرپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ بىرلا تەرىپى چوڭ ، بىرلا تەرىپى چوڭ ، يەنە بىر تەرىپى كىچىكرەك ياسىلىپ ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ . ھازىرقى تەبلىۋازلارغا ئاساسەن ئات ۋە ئېشەك تېرىلىرى قاپلىنىدۇ .

<<ئۇيغۇر چالغۇلىرى>>كىتا

بىدىن ئېلىندى