ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان)

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان

ۋ.ۋ.بارتولد

بۇ ماقالە 1948- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››نىڭ 4- توم، 388-بېتىدە بىرىلگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان تەرىپىدىن يېزىلغان بىر قوشۇمچە مەزمۇنمۇ بار. ماقالە مۇشۇ نۇسخىسىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر ئىلاۋىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.

ھەيدەر مىرزا بىر تۈرك تارىخچىسى بولۇپ، ‹‹تارىخىي رەشىدى››نىڭ مۇئەللىپىدۇر. ھىجرىيە 909- يىلى(1499/1500) تۇغۇلۇپ، 958- يىلى(1551) ئالەمدىن ئۆتكەن. مەنسۇپ بولغان سۇلالىسى دۇغلاتتۇر. ئانا تەرەپتىن چاغاتايىلاردىن يۈنۈسخاننىڭ نەۋرىسى ۋە بابۇرنىڭ تاغىسىنىڭ بالىسىدۇر. ھاياتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلەردىن توپلاندى. بابۇر ئەسىرىدە(1) ھەيدەر مىرزا ئۈچۈن بىر قانچە قۇر سەھىيە ئاجراتقان. ھىندىستان تارىخچىلىرى ئەبۇل فازىل بىلەن فىرىشتا ئۇنىڭ كېيىنكى يىللىرىغا ئائىت بىراز مەلۇمات بىرىدۇ. ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ھەيدەر بولۇپ، بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك، ‹‹مىرزا ھەيدەر›› دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر ئىدى. بابۇر بولسا ئۇنى ‹‹ھەيدەر مىرزا›› دەپ ئاتىغان.
دادىسى قەتلى قىلىنغاندىن(914=1508) كېيىن ھەيدەر مىرزا بۇخارادىن بەدەخشان يولى ئارقىلىق كابۇلغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ يەرگە ھىجرىيە 915- يىلى(1515) يىتىپ باردى. كابۇلدا بابۇر تەرىپىدىن خۇددى بالىسىدەك قوبۇل قىلىنپ، ئۆزبەكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان يۈرۈشلەرگە، بۇخارا بىلەن سەمەرقەندنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشتى. لېكىن ھىجرىيە 918- يىلى(1512) باشپاناھىنى تاشلاپ، فەرغانىگە-موڭغۇل ھۆكۈمدارى سەئىدخاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ‹‹گۇرگان››(يەنى كۆرەگان-كۆيۈغول مەنىسىدە) ئۈنۋانىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە يەركەن تەرەپلەرگە كەتكەن. سەئىدخان تەرىپىدىن قايتا قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلىتىدە ھەيدەر مىرزا ناھايىتى مۇھىم بىر ئەمەل ئىگىسى بولدى. خاننىڭ ئەمرى بىلەن بەدەخشان، كافىرىستان، لاداق ۋە تىبەت قاتارلىق يىراق مەملىكەتلەرگە بىر قانچە قېتىم يۈرۈش قىلدى. ھىجرىيە 939- يىلى(1533) خاننىڭ ۋاپات بولۇپ تەختكە دۇغلات ئائىلىسىگە ھىچ دوست بولمىغان ئابدۇرەشىد چىققاندا، ھەيدەر مىرزا مەملىكەتنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، تىمۇرىيلار تەرەپكە ئۆتتى. ھالبۇكى، ئۇ تېخى يېقىندىلا، يەنى ھىجرىيە 936- يىلى(1529/1530) تىمۇرىيلارغا قارشى بەدەخشاندا ئۇرۇش قىلغانىدى. ھىجرىيە 948- يىلى كەشمىرنى ئىشغال قىلىپ ئۇ يەردە ئۆز ئالدىغا ئەمەلىي مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.لېكىن تەڭگىنى ئاۋۋال يېڭى ھۆكۈمدار نازۇك شاھنىڭ، كېيىن ئىمپېراتور ھۇمايۇننىڭ نامىغا باستۇردى. ھىجرىيە 958-يىلى(1551) يەرلىكلەر قوزغىغان بىر ئىسياندا قەتلى قىلىندى.
ھەيدەر ئەسىرىنى كەشمىردە ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە يازدى، كىتاپنىڭ نامىنى بۇرۇنقى ھۆكۈمدارى ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىسمىغا بېغىشلىدى. كىتاپنىڭ مۇئەللىپىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ۋەقەلەر سۆزلىنىدىغان ئىككىنجى قىسمى ھىجرىيە 948-950-يىللار(1541-1544) دا، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە تۇغلۇق تىمۇرنىڭ ھىجرىيە 748- يىلى(1347/1348) تەختكە چىقىشىدىن باشلاپ چاغاتاي سۇلالىسىنىڭ تارىخى سۆزلىنىدىغان بىرىنجى قىسمى بولسا ھىجرىيە 951-953-يىللار(1644/1547)دا يېزىلغان. بابۇرنىڭ ئىتىراپ قىلغىنىدەك، مۇئەللىپ مۇكەممەل بىر ئەدەبىي بىلىم ئالغان. ئەملىيەتتىمۇ بۇ تەرەپ ئۇنىڭ ئەسىرىدىنمۇ مەلۇم. ھەيدەرنىڭ كىتابى يالغۇز ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى ئارىسىدىلا(شەرق تۈركچىسىگە ئىككى قېتىم تەرجىمە قىلىنغان) ئەمەس، باشقا مەملىكەتلەردىمۇ(ھىندىستان، تۈركىستان ۋە ئىران) زور ئىتىبارغا ئىرىشتى. كېيىنكى دەۋرنىڭ جۇغراپىيە ۋە تارىخ مۇئەللىپلىرى ھىجرىيە 10-(16)ئەسىرنىڭ ۋەقەلىرىدىن سۆز ئاچقاندا بۇ ئەسەرنى ماتىرىيال مەنبەسى قىلدى. مەيلى تارىخنى بايان قىلىش ئۇسۇلى، ياكى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان(تۈرلۈك ۋىلايەتلەرنىڭ ۋە شەھەرلەرنىڭ تەرىپى) جۇغراپىيىۋىي قىسىملار مۇئەللىپنىڭ دەۋرىدىكى ئەھۋالنىڭ بەك گۈزەل بىر تەسۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رۇسىيەدە ۋېليامېنوف-زېرنوف(2) ۋە سېلېمانن(3) تەرىپىدىن بۇ كىتاپنىڭ بەزى قىسىملىرى كەڭ دائىرىدە ئەينەن نەشىر قىلىندى. ن.ئېلىئاس تەرىپىدىنمۇ ياخشى بىر نەشرى مەيدانغا چىقىرىلدى(4) ئەسەرنىڭ مەتنىنىڭ تولۇق بىر نەشرى تېخى ئىشلەنمىدى.(5)

قوشۇمچە -1 : (ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان يازغان).
ھەيدەر مىرزا ‹‹تارىخى رەشىدى›› سىنى پارسچە يازغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تۈركچىلەشتۈرگەنلىكى چاغاتايچە نۇسخىلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن مەلۇم. ھەيدەر مىرزىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا چاغاتاي تۈركچىسى بىلەن مەنزۇم شەكىلدە يازغان ‹‹جاھاننامە›› ناملىق ئەسىرى بار. بۇ بىر ھىندى ھېكايىسىنىڭ تامامەن تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ مۇھىتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان ئەركىن ئۆزلەشتۈرمىسىدىن ئىبارەتتۇر. 125 بەتلىك بۇ ئەسەرنىڭ يىگانە نۇسخىسى پرۇسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا(1704نومۇرلۇق) ساقلانماقتا. مۇئەللىپنىڭ ناھايىتى ئىستىداتلىق بىر تۈرك شائىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ خاتىمىسى 1533-يىلى 1- ئايدا تولۇقلاپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەسەرنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قەشقەر ھۆكۈمدارى سەئىدخان بىلەن بىرلىكتە 1528- يىلى قىشتا ناھايىتى قىيىن ئەھۋال ئاستىدا تىبەت ۋە بەدەخشانغا يۈرۈش قىلىپ ۋە قارلار ئارىسىدا قېلىپ بەدەخشاننىڭ قەلئەئى زەفەر قەلئەسىدە قاپسىلىپ قالغان چاغدا يازغان. ھەيدەر مىرزا سەئىدخاندىن ۋە بۇ سەپەرنىڭ جەرىيانىدىن سۆز ئاچقىنىدەك، تۈرك ھاياتىدىن، بولۇپمۇ ئوۋچىلىقتىن بەزى كۆرۈنىشلەرنىمۇ بەرگەن ۋە ئوۋچىلىققا ئائىت بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئاتالغۇلىرىنى قوللانغان. (6)

قوشۇمچە-2: (يۈسۈپجان ياسىن يازغان)

خېلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ‹‹جاھاننامە››نىڭ ئايازبەگ قۇشچى ياكى ئاياز شىكەستە دېگەن ئىسملاردا ئاتالغان بىر شائىرنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلۈپ كەلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا بەزىلەر بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مۇشۇ ماقالىدىكى ئا. زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئايازبەگ ياكى ئاياز شىكەستە دېگەن كىشىنىڭ مىرزا ھەيدەر كۆرەگان ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە باشلىغان. لېكىن، ئەدەبىيات تارىخىمىزغا ئالاقىدار تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش چوڭقۇرلاپ داۋاملاشتۇرۇلمىدى. ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىمىز چەتئەللەردىكى تۈركولوگىيەنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە داۋاملىشالمىغانلىقى ياكى ئۇ نەتىجىلەردىن ۋاقتىدا بەھرىلىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىن سەكسەن نەچچە يىل بۇرۇن خەلقارا ئىلىم مۇھىتىدا ئايدىڭلىشىپ بولغان بىر مەلۇماتقا — مىرزا ھەيدەرنىڭ ‹‹جاھاننامە›› ناملىق بىر ئەدەبىي ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا تولىمۇ كىچىكىپ ئىرىشتۇق. لېكىن، ئىلىم مۇھىتىمىزدا بۇ قاراش يەنىلا بىر خىل گۇمان ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ گۇماننى نەزەردىن ساقىت قىلىش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن بىز ئا.زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ بۇ ھەقتىكى بىر مەلۇماتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان بىلەن ئايازبەگ قۇشچى ياكى ئاياز شىكەستە دېگەن كىشىنىڭ بىر شەخس ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن كىشى ئا. زەكى ۋەلىدى توغان ئىدى. ئا.زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ تارىخ تەتقىقات مېتودىغا ئائىت يازغان ۋە 1985- يىلى ئىستانبۇل ئەندۇرۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تارىختا ئۇسۇل›› دېگەن كىتابىدىكى بۇ مەلۇمات مۇنداق بايان قىلىنغان:‹‹1924-يىلى مەن بېرلىندىكى ئالمان دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا چاغاتايچە يېزىلغان مەنزۇم شەكىلدىكى بىر روماننى تەتقىق قىلدىم. ئۈستىدە مۇئەللىپىنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان. بىر ‹‹خان›› تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭمۇ ئىسمى كۆرسىتىلمىگەن. پەقەت مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ھىجرىيە 939-يىلى (ئەبجەد ھېسابى بويىچە ‹‹فرخندە›› يىلى) ‹‹خان بىلەن بىرلىكتە بەدەخشانغا يۈرۈش قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ خاندىن ئايرىلىپ قىشتا بەدەخشاندىكى قەلئەئى زەفەردە تۇرغانلىقى ۋە ئەسىرىنى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شۇ يەردە نەزمىي شەكىلدە يازغانلىقى››نى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، ھەيدەر مىرزا دۇغلاتنىڭ ‹‹تارىخى رەشىدى›› دېگەن كىتابىدا ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە ھىجرىيە 939- يىلى مۇشۇنداق بىر يۈرۈشنى قىلغان خاننىڭ قەشقەر خانى سەئىدخان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ۋەزىرى ھەيدەر مىرزا دۇغلاتنىڭ بولغانلىقى ۋە بۇ مىرزىنىڭمۇ خان مەملىكىتىگە چېكىنگەن چاغدا قىش ئايلىرىنى قەلئەئى زەفەردە ئۆتكۈزگەنلىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىقتىن ‹‹جاھاننامە›› كىتابى مۇئەللىپىنىڭمۇ ئاشۇ ھەيدەر مىرزا دۇغلات ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.››(7)

ئىزاھاتلار:

(1) Beveridge, s.11.
(2)Izsledovaniye o Kasimovskih tsaryahi i tsareviçah, 2, 130, v.d.
(3)Melanges Asiatiques, 9, 312, v.d.
(4) The Tarihi-I Raşidi of Mirza Muhammed Haydar Duglat, an English version edited by N.Elias , The translation by E. Denison Ross, London, 1895, about the publish look at W. Barthold , Zapiski vost. Otd. Arh.obşç. 10, 215, v.d.
(5)Elliot, History of india, 5, 127, v.d.
(6) A.Zeki Velidi Togan, Ein Turkisches Werk Haydar Mirza Dyghlat, BSOS, 8, 985-989.
(7) A.Zeki Velidi Togan, Tarihte usul, s.84, 1985, Istanbul, endurun kitabevi. 4. baski.