قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئەسلى نامى ھەققىدە ئىزدىنىش

ھازىرقى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى خەنزۇچە سۇلې(疏勒) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى «سۇللاغ» دېگەن نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ بولدى ۋە بىرقىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بىراق ھازىرقى يېڭىشەھەر دەپ ئاتىلىۋاتقان ناھىيىنىڭ ئەسلى نامى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچكىم ئېنىق بىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بۇ نامنىڭ ئۆزىدىنلا «يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەر» دېگەن مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ چىڭ سۇلالىسى قەشقەرنى ئالغاندىن كېيىن مەخسۇس قوشۇن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر شەھەر بىنا قىلىش زۆرۈر بولۇپ قېلىپ سېپىل سوقتۇرۇپ، ھازىرقى يېڭىشەھەرنى بىنا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن.
لى فېڭشىڭ «قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «1759-يىلى چوڭ-كىچىك خوجىلار قەتلە قىلىنىپ شىنجاڭ تىنچلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، 回城(مۇسۇلمانلار شەھىرى، ھازىرقى قەشقەر شەھىرى) نىڭ يەتتە چاقىرىم غەربىگە 汉城 (خەنزۇ شەھىرى) سېلىندى. بۇ شەھەردە ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئولتۇراقلاشتى، سودا رايونلىرى بەرپا قىلىندى. 1826-يىلى جاھانگىرخوجا يېغىلىقىدا بۇ شەھەر سۇغا باستۇرۇلۇپ ۋەيران قىلىندى. 1828- يىلى مىللەتلەرنى ئايرىش، كوناشەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقىنى پەسەيتىش، ئەسكەر توپلاپ چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمگەك ۋە پۇل سەرپ قىلىنىپ، بۇ شەھەر سېلىندى. داۋگۇاڭ خان بۇ شەھەرگە خۇيۋۇچېڭ (恢武城) دەپ نام بەردى. مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدارلار، ئەسكەرلەر، سـودىگەرلەر بـۇ
شەھەرگە كۆچۈپ كىردى. كونا شەھەر بىلەن يېڭىشەھەر ئايرىلغانلىقتىن، يەرلىك خەلق يېڭىدىن سېلىنغان بۇ شەھەرنى يېڭىشەھەر دەپ، قەشقەر شەھىرىنى كوناشەھەر دەپ ئاتىدى. يېڭىشەھەردە مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدار – پۇقرالار كۆپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ۋە شەھەر ئەتراپىدا سەككىز خەنزۇ كەنتى بەرپا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جاي 汉城 (خەنزۇ شەھىرى) دەپ، كوناشەھەردە مۇسۇلمانلار كۆپ بولغانلىقتىن 回城 (مۇسۇلمانلار شەھىرى) دەپ ئاتالدى».
قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى» دېگەن كىتابىدا: «قەشقەر يېڭىشەھەر (疏勒) قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شۇ نامدا ئاتىلىدىغان بىر ناھىيىنىڭ نامى، بۇ نامنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى قەدىمكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان ‹سۇلى – سۇلاغا ئېلى› (疏勒国) نىڭ نامىدىن قالغان ۋارىس نام. بۇ نام قەدىمكى ‹سۇللاغلا› دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەرنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا ‹سۇللاغ› دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزا بار. ھازىرقى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە ‹سۇلى›(疏勒) دېگەن بۇ نام بىردەك ‹قەشقەر› ياكى ‹سۇلى› دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇ خاتا. توغرىسى ‹سۇللاغ› (ئەسلىسى ‹سوغداق›). ئەگەر بۇ نامنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن دېيىلسە، ئۇ ھالدا ‹قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى› دېگەن بۇ نامنى ‹سۇللاغ ناھىيىسى› دەپ ئالساق، ھەم ئىلمىيلىققا، ھەم ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە نام بولغان بولىدۇ. ‹قەشقەر يېڭىشەھەر› قەشقەر يېڭىشەھەر رايونىنىڭ نامى بولۇپ، تەۋەلىك نامىدىن باشقىچە مەنە بېرەلمەيدۇ.» دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق «قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى» دېگەن نامنى «سۇللاغ ناھىيىسى» دەپ ئاتاشنى ئىلمىي ئاتاش بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم، 606-بەتتە «سۇللاق. بىر يەرنىڭ نامى. » دېگەن ئىزاھاتقا نەشرگە تەييارلىغۇچىلار شۇ بەتنىڭ ھاشىيىسىگە «قەشقەر كوناشەرنىڭ غەربىي شىمالىدا ھازىرمۇ ‹سۇللاغ›دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزا بار.» دەپ تولۇقلىما ئىزاھات بەرگەن. دەرۋەقە ھازىرقى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە «سۇلاق~ سۇللاغ» دېگەن كەنت بار. يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە بۇنداق كەنت ھازىرغىچە ئەنگە ئېلىنمىغان. قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ھازىر خەنزۇچە «سۇلې»(疏勒) دەپ ئاتىلىشى ئورۇن جەھەتتىن بۈگۈنكى سۇلىنىڭ ئۆزى ئەمەس. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتقا قىزىققۇچىلار ئابلەت ئابباس ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇنىلىنىڭ 1992-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان، بۇ تېما ئۈستىدە بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇپ، خۇلاسە شەكىلدە يېزىلغان «تارىختىكى ‹سۇلى› بىلەن بۈگۈنكى ‹سۇلى› بىر جاي ئەمەس» دېگەن ماقالىسىگە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. بۇيەردە ئادىل مۇھەممەت تۇراننىڭ «‹سۇلې›نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان «سۇلې» نامىدا ئاتىلىدىغان جايدىن ئېلىمىزدە قەشقەرنىڭ قەدىمكى نامى، ھازىرقى يېڭىشەھەرنىڭ خەنزۇچە ئاتالمىسى «سۇلې»؛ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جىمىسار ئەتراپىدىكى سۇلې؛ گەنسۇ خېشى كارىدورىنىڭ غەربىدىكى سۇلې دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىمۇ يۇقىرىقى قاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
چۇقان ۋەلىخانوفمۇ «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە: «چىڭ ئىمپېرىيىسى كىچىك بۇخارا (قەشقەر) نى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ يېنىدا ياكى شەھەردىن ئىككى چاقىرىمدىن يەتتە چاقىرىمغىچە بولغان يىراقلىقتا باشقىدىن سېپىل سوقتۇرۇپ يېڭى قەلئەلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇ شەھەرلەرنى مەنچېڭ (مانجۇلار شەھىرى) دەپ ئاتىدى، ئالتەشەھەرلىكلەر بولسا شۇ سۆزلەرنى يېڭى شەھەر ياكى گۈلباغ دەپ ئاتىشىدۇ. ئىچكىرىدىن يۆتكەپ چىققان ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالار مۇشۇ شەھەرلەردە تۇرىدۇ. مانجۇ، خەنزۇ پۇقرالار ئەسلىدىكى كونا شەھەرلەرگە پەقەت كۈندۈزىلا كىرىپ چىقالايدۇ.» دېگەن مەلۇماتلىرىمۇ يېڭىشەھەر نامى بىلەن بىرگە ھازىرقى يېڭىشەھەرنىڭ 1828 -يىللىرىنىڭ ئالدى –كەينىدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. ھازىرمۇ قەشقەر شەھىرىدىن يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە ئۆتىدىغان قىزىل دەرياسىدىكى كۆۋرۈكنى ئۇيغۇرلار «قىزىل كۆۋرۈك» دەپ ئاتىسا خەنزۇلار «七里桥» دەپ ئاتايدۇ. كۆۋرۈك نامىغىمۇ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىنىپ «يەتتە چاقىرىم كۆۋرۈكى»، «七里桥» دەپ يېزىلغان. بۇ يەتتە چاقىرىم ئارىلىقتىكى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەر ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىغا سوقۇلغان كونا سېپىل ئىچىدىكى دائىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ناھىيە بەرپا قىلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ئورۇن نېمە دەپ ئاتالغان دېگەن سوئال بىزنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا تارىخىي ماتېرىياللار ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.
ئا. ن. كوروپاتكىن «قەشقەرىيە» ناملىق ئەسىرىدە «قەشقەرىيە مەمۇرىي جەھەتتىن مۇنداق 10چوڭ ئاساسىي رايونغا ۋە نۇرغۇنلىغان كىچىكرەك جايلارغا بۆلۈنىدۇ: قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، باي، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلار ئاساسلىق رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر رايوندا بىردىن شەھەر ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك مەھەللە – كەنتلەر بار. قەشقەر رايونىغا تەۋە يەرلەردىن سەمەن، توققۇزاق، قوغان، قاراقىر، بەشكېرەم، ئاۋات، قىزىلبۇي، ياندۇرما، شاپتۇل، ئاقيار، يامانيار، تۆۋەنكى ياندۇرما، بايتوقاي، قوشئاۋات، پەيزىۋات، كوپسەڭگى، تۇپراقلىق، قاراباغ، پاراچ، بوراخىتاي، ناچۇق، دۆلەتباغ ۋە قىزىل دۆۋە قاتارلىق جايلار بار». بۇ ئۇچۇرلاردا كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك ئەينى دەۋردىكى قەشقەرىيەنىڭ چوڭ رايونلىرى قاتارىدا يېڭىشەھەر يوق. مەھەللىلەردىن قەشقەرگە تەۋە مەھەللىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان ياندۇرما، يامانيار، بايتوقاي، ناچۇق كەنتلىرى ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى يېزا، مەھەللىلەرنىڭ نامى. بىرلا قاراقىردىن باشقا ناملار ھازىرقى قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كوناشەھەر، يېڭىسار، پەيزىۋات ناھىيىلىرى تەۋەسىدىكى كەنت مەھەللىلەرنىڭ نامى. ئۇنداقتا قاراقىر قەيەرگە كەتتى؟ ھازىرقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن يازما ئۇچۇرلار ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ 1828-يىللاردىن ئىلگىرى قاراقىر دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
قەمەرجان قابىل «قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل– دەرۋازىلىرى» ناملىق ماقالىسىدە: «قاراقىر دەرۋازىسى: بۇ دەرۋازا شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپى يەنى ھازىرقى چاسا كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ ساقىيە ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى كەتمەن بازىرى مەھەللىسىگە جايلاشقان. بۇ دەرۋازا نامىنىڭ قاراقىر دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قېچىچا، ئاراباغ، بارىن قاتارلىق كەنتلىرى ئەينى چاغدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قاراقىر يېزىسى دەپ ئاتىلاتتى، شۇڭا شەھەرنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى ئۆزىنىڭ يۇقىرىسىدىكى قاراقىر يېزىسىنىڭ نامى بىلەن قاراقىر دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان».
1825-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يازدۇرۇلغان، راجىھ ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، ئابلا سايىت ھاجى نەشرگە تەييارلىغان «ئافاق خوجا مازىرى ۋەخپىسى»دە مۇنداق ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ: «مازارغا قاراقىرغا تەۋە ياندارمىدىكى بايرىن شور ئېرىقلىق بورياچىلاردىن ئالتۇن-كۈمۈشكە سېتىپ ئالغان تەخمىنەن ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنى، بىنامغا تەۋە يۈز پاتمانلىق يەرنى قوشۇپ جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنى ئۆز مۈلكى تەسەررۇپلىرىدىن چىقىرىپ ۋەخپە مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك تەسەددۇق قىلدى.
قاراقىرغا تەۋە ياندارمىدا ۋەخپە قىلىنغان بىر يۈز ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنىڭ چەك-چېگرىسى:
شەرقىي چېگرىسى يامان يارغا ۋە بەزىسى قارا كۆلگە تۇتاش.
شىمالىي چېگرىسى سېغىزلىق يەرگە، بەزىسى ھىمىتنىڭ بېگى، سامۇ خوجە، قاسىم تۇڭچىلارغا بەرگەن يەرگە ۋە بەزىسى ئايرىلىپ قالغان يىگىرمە پاتمانلىق بىنام يەرگە ۋە بەزىسى ئايىغى لوڭ نىنىڭ قوۋمىنىڭ بۇتخانىسىگە چىقىپ، ئۇشبۇ ۋەخپە يەرگە سۇ كىرىدىغان ئۆستەڭگىچە.
جەنۇبىي چېگرىسى ھەم ئابدۇل باقى بەگنىڭ لەڭگىرىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل بويرىچى يولى. بەزىسى جىلغا ۋە بەزىسى ياندارمىنىڭ شۇبۇ ۋەخپە يەرگە سۇ كىرىدىغان ئۆستەڭ، كالا قوتىنىدىن باشلاپ يامان يارغىچە جىلغا.
قاراقىرغا تەۋە بايرىن كەنتىدە غۇجەك لەنگىرىنىڭ ئالدىدىكى يار ئاغىچە ۋەخپە قىلغان ئالتە غەلبىرلىك يەر». ئادىل مۇھەممەت تۇران «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار» ناملىق ئەسىرىدە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئەسلى قەشقەر شەھىرى بىلەن قوشۇلۇپ، قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى سۇلې بەگلىكىنىڭ مەركىزىي رايونىدىن ئىدى. 1827-يىلى چىڭ سۇلالىسى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولغان ‹قاراقىر› دېگەن يەرگە مۇستەھكەم قورغان سېلىپ شەھەر بىنا قىلدى. نامىنى خەنزۇلار شەھىرى ((汉城دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇرلار قەدىمكى قەشقەر شەھىرىگە ئۇدۇل قارىتىپ بىنا قىلىنغان بۇ شەھەرنى ‹يېڭىشەھەر›دەپ ئاتىدى».
يۇقىرىقى پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر بىز يېڭىشەھەر ناھىيىسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ناھىيە بازىرى مەركىزىدىكى كونا سېپىل ئىچىگە جايلاشقان ئىلگىرىكى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىختىكى ئەسلى نامى قاراقىر بولۇپ، ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا ئەملىي ئېھتىياجقا ئاساسەن بەرپا قىلىنغان. ھازىر سابىق يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1- بىناكارلىق- قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قورۇسى ئىچىدە بىرئاز سېپىل قالدۇقى (ئۇزۇنلۇقى10مېتىرچە، قېلىنقى بىر مېتىرچە) قالغاندىن باشقا، بارلىق ئىزلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن يوقىلىپ كەتكەن.
ھازىر قاراقىر دېگەن بۇ نام پەقەت قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇب تەرىپى يەنى ھازىرقى چاسا كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ ساقىيە ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى كەتمەن بازىرى مەھەللىسىدىكى كوچىنىڭ نامى سۈپىتىدە «قارقى دەرۋازا» دېگەن نام بىلەن ساقلىنىپ قالغان.
قاراقىرنىڭ مەنىسى جەھەتتە «پوپاڭ يەر، قارغا ئاتىدىغان جايغا چىقىدىغان ئېغىز، قاراقچىلار بار جاي» دېگەندەك مەنىلەرنى بەرگۈچىلەر بولدى. بىزنىڭچە بۇ خىل ئىزاھلاش سەل يەڭگىلتەكلىك بولۇپ قالسا كېرەك. بىزدە «قارا» دېگەن سۆزنىڭ «ئۇلۇغ، كەڭ، چوڭ، يوغان، ھەيۋەتلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغانلىقى، «قىر»نىڭ يايلاق، دەريا، ئۆستەڭ، ئېرىق شۇنداقلا چوڭقۇرچاق نەرسىلەرنىڭ پاسىلىنى، چېتىنى يەنى قىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇ ھەقتە «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، 425-بەتتە «قىر- تۆپىلىك، دۆڭ»دېگەن ئۇچۇرمۇ بار. ئابلىمىت ئەھەت بىلەن دىلدار مەمتىمىن تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»دىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقىدەك ئىزاھات بېرىلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياشاش ۋە يەر ناملىرىنى قويۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراقىرنىڭ «كەڭ قىر، كەڭ يايلاق، چوڭ قىر، چوڭ دامبا» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز.
قىسقىسى، يېڭىشەھەرنىڭ ئەسلى نامى سۇلى (سۇللاق، سۇلاغ، سۇلۇق) بولماستىن، بەلكى «قاراقىر»دۇر.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. «قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 1- توم، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن. 1993-يىل نەشرى، 2-، 3- بەتلەر.
2. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىل نەشرى، 40-،41-بەتلەر.
3. «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» 2- توم، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن، 1994-يىل نەشرى، 12-بەت.
4. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى «قەشقەردىكى يادىكارلىقلاردىن تەرمىلەر»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1990-يىل نەشرى.
5. ئادىل مۇھەممەت تۇران: «‹سۇلې›نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1993-يىل 3-سان، 118-بەت.
6. چۇقان ۋەلىخانوف: «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى»، «شىجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2001 -يىل 2-سان، 46-بەت.
7. ئا. ن. كوروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى، 36-، 37-بەتلەر.
8. قەمەرجان قابىل: «قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل – دەرۋازىلىرى»، «شىجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلى 1997-يىل 4-سان 80-بەت.
9. راجىھ ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، ئابلا سايىت ھاجى نەشرگە تەييارلىغان «ئافاق خوجا مازىرى ۋەخپىسى»، «بۇلاق»ژۇرنىلى 2005-يىل 1-سان 31-، 32-، 35-بەتلەر.
10. ئادىل مۇھەممەت تۇران: «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل 9-ئاي نەشرى، 98-بەت.
—————————————————
ئابدۇغېنى سەيدىن
(قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2007 – يىللىق 2 – سان