شائىر ۋە ئۇنىڭ شېئرىيەت دۇنياسى

ئەمەتجان قۇربان (ئۇرغۇ)

ئالەمدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانىسىز مەۋجۇداتلار ، كىشلەر ئېڭىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئەكس ئېتىلىپ كىلىۋاتقان خيالى چىنلىققا ئىگە . سوبكىتىپ ھىسي ئۇقۇملار شېئرىيەت ئىلىمىدە ئۆزىنىڭ ئەكسى ئەتتۈرۈلۈش قىممىتى ۋە رولى ( كۈچ قۇدرىتى ) باردىسەك ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمىز . كىشلەرنىڭ سوبكىتىپ ئېڭىغا ۋە ئوبكىتىپ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىگە ۋاستە ۋە بىۋاستە ھالدا تەسىر كۆرىسىتىدىغان ئىجابى ۋە سەلبى ئامىللارمۇ ، شۇنداقلا ئوبكىتپ ئەمىليەت دائىرىسىدىن ھالىقىپ ئۆتۈپ ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل غايە ، گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرى ، يىراق كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش ئاساسىدا توغۇلۇپ سېھىرلەشكەن ، غايىۋىلەشكەن ، رومانتىك تۈس ئالغان ھىس تۇيغۇلىرىمۇ شېئرىيەتنىڭ ئىپادىلەش ئۆلچىمدىن چەتنەپ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە .
مانا دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا جىلمىيىپ تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ ساددا جىلمىيىشىدىن، يۇلتۇزدەك جىمىرلىشىدىن، بىلنەر بىلىنمەس قىمىرلىشىدىن، ئۆز زىممىسىدە ئېغىر شىئىرى يۈكنىڭ بارلىقىنى بايقىماي تۇرالمايمىز. ئەشۇ شىئېرى يۈكنى پەم ئىتىپ ياشاپ، قەلىمىدىن سىياھ تېمىتماي، بەلكى ئاتەش يۈرىكىدىن قان تېمىتىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شائىر ئۈچۈن ئېيىتقاندا كۆزگە ھەرخىل كۆرۇنۈشتە كۆرىنىدىغان مۇشۇ ئوبىيكىتپ دۇنيا- شائىرنىڭ دۇنياسى. شۇ شائىرنىڭ روھى خەت دەپتىرىدە ئىسىملىكى بار: شائىر ئاشۇ دۇنيانىڭ كۆزەتكۈچىسى، قوغدىغۇچىسى. ئۇ دۇنياغا بىرجۈپ كۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر سالىدۇ، دۇنيانى كۆزىتىدۇ، كۆزەتكەنىدىمۇ يىڭنە چاغلىق بىرەر نەرسە چۈشۈپ قالسا شۇنى تېپىۋالغۇدەك ھالەتتە كۆزىتىدۇ. شائىرنىڭ كۆزىتىش ئەينىكى- مىكروسكوپ.
شىرىلداپ كۆمۈشتەك سۇ ئېقىۋاتقان كىچىك ئېرىقنىڭ ئىككى قېشىدا بىردىن ئىككى ئادەم سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى مېڭىپ كېلۋاتاتتى. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى شائىر ئىدى، يەنە بىرسى ئادەتتىكى ئادەم ئىدى. ھايال ئۆتمەي سۈزۈك سۇ بىتىدە سارغايغان بىرياپراق ئېقىپ كەلدى. ھېلىقى ئادەمنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان سۇدىكى ياپراققا شائىرنىڭ كۆزى چۈشتى، شائىر ماڭغان يولىدىن توختىدى، ھېلىقى ئادەم يولىغا مېڭىۋەردى، شائىر ھەتتا ئارقىسىغىمۇ بۇرۇلۇپ ئۆزىدىن يىراقلاپ سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقان ياپراققا ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى، ئۇ ئىچىدە مۇنۇلارنى پىچىرلىدى: « ئەي ياپراق، قەيەردىن ئېقىپ كەلدىڭ؟ قاياققا بارسىەن؟ سىنى رەھىمسىز كەچ كۈز جۇدۇنى ئانا شېخىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىپتۇ، بۇنىڭغا ھەسرەت چەكمە، باھار كەلگەندە ئانا شېخىڭ يەنە ياپراق چىقىرىپ تەبىئەتنى يىشىللققا ئورايدۇ، دېمەك تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار يوقۇلۇش ۋە يېڭىلىش ھالىتىدە دەۋىرلىنىپ تۇرۇدۇ!» مانا بۇ شائىرنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىدە روياپقا چىققان شىئېر پىكىر، باغلانما تەسەۋۇرى، ئۇ شۇھامان يان خاتىرسىنى ئېلىپ خىيالىدىن كەچكەن پىكىرلىرىگە ئاساسەن، مۇنۇ شىئېرنى خاتىرسىگە پۈكتى:
سۇدا ئېقىپ كەلگەن ئەي ياپراق،
قايدىن كەلدىڭ، مەنزىلىڭ قاياق؟
يېشىللىقىڭ يۇقاپتۇ شاختىن
كۈز جۇدۇنى ئايرىغاچ بىۋاق.
ھەسرەت چەكمە، باھار كەلگەندە
ياپراق چىقار سەندىن يېشىلراق.
بىر-بىرىنىڭ باسار ئىزىنى
دەۋر قىلار ھايات مۇشۇنداق.
دۇنيا بىز ئۈچۈن تېرىتورىيە جەھەتتە تۇلىمۇ كەڭرى. لىكىن شائىر ئۈچۈن ئېيىتقاندا ھەم كەڭرى ھەم تار. ئۇ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان قانۇنيەتلىك ئوبىكتىپ دۇنيا دائىرسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تەسەۋۋۇرىدا ئىجادى ھالدا يېڭى دۇنيا يارتالايدۇ. ئۆزى ياراتقان ئەشۇ يېڭى دۇنيا ئىچىدە تۇرۇپ شېئىر يازغان شائىردىن ھەقىقى شېئىر چىقىدۇ. تاتلىق شېئىر چىقىدۇ، شېئىر بوپتۇ دىگۈدەك شېئىر چىقىدۇ.
شائىر شۇنداق كۈچ قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنكى، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان ئەسلىدىكى دۇنيانى ئەسلى ھالىتىدىن كېڭەيتىۋىتەلەيدۇ ياكى تارايتىۋىتەلەيدۇ. ئۇ دۇنيانى نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ دۇنيادىن شېئر مەھسۇلاتى ئالالايدىغانلا ئىش بولسا دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غېرىپ كەپىسىگە سۇلىۋالامدۇ ۋە ياكى ئۆزى دۇنيا بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كىتەمدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. قايسى بىر ئەدىبنىڭ « يەر شارىغا كەتكەن دەز شائىرنىڭ يۈرىكى ئارقىلىق ئۆتىدۇ » دىگەن سۆزى تۇلىمۇ ئاقىلانە پىكىر.
شېئىرىيەت دۇنياسىنىڭ ماھىيتى شېئىر. شائىر ئەشۇ دۇنيانىڭ ماھىيتىنى قازغاندا، ئەشۇ دۇنيا بوشلىغىدا پەرۋاز قىلغاندا، ھەر قانداق سەت، خۇنىك ۋە رەزىل ئىشلارمۇ شېئىر قەلەندەرى بولۇپ يۈرگەن ( شېئىر ئىزدەپ يۈرگەن ) شائىرنىڭ كۆزىگە تۇلىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا مۇنداق بىر شېئىر ئىلان قىلىنغان ئىدى.
ئوغۇرلۇقچە كىلىپ تاڭ سەھەر،
خانەڭ ئىچىرە تاشلىسام نەزەر.
ئۇخلار ئىدىڭ قولۇڭ كۆكسۈڭدە،
نۇر ئىچىدە ياتقاندەك گۈھەر.
ئويلار ئىدىم: كۆكسۈڭدىكى قول
سىنىڭ بولماي مىنىڭ بولسا گەر….
( ئابدىرىھىم مۇھەممەت )
ئالتە مىسرادىن تۈزۈلگەن بۇ بىر كوپلىت شېئر خېلى ياخشى چىققان(كۆز قارىشىم ) مۇھەببەت لىرىكىسى دەپ ئويلايمەن. شېئىرنىڭ دەسلەپكى ئۈچ مىسراسىدا ئاشىق يىگىت «مەن» نىڭ ئۆز سۆيگىنىنى تاڭ سەھەردە ئوغۇرلۇقچە كىلىپ كۈزەتكەنلىگدەك مەزمۇن ئاممىباپ تىل، بىۋاستە بايانى لىرىكا بىلەن ئەكىس ئەتكەنلىكى ئېنىق. ئوخشىتىش بىلەن ئوبرازلىق شېئرى تىلنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان 4-مىسرا پۈتۈن شېئرغا بەدىئي تۈس بەرگەن. ئەگەر ئاپتۇر ئۇ مىسرانى «قاراپ تۇردۇم ساڭا شۇ قەدەر» ( مىسال ئۈچۈن ) دىگەندەك يەنىلا بايانى جۈملىدىن تۈزۈلگەن مىسرالار بىلەن يازغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ شېئرنى ئوقۇغان كىشىدە قىلچىلىك بەدىئي زوقلىنىش تۇيغۇسى بولمىغان بۇلاتتى. ئاپتۇر بۇ شېئرىنىڭ ئالدىنقى تۆت مىسراسىنى يېزىپ بولۇپ، ئاخىرغا كەلگەندە قەلەم تەۋرەتمەي سەل توختاپ قالغان، «ئاخىردا نىمە دەيمەن؟» دەپ تەسەۋۋۇرىنى يورغۇلاتقان. «كۆيدۈم، پىشتىم،ۋىسالىڭغا يەتمىسەم ئۆلىمەن»دىگەندەك مەززسىز سۆزلەر بىلەن قۇراشتۇرۇلغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن جاق تويغان ئاپتۇر ئاخىردىكى ئىككى مىسرانى شېئرى كەڭلىك، شېئرى مۇھىت ئىچىدە ئۆزنىڭ باغلانما تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن مۇۋاپپىقىيەتلىك يېزىپ چىققان. ئەڭ ئاخىرقى بۇ ئىككى مىسرادا تاتلىق شېئرى پىكىر يۇلتۇزدەك جىمىرلاپ تۇرىدۇ. مۇشۇ شېئرنى دەسلەپ ئوقۇغان چېغىمدا تۇلىمۇ سۈيۈنۈپ كەتكەنلىكىم ھېلىمۇ ئىسىمدە.
شۇنداق كۆز قاراشقا كەلدىم ، شېئر يېزىش ئۈچۈن ياخشى مەزمۇن بولمىسىمۇ تاتلىق گەپ بولسا بۇلىۋىردىكەنغۇ؟
پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەر بىر شەيئى شائىر ھاياتىنىڭ بىر قىسمى. ھەر بىر شەيئى ئەكسىدە شائىر ئۆزىنى كۆرەلەيدىكەن ئۇنداقتا ئۇ شائىردىن ھەقىقى شېئر چىقىدۇ. شائىر ئۆزىنى ھەر قانداق شەيئى بىلەن تەڭ ئورۇندا قۇيىشى كىرەك. شائىرنىڭ يازغان شېئرى بەزىدە شائىرنى يۇشۇرغان بولىدۇ، بەزىدە شائىرنى ئۈستۈن ئورۇندا قۇيىدۇ. ئىمانى ئەركەك، دىلى خالىس، چىن يۈرىكىدىن ھەققانى كالام بىلەن سۆزلەيدىغان شائىرلار ئۆز شېئرى بىلەن تەڭ باراۋەر ياشايدۇ. ھەقىقى شېئر شائىرنى بۈيۈكلىك مۇقامىغا يەتكۈزىدۇ. مۇنەۋۋەر شېئرلاردىكى تېماتىك ئىدىيە شائىرنىڭ سوبىكتىپ كۆز قارىشى، ھىسياتى، مەيدانى بىلەن بىردەك بولىدۇ. پاسسىپ شېئىرلارنىڭ ئۆمرى شائىرنىڭ ئۆمرىدىن قىسقا بولىدۇ. مۇنەۋۋەر شېئىرلارنىڭ ئۆمرى شائىرنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
شېئردىكى چىن ھىسيات، بەدىئي تەسەۋۋۇر، شېئرى تىل، شېئرى كەڭلىك، شېئرى كەيپىيات، شېئرى مۇھىت شائىرنىڭ شېئرىيەت دۇنياسى چەكسىزلىكىدە تۇيۇنسا ئاندىن ئۇ شېئر كونا قاتمال ئىدىيە قېلىپىنى پاچاقلاش بىلەن بىرگە يېڭى ئىدىيە (مۇددىئا ) مۇھىتىنى يارتىدۇ.
روھىييەت ئالىمىدىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىمۇ يېڭىلىق بىزەكلىرى بىلەن بىزەكلەندى. ئوي-تەپەككۇرى قاتمانلىقتىن قۇتۇلدى. تەسەۋۋۇرى، ھىسسي تەلپۈنۈشلىرى، رۇمانتىك تۈس ئالغان ئاجايىپ-غارايىپ ئوي-خىياللىرى ئەركىن قۇش بولۇپ، ئۆزى تەلپۈنگەن ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلدى. ھېس-تۇيغۇسى، قەلىب سىغىندىلىرى بۇلاقتەك ئوخچۇپ تۇردى. ئىتنىك مەدەنىيتى، ئۆرىپ-ئادىتى ۋە قۇيۇق تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى يېڭىچە تۈس قوينىغا ئاستا-ئاستا سڭىپ كىردى. مانا مۇشۇ يېڭىلىقلارنى ئۆزىگە تېماتىك مەزمۇن قىلغان شېئىرىيەتنىڭمۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىچە، ئۆزگىچە شەكىل كېڭىيىش ھاسىل قىلىنىپ، شېئرىيەت بىلەن ئۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوبىكىت ( شەيئي ۋە ئۇقۇم ) تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ كەلدى.
ھازىرقى شېئرىيەت ئىلگىركىگە قارىغاندا زور تەرەققىياتىلارغا ئىرىشتى. مەزمۇن ئۆزگىچىلىكى بىلەن شەكىل كېڭەيمىچىلىكى تەڭپۇڭ ھالەتتە بەدئي جەھەتتىن تۇيۇندى. 80-يىللانىڭ ئاخىردا مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە شېئرلار قىزغىنلىقى بەدىئي تارىخنىڭ سىناقلىرىغا دۈچ كەلدى. شەكىل ۋە مەزمۇن بىردەكلىگى بىلەن يېزىلغان يېڭىچە شېئرلار پۇت تىرەپ تۇرالىدى. قارىغۇلارچە، «قىزغىنلىق»قا ئەگەشكەن مەزمۇنىغا بىپەرۋا ھالدا فورمالىزىم ئېقىمىنى قوغلۇشۇپ يېزىلغان شېئرلار تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىدى. بەلكى بۇنداق شېئرلار پاساھەتلىك، كۆركەم، دەبدەبىلىك سۆزلەرنىڭ تىزمىسىدىن ئىبارەت. بۇ «گىرىمنى ناھايتى قۇيۇق قىلغان ئايال بەك چىرايلىق بولىمىغىنىغا ئوخشاش سۆزلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان شېئر تازا ياخشى شېئر ئەمەس» ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ) بولغىنىغا ئوخشاش.
ئۇيغۇرتىلى كەڭ مەنا قاتلىمىغا ئىگە، يىنىك، يۇمشاق، ئويناق، ئاسان تەلەپپۇز قىلالايدىغان، ئىپادىلەش قۇدرىتى ئىنتايىن زور، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغان ئەۋرىشىم تىل.شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شېئىرىيەتتە قوللىنۋاتقان شېئرى تىلمۇ ئۆزنىڭ پاساھىتى، نەفسلىگى، جەلىپكارلىقى بىلەن بەدىئي ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. شېئرى تىلنىڭ ئوبرازلىقلىقى بولۇپمۇ ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدا ئۆزگىچە نامايەن بولىدۇ. شائىر شېئر يېزىشقا كىرىشكەندە چۇقۇم، ئوبرازلىق شېئرى تىل ئۆتكىلىگە دۇچار بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن بەدىئي ئىپادىلەش ۋاستىلىرىغا كۆپرەك مۇراجەت قىلىشى، ئىجادى ھالدا يېڭىدىن-يېڭى شەيئي ۋە ئۇقۇملارنى ئۆزنىڭ شېئرىيەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، بەدىئي ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بىلەن تۇيۇندۇرۇش كىرەك.
14-15-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىدىن ئاتايى، سەككاكى، لۇتپى، ناۋايى…. قاتارلىق ئۇلۇغ شائىرلار ئەينى دەۋرىدە ئۆز شېئرلىرىدا سۈيگۈ-مۇھەببەت، ۋاپادارلىق….توغرىسىدىكى تېماتىك مەزمۇنلىرىنى يەنىلا ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى كەڭ قوللۇنۇپ تۇرۇپ ئىپادىلىگەن. ئەينى دەۋرىدە ئۇلار شۇنداق ئىزدىنىپ شەيئي ۋە ئۇقۇملارنى مەجازى ۋاستىلەر بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا بىر شېئرىيەت دۇنياسىنى تىكلىگەچكە، بىز ئەۋلاتلارمۇ شۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن بەدئي ئەدەبىيات يۇلىدا مېڭىپ كىلۋاتىمىز. ئەينى دەۋرىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى مىسرالارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:
غۇنچە سەۋۇنۇپ تونىغا سىغماس
ئوخشاتسام ئوقۇڭ بەشاقى بىرلە
-ئاتايى
( كىرپىگىڭنى باشاققا ئوخشاتسام، غۇنچە خۇشال بولۇپ تونىغا سىغمايدۇ ).
ئەي بىگىم، ئۇشبۇيۈز دىگۇل، شەمىس بىلە قەمەرمۇدۇر
ئەي بىگىم،ئۇشبۇ سۆز دىگۇل، شەھىت بىلە شەكەرمىدۇر
-ئاتايى
( ئەي خانىم، يۈزۈڭ يۈز ئەمەس، كۈن بىلەن ئايمۇدۇر ئەي خانىم، سۆزۈڭ سۆز ئەمەس، ھەسەل بىلەن شەكەرمىدۇر
بىرىنىڭ غەبغەبىدۇر سىبى سىيمىن
بىرىنىڭ ئىككى بادامى مۇقەششەر
-ئاتايى
( بىرىنىڭ ئىڭىكى ئاق ئالمىدەك، يەنە بىرىنىڭ قاپاقلىرى ئەڭ ياخشى بادام ).
كۈزۈڭ نەرگىس، ئۇزارىڭ گۈل،قەدىڭ سەرۋى، ساچىڭ سۇمبۇل
…………………………………………………..
-ناۋايى
( كۈزۈڭ نەرگىس، يۈزۈڭ گۈل، قەددىڭ سەرۋە، چېچىڭ سۇمبۇل )
قاراڭ، 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان بۇ كاتتا شائىرلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئەينى دەۋرىدە بۇ شائىرلار قىزلارنىڭ قەددىنى سەرۋەگە، يۈزىنى گۈلگە، ئالمىغا، تۇلۇن ئايغا ۋە قۇياشقا؛ كىرپىگىنى باشاققا؛ كۆزىنى ئاھۇ بۇلاققا؛ سۈزىنى شىكەر؛ ھەسەلگە؛ قاپىقىنى ياخشى بادامغا؛ قېشىنى ھىلال ئايغا؛ ئورغاققا ئوخشۇتۇپ ياكى تەمسىل قىلىپ، شېئرى مۇھىت، شېئرى ئوبراز يارتىشتا ئۆزگىچە خاسلىق ۋە ئۇسلۇب ياراتقان.
ئەمدىچۇ؟ ھازىرقى شېئىيتىمىزگە نەزەر سالدىغان بولساق، يۇقارقى بۇ تەركىبلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ناخشا تىكىستىلىرىدە « تۇلۇنئايدەك جامالىڭ »،«ئاھۇ بۇلاق كۆزلەرىڭ»،«سۇمبۇل ئىكەن ساچلارىڭ»،«شىرىن-شىكەر سۆزلەرىڭ» دەيدىغان سۆز ئىبارىلەر 7ياشتىن 70ياشقىچە بولغان كىشلەرنىڭ ئېغىزىدا خۇددى قانۇنيەتلىك ئاتالغۇدەك يادىلىنىپ يۈرمەكتە.مەن بۇ سۆزنى قەيىت قىلىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر شېئىرىيتىنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەس، بەلكى شېئىرى ئوبراز يارتىشتا شائىر شېئىرى تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىجادى بولغان ئىپادىلەش شەكىللىرىنى قېزىپ چىقىش كىرەك.مەسلەن: قىزلارنىڭ قېشىنى ھىلالئاي ۋە ئورغاقتىن باشقا يەنە قانداق نەرسىلەرگە ئوخشاتساق بولىدۇ؟.قىزلارنىڭ جامالىنى نۇرلۇق قۇياش، تۇلۇنئاي ۋە قىزىل ئالمىدىن باشقا يەنە قانداق نەرسىلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن؟. قىزلارنىڭ كۈزى بۇلاقتىن باشقا نەرسىلەرگە پەقەت ئوخشىمامدۇ؟. …..مانا مۇشۇ جەھەتلەردە قەتئي ئىزدىنىش كىرەك. چۈنكى ئادەمنىڭ بەدەن ئورگانىزىمغا، تۇرقى-سىياقىغا ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان شەيئىيلەر نۇرغۇنغۇ؟ ھازىر گىزىت-ژۇرناللاردا ئىلان قىلنۋاتقان بەزى شېئىرلاردىمۇ بۇ خىل ھالەت مەۋجۇت. مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم 5-6-ئەسىر بۇرۇن دىيىلىپ بولغان، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ تىلىدا نەچچە قېتىم چاينىلىنىپ بولغان بۇ ئوخشۇتۇش شەكىللىرى 21-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ يەنىلا تەكرارلانسا تازا مۇۋاپىق بولماس.
شېئر ئىجادىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان نازۇك سەنئەت. شائىر شېئىرى تىلنى شېئرى مۇھىت ئىچىدە بىزەكلەندۈرۈشى، شېئرى كەڭلىك ئىچىدە تۇيۇندۇرۇش كىرەك. بىزدە نادىر شېئرلار يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە بار. مەملىكەت ۋە خەلقئارا ئەللىرى ئوقۇپ كۆرسە قايىل بولۇپ، باش لىڭشىتقۇدەك شېئرلار بار. خەلقنىڭ شېئىردىن سۇۋۇغىنى يوق، خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدا شېئر تېخى پىتراپ يۈرۈيدۇ.
مىنىڭ بىر تاغام بۇلىدىغان، تاغام ئون يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى:
ئىكىمىز تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
غادىيىپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
ئاخىرى تەڭ بۇلىمىز قەبرە ئالدىدا.
تاغام مەندىن: _ بالام، بۇ كىمنىڭ دىگەن گىپى؟-دەپ سورىغان ئىدى.مەن تەقۋادار، ساۋاتسىز، ھېرىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغان بۇ تاغامنىڭ ئاغزىدىن مەرھۇم شائىر، جامائەت ئەربابى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ بۇ شېئىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئىچىمدە شۇنداق سۈيۈندىم، ھەتتا يىغا تۇتتى. ياخشى يېزىلغان شېئرلارنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان ساۋاتسىز دېھقانلارمۇ بىلىدىكەنغۇ؟
دۇنيا- شېئىرىيەت دۇنياسى، شائىر خەلقنىڭ ساداسى. شائىر تۈرلۈك قىسمەتكە تولغان بۇ دۇنيا قوينىدا قاقاھلاپ كۈلەلىشى، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىيالىشى، يىراق ئۇپۇق گىرۋەكلىرىگە نەزەر تاشلىيالىشى، تۈرلۈك قىسمەتلەر ئۈستىدىن غالىب كىلەلىشى قىسقىسى، ئىنسانىيەتنى كىشلەرنىڭ كۈزىگە ئۈمۈدلۈك روھلۇق كۆرسىتەلىشى كىرەك. ماقالىنى تۆۋەندىكى شېئر بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
مەيلى ئۆتسە ئادەم قانسىراپ،
تېپىلىدۇ قان.
مەيلى ئۆتسە ئادەم جانسىراپ،
تەڭرىدىنلا
تىلىگىلى بۇلىدۇ جان.
شېئرسىراپ كەتمىسۇن دۇنيا،
شېئرسىراپ كەتمىسۇن ھايات.
شېئرسىراپ ئۆتمىسۇن ئادەم،
شېئرسىراش مەنىۋى مامات.
ئادرىسى: مارالبېشى ناھىيە 44-تۆۋەن مىللي 2-مەكتەپ