گۇللەر ئاۋازىدىكى شائېرنىڭ مەڭگۇ تىشى

شائېر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «گۇللەر سوزلەيدۇ »توپلىمىغا باھا

ئابدۇرېشىت سۇلايمان

گۇل توغىرسىدىكى لىرىكىلىق بايانلاردا ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى ئۇستازلارنىڭ باسقان ئىزلىرى ۋۇجۇدىمىزغا «گۇل ئەنئەنىسى »توغۇرلۇق چۇشۇنۇش ،تەپەككۇر قىلىش ئىمكانىيىتى چوڭ شېئىريەت دۇردانىلىرىنى تەقدىم ئەتتى ،ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ قايتىدىن گۇللىنىش،راۋاجلىنىش دەۋرىنى ياراتقان مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتىفى «گۇل ۋە نەۋرۇز »داستانىدا گۇلدىن ئىبارەت جانسىز جىسىمغا تىل پاساھىتىدىكى جەۋھەرلەردىن جان ئاتا قىلىپ ھاياتلىقتىكى گۇزەللىكنىڭ شېئىريەتتىكى ئاھاڭىنى يۇكسەك بەدئىي ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ بەرگەن ئىدى .يىقىندا نەشىردىن چىققان شائېرىمىز ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «گۇللەر سوزلەيدۇ »سەرلەۋىلىك شېئىرلار توپلىمىدىكى گۇللەرمۇ ئەنئەنىۋى تەبىر ئاساسىدىكى گۇزەللىكى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ قەلىمى ئاستىدا خۇش- پۇرىغى ۋە گۇزەللىكىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى .«گۇللەر سوزلەيدۇ»دىكى مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەت ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريىتىدىكى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىريەتتىكى تالانىتىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى .
شائېرنىڭ تەپەككۇردىكى چوڭقۇرلۇق شېئىريەتنىڭ مەنىۋى قىمىمتىدىكى ئىپادىلەش يۇزلىنىشىدە تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇر بىرلىشىپ كەتكەن مەۋجۇتلۇقنىڭ جانسىز جىسمىغا يۇكسەك بەدىئېي تالانىت بىلەن جان ئاتا قىلدى .«گۇللەر سوزلەيدۇ»دىكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىكى يىڭىلىق ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىريەت ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن پاساھەتلىك تىل ،مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەت ،شېئىرىي مەزمۇندىكى كەڭلىك ،نەپىس رەڭدارلىق ،شەكىلدىكى گۇزەللىك ،تىرەن كوچمە مەنە ،گۇمانتىزىملىق ئىپادىلەشتىكى سىھىر ،شەيئىلەرنى كۇزىتىشتىكى نازۇك تەپەككۇر ،…قاتارلىق «تەمسىللىك شېئىريەتتىكى پەللە»نى يۇقىرى بەدىئي ماھارەت چىكىدە ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئوزىنىڭ شېئىريەتتىكى تىل ۋە دىل جەھەتتىكى سەمىمىلىكىنى ئىپادىلىدى .
شېئىريەتتىكى تاشقى ۋە ئىچكى رىتىم كىسىشمىسىدە تۇرۇپ ئوزدىكى بەدىئىي سىرلارنى كىتاپخانلارنىڭ چۇشىنىش دائىرسىگە كىرگۇزۇش جەھەتتىكى ئىزلىنىش شائېر ئوسمانجان ساۋۇت شېئىريىتىنىڭ تىپىك ئالاھىدىكى ،ئۇيغۇر شېئىريەت كىتاپخانلىرىدىكى قاتلام- ۋۇجۇتنىڭ شېئىريەتكە ئىچكىرلەپ كىرىشىدىكى ئىمكانىيەتلەرنى ئەقلى تەپەككۇر ،ھىسسى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئوسمانجان ساۋۇتتىن تاپتى .ھاياتلىقتىكى تۇيغۇ سەمىمىيىتى بىلەن كىتاپخانلارنىڭ قەلىپ ئىشىكىنى توختاۋسىز چىكىپ تۇرغان ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنى شېئىردىن ئىبارەت تەڭداشسىز گۇزەللىك ئولچىمى بىلەن مۇلاھىزە قىلىش ئۇچۇن گۇللەر بىلەن سوزلىشىۋاتقان ئوسمانجان ساۋۇتنى ئاڭلاپ باقايلى .
ئاھ ،ئەجەپ خىسلەتلىك گۇللەرنىڭ تىلى ،
ھەننىۋا قۇلۇپنى مۇدۇرمەي ئاچقان .
قۇلۇپسىز يايرايدۇ يارەنلەر دىلى ،
تاڭلارغا ،تاغلارغا ئىپارلار چاچقان .
يىلىمىز ھەمىشە بولسۇن گۇل يىلى ،
كۇلپەتلەر كۇللەردەك توزۇغان ،
قاچقان !
گۇل ئاغزى ئىچىلدى ،
بىر ئاسمان ،بىر زىمىن ئالەم ئىچىدە
جەۋھەرلەر سوزلەيدۇ گۇللەرنىڭ تىلى .
گۇللەرنى ئالقىدۇق .
……………….
(گۇللەر سوزلەيدۇ )
ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ بىۋاستە سىزىمىدىكى «گۇل »،شېئىرلىرىدىكى تاۋۇشلار بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلغاندا شائېردىكى تالانىتنى قايتىدىن بايقايمىز .ھاياتلىقنىڭ ۋۇجۇتتىكى سۇزۇك نۇرى ئىچىدە خۇش پۇراق چىچىپ تۇرغان گۇلنىڭ تاڭلار ،تاغلار بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن چەكسىزلىكى ئوقۇرمەننى گۇزەللىك قەسىرىگە باشلايدۇ .«گۇللەرنىڭ تىلى »«گۇل ئاغزى ئىچىلدى »«ئەي !!گۇل ،سەن ئاڭا جان بەر »«روھلارنىڭ ۋەسلىگە قىل مەڭگۇ جەۋھەر »…مىسرالىرىدىكى گۇل بىلەن شائېر ئوتتۇرىسىدىكى ئىماگلار ئوقۇرمەنگە گۇزەللىكنى ئىشارەت قىلىدۇ .«شېئىريەتگە قايتىش »چەكلىمىلكىىدىن چىقىپ كەتكەن ئوقۇرمەن شېئىرى تىلدىكى مەۋجۇتلۇقنى، ئىستىتىك قۇرۇلما شەكىللەندۇرگەن پاساھەتلىك تىللىرى بىلەن تاشقى رىتىم مىلۆدىيەسىدە مۇزىكا ئورۇنلاۋاتقان شائېر ئوسمانجان ساۋۇتنى بايقايدۇ .
«گۇللەر سوزلەيدۇ»توپلىمىدىكى تىرەن مەنىلەرگە جاۋاپ تىپىش ئۇچۇن شائېر ياراتقان ئىستىتىك قاتلامنىڭ تارىخ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن سىھرىدىكى لىرىكىلىق ئاۋازغا شەكىلدىن چىقىپ تۇرۇپ ياندىشىش كىرەك .
توپىغا قوشۇلار شېرىن ئوغۇزلار .
ئاھ !ئىغىر يارىدار ئالتۇن يۇلتۇزلار .
ئەجدادىم بىشى بار قۇچاقلىرىدا ،
قىنىمنىڭ نۇرى بار داستانلىرىدا .
مىڭ كوزگە ئايلىنىپ ئالەمنى كورگەن ،
يۇرىكىم كويىدۇ ئوچاقلىرىدا .
————–تۇپراق
كويلەر يىزىپ تۇرۇدۇ ئاپتاپ ،
دېرىزەمدە ھەر تاڭ ،ھەر كۇنى .
تۇرار ئۇندا بىر ھىكمەت چاقناپ ،
ئۆيلىرىمدە نۇرنىڭ كەلكۇنى .
————دەرەخ ۋە يىلتىز ،نۇر ۋە سايىلەر
ئىنساننى تەشكىل قىلىدىغان تەسەۋۋۇر قاتلىمىنىڭ شېئىريەتتىن قايتىشنى رەت قىلىدىغانلىغىنى ،ئالاھىدە ھىسيات توقۇنىشى ئىچىدىكى شائېرنىڭ تىراگدىيە ئىچىدىكى تۇماندا ئازاپ سىرلىرى بىلەن قورشىلىپ رىئاللىقنى چەكسىز سىغىنىدىغانلىغىنى چۇشىنىشنىڭ جانلىق دەلىلى شائېرنىڭ تۇيغۇسىدا ،ھەم ئۇنىڭ تەسەۋۋۇردا .ھىسياتنىڭ ئىچكى مەنىسىدىكى چوڭقۇرلۇق- شېئىريەت مۇلاھىزىلىرىمىزدە ئەقىلنى رەت قىلىش مۇنازىرسى بىلەن خۇلاسىلەنگەن بولسىمۇ «گۇللەر سوزلەيدۇ »توپلىمىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئىشارە قىلىنغان لىرىكىلىق تارىخى بايانلاردىن ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ھىسياتى بىلەن تاناسىپ تۇزگەن تۇيغۇ ھەم تەسەۋۋۇر كورىشىنىڭ ئەقىلنى رەت قىلمايدىغانلىغىنى بىلىۋالدۇق .بۇ جەھەتتە ئەرەپ شېئىريىتىدىكى نوپۇزلۇق شەخىس ،ئىستىداتلىق شائېر مەھمۇت دەرۋىش مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ «ئەي !تىلنىڭ تىلىدىكى بەندىلەر (شائېرلارنى دىمەكچى )،ئەي ئوتكۇنچى سوزلەر ئارا ئوتكۇچىلەر ،ئىسمىڭلارنى ئىلىپ كىتىڭلار .ئەقلىڭلارغا كىرىپ كىلىڭلار ،شېئىر سىلەرگە كولەڭگە بولسۇن .سىلەر ئەقىلنىڭ يىراق جۇلاسىدا تۇرۇپ نۇرنى مۇلاھىزە قىلىسىلەر .سىلەر نۇردا ئەمەس ،نۇر سىلەردە ياشايدۇ .»
ئىنساندىكى گۇزەللىك جەۋھىرىنى گۇلگە تاققاسلاپ تۇرۇپ شېئىرلىرىدىكى ئاھاڭ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن تەسەۋۋۇر بىرلىكىدە مەرغۇل ئورۇنلىغۇچى شائېرلاردىن ئوتتۇرا ئەسىر شېئىريىتىدىكى نىزامىدىن ئەلشىر ناۋائېنى بىلەتتۇق .بىز ئىستىلىسكىدىكى مەرغۇلنى قاپىيە رەڭدارلىغى بىلەن ئولچەشكە باشلىغان 20-ئەسىر ئۇيغۇر شېئىريىتىدە تىل جەۋھەرلىرىدىكى بىرلىكىنى ،شېئىرى تىل مەرغۇلىدىكى كويىۋاتقان لىرىك مۇزىكىنى ئورۇنلىغۇچى شائېرلارنى تاشقى رىتىم ئەۋجىدىكى ئاھاڭغا كوچەپ كەلگەن بولسىمۇ ئىچكى رىتىم تەققازاسى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى« قىينىدى» دەپ ئويلىغان ئىدۇق .بىزنىڭ رىئاللىقتىكى تەسۋىرلىرىمىز رەڭسىزلەشتى ،بىزنىڭ تاشقى،ئىچكى، شەكىلدىكى تەسۋىرلىرىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل ئىپادىلەش قىيىن بولدى .
سوز مەنىلىرىدىكى گۇزەل ئىچىرقاشنى نۇر ئىچىدىن بىزگە قايتۇرۇش بىرىش مەسۇلىيىتىدىكى شائېرلار ئالاھىدە ھىسيات تەپەككۇردا تۇرۇپ سوزلەردىكى سىرلىق ۋە نازۇك كەيپىيات يۇزلىنىشىنى كىتاپخانلارنىڭ قەلبى بىلەن باغلاپ گۇزەل ئىچىرقاشلىرىمىزدىكى بوشلۇقنى سوزلەردىكى سىھىر بىلەن تولدۇرۇپ كەلدى .ئەدىبى تەنىقتچى مۇھەممەت پولات «ئانا يۇرت»رومانىدىكى – «بۇ يەرنىڭ شاماللىرى ،سۇلىرى ،ھەتتا گۇل گىياھلىرىمۇ شوخ،جانلىق ۋە شىئېردەك ھىسياتلىق ،بۇ يەردە ھەممە نەرسە كۇلىۋاتقاندەك ،ھەممىلا نىمە خوجايىندەك ،ھەممىلا نىمە غەمسىزدەك .بوك قارغايلىقلار بىلەن قاپلانغان بەللەردىن كۇۋەرەپ چۇشىۋاتقان قار سۇيى يىڭىدىن يىتىلىۋاتقان ياشلاردەك قىن –قىنىغا پاتماي ئويناقلايدۇ .يامغۇردا تولا يۇيۇنغان توق يېشىل ياپراقلار مۇھەببەت سەۋدالىغىدىكى قىزلارنىڭ كوزلىرىدەك نۇرلۇق ،ھەممىلا يەردىن ئىپار –ئەنبەر پۇرىغى كىلىدۇ .بۇ يەرنىڭ قۇشلىرى سايرىمايدۇ ،بەلكى سوزلەيدۇ .»دىيىلگەن ئابزاستىن نەقىل ئىلىپ ئاھاڭغا كوچكەن قۇشلار توغۇرلۇق بىشارەتلىك گۇزەللىكنى كورسىتىپ بەرگەن ئىدى .قۇشلارنىڭ سوزلىشى بىلەن گۇللەرنىڭ سوزلىشى ئوتتۇرسىدىكى يىقىنلىق كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى «گۇل ۋە بۇلبۇل »داستانىدا خەلىقنىڭ قەلبىگە كوچۇپ ئاشىق –مەشۇق ئوتتۇرسىدىكى مەنە تاللاشتا جانلىق ۋە جانسىز ئىككى ئوبىكتىپ ئارقىلىق قەلىپنىڭ قەلىپكە سوزلىشى ،پىچىرلىشى ئوتتۇرسىدىكى نازۇك تەپەككۇرنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق شېئىردىن لەززەتلىنىش تۇيغۇسىنى تەبىئېي ھالدا شەكىللەندۇرگەن ئىدى .«گۇللەر سوزلەيدۇ »توپلىمىدىكى «تەڭرىتاغدىن ئەسكەن شاماللار »«قىزغىنىش »«لەپىلدەپ قار ياققان ئاشۇ ئاخشىمى »«ئۇۋا 1-2-3-4-5-»«ئا ، غا بىغىشلاشلاردىن 1-2-3»«كەل ،شائېرە»«قۇلۇپلاپ قويايمۇ گۇزەللىكىڭنى»«ئون توققۇز يىشىمغا قايىتسام ناۋادا…»«ئىپار كىيىك ئىزلەپ چۆللەردە »«نۇرىپەنىڭ كۆزى »«سىرىم بار ئاخشىمى ئايغا ئورالغان »…قاتارلىق لىرىكىلاردىمۇ شائېر قەلىپكە سوزلەش يولىنىشىنى شۇ قەدەر ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئوز سەزگۇسىدىكى ئالاھىدە تۇيغۇنى ئوقۇرمەنلەرگە سەمىمىلىك بىلەن تەقدىم ئەتتى .
تاش بولغىن يۇرۇكىم ،تاش بول ئەمدى سەن ،
تۇيمايلا ئۇزاتتىڭ يۇمران چىغىڭنى .
تاش بولساڭ ،ئالەمدە ياشايسەن ئۇزاق ،
ئەكىسچە ،قىلىسەن ۋەيران بىغىڭنى .
——————تاش بولغىن ،يۇرۇكىم .
«گۇللەر سوزلەيدۇ»توپلىمىدىكى شېئىرلاردا شائېر ئوسمانجان ساۋۇت تاشقى رىتىم ئەۋجىدىكى قاپىيە ،ۋەزىن رەڭدارلىغى بىلەن مۇزىكىلىق سۇكىناتىمىزغا لىرىكىلىق كوي ئاتا قىلىش ئۇچۇن شېئىرى پىكىرلەرنىڭ ئىجادىي ھەم يىڭى بولىشىغا ،شېئىرلىرىدىكى« مەقسەت»نىڭ ئالاھىدە ھىسيات ئارقا كورىنىشى بىلەن خاراكتىرلىنىدىغانلىغىغا ،شېئىرلىرىدىكى باياننىڭ يەڭگىل ۋە راۋانلىغىغا ،ئوزىنىڭ شېئىريەتتىكى خاسلىغىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ كوچەش ئارقىلىق گۇلنىڭ مەۋجۇتلىغىدىكى چوڭقۇرلۇققا ئىچكىرلەپ كىرىش ئۇچۇن ئىستىلىسكىلىق ۋاستىلەرنىڭ تەبىئې ياردىمى بىلەن تەسەۋۇر كورىشى قىلغان .
رەڭگارەڭ كويىدۇ گۇللەر چىمەندە ،
گۇللەردەك بۇ جېنىم گۇللەرگە ئامراق .
ئاجايىپ بىر قامەت چاقنار ئىمەندە ،
كوتىرىپ تۇرۇدۇ ئۇزلۇقنى بايراق .
تاڭلارغا ئوخشايدۇ بىر يۇمران بالا ،
بىر ئۆينىڭ يورۇقى ،تىڭى ئۇ مانا.
شۇ يۇمران مەندۇرمەن ،مۇڭگۇزى سالا ،
(قۇت مايە قويدۇڭغۇ تېنىمگە ئانا !)
(روھ جىلۋىلىرى )
…………………..
«رەڭگارەڭ كويىدۇ گۇللەر چىمەندە »«ئاجايىپ بىر قامەت چاقنار ئىمەندە »بۇ مىسرالاردىكى لىرىكىلىق تەنلىقنىلەردىن بىلىشكە بولىدىكى تاسقالغان سوزلەردىكى مەنە لەھجىلىرىدىن چوڭقۇرلۇق ،پاساھەتلىك ،ئىخچاملىق مومكىنچىلىكىنى ،شېئىرىي تەسەۋۋۇر قىمىمتىدىكى لىرىكىلىق ئورۇنلانغان مۇزىكا مىلۇدىيەسىنى بايقاش تەس ئەمەس .بولۇپمۇ «قىزغىنىش »«قۇياش ئانا ھەققىدە داستان »«دوستۇمغا »«ئانا بىلىقنىڭ بىلىجانغا ئىيىتقانلىرى »«يالغۇزلۇق ..»قاتارلىق شېئىرلاردىكى مۇزىكا رىتىمىدىكى لەھزىلەر توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ مۇزىكا تىلى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .
«گۇللەر سوزلەيدۇ»توپلىمىدىكى مۇھاقىپىيەت شائېرنىڭ كىتاپخانلارنىڭ ھىس تۇيغۇسى بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىگىدە ئىپادىلىنىلىدۇ .توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى گۇزەللىك بىلەن تارتۇقلاش جەريانى رىئاللىقتا مەۋجۇت بولغان ھەركەتجان جەرياننىڭ سىرلىق سەنئەت تەسەۋۇرى بىلەن يۇغۇرلۇپ كىتىشى بىلەن گۇلدىن ئىبارەت ئوبىكتىپقا جان ئاتا قىلىشىدا .«گۇللەر سوزلەيدۇ »توپلىمىدىكى كەڭرى ئىچىۋىتىلگەن بەلگە ئىستىلىسكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھىسياتنىڭ يوقلۇقتىكى ماھىيتىگە ئىچكىرلەپ كىرگەن .شائېر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «گۇللەر سوزلەيدۇ »توپلىمىدىكى ئىستىلىسكىلىق جىلۋىنى ﯮﻛﺘﺎﯞﯨﯯ ﭘﺎﺯۋە ئادىل تۇنىيازنىڭ توۋەندىكى پارچىلىرىدىكى نەقىل بىلەن خۇلاسىلەيمىز .
ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖﻳﺎﺗﺎﺗﺘﯩﯔ
ﻗﺎﺭ ﭼﯘﻗﯘسىدىكى ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﺘﻪﻙ
ﮔﯘﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﺪﯨﻜﻰ ئاۋازدەك
ﯞﺍﻗﯩﺖ ،
ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ
ﺋﻮﻳﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻛﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ
ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﯘخلاﯟﺍﺗﻘﺎﻥ گۇزەلىكلەرنى
ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻛﯘﻧﺪﯗﺯﺩﻩﻙ
گۇللەرگە ،يەنىلا ئاشۇ گۇللەرگە.!
ﯮﻛﺘﺎﯞﯨﯯ ﭘﺎﺯ(گۇللەر ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ)
«گۇللەر ئىچىلدى ،گۇللەر سۆزلىدى .قار توزىدى ،مەنىسىزلىكتىن كىشىلەر مەنە ئىزلەۋاتقان دەۋىردە شائېر تۇغۇلدى »(ئادىل تۇنىياز –شائېرنى چۇشىنىش )
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۇنى (يەكەن )