«ئاقيول»نىڭ تۇنجى جۇلاسى

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

ئۇيغۇر شېئىرىيىتى باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئاخىرقى مەنزىلى چەكسىزلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان يولدا كېتىپ بارغان سىرلىق كارۋانغا ئوخشايدۇ . بىز بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلمىساقمۇ، ئاشۇ سىرلىق كارۋاننىڭ قانچىلىغان داۋان ۋە ئۆتكەللەردىن ھالقىپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم . ئۇ ماڭغان يوللارنىڭ ئاقىرىپ نۇرلانغان چاغلىرىمۇ، قارىيىپ خىرەلەشكەن چاغلىرىمۇ بولغان . لېكىن، شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئانىسى بولغان خەلقىمىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئاق يول تىلەپ كەلدى . شۇڭا بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز ئالۋۇنلۇق يوللاردا يۇلتۇزدەك جىلۋىسىنى يوقىتىپ قويمىدى.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە يېڭى بىر جىلۋىلىنىش، يېڭى بىر نۇرلىنىش بارلىققا كەلدى . ئاشۇ جىلۋىلىنىش ۋە نۇرلىنىشتىمۇ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ بولدى . شۇ چاغدا بىز «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى بىر ئاق يولىنى كۆرگەندەك بولغانىدۇق . شۇ چاغدا دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن بىر تۈركۈم ياش شائىرلىرىمىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزدىكى بېكىنمىلىك، تۇرغۇنلۇق، تەقلىدچىلىك، شوئارۋازلىق، تەكرارلىق قاتارلىق پاسسىپ ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىچە بىر سادانى ياڭراتقانىدى . ئەنە شۇ سادا دەسلەپتە تېڭىرقاش، يېتىرقاش، ئىشەنچسىزلىك ھالەتلىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلالمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە يېڭى بىر يۈكسىلىش، يېڭى بىر نۇرلىنىش ئېلىپ كەلدى . ياش شائىرلىرىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى جاسارىتى پېشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياش شائىرلىرىمىزغىمۇ ئۆزلىرى يېزىۋاتقان شېئىرلىرى ھەققىدە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىش سىگنالىنى چالدى . شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، شۇ چاغدا بىر تۈركۈم شېئىرلار ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى . تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى قاتماللىق، سۈنئىيلىك، زورۇقۇش، تەكرارلىق، ياسالمىلىق قاتارلىقلار چۆرۈپ تاشلىنىپ ھەقىقىي شېئىرىي مۇھىت ۋە بەدىئىي مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈردى . بۇ شېئىرلاردىكى جەزبىدار ئۆزگىچىلىك بىزنىڭ پېشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياش شائىرلىرىمىز شېئىرلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەسر، ھېكايە ۋە باشقا ژانىرلارمۇ يېڭى شېئىرىيىتىمىزنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىگە يېڭىچە يول تېپىشقا باشلىدى . 80-يىللاردا باشلانغان ئاشۇ بىر تۈركۈم شېئىرلار ئۆزلىرىدىكى ئىچكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، شائىر ۋۇجۇدىنى چۈشەپ قويىدىغان خىلمۇخىل قاتماللىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلققە بېغىشلانغان يېڭى شېئىرىيىتىمىزنىڭ بۈگۈنىنى بارلىققا كەلتۈرەلىدى.
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ «ئاقيول» رېستورانى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى «ئاقيول» نامىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىزلىنىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىشلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر . مەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا بېرىلىۋاتقان ئاقيول نامىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى شېئىرلارنى ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . مەن ئۇنىڭدىكى بەزى شېئىرلاردىن شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئاق يولىدا يېڭى شېئىرىي مەنزىلگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . مەسىلەن، شائىر مۇختار بۇغرانىڭ «سۆيگۈسىز كوچا» ناملىق شېئىرىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالارنى كۆرۈپ باقايلى:
بىر چاغدىكى غالجىر ئىتلارمۇ،
يول بويىدا ئالار شېرىن دەم.
ۋىسال قۇچتۇق دەيسەنۇ ئەمما،
ئۇچرىمايدۇ ئادەمدەك ئادەم.
بۇ مىسرالار «سۆيگۈسىز كوچا»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇپلېتى بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن شائىرنىڭ قەلبىدىن ئېتىلىپ چىققان ئاچچىق لىرىكىنىڭ مەسخىرىلىك ساداسىنى ئاڭلايمىز . شائىر بۇ شېئىردا تىلغا ئالغان كوچا بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزگە تۇتىشىپ تۇرغان سىرلىق كوچا، ئۇنىڭدا بىز تەشنا بولغان ئىنسانىي سۆيگۈ، ئادىمىيلىك، ۋاپادارلىق، ئىزگۈلۈك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەر كۆرۈنمەيدۇ . كۈندىن-كۈنگە ياتلىشىپ، ئۆز ئەسلىنى يوقاتقان مۇھەببەتلىك قەلبنىڭ لەنىتىگە ئۇچراۋاتقان ئاشۇ «سۆيگۈسىز كوچا» ئوقۇرمەنلەرنى ئادىمىيلىك، سۆيگۈ-مۇھەببەت، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ . مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ شېئىرنىڭ «ئۇچرىمايدۇ ئادەمدەك ئادەم» دېگەن ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى خۇددى ئېسىل بىر مۇزىكىنىڭ ياڭراق ئەۋجىدەك قەلبىمنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سېلىپ، بىزنىڭ ياتلاشقان روھىمىزغا تىغ ئۇرىدۇ . مەن ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقاندىمۇ، كوچىلاردا كېتىۋاتقاندىمۇ ۋە يەنە باشقا يىغىلىشلاردا يۈرگەن چاغلىرىمدىمۇ قەلبىمدە ئاشۇ مىسرا ياڭراپ، مېنى «ئادەمدەك ئادەم» بولۇشقا ئۈندەيدۇ . مۇختار بۇغرا قەلبىدە يارىتىلغان شېئىرىي كوچا، شېئىرىي مۇھىت مېنى ئادىمىيلىكنىڭ تەبىرى ھەققىدە يېڭى بىر نۇقتىدىن قايتىدىن ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
شېئىرىي مۇھىت — شائىر قەلبىدىكى مۇھىتنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن چىرمىشىش ئاساسىدا يېڭىدىن تۆرەلگەن مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزى ئەمەس، شېئىرىي مۇھىتنى شائىر قەلبىدىكى مەڭگۈ پىنھان مۇھىت بىلەن تەڭلەشتۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس . بىز ئېيتىۋاتقان شېئىرىي مۇھىت شائىر قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك پىنھانلىققا قانچە يېقىنلاشسا ئۇ ئۆزىدىكى شېئىرىي يارقىنلىقنى شۇنچە نۇرلاندۇرالايدۇ.
مەن ئەمدى ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «سۇ تالىشىش» ناملىق شېئىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن.
سۇ — يەر شارىدىكى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسە . ئۇ بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنىڭ مەنبەسى . سۇ بولمىسا بىزنىڭ ھېچنەرسىمىز بولمايدۇ . مەن بۇرۇن سۇ ھەققىدىكى نۇرغۇن شېئىرلارنى ئوقۇغان بولساممۇ، ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «سۇ تالىشىش» ناملىق شېئىرىدىن ئۆزگىچە بىر بەدىئىي لەززەتكە ئىگە بولدۇم.
تالاشقاندەك ئىككى قەبىلە،
ئون تۆت ياشلىق رەسىدە قىزنى.
بىر توپ تەلۋە زوراۋانلاردىن،
تالىشىمەن بىر ئېچىق سۇنى.
……
ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا،
يۈرىكىمدە ئاقىدۇ دەريا.
ئاشىق بولدۇم بىر ئېچىق سۇغا…
.. . …
سەن زېمىننىڭ ئەمەس مېنىڭكى،
دەريا ئەمەس، بىر تامچىدۇرسەن.
ئوردىسىدا سۇ شاھىنىڭكى.
.. . …
سۇ چاچىدۇ
چېچىشىدۇ گۈل
مەن ئالماقچى بولغان گۈزەللەر.
يۇقىرىقىلار «سۇ تالىشىش» شېئىرىنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغان مىسرالار . لېكىن مەن بۇ شېئىردىكى ھەربىر مىسرانى ئوقۇغىنىمدا سۇ ھەققىدىكى يېڭى بىر مۇزىكىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم . شېئىرنىڭ تىلى بەدىئىي ۋە راۋان، خەلق تىلىدەك ئاددىي ۋە جانلىق، مۇزىكىدەك ياڭراق ۋە سېھىرلىك . مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇش ئارقىلىق شېئىرلىرىمىزنى خەلقنىڭ جانلىق تىلى بىلەنمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.
يېقىندىن بېرى بەزى ياش شائىرلىرىمىزدا شېئىرىي تىلنى خەلق تىلىدىن يىراقلاشتۇرۇش، سۈنئىيلەشتۈرۈش، زورلاپ يالتىراقلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ . بۇ خىل ھادىسە شېئىرىيىتىمىزنى خەلقتىن يىراقلاشتۇرسا يىراقلاشتۇرىدىكى، يېقىنلاشتۇرالمايدۇ . شېئىرىيەت ئۆز خەلقىگە قانچە يېقىنلاشسا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى شۇنچە نامايان قىلىدۇ . چۈنكى ھەربىر مىللەت شېئىرىيىتىنىڭ يىلتىزى ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە بولىدۇ . خەلقتىن ئايرىلىش شېئىرنى يىلتىزسىز دەرەخكە، سۈنئىي گۈلگە ئوخشىتىپ قويىدۇ.
مېنىڭچە، ياخشى بىر شېئىردا ستېرېئولۇق كۈي بولغاندىن باشقا، خەلق قەلبىگە سىڭىپ كېتەلەيدىغان سېھىرلىك چۆچەكمۇ بولۇشى كېرەك . چۆچەكلىك خۇسۇسىيەت شېئىرىيەتنى مەڭگۈلۈك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ . يۇقىرىقى شېئىرنىڭ تۆۋەندىكى كۇپلېتىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئىككى ئېرىق، ئىككى قەبىلە،
بىر-بىرىنى قىلىدۇ قەتلە.
ئېرىقتىكى قىزنى دېمىسە،
ئەپ ئۆتەتتى مەڭگۈ-مەڭگۈگە.
بۇ كۇپلېتتىن بىز خۇددى بىر چۆچەكنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز . بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ تىلى، روھى ئۆز خەلقىمىزنى مەنبە قىلسا بۇ ھەقىقەتەن كارامەت ئىش بولىدىكەن . بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شېئىرىي تىلنى جانلاندۇرىدۇ.
«شائىرنى شائىر قىلىدىغان تىل، ئۇ مىللەتنىڭ روھىدىن كېلىدۇ» . شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ بۇ سۆزى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىز شېئىرىي تىلنى خەلق تىلىدىكى تەبىئىيلىككە قانچە يېقىنلاشتۇرساق ئۇنىڭ بەدىئىي كۈچى شۇنچە ئاشىدۇ.
«ھەقىقىي مەنىدىكى شائىر پەقەتلا خەلق . ئۇ گۈزەل ئەپسانە، رىۋايەت، بېيىت-قوشاق، داستانلىرى بىلەن زاماندىن-زامانغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ . خەلق مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ تىلى ھايات بولىدۇ . شېئىرىيەت تىلى خەلقتىن كېلىدۇ . خەلق تىل خەزىنىسى، شائىرنىڭ ئۇنى بىر-بىرلەپ ئىزدىشىگە، بىر-بىرلەپ يىغىشىغا، مەنىلەرنى ئىنچىكىلەپ پەرقلەندۈرۈشىگە، تاۋلىشىغا، يۈكسەك بەدىئىي پەللىگە كۆتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ . بۇ جەھەتتە شائىر دېڭىزدىن مەرۋايىت ئىزدىگۈچى غەۋغاسقا ئوخشايدۇ» . مەن «سۇ تالىشىش» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ، شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ يېڭى دەلىلىنى كۆرگەندەك بولدۇم . «سۇ تالىشىش»تا سۈنئىي، ياسالما سۆز بىرىكمىلىرى مەۋجۇت ئەمەس . ئۇنىڭ تىلى خەلق قوشاقلىرىدەك ئاددىي ۋە تەبىئىي، يېقىشلىق ۋە يېقىملىق . خەلقنىڭ ساددا تىلىنى شېئىرىي تىلغا ئايلاندۇرۇش شائىرنىڭ ماھارىتىگە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىگە باغلىق . ئەمدى بىز «سۇ تالىشىش»نىڭ بىرىنچى كۇپلېتىنى ئوقۇپ باقايلى:
شۇنچە مەرغۇل، شۇنچە لىۋەنسەن،
شۇنچە شېرىن، نازۇك بەدەنسەن.
ئويناقشىشىڭ دۇلدۇلدۇر گويا،
كۈيلەشلىرىڭ بۇلبۇلدۇر گويا.
تەبىئىي ئېقىننىڭ شىلدىرلىشىنى ئەسلىتىدىغان بۇ مىسرالاردا، خەلق تىلىدىكى پاساھەت شائىرنىڭ ماھارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزگىچە شېئىرىي قىممەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇنىڭ ئەكسىچە بەزى شائىرلىرىمىزدا بەدىئىي قىممەتنى سۈنئىي، ياسالما سۆزلەردىن ئىزدەيدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت . ئۇ شېئىرىي تىلنىڭ تەبىئىيلىكىنى بۇزۇپلا قالماي، شېئىرنى خەلقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ . ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى شېئىرلاردا «تەلۋە ساداقەت»، «تىۋىشسىز جىمجىتلىق»، «مۇجۇلغان يالغۇزلۇق»، «غازاڭنىڭ چۈشى»، «سارغۇچ كۈلكە»، «يېشىل چۈش»، «ھازىدار موھتاجلىق»، «مۇقەددەس ھاياجان»، «قاقشال يۈرەك»، «باراقسان تىلەك» دېگەندەك پۇراقلىق يېڭى ئىبارىلەر پەيدا بولۇپ قالدى . بۇ خىل سۆز بىرىكمىلىرى دەسلەپكى چاغلاردا شېئىرىي تىلىڭىزغا يېڭى تۈس بەرگەندەك قىلغان بولسىمۇ، ئاشۇنداق ياسالمىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى شەكىلۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ھازىر بۇ خىل ياسالمىلارنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان يېڭى تۇيغۇسى تۈگەپ كونا قاتماللىقنى نامايان قىلىدىغان بولدى . ئەگەر بۇ خىل ھالەت ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە ئۇ شېئىرىي تىلىمىزدىكى يېڭى بىر نۇقسانغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئەمدى غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «دۇتارچى ئايال» دېگەن شېئىرىدىكى بەزى مىسرالارنى كۆرۈپ باقايلى:
بارمىقىڭ چاپتۇرۇپ كېلەر قىقاسلاپ،
تارلارنىڭ ئۈستىدە ساناقسىز ئاتنى.
.. . …
ھېلىقى كوچىغا باشلىدىڭ يەنە،
يارىمنىڭ كۆڭلىكى قىپقىزىل ئىدى.
.. . …
مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ يامان ئوغرى،
تۇتۇلماي كەلگەن ئۇ ناخشا ئىچىدە.

گەرچە يۇقىرىقى مىسرالارمۇ بۇ شېئىرنىڭ ئۇيەر-بۇ يېرىدىن يۇلىۋېلىنغان بولسىمۇ، دۇتارچى ئايال ۋە ئۇ ياڭراتقان سېھىرلىك كۈيگە ھايات ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۆلمەس ئەقىدىسى سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . شېئىردىكى دۇتار شېئىرنى روشەن مىللىيەتكە ئىگە قىلغان . شۇڭا شۇ شېئىردىن پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان جەزبىدار كۈي تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ . ئاشۇ كۈي زوقلانغۇچىلارنى بۇ شېئىردا ئاۋۇندەك جىلۋىلىنىۋاتقان شېئىرىي مەنە ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.
ئۆرگىلەي ئاسماندا ئايىڭ بولمىسا،
قايتمايمەن تېمىڭنى ئۆرۈپ كېچىدە.
بۇ مىسرالار شېئىرنى مەڭگۈلۈك چۆچەك دۇنياسىغا چېتىپ، ئۇنى ئۆلمەس بەدىئىي قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ . بۇ شېئىرنىڭ بىر ئۇچى ھايات ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى كۈيگە تۇتاشسا، يەنە بىر ئۇچى ھايات ھەققىدىكى مەڭگۈلۈك چۆچەكلەرگە تۇتىشىدۇ.
بىر چىنە قىزىق چاي، ھور ئۆرلەپ تۇرغان،
كېلەر ئېخ، گۈپپىدە ئىچكۈم ھاياتنى.
شائىرنىڭ ھاياتقا بولغان سۆيگۈسى تولىمۇ يېقىشلىق، مەرى ئىسسىق سۆزلەر بىلەن يارقىن ئىپادىلەنگەن . «بىر چىنە قىزىق چاي» بۇ بىز ھەر كۈنى ئىشلىتىپ تۇرىدىغان ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان دېھقانمۇ يۈزدەيۈز ئىشىنىدىغان ئاددىي سۆز . لېكىن، ئۇ شائىرنىڭ ماھارىتى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە شېئىرىي تىلغا ئايلانغان . بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، خەلق تىلى شېئىرىي تىلنىڭ ئانىسى.
«ئۇقۇم قانچە ئاددىي ۋە ئېتىبارسىز قارىلىپ كەلگەن ھالەتتىمۇ، مىسرادا تېگىشلىك جايىنى تاپسىلا كىشىلەرنى نېمىشقا مېنىڭ خىيالىمغا كەلمىگەندۇ دېگۈزۈزېتىدۇ . سۆز ھېسسىياتتىن ئېقىپ چىقىدۇ . ئۇ قانچە تەبىئىي بولسا شۇنچە يارقىن بولىدۇ . خەلق تىلىنى بىر خىل يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك» . شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ بۇ سۆزىمۇ شائىرنىڭ خەلق تىلىنى ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە بېشارەت بېرىدۇ . دېمەك، مەن «دۇتارچى ئايال» دېگەن ئۈچ كۇپلېت شېئىرنى ئوقۇغىنىمدا خۇددى دۇتار بىلەن ئورۇندالغان ياخشى بىر كۈينى ئاڭلىغاندەك بولدۇم . بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاشتا مۇكاپاتلانماي قالغان يەنە بىر مۇنچە شېئىرلار بار . ئۇلاردىمۇ مەن بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەدىئىي يارقىنلىقلار چاقناپ تۇرىدۇ . مەن سۆزۈمنى تۆۋەندىكى تىلىكىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
شېئىرىيىتىمىز ئاق يوللۇق بولسۇن!