ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.