ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار

ئاپتورى: گۈلنار تىيىپ

ئۈرۈمچى شەھىرى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ مەركىزى. ئۈرۈمچىدە يەتتە رايون، بىر ناھىيە، ئىككى ئېچىش رايونى بار. ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ئۈرۈمچىگە مەبلەخ سالىدىغان شۇنداقلا، تىجارەت قىلغىلى، ياشىغىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇردى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى بىرنەچچە كان، كارخانىسى بار سانائەت ئاساسى ئاجىز شەھەردىن، 3مىڭدىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسىغا ئىگە گۈللىنىۋاتقان ئونىۋېرسال سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەر نوپوسىمۇ كۆپۈيۈپ 2مىليوندىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققى قىلىۋاتقان مەركىزى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى باشقا چوڭ شەھەرلەرگە ئوخشاش ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز شەھەر كەنت يېزىلاردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەمىنلىگەن ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 1990-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى تەخمىنەن156مىڭ 465بولغان، 2000-يىلى 295مىڭ 301 ئادەمگە يەتكەن. ھازىر شەھىرىمىزدە تەخمىنەن400مىڭ كۆچمە نوپۇس بار. بۇ پەقەت تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى بولۇپ، ئەمەلى سان بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، تەخمىنەن %60كىشى كەسپ، كەلگەن يۇرتىنى ئاساس قىلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئىش ئورنىدا تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %20 ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە ئائىلە خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن%10ئەتراپىدا.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى زور بىر تۈركۈم كۆچمە نوپۇس ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ جەنۇپ، شىمال رايونلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر مەلۇم نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار مەركەزلىك ھالدا سايباغ رايونى ۋە تىيانشان رايونىغا جايلاشقان. بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى، بۇلاقبېشى كوچىسى(سەنشىخاڭزا)، قاسراقلىق تاغ(خېيجاسەن) قاتارلىق ئورۇنلار ئۇلار ئاساسلىق توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن، ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلار ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغانلاردىن تەشكىل قىلىنغانلار بولغاچقا، ئۈرۈمچىلىكلەردە باشقا جايدىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش خاھىشى يوق. قىسقىسى، ئۈرۈمچىلىكلەر ئەتراپىدىكى ياقا يۇرتلۇقلارغا كۆنۈك. ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق، ئۈرۈمچىلىكلەر ئۆزلىرى بىلەن بىر جايدا ياشاپ، بىر جايدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىجتىمائى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. مەن تۆۋەندە قايناق ئۈرۈمچى تۇرمۇشىغا ئىنتاھىن يېقىن ، شۇنداقلا ئىنتاھىن يىراق ھىساپلىنىدىغان ياقا يۇرتلۇقلار مەھەللىلىرىدە ياشايدىغانلار ئۈستىدە نۇختىلىق توختىلىمەن.
بەيگە مەيدانىدىكى داۋەن جەنۇبى مەھەللىسى. ئەسلىدىكى باخۇلياڭ كەنتى. (كەنت ئاھالىلىرىنى شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكۈزگىلى 3يىل بولدى.) ئەسلىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىپ سىرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن. مەھەللىدە 25كوچا بار. كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى 5مىڭدىن ئاشىدۇ. مەھەللىدىكى 70%ئاھالە خوتەنلىك. %30تى ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەنلەر. ئاھالىنىڭ ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان كەسپى- قۇشخانىدا قوي سويىدۇ. كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە زاسۈيلىرىنى يىغىپ رېستۇران كەچلىك بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ پۇل تاپىدىغانلارمۇ بار، ئاز بىر قىسمى باققاللىق، سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يەنە بىر قىسمى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. % 80ئايال ئائىلىدە ئولتۇرىدۇ. % 20تى ئەرلەر بىلەن قۇشخانىغا چىقىپ، ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى قىلىدۇ.
داۋەن جەنۇبى مەھەللىسىگە كىرسىڭىز ئىككى، ئۈچ، ھەتتا تۆت قەۋەت قىلىپ زىچ سېلىنغان ئۆيلەر ئاندا ساندا ئۇچرايدىغان «خوتەن ئاشخانىسى»، «خوتەن ساتىراشخانىسى» دىگەندەك ۋىۋىسكىلار سىزدە خوتەننىڭ بىرەر ناھىيىسىگە كېلىپ قالغاندەك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىراق، خوتەنگە بارغانلا بولسىڭىز، بۇ مەھەللىنىڭ خوتەن مەھەللىلىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ئىككى قەۋەتلىكتىن تۆت قەۋەتلىككىچە سېلىنغان بىنالارنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە بىر ئىككى ئېغىزلىقدىن بەشتىن ئونغىچە بولغان ئۆي چاسا شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە بوشلۇك ئورتاق پائالىيەت بوشلىقى قىلىنغان، بىراق كۆپۈنچە بىنالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولمىغانلىقتىن، كۈن نۇرى يېتەرلىك ئەمەس. ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرمايدۇ. بىنانىڭ ئىچىدىكى پائالىيەت سورۇنى كىچىك بولغاچقا، بالىلار قىشمۇ، ياز كوچىغا چىقىپ ئوينايدۇ. شۇڭا، مەھەللىگە كىرىپ قالسىڭىز سىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى توپ توپ بولۇپ ئويناۋاتقان كىچىك بالىلار. ئاھالىلەر كومۇتىتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا 5مىڭ نەپەر كۆچمە نوپۇس ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 1 مىڭ 300نەپىرى 4ياشتىن كىچىك بالىلار ئىكەن. 5ياشتىن 16ياشقىچە بولغان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ سانىمۇ 1000ئەتراپىدا ئىكەن. مەن بۇ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كەلدىم.
1-، ئۈرۈمچىگە چىققىلى 10يىلدىن ئاشقانلار شۇ رايوندىكى كۆچمە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلگىلى 12يىل بولغان ھاشىم كېرىم ئۆزىدىن بۇرۇن چىققانلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان. ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن ئىش ئوقەتنىڭ يۇرتتىكىدىن ياخشىلىقىنى بىلگەن ۋە بالىلىرىنى كېلىشكە دەۋەت قىلغان. شۇندىن كېيىن تۆت بالىسى ئارقا ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ھازىر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى قۇشخانىدا قوي ، كالا سويۇپ پۇل تاپىدۇ. ئۆزى بولسا بەش ئالتە يىلدىن بۇيان قۇشخانىغا چىقماي ئۆزى ئولتۇرىۋاتقان ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ يىللىقىنى ئىجارىگە ئېلىپ، باشقىلارغا قايتا ئىجارىگە بېرىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ. ھاشىم ئاكىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۆزىنىڭ تۇرتكىسى بىلەن دېھقانچىلىقتىن قول ئۈزۈپ ئۈرۈمچىگە چىققانلار ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى بارا بارا ياخشىلىۋالغانلارنىڭ سانى ئۇرۇق تۇققان، تونۇش بىلىش بولۇپ 20، 30كىشىگە بېرىپ قاپتۇ. ھاشىم ئاكا مۇنداق دىدى: ھازىر بۇ جايغا كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتىدۇ. پۇل تېپىشمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەس. ھازىر مال ئالغاندا تالىشىپ تۇرۇپ ئالىدىغان، مال ساتقاندا بولسا رىقابەت ئىلگىرىكىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ تۇرمۇش يۇرتتىكىدىن سەل ياخشى بولىدىكەن. شۇڭا پۇل تېپىش تەسلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ تۇرىۋاتىمىز.
2-، ئۈرۈمچىگە چىقىش، مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولغان.
خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 10يىل بولغان پاتەمخان باققاللىق قىلىدۇ. يولدىشى بولسا بەيگە مەيدانىدا كىراكەشلىك قىلىدۇ. يۇرتىدىكى چېغىدا چوڭ ئىككى بالىسىنى ئوقۇتمىغان پاتەمخان ھازىر كىچىك ئىككى بالىسىنى ئوقۇتۇۋاتىدۇ. قىزى شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە 7-سىنىپتا ئوقۇيدۇ. كىچىكى شەھەرلىك 74-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. پاتەمخاننىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاختىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ « بىز ئوقۇيالمىغان، بالا بولسىمۇ ئوقۇسۇن » دەيدىغان ئىدىيىسى بارغانسېرى كۈچەيگەن. پاتەمخاننىڭ قىزى شەرۋانەم مۇنداق دىدى: سىنىپتا ماڭا ئوخشاش كۆچمە نوپۇس بالىلار خېلى كۆپ، بىز ئۈرۈمچىلىك بالىلارغا ئوخشاش ئوقۇش، كىتاپ پۇلى تاپشۇرىمىز. بەزىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى تېخى ئۈرۈمچىلىك بالىلاردىن ياخشى. بۇ مەھەللىدە ئىككى بالىسىنى تەجرىبە سىنىپىدا ئوقۇتىۋاتقان ئامىنىخاننى ھەممەيلەن بىلىدۇ. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە چىققىلى 11يىل بولغان ئامىنىخاننىڭ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، يولدىشى 2002-يىلى قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، يولدىشىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بالىلىرىنى يەنە داۋاملىق ئوقۇتقان. ئامىنىخان يېرىم كېچىدە ئەرلەر بىلەن قۇشخانىغا بىللە چىقىدۇ. ئۇنىڭ قۇشخانىدا قىلىدىغان ئىشى ماي يىغىپ سېتىش. ئۇ شۇ ئىشىغا تايىنىپ ئىككى بالىسىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئاساسلىق بەيگە مەيدانىدىكى كۆچمە نوپۇسنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان 74-باشلانغۇچ مەكتەپتە 9سىنىپ بولۇپ، 14سىنىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. 1-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇغۇچى كۆپ، سىنىپ ئاز» بولۇش سەۋەبىدىن ئەتتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن ئالمىشىپ ئوقۇيدىكەن. مەكتەپتە 6ياشتىن 16ياشقىچە بولغان بالىلاردىن جەمى 550ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ %98تى كۆچمە نوپۇسنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن.
3-، يۆتكۈلۈپ تۇرىدىغان تۇرمۇش بالىلارنىڭ قەلبىنى زېدە قىلدى، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگە بولغان مېھرىنى سۇسلاشتۇرالمىدى.
كۆچمە نوپۇس توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاش رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار كۆچۈپ تۇرىدۇ. قايسى جاينىڭ ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولسا، قايسى جاي ئىش قىلىدىغان يېرىگە يېقىن بولسا شۇ جايغا كۆچىدۇ. ئاتا ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن بالىلار گەرچە يۇرتىدا ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە قالغان بالىلارغا قارىغاندا بەختلىك بولسىمۇ بىراق ئۇلار ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇش ئىنتاھىن زېرىكىشلىك تۇيىلىدۇ. تار مۇھىت، بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان دوستلىرىدىن ئايرىلىش ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. بۇ خىل روھى ھالەت مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان بالىلاردا تېخىمۇ ئېغىر.
ئۈرۈمچىگە كەلگىلى بىر يېرىم يىل بولغان 12ياشلىق مەمەت ئەنە شۇنداق روھى ھالەتتىكى بالىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئاتىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 4يىل بوپتۇ. قەشقەردە 6-سىنىپقىچە ئوقۇغان بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئوقۇش، كىتاپ پۇلىنى تۆلەشتىن قېچىپ ھۈنەرگە بېرىپتۇ. ساتراشلىق ھۈنىرىنى ئۈگۈنىۋاتقان مەمەت ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇشى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: خوتەندە دېھقانچىلىق قىلاتتۇق. تۇرمۇشىمىز ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، كۆڭۈللۈك ئىدى. زېرىكىش ھىس قىلىپ قالمايتتۇق. بۇ جايدا دوستلۇرۇم يوق، باش چۆكۈرۈپ ھۈنەر ئۈگۈنۈمەن. بەزىدە شۇنداق ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ. بىراق مەن ئۇنىڭدىن بۇندىن كېيىنكى ئارزۇسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا ئۇ ھىچ ئىككىلەنمەستىنلا ھۈنەرنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئۇستامنى، ئاتا-ئانامنى رازى قىلسام دەپ ئويلايمەن، دىدى. دىمەك، زېرىكىش، سېغىنىش بالىلارنىڭ قەلبىنى زېدە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار تىرىشىپ ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇشقا ماسلىشىشقا ھەركەت قىلىدۇ. كەلگۈسىدە يېزىغا قايتىپ دېھقان بولۇشنى ئويلايدىغانلار يوق دىيەرلىك.
4-، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى پۇل تېپىش، ئەڭ قورقىدىغىنى ئاغرىپ قېلىش. ئۇلار ئۈرۈمچىگە پۇل تاپقىلى كېلىدۇ. پۇل بولسا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىغا ئوخشاش مائارىپ، داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ئاغرىپ قالسا، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ كۆپلىكىدىن تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانىغا خەشلەپ تۈگۈتۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان. ئاغرىپ قالسا پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدۇ.
5-ئوقۇش، ماتىرىيال پۇلى بىر قىسىم بالىلارنى يەنىلا مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرماقتا.
ھۆكۈمەت سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن رايون ئاتلاش پۇلىنى بىكار قىلدى. بىراق ئوقۇش، ماتىرىيال پۇلى يەنىلا بىر قىسىم بالىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا قېلىشىغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. مەن داۋەن جەنۇبى مەھەللىسىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىش داۋامىدا مەكتەپ يېشىدىكى خېلى كۆپ بىر قىسىم بالىنىڭ يەنىلا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇ رايوندىكى كۆچمە نوپۇسنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ 74-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: بىز ئالدىمىزغا كەلگەن بالىلارنى قايتۇرمىدۇق. قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىر بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرىۋەتتۇق. بىراق، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش ئىمكانىيىتى بار ئاتا-ئانىلار ئىچىدە بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيدىغانلار ھەقىقەتەن يوق ئەمەس.
قەشقەردىن چىققىنىغا 2يىل بولغان ئايشەمخان مەكتەپ يېشىدىكى ئىككىلا بالىسىنى مەكتەپكە بەرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر مەۋسۇمدە ئىككىسىنىڭ ئوقۇش ماتىرىيال پۇلىنى تۆلەش، يولدىشى كېسەل كارىۋىتىدا ياتىدىغان بۇ ئايالغا ئېغىر توختىغان ئىدى. بۇ مەھەللىنى ئارىلىسىڭىز بىر ئائىلىدە مەكتەپ يېشىدىكى ئىككى ئۈچ بالا بولسا ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپ، سەل چوڭلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك، ياكى قىز پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرمەي، ئوغۇل پەرزەنتىنى مەكتەپكە بېرىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ.
بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى قوش قۇتلۇق مەھەللىسى.
قوش قۇتلۇق مەھەللىسى جەنۇبى ئازاتلىق يولى مەھەللە ئىش باشقارمىسى قارمىغىدىكى13ئاھالىلەر كومۇتىتى ئىچىدە، كۆچمە نوپۇس سانى بىرقەدەر كۆپ مەھەللىلەرنىڭ بىرى. بۇ مەھەللىدە ئولتۇرىدىغان مۇقىم نوپۇس 924ئائىلە ، 2مىڭ 904 كىشى، تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمە نوپۇس 288ئائىلە 657كىشى بولۇپ، تەخمىنەن ھەر تۆت ئادەمنىڭ بىرى كۆچمە نوپۇس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتۇش، قەشقەردىن كەلگەنلەر تەخمىنەن %60نى تەشكىل قىلىدۇ. خوتەن، ئاقسۇدىن كەلگەنلەر تەخمىنەن %30ئەتراپىدا، باشقا جايلاردىن كەلگەنلەر تەخمىنەن%10ئەتراپىدا. ئۇلارنىڭ بىرقىسمى كونا مال يىغىدۇ. بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى كونا مال بازىرىدا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن يىققان كونا ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرى، كونا كىيىم كېچەك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساتىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى بۇلاق بېشى كوچىسى، دۆڭ كۆۋرۈكتىكى سودا بازارلىرىدا رەخ، ياغلىق، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
پىچانلىق گۈلنىسانىڭ ئۈرۈمچىگە چىققىنىغا 5يىل بولغان. 5يىلدىن بۇيان باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا يىققان پۇللىرىنى دەسمى قىلىپ ئابلىز سودا سارىيىدا بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ ياغلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دىدى: مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، ئىش ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە چىقتىم. ئۈرۈمچىدە باشقىلارغا ئىشلەپ پۇل يىغىپ، ئاخىرى دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆز ئالدىمغا دۇكان ئاشتىم. تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇل بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ، قوساق بېقىپ ئۆتىۋاتىمەن. ھازىر تىجارەت قىلىدىغانلار كۆپ. تىجارەتتە كۆپ پايدا ئالىدىغان ئىش يوق. شۇنداقتىمۇ يۇرتۇمغا قايتىپ، دېھقان بولۇشنى خالىمايمەن.
مەخمۇتجاننىڭ ئاتۇشتىن ئۈرۈمچىگە چىققىنىغا 7يىل بولدى. دەسلەپ ئۈرۈمچىگە چىققاندا ھارۋا سۆرەپ باققالچىلىق قىلاتتى. يولدا ھارۋا سۆرەپ تىجارەت قىلىش چەكلەنگەندىن كېيىن، بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى سودا بازىرىدا كىيىم كېچەك يايمىسى ئاشتى. 8ياشلىق قىزىنى نىمىشقا ئوقۇتمىغانلىقىنى سورىسام، « ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگىدەك ئىقتىسادىمىز يوق» دىدى.
رەخ تىجارىتى قىلىدىغان مۆمۈن ئاكىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىققىنىغا 20يىل بولۇپ قالدى. مۆمۈنكامنىڭ ئارقىسىدىن ئۈرۈمچىگە چىققان ئۇرۇق تۇققان، تونۇش بىلىشلىرى 20، 30ئائىلىگە يېتىدۇ. مۆمۈنكامنىڭ ھازىر سېتىۋالغان بىر يۈرۈش ئۆيى، بىر دۇكىنى بار. ئىجارىگە ئېلىپ ئېچىۋاتقان دۇكىنىدىن ئىككىسى بار. 6بالىسىنىڭ ھەممىسى تىجارەتكە ياردەملىشىدۇ.
دېھقانچىلىقنى تاشلاپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە چىققىنىغا10يىل بولغان مەمەتنىڭ ئىككى بالىسى قەشقەردە ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ئۆزى بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى قوش قۇتلۇق مەھەللىسىدە باشقىلارنىڭ بىر ئېغىزلىق ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. پايپاق سېتىپ تاپقان پۇلى بىلەن گايىدا ئۆي ئىجارىسىگە ئاران چىقىشىپ ئۆتىدۇ. گاھىدا ئازراق ئېشىنىپ يۇرتىدىكى خوتۇن بالىلىرىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ نۆۋەت ئايالى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. دوختۇرخانىغا كۆرسەتسە، ئوپىراتسىيە قىلىمىز دەپتۇ. 10مىڭ يۈئەنسىز دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقالمايدىكەن. ئۇ قاتتىق ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ«ئۇ يەردىن قوغلىسا بۇ يەرگە مۆكۈپ، بۇ يەردىن قوغلىسا ئۇ يەرگە قېچىپ تاپقان پۇلۇم خوتۇنۇمنى داۋالىتىشقىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. مۇشۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلار ئىچىدە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 20يىلدىن ئاشقانلارمۇ بار. يېڭى كەلگەنلەرمۇ بار. تىجارىتى روناق تېپىۋاتقانلارمۇ، دەسمايىسى ئاز، تىجارىتى ئاقمايۋاتقانلارمۇ بار. بالىلىرىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ ئوقۇتىۋاتقانلارمۇ بار. ئوقۇش ماتىرىيال پۇلىغا چىقىش قىلالماي بالىلىرىنى ئوقۇتالمايۋاتقانلارمۇ بار. ماڭا ئوخشاش بالىلىرىنى يۇرتتا قويۇپ، ئۆزى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان. تاپقان پۇلى قوساق بېقىشقا ئاران يېتىۋاتقانلارمۇ بار. بىزنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمىز- ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىش. چۈنكى، ئاغرىپ قالساق، ياكى ئائىلىمىزدىكى بىرەرى ئاغرىپ قالسا نەچچە يىل تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇقتا ھارۋا سۆرەپ، ياكى يايما يېيىپ تاپقان پۇلىمىز يوق بولىدىغان گەپ. شۇنداقتىمۇ، شەخسەن مەن يۇرتقا قايتىپ كېتىشنى خالىمايمەن. يۇرتقا قايتسام تېرىيدىغان يەر يوق. تىجارەت پۇرسىتى تېخىمۇ ئاز.
قاسراقلىق تاغ (خېيجاسەن) ئالدى مەھەللىسى
كونىلار تاغ ئىچىدىكى تاش ئارىسىدىن چىقىدىغان بۇلاقنىڭ نامى بىلەن تاغنىڭ نامىنى «تاش بۇلاق» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بۇلاقنىڭ كۆزى ئاللىقاچان ئېتىلىپ قالغان. قارا نوپۇسلۇقلار تېغى دەيدىغانلارمۇ بار. 2714ئائىلە، 9مىڭ814 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە %70نوپۇس كۆچمە نوپۇس. قاسراقلىق تاغدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر پەلەمپەي شەكىلدە سېلىنغان. تاغ ئۈستىگە چىقىپ قارىسىڭىز، ئۆيلەر دۆڭدىن تۆۋەنگە سېرىلگەن سەرەڭگە قاپلىرىغا ئوخشايدۇ. كوچىلىرى تار. بەزى كوچىلارنى ئارىلىسىڭىز، كۆزىڭىزگە كىچىك بالىلارنىڭ چوڭ كىچىك تەرەتلىرى، ئەخلەت كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. بۇ جايدىكى %70ئائىلىدە سۇ تۇرۇبىسى يوق، يۇندا قۇدۇقى يوق. ھاجەتخانا كونا شەكىلدىكى ھاجەتخانا بولۇپ، پات پات توشۇپ كېتىدۇ. ئەسلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىيىلىنىش ئېرىقى ئېرىق بويىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئەخلەت، يۈندا تۆكىدىغان يېرىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان كۆچمە نوپۇسنىڭ بىر قىسمى قۇشخانىدا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. يەنە بىر قىسمى قۇرۇلۇش چاقىدىغان ئورۇنلاردا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. كونا مال يىغىدىغانلار، ساتىدىغانلارمۇ بار. ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەن قاسراقلىق تاغ ئالدى مەھەللىسىدە زىيارەتتە بولدۇم. قاسراقلىق تاغ ئالدى مەھەللىسىدە 1823ئائىلە، 6922 كۆچمە نوپۇس بار. كۆچمە نوپۇس ئومۇمى نوپۇسنىڭ %70نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقىنىغا 10يىلدىن 40يىلغىچە ۋاقىت بولغان ئائىلە 500گە يېتىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىدىن 300دىن ئارتۇق بالا بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلار ئاساسلىقى 40-باشلانغۇچ مەكتەپ، 44-باشلانغۇچ مەكتەپ، 31-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
ئالدى مەھەللە 3-كوچىدا ئولتۇرىدىغان پاتەمخاننى كىشىلەر تېخى ئۇنتىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ دەل تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋېلىپ چوڭ قىلغان ، بالا كېسەل بولۇپ قالغاندا قېنىنى سېتىپ بالىنى داۋالاتقان، كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئىش ئىزلىرى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان. بالىلار ئوقۇشلىقىدىمۇ ئۇنىڭ ھىكايىسى بار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، پاتەمخان ئانا شۇ. پاتەمخان 2ياش ۋاختىدا ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 46يىل بوپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى 70يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تارقاقلاشتۇرۇشتا قاسراقلىق تاققا تارقاقلاشتۇرۇلغان 19ئائىلىلىكنىڭ قاتارىدا قاسراقلىق تاغدا كۆرسۈتۈپ بەرگەن يەرگە ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ يالغۇز قىزى پاتەمخان شۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە دادىسى غۇلجىلىق، ئانىسى ئانىسى خوتەنلىك بولۇپ، خوتەندە، غۇلجىدا ئۇرۇق تۇققانلىرى بارمۇ يوقمۇ، بىلمەيدىكەن. ئۈرۈمچىدە بېقىۋالغان قىزى تۈگەپ كەتكەندىن بېرى يولدىشى بىلەن يالغۇز قاپتۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى قاسراقلىق تاققا تارقاقلاشتۇرۇلغاندا بېرىلگەن ھۆججەت يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق نەرسە قالمىغان. ئۇنىڭدا نە بىرەر ئورۇنغا تەۋەلىك نوپوس ئىسپاتى تۇرماق، قولىدا نوپۇس بولمىغانلىقتىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسىمۇ يوق ئىكەن. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ« كىملىك تارقىتىلغىنىغا ئۇزاق يىللار بولۇپ كەتتى. مەندە شۇ نەرسە يوق. بۇ دۇنيادىن قارا نوپۇس بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمەن» دىدى. مەن ئەر ئايال ئىككىسىدىن نىمە ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلار ھارۋا بىلەن مەھەللىمۇ مەھەللە يۈرۈپ، كونا مال يىغىپ، ساتىدىغانلىقىنى، ئېيتتى.
ئامانگۈلنىڭ يولدىشىغا ئەگىشىپ كۈچادىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 3يىل بولدى. قاسراقلىق تاغدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. يولدىشىنىڭ تېرىچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ، بىر بالىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتىدۇ. مەن ئامانگۈلدىن «ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرمۇش شارائىتىڭلاردا ياخشىلىنىش بولدىمۇ، دەپ سورىدىم. ئامانگۈل تۇرۇپ كېتىپ شۇنداق دىدى: يۇرتتا يېزىدا تۇراتتۇق، ئۆي ئۆزىمىزنىڭ، ھويلىمىزدا تۇرۇبا بار، ھاجەتخانىمىز بار. يولدىشىم ئۈرۈمچىگە كەتكەندە يالغۇزلۇق تارتىپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، يۇرتىمىزدىكى شارائىت ياخشى ئىدى. بۇ يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەردە تۇرىۋاتىمىز، يولدۇشۇممۇ بىز يېنىدا بولغاچقا تىجارىتىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. بىراق، ھويلىدا تۇرۇبا يوق، يۇندا قۇدۇقىمۇ يوق. بىر تۇڭ سۇنى بەش يۈئەنگە سېتىۋېلىپ ئىچىمىز. شارائىت تازا ياخشى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ئىجارىسى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئەرزان بولغاچقا، مۇشۇ يەردە ئولتۇرىۋاتىمىز.
بۇ يىل 45ياشقا كىرگەن قوپاخۇننىڭ 3بالىسى بار. 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان ۋە قاسراقلىق تاققا ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاتنىڭ ھەممىسىنىڭ يا نوپۇسى، يا يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتى يوق. قوپاخۇن قولىدا كىملىك يوق سەۋەپلىك، ھەتتا تام چاقىدىغان ئىشقىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. 22ياشقا كىرگەن ئوغلى مەھەللىدىن قىلىپ بەرگەن ئىسپات بىلەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. قوپاخۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ« بالامنى ئالى مەكتەپتىمۇ ئوقۇتالماسلىقىم مۇمكىن. چۈنكى بالىنىڭ نوپۇسى يوق، نوپۇس بولمىسا كىملىك ئىشلەپ بەرمەيدۇ. بالامنىڭ ھەتتا ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىش سالاھىيىتىمۇ بولمايدۇ» دىدى.
قاسراقلىق تاغ تەۋەسىدە يا يۇرتتا نوپۇسى يوق، يا ئۈرۈمچىدە نوپۇسى يوق كىشىلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ھارۋا سۆرەپ كونا بۇيۇملارنى يىغىپ، ياكى مەھەللىدىن ئىسپات ئېلىپ ياللىنىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلار خېلى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى نوپۇس، تەۋەلىك مەسىلىسى بىلەن، قاسراقلىق تاغنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىكەن. چۈنكى، بالىلارنى ئوقۇتۇش، خاتىرجەم تىجارەت قىلىش ئۈچۈن نوپۇس، كىملىك كېرەك بولىدۇ. كۆپۈنچىلىرىنىڭ قولىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىك ھەققىدە ئىسپات يوق. ئۇلار بۇنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يېتىپتۇ.
يامالىق تېغى قار لەيلىسى مەھەللىسى
سايۋاغ رايونىنىڭ غەربى جەنۇپ بۇرجىكىگە جايلاشقان يامالىق تېغىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 48كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمى نوپۇس 53مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس 27مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئومۇمى نوپۇسنىڭ %52نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى %60ئاقما نوپۇس ئاز سانلىق مىللەت. ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا جەمەت بويىچە، بىر يۇرتلۇقلار، قىلىدىغان كەسپى ئوخشاشلار بىر مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆپ قىسىم ئاھالىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن. مۇقىم خىزمىتى يوق. كۆپۈنچىلىرى قۇرۇلۇش چاقىدىغان ئورۇنلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلارمۇ بار. ئەخلەت تېزىش، كونا بۇيۇملارنى يىغىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلارمۇ. شەھەر ئىچىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار. يامالىق تېغىدا 15ئاھالىلەر كومۇتىتى بار. يامالىق تېغىنى ئۆزگەرتىشكە ھۆكۈمەت ھەر يىلى10مىليون يۈئەنگە يېقىن مەبلەخ ئاجرىتىۋاتىدۇ. يامالىق تېغىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، يامالىق تېغى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئورمان رايونى، داڭلىق ساياھەت نۇقتىسىغا، شەھىرىمىزنىڭ ئۆپكىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. مەن يامالىق تېغىدىكى كۆچمە نوپۇس ئارىسىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە %70ئاھالىسى كۆچۈرۈۋېتىلگەن قار لەيلىسى مەھەللىسىدە ئېلىپ باردىم.
قار لەيلىسى مەھەللىسىگە كىرسىڭىز، ئىلگىرىكى قويۇق مەھەللىدىن، زىچ سېلىنغان ئۆيلەردىن ئەسەرمۇ يوق. قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا بىرنەچچە رەتلا ئۆي قالغان.
قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 25يىل بولغان سەمەت سەلەينىڭ يامالىق تېغىدا سېلىۋالغان 150كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان 4ئېغىزلىق ئۆيى بار. 20يىل باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ، كېيىنكى يىللىرى ئۆيىنىڭ بىر ئېغىزىنى كۆكتات، ئۇششاق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ساتىدىغان دۇكان قىلىۋالغان. ئۇنىڭ قولىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى رايوندىن بېرىلگەن، ئۆي پۇلى ئۈچۈن تۆلەش تەلەپ قىلىنغان 1600يۈئەننىڭ 300يۈئەنىنى تۆلىگەنلىك ئىسپاتىدىن باشقا ھىچقانداق ھۆججىتى يوق. سەمەت ئاكا بىرنەچچە يىل بۇرۇن ۋاقىتلىق نوپۇس بېجىرىش ئۈچۈن يۇرتىدىكى ئاللىقاچان ئۆچۈرۈۋېتىلگەن نوپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىملىك ئىشلەتكەن.
ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 10يىلدىن ئاشقان گۈلنىساخاننىڭ يامالىق تېغىدا تۇرىۋاتقىنىغا 10يىلدىن ئاشتى. 10يىلدىن بۇيان يولدىشىنىڭ سودا شەھەرچىسىدە ئامبارغا قاراپ تاپقان پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ كېلىۋېتىپتۇ. گۈلنىساخان مۇنداق دىدى: بىزنىڭ مەھەللە چېقىلسا، ئاياقتىكى مەھەللىگە كۆچىمىز. مەكتەپ بۇ يەردىكى ئۆيلەر چېقىلىپ، ئوقۇغۇچى قالمىغىچە بالا ئوقۇتىدىكەن. ئاياقتىكى مەھەللىلەرمۇ چېقىلسا، نەدە ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولسا شۇ يەرگە كۆچۈپ كېتىمىز. رايوندىن بالىلارنىڭ قايسى مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. مەكتەپ تونۇشتۇرۇش قىلىپ بەرسە، رايون ئاتلاش ھەققى ئالمايدىكەن. ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق بالىمىزنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالماسمىز. قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىۋىنى 1996-يىلى ھۆكۈمەت تۇرغۇن مەبلەخ سېلىپ، يامالىق تېغىدىكى كۆچمە نوپۇس پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپ دەسلەپ قۇرۇلغاندا 360ئوقۇغۇچى بىلەن دەرس باشلىغان، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكەن يىلى بىر قىسىم ئاھالىلەر كۆچۈپ كەتكىچە 1200ئەتراپىد بولۇپ كەلگەن. بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ يۇرتىغا كېتىش، باشقا رايونلارغا كۆچۈپ كېتىش سەۋەبى بىلەن ئوقۇغۇچى سانى 600گە چۈشۈپ قالغان. قار لەيلىسى مەكتىۋى مەملىكىتىمىزدىكى تۈنجى كۆچمە نوپۇس پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سېلىنغان تۈنجى مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەملىكەت دائىرىسىدە نامى بار، ئوقۇتۇش سۈپىتى خېلى يۇقۇرى مەكتەپلەرنىڭ بىرى. ئۇ مەكتەپتە ھازىرغىچە ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى. يامالىق تېغىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، پەرزەنتلىرىنىڭ مۇنتىزىم تەربىيىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن كۆز يۇمغۇسىز تۆھپە قوشتى. مەن زىيارەت قىلغان ئاھالىلەر بالىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا بۇ مەكتەپنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەشتى.
كۆچمە نوپۇس مەسىلىسى شەھىرىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇۋاپىق، ئىلمى ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كۆچمە نوپۇسنىڭ شەھىرىمىز تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىرى بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆچمە نوپۇسنىڭ شەھىرىمىزگە كېلىشتىكى ئالدىنقى مەقسىتى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش. مەيلى ئۈرۈمچىدە قانداق جايدا، نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللانمىسۇن تۇرمۇش شارائىتى ئەسلىدىكىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق بولغاچقا، ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشنى تاللاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە يېنىپ كېتىۋاتقانلارمۇ بار. بۇ نوپۇس ئەنە شۇنداق ئالمىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆچمە نوپۇسنىڭ شەھىرىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى تەھلىل قىلساق، ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە شەھىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. 1- شەھەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆچمە نوپۇسنىڭ بىر قىسمى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئېغىر ئەمگەكنى ئۈستىگە ئالغان. شەھىرىمىزدىكى ئېغىر، پاسكىنا خىزمەتنى قىلىۋاتقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى كۆچمە نوپۇس. 2-، شەھەرنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى موللاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. كۆچمە نوپۇس شەھىرىمىزنىڭ سودا، يىمەك ئىچمەك، مۇلازىمەت، رېمونتچىلىق، ئائىلە مۇلازىمىتى، سېتىش كەسپلىرىگە سىڭىپ كىرىپ شەھىرىمىزنىڭ2-ۋە 3-كەسپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 3-، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى تېزلەتتى. بازارنى ئاۋاتلاشتۇردى. كۆچمە نوپۇس ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كىرىپ، شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى. 4-، شەھىرىمىز ئىستىمالىنى يۇقۇرى كۆتەردى. زور بىر تۈركۈم ئاقما نوپۇس شەھىرىمىزگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يىمەك، ئىچمىكى، كىيىم كېچىكى، ئولتىراق ئۆي ئېھتىياجى زور ئىستىمال مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى.
ئۇلارنىڭ شەھىرىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان پاسسىپ تەسىرىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بۇنى يەنە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. 1- شەھەرنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شەھىرىمىزدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشى بىلەن ئولتىراق ئۆي قىس بولۇش، قاتناش زىچ بولۇش، تۇرمۇش مۇھىتى كۆركەم بولماسلىق، جەمئىيەت ئامانلىقى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. 2- شەھەرنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بېسىم پەيدا قىلدى. سۇ ، توك بىلەن تەمىنلەش، مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت تازىلىقى، ئولتىراق ئۆي بېسىمى ئېشىپ كەتتى. 3-، شەھەر مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر قىسىم كۆچمە نوپۇس رايونلىرىنىڭ كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئەخلەت، كېرەكسىز سۇنى سىرتتىكى خالىغان جايغا تۆكىدۇ. ئۇلار تۆپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ كۆپۈنچىلىرىدە بىر تۇتاش ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلاش تېخى ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان بولغاچقا، قىش پەسلى ئۇلارنىڭ تورالغۇلىرىدىن چىققان كېرەكسىز ئىس ئاتمۇسفىرانى بۇلغايدۇ.
مەن كۆچمە نوپۇس ئارىسىدا ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش داۋامىدا ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بايقىدىم. بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە دەل ھۆكۈمەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، تەتقىق قىلىۋاتقان، ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە تەدرىجى ھەل قىلىۋاتقان مەسىلىلەر.
1-، ھىچقانداق سالاھىيەت ئىسپاتى يوق كىشىلەر مەسىلىسى. بۇ خىل ئەھۋال ئۈرۈمچىگە كەلگىلى 10يىلدىن 40يىلغىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا بار ئىكەن. بۇنداق كىشىلەر قاسراقلىق تاغ، يامالىق تېغىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلە ۋاختىدا ھەل قىلىنمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەش، تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 2-، ئاقما نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى. ھازىر ئۈرۈمچىدە 70مىڭغا يېقىن ئوقۇش يېشىدىكى كۆچمە نوپۇس بولۇپ، ئۇلار شەھىرىمىزدىكى 36مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4\1نى تەشكىل قىلىدۇ. نۆۋەتتە شەھىرىمىزدىكى مەكتەپلەردا ئوقۇغۇچى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۈت. بىر سىنىپتا 60تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان ئەھۋال بىر قىسىم مەكتەپلەردە مەۋجۈت. 3-، ئۇلارنىڭ تورالغۇ ئۆي مەسىلىسى. بۇ مەسىلىمۇ ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يامالىق تېغىدىكى مەسىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆچمە نوپۇسنىڭ بىر قىسمى بىر مەھەللە چېقىلسا يەنە بىر مەھەللىگە كۆچىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، رايوننى ئۆزگەرتىش بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ياخشى ئويلۇشۇش زۆرۈر. ئۇنداق قىلىنمايدىكەن، بۇ مەسىلىنىڭ ئايىغى چىقمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. 4- «شەھەردىكى يېزا » يەنى كۆچمە نوپۇس توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتى جەھەتتىكى پەرقىنى بارغانسېرى كىچىكلىتىش، يەنى كۆچمە نوپۇس ئاھالىلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئولتۇراق ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت، مۇھىت بىلەن بولغان ئۇچرۇشۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ پايدىسى جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كۆرۈلىدۇ. 5-، كۆچمە نوپۇس ئىچىدە ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭمۇ كۆچمە نوپۇسنىڭ شەھىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كەلتۈرۈدىغان يوشۇرۇن خەۋپىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ. مەسىلەن: يۇرتىدىن چىققاندا قانداق ئىسپاتلارنى ئېلىۋېلىش، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئاھالىلەر كومۇتىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلاش، ياللىنىپ ئىشلىگۈچىلەر بىلەن قانداق توختام تۈزۈش، توختامنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرىدىغان پايدىسى….قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىدە كۆچمە نوپۇسلار ئۆزلىرى ئالاھىدە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق.