ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ قوراللىنىشى

ئاپتۇرى: ياۋۇز

1. ﯰيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىنىشى
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خانلىق بولۇپ، بۇ دەرۋردە ئۇيغۇرلار تەدرىجى ھالدا تارقاق ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن، بىرلىككە كېلىپ شەھەرلىشىشكە باشلىغان ھەم << تېلې قەبىلىلىرىنىڭ بايراقدارى بولۇپ، يايلاق دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى نامايەن قىلغان >>① ئىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار يالغۇز يايلاق دۇنياسىدا دەۋر سۈرۈپلا قالماي، يەنە يىپەك يولىنىڭ خوجايىنلىق رولىنى ئويناپ، غەرپ – شەرق سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى. يىپەك يولىنى قوغداش ۋە يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەرنى يوقىتىشى ۋە ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەنلەرمۇ دەل مانا شۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىدى.
1- ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ قوراللىنىشى
ھەرقانداق قوشۇننىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى، جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقۇرى ياكى تۆۋەن بولۇشى، شۇ قوشۇننىڭ قوراللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئەينى چاغدا خىل قوراللانغان قوشۇن ھىساپلىناتتى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىرى ئاساسلىقى ئات، ئوقيا، قىلىچ، نەيزە، قالقان، دوبۇلغا، ساۋۇت، سالما قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىغىنى ئات بىلەن ئوقيا ئىدى.
ئات ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار ئاتنىڭ جەڭدە ئوينايدىغان رولىنى تولۇق ھىس قىلغاچقا، ئاتنى دۇنيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن كۆندۈرگەن ۋە ئات بېقىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە جەڭدە ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەن. ئاتلىق ئەسكەرلەر جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن ئۈستۈن بولغان ئەسكىرىي تۈرگە كىرگەچكە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەسەرلىرىدە << ئات ئەسكەرنىڭ دەسمايىسى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى …….. قوشۇن تارتقانلار شۇنىڭغا تايىنىپ غەلىبە قىلىدۇ>>② . << بىر ئاتلىق ئەسكەر سەككىز ئەسكەرگە تېتىيدۇ >>③ دەپ خاتىرىلىنىپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا يۈكسەك باھا بېرىلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاتنى ناھايىتى كۆپلەپ باققان ۋە ئۇرۇشلاردا كەڭ – كۆلەمدە ئىشلەتكەن. چۈنكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئات ناھايىتى كۆپ چىقىم بولاتتى، < كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >غا ئاساسلانغاندا كۆلتېكىن چاچا سەنگۈن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ قېتىم ئات ئالماشتۇرغان (<< كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> شەرقىي يۈزى 33- قۇر). ئۇلار ئۇرۇش مەزگىلىدە << ھەرقايسىسى بىردىن ئاتقا مىنگەندىن سىرت يەنە بىر ئاتنى يېتىلىۋالاتتى >>، بەزىدە << بىر ئەسكەر تۆت ئاتنى يېتىلىۋالاتتى >>④ . بۇلار بۇ ئاتلارنى يالغۇز ئۇرۇشتا يۇقۇرى سۈرئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئېلىۋالاتتى. چۈنكى ئۇلار << ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ يەپ ئاچلىقىنى باساتتى. ئۇسساپ قالسا بايتىلىنى سېغىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇراتتى >>⑤ . شۇڭا ئات ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ھە قېتىملىق جەڭلەردە غەلىبە غازىنىشىدىكى ئاسلىق ئامىل ئىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى جەڭچىلەرنىڭ باشقا قوراللىرى ۋە قوراللىنىشى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەردە بىۋاستە خاتىرە بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بەزى ۋاستىلىك خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز ۋە بۇ ماتىرياللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلەيمىز. قەدىمكى چارۋىچى مىللەتلەر ئۇرۇشقا ئاساسەن ئوقيا، قىلىچ، نەيزە، قالقان قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ چىقاتتى. مەسىلەن << ئوغۇزنامە >> دە: << كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى، نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى>>⑥ دىگەن خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگە تولۇق قوراللىنىپ چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوقيا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق قورالى ئىدى. قەدىمقى دەۋرلەردە جەڭدە چوڭ قوشۇنلار ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن يىراقتىن بىر – بىرىگە ئوقيا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، توسۇپ قۇچاقلاشما جەڭ قىلغاندا ئاندىن نەيزە ۋە قىلىچ ئىشلىتەتتى. ئۇيغۇرلار ئوقيانى ئادەتتە جەڭدەئ ىشلىتىپلا قالماي، بەلكى ئوۋچىلىقتىمۇ ئىشلىتەتتى. ئوۋچىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغاچقا، ئۇلار وقيا ئېتىشقا كىچىكىدىنلا پىشىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلار ئادەتتە << ئوقيا بىلەن بىر ئادەمنى نىشانلاپ ئوق ئۈزگەندە، ئوق قاتار تۇرغان ئىككى ئادەمنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەتتى>>⑦ . ئوقيا پوروقلۇق مىلتىق زەمبىرەك كەشپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، كۈچلۈك زەربە بېرىش قورالى ۋە قىرغۇچى قورال بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئوقياغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، خىلمۇ – خىل ئوق ۋە يالارنى ياسىغان ئىدى. يا چوڭ – كىچىكلىكى ۋە نىشان ئارىلىقىنىڭ يىراق – يېقىنلىقىغا قاراپ ئىكىگە بۆلۈنەتتى. ئوقمۇ ئاۋازلىق ئوق، يەڭگىل ئوق ۋە مەشق ئوقى دەپ بىرقانچىگە ئايرىلاتتى.
ئاۋازلىق ئوق ___ دەستىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن كاۋاك، ئۇچ تەرىپىدىن تۆشۈك ئېچىش ئارقىلىق ياسىلاتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا باشاق ئورۇنلاشتۇرىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوق ماڭغاندا ۋىڭىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ ئوق ئەڭ دەسلەپتە ھۇنلار دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، << تارىخنامە >>دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغان ئىدى.
يەڭگىل ئوق ___ ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئوق بولۇپ، ھەربىي ئىشلار ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئىشلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل ئوقنىڭ باشىقى مىس ياكى تۆمۈردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، نىشان ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق ئىدى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا << كاماندازلار 50 – 60 مېتىر دائىرە ئىچىدىكى نىشانغا توغرا تەككۈزەلەيدىغان، ئۈنۈملۈك ئېتىش مۇساپىسى 160- 175 مېتىرغىچە بولغان >>⑧ ئوق مۇشۇ خىلدىكى ئوق بولۇشى مۈمكىن.
مەشق ئوقى تۆمۈر باشاقنىڭ ئورنىغا يۇمىلاق ياغاچ باشاق بېكىتىلىپ ياسىلاتتى⑨ . بۇ ئاساسلىقى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلىشىدا ئىشلىتىلەتتى.
قىلىچ بىلەن نەيزىمۇ قەدىمكى زامانلاردا دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش ۋە قىرىشتىكى ئاساسلىق قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ تۈردە ئىشلىتىلگەن. چۈنكى نەيزە بىلەن قىلىچنىڭ يېقىن ئارىلىقتىكى قۇچاقلاشما جەڭلەردە دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىشتىكى رولى ئوقيادىن كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا << ھۇنلار يىراققا ئوقيا، يېقىنغا قىلىچ – نەيزە >>⑩ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ يىراققا ئوقيا، يېقىنغا قىلىچ – نەيزە ئىشلىتەتتى. بۇنى كۆلتېكىننىڭ << بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى، ئىككى ئەرگە نەيزە سانچىغانلىقى >>، << ئالتە ئەرگە نەيزە سانچىغانلىقى ۋە قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا يەتتىنچى ئەرنى قىلىچلىغانلىقى >> تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
سالما ____ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چارۋىچىلارنىڭ پىتىراپ كەتكەن ئات، قوي، كالىلارنى تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان چارۋىچىلىق قورالى بولۇپلا قالماي، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ جەڭلەردە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرسى ئىدى. تارىخى ماتىرياللاردا چارۋىچىلار مىللەتلەر ئىچىدە تۇڭقى بولۇپ ئكز دۆلىتىنى قۇرغان ھۇنلار ۋە كۇچانىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولغان كۇەيخۇلارنىڭ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئادەمگە سالما تاشلايدىغانلىقى ۋە كۆپىنچە ھاللاردا دەل چۈشۈرىدىغانلىقى⑾ قەيت قىلىنغان. شۇنداق قىياس قىلالايمىزكى، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋارىسى، يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن چارۋىچىلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سالمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق. ئۇلار سالمىنى جەڭلەردە قورالسىزلىنىپ قالغاندا دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ياكى دۈشمەننى تىرىك تۇتۇپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. يەنە كېلىپ سالما پاختا يىپ، يۇڭ يىپ ۋە تېرە تاسمىلاردىن ياسىۋېلىشقا بولىدىغان ناھايىتى ئاددى قورال ئىدى.
<< ئۇنىڭ ساۋۇت يەلمەسىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى >>⑿ ، << مېنىڭ …… ساۋۇت دوبۇلغا كىيگەن 500 دىن ئارتۇق قوراللىق ئاتلىق قوشۇنۇم ۋە پىيادە ئەسكەرلىرىم >>⒀ دىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار جەڭلەردە ئوقيا، قىلىچ، نەيزە قاتارلىق ھۇجۇم قىلغۇچى قوراللار بىلەنلا قوراللىنىپلا قالماستىن، يەنە دوبۇلغا ساۋۇت قاتارلىق قوراللار بىلەنمۇ ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەن.
ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى جەڭگە چۈشكەندە تۇغ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغلىرى ئاق رەڭلىك ئىدى. ئۇلار يەنە بۇرغا، سۇناي ۋە جەڭ دۇمبىقى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇراتتى⒁ . بۇنىڭدىن سىرت، يەنە سال ۋە تۇلۇملاردىن پايدىلىنىپ دەريادىن ئۆتۈشنى بىلگەن بولۇپ، بۇنى بايانچۇر خاقاننىڭ << ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئارقا باشى (دىگەن يېرى)نى مۇز قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئارقا باشىنىڭ تۆۋەن يېنىدىن سال سېلىپ ئۆتتۈم>>⒂ دىگەن سۆزلىرى ئىسپاتلايدۇ. يۇقۇرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ناھايىتى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان.

ئىزاھلار
① ئابې تاكىئو << غەربىي ئۇيغۇرىيە ھەققىدە تەتقىقات >> شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى 8- بەت
② ③ ⒁⑦ ياڭ شېڭمىن << قەدىمقى ئۇيغۇرلار >> جىلىن مائارىپ نەشرىياتى 1991- يىلى خەنزۇچە نەشرى 133- 135- بەتلەردە ئېلىنغان نەقىل
④ << يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> 6135- بەت
⑤ << قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ – ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى >> 1956- يىلى ئالمۇتا رۇسچە نەشرى 231- بەت
⑥ << ئوغۇزنامە >> مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە 22- قۇر
⑧ مورېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان
⑨ مەھمۇت قەشقەرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 517- 556- بەتلەر
⑩ سىماچيەن << تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 391- بەت
⑾ << شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم 86- بەت
⑿ << كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> شەرقى يۈزى 32- قۇر
⒀⒂ << بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى >> << قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما >> ئۇيغۇرچە 119- 120- بەتلەر

2. ﯰيغۇرلاردا ھەربىي مەشق
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر << ئوقيادىن پايدىلىنىش ۋە ئات ئۈستىدىن ساداق ئۈزۈشتىن گەپ ئاچقاندا، چوقۇم ئۇيغۇرلارنى ئۇستاز تۇتۇش كېرەك >>① دەپ ناھايىتى توغرا باھا بەرگەن. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيادىن پايدىلىنىشى ۋە ئات ئۈستىدە ساداق ئېتىشتا ئۇستاز بولالىشى، ئۇلارنىڭمۇ ھۇن ۋە باشقا چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش كىچىكىدىن تارتىپ ئات مىنىشنى، ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
<< تارىخى خاتىرىلەر . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە >> دىكى << ھۇنلارنىڭ ئۆسمۈرلىرى سەركە مىنىپ ئوقيا بىلەن قۇش ۋە چاشقان ئاتالايدۇ. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن، تۈلكە، توشقان ئېتىپ ئۇنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. قورامىغا يەتكەندە ھەممىسى قوللىرىغا كامان ئېلىپ، ساۋۇتلۇق چەۋەنداز بولىدۇ>>، << كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> دىكى << كۆلتېكىن 10 يېشىدىن باشلاپلا چوڭ ئادەمدەك تەربىيىلەندى. 16 ياشقا كىرگەندە چوڭ قوشۇننى باشلاپ جەڭگە ئاتلاندى >>، << قارا تاتارلار خاتىرىسى >> دىكى << موڭغۇللار بوۋاق بالىنى تاختايغا تېڭىپ، ئاندىن تاختاي بىلەن ئاتنىڭ دۈمبىسىگە باغلاپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاقلار ئانىسىدىن ئايرىلماي يۈرەتتى. ئۈچ ياشقا كىرگەندە بالا ئانا بىلەن بىللە ئىگەرگە باغلاپ قويۇلاتتى. قول بىلەن ئىگەرنى تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئات چاپتۇرۇپ يۈرەلەيتتى. 4- 5 ياشقا كىرگەندە قولتۇقىغا كىچىك يا بىلەن قىسقا ئوقنى قىستۇرۇپ يۈرەتتى، چوڭ بولغاندا يىل بويى ئوۋ ئوۋلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى >>② . دىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چارۋىچى مىللەتلەر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بالىلارغا ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلدۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئىزچىل ھالدا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھۇن تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى دەۋردە ياشىغان ۋە، ئەتراپتىكى مىللەت ۋە رايونلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئورخۇن ۋادىسىدا بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلمىغان بولسا، ئوقيا ئېتىش ۋە ئات مىنىشنىڭ ئۇستازى بولالمىغان ھەم ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئالدىدا ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىنان خۇزخۇرەند (ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر) دىگەن نامغا ئىگە بولالمىغان بولاتتى.
ئوۋچىلىقمۇ ھۇن، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگەللىگەن. ئوۋچىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەڭچى بولىدىغانلارنى تەربىيىلەش، ئۇرۇشتا سەپ تۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايتتى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پۇسادمۇ << ئوۋخۇمار ……. دائىم دىگۈدەك سەپ تۈزۈپ ئوۋ ئوۋلاشقا ئامراق ئادەم ئىدى >>③ . سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلغاندا بارلىق قەۋملەر ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ چىقىپ قۇش ۋە ھايۋانلار كۆپ بولغان رايونلاردا ئوۋ ئوۋلايتتى. بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ئوۋ ئوۋلاشقا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئاتلىق ئوۋچىلار قاتنىشىپ، ئۇلار بىر تۇتاش قوماندانلىق ئاستىدا بىردەك ھەرىكەت قىلاتتى. تارىخى ماتىرياللاردا ئۇيغۇلارنىڭ سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلىشى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان ھۇنلار ۋە ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى ئوخشاش بولغان موڭغۇل، مانجۇلارنىڭ قورشاۋ ئوۋغا چىقىشى ھەققىدىكى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بىزنى بۇ ھەقتىكى ۋاستىلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
<<رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى >>دا، ھۇنلارنىڭ كوللېكتىپ ئوۋ قىلىشى ھەققىدە: << ئوۋ ئوۋلاش ھۇن جەڭچىلىرىنىڭ قەيسەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە ئەڭ ياخشى مەيدان ھازىرلاپ بېرەتتى ….. چەۋەندازلار كەڭ دائىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قورشاپ، بىرقانچە ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان چوڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلاتتى. ئاندىن بۇ چەمبىرەكنىڭ مەركىزىگە قاراپ تەرتىپ بىلەن ئىلگىرىلەيتتى ……. بۇنداق چاغلاردا چەۋەندازلارنىڭ يۈرۈشى دائىم بىرقانچە كۈن داۋاملىشاتتى. ئۇلار تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ، ئېقىن -دەريا، ساي – جىلغىلاردىن ئۆتەتتى. بەلگىلەنگەن نىشانغا تەدرىجى ئىلگىرىلەشنى توختىتىپ قويمايتتى. ئۇلار مەركىزى نىشاننى توغرىلاپ ياندىكى ھەمراھلىرى بىلەن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئات چېپىپ ئىلگىرىلەشكە ئادەتلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئىككى ياندىكى قىسىمنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ باراتتى، بەزىدە ئاستا ئىلگىرىلەپ شۇ ئارقىلىق قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرەتتى. ئۇلار سەركەردىلەرنىڭ ئاۋاز بەلگىسىگە دىققەت قىلىشى ھەمدە ئۆز – ئارا بەلگە بېرىپ ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى لازىم ئىدى. سەركەردىلەر بۇ ئەمەلىي مەكتەپتە ئەڭ مۇھىم ھەربىي ماھارەت دەرسلىكىنى، يەنى ئوۋ مەيدانى، ئارىلىقى، ۋاقتى ھەققىدە تېز ھەم توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۈگىنىۋالاتتى. ئۇرۇش بولغاندا ئۇلار پەقەت نىشاننى ئالماشتۇرسىلا، يەنى ياۋايى ھايۋانلارغا قورشاپ زەربە بېرىشتىكى سەۋرچانلىقى، قەيسەرلىكى ۋە ماھارىتىنى دۈشمەنگە ئىشلەتسىلا بولاتتى >>④ دەپ خاتىرىلەنگەن بولغان مەشھۇر تارىخچى دوسسانمۇ << موڭغۇللارنىڭ قورۋاش ئوۋغا چىقىشى ھەربىي ئىشلارغا ئوخشايدۇ. ئالدى بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ ھايۋانلارنىڭ ئاز – كۆپلىكىنى رازۋېتكا قىىدۇ. مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەردىن ھەر ئون كىشىدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ قورشاۋ ھالقىسى تۈزۈپ ھايۋانلارنى قوغلىتىدۇ. نىشانلىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە ئاندىن قوشۇننى سول قانات، ئوڭ قانات ۋە ئوتتۇرا قىسىمغا بۆلۈپ ئوۋنى باشلايدۇ>> ⑤. دەپ مەلۇمات بەرگەن. مانجۇلاردىمۇ << ئوۋ باشلانغاندا ھەر كىم بىر تالدىن ئوق چىقىرىدىغان، ھەر 10 ئادەمگە بىر باشلىق تەيىنلىنىدىغان ….. ئوۋ قىلغاندا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا يول قويۇلمايدىغان>>⑥ بەلگىلىمە بار ئىدى. بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، بىز ھۇنلار بىلەن مانجۇ، نوڭغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى دەۋردە ياشىغان ھەم ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلارنى ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەشتە يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغان، << يېڭى تاڭنامە >> دە خاتىرىلەنگەن پۇسادنىڭ << دائىم دىگۈدەك سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلىشى >>نىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ۋە مەقسىتىنى يۇقۇرىغا ئوخشاش دەپ ئېيتساق خاتا ئېيتمىغان بولىمىز. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قورشاۋ ئوۋ قىلىش ئۇيغۇر قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەلىم – تەربىيە، قوماندانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بولسا ئۇرۇش قىلىش سەنئىتىنى ئۈگۈنىدىغان ئەڭ ياخشى مانېۋېر ئىدى. ئۇلار ياشىغان مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ سوغۇق بولۇشى، شۇنداقلا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدىكى ئاچ – توق قېلىشلار ئۇلارنىڭ سوغۇققا، ئاچلىققا ۋە تەشنالىققا تاقەت قىلىش، جاپا مۇشەققەتكە چىداش قاتارلىق قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايتتى ھەمدە ئۇلارنى تەشكىلچان، ئىنتىزامچان قىلىپ يېتىشتۈرەتتى. ئۇلاردىكى << ئۇرۇشقا ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنكەرنى مۇشۇ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش >>، << ئۇرۇشتا قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە بىساتىنى مۇسادىرە قىلىپ جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بېرىش >>⑦ تەك ھەربىي ئىنتىزاممۇ ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ئىلھام بېرەتتى. خۇددى ھۇنلار << پۈتۈن مىللەت بويىچە تەييار بىر ھەربىي قوشۇن >>، << جەڭ قىلىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق >>⑧ بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ پۈتۈن مىللەت بويىچە تەييار ھەربىي قوشۇن ھەم شۇنداقلا جەڭ قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.

ئىزاھلار

① ياڭ شېڭمىن << ئۇيغۇر تارىخى >> جىلىن مائارىپ نەشرىياتى 1991- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 135- بەتتىكى نەقىل
② مورېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> << شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى >> ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان 94- بەتتە ئېلىنغان نەقىل
③ مەھمۇد قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم 156- بەت
④ << كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1986- يىلى 2- نەشرى خەنزۇچە 5196- بەت
⑤ مو رېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> << شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى >> ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان 84- بەتتە ئېلىنغان نەقىل
⑥ دوسسان << موڭغۇل تارىخى >> جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1962- يىلى خەنزۇچە نەشرى 1- توم 156- بەت
⑦ مو دۇڭيەن << مانجۇلار تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر >> خەلق نەشرىياتى 1958- يىلى خەنزۇچە نەشرى 64- 65- بەتلەر
⑧ << يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> 6124- بەت، << كونا تاڭنامە. تۇرالار ھەققىدە قىسسە >> 5345- بەت