ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر – كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە

ھۈنەر -كەسپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ھۈنەر – كەسپ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ، شۇنداقلا شۇ ھۈنەر – كەسپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر – كەسپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەنە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر -كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجى راۋاجلىنىپ مۇكەممەلەشكەن.
تۆۋەندە تىلىمىزدىكى ھۈنەر – كەسپكە ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :

1-تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار

1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.
3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.
5) جەندىر ____ تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.
6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.
7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، ” مىخ سەندەل” دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.
9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.
10) قەللە ____ قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ.
12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.
13)قىلات ____ چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى.
14) كۆرۈك ___ تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.
15) گوشا ____ چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.
16) مورىگۈل ___ تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
17) ئوچاقنەيزە ___ ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

2-موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار

1)ئاپقۇت ___ كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا ” ئاخپۇت ” مۇ دېيىلىدۇ.
2) ئاپقۇتچى ___ ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.
3) بەلچە ____ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
4) بۈرەندە ___ موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى.
5) بىگىز ___ موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
6) ئۆكچە ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.
7) پاشنا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە.
8) پالقان __ ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.
9)پوركاپ ___ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك.
10) تۆمۈنە ___ ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.
11) چەتنو ___ ئامبۇرنىڭ بىر خىلى.
12) چوپسا ___ خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
13) دىستە ___ ئاياغنىڭ پاشنىسى.
14) مۇلغۇي ___ موزدۇزنىڭ شىلىمى .
15) سەيدۇ ___ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.
16) كاسىۋال ___ ئۈچ قىرلىق ئېكەك.
17) دەستەك ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
18) ئۇلتاڭ ___ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.
19) نال ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.
20) ئىسمائىلتاپ ____ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
21) يانتوقا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.
22) روپچىك ____ موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.
23) دەزگىل ____ موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.
24) دۇپىي ___ موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
25) كوۋا ___ موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

3 – موزدۇزلۇقتا چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار

1) بەتىنكە ___ [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق ئاياغ.
2) باجىڭگىر ___ [رۇسچە] كۆن، خۇرۇمدىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق ، بوغقۇچلۇق ئاياغ، قونچلۇق توپلەي.
3) بوتىي ____ [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان يېرىگە تېرە تۇتۇلغان قىشلىق ئاياغ.
4) توپلەي ___ [رۇسچە] ئەر -ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومومى نامى.
5) چوسۇنكا ___ [رۇسچە] قونچى ئىگىز، باشلىقى خۇرۇم ، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما.
6) شىبلىت ____ [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلەەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.
7) موما خەي ___ [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى.