ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

كۈرەش تاھىر
(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىدىن)

ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى

ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەر، ھادىسىلەر ھەققىدىكى خاتىرىلەر، رىسالىلەر ۋە كىتابلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر تەزكىرىچىلىكىنى شەكىللەندۈردى، تارىخشۇناسلىقىنى راۋاجلاندۇردى. لېكىن تەبىئىي ھادىسىلەر، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن تارىخىي مىراسلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆز ئارا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلاش بويىچە تەرەققىي قىلىپ كەلدى.

بايان قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مىلادىيە 840 – يىلىدىكى چوڭ كۆچۈش چېگرا قىلىنىپ، 840 – يىلىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە 840 – يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى دېگەن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، تاكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەنگە قەدەر، يەنى 1912 – يىلىغىچە بايان قىلىندى.

بىرىنچى، 840 – يىلىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى شەرقىي ئۇيغۇرلار ( ئورخۇن-يېنسەي ئۇيغۇرلىرى ) بىلەن غەربىي ئۇيغۇرلار ( تارىم ئۇيغۇرلىرى )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مىللەتلەر ۋە ئىرقلار قوشۇلۇپ، غەيرىي تۈركىي خەلقلەر تۈركلەشتى، تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيغۇرلاشتى. شۇڭا 840 – يىلىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

1. غەربىي ئۇيغۇرلار ( تارىم ئۇيغۇرلىرى ) تارىخى
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان سوغدىلار، خوتەن ساكلىرى ۋە توخرىلار تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ۋە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان، ئۆز يېزىقىدا ناھايىتى مۇھىم قوليازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان. «ھازىر ساقلىنىۋاتقان سوغدى يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار ئاساسلىقى دىنىي ۋەسىقىلەر، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، پۇل، تامغا، تاش ئويما، تام رەسىم خاتىرىلىرى، تارىشا پۈتۈك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ( «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقى» : 1982 – يىلى بېيجىڭ نەشرى، 177 – بەت ). بۇلار بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي مەنبەلەردۇر.

قەدىمكى خوتەن، پىشامشان قاتارلىق جايلاردىكى ساكلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردىن مىلادىيە 4 –، 5 – ئەسىرلەرگىچە قارۇشتى يېزىقىنى قوللانغان. قارۇشتى يېزىقىدىكى ماتېرىياللار شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىگە ئائىت دىندىن خالىي بولغان ماتېرىياللاردۇر. مىلادىيە 6 – ئەسىردە خوتەن ساكلىرى ئۇدۇن يېزىقىنى ئىشلەتتى. ئۇدۇن يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى «سۇۋارا ناباسا سۇترا»، «سامگاتا سۇترا»، «چاتاكا سۇترا»، «ۋاجرا چېدېكا سۇترا»لارغا ئوخشاش بۇددا نوملىرى، شۇنداقلا دىندىن خالىي بولغان يازما يادىكارلىقلاردىن «شاجۇنى ساياھەت قىلىش خاتىرىسى»، «گەنجۇدىكى تۈركلەر ھەققىدە خاتىرىلەر» دېگەنگە ئوخشاش يازما يادىكارلىقلار بار. بۇلار غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كۇچا، قارا شەھەر، قۇچۇلاردا ياشايدىغان توخرىلارنىڭ توخرى يېزىقىدا يېزىپ قالدۇرغان يازما يادىكارلىقلىرى 5 _ 8 – ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن «مايترى-سىمىت» درامىسى، «رەسسام بىلەن ياغاچچىنىڭ ھېكايىسى»، دىنىي ئەسەرلەردىن «مانى قەسىدىسى»، «ئۇدانارارگا»، «پراتېموكسا» قاتارلىقلار بار. ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، لۇغەت ( «توخرىچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «سانسكرىتچە – توخرىچە لۇغەت» )، خەت – چەك، تېبابەتكە ئائىت ئەسەرلەر بار. بۇ يازما يادىكارلىقلار قەدىمكى توخرىلارنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك.

2. شەرقىي ئۇيغۇرلار تارىخى
شەرقىي ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېگىزلىكىدە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغان كۆك تۈركلەر كۆك تۈرك خانلىقىنى قۇرغانىدى. بۇ ئىككى قوۋم ئورخۇن-يېنسەي ۋە تۇغلا دەريالىرى

ۋادىلىرىدا نۇرغۇنلىغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخ، تەزكىرە خاراكتېرلىك بولۇپ، كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردا تارىخ تەتقىقاتى شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

(1) كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخ
مىلادىيە 552 – يىلى ئاشنا تۈمەن جۇرجىتلارنى يوقىتىپ كۆك تۈرك خانلىقىنى قۇردى. تاشپار قاغان مەزگىلىدە بۇددا دىنى تۈركلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كىردى. مىلادىيە 6 – ئەسىردىن باشلاپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئىشلىتىلدى. قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاشلاردىن «چۆرىن مەڭگۈ تېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلار بار. يازما يادىكارلىقلاردىن ئېكسپېدىتسىيىچى سىتەيىن دۈنخۇاڭدىن تاپقان «ئىرقبىتىك»، مىرەندىن تاپقان ھەربىي ئىشلارغا دائىر ھۆججەتلەر بار. بۇ يادىكارلىقلاردا تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، تۈرك خانلىقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، كۈچىيىشى، ئاجىزلىشىشى، تۈركلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسى ۋە باشقا خانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خانلىقنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئۆرپ – ئادەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

(2) ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخ
ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى مىلادىيە 744 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى، مىلادىيە 762 – يىلى مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى» قاتارلىق ئابىدىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. «بۇلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، سىياسىي، ھەربىي

ئىشلىرى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە تارىخى جۇغراپىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ( ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشرى، 705 – بەت ).

ئىككىنچى، 840 – يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى
مىلادىيە 840 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۇرپان ۋە قەشقەر رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ( 866 – 1393 ) بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى ( 870 – 1212 )نى قۇرۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچتى. ئىگىلىكنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تارىخشۇناسلار مەيدانغا كەلدى.

1. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخ
تۇرپان تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىيە 866 – يىلى شۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تۈبۈتلەرنى يوقىتىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى، قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئورنىغا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاندى، مانى دىنى سۇسلىشىپ، نىستورىيان دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ھەر خىل دىنلار بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نەتىجىسىدە دىنلار ئارىسىدا سىڭىشىش يۈز بەردى.
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئاساسەن مانى، بۇددا، نىستورىيان دىنلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئالاقىدار بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەبىي ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، سىياسىي، تىل – يېزىق، كالېندارچىلىق، تېبابەت، مىللەت قاتارلىقلارغا ئائىت يادىكارلىقلارمۇ بار. «مايترى-سىمىت» درامىسى، بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەقىدىلىرىنى مەزمۇن قىلغان «ئاغاما سۇترا»، «تساستوكا»، «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»، «سەككىز يۈكمەك»، «سامىتسۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى»، مانى دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بايان قىلىنغان «ئىككى يىلتىز نوم»، تارىخىي ئەسەرلەردىن «قۇچۇ ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» ۋە «ئوغۇزنامە»لەربۇنىڭ دەلىلىدۇر.

2. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخ
قاراخانىيلار سۇلالىسى مىلادىيە 932 – يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تىلى ئاساس قىلىنغان «خاقانىيە تىلى» ( «كاشىغەر تىلى» ياكى «خاقانىيە تۈركچىسى» ) شەكىللەندى. ئىلگىرى قوللانغان يېزىقلارنىڭ ئورنىغا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى قوللىنىلدى. مىلادىيە 10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت، پەن – مەدەنىيەتنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى، جۈملىدىن تارىخشۇناسلىقمۇ تەرەققىي قىلىپ رەسمىي ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە كىردى.
بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تارىخشۇناسلار ۋە تارىخقا ئائىت ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىقلار. بۇ دەۋردە يەنە ئابدۇغاپپا بىننىي ھۈسەيىن قەشقىرى ( 1083 – ؟ ) قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىدىن ئەينەن مەلۇمات بەرگۈچى بىردىنبىر ئاساسىي مەنبە سانىلىدىغان «تارىخىي كاشىغەر» ناملىق ئەسەرنى، مۇھەممەد ئەلكاتىب

سەمەرقەندى «دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچەملىرى» ناملىق ئەسەرنى، مەھمۇدىن مۇھەممەد ئىبنى ئەدنانى «تارىخىي تۈركىستان» ناملىق ئەسەرنى يازدى ( ۋېي لياڭتاۋ : «قاراخانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار، ھۆججەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» < خەنزۇچە > 1982 – يىل 1 – سان، 44 – بەت ).

3. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخى
قۇبلايخان مىلادىيە 1279 – يىلى يۈەن سۇلالىسىنى قۇردى. لېكىن ئۇ، موڭغۇل خانلىقىغا ئوخشاشلا، ئورتاق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولمىغان دۆلەت ئىدى. موڭغۇللار ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلغار مىللەتلەرنىڭ پەن – مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىلغار پەن – مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى ( ئابلىز مۇھەممەد سايرامى : «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشرى، 6 – بەت )، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلاندى. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا يۇقىرى مەنسەپ ۋە ئالىي مەرتىۋە بىلەن ئىشلەپ، يۈەن سۇلالىسى مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. شەمسىدىن ( 1277 – 1351 ) ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي تارىخىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ «چېن ئەيزۇڭ توغرىسىدا خاتىرە»، «جېڭدا يىللىرىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەرجىمىھالى»، «غەربىي يۇرتلۇق يات تائىپىلەرنىڭ تەرجىمىھالى»، «غەربتىكى ئەللەرنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى»، <<جىنياڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە»، «دۇڭياڭ تەپسىراتىنىڭ داۋامى» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى. قاڭلى توقدۇ ئوردىنىڭ پەرمانى بىلەن مىلادىيە 1343 _ 1345 – يىللىرى تارىخشۇناس سارابانى ۋە ساكيا قايا بىلەن بىرلىكتە «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»، «جىن سۇلالىسى تارىخى»، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»نى يېزىشقا مەسئۇل بولدى، ئۇ ماتېرىيال مەنبەسى تېپىش، تۈرگە ئايرىش، سېلىشتۇرۇش، يېزىش، تەھرىرلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ ئىشلارنى بىۋاسىتە ئىشلىدى. جامالىددىن 1288 – يىلى قۇبلايخاننىڭ قوللىشى بىلەن «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك بىرلىك تەپسىراتى» ناملىق تارىخىي جۇغراپىيىلىك تەپسىراتلار ئاساس قىلىنغان قىستۇرما رەسىملىك كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، مىلادىيە 1303 – يىلى 600 قىسىم، 1300 جىلدلىق كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

4. چاغاتاي دەۋرىدىكى تارىخ
چاغاتاي دەۋرىدە خانلىقلار تەۋەسىدە ياشايدىغان ئەرەب، پارس، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت ۋە قوۋملار تۈركلەشتى. يەرلىك تۈركىي تىل ( ئۇيغۇر تىلى ) ئاساس قىلىنىپ، ئەرەب، پارس، موڭغۇل تىللىرىدىن نۇرغۇن ئېلېمېنتلار قوبۇل قىلىنش نەتىجىسىدە «چاغاتاي تىلى» دەيدىغان بىر خىل ئەدەبىي تىل شەكىللەندى. ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى قاراخانىيلار سۇلالىسىدە شەكىللەنگەن تارىخشۇناسلىققا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
جامال قارشى قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر _ «سۇراھ لۇغىتى»نى روياپقا چىقاردى. سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ سەمەرقەنتتە ياشىغان

ئىبنى مۇھەممەد ئەرەبشاھ ( 1392 – 1450 ) «ئاجايىبۇل مەفتۇرخى ناۋائىبۇل تېمۇر» ناملىق ئەسەرنى، ماۋارائۇننەھىردە ياشىغان سۈرىيىلىك نىزامىدىن شامى 1404 – يىلى «سەفەرنامەئىي تېمۇر» ناملىق ئەسەرنى، شەرىفىدىن ئېلى يەزدى 1425 – يىلى «زەپەرنامە» ناملىق ئەسەرنى، ھاپىز ئەبرۇ «زۇبدەتۇل تەۋارىخ» ناملىق ئەسەرنى، سەمەرقەندلىك ئابدۇراززاق «مەتلەئۇسسە ئىدەيىن ۋە مەجمۇئەل بەھرەيىن» ناملىق ئەسەرنى، ئۇيغۇر باخشى «تارىخىي خانىيە» ناملىق ئەسەرنى يازدى.

5. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخ
بۇ دەۋردە نۇرغۇنلىغان تارىخشۇناسلار ۋە تارىخىي ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈردى. مىرزا ھەيدەر كوراگانى ( 1499 – 1551 ) 1547 – يىلى پارس تىلىدا ئىككى توملۇق تارىخىي ئەسەر يېزىپ، 200 يىلغا يېقىن تارىخنى يورۇتۇپ بەردى. نامەلۇم ئاپتور 1545 – يىلى «تارىخنامەئىي ئابدۇرەشىدخان» ناملىق تارىخىي ئەسەرنى، مۇھەممەد ئىۋەز 1603 – يىلى «تەزكىرەئىي مەخدۇم ئەزەم ۋە خوجا ئىسھاق ۋەلى» ناملىق تارىخىي ئەسەرنى، نامەلۇم ئاپتور 1627 – يىلى «تەزكىرەئىي ئابدۇرەشىدخان»نى، شاھ مەھمۇد جوراس ( 1627 – 1696 ) 1672 _ 167 – يىللىرى پارستىلىدا «تارىخىي شاھ مەھمۇد جوراس»نى، 1686 – يىلى پارس تىلىدا «تارىخىي رەشىدى زەيلى» ناملىق ئەسەرنى، 1696 – يىلى پارس تىلىدا «تەلەپكارلار نەسەبنامىسى» دېگەن ئەسەرنى يازدى. نامەلۇم بىر ئاپتور ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە يەكەنگە كەلگەن خوجا مۇھەممەد شېرىپ قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان «ئەۋلىيالارنىڭ كاتتىلىرى ۋە رەھبەرلىرى» دېگەن تەزكىرىنى يېزىپ چىقتى.

6. خوجىلار دەۋرىدىكى تارىخ
مىلادىيە 1678 – يىلى خوجا ھىدايىتۇللا جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە تايىنىپ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن خوجىلار خانلىقى ( 1678 – 1759 )نى قۇردى، ئىشقىيە ۋە ئىسھاقىيە دەپ بۆلۈنگەن تەسەۋۋۇپچىلار ئۆز ئارا ئالمىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى چاك – چېكىدىن بۆلۈندى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەدەنىيەت نابۇت بولدى، خەلق تۇرمۇشى ناچارلاشتى. خەلقتە نارازىلىق، قارشىلىق كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناقلىق ۋە تەرەققىيات ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ تارىخنى تەزكىرە شەكلىدە ئەكس ئەتتۈردى. مەسىلەن : مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ( 1676 – 1746 ) مىلادىيە 1720 – يىلى «سەپەرنامە»، 1742 – يىلى «تەزكىرەئىي خوجا مۇھەممەد شېرىپ بۈزرۈكۋار»، «تەزكىرەئىي چىلتەن» دېگەندەك تارىخىي ئەسەرلەرنى، مىرخالىدىن كاتىپ موللا كىچىك يەركەندى 1730 – يىلى «ھىدايەتنامە» ( «تەزكىرەئىي ھىدايەت» ياكى «تەزكىرەئىي خوجا ئاپئاق» ) دېگەن ئەسەرنى، نامەلۇم ئاپتور «تەزكىرەئىي مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى» دېگەن ئەسەرنى يازدى.

7. مانجۇلار دەۋرىدىكى تارىخ
بۇ دەۋر چىڭ سۇلالىسى چوڭ – كىچىك خوجىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەنگە قەدەر بولغان 153 يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ دەۋردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىدا ۋە يەرلىك قورچاق ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكار، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجادىي خىزمىتىنى قوللىشى ئارقىسىدا راۋاجلاندى. تارىخچىلار ئۆز دەۋرىنى ۋە ئىلگىرىكى دەۋرنى تارىخىي ۋە بەدىئىي يول بىلەن ئەكس ئەتتۈردى. بۇ دەۋردە موللا نىياز «تەزكىرەئىي زەبىبۇللا» دېگەن داستاننى، قاسىمى «تەزكىرەئىي ئارسلانخان»نى، موللاھاجى «تەزكىرەتۇل بۇغراخان»نى، موللا مىرسالىھ كاشىغەرى «چىڭگىزنامە»نى، مۇھەممەد ئابدۇلئەلى قەشقىرى «تەزكىرەئىي ھەزرەت موللام»نى، مۇھەممەد نىياز ئابدۇغوپۇربەگ «قىسسەسۇل غەرايىب»نى، مۇھەممەد تۆمۈر قاراقاشى «تەزكىرەتۇل رىشاد»نى، موللا ياقۇپ بىننى ئۆمەر قەشقىرى «شەجەرەئىي بۈزرۈكۋار»نى، تەلەبى «تارىخىي ۋاقىئەئىي كاشىغەر»نى، ئارزۇ مۇھەممەد 1767 – يىلى «ئىسلامنامە» دېگەن داستاننى، ئەيمەن «دېھقانلار توغرىسىدا»نى، مەھمۇد ئابدۇل ئالىم موللا «ئىسلام كىتابى» ناملىق تارىخىي ئەسىرىنى، نامەلۇم بىر ئاپتور 18 – ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان «قەشقەر تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يازدى.
1864 – يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا تەزكىرىچىلىك تارىخشۇناسلىققا قاراپ راۋاجلاندى. قەشقەرلىك تارىخچى موللا ھاجى تارىخچى، ئالىم شەيخ ھەرىرى بىلەن بىرلىكتە «جەڭنامە»، «ھەزرىتى رۇسۇل ئەلەيھىسسالام» ناملىق چوڭ تىپتىكى تارىخىي ئەسەرنى يازدى. خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەم 1897 – يىلى «خوتەن تەزكىرىسى»نى، ھاجى يۈسۈپ ( 1836 – 1914 ) 1907 – يىلى «جەمىئۇل تەۋارىخ»نى، ئۈمىدى «جەڭنامە»نى، مۇھەممەد ئەلەم «تارىخىي كاشىغەر»نى، قاسىمبەگ «غۇلجا ۋاقىئاتلىرى بايانى»نى، مۇھەممەد سىدىق يەركەندى «غازات ئەل مۇسلىمىن»نى يازدى.
بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغانلىرى موللا نىياز خوتەنى ۋە ئۇنىڭ «تۆت ئىمام تەزكىرىسى» ناملىق ئەسىرى، مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى ۋە ئۇنىڭ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»، «تەزكىرەئىي خوجىگان»، «تەزكىرەئىي ئەسھابۇل كەئىب» دېگەن ئەسەرلىرى، مۇھەممەد ئىۋەز قاراقاشى ۋە ئۇنىڭ «مەخدۇمى ئەزەم» ناملىق ئەسىرى، موللا مۇسا سايرامى ( 1836 – 1917 ) ۋە ئۇنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ( 1885 – يىل )، «دەربايان ئەھسابۇل كەئىب» ( 1898 – يىل )، «تارىخىي ئەمىنىيە» ( 1903 – يىل )، «تارىخىي ھەمىدى» ( 1908 – يىل )، «تەزكىرەئىي ئاپئاق خوجا» قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغاندا، خەنزۇ، ئەرەب، پارس ۋە غەرب مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە بارلىققا كەلگەن تارىخقا ئائىت ئەسەرلەرگىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇشىمىز زۆرۈر. ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئەھۋالى، قىسمىتى، تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا تارىخقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە تارىخ قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەنبەسى: مەزكۇر ماقالە «كىتاب مۇنبىرى» 1999 – يىللىق 1،2-سانىدىن ئېلىندى.