ناماقۇللۇق مەشرىپى

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فولكلور ئوچۇقى بولغان مەشرەپلەر خەلقىمىز بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي باسقۇچلاردا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، مەزمۇنى بارغانچە بېيىغان. مەشرەپلىرىمىز مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۇيۇشۇشچانلىقنى ئاشۇرۇشتەك ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ نۇقتىدا دولانلارنىڭ ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن .

‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› مەزمۇن ۋە شەكىلگە باي بولغان دولان مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، يار – بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئاغرىقىنى يۇيۇپ، ئىناق – ئۆم ئۆتۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، يار – بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدا ۋە ياكى قوشنا يۇرت(مەھەللە) ئوتتۇرىسىدا بولسۇن، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەر بۇ مەشرەپ ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. يەنى، تەرەپلەر كېلىشتۈرۈلۈپ، مۇۋاپىق پەيت تاللىنىپ، ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، ئارىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇش مەسلىھەتلىشىلىدۇ. مەسلىھەت پۈتكەندىن كېيىن، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ سورۇن ھازىرلاپ قارشى تەرەپكە ‹‹چاي›› تۇتۇپ، ئەپۇ سورايدۇ، قارشى تەرەپمۇ ‹‹چاي›› نى ئېلىپ، كۆڭۈلسىزلىكنىڭ تۈگىگەنلىكىگە كاپالەت بېرىدۇ. ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› دە قوي سويۇش شەرت ئەمەس. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈل ئازارلىقى ئېغىرراق بولغاندا ھەم ناماقۇل بولغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرسە، قوي سويۇپ ناماقۇللۇق بىلدۈرۈلسىمۇ، ئۇششاق – چۈششەك سەۋەبلەردىن بولغان ئەرزىمەس رەنجىشلەرگە قوي سويۇلماي، بىر پىيالە چاي تۇتۇش ئارقىلىق رەسمىيەت ئادا قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

دولانلاردا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەقىقىي كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىگەندىمۇ، ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› نى ئەل ئىچىدىكى بىر خىل ئويۇن سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەت بار. بۇنداق ئادەت بويىچە ، ئالدىنقى قېتىملىق مەشرەپتە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچىلار كېلىشىۋېلىپ، مەلۇم بىرەيلەن ئۈستىدىن مەشرەپ بېگىگە ‹‹ئەرز›› قىلىدۇ. بەگ ‹‹ئەرز›› قىلىنغۇچىنىڭ ‹‹گۇناھى››نى تەھقىقلىگەندىن كېيىن ‹‹سەۋەنمۇ ياكى ناماقۇلمۇ؟›› دەپ سورايدۇ. ئەرز قىلىنغۇچى ناۋادا ‹‹سەۋەن›› دەپ جاۋاب بەرسە، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ‹‹جازا›› ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن ‹‹گۇناھى››نىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ‹‹جۇۋازغا قوشۇش››، ‹‹سامسا يېقىش››، ‹‹سۈرىتىنى تامغا تارتىش››، ‹‹مۇزىكىسىز ئۇسسۇلغا سېلىش››… قاتارلىق مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ بىرى جازا تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. ناۋادا ئەرز قىلىنغۇچى مەشرەپ بېگىنىڭ سوئالىغا ‹‹ناماقۇل›› دەپ جاۋاب بەرسە، ئۈچ ئادەم گۇۋاھلىققا تارتىلىپ، ‹‹مەزكۇر <گۇناھكار>; ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز ئالدىدا گۇناھىنى تونۇپ، كېلەر قېتىم ئۆز ئۆيىدە ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ، مەشرەپ ئەھلىگە بىر پىيالە چاي تۇتۇشقا ۋەدە بېرىدۇ. بۇ بىر پىيالە چاي ئۈچۈن سويۇلىدىغان قوچقارنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، توغرىسى توققۇز غېرىچ بولىدۇ. يۇرتلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئېتىغا قوناق، قولىغا سۇ، ئاستىغا كۆرپە، ئالدىغا داستىخان تەييارلاپ، ناماقۇللۇق چېيىنى ئىككى قوللاپ تۇتىدۇ…›› دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، ‹‹گۇناھكار›› دىن ھۆكۈمگە رازى ياكى رازى ئەمەسلىكى سورالغاندىن كېيىن، گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئېلىنىپ، بىر مەيدان ئويۇن ئاخىرلىشىدۇ.

‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۆم – ئىناقلىقنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرى جەھەتتىن دولان مەشرەپلىرىنىڭ باشقا تۈرلىرىگە ئوخشايدۇ. تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغاندا، نەغمىچىلەرنىڭ خالىغان بىر مۇقامنى باشلىشى بىلەن ئۇسسۇلچىلار مەيدانغا چۈشۈپ ‹‹چېكىتمە››، ‹‹سەنەم›› ۋە ‹‹سىيرىلما›› دىن ئىبارەت دولان مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ئورۇندايدۇ. ھەر بىر مۇقام ئاخىرلاشقاندا دەرە (پۇتا) ئويۇنى ئوينىلىدۇ، بەزىدە يەنە ‹‹ئەرز›› قىلغۇچىلارنىڭ ‹‹دەۋا›› سى سورىلىپ، ‹‹جازا››لانغۇچىلار ئۆز ئارتۇقچىلىقى بويىچە ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

بۇ يەردە قوشۇمچە قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، دولان مەشرەپلىرىدە دەرە (پۇتا) ئويۇنى ۋە چاي تۇتۇش ئويۇنى بولغاندا، ئىككى تەرەپ شۇ مەيدان مەشرىپىنىڭ خاراكتېرىگە ماس ھالدىكى بېيىت – قوشاقلارنى ئوقۇيدۇ. بولۇپمۇ ئوغۇل – قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى دەرە(پۇتا) ئويۇنى ياكى چاي تۇتۇشلاردا ئوغۇللار‹‹يارنىڭ گۈلى قىزىل گۈل، مېنىڭ گۈلۈم مىزان گۈل؛ يار مەندىن يامانلاپتۇ، مەن يارىمغا ناماقۇل›› ياكى ‹‹گۈل ئېچىلسا نە بولۇر، غۇنچە ئېچىلسا نە بولۇر، بىر قىلغان گۇناھىمنى يار كەچۈرسە نە بولۇر›› دېگەندەك بېيىت – قوشاقلارنى ئوقۇشسا، قىزلار‹‹ئاسمانغا چىقالامسىز؟ يۇلتۇزنى ئالالامسىز؟ ئەگەر بەرسەم كۆڭلۈمنى مەڭگۈلۈك بولالامسىز؟›› دېگەندەك بېيىت – قوشاقلارنى ئوقۇيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى›› ئارازلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ، ئىناق – ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، پەسىل ۋە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مەشرەپنىڭ باشقا تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنچە مۇمكىن بولمىغاندا، ئالدىنقى مەشرەپتىكى ئويۇنلار ئارقىلىق مەلۇم بىرسىگە ‹‹گۇناھ›› ئارتىپ، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ‹‹جازا›› ئورنىغا ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى››نى دەسسىتىش ئارقىلىق مەشرەپلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەلنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھاياتلىق ئىشقىنى يالقۇنلىتىپ، مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەشتىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-07-23)