قەشقەردىكى « فېۋرال پاجىئەسى »

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى

جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ( باۋۋېي زوڭسىلىڭ ) خوجانىياز ھاجى 1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەرغە يېتىپ كەلگەن ئىدى .
شۇ كۈنلەردە قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ ( چولاق زىخۇي ) غا قارشى ” يېڭى شەھەر ” سوقۇشى بولۇۋاتاتتى . بۇ ئۇرۇش باشباشتاقلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىچكى – تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىشى تۈپەيلىدىن بىر تەرەپ بولمىغان ئىدى . گەرچە بۇ ئۇرۇش باشلانغىلى 60 نەچچ كۈن بولغان ، ” يېڭى ھۆكۈمەت ” ( قايسى يېڭى ھۆكۈمەت ئويلىنىپ بىلەسىلەر) نىڭ جىددى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ ، يېڭى شەھەردىكىكىلەر تېخى تەن بەرمەيۋاتاتتى . خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرغە كېلىپلا يېڭى شەھەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا جىددى تۇتۇش قىلدىدە ، بىر بەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۈنۈم كۆرۈشكە باشلىدى . ماجەنساڭ چېكىنىپ سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈشكە مەجبۇر بولدى . دەل شۇ كۈنلەردە مافۇيۈەن باشچىلىقىدىكى 3 پولك ئەسكەر ئاقسۇدىن قەشقەرغە كېلىۋاتتاتتى . خوجانىيازھاجى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن مارالۋېشى ، پەيزىۋاتلاردا كۈچلۈك قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ بىر كېچىدىلا قەشقەردىن كېتىپ قالدى .

خوجانىياز ھاجى 28 – يانۋار كۈنى كېچىسى بىر بۆلۈك كۈچىنى ئېلىپ يەكەنگە كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى ئاساسى كۈچى بىلەن يېڭىساردىكى خوتەنلىك ئەمىرلەر بىلەن ھەمكاارلىشىشقا قالدى . ” يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ” باش ۋەكىلى ساۋۇت داموللا ئاساسىي كۈچىدىن ئايرىلغان ھالدا يېڭىساردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەكەنگە كەتكەن ئىدى . ” يېڭى ھۆكۈمەت ” قارمىغىدىكى قوشۇنلاردىن قەشقەر شەھەر مۇھاپىزەت قوماندانى ( چىڭپاڭ سىلىڭ ) كىچىك ئاخۇن ئەسكەرنلىرىنى ئېلىپ ئاستىن ئاتۇشقا ، ” زىرائەت نازىرى ئوبۇل ھەسەن ھاجى ( مۇسابايوپ ) زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۈستۈن ئاتۇشقا ، ” دۆلەت مۇداپىئە نازىرى ” قىرغىز ئورازبەك قىرغىز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئۇلۇغچات تەرەپكە ، ” قەشقەر گارنىزون قوماندانى “ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يېڭىسار تەرەپكە كەتتىدە ، قەشقەر شەھىرى مافۇيۈەن قىسىملىرىغا ئوڭچە قالغان ئىدى . بۇ چاغدا شەھەردىكى بايلار قولىغا چىققاننى ئېلىپ چەتكە قاچتى . ئىمكانىيىتى بارلار شەھەرنى تاشلاپ يېزىغا چىقىپ كېتىشتى . ئىمكانىيىتى يوق كاسىپلار ، كەمبەغەللەر ….. شەھەر ئىچىدە قالغان ئىدى . ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى باشباشتاقلىق قىلىپ ، ھىچكىمگە يۆلەنمىگەن ھالدا تۇنگانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېلىشماقچى بولدى . خوجا نىياز ھاجى قەشقەرگە كەلگەندە ھاجى ئاكا دەپ يۈرۈپ نۇرغۇن مىلتىق ، ئوق دورىلارغا ئىگە بولغان يۈسۈپجان خوجا نىياز ھاجىنڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىپ يولنى تاشمىلىق تەرەپكە سالدىدە بۇلاقسۇ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى ۋە بىر قىسمى شەھەر ئەتراپلىرىغا سۇقۇنۇپ ، يەرلىك دىخانلارچە كىيىنىپ خەلققە ئارىلىشىپ يۈرۈۋەردى .

مافۇيۈەن ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ، قەشقەرغە يېتىپ كېلىپلا كونا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئۇنى قەشقەرنىڭ ھاكىمى ( شەنجاڭ ) ياقۇپ بەگ لاۋسى ، ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقدىكى بىر تۈركۈم بايلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ شەھەرگە باشلاپ كىردى . مافۇيۈەننىڭ ئەسكەرلىرى ، شەتەي يامۇلى بىلەن داۋتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ بىر قىسمى شەھەر ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا سارايلىرىغا ئومۇمەن ھېيتكا مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى . مافۇيۈەن گەرچە قەشقەر شەھىرىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ سېپىل ئىچىگىلا ھۆكۈمران ئىدى . دەرۋازا تېشىغا ھۆكمى ئۆتمەيتتى . ئەسكەرلىرىنى قىشلىق كىيىندۈرۈش ئىشى مۇھىم بولغاچقا شەھەردىكى بارلىق كاسىپلارنى يىغىۋالدى . كىيىم تىككۈچى ، موزدۇز ، بوياقچى ،ئىگەرچى ، تاسمىچى ، ياغاچچى ھەتتا تۈگمە ياسايدىغان ئۇستىلارغىچە ھايداپ كېلىپ سارايلاردا بېسىۋالغان چەكمەن ، ماتالاردىن كىيىم تىكتۈردى . مىلتىققا تاسما ، ئاتلارغا ئېيىل ياساتتۇردى . كاسىپلارنى قۇرۇق جىڭموما بىلەن ئاچ – توق ئىشقا سالدى . ياخشى ئىشلىمىسە مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇردى . بالا – چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى . ھەتتا ئۆيدىن كەلگەن تاماقنى ئالدۇرماي قاتتىق ئازاپ سالغان ئىدى . مافۇيۈەن قوشۇنلىرىغا ئوزۇقلۇقنى يېزىلاردىن ئالاتتى . يېزىلارغا قوراللىق ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ ئوتۇن ، سامان يېغدۇراتتى . بەزىدە ئۇنىڭ قوراللىقلىرى يېزىلاردا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېچىپ كېلەتتى . يېزىلاردىن بولۇۋاتقان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم بارغېنسېرى شەھەر بېقىنىغا يېتىپ كەلدىدە ، تۇمەن دەرياسىغا ئېلىپ چىققان ئاتلىرىنى ھۇجۇمچىلار تارتىپ ئېلىپ كېتەتتى . مافۇيۈەن بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشاش ۋە شەھەر خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن بەگ ، پاششەپ ، مىرشاپلاردىن كەڭ پايدىلاندى . قەشقەرنىڭ بۇرۇنقى ئاتاقلىق باجگىرى ئىبراھىم لوزۇڭنى شەھەر مۇھاپىزەتچى قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى . ئىنقىلاپچىلار سېپىدىن قېچىپ كەلگەن رىشتەمى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى ( يۇيجى سىلىڭ ) قىلدى . رىشتەم ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك بولۇپ بۇرۇن دۇمبىلاقچى ( ئېشەكچى كىراكەش ) بولۇپ ، قورغانغا چىقىپ قىرغىزىستاندىن چىققان جانىبەك قازىنىڭ ئىسيانچىلىرىغا قاتناشقان ، كېيىن قېچىپ كېلىپ قىمارۋازلىق قىلغان ، شۇ يىللاردا كىچىك ئاخۇن بىرىگادىسىدا ليەن دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان ، كىچىك ئاخۇن شەھەردىن چېكىنگەندە 30 دەك قوراللىق ئادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ تۇنگانلارغا تەسلىم بولغان ئىدى . مافۇيۈەن شەھەر ئەتراپىدىكى ھۇجۇمچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئاتۇشتىكى كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭنى يوقىتىش ئۈچۈن 6 – فېۋرال شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ئاتۇش تەرەپكە ئەسكەر ماڭدۇردى . شۇ كۈنى قار يېغىۋاتاتتى . بۇلارنىڭ كەينىدىن يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭنىڭ ئالا ياماق چاپان كەيگەن ئەسكەرلىرى كېلىپ ھېيتكادىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە مېڭىپ كەتتى . بۇ ئىككى قوشۇن ئەمەلىيەتتە ئاتۇشقا بارمىغان ئىدى . مافۇيۈەن ئاپپاق خوجامنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ يول بىلەن بۇچا تەرەپكە كەتكەن بولسا ، ماجەنساڭ ئۆز قوشۇنىنى ئېلىپ دۆلەت باغ رايونى ئارقىلىق يېڭى شەھەرگە كەتكەن ئىدى . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۆزبېك قوشۇنلىرى باشلىقلىرىدىن قوچقار باي ، ئۇيغۇر ، ئۆزبەكلەردىن تەركىپ تاپقان يۈز نەپەر پىدائىلارنى باشلاپ شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . ئۇلار ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ رەستىدكى مۇسابايوپلارنىڭ سودا سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان بىرىگادا شىتابىنى قولغا چۈشۈردى . يەنە بىر بۆلىگى توققۇزاق دەرۋازا گۈزىرىدىكى موللاخۇن ھاجى سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان پولك شىتابىنى ئىشغال قىلدى . بۇ ئىككى شىتابتا بىر نەچچە نەپەرلا ئادەم قالغان بولغاچقا ئۆزبېك پىدائىلىرى ئاسانلا قولغا چۈشۈرىۋالدى . پىدائىلار يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ شەتەي يامۇلى بىەن داۋتەي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلدى . داۋتەي يامۇلىدىكى زىخۇيچىلار ( تۇنگانلار ) يامۇلنىڭ تاشقارقى ھويلىسىغا چاقلىق پىلىموت قۇرۇپ ئات سېلىپ كەلگەن پىدائىلارنى ئوققا تۇتتى ، بىرقانچىسىنى ئۈژمىدەك تۆكۈۋەتتى . قالغان پىدائىلار تۆرت تەرەپتىن ئوراپ ھۇجۇم قىلدى . زىخۇيچىلار ھەم ئۇلارغا قارشى مۇداپىئەلەندى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى . پىدائىلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ” ئامىن ” چىلار گۇرۇھى پەيدا بولدى . قوللىرىغا كالتەك ، پالتا ، كەتمەن ئېلىشىپ پىدائىلارغا قوشۇلدى . بۇ گۇرۇھ بارغانسېرى كۆپەيدى . ئەتراپ يېزىلاردىن كىرىشكە باشلىدى . بۇ ئامىنچىلار داۋتەي يامۇلىنىڭ ئەتراپىدىن ؛يامغۇردەك ئوق يېغىپ تۇرۇشىغا قارىماي ئامىن توۋلاپ دۈشمەنلەرنى قىستاپ بارماقتا ئىدى . ئۇرۇش شۇ خىل تىركىشىش بىلەن بىرنەچچە سائەت داۋام قىلدى . لېكىن پىدائىلار شەھەر دەرۋازىلىرىغا سەل قاراپ ئىچىدىن زەنجىرلەپ قويۇش بىلەنلا قانائەتلەنگەن ئىدى . ئاتۇشقا بېرىش داغدۇغىسى بىلەن شەھەردىن چىققان مافۇيۈەن بەشكېرەم ئاغزىغا جايلاشقان ئۇزۇن سايغا يېتىپ كەلدى . ” شام پادىشا ” دىگەن مازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ بىر نىمە كۈتكەندەك شەھەر ئىچىگە قاراپ تۇردى دەل شۇ ۋاقىتتا چاپارمىنى يېتىپ كېلىپ شەھەر ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۈزدى . شۇنىڭ بىلەن مافۇيۈەن شەھەرگە قاراپ ئات سالدى ، ئۇلار شەھەرگە يېتىپ كەلگەندە داۋتەي يامۇلىدا ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتاتتى . بۇلار سېپىل ئۈستىدە قاراۋۇلنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ” تۆشۈك دەرۋازا ” سىدىن شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . بۇلاردىن بىرقىسمى ھېيتكانىڭ شەرقىدىكى قاراڭغۇ رەستىنىڭ دوقمۇشىغا پىلىموت قۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى . ئۇشتۇمتۇت بولغان ھۇجۇمدىن ھاڭ – تاڭ قالغان پىدائىلار بىلەن ” ئامىن ” چىلار خام بازىرى سولاقمىسىغا سۈرۈلدى . ئەمما ھەممە تەرەپنى تۇنگان ئەسكەرلىرى توساپ ئالغان ئىدى .

ئۇيقۇسى ئېچىلىپ دالدىلاردىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەن پىدائىلار قەيسەرلىك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ بېسىپ كېلىۋاتقان زىخۇيچىلارنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇرۇش سائەتلەپ داۋام قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ چىقىمدار بولدى . پىائىلار سان جەھەتتىن ئازلىق قىلاتتى . پىدائىلارنىڭ بىر قىسمى ئارقا ئەنجان كوچىسىدىكى ” لى جىڭ ” يامۇلىغا چېكىنىشتى . يەنە بىر قىسمى جاننى ئالقانغا ئالدىدە يا ئۆلۈم ، يا كۆرۈم دەپ ئەنجان رەستىسىگە قاراپ ئات سالدى زىخۇيچىلار بۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغىچە بىر قانچىسى يار باغ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى . زىخۇيچىلار ئۇلارنىڭ يولىنى قاتتىق توسىغان بولسىمۇ ئۇلار ئاتنىڭ قارنىغا چۈشۈۋېلىپ زىخۇيچىلاردىن بىر قانچىنى دۇمۇلۇتۇپ تاشلاپ قېچىپ كەتتى . بەزەنلىرى ئۆلدى . چىقىپ كېتىشكە ئامال تاپالمىغان پىدائىلار سۈرۈلۈپ ھېيىتكا ئارقا ئەنجان كوچىسىدىكى ” لى جىڭ ” يامۇلى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا توپلۇنۇپ ئىگىز سىرەج تاملاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدىدى . زىخۇيچىلار ئۇلارنى 4 تەرەپتىن ئوراپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئوققا تۇتتى . بولۇپمۇ سېپىل تەرەپتىن قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى قېلىن تامدىن ئۆتمەيىتتى . پىدائىلار بولسا كۆزگە كۆرۈنگەن زىخۇيچىلارنى ئېتىپ دۇمىلىتاتتى .

بۇ ئۇرۇش كەچ سائەت 4 لەرگىچە داۋام قىلدى . زىخۇيچىلار كۆپلەپ چىقىم تارتتى . يېرىم كۈنلۈك ئۇرۇشتا شۇ كوچىدىن 45 پۇقرانى ئېتىپ تاشلىدى . ھايات قالغان كىشىلەر ئۆيدىن ئۆيگە تۆشۈك تېشىپ ئۆي ئاتلاپ يۈرۈپ بۇ ئورۇندىكى كىچىك خالتا كوچىدا ئولتۇرقلاشقان ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ جېنىنى ساقلاشتى . زىخۇيچىلار ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە ئېسىلغان ئەنگىلىز بايرىقىغا قاراپ بۇ كوچىغا كىرمىگەن ئىدى .

مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 12 – سان .